چىڭگىزخاننىڭ سودىگەر ۋە ئەلچىلىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، چىڭگىزخاننىڭ ھەرىكىتى
چىڭگىزخان ئەلچى ۋە سودىگەرلىرى ھەققىدىكى مۇھەممەت خارەزىم شاھنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاڭلاپ، بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، بەلۋېغىنى بوينىغا سېلىپ نالە- زار قىلىپ، يىغلاپ ئۈچ كېچە- كۈندۈز دۆڭدە ياتتى. «تەڭرىدىن مەرھەمەت بولۇپ» چىڭگىزخان دۆڭدىن چۈشتى. خوشال بولۇپ تەڭرىم ماڭا غەلبە بەردى، دەپ چىرىك توپلاپ، تۇران، ئەران تەرىپىگە يۈرۈش قىلىپ، تارىخىي ھىجرىنىڭ 616- يىلى (مىلادى 1220- يىلى) ئوترارغا كېلىپ قايىرخاننى 6 ئاي مۇھاسىرە قىلىپ، ئوترارنى ۋە بۇخارا، سەمەرقەنت، بەلىغ ۋە سىنددەرياسىغىچە ئىشغالىيىتىگە كىرگۈزدى. چىڭگىزخان كىچىك ئوغلى تولۇيخاننى قوماندان قىلىپ ئەۋەتىپ، خوراساننى ئىشغال قىلدى. چىڭگىزخان بۇ شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىش بىلەن خەلقنى قىرغىن قىلدى. خارەزىمنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن چىڭگىزخان ئوغۇللىرى جۇجىخان، زاغاتايخان ۋە ئوكتايخاننى ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ ئۈچ ئوغۇل ئىتتىپاقسىزلىق قىلىپ، خارەزىمنى ئىشغال قىلالمىدى. يەتتە ئاي ئۇرۇش قىلدى. ئاخىرى چىڭگىزخان كىچىك ئوغلى تولۇيخاننى ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە باش قىلىپ ئەۋەتتى. يەتتە ئايدىن كېيىن خارەزىمنى ئىشغال قىلىپ، چاغاتايخان، ئوكتايخان، تولۇنخانلار چىڭگىزخاننىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. جۇجىخان قايتىپ كەلمىدى. ئۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىغىدىكى يۇرتى بولغان دەشتى – قىپچاققا قايتىپ كەتتى. چىڭگىزخان بەلىغنى ئېلىپ سىنىد دەرياسىنىڭ بويىدىن قايتتى. تولۇيخاننى خوراسانغا ئەۋەتتى. تولۇيخان خوراسان مەمىلكىتىنى ئىشغال قىلىپ، چىڭگىزخاننىڭ خىزمىتىگە قايتىپ كەلدى. سۇلتان مۇھەممەت خارەزىم شاھنىڭ چوڭ ئوغلى سۇلتان جالالىدددىن ئاتىسىغا ئەرز ئىلتىماس قىلىپ: «ئى ئۇلۇغ ئاتا، سىزنىڭ شۆھرىتىڭىز دۇنياغا تونۇلغان، يىگىرىمە بىر يىل دۇنيانىڭ يېرىمىدا پادىشا بولدىڭىز، بۇ دىنسىز كاپىردىن مۇنداق قچىپ يۈرەمسىز» دىدى. سۇلتان مۇھەممەت خارەزىم شاھ: ئەي ئوغلۇم جالالىددىن، مەن ئاڭلاۋاتقاننى سىزلەر ئاڭلىمايسىزلەر، ھەر قاچان فۇرۇنتقا ھازىرلانسام، كاپىرلار- بۇزۇقلارنى ئۆلتۈرۈڭلار! دىگەن ئاۋازنى ئاڭلايمەن. بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمگە قورقۇنچ چۈشۈپ كېتىدۇ» - دىدى. سۇلتان جالالىددىن ئاتىسىغا : «ئى ئاتا ماۋارا ئۈننەھىر قولدىن كەتتى. خوراسان ئىراق (ئەراق ئەجەم) قولدىن چىقمىسۇن، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق قوشۇننى توپلاپ ئىراققا بېرىڭ، ھەربىي ئىختىيارنى ماڭا بېرىڭ، مەن چىڭگىزخان بىلەن جەڭ قىلاي» - دىدى. خارەزىم شاھ جالالىددىنىڭ تەكلىۋىنى ياراتمىدى. لېكىن چېچىلغان ئەسكىرىنى توپلاپ سۇلتان جالالىددىن بىلەن چىڭگىزخان ئەسكەرلىرى بىلەن نەچچە قېتىم ئۇرۇش قىلدى. ئۇرۇشلاردا چىڭگىزخان سۇلتان جالالىددىننىڭ مەردانە باتۇرلىغىنى كۆرۈپ مەدھىيلىدى. ئوغۇللىرى چاغاتاي، ئوكتاي، تولۇيخانلارغا :ئاتىدىن ئوغۇل تۇغۇلسا شۇنداق تۇغۇلسا، دىدى. سۇلتان مۇھەممەت خارەزىم قېچىپ يۈرۈپ، «ئابسىكون» دەرەسىدە ① ۋاپات بولدى. مۇنداق ئۇلۇغ بىر پادىشاغا كېپەن قىلىشقا بىر نەرۋە تېپىلماي، ئۆز تون كىيىمى بىلەن دەپنە قىلدى. بۇ دۇنيانىڭ ئىبرەتلىك ئىشىدۇر. ئەقىللىق كىشى ئىبرەت ئالسۇن.
ھىجرى 617- يىلى (مىلادى 1221- يىلى) سۇلتلان جالالىددىن پادىشالىقنى تاشلاپ سوپىلىققا قەدەم قويۇپ، بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيين «ئەۋلىيا بولۇپ غايىپ بولۇپ كەتتى» دەپ رىۋايەت قىلىشىدۇ.
چىڭگىزخان ئىران ۋە تۇراندىن خاتىرجەم بولۇپ، يۇرتىغا قايتتى. چىڭگىزخاننىڭ يۇرتىنى قارا قۇرۇم كىلوران ② دەيتى. چىڭگىزخان بىلەن تۇڭغۇتنىڭ پادىشاھى شىدەرقۇ نەچچە قېتىم ئۇرۇشۇپ ، يەنە ئەل بولۇپ تۇراتتى. شىدەرقۇنىڭ ئون بەش يەردە يۈز مىڭ (1500.000) كىشى بار ئىدى. ئۇ ئەلچى ئەۋەتىپ ئەل بولدى. شىدەرقۇتنىڭ ئەلچىسى بىر ئايلىق مۆھلەت سوراپ قايتىپ كەتتى. بۇ چاغدا چىڭگىزخان كېسەل ئىدى. چىڭگىزخان ئوغۇللىرىغا ۋە قوماندانلىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «مەن ئۆلسەم يىغا- زارە قىلماي، مەخپى ساقلاڭلار، شىدەرقۇنى ئۆلتۈرۈڭلار؛ خەلقنى پاراكدەندە قىلىڭلار، ئىشغال قىلىڭلار» - دىدى. چىڭگىزخان ئۆلدى. چىڭگىزخان ئۆلگەنلىگىنى پاش قىلماي مەخپى تۇتتى. تۇڭغۇت پادىشھى شىدەرقۇ كەلدى. شىدەرقۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ 1500000 ئەسكىرىنى چىڭگىزخان قوشۇنىغا تارتىپ تەقسىم قىلىۋالدى. چىڭگىزخان ئۆلۈشتىن 6 ئاي ئىلگىرى چوڭ ئوغلى جۇجىخان ۋاپات بولغان ئىدى. جۇجىخاننىڭ ئورنى ئوغلى باتۇرغا بېرىلدى. جۇجىخاننىڭ كۆپ بالىلىرى قالدى. ئەمما ئۇلارنىڭ مەشھۇرلىرى ئون تۆت نەپەر بولۇپ، 1. ئوردا، 2. باتۇر، 3. بەركە، 4. بىركجا، 5. شىبان، 6.تاڭقۇت، 7. نودال، 8. چىلارمۇن، 9. سىڭقۇر، 10. چىمساي، 11. مۇھەممەت، 12. ئۇدۇر، 13. بۇقاتمۇر، 14. سىڭكوم ئىدى. جۇجىخان 43 ياشتا ۋاپات بولدى. چىڭگىزخاننىڭ چوڭ خوتۇنى بۈرتە قوچىدىن تۆت ئوغۇل بولۇپ، ئۇلار جۇجىخان، چاغاتاي، ئوكتاي، تويۇنخانلاردۇر. بۇ تۆت ئوغۇل چىڭگىز سەلتەنەتىنىڭ مادارى (تاپانچىلىرى) ئىدى.
بۇلاردىن باشقا يەنە ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. ئۇلار كولكان، جاۋۇر، جۇرجىلەردۇر. چىڭگىزخاننىڭ كېسەللىگى ئاخىرلاشقاندا ئوغۇللىرىنى يىغىپ ۋەسىيەت قىلىپ: «بۇندىن كېيىنمۇ مەمىلكەتتىن مىۋە يىيىشنى خالىساڭلار، ئوكتاينى ئورنۇمدا خان قىلىڭلار، ئەگەر قارىمۇ- قارىشلىشىپ ئىتتىپاقىڭلار بۇزۇلسا شۇنىڭغا ئوخشاشدۇردكى، بىر ئىلاننىڭ بىر نەچچە بېشى بولۇپ، سوغۇقتا ھەر قايسى باش بىردىن تۆشۈككە كىرىشنى تىلەپ ، نەتىجىدە تىنى سوغۇقتا مۇزلاپ ئۆلگەندەك بولىدۇ. ئەگەر ئىلاننىڭ بېشى بىر بولۇپ نەچچە قۇيرىغى بولسا بىر باش بىر تۆشۈككە كىرىپ قالسا سوغۇقتىن ئامان قالىدۇ» - دىدى. چاغاتايخان، ئوكتايخان، تۇلۇيخانلار چىڭگىزخاننىڭ ۋەسىيىتىنى جان- دىلى بىلەن قۇبۇل قىلدى.
چىڭگىزخان ئومۇمەن 25 يىل خانلىق قىلدى. ھىخرىنىڭ 549- يىلى (مىلادى 1154- يىلى ) تۇڭگۇز يىلىدا تۇغۇلۇپ، 73 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ھىجرى 622- يىلى (مىلادىنىڭ 1225- يىلى) ئۆلدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى ۋە قوماندانلىرى تاڭغۇت پادىشاسى شىدەرقۇنى ئۆلتۈرۈپ، خەلقنى ۋەيران قىلىپ، جاھان شاھى چىڭگىزخاننىڭ ساندۇغىنى ئېلىپ يۈردى. چىڭگىزخاننىڭ خوتۇنلىرى ۋە مال- مۈلۈكلىرى كۆپ ئىدى. جۈملىدىن 4 چوڭ خوتۇنى 4 ئوردىدا تەزىيە تۇتتى. «بورخان قالدۇن» دەپ ئاتىلىدىان يەردە بىر چىرايلىق دەرەخ تۈۋىدە چىڭگىزخاننىڭ جەسىدىنى دەپنە قىلدى. بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ يەر ئاجايىپ زىچ ئورمان- جاڭگال بولۇپ كەتتى. ھىچ كىشى ئۇ يەرگە بارالمىدى. چىڭگىزخاننىڭ قەۋرىسىمۇ ناپەيدا بولۇپ كەتتى.
ـــــــــــــــ
① ئابىسكون دەرەسى – خارەزىمدىن ئېقىپ كاسپى دېڭىزىغا قويۇلىدىغان ئابىسكون دەرياسىنىڭ بوغىزىدىكى بىر كىچىك دەريا يەر ئىسىمى بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ دەھشىتىدىن قاچقان مۇھەممەت خارەزىم شاھنىڭ پانا ئالغىلى بېرىپ ئۆلگەن يېرىدۇر. ھازىر بۇ يەر سۇ ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن ( «قامۇس ئەلام» 8-بەت )
②قارا قۇرۇم كىلوران – مۇڭغۇل چىڭگىز دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولۇپ، ھازىر خاراب بولغان. خەنزۇچە «خوروپى» دىيىلىدۇ. ئورنى ئورخۇن دەرياسى بويىدا ئىدى.