« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
نۆۋەتتىكى تېما : مەن ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
Yawuz

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1787
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 367
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە367دانە
شۆھرىتى: 398 نومۇر
پۇلى: 3980 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :610(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 مەن ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق

بۇ يازمىغا admins تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-08)

 

مەن ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق
گىڭشىمىن
(ئالتايشۇناسلىق ئىلمى جەمىيتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز )
ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دائىرىسى ناھايتى كەڭ . ئۇ قەدىمكى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر تىل-يېزىق تەتقىقاتىنىلا ئەمەس ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيتى ، دىنى ئۆرپ -ئادىتى ، ئەپسانە رىۋايىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئارخولوگىيە، ئىرىقشۇناسلىق، ئىرسىيەتشۇناسلىق، توقۇمچىلىق، مېتالچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنېۋېرسال تەتقىقاتقا يۈزلەندى، قىسقىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق غەربتە ئىككى يۈز يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە. ھالبۇكى ئېلىمىزدە بولسا ئازادلىقتىن كېيىن بولۇپمۇ يېقىنقى يىگىرمە ئوتتۇز يىل ئىچىدە ئاندىن بىرقەدەر زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن .

گەرچە مەن داڭلىق مەكتەپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا ئوقۇغان بولساممۇ، ماڭا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەرسلىگىنى بەرگەن ئوقۇتقۇچۇم لى سېن، گو يىڭدې ئەپەندىلەرنىڭ ھە رئىككىلىسى ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىدى. (ئەينى چاغدا لى ئەپەندى لىكتور، گو ئەپەندى ئاسستىنىت ئىدى) فاكۇلتېت مۇدىرى جياڭ شىيەنلىن ئەپەندىنىڭ نامى بولسىمۇ ،  ئەمما مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر يولدا ئەمەس ئىدى . شۇڭلاشقا «گەپ ئۆگىتىشتە ئەمەس، ئۆگىنىشتە »دىگەندەك مېنىڭ تۇتقىنىم باشقا بىر يول بولدى . مېنىڭ ئىلمى- تەتقىقات سەرگۈزەشتىلىرىم ئېھتىمال بىرتۈركۈم ياشلارغا  ئىلھام بەخىش ئىتەر دەپ قاراپ ئۇشبۇ ئەسلىمىلىرىمنى يېزىپ چىقتىم .

مەن 1948-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، ئاۋۋال شاڭخەي جىندەن ئۇنىۋېرىستېتى تىببىي ئىنىستىتوتى تەييارلىق بۆلىمىدە فىرانسۇز تىلى ئۆگەندىم. (چۈنكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆگەنگىنىم ئىنگىلىزتىلى ئىدى) 1949-يىلى يازدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتتىغا ئېنتىھان بىرىپ كىردىم. كېسەللىك سەۋەبىدىن 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنگە كەلگەندە تىزىمغا ئالدۇرغان ئىدىم . ئەينى چاغدا فاكۇلتېت مۇدىرى جياڭ شىيەنلىن ماڭا مەن ئېنتىھان بەرگەن ھېندى تىلى كەسپىنىڭ سانى توشۇپ كەتكەنلىكىنى ئىيتىپ ، مېنى باشقا كەسىپ تاللىغىن دېدى ، مەن فىرانسوز تىلىنى بىلگەچكە ، ئۇ ماڭا ۋېتنام تىلى ئۆگىنىش تەكلىپىنى بەردى ، بىراق مەن ئۇيغۇر تىلىنى تاللاپ بولغان ئىدىم . بۇچاغدا  لى ۋە گو ئەپەندى ھەر ئىككەيلەن سابىق مەركىرى ئۇنۋىرىستېت (ھازىرقى نەنجىڭ ئۇنۋىرىستتى ) دىن بىيجىڭ ئۇنۋىرستېتى شەرىق تىللىرى فاكۇلتېتىغا ئەمدىلا يۆتكىلىپ كەلگەن ئىكەن ، ئەمما مىنىڭ تاللىشىم پۈتۈنلەي تاساددىپى ۋە ئۆز سەزگۈم بويىچە بولغان ئىدى . مەن ئەينى ۋاقتتا تۈركولوگىيە، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈركىي تىلغا تەۋە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم . لى سېن ئەپەندى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ ئۇيغۇر تىلىنى شۇنچىلىك راۋان سۆزلەيتتكى مۇنداقچە ئىيىتقاندا ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنىڭ ئانا تىلى دەپ ئىيتىشقىمۇ بولاتتى . ئەينى يىللاردا شىنجاڭنىڭ مائارىپ شارائىتى ناچار بولۇپ پەقەت بىرلا ئالى مەكتەپ (يەنى شىنجاڭ ئىنىستېتۇتى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى 1935-يىلى قۇرۇلغان) بولغاچقا ئۇ ئارانلا ئادەتتىكى پىدا گوگىكا مائارىپى تەربىيسىنى ئالغان ئىكەن . ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى سۆزلەش ۋە يېزىشتا ياخشى بولسىمۇ ئەمما گىرامماتىكىسىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى ، شۇڭا مىللەتلەر نەشىرياتىدىكى ئىبراھىم مۇتئى ئەپەندىنى ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىدىن تىلىم بىرىشكە تەكىلىپ قىلغانلىغى ھىلىمۇ ئىسىىمدە تۇرۇپتۇ . (ئىبراھىم مۇتبى ئەپەندى 30-يىللاردا تاشكەنىت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋىرىستتىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ) ئۆزۈمنى ئالسام ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا بولغان چۈشەنچەم ئىنگىلىزچە يىزىلغان تۈرك تىلى (ئۇيغۇر تىلىغا يىقىن بولغان تۇغقان تىل ) گىرامماتىكىسىنى ئۆگىنىشتىن كەلگەن ئىدى .

1952-يىلى شىنجاڭدىكى يەر ئىسلاھاتىغا قاتنىششتىن ئاۋۋال لى ئەندۇڭ ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك فىرانسۇزچە تەرجىمە خىزمىتىگە تاللىنىپ يېرىم يىلدەك خزمەت قىلغان ئىدىم .

1952-يىلى ئەتىيازدا شىنجاڭغا بىرىپ ئىلى رايونىدا پىراكتىكا قىلغان ۋە «يەر ئىجارسى كىمەيتىش، ئۆكتەملەرگە قارشى تۇرۇش» خىزمىتىگە قاتناشقان بولدۇق . يېزىچە ئۈرۈمچىدىكى پارتىيە مەكتىۋىدە ئىچىلغان يەر ئىسلاھاتىغا ئەۋەتىلدىم . ئۇ جاي قازاق مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەر بولغاچقا قازاق تىلىغى ئۆگىنىشىمگە توغرا كەلدى . گەرچە قازاق تىلىمۇ ئۇيغۇر تىلىدەك تۈركى تىلىغا تەۋە بولسىمۇ ئۇلار ئارىسدا خېلى زور پەرق بار ئىدى . (ئاساسەن بېيجىڭ شىۋىسى بىلەن شاڭخەي شىۋىسىگە تەڭداش كېلەتتى)1983-يىلى يازدا سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى )غا كەلدىم . (19525-يىلى يازدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالى مەكتەپلەرنى تەرتىپكە سالغاندا بىيجىڭ ئۇنۋىرىستتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرىستتىغا قوشىۋىتىلگەن ) ئەينى يىللاردىكى مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستېتۇتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىغى يولداش يىن ئوۋ رەننىڭ تەشكللىشى بىلەن مەن ۋە باشقا ئىككى نەپەر قازاق ئوقۇتقۇچى مىللەتلەر تىل-يىزىق ئەدەبىيات فاكۇلتېتى 3-ئوقۇتۇش كافىدىراسىنىڭ قازاق تىل ئەدەبىياتى گورۇپپىسىنى قۇرۇپ چقتۇق . ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ۋە  قازاق تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئوتتۇرسىدىكى  مۇناسۋەت باشلانغان ئىدى .

ئۇيغۇر تىلى ۋە قازاق تىلىنىڭ ھەرئىككىلىسى ئالتاي تىللرى سىستىمىسىنىڭ تۈركى تىللار تۈركۈمدىكى (ئۇيغۇر تىلى  ئۇيغۇر-قارلۇق گۇرۇپپىسىغا قازاق تىلى قىپچاق گۇرۇپپىسىغا تەۋە ) تىللار ئىدى . قەدىمكى تۈرك يېزىقى ئېلىمىز تارىخىدىكى كەڭ موڭغۇل دالىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن تۈرك خانلىقى (مىلادى 744-552-يىللار) ئۇيغۇر خانلىقى (تەخمىنەن 1250-853-يىللار)غا مەنسۈپ بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقى ، مانى يېزىقى ، سۈرىيە يىزىقى ، بىراھمىي يېزىقىدا يىزىلغان بىر تۈركۈم قوليازمىلار تىپىلدى . بۇ مەڭگۈ تاشلار ۋە قوليازمىلار قەدىمكى تۈرك خانلىقى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تىل، تارىخ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىياللار ھېسابلىنىدۇ . 19-ئەسرنىڭ ئاخرى يەنى دانىيلىك ئالىم تومسېن قەدىمكى تۈرىك -رونىك يىزىقىنى ئوقۇپ يىشىپ بەرگىچە بولغان ئالدىنقى ئەسىر---------نىڭ50-يىلىغچە ئارلىقتا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقت ئۆتۈپ كەتتى . بۇ مەزگىلدە چەتئەللەردە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قەدىمكى تۈرك-رونىك يىزىقىدىكى ھۆجىجەتلەر ۋە مەڭگۈ تاشلارغا ئائىت نېمىس ، فرانسۇز ، رۇس ، ئىنگىلىز، ياپۇن ، تۈرك تىلىلرىدىكى نەشىر ئەپكارلىرى بارلىققا كەلدى . دۆلەت ئىچىدە بولسا ئەسلى نۇسخدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغان خەنزۇچە تەرجىمىسى تىخى بارلىققا كەلمىگەن ئىدى . (ئۇچاغدىكسى پەقەتلا ئىنگىلىز ، نىمىس تىللىرى ئارقىلىق تەرجىمە قىلىنغان قىسمەن تەجىمە ئىدى )قەدىكى ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدىكى تەتقىقات بولسا تېخىغىچە بىر بوشلۇق ئىدى .

50-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇنياغا داڭلىق پىشىۋاسى گىرمانىيلىك ئالىم گابائىننىڭ( Anne Marie Von Gabain)«قەدىمكى زامان تۈرك تىلى گرامماتىكىسى »

(Alt turkische Grammatik) (بۇكىتاپ گىرامماتىكىدىن باشقا يەنە يادىكارلىقلاردىن تاللانما ، لۇغەتچە قسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )دىگەن كىتابنى تاساددىپى ئۇچىرتىپ قالدىم ، بۇچاغدا مەن مەن ئۆزۈمگە ئۇيغۇر تىلى ، قازاق تىلى ۋە تۈركىيە تۈركچىسىدىن خلى پۇختا ئاساس سىلىۋالغان ھەمدە تاللانما دەرسلىكتە بىر ماۋسۇم نىمىس تىلىغا قاتناشقان ئىدىم . شۇڭا بۇكىتابنىڭ بەزى مەرمۇنلىرىنى لۇغەت ئاختۇرۇپ يۈرۈپ چۈشىنىپ يەتتىم ھەم بۇساھەگە چوڭقۇر قىزىقىپ قالدىم . مەلۇم مەنىدىن ئىيىتقاندا، كۆز ئالدىمغا يىپيېڭى بىر دۇنيا يېيىلغان ئىدى ، شۇنداق قىلىپ مەن قەدىمكى تۈرك يىزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلارنى خەنزۇتىلىغا بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ ئىلىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى بوشلىقىنى تولدۇرۇش نىيتىگە كەلدىم . شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ -تۆت يىل ئىچىدە بىرتەرەپتىن نىمىس تىلى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرسام (ئۇچاغدا خنزۇتىلىدىكى نىمىسچە ماتېرىياللار كەمچىل بولغاچقا رۇسچە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشقا توغرا كىلەتتى . ) يەنە بىر تەرەپتىن بۇ كىتاپنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ، كۆچۈرۈپ (ئۇيىللاردا نۇسىخا ئالغۇ يوق ئىدى ) تەرجىمە قىلدىم . 50-يىللاردىكى سىياسى ھەركەتنىڭ تولىلىغى ، دائىم دىگۈدەك يېزىغا چۈشۈپ ئەمگەك قىلىش ، شىنجاڭغا كاماندۇرۇپكىغا بىرىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن بۇكىتابنى تەتقىق قىلىش ۋە تەرجىمە قىلىشم تولىمۇ مۈشكۈل شارائىتتا ئىلىپ بىرىلىدى . بۇ مەزگىلدە مەن يەنە مالوف (s.ye. Malov)نىڭ روسچە كىتابى «قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار»دىن خلى نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ قالغان ئىدىم .

1976-يىلى «تۆت كىشلىك گورۇھ » يوقىتىلغاندىن كىيىن مەن مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى مىللەتلەر تىل ئەدىبىيات كافىدىراسىدا قەدىمكى تۈرك تىلى سىپىنى ئىچىپ 8 قىسىملىق «قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلاردىن تاللانما » دىگەن كىتابنى تۈزۈپ چىقتىم ۋە دەرسلىك قىلىپ ئۆتتۈم شۇنىڭ بىلەن بۇ ساھەدە ئۇيغۇر ۋە قازاق مىللتىدىن بىر تۈركۈم كەسپيى خادىم چىقتى .

مىنىڭ شۇغۇللانغان كەسپىم تۈرك تىلى فىلوگيسى (Tukic philology) بولۇپمۇ قەدىمكى تۈرك تىلى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدىكى تەتقىقات خەلقئارالىققا ئىگە قىلىندى .

قىسقىسى ، بۇساھەدىكى تەتقىقاتتا ياۋرۇپا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ . بۇجەھەتتە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن چەتئەل تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش زۆرۈر ، ئىمكان بولسا  بىرنەچچە خىل چەتئەل تىلىنى كۆپرەك ئۆگەنگەن ياخشى . تارىخىي سەۋەپلەر تۈپەيلى نېمىس تىلى قەدىمكى تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشتە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە . چۈنكى ھازىرغىچە بولغان بۇساھەددىكى يازما يادىكارلقىلارنىڭ توقسان پىرسەنتىدىن كۆپرەكى نىمىس تىلىدا ئىلان قىلىنغان .

مەن ئىنگىلىز ، نىمىس . روس ، ياپۇن ، تۈرىك تىللرىدىكى ماتىرىياللارنى كۆرەلەيمەن . بەزىلىرىنى بولسا يازالايمەن ھەم سۆزىليەلەيمەن . بۇئاساسلىغى مىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتقانلىغىمدىن بولغان . بىر تىلنى قىتىرقىنىپ ئۆگىنىۋالغاندىن كىيىن چەتئەل تىلى ئۆگىنىشتىكى تەپەككۇرىمۇ ئىچلىپ كىيىنكى تىللارنى ئۆگىنىش بىر ئاز ئاسانغا توختايدىكەن . ئومۇمەن بىرەر يىرىم يىل ئىچىدىلا لوغەتتىن پايدىلىنىپ بىر خل  چەتئەل تىلىدىكى كەسپى ماتىرىياللارنى ئوقۇيالايدىغان بولدۇم .

ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چىغىمدا ئىنگىلىز تىلى نەتىجەم ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى ، ئىسىمدە قىلىشچە 1946-يىلى ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش غەلبە قىلغاندىن كىيىن ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 21-ئوتتۇرا (كىيىنكى سەرگەردانلار مەكتىۋى ) مەكتەپ تولۇقسىز بۆلۈمدىن شۈجوۋدىكى تاڭ نۇرى ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ (كاتولىك دىنى جەمئىيتى مەكتىپى ) مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا 1-يىللقA سىنىپقا يۆتكىلىپ كەلدىم . ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىمىز (كۆپپىنچىسى كانادالىق پوپلار ئىدى) بەكلا چىڭ تۇتاتتى . ھەرسائەتتە دىگۈدەك ئىنتاھان ئىلىپ قاتتىق نازارەت قىلاتتى .ئوقۇغۇچىلار ھەرگىزمۇ كۆچۈرمىچىلىك قىلالمايتتى . بىرىنچى ماۋسۇم ئاخرىلاشقاندا مىنىڭ ئېنگىلىز تىلى نەتىجەم نۆل چىققىلى تاسلا قاپتۇ . مەن بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىدىم ، ئىنگلىز تىلىنى قەتئى ياخشى ئۆگىنىش قارارىغا كەلدىم . ھەركۈنى سەھەردە تۇرۇپ خام سۆز يادىلاپ ، گىرامماتىكا تەھلل قىلاتتىم مۇشۇ تەرىقىدە تىرىشىپ يۈرۈپ 2-ماۋسۇمدا لاياقەتلىك بولدۇم . شۇنىڭدىن كىين 2-3-يىللقتا مىنىڭ ئىنگلىز تىلى نەتىجەم سىنىپ بويىنچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى ئونىڭدىن باشقا بۇ مەكتەپنىڭ دۇنيا تارىخى ، دۇنيا جۇغراپىيسى دەرسىلىگىدە ئىنگىلىزچە ماتىرىيال ئىشلىتىدىغان بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ ئىنگىلىز تىلدا دەرىس بىرەتتى . بۇئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ، ئوقۇپ چۈشىنىش سەۋىيسىنىڭ يۇقۇرى كۆتىرىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق ئىدى .

مەن شۇنداق قارايمەن ئىلىمىزدە مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولغان كىشىدە قىتىرقىنىپ تەتقىق قلىدىغان توختىماي ئىزدىنىدىغان روھ بولمىسا بىكار .ئەسلەپ كۆرسەم50-60-يىللرى ئاساسەن كىچىسى 12دىن بۇرۇن ئۇخلىمايتتىم ، كۈندۈزلىرى قىلىدىغان ئىش جىق بولغاچقا ،كىچىسى ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنەتتىم . قىش كۈنى ئاخشىمى سائەت ئالىتىلەر بىلەن كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپلا شىرە ئالدىغا كىلىپ دەرس تەييارلايتتىم .كىچىلىرى قورساق ئاچسا قۇرۇق موما غاجىلاپ قويۇپ ئۆگىنىش قىلاتتىم . ھىيت- بايرام ، دەم ئىلىش كۈنلىرىمۇ ئوخشاش ئىدى .چەتئەل يىزىغىدىكى نۇرغۇن ماتىرىياللارنى دۆلەت ئىچىدىن تاپقىلى بولمىغاچقا ھەرخىل يوللار بىلەن مىڭبىر مۇشاققەتتە چەتئەلدىن سىتىۋالىدىغان گەپ ئىدى .نەشىر نۇسخسى يوق كىتاپلارنى كوپىيە قىلىشقا توغراكىلەتتى . بۇ جەھەتتە بىيجىڭ كۈتۈپخانسى چەت تىل يېزىقىدىكى ماتىرىياللار بۆلىمى ، خەلىقئارالىق ئالماشتۇرۇش بۆلىمى ۋە مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتى كۈتۈپخانسى ماڭا زور ياردەملەرنى بەردى . مەن بۇجەرياندىكى چەتئەللەردىكى بىرقىسىم داڭلىق كونا كىتابخانىلار بىلەن تونۇشتۇم .مەسىلەن ، ئەنگلىيدىكى ساسكىسنىڭ (Sussux )ئا د ئورنىتالۇمى ، (orientlum)،گوللاندىيدىكى بىرىل (brill) كىتاپخانسى گىرمانيدىكى ئوتتۇ خارراسسوۋتىز (Otto Harrassowitz)

50-يىللارنىڭ ئاخرى تۈرك تىلى (تۈركىيە تۈركچىسى )نىڭ كەسپىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىغىنى ھىس قىلىدىم ، ئو تۈركى تىللىرى ئىچىدە قوللىنىدىغان نوپۇس سا نى ئەڭ كۆپ تىل بولۇپلا قالماي ، يەنە بىرقىسىم مۇھىم ئەسەرلەر تۈرك تىلىدا يىزىلغان . ئوچاغلاردا مەن ئىگىلىز روس تىللرىدا يىزىلغان تۈرك تىلى گىرامماتىكىسىغا ئائىت بىر ئىككى پارچە كىتابنى ئوقۇغان بولساممۇ ، بىيجىڭدىن ھىچقانداق ئوقۇشلۇق تاپالمىدىم (پەقەت بىيجىڭ كۈتۈپخانسىدىن گومىنداڭ ئاساسى قانۇنىڭ بىر پارچە تۈرىكچە نۇسخسىنىڭ بار ئىكەنلىكى ئىسىمدە ) شۇنداق قىلىپ مەن مۇشەققەرلىك تۈركچە ئۆگىنىش يولىغا ماڭدىم .مەن ئەزەربەيجان تىلى بىلەن تۈرك تىلىنىڭ يىقن كىلىدىغانلىغىنى بىلەتتىم . (پەقەت يىزىقتىلا ئالدىنقىسى سىلاۋىيان يىزىقىنى كىيىنكىسى لاتىن يىزىقىنى ئىشلىتەتتى ) كىيىن مەن يەنە  خەلقئارا كىتابخانسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەرەب يىزىقىدىكى «ئەدەبىيات گىزىتى »«ئوقۇتقۇچىلار گىزىتى »گە مۇشتىرى بولدۇم .60-يىللارنىڭ بىشىدا نەشىر قىلىندىغان «نۇر گىزىتى »ۋە «يىڭى تۇرمۇش »ژورنىلىغا مۇشتىرى بولدۇم . (بۇلغارىيدە شۇچاغدا بىرمىلىيۇندىن ئارتۇق تۈرك ياشايتتى .)

مەن يەنە تىل تەكشۇرۈش پائالىيتىنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن . 1956-يىلى تەلىيىمگە يارىشا 1953-يىلى ئوقۇشقا كىرگەن قازاق تىلى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە شىنجاڭدىكى قازاق تىلىنىڭ دېئالىكتىكسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتىم . دەل مۇشۇ يىلى 9-ئايدا مەن ئالتاي رايۇنىدىكى قازاق  تىلى دېئالىكتكىسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كىيىن ئىلگىرى ھىچقانداق خەنزۇ كادىرى بىرىپ باقمىغان بۇرچىن ناھسىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى تۇۋالار ئولتۇراقلاشقان رايۇنغا تەۋەككۇل قلىدىم ۋە بۇبىر بۆلۈك «مۇڭغۇللار»ئىشلەتكەن تىلىنىڭ بىرخىل قەدىمكى تۈرك تىلى __تۇۋا تىلى ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلدىم . ھەمدە بۇ تىلنىڭ خېلى كۆپ بىرىنچى قول ماتىرىيالىنى خاتىرىلىۋالدىم . 90-يىللىرى مەن يەنە گەنسۇ ۋە چىڭخەيگە تەكشۈرۈشكە بىرىپ يۇغۇر تىلى ۋە سالا تىلىنى تەتقىق قىلدىم .

مىنىڭ تەتقىقات يولۇم ئەگرى توقاي بىر يول بولدى . يول كۆرسىتىدىغان بىرەر پىشقان ئۇستاز يوق بولغاچقا . ئۆز يولۇمنى ئۆزۈم سىيلاپ سىپاپ يۈرەتتىم . شۇڭا نۇرغۇن ۋاقتىم ئىسىراپ بولۇپ كەتكەن ، ئاز بولمىغان ئەگرى توقاي بىر يوللارنى باسقان ئىدىم . مەسىلەن ،60-يىللاردا نۇرغۇن ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ پارىس تىلى ۋە ئەرەپ تىلى ئۆگەندىم . بۇئىككى تىلنىڭ مىنىڭ كىيىن شۇغۇللانغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىمغا ھىچقانچە پايدىسى بولمىدى . ئەكىسچە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا دىنىغا ئائىت ئەسەرلەر تەتقىقاتى ئۈچۈن سانسىكىرىت تىلى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى ، ئەممە مەن بۇنۇقتىنى تونۇپ يەتكەندە ئاللقاچان كىچىككەن ئىدىم .70-يىلارنىڭ ئاخرى يىشىم 50كە يىقىنلاپ قالغاندا پىروفىسسور جىياڭ جوڭشەن ئەپەندىدىن سانسىكىرىت تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان ۋاقتىمدا ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوقلىغىنى (ئاساسلىغى پۈتۈن ۋاقىت چىقرالمىدىم)ھىس قىلىپ ئامالسىز يىرىم يولدا ۋاز كەچتىم .

كەسكىنرەك قىلىپ ئىيتقاندا ، مەندىن بۇرۇن ئىلىمىز تەۋەسىدە ھەققىي مەنىدىكى ئۇيغۇرشۇناس يوق ئىدى . بىرخىل تىلنى سۆزلىيەلەيدىغان بولۇش بۇخىل ئىلىمنىڭ مۇتەخەسىسى بولغان بولمايدۇ . بۇخۇددى جوڭگۇلۇقلارنىڭ تۇغما خەنزۇشۇناش ئەمەسلىكىگە ئوخشاش ئىش .بۇيەردە بىرئىشنى ئەسلەپ ئۆتسەم ئارتۇق بولماس دەپ قارايمەن .50-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدىكى بىركۈنى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى تاشكەنىتتە چىقدىغان «شەرىق ھەقىقىتى »(1948؟)ژورنىلىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئىپوسى چاشتانى ئىلىك بەگ »دىگەن تىمىدىكى بىر ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم (ئاپتۇرى ئىران ئالىمى بىرتىلىس  Brtel  غۇدەيمەن )شۇنىڭ بىلەن ئۇستازلار ۋە مۇناسىۋەتلىك زاتلاردىن بۇ ئىپوس نىڭ ئەسلى بۇسخسىنى نەدىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈردۈم . ئەمما ھىچكىم بىلمەيدىكەن پەقەت 60-يىللارغا كەلگەندىلا گىرمانىيلىك قەدىمكى ئويغۇرتىلى ئالىمى مۇللىر (F.W.K.Muller )نىڭ «ئۇيغۇرشۇناسلىق» (Uigurica)دىگەن مەخسۇس ئەسىرىنىڭ 680-690-بەتلىرىدە بۇھىكايىنىڭ ئەسلى بۇسخسىنى كۆرۈپ قالدىم . بۇ ئەسلىدە بىر بۇددا دىنىغا ئائىت ئەسەر بولۇپ خەنزۇچە ئەسلى  نۇسخسى «بىلگىسىز ئىبلىس راكىشەسە »بولۇپ ، باش پۇرسىناژنىڭ ئىسمى خەنزۇچە زوجخا (作折吒)سانسىكىرىتچە castanaئىكەن .

شەرىق تىللرى فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى جى شىيەنلەن گەرچە داڭلىق سانسىكىتىشۇناس بولسىمۇ مەكتەپتىكى مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ غەربىي رايۇنلار ، تۈركىلوگىيە توغرىسىدا ياكى ئۇيغۇرشۇناسلىق توغرىسدا بىرنىمە دىگىنىنى ھەتتا گىرمانيىدىكى شىنجاڭدىن قولغا چۈشۈرگەن تۆت قىتىملىق ئارخلوگىيە يادىكارلىقلىرىنى تىلغا ئالغىننمۇ ئاڭلاپ باقمىدىم . (ئۇچاغدا ئۇنىڭ زىھنى باشقىدا ئىدى .) ئىككىمىزنىڭ رەسمى  ئالاقىمىز «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى»دىن كىيىن بولغان . بۇ ۋاققىتتا ئۇ مەجبۇرى ھالدا «قارا گورۇھ »قا كىرگۈزۈلگەن ئىدى . مەن ئۇنى كۆرگىلى بارغان ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا بىيجىڭ كۈتۈپخانسىدىن كىتاپ ئارىيەت ئىلىپ ئاپىرىپ بىرەتتىم .كىيىن مەن ئۇنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «Maitrisimit»« مايىتىرى سىمىت (مايتىرىنىڭ ئۇچرىشىشى)» نىڭ ئالدىنىقى بىرنەچچە بابىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇنىڭ بۇئەسەرنىڭ توخرى تىلىدىكى پارچىسىنى تەتقىق قىلغاندا پايدىلىنىشىغا سۇندۇم . مەن 1980-يىلى گىرمانىيە ھامبۇرگ فوندى جەمىيتىنىڭ تەتقىقات سوممىسىغا ئىلتىماس قىلغاندا جى ئەپەندى ماڭا ئۆز قولى بىلەن نىمىس تىلىدا تەۋىسيەنامە يىزپ بەرگەن ئىدى .

مەن بۇيەردە فېڭ جياشىڭ ئەپەندىنىمۇ تىلغا ئىلىپ ئۆتەي ، فېڭ ئەپەندى   ئىلىمىزنىڭ داڭلىق تارىخچىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا مىللەتلەر ئنىستىتۇتىغا يۆتكىلپ كىرگەندىن كىيىن (كىيىن يەنە ئىجىتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا يۆتكەلگەن ) ئۇيغۇر تارىخى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان .فىڭ ئەپەندى ئادەتتە  تولىمۇ تىرىشچان ، كەمتەر ۋە مۇلايىم كشى ئىدى . ئۇنىڭ تەتقىقاتىغا نىسبەتەن تۆۋەندىكىدەك كۆز قاراش مەۋجۈت :ئۇيغۇر تارىخى جەھەتتە ، ئۇھازىرقى ئۇيغۇرلار بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر لار

 (古代回鹘文)لارنى ئوخشاش يەنى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدىكى تەرەققىيات دەپ قارايدۇ .

مىنىڭچە بۇ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىلىنىشىدىكى تارىخى ئەمىلىيتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ . ئەمىلىيەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر لار بىلەن مەيلى تىل جەھەتتە بولسۇن مەيلى مەدەنىيەت ۋە ئېرىق جەھەتتە بولسۇن كۆپ پەرىقلىنىدۇ . ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنى ئالساق ئۇنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە ، ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن تەكلىپكە بىنائەن ئامرىكا پارلامىنت كۈتۈپخانسىغا بىرىپ ئىشلىگەن مەزگلىدە ، نيويورك كولۇمبىيە ئۇنىۋىرىستېتىدىكى پىراففىسسور ك مەنگس (K.Menges)تىن بىر مەزگىل قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن . پروففېسسور مەنگىس گەرچە ئالتايشۇناس بولسىمۇ ئەمما قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى ۋە يىزىقىغا پىششىق ئەمەس ئىدى ، فىڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ دەرس ئالغان چاغدا خاتىرلىگەن لىكسىيسىنى كۆرسەتكەن پەقەتلا بىر قەدىمكى تۈرك تىلى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارنىڭ شەكىل ئۆزگىرىش ، پىئىللارنىڭ ئورۇن ئۆزگىرشىلا ئىكەن . ئو قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما ھۆجەتلەرنى تەتقىق قىلغاندا ئاۋۋال قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىغىنى لاتىن يىزىقىغا ئايلاندۇرۇپ يىزىۋالغاندىن كىيىن گابائىننىڭ «قەدىمكى تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى »نىڭ ئاخىرىدا بىرىلگەن سۆزلۈك قىسىمىدىن ياكى «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ گىرمانىيلىك ئەرەپ ئالمى بىروكىلمان (C.Brockelmgnn)تۈزگەن نىمىسچە نەشىرىدىن مۇناسىۋەتلىك سۆزنىڭ مەنىسىنى تىپپ چىقىدىكەن . قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما ھۆججەتلەرنڭ ھەممىسى مۇئەييەن شەكىلدە يىزىلغاچقا كونكىرىت يىل . ئاي كۈن ۋە كىشى ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىپ قويسىلا ئاسانغا توختايدۇ . ئەمما ئۇزۇنراق ، مۈرەككەپ جۈملىگە كەلگەندە ئۇنىڭ بۇ ئامالى كارغا كەلمەي قالاتتى . بۇدەل ئۇنىڭ 1962-يىلى «1959-يىلى قومۇلدىن تىپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا ھۆججەتلىرى »دېگەن ماقالىسىدە ئىپادىلەنگەن . ئۇ بۇ ماقالىسىدە بۇھۆججەتنىڭ مەن تىراىسىكىرپىسىيە ھەم تەرجىمە قىلغان ئىككى بەتنى ئىشلەتتى . قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى توخرى تىلىغا ئوخشاش ئۆلگەن تىل ئەمەس ئۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن سىلىشتۇرغاندا پەقەتلا قەدىمىيلىك ۋە ھازىرقىلىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ . ئونىڭ ئاساسي لوغەت تەركىبى ۋە گىرامماتىكىسى ئوخشاش . فىڭ ئەپەندى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيۇدۇ قەدىمكىسىدىن قەدىمكىسىنى ئۆگىنىش ئەلۋەتتە بەسى مۈشكۈل ، نەتىجىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ .ھالبۇكى ئۇ ئىلىمىزدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى يازما يادىكارلىقلىرىنى تۇنجى بولۇپ تەتقىق قىلغان كىشى ، بىز بۇ نوختىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ .يەنى 60-يىللارنىڭ بېشىدا شىنجاڭ مۇزىيى «مائىتىرى سىمىت»نىڭ ئەسلى نۇسخسنى ئۇ ئۆز نامى  بىلەن بىر يىلدىن كۆپرەك ئارىيەت ئىلىپ بىيجىڭغا ئەكەلگەن .

بۇمەزگىلدە مەن پۈتۈن كتابنى لاتىن يىزىقىغا تىرانسىكىرپىسىيە قىلدىم ۋە بىر قىسمىنى  ئالتە پارچە (بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ ئۈچ قىسىمى نىمىسچىغا تەرجىمە قىلىنغان)، ئىلمىي ماقالەم تەخمىنەن 150پارچە (تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىمى ئىنگىلىز ۋە فىرانسوز تىللىرىدا يېزىلىغان). 1992-يىلى گىرمانىيە ھامبورگ فوندى جەمىئىيىتى ماڭا«خەلقئارا مەشھۇر ئالىم»مۇكاپاتىنى بەردى. 2000-يىلى بېلىگىيىدە ئېچىلغان  خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق دائىمىي كېڭىشى (PIAC)نىڭ  43-نۆۋەتلىك يىغىنىدا (مەن يىغىندا بولمىساممۇ) شۇ يىللىق مۇكاپاتنى  ماڭا بەردى. شۇ يىلى مەن يەنە تۈرك تىلى جەمىئىيىتى(Turk dili kurumu) نىڭ چەتئەلدىكى پەخرى خادىمى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇنىڭدىن باشقا مەن يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ئىلمىي جەمىئيەت ۋە نەشىر ئەپكارلىرى (تۈركولوگىيە،ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى)نىڭ پەخرى رەئىسى،مۇئاۋىن رەئىسى، دائىمىي رەئىسى، رەئىسى، تەھرىر ھەيئىتى، مەسلىھەتچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەندىم. يۇقىرىدا مەن ئۆزۈم ياشىغان دەۋرلەردىكى تەتقىقات ئەھۋالىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتتۈم. ھازىر ئەھۋال پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. تەتقىقات شارائىتى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ياخشىلاندى. «بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپتۇ.» دېگەندەك، مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى  ئۇيغۇرشۇناسلىرىمىزنىڭ  تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە، جوڭگونىڭ خەلقئارا تۈركولوگىيە ساھەسىدە بىر كىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
1som
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-01-19 21:22 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
pidakar194

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1381
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 16 نومۇر
پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-06
ئاخىرقى : 2009-01-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن بۇ ماقالىڭىزنى ئۇقۇپ،بېشىڭىزدىن نۇرغۇن ئسسىق سۇغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن پىشقەدەم ئىكەنلىگىڭىزنى پەرەز قىلدىم.شەبنەم مۇنبىرىدىن بىر ماقالىنى ئۇقۇۋېتىپ،مەنبەگە قارىسام ئورخۇن مۇنبىرىكەن.تۇنجى بۇلۇپ،مۇشۇ ماقالىڭىزغا كۆزۈم چۈشتى-دە باشتىن-ئاياق ئۇقۇپ چىقتقم.مەن ئۇيغۇر تىل-مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا قىزىقىمەن.بېراق كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئەسەر يازالمىدىم.بېزدەك ياشلارنى تۇر ئارقىلىق بۇلسىمۇ يېتەكلەپ،قۇيىشىڭىزنى سەممىي ئۈمۈت قىلىمەن.مۇبارەك نام شەرىپىڭىزنى تېخى ئۇقمايمەن.ماڭا ئىشەنسىڭىز،ماڭا ئىلخەت قىلىۋەتكەن بۇلسىڭىز.مەن ياسىن تۇرسۇن ئۇلتاشنىڭ ئۇنۋېرسىتتىىكى ساۋاغدىشى (سىزنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ساۋاغدىشىمنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشقا مەجبۇرمەن).ئېلخەتنى ئەزالىق تىزىمەمدىن كۆرىۋالسىڭىز بۇلىدۇ.رەخمەت!
ئاپتورغا سۆز قالدۇرۇش :
نادىر ئەسەر
yol
| ۋاقتى : 2008-02-06 02:07 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
pidakar194

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1381
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 16 نومۇر
پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-06
ئاخىرقى : 2009-01-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بايا ماقالىگە بەك بېرىلىپ كېتىپ،ئاپتۇرىنى ئېنىق كۆررىۋىلماپتىمەن.كېيىن قارىسام گېڭشىمىكەن ئەمەسمۇ.سىز چۇقۇم ياسىن تۇرسۇن.راس شۇ بۇلسىڭىز تىزدىن ماڭا ئۇچۇرىڭىزنى بېرىڭ.ئۇنىڭ ئىلخىېتىنى بىلىدىغان مۇنبەرداشلار بۇلسا ماڭا خەۋەر قىلىشىڭىزلارنى ئۆتۈنىمەن.بىز 10يىل بۇلدى ئالاقىلىشالمىغىلى.
yol
| ۋاقتى : 2008-02-06 02:17 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
udun

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1168
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 494
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە494دانە
شۆھرىتى: 503 نومۇر
پۇلى: 5020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :260(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-27
ئاخىرقى : 2008-12-14

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
2 - قەۋەتتىكى pidakar194 2008-02-06 02:17 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
بايا ماقالىگە بەك بېرىلىپ كېتىپ،ئاپتۇرىنى ئېنىق كۆررىۋىلماپتىمەن.كېيىن قارىسام گېڭشىمىكەن ئەمەسمۇ.سىز چۇقۇم ياسىن تۇرسۇن.راس شۇ بۇلسىڭىز تىزدىن ماڭا ئۇچۇرىڭىزنى بېرىڭ.ئۇنىڭ ئىلخىېتىنى بىلىدىغان مۇنبەرداشلار بۇلسا ماڭا خەۋەر قىلىشىڭىزلارنى ئۆتۈنىمەن.بىز 10يىل بۇلدى ئالاقىلىشالمىغىلى.


بۇ كىشى ياسىن تۇرسۇن ئۇلتاش ئەمەس، ياۋۇز بولىدۇ، ئۇلتاشنىڭ نامىنى مەن باشقا بىر مۇنبەردە كۆرگەن ئىدىم.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
| ۋاقتى : 2008-02-07 16:32 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
udun

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1168
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 494
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە494دانە
شۆھرىتى: 503 نومۇر
پۇلى: 5020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :260(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-27
ئاخىرقى : 2008-12-14

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەي، ئۇيغۇرلاردىن ياكى باشقا تۈركىي خەلقلەردىن  بىرەر تۈركولوگنىڭ چىقمىغانلىقى كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدىكەن. گېڭ شىمىڭ ئەپەندى ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەنلىكىنى تىلغا ئاپتۇ، ئۇلار نەدىدۇر؟
yol
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
| ۋاقتى : 2008-02-07 22:42 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
pinhanmoon

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 2506
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-08
ئاخىرقى : 2008-06-15

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

گىڭشىمىن  ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىققا  ئىشتىياق باغلاپ نۇرغۇن رىيازەت چىكىپ تەتقىق قىلغانلىقى كىشىنى تۇلىمۇ  سۇيۇندۇرسە ،،ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن ئۆز تارىخنى تەتقىق قىلىدىغان ئىنساننىڭ چىقمىغاولىقى  كىشىنى تولىمۇ تۇلىمۇ ئەپسوسلاندۇرىدۇ .......،
yol
| ۋاقتى : 2008-06-11 02:34 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
arkzad

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4026
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-01
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەي...!نەچچە ئەسىرلىك مەھكۇملۇق! يېقىنقى دەۋىرلەردە ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىن دۇنياغا تۇنۇلغان تۈركشۇناس،ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ چىقمىغانلىقى ھەقىقىەتەنمۇ ئېچىنىشلىق ئىش!ئەمما بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار...باشقىلارنىڭ ئىچىدىن چىققان ھەرقانچە ئۇلۇغ ئالىم بولسىمۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئالدى بىلەن ئۆز خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ دەپ قارايمەن.باشقىلارنىڭ بىزنى تەتقىق قىلغانلىغى بىز ئۈچۈن ئانچە خوشاللىنارلىق ئىش بولماسلىقى مۇمكىن.چۈنكى ئۆز مەنپەئەتلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ھەقىقەتلەر ئاستىن-ئۈستۈن بۇلۇپ،ئاتالمىش<<تارىخ>>بۇلۇپ پۈتۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن!
yol
| ۋاقتى : 2008-09-01 11:10 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
TarimDadxah

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-27
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
4 - قەۋەتتىكى udun 2008-02-07 22:42 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ھەي، ئۇيغۇرلاردىن ياكى باشقا تۈركىي خەلقلەردىن  بىرەر تۈركولوگنىڭ چىقمىغانلىقى كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدىكەن. گېڭ شىمىڭ ئەپەندى ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەنلىكىنى تىلغا ئاپتۇ، ئۇلار نەدىدۇر؟

كىم شۇنداق دەيدۇ ئۇيغۇرلاردىن تۈركولوگ چىقمىدى، دەپ ؟ ئىبراھىم مۇتىئىي، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ، ياسىن ھوشۇرئەلى، مەترەھىم سايىت، خەمىت تۆمۈر دېگەن زاتلار تۈركولوگ ھېسابلانمامدا ؟ تۈركولوگ دېگەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ، ئۆرپ-ئادىتى، تارىخى، ئەدەبىيااتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئادەم، دېگەنلىكتۇر !
1som
| ۋاقتى : 2008-09-01 16:09 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
er2rk

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4138
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە55دانە
شۆھرىتى: 58 نومۇر
پۇلى: 570 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :92(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-06
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Berlin Universitidiki Aysima Usmanova we yoldishi Abletjanlarmu mushu sahening doktorliri jumu. Umutsizlenmeyli izchilar iz boylap kelidu.
[ بۇ يازما er2rk تەرىپىدىن 2008-10-07 01:17 دە قايتا ]
| ۋاقتى : 2008-10-06 05:30 8 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 433
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە433دانە
شۆھرىتى: 482 نومۇر
پۇلى: 12740 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :173(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

     گېڭشىمىن ئەپەندىنىڭ: <<قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى توخرى تىلىغا ئوخشاش ئۆلگەن تىل ئەمەس>>دىگەن بۇ جۆلىشى بىلەن، سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخاننىڭ: <<مەن تۇران شاھى ئەفراسىياپنىڭ - ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ نەسلدۇرمەن>>دېگەن سۆزىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى. ئىسلام دىنىنى تۇنجى دۆلەت دىنى قىلغان ساتۇق بۇغرا مۇبارەك ئىسمى زاتى ئالدىغا دادىسى بازىرنىڭ ياكى چوڭ دادىسى قادىرنىڭ ئىسمىنى ھۆرمەت شەكلىدە ئالماي بەلكى، كەسكىن دىنى پەرق تۈپەيلى قەبىلە ۋە مىللەت ئەسلىسىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا: <<ساتۇق>>نى فامىلە ئورنىدا قوللانغان. << ساتۇق>>شۇنداق دىققەتكە سازاۋەركى: ئاتۇشتا 1050-يىللىرى قۇرۇلغان <<ساخ>> مەدرىسى،  يەرجاي ناملىرىمىز - ئۈستۇن ئاتۇشتىكى<<ئىكساق>>، <<بەيساق>>، جۇڭغار(چوڭئار)دىكى <<ساۋەن>> ( ساك،ھون). ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى << ساۋۇن>>، << سادىق>>(سا تۇق)، ھوشۇر(ھون شىر)، نىساخان(نۇر ساك خان) قاتالىقلار، بۈيۈك <<ساتۇق>>تىكى <<ساك>>ئۇقۇمىنى بېرىدۇ. <<تۇق>> - تۇخرى بولۇپ، <<تۇخرى>> تارىختا <<تۇقسى>>، <<تۇخار>> ۋە <<تۇرئار>>دەپ ئاتالغانلىقى ئېنىق بولۇپ، كۆڭىلدىكىدەك چۈشەنچە: <<تۇخار>>نىڭ ئەسلى ئاتىلىشى << تۇر>> ۋە << ئار >>نىڭ قوشۇلمىسى بولۇپ، << تۇر>>ئەسلى زاتىمىزنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئىسىملىرىمىزدىكى<<تۇراخۇن>>، <<تۇرمەت>>، تۇرداجى>>، <<تۇراپ>>، << تۇرسۇن>>،<<تۇرغۇن>>،<<تۇراڭخان>>،<<تۇرانئاي>>، << تۇرسۇنئاي>>لار مۇقەررەر <<تۇر>>ئۇقۇمىنى بېرىدۇ. <<دىۋان>>دا : << ئىسپىجاپتىن بالاساغۇنغىچە بولغان پۈتكۈل ئارغۇ شەھەرلىرى ئىككى تاغ ئارىسىدا بولغاچقا ئارغۇ شەھەرلىرى دىيىلىدۇ >> ئارقىلىق ئىككى تاغنىڭ ئارىسىغا مۇنتىزىم<< ئار >>ئۆزگەرمەس ئاتالغۇسىنىڭ تارىخى يىلتىزى كۆرسىتىلگەن. ئۇنداقتا <<تۇخار - تۇقسى - تۇخرى>>قانداق كونكىرىت ئۇقۇمغا ئىگە ؟؟؟   << تۇخار>>نىڭ ئەسلى مەنبىيى << تۇر>> ۋە << ئار>>دىن تۈزۈلگەن بولۇپ<<تۇر ئار>> ئەجداتلىرىمىزنىڭ تاغ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان قىسمىنى كۆكسىتىپ  يىلتىزىمىزنى << تۇر>>لار ئارقىلىق بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائى ئىش تەخسىماتىدىن ئىلگىرىكى قەدىمىلىككە سىلجىتىدۇ. <<تۇرئار>>نىڭ سانسىز قېتىملىق تەكرارى تەبىئى ھالدا << تۇخار>>غا موقۇملاشقان. ھۆكۈم شۇكى: <<تۇر>>دىمەك <<تۇران>> دېمەكتۇر، << تۇر>>دېمەك <<تۇركىي>>دېمەكتۇر،<<تۇر>>دېمەك<< ئۇيغۇر>>دېمەكتۇر،<<تۇر>>دېمەك<< تۇخار>>دىمەكتۇر، <<تۇر>>دېمەك << ساك>>دېمەكتۇر، << تۇر>>دېمەك << ھون>>دېمەكتۇر.
    قېنى قايسى جاناپ ئەجدات يىلتىزىمىزنى بۇنچىلا قەدىمىلىككە سىلجىشىنى خالايدۇ ؟؟؟!!!

  مېنىڭچە گىڭشىمىن ئەپەندىنىڭ قەستى شاپتۇلدا....................
[ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2008-10-06 11:14 دە قايت ]
1som
| ۋاقتى : 2008-10-06 10:40 9 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 433
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە433دانە
شۆھرىتى: 482 نومۇر
پۇلى: 12740 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :173(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

      تۇخرى تىلى ھەرگىز ئۆلگەن تىل ئەمەس. ئۇ تۈركىي مىللەتلىرى تىلىدا جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى مەڭگۈ ساقلايدۇ. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئەجداتلىق سالاھىتىنى ئىنكار قىلغىنىمىز يوق! 
| ۋاقتى : 2008-10-08 23:40 10 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
taghchi

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 3015
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە20دانە
شۆھرىتى: 27 نومۇر
پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :32(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-29
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    پاھ! بارخان ئەپەندى يازسا بولغۇدەك تارىخنى. مۇشۇنداق يازغىلى تۇرساق يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىسىمغا قاراپ قالايمىقان شەرھىيلەپ دەۋېرىدىغان. يەنىمۇ شۇنداق پىكىر قىلسىڭىز تېخىمۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئاپىرىدە قىلىسىز. توخار تىلىنى بىلەمسىز؟ ئۆگۈنۈپ باققانمۇ؟ تارىخ تەتقىقاتىدا شۇنداقمۇ يىنىكلىك بىلەن گەپ قىلامسىز؟ بەزىدە جىقراق كۆرۈپ ئاز گەپ قىلغان، بىلمىسە گەپ قىلماي سۈكۈتتە تۇرغان تۈزۈك. بۇ جايدا سىىزگە قەلەم ھەققى بەرمىگەندىن كېيىن گەپ قىلمىسڭىزمۇ زىيان تارتىپ كەتمەيسىز. يەنە دېمەمسىز ! ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى 司马义نى "ئىسمايىل"، شائىر لىبەينى "ئەبەي" .... تۇرگېنېۋنى "تۇرغۇن"، روزۋېلېتنى "روزى" دەڭ. بولسا تېخى دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ ئەسلى ئىسمى "خوجا" ئىدى دىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.
  ھەرنىمە دېگەندە دەڭسەپ باققىنىمىز تۈزۈك. سىز توخرى تىلى بىلمىسىڭىز، (ئېھتىمال قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىمۇ بىلمەسسىز) گەپ قىلمايلا قويۇڭ. مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئالدى بىلەن پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك پاكىتنى تېپىپ، بولسا تەتقىق قىلىپ، بىر ئۆمۈر كەتسىمۇ مەيلى، ئاندىن سالمىقى بىر ئېغىز گەپنى قىلسىڭىزمۇ كېچىكمىگەن بولىسىز.
1som
| ۋاقتى : 2008-10-09 00:21 11 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 433
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە433دانە
شۆھرىتى: 482 نومۇر
پۇلى: 12740 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :173(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

taghchi2 ئەپەندى !  سىز  كاللامغا ۋەزنى مىڭ پاتمان كېلىدىغان توقماقتىن بىرنى ئۇردىڭىز . ئەمەلىيەتتە بۇ <<توقماق>> سىز ۋە بىزنى ساناتورىيە سەكتىسىگە ئايلاندۇرىۋەتكەن << سىنجاڭ تارىخى ماتىرللىرى>>دۇر... ئاتالمىش بۇ <<توقماق>> سىزنىڭ قولىڭىز بىلەن ئەمەس باشقىلارنىڭ قولى بىلەن ئۇرىلىۋاتقىنى نەچچە ئون يىللار بولدى. كۆنۇپ قالدۇق... كۆنۈپ قالدۇق... تارىخ ئۇپقۇنلىرى رىياللىق ساھىلىغا << دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى>>نى تاشلىمىغىچە، ھازىرقى مەدەنىيەت سەۋىيە ھالىتىمىز بىلەن روھى ئورتاقلىقىمىزنى تاپقۇچە ئۆز ئارا بىر بىرىمىزنى << ئۇرتوقماق>> قىلىشىمىز تەبىئى.
    مەن سىزدىن ھەرگىز رەنجىمەيمەن... رەنجىيدىغىنىم، ئۆزىگە  بۆيۈك<< ساتۇق>> ئەجدات نامىنى تەخەللۇس قىلىۋالغان قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ سەلتەنەت ساھىبى بۇغراخاندىن رەنجىيمەن. چۈنكى ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەجدات تەخەللۇسىغا ئىزاھات بەرمىسىمۇ  بۈگۈنكى كېرەكسىز ئەۋلاتلىرىنىڭ تەبىئىلا ئېنىقلىما بېرىشىنى خام خىيال قىلغان...!
1som
| ۋاقتى : 2008-10-09 01:04 12 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
kim

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 650
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-09-10
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
12 - قەۋەتتىكى barhan 2008-10-09 01:04 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
taghchi2 ئەپەندى !  سىز  كاللامغا ۋەزنى مىڭ پاتمان كېلىدىغان توقماقتىن بىرنى ئۇردىڭىز . ئەمەلىيەتتە بۇ <<توقماق>> سىز ۋە بىزنى ساناتورىيە سەكتىسىگە ئايلاندۇرىۋەتكەن << سىنجاڭ تارىخى ماتىرللىرى>>دۇر... ئاتالمىش بۇ <<توقماق>> سىزنىڭ قولىڭىز بىلەن ئەمەس باشقىلارنىڭ قولى بىلەن ئۇرىلىۋاتقىنى نەچچە ئون يىللار بولدى. كۆنۇپ قالدۇق... كۆنۈپ قالدۇق... تارىخ ئۇپقۇنلىرى رىياللىق ساھىلىغا << دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى>>نى تاشلىمىغىچە، ھازىرقى مەدەنىيەت سەۋىيە ھالىتىمىز بىلەن روھى ئورتاقلىقىمىزنى تاپقۇچە ئۆز ئارا بىر بىرىمىزنى << ئۇرتوقماق>> قىلىشىمىز تەبىئى.
    مەن سىزدىن ھەرگىز رەنجىمەيمەن... رەنجىيدىغىنىم، ئۆزىگە  بۆيۈك<< ساتۇق>> ئەجدات نامىنى تەخەللۇس قىلىۋالغان قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ سەلتەنەت ساھىبى بۇغراخاندىن رەنجىيمەن. چۈنكى ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەجدات تەخەللۇسىغا ئىزاھات بەرمىسىمۇ  بۈگۈنكى كېرەكسىز ئەۋلاتلىرىنىڭ تەبىئىلا ئېنىقلىما بېرىشىنى خام خىيال قىلغان...!


Barhan ئەپەندى قىزىق جاۋاپ بېرىپسىز. لېكىن ئورۇنلۇق پىكىر بوپتۇ. ھەرھالدا بۇنداق يىنىكلىك بىلەن يەكۈن چىقىرىلسا بولماس. ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا مۇناسىۋىتى بار دىسەك بولمايدۇدە. تىلشۇناسلىق نەزەرىيەلىرى بىلەن دەلىل-ئىسپات كۆرسۈتەلمىسەك قايىل قىلارلىق بولمايدۇ. راستمۇ يالغان بولىدىغان گەپ. ئۆزىمىزنى ئەڭ پۇختا نەزەرىيىۋى بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرىشىمىز كېرەك.
| ۋاقتى : 2008-10-09 22:46 13 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4876ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 433
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە433دانە
شۆھرىتى: 482 نومۇر
پۇلى: 12740 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :173(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    بىز ئۆزىمىزنىڭ<<تۇركىي تىللار دىۋانى>>بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تارىخى ئاتالغۇللىرىغا ئىزاھات بېرەلمىسەك، ئاتالمىش باشقا مىللەت ئالىملىرىنىڭ ئاتالغۇلىرىمىزغا مۇئەييەن سىياسى غەرەز بىلەن يەشمە بەرسە چېكىمىزگە لەۋھە قىلىپ ئېسىۋالساق، مەن بۇنداق مەنتىقىنى ياقتۇرمايمەن...
    مەن ھاياتىمدا << دىۋان>>نى نەچچە ئون قېتىم تەكرار كۆردۈم. بۇنىڭدىن كېيىنكى زىمىنىمىز تەۋەلىكىدىكى يەر-جاي ناملىرى ۋە باشقا تۈركىي تىلىغا مۇسىۋەتلىك ئاتالغۇ يەشمىلىرىنى ئاۋال <<دىۋان>>دىن ئىزاھلاشقا يۈزلىنىمەن. ئاندىن قالسا باشقا مەنبەلەرگە ھاۋالە قىلىشىم مۇمكىن.
    تورداشلار !  << ئالياسكىغا دىۋان تېلىسكوپىدىن نەزەر>>دېگەن تەرمىچىمگە قاراپ بېقىڭلارچۇ !  <<مۇ>>قۇرۇقلىقىنىڭ غەرق بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر: <<ئالياس>> - ئۆلۈم ۋەھىمىسى پۇراپ تۇرىدىغان جاي دىگەن يەشمە بىلەن ئون مىڭ يىل مۇقەددەمكى تارىخنى ئەسلىتىۋاتقان تۇرسا...يەنە قايسى رەزىل ئېزىقتۇرۇشلارنىڭ تارىخى تۇمانىدا كومپاس بىلەن نىشان ئىزدەيمىز  ؟ !!!  ئىپتىخارلىق تارىخىمىزنىڭ بۈگۈنكى رەھىمسىز رىياللىق چۆلىگە ئىرغىتقان ئارخىلوگ بىقارارلىقىدىكى << بالاساغۇن>>دىن ئىبارەت بۇ قارا قۇتا ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەردە: سىتالىننىڭ رىجىسورلىقى بىلەن ئۇسۇلغا چۈشكەن بارتولد، <<بالاساغۇن>>نىڭ <<دىۋان>> خەرىتىسىدىكى ئورنىنى ئۆچۈرگەنلىكى ئېنىق تۇرسا !  بۇ شەيتانلىقنىمۇ بار كۈچىمىز بىلەن قوللىدۇق. يەنە بىر شەيتانلىق بىلەن <<بالاساغۇن قازاقىستاندا بايقالدى>>دېسە: ياشلىرىم تاراملاپ قاقاخلاپ كۈلدۈم...
    مىللى خاسلىقىمىز ئىپادىلەنگەن<<ساتۇق>>فامىلىسى، <<سىرلىق تارىخى دېلو>>تەخىرسىز مەسىلىلىرىنى شەخسەن مىنىڭلا ھەل قىلالىشىم ئەخمىقانىلىق. ئىلىم-پەن  بارغانسىرى ئىنچىكە كەسپىلىككە يۈزلىنىۋاتقان شارائىتتا، تورداشلار يىمىرىلمەس بىرلىكسېپىمىزنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بىرىمىز تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن، بىرىمىز تارىخى نوقيىدىن، بىرىمىز ئىرسىيەت نوقتىسىدىن، بىرىمىز توپىنومىيە نوقتىسىدىن ۋە يەنە بىرىمىز ئارخولوگىيە نوقتىسىدىن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇشتايوق ئەكسىچە، سىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلاشنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىنى كۈچلۈك مەسخىرە ئاستىغا ئالسىڭىز ! ئۇرخۇن تورىمۇ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ ...!
yol
| ۋاقتى : 2008-10-10 00:32 14 -قەۋەت
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.065991(s) query 4, Time now is:01-11 09:34, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation