Quote:
7 - قەۋەتتىكى TarimDadxah 2008-03-17 14:47 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ھەجەب ئاچچىقىم كەلدىيا ، تور جاسۇسىمۇ يا بۇ ؟ AD IP سىنى تەكشۈرۈپ باقساڭلارچۇ ئا گۇينىڭ !
........................................................................
TarimDadxah ئاكا، ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. بۇ بەتتە تور جاسۇسلىرى دەيدىغان ئىنسانلار خېلى بار،دېيىلىپ بولغان گەپلەرنى قەستەن قايتىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زىتىغا تېگىپ گەپ كوچىلاپ، زىددىيەت پەيدا قىلىپ، ئورخۇننىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇلۇق قىلىپ، بىرەر گەپ تېپىپ تورنى تاقاتقۇزىۋېتىشنى ئويلايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە قەستەن گەپ تېشىۋاتقانلارنىڭ ئىنكاسىنى قەتئى ئۆچۈرۈپ تاشلاش كېرەككەن دەپ قالدىم. بۇنداقلارنى باشتا، بىلمىگەننى بىلىۋالسۇن دەپتىكەنمىز، بىراق مۇنبەرنى سېسىتىدىكەن. بۇ بەتنى پىكىر يىغىدۇ دەپ قالغان بولسا خاتالىشىپتۇ، بۇ بەتتە ھۆكۈمەتنىڭ نەشرىياتىدا چىقىۋاتقان ، چەكلەنمىگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت تارىخى ماتىرىياللار يىغىلىدۇ، خالاس.
باشقا غەرەزدىكى ئىپلاسلارنى يولاتماسلىق كېرەك، توردىن چىق، دېيىش كېرەك. ئۇنداقلارنىڭ بولمىغىنىغا، بۇ تور بەت قۇرۇپ قالامتى؟ كېيىنكىلەر ساۋاق ئالىدۇ. قانداق دېدىم كۆپچىلىك؟