kisek
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 20
شۆھرىتى: 23 نومۇر
پۇلى: 220 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-02
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-18

 قەشقەرىيەدىكى خوجىلار

"خوجا"دىگەن بۇ پارىسچە ئاتالغۇنىڭ مەنىسى ماۋرائۇننەھىر ۋە قەشقەرىيەلەردە چۈشىنىلگەنگە ئوخشاش بولۇپ،ئۆزىنىڭ نەسەپلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيسالامغا ،ياكى ئەرەپ خەلىپىلىگىدىكى دەسلەپكى تۆت چاھارىيا(تۆت خەلىپە) لارغا باغلىغان قىزغىن مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ.بۇخارا ۋە قەشقەرىيەدە نۇرغۇن مۇشۇنداق جەمەتلەر بولغان."تارىخى رەشىدى"بىزگە بۇ ئەۋلىيا،ۋەلى سانالغان كىشىلەر سۇلتان سەئىدخان(1514-1533)غا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىرلىرىنى كۆرسەتكەنلىگىنى ئېيتىدۇ.سەئىدخان ئىسلام دىنىغا ئىنتايىن ئىتائەتمەن بولۇپ،ئۇ ئۆزى ھەتتا دەرۋىش بولۇش قارارىغىمۇ كەلگەن،لېكىن سەمەرقەنتتىن ئۈلگۈرۈپ كەلگەن خوجا مۇھەممەت يۈسۈف نىڭ توسۇشى ئاستىدىلا بۇ نىيىتىدىن يانىدۇ،مۇھەممەت يۈسۈف سەئىدخانغا،بۇ دەھرى دۇنيا(世俗世界،ئەلمانىي)دا ياشاپمۇ ئاللاھنىڭ رەخمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىغى توغۇرلۇق ئۇنى قايىل قىلىدۇ(تارىخى رەشىدى).سەئىدخان ئوخشاش تەلپۈنۈش كەيپىياتىدا باشقا بىر خوجا،يەنى "پىر كالان،ئۇستاز"ۋە "مۆجىزە يارىتالايدۇ"دەپ تەرىپلەنگەن  قەسىر.مەخدۇمى.نۇرى نى كۈتىۋالىدۇ،<تارىخى رەشىدى>بۇ كىشىنى تىلغا ئالغان ۋە مەزكۇر خوجىنىڭ تەخمىنەن 1530-يىلىدىكى قەشقەردىكى ئەلچىلىك سالاھىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ 1536-يىلى ھىندىستانغا يول ئالغانلىغىنى قەيت قىلىدۇ.يەرلىك رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ،1533-يىلى سەمەرقەنتتىن بىر كۆزگە كۆرۈنگەن خوجا كېلىدۇ،ئۇ قەشقەرگە سۇلتان بىلەن ئۆزبەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە-كېلىشىمگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى،"ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئايالى قەشقەردە تۇرىدۇ".بىر ئايالى سەمەرقەنتلىك،يەنە بىر ئايالى قەشقەرلىك بولۇپ،ئۇنىڭ ئىككىئوغلى بار ئىدى.بۇ ئىككى ئوغۇل ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك-ئاداۋەتنى ئۆز ئوغۇللىرىغا مىراس قالدۇرىدۇ،قەشقەرىيە 2گۇرۇھقا بۆلىنىدۇ،ئاق تاغلىقلار قەشقەردە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ،قاراتاغلىقلار يەركەندتە ھاكىمىيەت يۈرگىزىدۇ.

بۇ بۆلىنىشنىڭ ھەقىقى سەۋەبەنىڭ نىمە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر،16-ئەسىر ئاخىرىدىن17-ئەسىرگىچە75يىلدا، ئىككى تەرەپ(شەخسى ئاداۋەت بولۇپلا قالماستىن دىنىي تالا-تارتىشمۇ بار)قەشقەرىيەدە ھەممىسىلا ئەمىلى ھوقۇقتىن بەھرىمەن ئىدى.ئاق تاغلىقلار ئىلى رايۇنىدىكى قىرغىز-قازاقلار تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋەتلىنىش ئىزدىگەن؛قارا تاغلىقلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى قارا قىرغىزلاردىن ياردەم- قوللاش ئىزدەيدۇ.چاغاتاي ئەۋلاتلىرىنىڭ بۇ ئەلمانىي خانلىغى بارا-بارا مۇشۇ ئىككى گۇرۇھ خوجىلارنىڭ كونتىروللىغى ئاستىدا قالىدۇ،تاكى تەخمىنەن مىلادى1678-يىلى قەشقەرىيەنىڭ ئاخىرقى سۇلتانى ئىسمائىلخاننىڭ ئۇلارغا تەدبىر قوللانماقچى بولۇشلىرىغىچە ئۇلىشىدۇ.ئىسمائىلخان ئاق تاغلىقلارنىڭ داھىسى ئاپپاق خوجىنى قوغلايدۇ،ئاپپاق غوجا جۇڭغارلار(ياكى غەربى موڭغۇل،قالماقلار)ئارىسىدىن ياردەم ئىزدەيدۇ،جۇڭغارلار قەشقەرگە كىرىپ ئىسمائىلخاننى ئەسىرگە ئېلىپ،ئورنىغا ئاپپاق خوجىنى تەيىنلەيدۇ،جۇڭغارلار يەنە ئاپاق خوجىغا ياردەم قىلىپ دۈشمىنى--يەركەندتىكى قاراتاغلىقلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە يەركەند ئاپاق خوجىنىڭ پايتەختى بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيە قايتىدىن بىرلىككە كېلىدۇ،لېكىن بۇ بىرلىك" ئىلاھىيەت ھوقۇقى"ئاستىدا بولىدۇ ۋە قالماقلار قۇرغان يېڭى موڭغۇل ئىمپىرىيەسى"جۇڭغارىيە"نىڭ ھامىلىغىدا بولىدۇ.

"بىرتەرەپلىمىلىك"پاتقىغىغا پاتقان بۇ چاغاتاي ئەۋلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەختتىن چۈشۈشى ئۈچۈن يول-ئىمكانىيەت ھازىرلايدۇ ۋە چىچەن،پۇرسەتپەرەس "خوجا"لارغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
bilqut
Posted: 2008-02-06 19:44 | [ئاپتور]
kalgunqi
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن
1som
Posted: 2008-02-10 17:50 | 1 -قەۋەت
kimsiz
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 10
شۆھرىتى: 11 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

مېنىڭچە ئاپاق خوجىنىڭ قىلمىشى ھېچنىمە ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ئېڭى يوق. سىياسىيغا ئەزەلدىن ھېسىىيات نۇقتىسىدىن قاراپ كەلدۇق. شۇڭا كۆپ قېتىم زىيان تارتتۇق.
Posted: 2008-03-17 11:55 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار

Total 0.068535(s) query 4, Time now is:03-21 08:56, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation