بۇ بەتتىكى تېما:غۇلجىدا يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىنىڭ باشلىنىشى | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
udun
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

UID نۇمۇرى: 1168
نادىر تىمىسى : 2
يازما سانى : 570
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە570دانە
شۆھرىتى: 973 نومۇر
پۇلى: 5480 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :292(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 غۇلجىدا يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىنىڭ باشلىنىشى

                                      غۇلجىدا يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىنىڭ 
                                    باشلىنىشى
غۇلجا مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى چېگرا شەھەر. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ غەرب، شەرق قاتنىشىدىكى ئەڭ چوڭ چېگرا ئېغىزىغا جايلاشقان، شۇنىڭدەك " غۇلجا ناھايىتى بۇرۇنلا چىن، بەدەخشان، روسىيە ئارىسىدىكى تىجارەت مەركىزىگە ئايلانغان". (بارتولد، <غۇلجا>، " شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى " 1995-يىل، 3-سان) . غۇلجىنىڭ ئەنە شۇنداق جۇغراپىيىلىك ئورنى ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ مەملىكەت ئىچى، بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مەملىكەت سىرتىدىكى بەزى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەنمۇ باردى- كەلدى قىلىشىغا ، شۇنىڭدەك شەرق-غەربتىن كەلگەن سودا، مەدەنىيەت، مائارىپ ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا قولايلىق بولغان.
غۇلجىدىكى مەكتەپ ۋە مەدرىسلەرنى پۈتتۈرۈپ، يەنىمۇ يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇخارا، ئىستامبۇل، قازان، قاھىرە ۋە باشقا جايلاردىكى ئوتتۇرا شەرقنى ئۈلگە قىلغان مائارىپ مەركەزلىرىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ كېلىشى ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن. ئەنە شۇنداق سىرتتا ئوقۇپ كەلگەن تەرەققىپەرۋەر كىشىلەرنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا غۇلجىدا خېلى بۇرۇنلا بىر قىسىم دىنى مەكتەپلەردە ئانا تىل، ھېساب قاتارلىق پەننىي دەرسلەر كىرگۈزۈلۈشكە باشلىغان.
1840-يىللىرى ئەتراپىدا قازاندا ئوقۇپ كەلگەن زاھىد ئەپەندى، ھەمدە راشىدىن، مەنسۇر دېگەن كىشىلەر دىنى مەكتەپلەردە پەننىي دەرسلەرنى كۆپرەك تەسىس قىلىشنى، بالىلارنى ياش قۇرامى ۋە بىلىم سەۋىيەسى بويىچە سىنىپلارغا ئايرىپ ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىغان.
1851-يىلى چارروسىيە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن " ئىلى-چۆچەك سودا نىزامنامىسى" نى ئىمزالاپ، دەسلەپكى قەدەمدە شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ خام-ئەشيا بازىس ۋە سودا بازىرىغا ئايلاندۇرىۋالدى. بۇنىڭ  نەتىجىسىدە ، روسىيە سودىگەرلىرى شىنجاڭغا كۆپلەپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىدى.
چارروسىيە ئىلىنى بېسىۋالغان 10 يىل(1871__ 1881)دا  روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن يەنە بىر قىسىم كۆچمەنلەر غۇلجىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى(بۇلارنىڭ ئىچىدە ياۋروپانىڭ يېڭىچە مەكتەپلىرىدە تەربىيىلەنگەنلەر ۋە ئاز بىر قىسىم مائارىپچىلارمۇ بار ئىدى.
بۇ چاغلاردا يەنە ئىلى(غۇلجا) دىن بەزى كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ سودا قىلغاچ ۋە ئوقۇغاچ ، ئۇ يەرلەردىكى تەرەققىيات بىلەن يېڭى مائارىپنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى كۆرۈپ كېلىپ، غۇلجىدا پەن-مەدەنىيەت ئۆگىنىشىنى ئاساس قىلىپ، يېڭىچە مەكتەپ ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىدى.
1875-يىلى ئەتراپىدا ئەنە شۇنداق ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋە قوللىشى ، مەرىپەتپەرۋەر سودىگەرلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بەيتۇللا مەسچىتى يېنىدا تۆت سىنىپلىق مەكتەپ سېلىندى ھەمدە بۇ سىنىپلار يېڭىچە پارتا،دوسكىلار بىلەن جاھازىلاندى. ئوقۇغۇچىلار ياش قۇرامى ۋە بىلىم سەۋىيىسى بويىچە سىنىپلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دىنىي دەرسلەر بىلەن بىرلىكتە تىل، ھېساب، تارىخ، جۇغراپىيە دەرسلىرى ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. بۇ مەكتەپ غۇلجىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۆلىما ناسىر ئەلەمنىڭ قوللىشى، ۋېلىباي، باۋۇدۇنباي، شېرىپىدىن باي قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر بايلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلدى. مەكتەپنىڭ دەسلەپكى مۇدىرى قازاندا ئوقۇپ كەلگەن زاھىد ئەپەندى ئىدى. زاھىد ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەكتەپكە << ئىلى مەكتەپ >> دەپ ئىسىم قويۇلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بۇ مەكتەپ 1881-يىلىدىن 1883-يىلىغىچە بولغان 3-قېتىملىق "كۆچ-كۆچ " مەزگىلىدە ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازلاپ، بىر مەزگىل يېپىلىپ قالغان بولسىمۇ ، 1889-يىلىغا كەلگەندە مۇسابايوفلارنىڭ قوللىشى بىلەن يەنە ئەسلىگە كەلگەن ۋە نامى <<ھۈسەينىيە مەكتىپى >> گە ئۆزگەرتىلگەن. ( بۇ ھازىرقى 3-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاساسى ئىدى)
1896-يىلىغا كەلگەندە، باۋۇدۇن مۇسابايوف كونا سىنىپلارنىڭ يېنىغا يېڭىدىن ئۈچ سىنىپ سالدۇرۇپ، سىنىپ سانىنى يەتتىگە يەتكۈزگەن. ئۆز ۋاقتىدا " بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلاردىن ھاشىر ئىمىن، شەمشىمۇھەممەت نۇرى، نىياز ئاخۇن، ئاخۇنلۇق، نۇرنىجات(چوڭ پاشا) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇلاردىن ھاشىر ئىمىن،شەمشىمۇھەممەت نۇرىلار مائارىپچى، چوڭ پاشا قاتارلىقلار خەتتات ۋە تارىخچى بولۇپ يېتىشكەن. "(ئىمىن ئىبراھىم:<غۇلجا شەھەر 3-باشلانغۇچ مەكتەپ تارىخى>، " غۇلجا شەھەر تارىخ تارىخ ماتىرىياللىرى"،1-كىتاب)
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىن دەرسى بىلەن پەننىي دەرسلەرنى بىرلىكتە ئوقۇتىدىغان تۆۋەندىكى مەكتەپلەر بار ئىدى: ئوردا مەھەللەدىكى مۇسابايوفلار قورۇسىدا ئېچىلغان مەكتەپ ؛ خېلىل، مەخپىر ئەپەندىلەر قۇرغان توغرا كۆۋرۈكتىكى مەكتەپ(1890-يىلى)؛ ئابدۇمۇتائالى كامالى ئاچقان تۆتكۆۋرۈكتىكى مەكتەپ(1895-يىلى)؛ ئۆزبېك مەسچىت يېنىدىكى مەكتەپ(1896-يىلى)؛ كەشفۇل ئەسرار داموللام قۇرغان تاتار مەسچىت يېنىدىكى مەكتەپ(1900-يىلى)؛ ئۈچ دەرۋازا سايبويى مەسچىت يېنىدىكى مەكتەپ(1903-يىلى)؛ ھەرەمباغ قىزىلكۆۋرۈك يېنىدىكى مەكتەپ(1905-يىلى)؛ بۇلاق دادامتۇ مەكتىپى(1909-يىلى). بۇ مەكتەپلەر ئۆز ۋاقتىدا << دەرنەك >> ( مەنىسى: ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان جاي) دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئاساسەن يېڭىچە مەكتەپلەر قاتارىغا كىرەتتى. دەرس پروگراممىسىدا قازان ۋە ئىستامبولدىكى يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ پروگراممىلىرى بويىچە دەرس ئۆتۈلەتتى.
1907-يىلىدا غۇلجىدىكى دەرنەك مەكتەپلىرى ئىشلەتكەن دەرس جەدۋىلىگە قارىغاندا، بۇ مەكتەپلەردە بىر ھەپتىدە جەمئىي 26 سائەت دەرس ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ 13 سائىتى تىل-ئەدەبىيات، ھېساب، جۇغراپىيە، ھۆسىنخەت، تازىلىق دەرسلىرى بولۇپ، قالغان 13 سائىتى قۇرئان، ئىسلام دىنى، ئىلىم ھال، قىرائەت قىسسە قاتارلىق دەرسلەر ئىدى.


    مەنبە: <<ئۈمىد يۇلتۇزى>> ناملىق كىتاب.
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-04-17 04:10 دە قايتا ]

نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-01-26 16:40 |
Ela
دەرىجىسى : ياساۋۇل

UID نۇمۇرى: 1811
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 38
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرىتى: 198 نومۇر
پۇلى: 300 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
3 - باشلانغۇچ  مەكتەپنىڭ  ئورنى  بەيتۇللانىڭ  كەينىگە  توغرا  كېلىدۇ .  




1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-13 18:16 |
Ela
دەرىجىسى : ياساۋۇل

UID نۇمۇرى: 1811
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 38
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرىتى: 198 نومۇر
پۇلى: 300 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

3 - باشلانغۇچنىڭ  ئورنى ،  رەسىمنىڭ  ئوڭ  قول  تەرەپتىكى   ئاۋۇۇۇۇۇ   ئاق  تۇرغان ئورۇن  شۇ   ئورۇن شۇ .




چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-13 18:46 |
mavlan
دەرىجىسى : يۈز بېشى


UID نۇمۇرى: 1140
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 318
ئۈنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە318دانە
شۆھرىتى: 599 نومۇر
پۇلى: 295 سوم
تۆھپىسى: 61 نومۇر
ۋاقتى :512(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
قىستۇرما :
نىجات مەكتىۋى .
ئالمىلق قەدىمى شەھىرىگە جايلاشقان  (ھازىرى مازار  ياكى 61 پولىك دەپ ئاتىلىدۇ ،  ئورنى :غۇلجا  قورغاس ناھىيىسى 61پولىك )، بۇيۇرىتتىن نۇرغۇن مۇنەۋەر  سەركەردىلەر چىققان ئەڭ قىسقىسى يىقىنىقى زاماندىكى ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلانىنىڭ ئوفىسىر جەڭچىلىرى تەربىيلىنىپ چىققان .(شۇيۇرىتتىكى نىجات مەكتىۋى 1914يىلى قۇرۇلغان بولوپ شۇيۇرىتتىكى تۆت باي مەبلەق سىلىپ ئاچقان ،شۇيۇرىتتىكى تۇنجى ئىچىلغان پەنى مەكتەپ ،مەكتەپ قۇرغۇچىسى ئابدۇللا ئەپەندى ،1946يىلى 3ۋىلايەت ھۆكىمىتى بۇمەكتەپنى ھەربى مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرىتكەن ، ماھىنۇرقاسىم ھەدىمىزمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ساۋادىنى چىقارغانكەن 1994يىلى نىجات مەكتىۋى 80يىلىقىنى تەبىرىكلىگەندە شۇنداق دىگەن  ،  بۇمەكتەپ ھازىرمۇ شۇ نام بىلەن  بار .
شۇ يۇرتتكى مەرھۇم ئابدۇللا(ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ) ئەپەندىنىڭ ئىيىتشىچە ،ھازىر بۇيەردە ئاران 300ئائىلىك قالغان  ، ئەسلى ئازادلقتىن ئىلگىرى نۇپۇسى 20مىڭدىن ئارتۇق ئىكەن ، كىينكى ئىككى قىتىملق زور كۆلەمدىكى قاچ -قاچتىن كيىن   بۇيەردە ئاران 7 ئائىلىك قالغان ئىكەن  .
مەنبە :خاتىرە دەپتىرىم
[ بۇ يازماmavlanتەرپىدىن2009-05-13 20:42دە قايتا تەھ ]

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-13 19:32 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا مائارىپ
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !