TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئىلى ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا


ئۇيغۇرلا ئىلىغا چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە كەلگەنمۇ؟ ئۇندىن بۇرۇن ئىلىدا ئۇيغۇرلار يوقمىدى؟ مانا بۇ سۇئال دائىم بېشىمنى قاتۇراتتى. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلا شىنجاڭغا مىلادى 840- يىلى كەلگەن، ئۇندىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار يوقتى دىيىشلىرىچۇ؟ گەرچە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار بولسىمۇ، يەنىلا شۇ كالتا تارىخنى دەستەك قىلىۋالىدۇ بەزى‹يولداش›لار. بۇنداق ۋاقىتتا شۇ تارىخى بايانى كىتاپلارنى ئېلىپ، كۈزىگە تىققۇم كىلىپ كىتىدۇ شۇلارنىڭ.

ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك، ئىلى ئۇيغۇرلىرى زادى قانداك شەكىللەنگەن؟ قانداق ئولتۇراقلاشقان؟

ئىلى ئۇيغۇرلىرى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاجرالماس تەركىۋى قىسمى سۈپىتىدە ئۆزلىرى ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن ئانا ماكان- ئىلى ۋادىسىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاۋاتلاشتۇرۇشقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قۇشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى سىياسى، مەمۇرى ۋە مەدىنىيەت، سەنئەت ئىشلىرىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە نۇرغۇن قېتىملاپ قەيت قىلىنغان.

تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىنى مىلادىدىن ئىلگىرىدىن ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ. ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋادىسى، تارىم ۋادىسى ۋە تىيانشان ئىتەكلىرى قەدىماىن تارتىپ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئانا ماكانى ئىدى. «ئۇيغۇرلار مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرىدىكى چاغلاردا تۇغلۇقلار دىگەن نام بىلەن شەرقى ۋە غەرىبى ئىككى قىسىمغا بۈلۈندى.»، «غەرىپتىكى ئۇيغۇرلار ئىرىتىش دەرياسى بىلەن بالقاش كۈلۈنىڭ ئارلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى.» (ھاجى نۇر ھاجى: «قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 3-بەت). بۇ ئارلىق ئەلبەتتە ئىلى ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى تارىخى ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بۇۋىللىرى كۆچمەن ھالدا ياشاپ كەلگەن. بۇلار كۆچمەن خەلىق بولغانلىقتىن، فىيۇدالىزىم تۈزۈمىگە ئاستا ئۆتكەن. بۇ كۆچمەن فىيۇدالىزىم چارۋىچىلىق خۇجۇلۇقى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى يايلاقلارنى ئىگىلەش ئاساسىدا راۋاجلانغان. شۇ مەزگىللەردە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلار « تارانچى» دەپ ئاتالغان. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ھىلىھەم ئۆزلىرىنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتايدۇ. بۇ ھەقتە تارىخچى دوكتۇر رىزانور « كونا زامانلاردىن بىرى تۈرۈك تارانچىلىرى سارىسۇ، ئىلى، تارىم، سىر، ئامۇ دەريالىرى كانارلىرىدا ۋە ئارىلىرىدا چۆپلۈكلەرنى سۇغارماق ئۈچۈن مۇھىم قاناللار ياپمىشلەر، ھۇبۇبات ئەكمىشلەر، مىۋە ياغاچلارى يىتىشتۈرمىشلەر...... دۇنيانىڭ ھېچبىر يىرىدە بۇ تارانچىلاردەك تۇپرىقىغا يەرلىشىدىغان، ئۇنى سۈيۈدىغان ۋە مۇداپىيە ئىتىدىغان خەلق يوق.»، « ئىلى سۈزى تۈرۈكچىدە مەشھۇر دىمەكتۇر، تارىم- تۈرۈكچىدە تارىماق مەنىسىدىن كەلگەن، زىرائەت ئەتمەك دىمەكتۇر. ئەسلى تۈرۈكچىدە چۆپچىنى تارانچى دەر ئىدى». يەنە بەزى تارىخى ماتىرىياللاردا «تارانچى» دىگەن سۆزنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا بارلىقى، بۇ مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللا دىۋانى» دىگەن ئەسىرىدە تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مەھمۇت قەشقىرى «تارانچى» دىگەن سۆز (دىۋاندا تارىغچى دەپ ئېلىنغان) نىڭ قانداق ياسالغانلىقىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «پۈتۈن تۈرۈك قەبلىلىرى  ھۈنەر-كەسىپ قىلغۇچىلارنىڭ سۈپىتىنى ئىپادىلەشتە ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا ئوخشاشلا ....‹چى› نى قۇشۇدۇ. مەسىلەن: ‹تارىغ- ئاشلىق› سۈزىدىن ‹تارىغچى-دېھقان› ....... دىگەن سۆزلەرنى ياسىغانغا ئوخشاش» (تۈركى تىللار دىۋانى، 2-توم 63-، 64- بەتلەر). بۇنىڭدىن ئىلى ۋادىسىدا قەدىمقى زامانلادىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكى، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ «تارانچى» دەپ ئاتىلىشى مۇڭغۇللار ياكى جۇڭغارلار تەرىپىدىن قۇيۇلغان نام بولماستىن، بەلكى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن ئېلىنغانلىقى ئېنىق كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئىلى ۋادىسىدا مىلادىدىن كىيىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ياشىغانلىقى ۋە كۈرەش قىلغانلىقىغا دائىر تارىخىي ماتىرىياللار خېلى كۆپ. ئۇيغۇرلار «5- ئەسىردىن باشلاپ.... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ئىتەكلىرىدىكى جايلاردا ياشىدى» (قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى 2- بەت). تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا 5- ئەسىردە سېلىنغان، شۇ چاغدا ئوتتىرا ئاسىيانىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيەت ماركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئالمالىق شەھىرىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار ئىدى. 5- ئەسىردە ئۇيغۇرلار ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋە تىيانشاندىكى يايلاقلار ئۈچۈن جورجانلارغا قارشى كۈرەش باشلىغان. جورجان تۈرۈكلىرىنىڭ قاغانى شىرون زامانىسىدا (مىلادى 400- يىلدىن 411- يىلغىچە) قاغانلىقنىڭ زىمىنى غەرىبى جەنۇپتا ھازىرقى قارا شەھەرگىچە، غەرىپتە ئىلى ۋادىسىغىچە، شەرىقتە چاۋشەننىڭ غەرىبىگىچە، شىمالدا ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇپتا ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلىيىنىڭ جەنۇبىغىچە بولغان. ئۇيغۇرلا مىلادى 487- يىلى جورجانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، تارىختا «ئىگىز ھارۋىلىقلار (قاڭقىللار) خانلىقى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر خانلىقىنى (487-546- يىللار) قۇرغان. ياپۇنىيىلىك تارىخچى ئەنبۇ جيەنفۇمۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىگىز ھارۋىلىقلار يەنى تۇغلۇقلار 6- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا خىللىرى كۆپ، يۇقالماس مىللەت دەپ قارىلىپ كەلدى.»، «شۇنداق قىلىپ تۇغلۇقلار دۇنياغا تۇنۇلمىغان بولسىمۇ، لىكىن ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيەدىن تاتىپ شەرىقى، غەرىبىي تۈركىستانغىچە بولغان بىپايان زىمىندا شۇ خىلدىكى مىللەتلەر قەيسەرلىك بىلەن كۈپەيگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئاخىر 7- ئەسىرنى كۈتۈۋالدى» (غەرىبىي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقات. خەنزۇچە نەشىرى، 5-، 6- بەتلەر). دىمەك بۇنىڭدىن 6-7- ئەسىرلەردە ئىلى ۋادىسىنىڭ «ئىگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى» دائىرىسىدە بولغانىقىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.

بىز ئۇنىڭدىن كىيىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقى يەنى شەرىقى ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدىكى تارىخى ماتىرىياللاردىنمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا دائىر ئاساسلارنى تاپالايمىز. شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللا دىۋانى» دىنمۇ بىز ئىلى ۋادىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا دائىر نۇرغۇن ئىشەنچلىك مەنبەگە ئىگە بۇلالايمىز.

بىز ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ھازىرقى شىمالى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىغا دائىر بايانلارنى ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىەە بىرىلگەن مۇقەددىمىسىدىنمۇ كۈرۈۋالالايمىز: «دەسلەپكى مەزگىللەردە شەرىقتەرەك جايلاردا، ھىچبولمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى ئىتتىپاقى بولغان. بىرى ھازىرقى جۇڭغارىيە دەپ ئاتىلىدىغان جايدا ياشىغان بۇلۇپ، نايمان ئۇيغۇرلار، يەنى ‹سەككىز ئۇيغۇرلار› دەپ ئاتالغان. يەنە بىرى ئۇرقۇن دەرياسى بىلەن تولا دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان بۇلۇپ، ‹توققۇز ئۇيغۇرلار› دەپ ئاتالغان. توققۇز ئۇيغۇرلار غەرىبى جەنۇپقا قوغلىۋىتىلگەن چاغدا سەككىز ئۇيغۇرلار كونا ئورنىدا قېلىۋەرگەن. چىڭگىزخاننىڭ دەۋرىدىمۇ ئۇلارنى مۇشۇ جايدا كۆرگىلى بۇلاتتى»(تارىخى رەشىدى، خەنزۇچە نەشىرى، 1- قىسىم 106- بەت).

ئۇيغۇر خانلىقى ئىچكى ماجرا ۋە تەبىئى ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن 839- يىلى يىمىرىلگەندى كىيىن، بۇ خانلىقنىڭ شەرىقى قىسمىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈتۈكۈن تاغلىرىدىن ئايرىلىپ، خانلىقنىڭ خەرىبى قىسمىدىكى كەڭ جايلارغا كۈچۈپ كەلدى. 840- يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىلىرىدىن بولغان ياغمىلار ۋە قارلۇقلار ئىلى، يەتتىسۇ ۋە چۇ رايۇنلىرىدا، يەنى ئىلگىركى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەرىبى زىمىنىدا، بالاساغۇننى مەركەز قىلغان بىر ھاكىمىيەت قۇردى. كىيىنچە بۇ ھاكىمىيەتكە قەشقەر رايۇنىمۇ تەۋە بولدى... بۇ ھاكىمىيەت ‹قاراخانىلار› دەپ ئاتالدى. بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسى ئاھالىسى تەركىۋىدە... ياغمىلار ۋە قارلۇقلاردىن باشقا ...... چىگىللەر، ئاندىن باسمىل، توخسى، چارۇق.... قەبىلىلىرىمۇ بار ئىدى. (تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىگە كىرىش سۆز، 2-، 3- بەتلەر).

قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ھۈكۈمرانلىقى 9- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىن 13- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىغىچە داۋام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 850- يىلدىن 1250- يىلغىچە بولغان تۆت ئەسىر داۋامىدا قۇچۇ خانلىقىمۇ ھۈكۈم سۈردى. بۇ ئىككى ئۇيغۇر خانلىقى چەتئەل تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ‹غەرىبى ئۇيغۇر خانلىقى› دەپ ئاتالدى.يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەكتى بولغان ياغما، توخسى، چىگىللەر قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىدا ئالاھىيدە رول ئوينىدى. قاراخانىلار خانلىقى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ياغمىلار قەشقەرنى ئىگىلىگەن ئىدى. ‹قاراخانىلار خانى تۈركىي قەۋملىرى ئىچىدە جەڭگىۋارلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان ياغمىلاردىن چىقتى›، ‹ياغمىلار باشلىقىنى بۇغرا، قاراخان ئۇنۋانى بىلەن ئاتايتتى› (قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى). ‹ياغمىلارنىڭ خانى بۇغراخان دەپ ئاتىلاتتى، ھالبۇكى بۇ نامنىڭ تۈرۈكلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام خانلىقى، يەنى... قاراخانىلار خانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى شەك-شۈبھىسىز›. بىز مۇنداق خۇلاسىنى 10- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا تۈزۈلگەن قەدىمقى جۇغراپىيىلىك تارىخى ئەسەر «ھۇدۇدۇلئالەم» ناملىق ئەسەردىنمۇ كۈرەلەيمىز.

ئىلى ۋادىسىنىڭ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى نۇرغۇن تارىخى ئەسەرلەردە تىلغا ئىلىنىدۇ: «ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنى تەخمىنەن بالقاش كۈلۈنىڭ شەرىقى چېتىگىچە، ھەمدە غۇلجىغىچە بارغان ھەمدە جۇڭغارىيىنىڭ غەرىبى چېتىگىچە كىڭەيگەن». (گرېنارد: ‹بۇغراخان ھەققىدە رىۋايەتلەر›) بۇ خانلىقنىڭ چېگرىسى ‹غەرىبى تىيانشاننىڭ شىمالى ئىتىكىدە، غۇلجىنىڭ شىمالىدىكى تەلكە تاغلىرىدىن شىمالغا قاراپ ئالاتاۋغىچە بارغان».(غەرىبى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات). يۇقىرىقى تارىخى ماتىرىياللاردا ۋە «ھۇدۇدۇلئالەم» گە قىستۇرۇپ بىرىلگەن خەرىتىدە ‹غۇلجا› دىگەن نام ئۇچرايدۇ. بۇ پاكىتنىڭ ئۈزى ‹غۇلجا› دىگەن نامنىڭ قەدىمدىن تارتىپ، ھىچبولمىغاندا 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ھۈكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە ئىلى ۋادىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىغا دائىر بىرنەچچە پاكىتنى كۆرگىلى بۇلىدۇ: چىڭگىزخاننىڭ 2- ئوغلى چاغاتاي ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار بولغان ئالمالىقنى ئۆز خانلىقىنىڭ پايتەختى قىلغان. ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشى ئىلىدا تۇغۇلغان. ئىجادىي پائالىيىتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەۋلانە يۈسۈپ سەككاكىمۇ ئىلىدا ياشىغان. ئۇنىڭ قەبرىسى چاپچال ناھىيىسىدىكى خونىخاي مازىرىدا.

چىڭ سۇلالىسى (1644-1911) ھۈكۈمرانلىقىنىڭ دەسلىۋىدە ئىلى ۋادىسىدا ئۇيغۇرلار زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئاساسى سەۋەۋى، چىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلارنى باستۇرۇش جەريانىدا جۇڭغارىيىدىكى ئاھالىنىڭ ئاساسە دىگۈدەك يېرىمى قىرىپ تاشلانغان. چىڭ سۇلالىسى ھۈكۈمرانلىرى ھۈكۈمەت ئەسكەرلىرىنى بېقىش ۋە ئۇلارغا ئىستىكام قۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن قەشقەرىيىدىن ئىلىغا ئادەم يۆتكىگەن. 1759- يىلىدىكى ئۈچتۇرپان قوزغىلىڭىدىن كىيىن 6000 ئۇيغۇر ئائىلىسى ئىلىغا كۈچۈرۈلگەن. ئۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلاردىن 600 ئائىلە قاينۇققا، 500 ئائىلە قاشقا، 1100 ئائىلە بولوبورغۇسقا، 900 ئائىلە جىرغىلاڭغا، 400 ئائىلە تاش ئۆستەڭگە، 600 ئائىلە بايتۇقايغا، 800 ئائىلە خونىخايغا، 500 ئائىلە دادامتۇغا، 600 ئائىلە ئارا ئۆستەڭگە ئۇرۇنلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2000 ئائىلە ئۇيغۇر ئىلىغا كۈچۈرۈلگەن. بۇلار نىلقا، توققۇزتارا ۋە باشقا جايلارغا ئۇرۇنلاشقان.

200 نەچچە يىلدىن بىرى باشقا جايلاردىن ئىلىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە قان-تەر تۈكۈپ، شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ، ئىلىنى ئىسمى- جىسمىغا لايىق،يىراق-يېقىنغا مەشھۇر بولغان گۈزەل ۋادىغا ئايلاندۇردى. دىمەك، يۇقارقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئىلى ۋادىسى قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى بۇلۇپ كەلگەن. ئۇلار بۇ ۋادىنى گۈللەندۈرۈش ھەم بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۇلىدا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن ئۇرۇن ئېلىپ  كەلدى ۋە كەلمەكتە.



«گۈلشەن ۋادىدىكى ئىزلار» ناملىق كىتاپتىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-19 11:39 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » رىۋايەتلەردىكى تارىخ

Total 0.067320(s) query 3, Time now is:12-05 16:16, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation