2. ھونلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈشى
ئالتايدا ياشايدىغان بىراكسىفال ئاق تەنلىك كىشىلەرنىڭ قايسى دەۋردىن باشلاپ، ئەتىراپقا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئالىملار ئەڭ قەدىمكى مەدەنيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان بىراكسفال سۇمېرلارنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 5000-يىللاردا ئالتاي دالاسىدىن يولغا چىقىپ، غەربى ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان، ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى تۈرك نەسىللىك ئىدى، دەپ قارايدۇ②. بۇ خىل يەكۈن تىل ۋە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار ئاساسىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىسپاتلاندى.
ــــــــــــــــــ
②ۋ.كوپپىرىس: «دەسلەپكى تۈركلىك ۋە ھىندى-گىرمانلار»، تۈركچە، 49-بەت.
ھۇنلارنىڭ ئالتايدىن سىرتقا قاراپ كېڭىيىش تارىخىمۇ مەنبەلەردە ئېنىق ئەمەس. ئېلىمىز مەنبەلىرىدە، ھۇنلارنىڭ مىلادىيىدىن بىر قانچە مىڭ يىللار بورۇن بۈگۈنكى ئىچكى-تاشقى موڭغۇلىيە تەۋەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى خاتىرلەنگەن. مانا بۇ جايلار قەدىمكى غەرب جۇغراپىيە ئالىملىرىدىن ئورىئوس ۋە پىتولومىيىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى قىستۇرما خەرىتىدە «ھۇنلار يېرى» دەپ كۆرسىتىلگەن. بەزى ھىندى مەنبەلىرىدە، ھۇنلارنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 250-يىللاردا كەشمىر ئەتىراپىلىرىدا كۆرۈلگەنلىكى خاتىرلەنگەن①.زوروئاستېر دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «ئاۋبىستا»دا ھۇنلار «ھىيۇن» (hiyun) ۋە «ھىيائونا» (hyaona) دەپ يېزىلغان.
ھۇن دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسى توغرىسىدا، ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرى ئوتتۇرسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. خەنزۇ ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئالىملىرى، ھۇن دېگەن نام ئورخۇن دەرياسىنىڭ نامىدىكى «خۇن» سۆزىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارايدۇ.
ھۇنگىر ئالىمى گ.نېمېز ھۇن دېگەن نام تۈركىي تىلىدىكى «ئىنسان، خەلق» دېگەن مەنىدىكى «گۈن» (كۈن) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان، دەيدۇ.
نېمىس ئالىملىرىدىن ئالزىم ھۇن دېگەن نامنى تۈركىي تىلىدىكى «كۈچ-قۇۋۋەت» دېگەن مەنىدىكى «قۇن» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ چۈشەندۈرسە، ئۆمەليان پېرىتساك ھۇن سۆزى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000-يىللارنىڭ باشلىرىدا «kwan»، «gun»، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىرلەردە «kun» «khun» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، دەيدۇ.
ــــــــــــــــــ
①ر.شافىر: «دەسلەپكى ھۇنلار»،« b h j a u مەجمۇئەسى»، تۈركچە، 38-بەت
ئورخۇن سېلىنگا دەرياسى بويلىرى بىلەن تۈركى تىللىق مىللەتلەر مۇقەددەس بىلىدىغان ئۆتۈكەن ۋادىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا خۇاڭخې ۋە ئوردۇسقىچە كېڭەيگەن ھۇنلار، مىلادىدىن بۇرۇنقى نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەر بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن. بۇ خىل مۇناسىۋەت بەزىدە نورمال دوستلۇق خاراكتېرىدە داۋاملاشسا، بەزىدە ئۆز-ئارا ئۇرۇش قىلىش خاراكتېرىدە داۋاملاشقان. شۇ سەۋەبلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى كۈلپەت- ئەلەسلەرگە ئېچىنغان خەنزۇ شائىرلار: «قالدۇق ئۆي-ماكانسىز ھۇنلارنىڭ بالاسىدىن، ھەر كۈنى ھوشىيار تۇرمىساڭ يېڭىلىسەن ھۇنلاردىن»①. دەپ نەزمە پۈتۈشكەن. مانا بۇ پاكىتلار ئەينى دەۋردە ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۈچۈن ئېغىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھۇنلارنىڭ تېخىمۇ قۇدىرەتلىك بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرا ۋە شەرقى ئاسىيا تارىخ سەھنىسىدە ئۆزىنى كۆرسىتىشى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىن باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە جۇ سۇلالىسى زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەر قايسى بەگلىكلەر ئوتتۇرسىدا ئۈستۈنلۈك، زوراۋانلىق تالىشىش ئۇرۇشى ئەۋج ئالغانىدى. چىن بەگلىكىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرگەن باشقا بەگلىكلەر، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 318-يىلى ھۇنلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ھۇنلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ئارقىلىق چىن بەگلىكىگە تاقابىل تۇرماقچى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان. كېيىن چىن بەگلىكىنىڭ بېگى چىن شىخۇاڭ ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش ئۈچۈن، بەزىبىر تەدبىرلەرنىمۇ قوللانغان. ئالدى بىلەن ئۇ ئىلگىرى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ياساتقان سېپىللىرىنى ئاساس قىلىپ ئۇنى غەربكە سۈرۈپ ھۇنلار ھۇجۇم قىلىپ كىرىدىغان جايلاردا سېپىل سوقتۇرغان. شۇنداق قىلىپ ھۇنلارغا قارىشى مۇداپىئە سېستىمىسى سۈپىتىدە مەشھۇر سەددىچىن سېپىلىنى (چىن تېمى دېگەن مەنىدە) بارلىققا كەلگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھۇنلارغا قارىشى مانا مۇشۇنداق كۈچلۈك تۈردىكى مۇداپىئە سېستىمىسى بارلىققا كەلگەن ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ۋە شەرقى ئاسىيا تارىخىدا ئىككى مۇھىم ۋەقە يۈز بەردى. ئۇنىڭ بىرى، باتۇرنىڭ ھۇن ئېمپىراتورى بولۇشى، يەنە بىرى خەن سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىدى.
ــــــــــــــــــــ
①بەنگۇ: «خەننامە»، «ھۇنلار ھەققىدە قىسە»، ئۇيغۇرچە، 681-بەت
ھۇن مەركىزىدىكى مەلىكىنىڭ ھىمايىسىدىن پايدىلانغان خەن سۇلالىسى دىپلوماتلىرى ۋە ئەلچىلىرى ھۇن ئېمپىرىيىسى زىمىندا ئەركىن-ئازادە ئايلىنىپ يۈرەتتى.ئۇلار ھۇنلار ۋە ھۇنلارغا تەۋە مىللەتلەر ئوتتۇرسىدا ھۇنلارغا قارىشى سۆز-چۆچەك تارقىتىپ، ئاستا-ئاستا ھۇن ئېمپىرىيىسىنى يوقىتىشقا ئۇرىناتتى. بۇنىڭدىن باشقا تىجارەت مېلى سۈپىتىدە ئېلىپ كىرىلىپ، ھۇن ھۆكۈمرانلار تەبىقىلىرى ئارىسىدا يۇقىرى ئېتىبارغا ئېرىشكەن يېپەك رەخىت، ھۇنلارنىڭ مەنمەنچىلىك تۇيغۇسىنى قوزغاپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ بوشاڭ-ھۇرۇنلۇقىنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەندى. كۆك تەڭرىقۇت دەۋرىدە ئانچە كۆپ ھىس قىلىنمىغان بۇ خىل يامان ھادېسە، ئۇنىڭ ئوغىلى كۈن-چىن دەۋرىدە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 161-126-يىللار) چوڭ كۆڭۈلسىزلىكنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە ئۆزىنى كۆرسەتتى. يەنە كېلىپ، باتۇر تەڭرىقۇت ۋە كۆك تەڭرىقۇتقا سېلىشتۇرغاندا، كۈن-چىن تەڭرىقۇت ئىقتىدار جەھەتتىن ئاجىزراق بولغاچقا، ھۇنلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە بەزى مەسىللەرنىڭ كۆرۈلۈشى تەبئىي ئەھۋال ئىدى①.
ۋۇدى خەن سۇلالىسىدە تەخىتكە چىققان مەزگىلدە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 141-89-يىللار)، خەن سۇلالىسى تەسىر دائىرىسنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، نەزىرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىلىنمىگەن رايونلارغا ۋە مىللەتلەرگە يۆتكىدى.
خەن سۇلالىسى ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋەزىيتىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، تاشقى مەسىلىنى قولغا ئېلىپ، ھەممىدىن ئاۋال ھۇنلارنىڭ تەھدىتىنى يوقىتىشقا قەدەم قويدى. ۋۇدى ئالدى بىلەن نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ، تەدبىر-چارىلەرنى تۈزۈپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى.ئۇنىڭ مەقسەت-غايىلىرىدىن بىرى، خەن سۇلالىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كىرىم مەنبەسى بولغان يىپەك رەخىتكە غەرب تەرەپتىكى رايونلاردا يېڭى بازار ئېچىپ، ئىچكى ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىغا قەدەر سوزۇلۇپ بارىدىغان يېپەك يولىنىڭ كونتىروللۇق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيادىكى يات مىللەتلەرنىڭ توسالغۇسىنى يوقىتىشقا توغرا كېلەتتى.
ـــــــــــــــــــــ
①لىن گەن: «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە، 13-بەت
مەلۇم بولغىنىدەك، تەخمىنەن مىلادىيە 1000-يىللارنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملاشقان، ھۇن-خەن ئۇرۇشى، تۈرك-تاڭ ئۇرۇشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرى، مۇشۇ كارۋان يولىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەسىلىسىنى تالىشىشى ئىدى. ۋۇدىنىڭ يىپەك يولى ئۈستىدىكى مىللەتلەر ۋە مەملىكەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە ئۇلار بىلەن ھۇنلارغا قارىشى ئىتتىپاق تۈزۈش مەقسىتىدە غەربكە ئەۋەتكەن ئەلچىسى جاڭ چىيەن، يېرىم يولدا ھۇنلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئون يىل نازارەت ئاستىدا تۇتۇلغان. شۇنداق بولغىنىغا قارىماي، جاڭ چىيەننىڭ بۇ تەرەپلەردە تۇرغان ۋاقىتتا ئېرىشكەن مەلۇماتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يۇقىرىغا سۇنغان تەكلىپلىرى ۋۇدىنى چەكسىز شاتلاندۇرغان. بۇ دوكلات كېيىنكى چاغلاردىكى سۇلالىلەرنىڭ غەربىي يۇرت سىياسىتى ئۈچۈن كۆرسەتمىگە ئايلانغان①.
ۋۇدى دەۋرىدە خەن سۇلالىسى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئۇتۇققا ئېرىشتى. ئۇ بولسىمۇ خەن سۇلالىسى ئۆز قوشۇنىنى ھۇن ئۇسلۇبىدا تەشكىللەپ، ھۇن قوراللىرى بىلەن قوراللاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 318-يىلىدىكى ئىتتىپاق تۈزۈش كېلىشىمىگە قاتنىشىپ، ھۇنلارنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەن جاۋ بەگلىكى دەۋرىدە باشلىنىپ، كېيىن شىمالىىي جۇڭگودىكى فېئودال بەگلىكلەرنى يوقىتىپ،چىن سۇلالىسىنى بەرپا قىلغان چىن شىخۇاڭ دەۋرىدە تىز سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرۇلغان بۇ ھەربىي ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى، خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ۋۇدى دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ قوماندانلىرىدىن ۋېي چىڭ بىلەن خۇ چۈبىڭ تەرىپىدىن زور ئۇتۇققا ئېرىشتۈرۈلدى.
ــــــــــــــــــــــ
①ل.لىگەتى: «بىلىنمىگەن ئىچكى ئاسىيا»، تۈركچە، 51-58-بەتلەر.
ئۇلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 127-يىلى ۋە 115-يىلاردا ئوردۇستا ھۇنلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىشى، ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونىنىڭ غوبى (گۇبى)دىن شىمالغا، ئورخۇن دەرياسى بويلىرىغا سۈرلۈشكە سەۋەب بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھۇنلار بۇرۇنقى قۇدرەتلىك ھالىتىگە قايتىپ كېلەلمىدى. خەن سۇلالىسى ئوردىسىنى قاپلىغان «ھۇن قوشۇنى يېڭىلمەستۇر» دېگەن قاراشمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى.
ھۇنلارغا قۇلقۇ تەڭرىقۇت بولغاندىن باشلاپ، (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 101-96-يىللار) 40 يىل داۋامىدا غەربىي جەنۇب تەرەپتىكى مۇنبەت ۋە باي تۇپراقلار (جۇڭغارىيە، تەڭرىتېغى ئېتەكلىرى، تۇرپان، كۇچار، قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلار) خەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەچكە ھۇنلارنىڭ دۆلەت مالىيەسى ئازلاپ كەتتى. يەنە كېلىپ شۇ ۋاقىتقا قەدەر خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ھەدىيە ۋە خىراج سۈپىتىدە يوللىنىپ تۇرغان مالىيە كۈچلىرىمۇ ئۈزۈپ تاشلاندى. خەن سۇلالىسى تەشۋىقاتىنىڭ ئۆزىنى كۆرىسىتىشى نەتىجىسىدە، ئىچكى زىددىيەتمۇ بارغانسىرى كۈچىيىپ، ئۇرۇش پارتىلاش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى، ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىسلىق ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتىكى ئاجىزلىق تۈپەيلى، قوغشار تەڭرىقۇت ماددى ياردەمگە ئېرىشىش مەقسىتىدە خەن سۇلالىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئۆتتى①. بۇ ۋەقە تۈپەيلى ھۇنلارنىڭ ۋەزىيتى مۇرەككەپلىشىپلا قالماي، بەلكى يەنە ھۇنلار شىمالىي ۋە جەنۇبىي ھۇنلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.
ـــــــــــــــــــــــ
①لىن گەن: «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە، 67-بەت
قوغشار تەڭرىقۇت ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدە، ئۆز ئىنىسى سول قول بىلگە خان چىچى تەڭرىقۇت تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، مىلادىيدىن بۇرۇنقى52-يىلى خەن سۇلالىسىگە بېقىندى. خەن سۇلالىسى پادىشاھى ئۇنىڭغا جاۋجۈن مەلىكىنى ياتلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ھۇن ئېمپىرىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلدى. خەن سۇلالىسى بۇ يول ئارقىلىق ھۇنلارنى ئۆزىنىڭ قولى بىلەن يوقاتماقچى بولدى. چىچى تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىنىڭ قوغشار تەڭرىقۇتنى قوللىغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۋەتتى.لېكىن، خەن سۇلالىسى بىلەن قوغىشار تەڭرىقۇتنىڭ بىرلەشمە كۈچى ئالدىدا نسبەتەن ئاجىزراق ئورۇندا تۇرغان چىچى تەڭرىقۇت، شىمالىي ھۇنلارنى باشلاپ يەتتە سۇدىكى تالاسقا كۆچۈپ كەلدى. ئۇ، سەمەرقەند خانلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ،ئوتتۇرا ئاسىيادا قايتىدىن ئۆزىنىڭ سىياسىي قۇدرىتىنى تىكلىدى. چىچى تەڭرىقۇت مىلادىيدىن بۇرۇنقى 43-يىلى، تالاس دەرياسى بويىدا ئەتىراپى سېپىل بىلەن قورشالغان پايتەخىتنى سالدۇردى. ئەمما، چىچى تەڭرىقۇتنىڭ بۇ يەردىكى ھۆكۈمرانلىقىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 36-يىلى خەن سۇلالىسى قوماندانى چېن تاڭ 70مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىپ، سەمەرقەندتە چىچى تەڭرىقۇت بىلەن قاتتىق سوقۇشتى. ئۇرۇشتا چىچى تەڭرىقۇت، شاھزادىلەر، خانىشلار ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرى بولۇپ، 1518 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، چىچى تەڭرىقۇتنىڭ تالاس دەرياسى بويىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى.
قوغشار تەڭرىقۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ خەن سۇلالىسى يۈرگۈزگەن ھۆكۈمرانلىقى 70 يىل داۋاملاشتى. غۇتۇئارشى تاۋغانوتى تەڭرىقۇت دەۋرىگە كەلگەندە، (مىلادىيە 18-46-يىللار)، ھۇنلار خەن سۇلالىسىگە بولغان بېقىندىلىقنى بىكار قىلىپ، شەرقتە مانجۇرىيدىن، غەربتە قەشقەرگىچە بولغان جايلارنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈردى. غۇتۇئارشى تاۋغانوتى تەڭرىقۇت ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا يەنە نىزا كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قۇرغاقچىلىق ۋە چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىپ، سانسىزلىغان چارۋا-ماللار ئۆلۈپ كەتتى. مانا شۇنداق ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن، مىلادى 48-يىلى، ھۇنلار قايتىدىن شىمالىي ۋە جەنۇبىي ھۇنلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى①.
ھۇنلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، جەنۇبى ھۇنلار ئورخۇن دەرياسى بويلىرىدىن ئايرىلىپ، بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇلىيىدىكى شۇفاڭ، يۈنجۇڭ ۋە ۋۇيەن قاتارلىق رايونلارغا كۆچۈپ كېلىپ، خەن سۇلالىسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، شىمالىي ھۇنلارغا قارىشى كۈچكە ئايلاندى. بۇ مەزگىلدە ھۇنلارغا قاراشلىق موڭغۇل-تۇڭگۇس قوۋملىرىدىن سىيانپىي (سىبىر) ۋە ئوغانلارمۇ خەن سۇلالىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئىسيان كۆتۈرۈپ، شىمالىي ھۇنلارغا قارىشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. جەنۇبىي ھۇنلارمۇ خەن سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ، شىمالىي ھۇنلارغا قارىشى ھۇجۇمغا ئاتلاندى. مىلادىيە 89-يىلى، شىمالىي ھۇنلار ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇب بولدى. شۇنىڭ بىلەن شىمالىي ھۇنلارنىڭ زور كۆپچىلىكى غەربكە قاراپ كۆچتى. بىر قىسىمى ئورخۇن دەرياسى بويىدا تۇرۇپ قالدى②.ئۇلار كېيىن سىيانپىيلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. غەربكە قاراپ كۆچكەن شىمالىي ھۇنلار چىچى تەڭرىقۇت دەۋرىدە، يەتتە سۇ رايونىغا كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان ھۇنلارغا قوشۇلۇپ، ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدە غەربىي ھۇن ئېمپىرىيىسىنى تەشكىل قىلدى. بۇ دۆلەتنىڭ بايرىقى بولسا، ئاچ سېرىق رەڭلىك تۆت چاسا يىپەك بايراق ئىدى. مانا شۇ شىمالىي ھۇنلار مىلادىيە 2-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياۋروپادا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. لېكىن، ھۇنلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ياۋروپاغا كۆچۈشى مىلادىيە 4-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يۈز بەردى. مانا بۇ ھۇنلار تارىختا ياۋروپا ھۇنلىرى، دەپ ئاتىلدۇ.
ـــــــــــــــــــــــ
①«ئىسلام ئىنسىكلوپىدىيسى»، تۈركچە، 12-توم. 2-جىلىد، 152-بەت.
②لىن گەن: «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە، 107-108-بەتلەر.
جەنۇبقا كۆچكەن جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بولسا گاھىدا خەن سۇلالسىگە قارام بولۇپ، گاھىدا مۇستەقىل ھالدا داۋاملىشىپ، مىلادىيە 188-يىلىغا كەلگەندە خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 209-يىلى قۇرۇلغان ھۇن ئېمپىرىيىسى يۇقىرقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ تامامەن يوقالغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئەمەس ئىدى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە خەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، ھۇنلار يەنىلا مۇھىم بىر كۈچ سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلدى. مىلادىيە 4-5-ئەسىرلەردە مانا شۇ ھۇنلار ئېلىمىز تارىخىدا كېيىنكى خەن (مىلادىيە 304-329-يىللار)، ئالدىنقى جاۋ (مىلادىيە 328-352-يىللار)، كېيىنكى شىيا (مىلادىيە 407-431-يىللار)، شىمالىي لىياڭ (مىلادىيە 401-439-يىللار) قاتارلىق پادىشاھلىقلارنى قۇردى. شىمالىي لىياڭ سۇلالىسى مىلادىيە 439-يىلى تابغاچلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنى قۇرغان ھۇنلار ھازىرقى شەرقىي شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ دۆلەت تارىختا «لوپنۇر خانلىقى» (مىلادىيە 442-460-يىللار) دەپ ئاتالدى. بۇ ھۇنلار كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايتى مۇھىم رول ئوينىغان تۈركلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم ئېتنىك مەنبەگە ئايلىنىپ قالدى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھۇنلار بولسا كېيىن خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.
بۇ يەردە ئىككى مەسىلنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. بىرى، غەربنىڭ قەدىمكى جۇغراپىيە ۋە تارىخى ئەسەرلەردە قارا دېڭىزنىڭ شەرقىدىن تارتىپ، تاكى جۇڭگونىڭ شىمالىغىچە بولغان جايلار «سىكتىيە» دەپ ئاتالغان بولسا، بۇ جايدا ياشىغان ھەر قايسى كۆچمەن ۋە ئولتۇراق مىللەتلەر قايسى تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلار بىردەك ھالدا «سىكتىلەر» (سېكىفلەر دەپمۇ ئاتىلدۇ) دەپ ئاتالغاندى. شەرقتىن كۆچۈپ كەلگەن ھۇنلارمۇ قەدىمكى غەرب ئاپتورلىرى تەرىپىدىن مۇشۇنداق نامدا ئاتىلىشتىن خالىي بولالمىدى. شەرقىي رىم ئاپتورلىرى ھۇنلارنى ھېرودوت تىلغا ئالغان قەدىمكى شەرق مىللەتلىرى بىلەن بىر دەپ قارىغان. تودۇرېتۇس ۋە پىرىسكوس قاتارلىقلار ھۇنلارنى «سىكىت» دەپ يازغان. زوسموس بولسا ھۇنلارنى «كىرال سىكىتلىرى» دەپ يازغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھۇنلارنى ئاتاشتا ھېرودوت تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن سىگۇنناي دېگەن نامنىمۇ ئىشلەتكەندى. پىروكوپئوس ھۇنلارنى «كىممىروي» ۋە «ماسساگىت» دەپ ئاتىغاندى. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا غەرب دۇنياسىدا 18-ئەسىردىلا تەتقىقاتلار باشلانغان. لېكىن، غەرب ئىلىم ساھەسىدە ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ ئاسىيادىن كۆچكەن ھۇنلار ئىكەنلىكى ئالىملار تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغانغا قەدەر بولغان ئارلىقتا، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. ئېلىپ ئېيتساق ژ.دېگۇيگەنىس، ژ.كىلاپروت، ك.پ نئومانن، ئا.تىرىي، ۋ.ۋ رادلوف، پ. پېلىئوت، ھى.شىراتورى، ئو.فىرانكى، ر.گىروسېت قاتارلىقلار ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا فىن، فىن-ئۇغۇر، ئۇيغۇر، موڭغۇل، تۈرك- موڭغۇل ئارلاشمىسى، تۈرك-موڭغۇل-مانجۇ ئارلاشمىسى دەپ قارىغان. ۋېنلىن،ئىلىۋايسىكى، زىبىلىن، قاتارلىقلار ھۇنلارنى سىلاۋيان مىللىتىگە باغلىغان.موللېنخوف، ئا.فىخ، ر.مۇخ، ژ.خۇپىن قاتارلىقلار ھۇنلارنى گېرمان مىللىتىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارىغان بولسا، ل.زىلىچ، قاتارلىقلار ھۇنلارنى كاۋكاز قوۋمىگە باغلىغان. ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا بۇنداق كۆپ خىل تالاش-تارتىشنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدىكى سەۋەب، ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسىنى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر تەشكىل قىلغاندى. ئېمپىرىيە ئىچىدە ھاكىميەت يۈرگۈزگۈچى مىللەت ھۇنلار بولسىمۇ، لېكىن ئېمپىرىيە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى تەشكىل قىلغان كۈچلەر ئىچىدە ھەر ۋاقىت گوتلار، گىپىدلەر، ۋانداللار، سىكلوۋىنلار، ئانتىلار، چەرەمىشلەر ۋە موردېۋىنلەر قاتارلىق سىلاۋيان، گېرمان، ۋە فىن-ئۇغۇر خەلقلىرىنىڭ بولۇشى، يەنە شۇنداقلا ئالانلار ۋە سارماتلار قاتارلىق ئىران نەسىللىك خەلقنىڭ بولۇشى، يۇقىرقىدەك كۆپ خىل تالاش-تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.
[ بۇ يازما Ghunche تەرىپىدىن 2008-01-24 22:06 دە قاي ]