بۇ بەتتىكى يازما : پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

arslanhan
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 12
شۆھرىتى: 13 نومۇر
پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-06

 پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشى

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا udun دىن ئۇيغۇرلاردا مائارىپ غا يۆتكەلدى (2008-02-05)
ئەڭ دەسلەپتە پەلەستىن ھازىرقى ئىسرائىلىيە ،گازا،ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە ئىئوردانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.يەھۇدىيلەر بىلەن ئەرەپلەر بۇ ماكاندا ئولتۇراقلاشقانىدى.
  بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پەلەستىن ئەنگىلىيىنىڭ "ھامىلىي ھۆكۈمرانلىقىدىكى جاي" بولۇپ قالدى. ئەنگىلىيەئۇنى ئىككى بۆلەككە ، يەنى ئىئوردان دەرياسىنى چىگرا قىلىپ، شەرقىي ۋە غەربىي بۆلەككە ئايرىدى. شەرقىي بۆلەك تاشقى ئىئوردانىيە (ھازىرقى ئىئوردانىيەپادىشاھلىقى) دەپ، غەربىي بۆلەك يەنىلا پەلەستىن (ھازىرقى ئىسرائىلىيە،ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە گازا رايونى) دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلار پەلەستىنگە كۆچۈپ كېلىش جەريانىدا يەھۇدىيلار بىلەن پەلەستىندىكى ئەرەپلەر ئارىسىدا كۆپ قېتىم قانلىق توقۇنۇش بولدى .1947-يىلى 11-ئايدا ب د ت پەلەستىننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىشقا دائىر 181-نۇمۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ ،27مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان پەلەستىن زىمىنىدا يەھۇدىيلار دۆلىتى بىلەن پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇشنى ، يىرۇسالىمنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى بېكىتتى. 1948-يىلى 14-ماي ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلدى. بۇ قارار پەلەستىنلىكلەر ھەم ئەرەپ ئەللىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن ، پەلەستىن دۆلىتى دۇنياغا كېلەلمىدى.
  ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەرەپلەر بىلەن ئىسرائىلىيىلىكلەر ئوتتۇرىسىدا بەش قېتىم زور كۆلەملىك ئۇرۇش پارتىلىدى. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق يىرۇسالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى، يۈزمىڭلىغان پەلەستىنلىك يۇرت-ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ مۇساپىر بولۇپ كەتتى. ئۇزۇندىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئەرەپلەر زىمىنىدا يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىسى،"بۈيۈك ئىسرائىلىيە دۆلىتى"قۇرۇش غەرىزىدە بولدى.
  مىللەتلەر ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، يۇرت ماكانىغا قايتىش ئۈچۈن پەلەستىنلىكلەر قوراللىق كۈرەش قىلىشقا باشلىدى. 1964-يىلى 5-ئايدا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى. بۇ تەشكىلات "پەلەستىن زىمىنىدا يەھۇدىي قىساسچىلىرىنى يوقىتىش"نى نىشان قىلدى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن پەلەستىن ئىسرائىلىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى قوراللىق كۈرەشنى باشلىدى. ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش ئىككى تەرەپكە ھېچكىمنىڭ ھېچكىمنى يوقىتالمايدىغانلىقىنى تونۇتتى. خەلقئارا جەمئىيىتىنىڭ ياراشتۇرىشى ئارقىسىدا ئىككى تەرەپ مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى .
    1991-يىلى 10-ئايدا مادرىد ئوتتۇرا شەرىق تىنىچلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئەرەپلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا جاپا-مۇشەققەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى. بۇ سۆھبەت ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق قەدىمىگە دائىر ئاچقۇچ بولدى. 1993-يىلى 9-ئايدا پەلەستىن -ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ تۇنجى تىنچلىق كېلىشىمى____ پەلەستىن ئاپتونومىيىسىنىڭ << پىرىنسىپال خىتابنامىسى>> نى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ يەنە بىر يۈرۈش كېلىشىم ئىمزالىدى. ۋاھالەنكى، بۇ كېلىشىملەر بىر نەچچە نۆۋەتلىك ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەستەن ئارقىغا سۈرۈشى سەۋەبىدىن ئۈزۈل-كېسىل ئىجرا قىلىنمىدى. گەرچە ئالاقىدار كېلىشىمگە ئاساسەن، پەلەستىن 1994-يىلى 5-ئايدا ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىراق ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى سۆھبەتتە ئىككى تەرەپنىڭ يىرۇسالىمنىڭ تەۋەلىكى ، يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىسى، پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى يۇرت-ماكانىغا قايتۇرۇش، ئىككى تەرەپنىڭ چرگرىسىنى ئايرىش قاتارلىق قول تۇتىدىغان مەسىلىلەردە ئىختىلابى ئېغىر بولغانلىقتىن ، ھازىرغىچە مەڭگۈلۈك تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنمىدى.
  2000-يىلى 9-ئايدا ئىسرائىلىيىدىكى قاتتىق قوللار گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى شارۇن ئىسلام مۇقەددەس جايى ئاقسا مەسچىتىگە كىرىپ ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر مەيدان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە قانلىق توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .بولۇپمۇ 2001-يىلى3-ئايدا شارۇن ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن شارۇن بىر قاتار قاتتىق سىياسەتنى قوللانغانلىقتىن ، پەلەستىندىكى بەزى رادىكال تەشكىلاتلار ئىسرائىلىيىگە قارىتا بىر قاتار "تېرورلۇق ھەرىكىتى "نى پەيدا قىلدى . بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە قاتتىق زەربە بېرىپ ئۆچ ئالدى ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ ۋەزىيىتى ئۆچ ئېلىشقا قارشى تۇرۇشتەك يامان خارەكتىرلىك ئايلىنىشقا چۈشۈپ قالدى.


                                                    << شىنجاڭ مائارىپى >> ژورنىلى 2003-يىل 1-سان
1som
Posted: 2008-02-05 16:05 | [ئاپتور]
hujam
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 6
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 2 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-14

 

بۇ بىر قىرىنداشلار ماجراسى..
1som
Posted: 2008-02-07 03:22 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.063905(s) query 4, Time now is:02-15 08:11, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation