« 1 2» Pages: ( 1/2 total )

koktugh
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 چەتئەللەردىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ  نوپۇسى

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Yawuz دىن رىۋايەتلەردىكى تارىخ غا يۆتكەلدى (2008-02-03)
   
چەتئەللەردىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ  نوپۇسى  .

ھازىر دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى (2004-يىللىق ئىستاتىستىكىدا) 9مىليۇنغا يەتكەنلىكىنى كۆپىنىچىمىز بىلىمىز، ئەمما دۆلىتىمىز سىرتىدا يەنە قانچىلىك ئۇيغۇر لىرىمىزنىڭ بارلىقى ، ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتلەردە ياشايدىغانلىقى يەنىلا نامەلۇم، مەلۇم بولسىمۇ ئىشەنچىسىز، مەن تورداشلارغا بۇ ھەقتە ئۆزۈم توپلىغان قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئارقىلىق دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بەرمەكچى. ئاۋۋال ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈشىدىن باشلايمەن.

1) 1828-يىلى جاھانگېر توپلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن شىنجاڭدىن (ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ) پەرىغانە ۋادىسىغا كۆچكەن،كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس.

2) 1847-يىلى قوقەنت قوزغىلىڭدىن كىيىن،(ھازىرقى ئۆزبېكىستان)قوقەنت دۆلىتىگە مەمەتئىمىن ،ۋېلىخانلار باشچىلىقىدا 85مىڭدىن 160مىڭغىچە ئادەم كۆچكەن.

3) 1878-يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى شىنجاڭنى قايتۇرۋالغاندىن كىيىن (بۇيەردە ئەينى ۋاقىتتا چاررۇسىيە بېسىۋالغان بىرقىسىم زىمىننى كۆرسىتىدۇ) بەگقۇلى باشچىلىقىدا چاررۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن، كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس.

4) 1881-يىلىدىن 1884- يىلىغىچە چاررۇسىيەنىڭ مەجبۇرى كۆچۈرۈشى بىلەن چاررۇسىيە كۆچۈرۈش كومتېتى باشچىلىقىدا 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چاررۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن.

5) 1930-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە (سابىت داموللا 1933-يىلى قەشقەردە قۇرغان ئاتالمىش ... ئىسلام جومھۇرىيىتى ماجۇڭيىڭ تەرپىدىن گۇمران قىلىنغاندىن كىيىن) كۆپلىگەن كىشلەر سابىت داموللا، مامۇت قاتارلىق كىشلەر باشچىلىقىدا كەشمىر،سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن.

6)1949-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا،ئەيسا ئالىپتىكىن باشچىلىقىدا تەخمىنەن 750ئادەم كەشمىر،تۈركىيە قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن.

7) 1962-يىلى جۇڭگۇ - سوۋېت مۇناسىۋىتى يامانلاشقاندىن كىيىن چۆچەك ئارقىلىق 60مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچكەن.

ئەمدى ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىزدىن باشقا يەنە قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ياشايدۇ ؟ نوپۇسى قانچىلىك ؟ دىگەن مەسلە ئۈستىدە توختىلىمەن. ئۇيغۇرلار ئاساسى گەۋدىسى جۇڭگۇدا بولغاندىن باشقا ھازىر يەنە ئۆزبېكىستان،قازاقىستان،قىرغىزسىتان،سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىمەنىستان، موڭغۇلىيە، تۈركىيە،ھىندىستان،پاكىستان،تاجىكىستان،ئافغانىستان، ئامېرىكا ،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى،ئىئوردانىيە،ياپۇنىيە،كانادا،گېرمانىيە،ئاۋۇستىرالىيە،يېڭى زېلاندىيە،شىۋېتسىيە،ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بار. تۆۋەندە يۇقىرىدىكى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.


1) ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار.(680مىڭ)
تارىخى جەھەتتىن قارىغاندا ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ پەرىغانە ۋادىسىدا 6-7مىليۇن ئۇيغۇر نەسىللىك خەلىق ياشايدىكەن.1920-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئابدۇللا رۇزىباقىيېۋ ئۆزبېكىستاننىڭ پەرىغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ 600مىڭدىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىغان.1930-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا بۇ سان بىر ھەسسە كېمىيىپ 300مىڭغا چۈشۈپ قالغان.1937-يىلى فاشىست ئىستالىن قوزغىغا<ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارغا زەربە بىرىش ھەركىتى>ندە ،مەركىزى ئاسىيادىكى ھەرىكىتىنىڭ تىغ ئۇچى ئۇيغۇرلارغا قارتىلغان بولۇپ ،ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان يۇرت كاتتىلىرى قىرغىن قىلىنغان، ھايات قالغانلىرىىنى بولسا قەيەردە ياشىغان بولسا ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى شۇيەردىكى مىللەتلەرنىڭ مىللى كىملىكى بىلەن ئاتاشقا مەجبۇر قىلغان.ئاساسەن ئۆزبېك نامى بىلەن ئاتالغان.1950-يىلى ۋە 1960-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر دىگەن نامنى قوللىنىش چەكلەنگەن ،قوللانغانلار كەمسىتىلگەن ۋە سىياسى يەكلەشلەرگە ئۇچىرىغان.1979-يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرقېتىملىق نوپۇس ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدىن قارىغاندا ئەسلىدىمۇ كېمەيتىلىپ ئېيتىلغان 600مىڭى دىگەن سان 29مىڭ 104كە،1989-يىلى 35مىڭ 700گە چۈشۈرۈپ قويۇلغان. ھازىر ئۆزبېكىستاندا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر ياشاۋاتقانلىقىن ھۆكۈمەت تەرەپ يوشۇرىدۇ ياكى يالغان مەلۇمات بىرىدۇ.ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قارىشىچە ، بىر ئۆزبېكىستاندىلا ئۆزلىرىنى مەخپى ھالدا ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغانلارنىڭ سانى 1مىليۇن 500مىڭدىن ئاشىدىكەن،ئېنىق ھالدا مىللى كىملىكى بىلەن ياشايدىغانلار 200مىڭدىن ئاشىدىكەن،ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى بىر پىراپىسور ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئۆزبېكىستاندا ئۆزنىڭ مىللى كىملىكىنى ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا قوغداپ قالالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500مىڭدىن كەم ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان.تۆۋەندىكى تور بەتتە كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدىمۇ 680مىڭ دەپ ئېلىنغان.

2) سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 200مىڭدىن 500مىڭغىچە جۇڭگۇلۇق مۇھاجىرلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 95%دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلار.

3) قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار.(450مىڭ)
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى شىنجاڭ تېلىۋزىيە ئىستانسىنىڭ مائارىپ پىرۇگىراممىسىدا <قازاقىستان ئۇيغۇر مائارىپى> نى تونۇشتۇرغان بىر پىرۇگىراممىسىدا قازاقىستانلىق بىر ئۇيغۇر ئايال ئېيتقان.

4) تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار(80مىڭ) .
تۈركىيە دە 100مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 80مىڭدىن ئارتۇق.

5) قىرغىزستاندىكى ئۇيغۇرلار.
قىرغىزىستاندىكى جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى 300مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئاساسلىقى تۇڭگانلار ۋە ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ئىچىدە تۇڭگانلار 200مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلار 50مىڭدىن ئارتۇق.

6)پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
پاكىستاندا 55مىڭ جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 50مىڭ ئۇيغۇر.

7) ھىندىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
ھىندىستاندا 150مىڭدىن 200مىڭغىچە جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە زاڭزۇلار 100مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلار 30مىڭ.

8) ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئۇيغۇرلار.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى جۇڭگۇلۇقلار7مىڭدىن ئارتۇق خەنزۇلار 1000غىمۇ يەتمەيدۇ،قالغان 6مىڭدىن ئارتۇقراقى ئۇيغۇر.

9) ئىئوردانىيە دىكى ئۇيغۇرلار.
ئىئوردانىيەدىكى جۇڭگۇ قان سېستېمىسىدىكىلەر 674ئادەم،جۇڭگۇ مۇھاجىرى 106ئادەم ،( بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 80-يىللاردىن كىيىن تەيۋەن پاسپورتى بىلەن بارغانلار)85% شىنجاڭلىق ۋە تىيەنجىنلىكلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلار. يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بۇ توربەتتىن تەرجىمە قىلىندى.

10) ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسى جەھەتتىن ئوقۇشقا بېرىپ ئورۇنلاشقانلار بولۇپ تەخمىنەن 10مىڭدىن ئارتۇق.

11) كانادادىكى ئۇيغۇرلار.
نەچچىە مىڭدىن ئاشىدۇ.

12) ئاۋۇستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار.
3مىڭ ئەتراپىدا.

13) ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلار.
ياۋرۇپادىكى گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بىر نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ.

14) مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار.
مۇڭغۇلىيەنىڭ قۇبدۇ دىگەن جايدا ئولتۇراقلاشقان 1000دى ئاشىدۇ.

15) ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار 8600دىن ئارتۇق.

16) تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇندىن 100يىل بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ 2000دىن ئاشىدۇ.

17) ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرلار.
ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن چىقىپ ئاشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولۇپ 1000دىن ئاشىدۇ.
مەنبەسى  يانۋاردىن  ياشلار
bilqut
Posted: 2008-01-19 12:48 | [ئاپتور]
palchi
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 7
شۆھرىتى: 8 نومۇر
پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-06

 

بەك ياخشى پايدىلنىش ماتىريالىكەن.
بىزمۇ ئاز ئەمەسكەنمىز .
1som
Posted: 2008-01-21 13:56 | 1 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 250
شۆھرىتى: 253 نومۇر
پۇلى: 2520 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

ئەسلى قازاقئىستاندا ئەڭ جىق بولۇشى كېرەكتىغۇ؟ يەتتە سۇ ۋادىسى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار ياشىغان زىمىن ئەمەسمىدى؟ مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك چىقمىدى، پاكىت دېگەن مانا مۇشۇنداق رەھىمسىز. بۇمۇ يېڭىلىنىپ قالامدۇ يە؟
مەسىلەن ھېلىقى قازاقئىستانلىق ئۇيغۇر ئايال بۇداقى قېتىم كەلگىنىدە " كەچۈرۈڭلار، مەن ساننى بىر نۆلنى تاشلاپ قويۇپ دەپ بېرىپتىمەن، ئەسلىدە 4500000 ئىدى " دەپ قالامدۇ تېخى. بىر نېمە دەپ بولمايدۇ جۇمۇ.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-23 02:16 | 2 -قەۋەت
jawlan22
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 5
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-26

 

1991-يىلى  مەن  بىر  ماتىريالدا  چەت  ئەلدىكى  ئۇيغۇرلا  6 مىليۇن  ئەتراپىدا  دەپ
ئوقۇغان لېكىن  بۇسان    بەكلام  ئازغۇ؟
Posted: 2008-01-26 12:09 | 3 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 250
شۆھرىتى: 253 نومۇر
پۇلى: 2520 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

قازاقىستانلىق خانىم بىر  ئېغىز  گەپ بىلەنلا  تەخمىنەن  4 مىليوننى يوق قىپتۇ دېسە>
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-26 13:53 | 4 -قەۋەت
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 Re:چەتئەللەردىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ  نوپۇسى

Quote:
4 - قەۋەتتىكى udun 2008-01-26 13:53 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
قازاقىستانلىق خانىم بىر  ئېغىز  گەپ بىلەنلا  تەخمىنەن  4 مىليوننى يوق قىپتۇ دېسە>

قازاقستاندا 4 مىليون ئۇيغۇر بار دەپ قەيەردە كۆرگەن . يا كوچا پاراڭلىرىمۇ بۇ .
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
Posted: 2008-01-26 15:01 | 5 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 250
شۆھرىتى: 253 نومۇر
پۇلى: 2520 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

   مەنمۇ بۇ " كوچا پاراڭلىرى" نى ئاڭلاپ يۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. خەقلەر ئۆ مەيلىچە تارىخ توقۇپ چىقىپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان بولۇپ قالغان بۇ زاماندا ، ھارقانچە سان-سېپىرمۇ ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن  يەنىلا ئەڭ ئىشەنچلىك تەكشۈرۈش ماتىرىياللىرى كېرەك. ئۈستۈن قەۋەتتىكى ئەپەندىم نېمە دەيدۇ؟ ئۇنىڭ قويغان سۇئالى ئومۇمەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە بۇ ھەقتە ئېنىق بىر چۈشەنچىنىڭ بولۇشى زۆرۈرلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
يۇقۇرىدىكى سانلىق مەلۇماتتا بېرىلگەن سانلارنى ناھايىتى كەڭرى قوشۇپ ئېرىشكەن نەتىجەم  :
                    1848660 ، يەنى بىر مىليون 850 مىڭ، تەخمىنەن 2 مىليون بولىدىكەن.
    بۇ بىر ھېسابتا ئادەمنى گۇمانغا سالماي قالمايدۇ.
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-01-26 18:13 دە قايتا ]
bilik munbiri
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-26 18:04 | 6 -قەۋەت
bares
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

قازاقىستان ئاستانىدىلا 750مىڭ دەپ ئاڭل؛ىغان بۇ پەقەت ئاستانىدىكى سان ،يەنە باشقا جايلار دا نامەلۇم ساندا ئۇيغۇرلار بار .بۇلۇشى تەبئىي .تۈركىمەنىستانغا كەلسەك .ھەقىقەتەن بىر تەكشۇرۇش دوكىلاتىدا 2300دىن ئارتۇق دەپتىكەن .
باشقىلىرىنى بىلمەي دىكەنمەن .ئەمما چەتئەللردە ياشاۋاتقانلار 6مىليۇندىن كەم بولماشلىقى مەنچىمۇ مۇمكىن ،بىلمىگندىن كىيىن ئارتۇق سۆزلەپ ئولتۇر ماي .
Posted: 2008-01-28 15:15 | 7 -قەۋەت
Ghunche
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 258
شۆھرىتى: 265 نومۇر
پۇلى: 2640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپ ئىكەن. بەزى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاھالىسىنىڭ سانىمۇ بىزنىڭ نۇپۇس سانىمىزغا يەتمەيدىكەن. بىزنىڭ نوپۇسىمىزمۇ يەھۇدىلارنىڭ نوپۇسىددىن كۆپ پەرىقلەنمەيدىكەن.
Posted: 2008-02-04 22:53 | 8 -قەۋەت
Ghunche
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 258
شۆھرىتى: 265 نومۇر
پۇلى: 2640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

ئىشنمەنكى دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىسا، تىرىشىپ ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى ئىگەللىسە مىللىتىمىز مەگڭۈ باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيە بولمايدۇ. دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن چۇقۇم ئورۇن ئالالايدۇ. ئاپپاق خۇجىدەك. سىستالىندەك جاللاتلارنىڭ يەنە چىقىپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
Posted: 2008-02-04 22:58 | 9 -قەۋەت
hujam
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 8
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 2 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-05

 

تىرشىقاندىلا  ئەجداتلارغا ۋارىسلەق قىلىپ ئەۋلاتلارغا يۇل ئاچالايمىز .شۇنۇڭ ئۇچۇن ئۇرتاق تىرشىپ مىللىتىمىزنى  تەرەقىي قىلدۇرۇش ئۇچۇن باشقىلارنىڭ ئېلغار پەن-تىخنىكىسىنى ئۇگۇنىشىمىز  كىرەك.
Posted: 2008-02-07 02:29 | 10 -قەۋەت
otirar
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 7
شۆھرىتى: 8 نومۇر
پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-24

 

قەيەردە ياشىغان بولسا ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى شۇيەردىكى مىللەتلەرنىڭ مىللى كىملىكى بىلەن ئاتاشقا مەجبۇر قىلغان ---دىگەن سۆز قازاقستانغا قارىتىلمىغان، ىشەنمىسەڭلار  قازاقستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن سوراڭلار...................  ئاندىن ئوزبېك تۇققانلارنى تونۇشنى باشلايسىز................
Posted: 2008-02-12 00:00 | 11 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 250
شۆھرىتى: 253 نومۇر
پۇلى: 2520 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 Re:چەتئەللەردىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ  نوپۇسى

Quote:
11 - قەۋەتتىكى otirar 2008-02-12 00:00 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
قەيەردە ياشىغان بولسا ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى شۇيەردىكى مىللەتلەرنىڭ مىللى كىملىكى بىلەن ئاتاشقا مەجبۇر قىلغان ---دىگەن سۆز قازاقستانغا قارىتىلمىغان، ىشەنمىسەڭلار  قازاقستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن سوراڭلار...................  ئاندىن ئوزبېك تۇققانلارنى تونۇشنى باشلايسىز................



بۇ گېپىڭىزنىڭ ئاساسى بار، بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىڭىزنى داۋاملىق ئاڭلاشنى خالايمىز.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-02-12 01:52 | 12 -قەۋەت
nawebar873
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 10
شۆھرىتى: 11 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

ھازىر دائىم بىر مەيدان دۇنيا ئۇرىشىنى تىلەيدىغان بۇلۇپ قالدىم........................
Posted: 2008-02-14 11:22 | 13 -قەۋەت
wetenim
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-08
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئاستانە ئەمەس ئالماتادۇ...ئاستانىنىڭ نوپۇسىمڭ 750مىڭ چىقمايدىغۇ دەيمەن...
Posted: 2008-02-17 13:14 | 14 -قەۋەت
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تاغدىن - باغدىن

Total 0.051292(s) query 4, Time now is:03-07 19:54, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation