نۆۋەتتىكى تېما : غەرپ ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 3444ـ كۆرۈرمىنى
Yawuz

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1787
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 367
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە367دانە
شۆھرىتى: 398 نومۇر
پۇلى: 3980 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :610(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 غەرپ ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى

بۇ يازمىغا admins تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-08)

 

غەرپ ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى


ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا بۇ يەردە يەنە گەپ سېتىپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار، خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخىغا ئوخشاش ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئۇيغۇرشۇناسلىق 18- ئەسىردە شەكىللەنگەندىن كېيىن، ھەرقايسى ئەل، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە ناھايىتى كۆپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشتى، ئۇلارنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، يېزىقى، دىنىي ئېتىقادى، سەنئىتى، ئېتنوگىرافىيىسى قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ ساھەلەردە نوپۇزلۇق ئەسەرلەرنى يېزىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى تونۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇشتۇشتام زور كۈچ سەرپ قىلدى. شۇڭا مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن بۇ تېمىنى يازدىم، خاتا كەتكەن تەرەپلىرى بولسا تورداش دوستلارنىڭ ئىزاھ بېرىشىنى ۋە چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئەسلى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقمۇ بۇ ساھەدىكى مۇھىم بىر تارماق ئىدى، لېكىن بۇ توغرىسىدا كېيىنچە ئايرىم يازماقچى بولغاچقا بۇ تېمىغا قوشۇلمىدى.

18- ئەسىر 30- يىللىرىدىن باشلاپلا فىرانسىيە ئالىملىرى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا ئۆزىنىڭ تۆھپىلىرىنى قوشۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر بولغىنى گۇبىل (R. P. Goubil) بولۇپ ئۇ 1739- يىلى ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان « موڭغۇل تارىخى » ناملىق ئەسەرنى يازغان. ئارقىدىن دېگۇيگىنىس (J. Deguinges) كەينى - كەينىدىن « ھۇنلار ۋە تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە تەتقىقات » ۋە تۆت توملۇق كاتتا ئەسەر « ھۇنلار، تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى »نى يېزىپ چىقتى. 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ۋىسدېلۇ (C.Visdelou) « تاتار تارىخى »نى نەشر قىلدۇردى. يۇقارقىغا ئوخشاش فىرانسۇز تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن يەنە دۇ ھالدې يازغان « جۇڭخۇا ئېمپىرىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ تاتارلار رايونىنىڭ جۇغراپىيەسى، تارىخى، يىلنامىسى، سىياسىيسى ۋە تەبىئىي ئەھۋالى »نىمۇ كۆرسىتىش مۈمكىن

19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پارىژدا كىلاپروتنىڭ (Klaproth) نېمىس تىلىدىكى مەشھۇر ئەسىرى « ئۇيغۇرلارنىڭ تىل – يېزىقى ھەققىدە تەتقىقات » ئېلان قىلىندى، روسىيەدە بولسا پىراۋۇسلاۋىيە ئېپىسكوپى بىچۇرىننىڭ (Bichurin) « قەدىمقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى » ۋە « قەدىمقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللەتلەر تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار » قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشر قىلىندى. ئارقىدىن بىرېتسچنېيدېرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا بېغىشلانغان ئەسىرى « ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار » نەشر قىلىندى. دوسساننىڭ « موڭغۇل تارىخى ـــ چىڭگىزخاندىن تۆمۈرلەڭگىچە » دىگەن ئەسىرىمۇ ئۇيغۇرلار تارىخىغا چېتىلىدۇ.

19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇپ تۇرىشى غەرپ ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىۋەتتى. مۇشۇ مەزگىلدە گىرىگىرىيوۋ رۇس تىلىدا ئىككى توملۇق « تەبىئىي جۇغراپىيەشۇناسلىق ـــ شەرقىي تۈركىستان » يېزىپ چىقتى، بۇ ئەسەردە قەدىمقى زاماندىن تارتىپ 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىغىچە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئېتنوگىرافىيىسى، جۇغراپىيىسى قاتارلىق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ماتېرىياللار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ھازىرمۇ خېلى يۇقۇرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلار تارىخى توغرىسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ لېكىن، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىغان ئىدى. موڭغۇلىيە ئالىمى يا. شىمىت (Ya. Shmidt) ۋە د. بانزاروۋ (D.Banzarov) قاتارلىقلار تېخى ئۇيغۇلارنى تۈركى مىللەت ئەمەس دىگەن قاراشلارغىمۇ كەلگەن ئىدى. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيەدە بۇ ھەقتىكى مەخسۇس يېزىلغان ئىككى ئەسەر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇمانلىرىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلدى، بۇ ئەسەرلەر بولسا رادلوفنىڭ (W. Radloff) « ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات » ۋە پوزدىنېۋنىڭ (D.Pozdneev) « ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە ئومۇمىي بايان » دىگەن ئەسىرى بولۇپ پوزدىنېۋنىڭ ئەسىرىنىڭ بىرىنچى قىسىمىدا ئۇيغۇلار تارىخىغا ئائىت نەشردىن چىققان ئەسەرلەر تونۇشتۇرۇلغان.

بارتولدنىڭ (W.W. Bartol’d) تۆۋەندىكى ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلار: « يەتتە سۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى »، « ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېكىسپىدىتسىيە دوكلاتى »، « تۈركىستان »، « موڭغۇللار ئىستىلاسىدىن ئىلگىرىكى تۈركىستان »، « قىرغىزلار »، « تۈركى ۋە موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخى » قاتارلىقلار، بارتولدنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئۇنىڭ 10 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.

بۇندىن باشقا 19- ئەسىردە روسىيەلىك نۇرغۇن ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر شەەرقىي تەڭرىتاغ رايونى ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا دىققەت نەزەرىنى ئاغدۇردى، مەسىلەن گىرۇم گىرژىمايلونىڭ (Grum-Grzhimaylo) « جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ساياھەت خاتىرىلىرى». بۇ ئەسەرنىڭ 2- تومىدا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىنىڭ ئۆتكەن دەۋرلەردىكى تارىخى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان. بۇ ئەسەردىمۇ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان گىرىگورىيوۋنىڭ ئەسىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدىكى ماتېرىياللار كىرگۈزۈلۈش بىلەن بىرگە بۇ ئەسەرلەرگە بىرمۇ بىر ئىزاھ يازغان.

فىرانسىيەلىك خەنزۇشۇناس ۋە ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس چاۋاننېس ۋە پائۇل پېللىئوت شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. فىرانسىيەلىك يەنە بىر خەنزۇشۇناس كوردىرنىڭ « جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخى » دىگەن ئەسىرىنىڭ ئىككىنچى تومىدا پۈتۈنلەي دىگۈدەك تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان.



ئۇيغۇر تارىخى يەنە فىرانسىيەلىك ئۇلۇغ ئالىم گىرېئوسسېتنىڭ (R. Grousset) « يىراق شەرق تارىخى » ۋە « بوزقىر ئېمپىرىيىلىرى »دا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

1934- يىلى روسىيەلىك مەشھۇر موڭغۇلشۇناس ۋىلادىمىرتسوۋنىڭ (B. Ya.Vladimirtsov) « موڭغۇللارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ــــ موڭغۇللارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق فېئوداللىق تۈزۈمى » دىگەن ئەسىرىمۇ شىنجاڭغا نىسبەتەن مۇھىم ئەسمىيەتكە ئىگە.

1947- يىلى ياكۇبوۋىسكى (A. Yu.Yakubovskiy) « ئەرەپ، پارىس مەنبەلىرىدىكى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى (9- 10- ئەسىرلەر) » دىگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ ماقالىسىدا ئەرەپ ۋە پارىس تىلىدىكى يازما ماتېرىياللار ئارقىلىق تۇرپاندىكى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 9- 10- ئەسىرلەردىكى تارىخىنى بايان قىلغان.

گېرمانىيەلىك ئاننى ۋون گابائىن (1901- 1993) پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى، دىنى ۋە سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىدى، ۋە بۇ ھەقتە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇستازى ۋ. باڭ بىلەن بىرلىشىپ 6 توملۇق « تۈركچە (ئۇيغۇرچە) تۇرپان تېكىستلىرى » ۋە « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى < سامىتسو ئاچارىنىڭ تەرجىمھالى> (شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى) » دىگەن ئەسەرلەرنى تەييارلىدى. 1941- يىلى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسىرى « قەدىمقى تۈرك تىلى (ئۇيغۇر تىلى) گىرامماتىكىسى » دىگەن ئەسەرنى يازدى. 60- يىللاردىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە سەنئىتىگە قاراتتى ھەم بۇ جەھەتتە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىنىڭ ئاخىرى 50- يىللىرىنىڭ بېشىدا « قەدىمقى تۈركلەر ھاياتىدا شەھەرنىڭ رولى »، « ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى »، « تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۇددىزىم »، « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ يىلنامىسى »، « ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇددىزىم »، « ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى »، « تۇرپاندىن بايقالغان بۇيۇملاردىكى مەتبەچىلىك تېخنىكىسى »، « ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرمۇش » (ئىككى توم)، « ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىققا كىرىش » قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇيغۇر سەنئەن تارىخى ھەققىدە ئابىدە خاراكتىرلىك ئەسەر « ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزىم سەنئىتى » ۋە « ئۇيغۇرچە يېزىلغان بۇددا سۇترالىرىدىكى ياغاچ ئويما قىستۇرما سۈرەتلەر ھەققىدە تەتقىقات » قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقتى.

فىرانسىيەلىك تارىخشۇناس خامىلتون (ئەسلى ئامېرىكىلىق بولۇپ، 1974 -يىلى فىرانسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن) 1954- يىلى دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى « بەش دەۋر مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار » دىگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلدۇردى. ئارقىدىن 1971- يىلى ئۇ يەنە « دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسى » دىگەن ئەسىرى ئارقىلىق تۈرك ئەدەبىياتشۇناسلىقى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 1983- يىلى يەنە ئىككى توملۇق بۈيۈك ئەسىرى « دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ھەققىدە تەتقىقات » دىگەن ئەسىرى ئارقىلىق فىرانسىيە دۆلەت دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە مەخسۇس ئەسەلەردىن باشقا يەنە نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ۋەكىل خاراكتىرىگە ئىگە بولغىنى « توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات » دىگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

1964- يىلى ئامېرىكىلىق ئالىم سامولىن « 12- ئەسىردىن بۇرۇنقى شەرقىي تۈركىستان » دىگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى، ئۇ بۇ ئەسىرىنى 1961- يىلى يازغان دولتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى « تارىم ئويمانلىقىنىڭ تۈركلىشىشى » دىگەن ئەسىرىگە ئاساسەن يازغان بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

1966- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى تېخىنوۋ « 10- 14- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى » دىگەن ئەسەرنى يېزىپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دەۋر تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. يەنە شۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى مالياۋكىن 1983- يىلى « 9- 12- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى » دىگەن ئەسەرنى يازغان بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى 1988- يىلىدىن باشلاپ تىخۋىنىسكى ۋە لىتۋىنىسكىلارنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە كوللېكتىپ ھالدا كۆپ توملۇق « قەدىمقى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىكى شىنجاڭ تارىخى » دىگەن ئەسەرنى يېزىپ تۆت تومنى نەشردىن چىقاردى.

بۇ ئەسەردە غەرپتىكى ئالىملارنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى توم ئالتىنچى باپىدا قەدىمقى يۇنان، رىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللاردىن زور مىقداردا پايدىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ پەقەت خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللارغىلا تايىنىدىغان تارىخچىلارنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدى. ئۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى تومى تۆۋەندىكىدەك 9 مەزمۇندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ:

1. كىرىش سۆز

2. تەتقىق قىلىنىش تارىخى

3. تاش قورال دەۋرى

4. تۇچ قورال دەۋرى

5. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تۆمۈر قوراللار دەۋرى

6. قەدىمقى (يۇنان، رىم) تارىخى ئەسەرلىرىدىكى شىنجاڭ

7. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىردىن مىلادىيە 6- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى شىنجاڭ

8. 7- 10- ئەسىرلەردىكى شىنجاڭ

.9بۈيۈك يىپەك يولى

ئەسەرنىڭ 2- تومىدا ئاساسلىقى شىنجاڭدىكى قەدىمقى مىللەتلەر، يازما ھۆججەتلەر ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى، 3- تومىدا شىنجاڭنىڭ قەدىمقى ئىجتىمائىي ئىگىلىك ئەھۋالى، 4- تومىدا شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ كىيىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان

1991- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى يەنە كوللېكتىپ ھالدا « ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى » دىگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقىپ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرىغا كۆتۈردى. 2001- يىلى ئالمۇتادا كامالوۋ يازغان « 8- 9- ئەسىردىكى قەدىمقى ئۇيغۇرلار » دىگەن ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى يەنە بىر بوشلۇق تولدۇرۇلدى.

ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى يەنە بىر ئابىدە خارەكتىرلىك ئەسەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ تەشكىلاتى (UNESCO) ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - 90 - يىللىرىدا تۈزگەن كۆپ توملۇق بۈيۈك ئەسەر « ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت تارىخى » دىگەن ئەسەرنىڭ ئامېرىكىلىق ئالىم دېنىس سىنورنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن 4- تومى « ئۇيغۇر خانلىقى » ۋە « ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى » دىگەن قىسىمىدۇر.

1991- يىلى دېنىس سىنورنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن « كامبىرىج دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا » (The Cambridge History of Early Inner Asia) دىگەن ئەسەرگە ئاۋىستىرالىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس كولىن ماككېراسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس باپى كىرگۈزۈلگەن (بۇ كىشى 1972- يىلى « ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسى » دىگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغان)

1992- يىلى ئامېرىكىلىق ئالىم پېتىر گولدېن « تۈرك خەلقلىرىنىڭ تارىخىغا كىرىش » (The Cambridge History of Early Inner Asia) دىگەن ئەسىرىنىڭ 6- باپىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى ئۈچۈن ئورۇن بەرگەن.

1992- يىلى گېرمانىيەلىك ئالىم سىچارلىپ « ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دەسلەپكى تۈركى خەلقلەر » دىگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى، موڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى، شىنجاڭ ۋە گەنسۇدىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرى، ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلاردىن: ئۆرپ - ئادەتكە ئائىت يازما يادىكارلىقلار ۋە دىنغا ئائىت يازما يادىكارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.

2000- يىلى خەلقئارا شەرقشۇناسلىق ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن نەشر قىلىنغان « ئىسلامىيەتنىڭ سۈبھى دەۋرىدىكى ھەرقايسى تۈركى مىللەتلەرنىڭ تارىخى » قاتارلىق ئەسەردە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك زور ھەجىمدىكى ماقالىلاردىن « قەدىمقى تۈركلەرنىڭ يايلىق خاندانلىقى »، « موڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى »، « ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى » ۋە « كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى » قاتارلىق ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن.
مەنبەسى: Internet تىكى پارچە - پۇرات ماتېرىياللار ئاساسەن قىلىنغان تەرجىمە

تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-01-19 20:16 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 3444ـ كۆرۈرمىنى
karwan526

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 1677
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
شۆھرىتى: 25 نومۇر
پۇلى: 240 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :21(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-23
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۆتكەن يىلى گىرمانىيەدىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەخسۇس بىر كىتاپ چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىغانتىم... شۇ كىتاپ ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق....
1som
| ۋاقتى : 2008-06-21 02:10 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3444ـ كۆرۈرمىنى
halipjan

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 4636
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە25دانە
شۆھرىتى: 26 نومۇر
پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :10(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-28
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  نىمىدىگەن  خىۇش خەۋەر  بۇ ھە!  بەك ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتىمەن...  بىز دىگەن ئۇيغۇر...ئۇيغۇر...ئۇيغۇر!!!!!!!!!!!!!
yol
| ۋاقتى : 2008-12-02 00:33 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3444ـ كۆرۈرمىنى
kok_turk

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-17
ئاخىرقى : 2008-12-17

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مۇمكىن بولسا كىتابلارنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى ۋە  ئادىرسىنى يوللاپ قويغان بولسىىڭىز؟
| ۋاقتى : 2008-12-17 19:21 3 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.054746(s) query 4, Time now is:01-11 03:04, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation