بۇ ماقالىدا كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان يەر ناملىرى ھەققىدە:
1]نارىن دەرياسى__________ قىرغىسىستاندا، مەنىسى پاتقاق دېگەنلىك بولۇپ، نارىن شەھىرى بۇ دەريا بويىغا جايلاشقانىكەن.
2]ئىسسىقكۆل_________ قىرغىزىستاننىڭ شەرقى شىمالى قىسمىدا، بۇ كۆل شىمالى تەڭرىتاغدىكى ئاقماس كۆلدۇر، كۆل دېڭىز يۈزىدىن 1609 مېتىر ئىگىز، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 720 مېتىر، كۆل سۈيى تۇزلۇق. بۇنىڭ ئىسسىقكۆل دەپ ئاتىلىشىغا خەلق ئارىسىدىكى سۈيى مۇز تۇتمايدىغان ئىسسىق سۇلۇق كۆل دېگەن چۈشەنچە سەۋەپ بولغان.
3]پىشپەك__________ بېشكەك، قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى،
4]ئەنجان_________ قەدىمى شەھەر، ھەر تەرەپتىن كەلگەن كارۋان يوللىرى بۇ يەردە تۇتىشىدۇ. ئەنجاندى غەربى جەنۇپقا ماڭسا قوقان، گۈلىستان، بۇخاراغا؛ غەربى شىمالغا ماڭسا نەمەنگان، تاشكەنتلەرگە؛ شەرقى شىمالغا ماڭسا بېشكەك، بالاساغۇن، ئالمۇتا، ئاقسۇلارغا؛ شەرقى جەنۇپقا ماڭسا قەشقەرگە بارغىلى بولىدۇ.