niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 قەغەزچىلىك

قەغەزچىلىك


جۈمەنىياز) ۋارىس تېكىن


  )( خوتەن ۋىلايەتلىك مەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىن )

   يىپەك يولى سودىسىدا يۇقىرى تاۋار قىممىتىگە ئىگە خوتەن قەغىزى ئۇزاق مۇددەتلىك تەكرار ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىدا كەسپلىشىشكە، كۆلەملىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بىر خىل قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتى.تارىختا " خوتەن قەغىزى " نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ مەھسۇلات يېڭى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەھدىتى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ ئېسىل نەمۇنىسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە.قەغەزچىلىك خوتەننى مەركەز قىلغان ھالدا يەكەن، قەشقەر تەرەپلەرگىچە كېڭەيگەن بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە.  خوتەن شەھرى ۋە خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر قانچە ناھىيىدە مەخسۇس قەغەز ئىشلەپچىقىرىدىغان " قەغەز مەھەللىسى " ، " قەغەزچى " ، " قەغەز كوچىسى "  دېگەندەك مەھەللە ۋە ھۈنەرۋەنلەر بارلىققا كېلىپ، تا ھازىرغا قەدەر قەغەز ئىشلەش ھۈنىرى بىلەن تونۇلۇپ كەلمەكتە.
1.قەغەزنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىقەغەزنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى ئۈجمە ۋە توغراق دەرىخىنىڭ قوۋزىقى . قەغەز ياساشتا ئالدى بىلەن ئۈجمە ياكى توغراق دەرىخىنىڭ قوۋزىقى سويۇۋېلىنىپ، سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. قوۋزاقلار بىراز يۇمشىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سىرتقى قوپال قاتلىمى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، ھەمدە ئىچىدىكى نېپىز ئاق قەۋىتى ئايرىۋېلىنىپ، قازانغا سېلىپ قاينىتىپ بوتقا ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ قوۋزاق بوتقىسى ياغاچ توقماق( ياغاچ بولقا )بىلەن سوقۇپ ئېزىلگەندىن كېيىن، مەخسۇس ياسالغان ياغاچ تۇڭغا سېلىنىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قوچۇپ ئۇماچ قىلىنىدۇ. تەييارلانغان قوۋزاق ئۇمىچى مەخسۇس ياسالغان ياغاچ چۆمۈچتە قەغەز ياساش قېلپىغا قۇيۇلۇپ، سۇ كۆلچىكىدە سۈزۈلىدۇ. قېلىپنىڭ يۈزى تەكشىلەنگەندىن كېيىن ، شۇ پېتى كۈن نۇرىغا قاقلاپ تىزىپ قويۇلىدۇ. قېلىپتىكى بوتقا تولۇق قۇرۇپ قەغەزگە ئايلانغاندىن كېيىن قېلىپتىن سويۇۋېلىنىدۇ. بۇ دەسلەپكى مەھسۇلات " خام قەغەز "  دېيىلىدۇ. قەغەزنىڭ بىر تاختىسى ئادەتتە 42 - 46  سانتىمېتىرلىق ئۆلچەمدە بولىدۇ. قەغەز ياساشتا سۇ كۆپرەك كېتىدۇ.
2. قەغەز ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارقەغەز ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياغاچتىن ياسىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۈرلىرى ۋە رولى بار.ياغاچ بولقاقەغەز ياساش ئۈچۈن تەييارلانغان قوۋزاقلارنى يەنچىش ( ئېزىش ) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.قازان تەييارلانغان قوۋزاقلارنى قاينىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.كارسان ( ياغاچ داس ) تەييارلانغان قوۋزاق بوتقىسىنى قاچىلاپ سۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكىلىشكە ئىشلىتىلىدۇ.ياغاچ چۆمۈچ ( پىچكوك ) ياكى ياغاچ قاچاكەمچىگۈچ تەييارلانغان قوۋزاق ئۇمىچىنى تەڭ نىسبەتتە ئۇسۇپ قەغەز قېلىپىغا قۇيۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.قەغەز قېلىپى  ئۇزۇنلۇقى 50 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 45سانتىمېتىر كېلىدىغان چاسا شەكىللىك، بىر يۈزىگە تور رەخت تۇتۇلغان رامكا.قاشتېشى سۈرگۈچ خوتەن قاشتېشى سىلىق، سۈزۈك، پارقىراق بولغاچقا، خام قەغەزنىڭ يۈزىگە سۈركىسە قەغەزنى سىلىق، پارقىراق ۋە پىششىق ھالەتكە ئەكىلىدۇ.
3. قەغەزنى پىششىقلاپ ئىشلەشخوتەن قەغىزى ئادەتتە خام قەغەز ۋە پىششىق قەغەز دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. خام قەغەزنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانى يۇقىرىدا سۆزلەندى. خام قەغەزنى شۇ پېتى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى تېخىمۇ سىپتا ۋە پارقىراق قىلىپ ئىشلەشكە توغرا كەلگەندە، گۈرۈچنى ئېزىلگۈچە قاينىتىپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن قەغەز يۈزىگە تەكشى سۈركەپ پاتلاپ، قاشتېشى سۈرگۈچ بىلەن سۈركەپ سىلىقلىنىدۇ. بۇ " پاتلانغان خوتەن قەغىزى "  ياكى " پىششىق قەغەز " دەپ ئاتىلىدۇ.4.خوتەن قەغىزىنىڭ ئالاھىدىلىكى خوتەن قەغىزى ئاسانلىقچە يىرتىلمايدۇ، ئەۋرىشىم بولۇپ، قاتلىشىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ قايتا تۈزلەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئاسانلىقچە چىرىمەيدۇ، كۈن نۇرى ۋە نەملىكتىن ئۆزگەرمەيدۇ. رەڭگى ئاق، سۈپەتلىك بولۇپ، پاتلانغاندىن كېيىن يۈزى سىلىق بولىدۇ، رەڭ يېيىلمايدۇ، قەلەمنىڭ ئۇچىنى ئىلىۋالمايدۇ. ئۇزاق يىللاردىن كېيىنمۇ سارغىيىپ كەتمەيدۇ.
5 . خوتەن قەغىزىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى قەغەز ئۇزاقتىن بېرى ئۇيغۇر مەدەنىي ھاياتىدا كەڭ قوللىنىلشتىن سىرت، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ ئىشلىتىلگەن. سىپتا ياسالغانلىرى ( پاتلانغانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) قەدىمكى مۇھىم تارىخىي ۋەسىقىلەر، دىنىي ئەسەرلەر، خەت - چەك ئالاقىلىرىنى يېزىش، ھەر خىل گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلگەن، خام قەغەزلەر بولسا دورا -دەرمانلارنى ئوراش، كىيىم - كېچەكلەرگە قاتۇرما قىلىش، ئىشىك - دېرىزىلەرنىڭ كۆزلىرى، ھەمدە ئىشىك -دېرىزە، تاملارنىڭ تۆشۈك ۋە يېرىقچىلىرىغا چاپلاپ شامالدىن، توپىدىن ساقلىنىش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلگەن.
6. قەغەزنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ۋاقتى 
قەغەز ياساش ئاساسەن خام ماتېرىيال، پەسىل ۋە كۈن نۇرىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا باغلىق بولىدۇ.خوتەندە قەغەزنىڭ خام ئەشياسى بولغان ئۈجمە ۋە توغراق قوۋزىقى ئاساسەن تولۇق. بىراق قەغەزنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ يۇقىرى - تۆۋەن بولىدۇ. 5-،6-،7-،8- ئايلار كۈن نۇرى كۈچلۈك ۋاقىت بولغاچقا قەغەز كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. 9-، 10-، 11- ئايلار كۈن نۇرى ئاجىز ۋاقىت بولغاچقا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان قەغەزنىڭ مىقدارى ئازىيىدۇ. قالغان ۋاقىتلاردا ئاساسەن قەغەز ئىشلەپچىقىرىلمايدۇ.
7. قەغەز ۋە قەغەزچىلىك قورال - سايمانلىرىغا دائىر ئارخېئولوگىيىلىك ئۇچۇرلار
1980 -يىلى خوتەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى نىيە خارابىسىدىن بىر ياغاچ بولقا قېزىۋالغان. بۇ ياغاچ بولقىنىڭ دەستىسى 1300سانتىمېتىر بولۇپ، ھازىرقى قەغەز ياسايدىغان ياغاچ بولقىلارغا ئوخشايدۇ. بۇ ياغاچ بولقا ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتىدۇ.1999 - يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى چىرا ناھىيە ئۇزۇنتات شەھەر خارابىسى ئورنىدىن بىر قاشتېشى سۈرگۈچ، بىر قاشتېشى پالتا يىغىۋالغان.بۇ بۇيۇملار ھازىر خوتەن مۇزېيىدا ساقلانماقتا.قاشتېشى سۈرگۈچ ئۈچ قىرلىق بولۇپ، ئاستىنقى سۈرگۈچ يۈزىنىڭ كەڭلىكى ئالتە سانتىمېتىر، قالغان ئىككى تەرەپ( تۇتقۇچ قىسمى ) يۈزىنىڭ كەڭلىكى بەش سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى يەتتە سانتىمېتىر كېلىدۇ. سۈرگۈچنىڭ ئاستىنقى يۈزى ناھايىتى سىلىق، پارقىراق بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا ناھايىتى كۆپ قەغەزلەرنى سىلىقلاشقا ئىشلىتىلگەنلىكى  كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.1959 - يىلى 10 - ئايدا شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى نىيە خارابىسىدىن نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىۋالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇزۇنلۇقى 43 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2.9 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر پارچە قەغەزمۇ بار①. 1999 - يىلى 12 - ئايدا لوپ ناھىيىسى تەۋەسىدىن تۆت پارچە ۋەسىقە تېپىلغان بولۇپ، ھەممىسى ئۈجمە قوۋزىقىدىن ئىشلەنگەن قەغەزگە يېزىلغانىكەن. بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ ساقلىنىپ قالغان قىسمى 88 X 2، 15X28 سانتىمېتىر بولۇپ، ۋاقتى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگە تەئەللۇق. بۇ قەغەز پۈتۈكلەر ھازىر خوتەن مۇزېيىدا ساقلانماقتا.يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە خوتەن دەرياسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مازارتاغ خارابىسىدىن بىر پارچە بۇتخانا ھېسابات دەپتىرى تېپىلغان بولۇپ، دەپتەردە قەغەز سېتىۋېلىشقا دائىر تۆۋندىكىدەك مەلۇمات  خاتىرىلەنگەن: " 60 يارماققا بىر تاختا قەغە سېتىۋالغىلى بولىدۇ...، 100 يارماققا ئىككى تاختا، 100 يارماققا ئاق قەغەزدىن ئىككى تاختا ئالغىلى بولىدۇ...، بىر تاختا قەغەز 54 ، 50 ، 60 يارماقلارغا سېتىلىدۇ... " ② .1907 - يىلى ئەنگلىيىلىك ستەيىن لوپنۇر كۆلىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى تۇرا خارابىسىدىن مىلادىيە Ⅰ ئەسىرگە ئائىت بىر پارچە سودا ھۆججىتى تاپقان③.1901 - يىلى ستەيىن يەنە شۇ لوپنۇر ئەتراپىدىن بىر نەچچە قەغەز پارچىسىنى تېپىۋالغان. بۇ قەغەزلەر مىلادىيە 220-420 - يىللار ئارىلىقىدىكى دەۋرگە ئائىت بولۇپ، 0191 - يىلى بوتانىكا ئالىمى ۋېسنېرنىڭ ئانالىز قىلىشى ئارقىلىق بۇ قەغەزلەرنىڭ ئۈجمە قوۋزىقىدىن ئىشلەنگەنلىكى مەلۇم بولغان④.ئارخېئولوگ خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى 1933 - يىلى تارىم ۋادىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپ، باشقا يادىكارلىقلار بىلەن بىرگە بىر نەچچە پارچە قەغەز ئەۋرىشكىسىنى تېپىۋالغان. ئۇنىڭ بىر پارچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 100 سانتىمېتىر كېلىدىكەن. جاڭ ۋېنلىڭنىڭ " ئېلىمىز قەغەز پۈتۈكچىلىكىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى" ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇاڭ ۋېنبى تاپقان بۇ قەغەزلەرنىڭ يىل دەۋرى ئاز دېگەندىمۇ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 46 - يىلىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە تەئەللۇق بولۇپ، ئۇ خەنزۇچە خاتىرىلەردە تىلغا ئېلىنغان سەيلۇن قەغىزىدىن 150 يىل ئىلىگىرىكى قەغەز ھېسابلىنىدىكەن⑤. ستەيىن مازارتاغ خارابىسىدىن تاپقان 119 پارچە تىبەتچە ۋەسىقىنىڭ 28 پارچىسى خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان ئىكەن⑥.ھازىر شىنجاڭنىڭ جاي - جايلىرىدىن تېپىلغان خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان تۈرلۈك مۈزمۇن ۋە تۈرلۈك تارىخىي دەۋرلەرگە تەئەللۇق قوليازمىلار ئېلىمىز ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا.خوتەن قەغەزچىلىكى ھازىر ئۇستىلارنىڭ شاگىرتلارغا ئۆگىتىشى بىلەن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خىل ئەنئەنىۋى قەغەزنىڭ تاۋارغا ئايلىنالماسلىقى سەۋەبلىك  بۇ خىل كەسپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بارغانسېرى بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ قالماقتا.
 
ئىزاھلار:
①" شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسىنىڭ 30 يىلى " شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983 - يىلى خەنزۇچە نەشرى، 64 - بەت.
②لى يىنپىڭ : " بۇددا ئېلى ئۇدۇن " شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995 يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 276 - بەت.
③خانېدا تورۇ: " غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى" شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 83 - بەت.
④⑤ئابلىز مۇھەممەت سايرامى: " قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەغەزچىلىكى توغرىسىدا« - ئۇيغۇرچە»شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى " نىڭ 1996 - يىلى 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى سانى.
⑥" شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى "  خەنزۇچە 1992 - يىللىق 2 - سانى.
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2004 – يىل 4 – سان
bilqut
Posted: 2008-01-27 23:22 | [ئاپتور]
bares
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

نىمە دىگەن ئىسىل ئۇچۇر .مەن ئەزەلدىن خەن مىللىتىنىڭ  قەغەزنى ئەڭ بۇرۇن بىز ئىجات قىلغان دىگەن سۆزىگەچۇقۇم خوتەن قەغەزىنىڭ ئەڭ ياخشى جاۋاپ بۇللاليدىغان لىقىنى پەرەز قىلاتتىم .مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ دەستىكى سۇنۇپتۇ .سەيلون مۇ ئەسلى خەن مىللىتىدىن ئەمەسقۇ ؟شۇڭا سەيلون ھەققىدە ،بىر ماتىر يال يوللاپ قويغان بولسىڭىز ....ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدسدا ..سىز گە كۆپ رەھمەت جاپ تارتتىڭىز .
1som
Posted: 2008-01-28 14:18 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ھۈنەر - كەسپ

Total 0.071874(s) query 4, Time now is:02-15 08:15, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation