بۇ بەتتىكى يازما : سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى ( غالىب بارات ئەرك) بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

alpaghut
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-14
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى ( غالىب بارات ئەرك)

سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ماكانى  ھەققىدە مۇھاكىمە
غالىب بارات ئەرك


مەن بۇ قانلىق تارىخ ناخشىسىنى ،
ئېيتىپ قالدۇرىمەن ئەۋلادلىرىمغا .
ئۇلار مەڭگۈ ئۇنۇتمىسۇن،
يۇغۇرلار كەلگەن يىرقتىكى شىجى خاجىدىن .

بوۋىلارنىڭ ناخشا قوشاقلىرىدىن بىلدۇقكى ، ئەجدادىمىزنىڭ ئانا يۇرتى شىجى خاجىدۇر . بۇرۇننىڭ بۇرۇنىدا نۇرغۇن يىللار بۇرۇنقى بىر چاغدا  قاتتىق بوران چىقىپ مال ۋارانلىرىنى ئۇچۇرتۇپ چېدىرلىرىنى قۇم بېسىپ كەتكەن. دەريالار قۇرۇپ يايلاقلار ۋەيران بولغان . ئالتۇن قۇببىلىق بۇدخانىلەرنىمۇ تاپقىلى بولمىغان . ئەنە شۇندا ھايات – ماماتلىق پەيتلەردە ياغى چۇجۇم قىلىپ كېلىپ ئېلىمىزنى ، ئەجداتلىرىمىزنى يۇقاتماق بولغان . ئەجداتلىرىمىز بۇ ۋاقىتتا بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلاتتىكەن ، ئەجداتلىرىمىز يات دىندىكىلەرنىڭ تاجاۋۇزىنى دەفئى قىلماق ئۈچۈن مەيدىسىگە مۇشتلاپ جەڭگە ئاتلىنىپتۇ ، كۆپ ئەرەنلەر ئۆلۈپتۇ ،يارىلىنىپتۇ . شۇنداقتىمۇ  سانى ئاز بولسىمۇ قەتئى قارشى تۇرۇپتۇ ، چۈنكى ئۇلار قوي – پادا ئەمەستە خالىغانچە ئۆلتۈرىدىغان. ياۋ ئۇلارنى چەمبەردەك قورشىۋاپتۇ ، ئەمما ئەر – ئايال ، قېرى – ياش ئۆلسىمۇ باش ئەگمەپتۇ . قەبىلە باشلىقلىرى مەسلىھەت قىلىشىپ قاراڭغۇدا قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ شەرققە قېچىپتۇ . چىئەنفۇدوڭ ۋە ۋەنفۇشالاردىن ئۆتۈپ جىئۇچۇەن شەھرىدە چېدىر تىكىپتۇ . ... بۇ ۋاقىئەلەر مىڭ سۇلالىسىنىڭ خوڭۋۇ يىللىرىدا بولغان بولۇپ نەچچە يۈز يىللار ئۆتتى . شىجى – خاجىنىڭ ناخشىسى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئېيتىلىپ ئۆچمەس تارىخ بولۇپ يۈرەكلەرگە ئورناپ كەتكەن.
                                                                      --- يۇغۇر خەلق داستانلىرىدىن نەسىرلەشتۈرۈلگەن پارچە 
بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز بۇددىغا ئېتىقات قىلىدىكەن ، كېيىن ئىسلامغا (islantço ) ئېتىقات قىلغىلى ئۇنىماپتۇ ، بىزنىڭ خاقانىمىز بىزنى باشلاپ ئېلىپ كەتتى . ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ناھايىتى كۆپ بولۇپ 10 تۈمەندىن ئاشىدىكەن ، بىز çitşi-hatşiدىن مېڭىپ – مېڭىپ ئاخىرى كۈن چىقىدىغان تاغقا يەتتۇق ، يەنە نەچچە ئاي مېڭىپ tçhanfutuŋ wanfuça غا يەتتۇق ، بىز ئەنە شۇ يەردە تۇرۇپ قالدۇق . ئۇ يەردە 3 ئەۋلات ياشىدۇق ، 3 ئەۋلات ياشىغاندىن كېيىن خاقانىمىز گېسارخاننىڭ خاتۇنىنى بۇلاپ كەلدى .
                                                    ---- سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹ گېسارخان ›› قىسسىسىنىڭ تۈركىي پارچىسىدىن 
تارىخ كىتاپلىرىدا سارىخ ئۇيغۇر ، 黄头回纥 ، 撒里畏兀، 黄黄番دىگەن ناملار يولۇقىدۇ ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئۆزلىرىنى سارەغ يۇغەر ~ شارا يۇغەر دەپ ئاتايدىغان يۇگۇ مىللىتى بار . بۇ ماقالىدە مۇشۇ ناملاردا ئاتالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىشى ، ئانا ماكانى قاتارلىقلار ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلۈپ بۇلارنىڭ ئەسلىدە ھازىرقى چاقىلىق ، چەرچەن ناھىيىلىرىنىڭ قەدىمكى ئاھالىلەردىن ئىكەنلىگى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزىلىدۇ.
چاقىلىق ، چەرچەن ناھىيىلىرىنىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرىدىغان بولساق مۇشۇ دائىرىدە  ”سارىخ ئۇيغۇر“لارنىڭ ياشايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بار ، مانا بۇنىڭغا ئالدى بىلەن ياركەنت سەئىدىيە سۇلالىسىنىڭ جامائەت ۋە دۆلەت ئەربابى، ئاتاقلىق تارىخچى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگانى ئۆزىنىڭ ‹‹ تارىخى رەشىدى ›› ناملىق كىتابىدا بەرگەن ئۇچۇرلىرىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.
‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇللىرىنىڭ تارىخى – تارىخى رەشىدى ››نىڭ 1 – قىسمىدا ماڭلاي سۈيەنىڭ دائىرىسىنى كۆرسەتكەندە : ‹‹ ئۇنىڭ شەرقى چېگرىسى كۈسەن بىلەن تاربۈگۈر ، غەربى چېگرىسى سام ، غاز بىلەن جېكشىمان (بۇ جايلار پەرغانە چېگرىسىدا ) ، شىمال تەرىپى ئىسسىق كۆل ، جەنۇبى تەرىپى چەرچەن بىلەن سارىغ ئۇيغۇر ›› دىيىلگەن. ئالىم ئەسىرىدە ئۇيغۇر ئېلى (866- 1363) تېرىتۇرىيىسىنى ‹‹ ئۇيغۇرىستان ›› دەپ ئاتىغان بۇلۇپ ، سېرىغ ئۇيغۇر نامى ئۇيغۇر ئېلىنى كۆرسەتمەستىن ئەمەلىيەتتە چاقىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىدىكى ئۇيغۇر رايۇنىنى كۆرسەتكەن.
«تارىخى رەشىدى ››نىڭ2 - قىسىم 89- بابىدا ”تۆپۈتنىڭ شىمالى ۋە شەرقى تەرەپلىرىدە ياركەند، خوتەن، چەرچەن، لوپ، كىتىك، سارىغ ئۇيغۇرلاردۇر، باشقا جايلار قۇملۇقتۇر“ (1)دىيىلگەن.
تارىخچى چەن بوچۇەن «سېرىغ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىكىسى، ئولتۇراقلاشقان جايلىرى ۋە نامى ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق ماقالىسىدا «تارىخى رەشىدى››نىڭ 1898- يىلى نەشىر قىلىنغان ئېنگىلىزچە لوندۇن نەشرىدە: ”... خوتەن تاغلىرىغا قاچتى، يەنە پاش بۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ بۇ يەردىن چەرچەن (Jurjan  ( ۋە  لوپ كاتاك (Lop katak ( قاتارلىق سېرىغ ئۇيغۇرلار رايونىغا قېچىپ باردى“ (2) دىگەن جۈملىلەر بارلىغى يازىدۇ. موللا مۇھەممەت ئىبىن ئەبدۇلغەفۇر تەرجىمە قىلغان  ئۇيغۇرچە «تارىخى رەشىدى››دە بۇ جۈملە ”خىزىر خوجە خاننى مەزكۇر 12 كىشى ئۇ تاغلاردىن ئېلىپ قېچىپ ، خوتەن تاغلىرىغا باردى. ئۇ يەردىن سېرىق ئۇيغۇر چەرچەن ، لوپ، كىتىك تەرەپلەرگە باردى“ (3) دىيىلگەن. بۇ جۈملە يەنە موللا مىر سالىھ كاشغەرى «چىڭگىزنامە›› ناملىق كىتابىدا :  ”قەمەرىددىن خەبەر ئالىپ كىشى بۇيرۇدى ، خىزىر خاجە خاننى خوتەن تاغىغا ئالىپ قاچتىلەر. قەمرىددىندىن قورقۇپ چۇرچەن،  سارىخ ئۇيغۇر،  لوپ ۋە كىتىك سارى ئالىپ قاچتى“ (4) دەپ يېزىلىدۇ. ‹‹ تارىخى رەشىدى ››نىڭ 60 – بابىدا يەنە سۇلتان سەئىدخاننىڭ خوتەن بىلەن خىتاي ئارىسىغا جايلاشقان سارىغ ئۇيغۇرلارغا غازاتقا قوشۇن ئەۋەتكەنلىگى خاتىرىلەنگەن. يۇقۇرىدا بىز كۆرگەن مىسالدىكى لوپ ۋە كىتىك قاتارلىق ئوتتۇرا ئەسىرلەردە مەشھۇر بولغان شەھەرلەر ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىگە جايلاشقان. ‹‹ تارىخى رەشىدى ››نىڭ مۇشۇ ئۇچۇرلىرى بىزگە ھازىرقى چاقىلىق ، چەرچەن ناھىيىلىرى تەۋەسىدىكى ئاھالىنىڭ  ”سارىخ ئۇيغۇر“ ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بەردى. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ رايۇننىڭ ئاھالىلىرى ئىكەنلىگىنى خەنزۇچە ماتىرىياللارمۇ تەھقىقلەيدۇ . ‹‹ سوڭ سۇلالىسى تارىخى ›› 490 – جىلىد ‹‹ يات ئەللەر تەزكىرىسى . ئۇدۇن ئېلى ›› ، ‹‹ سوڭ سۇلالىسى ھەققىدە مۇھىم بايانلار . يات تائىپىلەر ›› قاتارلىقلارغا ئۇدۇن خاندانلىقى ئەلچىسى يول يۈرگەندە باسقان مۇساپە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە ئۇ ئەلچىلەر سېرىق ئۇيغۇر (黄头回纥) ، سېرىق تاتار ( 草头鞑靼) دوڭجەن قاتارلىق ئەللەردىن ئۆتكەنلىگى يېزىلىدۇ. ‹‹ سوڭ تارىخىدىن مۇھىم بايانلار . يات تائىپىلەر 4 ›› دە يېزىلىشىچە چەرچەن ئۇدۇن ئېلىگە تەۋە بولۇپ ئۇدۇن ئېلىنىڭ چېگرىسى ئىدى ، ئۇنىڭ شەرقىدە سېرىق ئۇيغۇر ، ئۇنىڭ شەرقىدە چۇمۇللار ئۇندىن كېيىن دوڭجەنلەر بارلىقى يېزىلغان]5[. بىز مانا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ رايۇندىن 11 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆتكەنلەرنىڭ قالدۇرغان ئۇچۇرلىرى بولۇپ تامامەن ئىشەنچلىك بولۇپ ‹‹ تارىخى رەشىدى ›› ۋە ئۇنى مەنبە قىلغان ماتىرىياللار بىلەن بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ. بىز خەنزۇچە مەنبەلەرگە ئاساسلىنىدىغان بولساق سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت ماكانى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز. ‹‹ سۇڭ سۇلالىسى تارىخىدىن مۇھىم بايانلار ››نىڭ ‹‹ رۇم ئېلى ›› قىسمىدا مىلادىيە 1081 – يىلى رۇم ئەلچىسىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى خاتىرىلەنگەن بولۇپ ئۇنىڭدا ‹‹ يەنە شەرققە يۈرسە غەربى ، تاجىك بىلەن ئۇدۇن ئوردىسى جايلاشقان شىنفۇجۇ ، يەنە يۈرسە كونا ئۇدۇن ، ئاندىن چەرچەن شەھرى بولۇپ ئۇدۇن ئېلىنىڭ چېگرىسىدۇر . ئۇندىن كېيىن سېرىق ئۇيغۇر ، يەنە شەرققە يۈرسە تاتار، ئۇندىن كېيىن چۇڭۇل ، يەنە شەرققە يۈرسە دوڭجەن ئولتۇراقى . ئۇندىن كېيىن لىنچىن ، يەنە شەرققە يۈرسە چىڭتاڭغا بارغىلى بولىدۇ ، بۇ جوڭگۇ چېگرىسىدۇر ›› دىيىلگەن . بۇ بايانلار بىلەن ئۇدۇن ئەلچىسىنىڭ بايانلىرى ئوخشاش ، ماڭغان مۇساپىسىمۇ ئوخشاش بولۇپ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ چەرچەننىڭ شەرقى قىسمىدا ئىكەنلىگى ، ئۇلارنىڭ تاتارلار بىلەنمۇ خوشنا ياشايدىغانلىقى يېزىلغان. ئۇدۇن ئەلچىسىنىڭ مۇساپىسى ھەققىدىكى بايانلىرى ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمى ئۆرنەكلەرنىڭ داۋامى››نىڭ 335 – جىلىدىدا سۇئال جاۋاپ تەرىقىسىدە بايان قىلىنىپ ‹‹ ئېلىڭىزدىن ئايرىلغىلى نەچچە يىل بولدى ؟ ، 4 يىل . نەچچە ئۇزۇن يول يۈردىڭىز ؟ 2 يىل . قايسى ئەللەردىن ئۆتتىڭىز ؟ يولدا سېرىق ئۇيغۇر ، سېرىق تاتار ، دوڭجەن قاتارلىق ئەللەردىن ئۆتتۈم . دوڭجەندە نەچچە ئۇزۇن تۇردىڭىز؟ بىر يىل ››.  لى يۈەن يازغان ‹‹چىڭ تاڭ لۇ (青唐录) ›› ناملىق كىتاپتا يۇقارقى ۋاقىئەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك باياندا ‹‹ تېخۇشى قۇملۇقتىن ئۆتۈپ ئادەمەزاتسىز يەرلەردە 2 ئاي يۈرۈپ ئۇيغۇرلار دائىرىسىگە كىردى ، ئۇدۇن چېگرىسى ›› دىيىلگەن ، بۇ جۈملىدىمۇ ئۇدۇننىڭ شەرقىنىڭ ئۇيغۇرلار رايۇنى ئىكەنلىگى ، بۇ ئاتالغۇنىڭ سېرىق ئۇيغۇر نامى بىلەن ئالمىشىشى بۇ ئىككى ئاتالغۇدىكى تەڭداشلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  ‹‹ مىڭ سۇلالىسى تارىخى ›› 330 – جىلىد ‹‹ غەربى دىيار ››دا مۇنداق خاتىرە بار : ‹‹ ئەندىڭ قورۇلى قامچىئۇنىڭ 1500 چاقىرىم غەربى جەنۇبىدا بولۇپ خەن دەۋرىدە لوپ (若羌) دەپ ئاتالغان . تاڭ دەۋرىدە تۈپۈتلەرگە قارىغان، يۈەن سۇلالىسى خان جەمەتىدىن بۇيان تۆمۈرنى غەرپنى تېنچلاندۇرغۇچى (شىنىڭ ) خان ئاتىقى بىلەن ھۆكۈمدارلىققا قويغان . بۇ يەرنىڭ ئەسلى نامى سېرىق ئۇيغۇردۇر ›› دىيىلگەن. ‹‹ مىڭ شۇەنزوڭنىڭ ئەمىلى خاتىرىلىرى ››نىڭ 7 – جىلىدىدا ‹‹ ئەندىڭ قورۇلى ئەسلىدە ئۇيغۇر (畏兀儿)لارنىڭ يېرى ئىدى ›› دەپ مەسىلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.  خۇددى يۇقۇرىدا كۆرگىنىمىزدەك ئوتتۇرا ئەسىر يازمىلىرىدا جۈملىدىن ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە مەنبەلەردە ھازىرقى چاقىلىق ، چەرچەن ناھىيىلىرى تەۋەسىدىكىلەرنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈرۈش مۈمكىن ، بۇ يەردە يەنە بىر نۇقتىنى ئىزاھلاش زۆرۈركى 种榅 ( بۇنى خامىلتۇن ئەپەندە چۇڭۇل دەپ ئۇقۇيدۇ ھەمدە خەنزۇچە مەنبەلەردە كۆرۈلىدىغان 仲云  بىلەن بىر دەپ قارايدۇ ) كۆپۈنچە ھاللاردا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى ، جۈملىدىن ئۇلارنى كىچىك تۇخرىلار بولۇپ چاقىلىق رايۇنىنىڭ ئاھالىسى دىيىلدى ، ئەمما بىز كۆرگەن يۇقارقى خەنزۇچە مەنبەلەردە چاقىلىق رايۇنىنىڭ ئەسلى ئاھالىسىنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش بىلەن بىرگە  种榅لەرنىڭ تېخىمۇ شەرقتە ئىكەنلىگى ، جۈملىدىن ئىككى ئارىدا يەنە سېرىق تاتارلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان، بىز مانا بۇلارغا ئاساسەن چاقىلىقنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئاھالىسى چۇڭۇللار ئەمەس سېرىق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈرىمىز. 种榅 لەرنى گەرچە تۇخرىلارنىڭ مۇشۇ رايۇندا قالغان ئەۋلاتلىرى دىسەكمۇ، بۇ نامنىڭ يەنە تۈركى قەبىلە چۇمۇللارنىڭ نامى بىلەن يېقىن كېلىدىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ مەنسەپ ئاتلىرىدا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى خامىلتۇن ئەپەندىمۇ ئىنكار قىلىپ ئولتۇرمايدۇ، بۇ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزلىنىشكە تېگىشلىك مەسىلىدۇر. 
سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تارىخى ئۇچۇرلار خەنزۇچە مەنبەلەردە موڭغۇل ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىن باشلاپ撒里畏兀儿  دەپ خاتىرىلەنگەن، جۈملدىن 1226 – يىلى موڭغۇل سەركەردىسى سۇبۇتاينىڭ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تېگىنى چىمەننىڭ قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرغانلىقى يېزىلغان ، پولان كاربىن چىڭگىزخان دەۋرىدە sarihuiur دەپ ئاتىلىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ بولغانلىقى ، ئۇلارنى چىڭگىزخاننىڭ ئىستىلا قىلغانلىقىنى يازغان. مانا بۇلارغا ئاساسلانغاندا سارىغ ئۇيغۇر نامى موڭغۇللار ئىستىلاسىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 1374 – يىلىدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە ‹‹مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمىلى خاتىرىلىرى ›› دىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بار ، مەسىلەن : ‹‹ غەربى دىياردىكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ (撒里畏兀儿) تېنچلاندۇرغۇچى خانى (安定王) بۇيان تەمۈر .... سېرىق ئۇيغۇرلار تاتارلارنىڭ باشقا قەبىلىسىدىن . يېرى كەڭرى بولۇپ مىڭ چاقىرىمدىن ئاشىدۇ، گەنسۇغا 1500 چاقىرىم . شەرقتە خەندۇڭ ، غەرپتە تەڭرى (天可里) ، شىمالى گۇاجۇ ، شاجۇلارغا يېقىن، جەنۇبى تۈپۈت بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەھەر بازارلىرى يوق، چېدىرلاردا تۇرىدۇ، تۆگە ، ئات ، كالا ، قويى كۆپ›› دەپ خاتىرىلەنگەن .  مانا بۇ ئۇچۇر شەھرى كىتىك ، لوپ قاتارلىق شەھەرلەر ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى ئەھۋالنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ چاغلاردا شەھەرلىرى ۋەيران بولغانلىقتىن ‹‹ شەھەر بازارلىرى يوق ››، ئەمما تۆگە ، ئات ، كالا ، قوي كۆپ چارۋىچى مىللەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتپ بېرىدۇ . مانا مۇشۇ دەۋردە سېرىق ئۇيغۇرلارغا بۇيان تەمۈر قاتارلىق كىشىلەر رەھبەرلىك قىلغان مىڭ سۇلالىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان، جۈملىدىن 1375 - ، 1376 – يىللىرى بۇيان تەمۈر قاتارلىقلارنىڭ مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا سوغا سالام يوللىغانلىقى ، مىڭ سۇلالىسى 1374 – يىلى ئۇلارنى 4 قەبىلە قىلىپ (阿端、阿真、苦先、贴里) لەرنىڭ باشلىقلىرىغا مىس مۆھۈر بەرگەن. 1375 – يىلى بۇيان تەمۈر قاتارلىقلار سوغا سالام ئېلىپ بارغاندىن كېيىن  ئالتۇن مۆھۈر بەرگەن. 1376 – يىلى بۇيان تەمۈر نىڭۋاڭ (宁王) دەپ يېزىلغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ يۇقارقى خاتىرىلەر سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى يۇرت ماكانلىرى ۋەيران بولغان ئەمما تېخى جىايۈگۈەندىن كىرمەگەن ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلىدۇ.
پاپونىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس ساگۇچى تورۇ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ماتىرىياللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ 14 - ، 15 - ئەسىرلەردە گەنسۇ دائىرىسىدە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى يازىدۇ. مىڭ سۇلالىسى ئەينى ۋاقىتتا گەنسۇنىڭ غەربىدە ئەندىڭ ، خەندۇڭ ، خوتەن ، كۇشەن قاتارلىق 4 قورۇل تەسىس قىلغان بولۇپ شۇلارنىڭ ھەممىسى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ رايۇنىدا تەسىس قىلىنغان. ‹‹ تارىخى رەشىدى ››نى ئېنىگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغۇچىلار 14 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق جايلىرى تەخمىنەن شاجۇ ( دۇخان )نىڭ جەنۇبى ، غەرپتە لوپ كۆلى ئەتراپلىرىدىن چايدام ئويمانلىقىنىڭ شىمالىغىچە بولغان رايۇنلارغىچە جايلاشقان ،يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جايلاشقان ئورۇنلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش دەيدۇ. مانا بۇ ئەھۋاللار چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى كىتىك ، لوپ ، مەردەك قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ 14 ، 15- ئەسىرلەردە ۋەيران بولغاندىن كېيىن تەدرىجى شەرققە سۈرۈلگەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە مۇشۇ رايۇندا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ياشاپ كەلگەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا 1696 – يىلى يەنى كاڭشىخان زامانىدا 6000دىن ئارتۇق ئاھالىگە ئىگە سېرىق ئۇيغۇرلار چىڭ سۇلالىسىغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن . مۇشۇ يىللاردا رىۋايەتلەرگە قارىغاندا دۇخان ئەتراپلىرىدىكى يۇرتىدا يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغانلىقتىن ھازىرقى سۇنەن دائىرىسىگە كۆچۈپ كەتكەن ۋە چىڭ سۇلالىسىغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت ماكانىدىن كۆچكەنلىگى ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتلىرىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ساقلانغان.
1884 – 1886 – يىللىرى روسىيىلىك پوتانىن گەنجۇ جەنۇبى تاغ باغرىغا جايلاشقان سېرىق ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ ئۇلار sira yögur ۋە qara yögur  دەپ ئىككى گۇروھقا بۆلۈنگەن . sira yögur شۇ ۋاقىتتا شەرقتىكى 5 ئوتاغقا ئورتاق نام بولغان ، ئۇلار ئىڭگىر تىلى ( شەرقى يۇغۇر تىلى ) تىلىدا سۆزلەشىكەن بولۇپ گەنجۇنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان. qara yögur غەرپتىكى تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان ئىككى ئوتاغ بولۇپ سۇجۇنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان ، خەنزۇلار ئۇلارنى 黄番دەپ ئاتىغان.
غەرپكە كۆچۈش ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلارغا بەك تەسىر قىلغىنى ئۈچۈن يۇغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنىمۇ شۇلارغا باغلايدۇ ، ئەمەلىيەتتە خۇددى ‹‹ يۇغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› قاتارلىق مەنبەلەردە يېزىلغىنىدەك مىلادىيەنىڭ بېشىدىن باشلاپلا مۇشۇ زېمىندا ياشىغان ئاھالىنىڭ ئاساسى تەركىبى قىسىم ئىكەنلىگى ، ئۇلارنىڭ بېرىكىپ ھاكىميەت قۇرۇش ئىمكانىيىتىنى نەزەردىن سىرتتا قالدۇرماسلىغىمىز لازىم. يۇغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزلىرىنى سېرىغ ئۇيغۇر دەپ ئاتىشىغا ۋە رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئاساسى تەركىبىنىڭ شەرقتىن ئەمەس بەلكى غەرپتىن يەنى شىنجاڭ دائىرىسىدىن كەلگەنلىگىدەك ھەقىقەت ئايان بۇلىدۇ، چۈنكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ ھېچ بىرىدە سېرىغ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىغى ھەققىدە پىكىر بولمايدۇ ، ئەكسىچە يۇغۇرلارنىڭ خەلق داستانى ‹‹ يۇغۇرلار كەلگەن شىجىنىڭ خاجىدىن ››دا ئۇلارنىڭ مىلادىيە 14 – ئەسىردە ( مىڭ سۇلالىسىنىڭ خوڭۋۇ يىللىرى ) غەرپتىن كۆچۈپ كەلگەنلىگىدەك تارىخى ۋاقىئەلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. داستاننىڭ ئاساسى مۇنداق : ”يۇغۇرلار ياشىغان شىجىنىڭ خاجى دىگەن جايدا 35 ئەل خوشنا ياشىغان بولۇپ 36 – سى يۇغۇرلار ئىدى . بىزنىڭ بىر تۈمەن كالا تېرىسى ئوتلىقىمىز  ، ئون تۈمەن (چېدىرىمىز ) ئاھالىمىز بار ئىدى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان قاتتىق بوران چىقىپ چېدىرلارنى قۇم بېسىپ كەتتى ، دەريالار قۇرۇپ ، ئوتلاقلىرىمىز چۆللىشىپ كەتتى. ئالتۇندىن ياسالغان بۇدخانىسىنىمۇ تاپالمىغان . مۇشۇنداق قىيىن جىددى پەيتلەردە يات دىندىكى دۈشمەنلەر ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ بۇددا دىنىنى يۇقاتماقچى بولغان. ئۇلار يۇغۇرلارنى قورشىۋېلىپ قاتتىق ھۇجۇم قىلغان، ئەمما يۇغۇرلار قەتئى باش ئەگمىگەن ، ئاخىرى قەبىلە باشلىغى كېڭىشىپ تۈن قاراڭغۇسىدا قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كۈن چىققان تەرەپكە قاراپ قاچقان. ... ئۇلار كۆچە كۆچە چەنفۇتوڭ ، ۋەن فۇشا قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ تىلەنتاغ ئەتراپىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. بۇ مىڭ سۇلالىسىنىڭ خوڭۋۇ يىللىرىدىكى ئىش“]6[  دىيىلگەن. تۆۋەندە ئاتاقلىق مۇزىكاشۇناس ئالىملاردىن دۇ ياشوڭ ئەپەندى ترانسىكفىكسىيە قىلغان ھەمدە نوتىغا ئالغان سېرىغ ئۇيغۇر ناخشىسى ‹‹ بىز كەلگەن شىجىنىڭ خاجىدىن ››دىن پارچە كۆرۈپ باقايلى :
m∂s ſitşin∂η χɑtşіt∂n kelγ∂n
ej  ſitşin∂η  ej  sioz mala  χɑtşіt∂n  kelγ∂n]7[
دەپ باشلىنىدىغان بۇ ناخشىدا قەبىلە ئىچىدە ئىختىلاپ بولۇپ بولۇپχɑtşі دىن شەرققە قاراپ كۆچۈدۇ ، ſitşi نىڭ χɑtşіدىن كۆچۈپ 万佛峡 ۋە 千佛洞 قاتارلىق يەرلەردىن ئۆتۈپ paz∂rtong ( بۇ يەر چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ چىلەن ناھىيىسى دائىرىسىدە ) باغرىدىكى يايلاققا كېلىپ توختايدۇ. ئۇلار مۇشۇ ناخشىسىدا ئۆزلىرىنى joγ∂r  دەپ ئاتايدۇ. بىز بۇ يەردە شۇ نۇقتىغىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى سارەغ يۇغۇر تىلىدىكى ناخشىلاردا ئۆزلىرىنى ſitşin∂η χɑtşіt∂n kelγ∂n دەيدۇ ، بۇ دىگەنلىك  ”شىجىنىڭ خاجى دىگەن يېرىدىن كەلگەن“ دىگەنلىك بولۇپ ئىلگىرى كىشىلەر بۇ ئىككى جاي نامىنى بىرلەشتۈرۈۋالغان ھەمدە  ”شىجى – خاجى“دىن كەلگەن دەپ ئالغان ، مانا بۇ خەلق ناخشىسى ناھايىتى ئېنىق ھالدا بىزگە مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ‹‹ جوڭگۇ خەلق ناخشىلىرى توپلىمى . گەنسۇ تومى ››نىڭ ‹‹ يۇغۇر ، دوڭشاڭ ، باۋئەن ، سالا ، تۇزۇ تارماق تومى››غا كىرگۈزۈلگەن مېرگا ئېيتىپ بەرگەن ناخشىدا ‹‹ قەبىلىلەر ئارىسىدا پىكىر ئىختىلابى يۈز بېرىپ ئايرىلىپ يولغا چىقتۇق ›› دىيىلگەن. 1907 – يىلى يۇغۇر رايۇنىغا كەلگەن شىۋىتسىيىلىك ماننېرھېم ( كېيىن فېللاندىيىگە زوڭتۇڭ بولغان ) تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، شۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ‹‹ ئۇلار تەخمىنەن 1000 يىللار بۇرۇن كۈن پېتىشتىن كۆچۈپ كەلگەن، ئۇلار شىجى خاجى دىگەن يەردە تۇرغان بولۇپ خەنزۇلار چەنفۇتۇڭ (千佛洞) دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە شىجىنىڭ خاجى (西至的哈至 ) ھازىرقى يۇرتىنىڭ غەربى جەنۇبىدا بولۇپ 45 كۈنلۈك يىراقلىقتا، يەنى بىر دەريا بۇيىدا . شىجى خاجىدا بىر بۇدخانە بار بولۇپ ، بۇ ئىبادەتخانە نۇرغۇن مىڭ ئۆيلەر ئويۇلغان بولۇپ ئىگىز تاغلار ئوراپ تۇراتتى. يەنە رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ئۇلار كاڭشى يىللىرى ھازىرقى يۇرتىغا كۆچۈپ كەلگەن ، ئاساسلىقى بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ›› ]8[ دىيىلگەن. ماننېرھامنىڭ بۇ بايانلىرى بىزنى قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە باشقا ئۇچۇرلارغا بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق سېرىق ئۇيغۇرلار 14 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۇرتىدىن كۆچۈپ چىققان ۋە  خەنزۇلار چەنفۇدوڭ  دىگەن جايدا ياشىغان ھەمدە بۇ جاينى ئۆز تىلىدا 哈至 (χɑtşі) دەپ ئاتىغان، ئۇلار چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرى يۇقۇملۇق كېسەلدىن قېچىپ ھازىرقى يۇرتى سۇنەنگە كۆچۈپ كەلگەن، ئۇلار خەنزۇلار بىلەن ئۇچرۇشۇپ خەنزۇ تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ۋە  قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا تۆت تەرىپى دىگەن ئاتالمىنى خەنزۇچە سىجى (四至) دەپ يېزىلغانلىرىغا ئاساسەن بۇ ئاتالمىنى غەرپ تەرەپ مەنىسىنى بېرىدىغان西至 دەپ ئاتىغان دەپ قاراشقا بولىدۇ  ( ئەلۋەتتە بۇ بىر پەرەزدىن ئىبارەت چۈنكى ئوتتۇرا ئەسىر يادىكارلىقلىرىدا كىدىن ، ئۆڭدۈن ، كۈندۈن ، تاغدىن دىگەن ئىبارىلەر ئارقىلىق تۆت تەرەپنى پەرقلەندۈرگەن ، شۇڭا بۇنى دۇخاننى كۆرسىتىدىغان  شاجۇ 沙州 ئاتلغۇسىنى كۆرسىتىش ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ ). يۇغۇر خەلق چۆچىگى ‹‹ بالا – مۇلا ››دا باشتىلا ‹‹ بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا يۇغۇرلار ئۆزىنىڭ كالا ، قوي ، تۆگىلىرىنى ھەيدەپ قۇملۇق جەزىرىلەر ساسلىقلارنى كېسىپ ئۆتۈپ ئوت – سۇلۇق ئىزلەپ ماڭا – ماڭا يىراقتىكى شىنجاڭدىن گەنسۇنىڭ تىلەنتاغ باغرىغا كەلدۇق ›› دىيىلگەن. ‹‹ ساراماكا ››دا ‹‹ سېرىق يۇغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى – شىجى خاجىدا ئىككى تاغ بولۇپ بىرى ئاق تاغ يەنە بىرى قارا تاغ دەپ ئاتىلىدۇ ، ئاقتاغدا يۇغۇرلارنىڭ باشلىقى ۋە ئۇنىڭ قۇللىرى ( ئەسلى بودۇنى يەنى خەلقى بولىشى كېرەك ) تۇرىدىكەن. قارا تاغ باغرىدا يات تائىپىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارى تۇرىدىكەن ›› دىيىلگەن. ‹‹ يۇغۇرلارنىڭ شەرققە كۆچۈشى ھەققىدە ھىكايە ››دە ‹‹ رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا يۇغۇرلار جايۇگۈەننىڭ سىرتىدا چارۋىچىلىق قىلىدىكەن ، كېيىنچە ياتلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپتۇ ... شەرققە كۆچۈپتۇ ›› دىيىلگەن، مانا بۇ چۆچەك – رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان يۇقارقى بايانلار شەكسىزكى كېيىنكى قۇشۇۋالغاندەك قىلىدۇ ، جۈملىدىن بۇلارنى كېيىنكىلەر قوشقان دىيىشكە بولىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ قۇشۇلمىلار شەكسىزكى ئەجداتلاردىن قالغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن. روسىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس مالۇۋ ئىككى قېتىم سېرىق ئۇيغۇرلار رايۇنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاپ ئېلان قىلغان ، ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلغان نوپۇز ئىگىسى بولۇپ ئۇ توپلىغان رىۋايەتتە ‹‹ يۇغۇرلار Cham-fu-tung ۋە Vang-fusaدىن كۆچۈپ كەلگەن ، بۇ خەنزۇچە ئاتالغۇ . يۇغۇر تىلىدا Sidzho-Khazho دىيىلىدۇ. ئۇ يەر Milaghu رايۇنىغا تەۋە . يۇغۇرلار ئۇ يەردىن كەلگەن ›› دىيىلگەن.  بىز مۇشۇلارنى ئومۇملاشتۇرىدىغان بولساق ئۇلار جايۈگۇەننىڭ سىرتىدا چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن، كېيىنچە تاجاۋۇزغا ئۇچراپ شەرققە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان، ئۇلار كۆچكەن يۇرتىدا ( يەنى شەرقتىكى يۇرتىدا ) ئىككى تاغ – ئاق تاغ ۋە قارا تاغ ( بەلكىم ئەسلى يۇرتىدا بولىشىمۇ مۈمكىن ) بار ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ئوخشاشمايدىغان ئىككى قەبىلە ياكى ئىككى مىللەت بارلىقى بايانلىنىدۇ ، شەرققە كۆچۈپ بارغاندىن كېيىنكى تۇنجى يۇرتى دۇخان مۇگاۋ غارلىرى ۋە  يۇلىن غارلىرى ئەتراپلىرىغا ( مانا بۇلار رىۋايەتلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان شىجىنىڭ خاجى دىگەن يېرىدۇر) توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردىن يۇقۇملۇق كېسەللىك سەۋەبىدىن بۇ يەرنىمۇ تاشلاپ كۆچۈپ سۇنەنگە كەتكەن .
بىز يۇقارقى داستاندىن بەزى مەلۇماتلارنى تاپالايمىز ، لېكىن ئالدىن ئويلىشىدىغان بىر قانچە مەسىلە بار . ئۇ بولسىمۇ ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ توپلىنىش ، ئېيتىپ بېرىش ، تەسىر قىلىش مەسىلىلىرىگە تالىق. بىرىنچىدىن بۇ داستاننىڭ بىر قانچە تەرجىمە ۋارىيانتى بار . ئىككىنچىدىن داستان ئەسلى تىلى بۇيىچە ترانسىكفىكسىيە قىلىمىغان ( ھازىر قولۇمدا ئۇنىڭ تۈركىيچە ناخشا قىسمى ساقلانماقتا). ئۈچىنچىدىن رەتلەپ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئەسلىگە قانچىلىك سادىق بولغانلىغى نامەلۇم. چۈنكى ئەسەردە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ۋە يۇغۇرلىرى قۇبۇل قىلغان شىنجاڭ ۋە شىيۈ ناملىرى قوللىنىلغان بۇلۇپ ، بۇ ئەقىلگە بىر ئازمۇ سىغمايدۇ. چۈنكى شىنجاڭ نامى شىنجاڭ ئۆلكىسى قۇرۇلغان 1884 – يىلىدىن كېيىن قوللىنىلغان ، شىيۈ نامى بولسا پەقەت كىلاسسىك تارىخ كىتاپلىرىنىلا ئۇقۇيدىغان كىشىلەرگە مەلۇم ئاتالغۇ ئىدى. شۇڭا توپلىغۇچى ، تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغۇچى  بەزى نەرسىلەرنى ئۆز ھېسياتى بىلەن قۇشۇپ قويغان دەپ گۇمان قىلىشقا ھەقلىقمىز.
داستاننىڭ بايانىدىن قارىغاندا ، سېرىغ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ماكانىدا ئالدى بىلەن تەبىئى ئاپەت بۇلۇپ ، دەريا ئېقىنلار قۇرۇپ چۆللىشىپ كەتكەن . ئۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارنىڭ بۇددا دىنىنى يۇقۇتۇش ئۇرۇشى بولغانلىغىنى تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇڭا بىز بۇ ۋەقەلەرنى بىرلا ۋاقىتتا بولغان دەپ قارىمايمىز، چۈنكى دەريا ئېقىنلارنىڭ قۇرۇشى تەبىئى ھالدا كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. داستاننىڭ بىر ۋارىيانتىدا ئۇلار تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۈچ ئاي يول ماڭغانلىغى بايان قىلىنىدۇ. ۋارىيانتلاردا سېرىغ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈپ كېلىپ ماكانلىشىشى مىڭ سۇلالىسىنىڭ خوڭۋۇ يىللىرى دىيىلگەن ، بۇ مىلادىيە 1368 – يىللىرىدىن 1398 – يىللىرىغىچە بولغان دەۋرلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ شەرققە كۆچۈشىنى مىلادىيە 14 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياكى ئوتتۇرىلىرىدا بولغان ۋەقە دىيىشكە بۇلىدۇ. فرانسىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىم جامېس روسسېل خامىلتون ئەپەندى ‹‹ 11 – ئەسىردە خوتەننىڭ شەرقى چېگرىسىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلمايدىغان سېرىغ ئۇيغۇرلار مېنىڭچە ئېھتىمال تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان بۇددا دىنىدىكى قەبىلە . ئىسلام دىنى كاشغەردىن خوتەنگە قىستاپ كەلگەچكە ئۇلار تارىم ئويمانلىغىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. كېيىنكى بىر قانچە ئەسىر داۋامىدا ئىسلام دىنى كۈچلىرى كۈچۈيىپ ئۈزلۈكسىز شەرققە كېڭىيىپ سېرىغ ئۇيغۇر ئاتالغان بۇ بۇددا مۇرىتلىرىنى شەرقى شىمالغا يەنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە قاراپ سۈرۈلدى ، ئاخىرى 12 - ، 13 – ئەسىرلەرگە بارغاندا ھازىرقى يۇرتىغا يەنى جوڭگۇنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ ۋە گەنجۇ ئارىلىقىغا باردى ›› دەپ يازىدۇ. مىڭ سۇلالىسى ماتىرىياللىرىنىڭ مەلۇمات بېرىشىگە قارىغاندا 14 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سېرىق ئۇيغۇرلار ھاياتىدا زور داۋالغۇش بولغان بولۇپ يالغۇز تەبىئى ئاپەتلەرلا ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش ئاپىتىمۇ ئۇلارنىڭ يۇرتىنىڭ ۋەيران بولىشىنى ، ئۇلارنىڭ كۆچۈشىنى تېزلەتكەن. چەن بوچۇەن ئەپەندىنىڭ مىڭ سۇلالىسى ماتىرىياللىرىغا ئاساسەن چىقارغان ھۆكۈمىگە ئاساسلانساق مىڭ سۇلالىسىغا قارىغان سېرىق ئۇيغۇرلار رايۇنىدا 1376 - ، 1377 – يىللىرى ئىچكى جەھەتتىن مالىمانچىلىق يۈز بەرگەن ، ھۆكۈمرانى بۇيان تۆمۈرمۇ ئۆلتۈرۈلگەن. مۇشۇ قېتىمقى ئىسياندا ئۇلار مىڭ سۇلالىسىغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان بولسا كېرەك ، 1392 – يىللىرى مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئۇلارنى قايتىدىن ئىستىلا قىلىپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئالغان . مىڭ سۇلالىسى سېرىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە قوشقاندىن كېيىن 4 قورۇلغا يەنى ئەندىڭ ، كۇشان ( كۈسەن ؟ ) ، ئۇدۇن ، ئاجېنگە بۆلۈپ ئىدارە قىلغان ، مانا مۇشۇلاردىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئاھالىسىنىڭمۇ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىگىنى بىلەلەيمىز.
لىن گەن ۋە گاۋزىخۇلار ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ سارى ئۇيغۇرلار تەنھا ، ياردەمچىسىز قېلىپ ، غەرپتە شەرقى چاغاتاي خانلىقى بىلەن يەكەن خانلىقىنىڭ قەدەممۇ قەدەم قىستاپ كېلىشى ، شىمالدا ئۇيراتلارنىڭ پاراكەندە قىلىشى ، جەنۇپتا ئىبرانىڭ داۋاملىق زىيان زەخمەت سېلىشىدەك ئۈچ تەرەپلىمە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقتىن جىيايۈگۈەن قۇۋۇقى (سەددىچىن سېپىلى )نىڭ ئىچىگە قېچىپ كىرىشكە مەجبۇر بولغان ›› دەپ يازىدۇ. ئۇلار بۇ پىكرىنى تېخىمۇ كونكىرىتلاشتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازىدۇ : ‹‹ سارى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرققە كۆچۈشى – ھەم مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى قېچىش ، ھەم كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ سۇ ئوت قوغلىشىپ كۆچۈشىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە . شۇڭلاشقا شەرققە كۆچۈش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن داۋام قىلغان. چېڭدېنىڭ 7 – يىلى ( 1512 – يىلى ) ئىبرانىڭ ئەندىڭ ، ئۇدۇن ، كۈسەن ، خەندۇڭ 4 ياسالۋۇلخانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلشى بىلەن قەبىلە پۇقرالىرىنىڭ قېچىش – كۆچۈشىگە مەجبۇر بولغان ۋاقتىدىن ھېساپلىغاندا جىياجىڭنىڭ 7 – يىلى (1528 – يىلى ) مىڭ سۇلالىسىنىڭ لەشكىرى پىرقە دىۋان بېگى ۋاڭ چۇڭ سارى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى يىغىپ ئۇرۇنلاشتۇرغانغا قەدەر 16 يىل ۋاقىت كەتكەن . ئەگەر مىڭ سۇلالسىنىڭ باشلىرىدا يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن دورىجابانىڭ سارىغ ئۇيغۇرلار رايۇنىغا بۆسۈپ كىرىپ ئالاتوپىلاڭ قىلىشىدىن كېلىپ چىققان قەبىلە پۇقرالىرىنىڭ پىتراپ كەتكەنلىگىدىن تارتىپ ھېساپلىغاندا ، ۋاقىت تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان بولىدۇ ›› دەپ يازىدۇ. ئالىملار لوپ ، كىتىك ، مەردەك قاتارلىق سېرىق ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ ۋەيران بولغان ۋاقىتلىرى ۋە سەۋەبى ئۈستىدە ئىزلەنمىگەنلىگى ئۈچۈن بۇ شەھەرلەرنىڭ موڭغۇللار دەۋرىدە گۈللىنىپ تۇرغانلىقىنى ، ئەمما 14 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋەيران بولۇپ تەبىئى ھالدا كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى يازمىغان . ئاھالىلەرنىڭ تەبىئى كۆچۈشى شۇ زاماتلا سەددىچىننىڭ ئىچىگە كۆچۈش بولماستىن بەلكى تەدرىجى ھالدا سۈرۈلۈپ بارغان ، ئاخىرقى قېتىملىق سۈرۈلۈشلەرگە يەكەن سەئىدىيە سۇلالىسىنىڭ ( 1514 - 1680) غازاتلىرى سەۋەپ بولغان بولسا كېرەك . دىمەك ئۇلار يۇرتىدىكى شەھەرلىرى ۋەيران بولىشى بىلەن شەرققە قاراپ كۆچكەن ، بۇ كۆچۈشلەر خېلى ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلغان بولۇپ كۆچۈش داۋامىدا رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلغان  χɑtşі قاتارلىق جايلاردا مەزكەزلىك ياشىغان ، ئەمما بۇ يەردە تارقالغان يۇقۇملۇق كېسەلدىن قېچىپ يەنە بىر رەت كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان بولۇپ 17 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى يەنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى زامانىدا كۆچۈپ ھازىرقى سۇنەن ئەتراپلىرىغا بارغان.
مانا بۇلارغا قارايدىغان بولساقχɑtşі شەكسىزكى ئىككىنچى يۇرتىنىڭ نامى بولۇپ ھەرگىزمۇ شىنجاڭ دائىرىسىدىكى جاي نامى ئەمەس ، بەلكى رىۋايەتلەردىكى 万佛峡 ۋە千佛洞 ( دۇخان مۇگاۋ غارلىرىنىڭ يەنە بىر نامى بولۇپ تىلىمىزدىكى مىڭ ئۆيگە باراۋەر ، دۇخان شەھرىنىڭ 20 كېلومېتىر شەرقى جەنۇبىدا بولۇپ مىلادىيە 4 – ئەسىردىن باشلاپ تاغ جىلغىسىنىڭ قۇرۇق ئېقىننىڭ ئىككى يېقىغا ئويۇپ ياسالغان ) ، ئەنشىنىڭ يۈلىن كېمىرلىرى  ) ئۇيغۇرشۇناس دوكتۇر ياڭ فۇشۆ ئەپەندىنىڭ تەكشۈرۈشىچە بۇ تاش كېمىرلىكتىكى ھازىر ساقلىنىپ قالغان 41 كېمىرنىڭ 25دە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىغىدىكى 190 پارچە 590 قۇردىن ئارتۇق خاتىرە ئىبارىلەر بار ئىكەن ، بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ ۋاقتى مۆچەل بىلەن خاتىرىلەنگەن)  ئەتراپلىرىدىكى بىر جاينىڭ يۇغۇلار تەرىپىدىن قۇيۇلغان ياكى شۇ يەرلىكلەرنىڭ تىلىدىكى جاي نامىدىن كەلگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىز تۆۋەندە ئەنە شۇ خاتىرىلەردىن ئىككى مىسال كۆرۈپ باقايلى:
12 – غار شىمالى تام كۈنچىقىشتىن 2- 3 ساخاۋەتچىنىڭ بېشىنىڭ ئۈستى قىسمىغا يېزىلغان ] قۇتلۇغ يونت يىل يىتىنىچ ئاي ئون بىرتە قامۇ بودۇن ساچۇ چۆلگەنىڭ سۇڭگۇن خوشاڭ بىسەل غۇشىن ئاتاي شۇزا ئەغ بىرلە يۈرۈڭ كۈچ قىيا تۇرمىش تېگىن غۇشىن ساڭگا كەلىپ يۈرۈڭ بۇيان تەمۈر بۇلغۇن غۇشىن بەگەت قوچۇ ... ئاتا بەگ ئۇلۇغ ئاتايىم ئىلباغا بىگەنشى بىيىن ... بىز مۇنچا كىشى شاچۇنىڭ قۇتىڭا ... بۇ يۈكۈنمىش بۇيانىمىزنىڭ كۆز دە قۇتلۇغ ... قۇتلۇق ئات يىلى 7 – ئاينىڭ 11 – كۈنى پۈتۈن خەلق يەنى شاجۇ سانغۇنى خۇشاڭ ، بىسەل خۇتۇن ، ئاتاي شۇزا ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىرگە ، ئېسىلزادىلەردىن كۈچ قىيا ، تۇرمىش تېگىننىڭ خۇتۇنى ، سەڭگى قاتارلىقلار بۇ يەرگە كېلىپ ... ئېسىلزادە بۇيان تەمۈر ، بۇلغۇن خۇتۇن ، قۇچۇ ... ئاتا بەگ ، ئاتام ئېلباغا ، بىگەنشى ، بىيىن .... بىز مۇشۇنچە كىشى شاچۇنىڭ بەخت سائادىتى ... بىز كۈز پەسلىدە ئەدەپ ئەردەم بىلەن يۈكۈندۇق ... [ دىيىلگەن . دوكتۇر ياڭ فۇشۆ ئەندىڭ خانى بۇيان تەمۈرنىڭ تىلغا ئېلىشى سەۋەپلىك بۇ يازمىنى 1372 – يىلى 7 – ئاينىڭ 11 – كۈنى يېزىلغان دەپ قارايدۇ . 19 – غارنىڭ جەنۇبى تامدا : ] مەن سۈگچۈلۈگ سارىغ شۇتزا ئوغلانلارىم دارما شىرى سەڭگە شىرى بىلگە ئۈزۈكسۈز يۈكۈنۈ تەگىنۈر مېن ئالتمىش ئۈچ ياشىمتا بىتىيۈ تەگىنتىم ئۈر تۇرزۇن – مەن سۇجۇلۇق سارىغ شۇتزۇ ئوغلانلىرىم دارما شىرى ، سەڭگە شىرى ۋە بىلگە كۆپ قېتىم يۈكۈندۇق . مەن 63 يېشىمدا يۈكۈنۈپ پۈتتۈم، مەڭگۈگە قالسۇن [ . 25 – غارنىڭ شەرقى تامدىكى پۈتۈكنىڭ دەۋرىمۇ 15 – ئەسىرنىڭ بېشىغا مەنسۇپ. ئۇنداقتا شىجى بىلەن خاجىنى قانداق چۈشۈنىمىز ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن چاقىلىق دائىرىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ قۇشۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت. شىجى ھەرگىزمۇ 西州 ئاتالمىسىنىڭ ، خاجى ھەرگىزمۇ 火州نىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى ئەمەس بەلكى  西至 ياكى 沙州ۋە گەنجۇ (甘州) نىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدىن ئىبارەت، ئەمما ئەينى ئوتتۇرا ئەسىردە 四至 ئاتالىسى ھۆججەتلەردە كەۇ تۈردە قوللىنىلسىمۇ西至 ئاتالمىسى كۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ.  گەنجۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىدا  ”قامچىئۇ“ دەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ گەنسۇنىڭ گەنجۇ – لىئاڭجۇ تەلەپپۇزىدا kantşou  دەپ ئوقۇلىدۇ  ( مىسال كەلتۈرسەك 沙州نى  ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇيغۇرلار šɑčiu دەپ ،甘州نى qamčiu دەپ ، 肃州 نى sügču دەپ تەلەپپۇز قىلاتتى) سېرىق ئۇيغۇرلار تىلىدىكى qamčiu ئاتالمىسى تەدرىجى ئۆزگىرىپ χɑtşі دىگەندەك تەلەپپۇزلاردا ئېيتىلىشىنى ئېھتىمالدىن يىراق دىيەلمەيمىز ( بۇ نامى مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشىچە ھەرخىل تەلەپپۇز قىلىنغان بولۇپ xizhi hazhi، shiche hache ، Shidsja-Hadsje دىگەنگە ئوخشاش خاتىرىلىنىدۇ. Sügču ئاتالغۇسى بىلەن Shidsjaمۇ تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىنلىشىدۇ، بۇمۇ  تەتقىق قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.  بۇ مەسىلىدە qamčiu - šɑčiu  دىگەن نامنىڭ تەدرىجى ئۆزگىرىپ xizhi hazhi بولۇپ ساقلىنىپ قالغانلىقى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن. بۇنداق بولغاندا رىۋايەتتە ‹‹ يۇغۇرلار Cham-fu-tung ۋە Vang-fusaدىن كۆچۈپ كەلگەن ، بۇ خەنزۇچە ئاتالغۇ . يۇغۇر تىلىدا Sidzho-Khazho دىيىلىدۇ. ئۇ يەر Milaghu رايۇنىغا تەۋە . يۇغۇرلار ئۇ يەردىن كەلگەن ›› دىگەن رىۋايەتكىمۇ ماس كېلىدۇ.
سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ياشىغان دائىرىسى ھەققىدە لىن گەن ، گاۋزىخۇلار ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ تەيزۇ ھەققىدە خاتىرىلەر ››نىڭ 90 – جىلىد خۇڭۋۇنىڭ 7 – يىلى قىسمىدىكى ‹‹ غەرپتە گەنسۇغىچە بارىدىغان 1500 چاقىرىملىق جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، شەرقتە خەندۇڭ ( ھازىرقى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى داڭخې دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنى ) غىچە بارىدۇ، غەرپتە تەڭرى تېغىغا تۇتۇشىدۇ ، شىمالىي تەرىپى گۇاجۇ ( ھازىرقى گەنسۇنىڭ ئەنشى ناھىيىسى )، شاجۇ ( ھازىرقى گەنسۇنىڭ دۇخان شەھرى ) غا تۇتۇشىدۇ ، جەنۇپ تەرىپى تۈپۈت ( ھازىرقى شىزاڭ ) بىلەن چېگرىداش ›› دەپ يازغانلىقى بىزنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى تارىخى دەۋردىكى پائالىيەت دائىرىسىنى چۈشۈنۈشىمىزدە ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە. ‹‹ شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› ناملىق كىتاپتا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغان دائىرىسىنى ‹‹ لوپ كۆلى دائىرىسىدە يەنە سېرىقباش ئۇيغۇرلار (黄头回纥) لار بولۇپ ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ (回鹘)لارنىڭ بىر تارمىقى›› دىيىلگەن، بىز بۇ جۈملىنى ئەينى دەۋر خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىمۇ تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى كۆللەرنى لوپ كۆلى دەپ ئاتىغانلىقىغا ئاساسەن تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا – ئاياق ئېقىنلىرىدىكى جايلاردا دەپ چۈشەنسەك تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ، مانا بۇ ماتىرىياللار ئاساسىدا چىقىرىلغان ھۆكۈم بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر سېرىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ ياشىغان جايلىرىنى چۈشۈنىشىمىزدە ئەھمىيىتى زور.
يۇقۇرىدا بىز كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك سېرىغ ئۇيغۇرلار 14 – ئەسىردىكى كۆچۈشتىن بۇرۇن لوپ رايۇنىدا (چەرچەندىن تارتىپ لوپ كۆلىگىچە ، تارىم ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا ) ياشىغانلىغى ھەقىقەتتۇر. قەدىمكى سېرىغ ئۇيغۇر شەھەرلىرى لوپ ، كىتىك ۋە مەردەك تەبىئى ئاپەت تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان، شەھەرلەر ۋەيران بولغاندىن كېيىن ئاھالىلەر كۆچكەن . تېخى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن سېرىغ ئۇيغۇرلار ئۆز دىندىشى ، قېرىنداشلىرى بار  دۇخان تامان كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان، ئارخىولوگىيە بۇ سېرىغ ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ 14- ئەسىردە ۋەيران بولغانلىغىنى ئىسپاتلىغان بۇلۇپ يىل دەۋرى يېقىنلىشىدۇ ، كىتىك شەھرىنىڭ ۋەيران بولغان يىلىنى ماتىرىياللار ئارقىلىق ئىسپاتلىساق 1335- ~ 1345 – يىلىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. بۇددا دىنىغا قارشى ئۇرۇشلار ئىسلام غازاتچىلىرىنىڭ ۋەقەلىگى بۇلۇپ قايسى ۋاقىتنى كۆرسىتىدىغىنى نامەلۇم ، تارىخى مەلۇماتلاردىكىسى 16 – ئەسىرنىڭ بېشىغا مەنسۇپ بۇلۇپ بۇ ئىككىسى بىر ۋەقە بۇلۇشى ناتايىن. سېرىغ ئۇيغۇرلار تەدرىجى ھالدا خېشى رايۇنىدىنمۇ كۆچۈپ ھازىر ياشاۋاتقان سۇنەن يۇغۇر ئاپتۇنۇم ناھىيىسى دائىرىسىگە بارغان.
سۇنەن ئاپتۇنۇم ناھىيىسىدىكى يۇغۇرلار ئادەتتە ئىككى خىل تىلدا سۆزلىشىدۇ، بىر قىسمى شەرقى يۇغۇر تىلى ( ئىڭغار تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) بۇلۇپ ، بۇ تىل موڭغۇل تىلى بىلەن بىر تىل ئائىلىسىگە مەنسۇپ. تۇزۇ تىلى ، دوڭشاڭ تىلى ، باۋئەن تىلى ۋە موڭغۇل تىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئالاھىدە ئۇرۇن تۇتىدۇ. تىل تاۋۇشلىرى جەھەتتىن تۇزۇ ، باۋئەن ۋە دوڭشاڭ تىلى بىلەن بولغان ئورتاقلىقى چوڭراق. سۆزلەم ۋە گىرامماتىكا جەھەتتىن موڭغۇل تىلى بىلەن بولغان ئورتاقلىقى كۆپرەك››]9[ بىر تىلدۇر. سۆزلەملىرى ئىچىدە قۇبۇل قىلغان سۆزلىرى 3دىن 1 قىسمىنى ئىگەللەيدۇ، تۈركى تىل ئىلمىنتلىرى باشقا تىل ئىلمىنىتلىرىغا قارىغاندا چوڭ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
يەنە بىر قىسمى تەخمىنەن 5000 دەك ئاھالە غەربى يۇغۇر تىلىدا سۆزلىشىدۇ ، غەربى يۇغۇر تىلى بولسا قەدىمكى تۈركى تىل ئىلمىنىتلىرى ساقلىنىپ قالغان بۇلۇپ ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن تىلدۇر. مەيلى شەرقى تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بولسۇن ياكى غەربى تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ بىر مىللەت ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە سارەغ يۇغۇر ~ شارا يۇغۇر دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇلار كۆچۈپ كەلدۇق دىگەن شىجىنىڭ خاجى دىگەن جاي تېخى ئېنىقلانمىدى، خاجى ~ خاجۇ دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان جاي نامى چاقىلىقتىكى قۇچۇل دىگەن جاي نامىغىمۇ يېقىن كېلىدۇ ، لېكىن ھازىرچە بۇ نامنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا يۇغۇرلار بالدۇر دىگەندىمۇ تاكى 17 – ئەسىرگىچە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن بۇلۇپ شۇ دەۋردە بېسىلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدىكى ‹‹ ئالتۇن يارۇق ›› بۇنىڭ دەلىلىدۇر، بۇ ئەسەر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا بولۇپ روس ئۇيغۇرشۇناسى مالوۋ 1910 – يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنشۇگۇ دىگەن يېرىدىن تاپقان ، ھازىر روسىيىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنۇستۇتى لېنىنگىرات تارمىقىدا ساقلانماقتا ، 1687 – يىلى يەنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرى بىلگە تالۇي سابى ، راتنا ۋەيرا سابى ، چاخچاپات ماڭگال تويىن قاتارلىق ئادەملەر تەرىپىدىن دۇخاندا كۆچۈرۈلگەن، بۇ ئەسەر 10 – ئەسىردە ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان . بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا يۇغۇرلارنىڭ مادى ۋە ۋېنشۇ ئىبادەتخانىلىرىدىمۇ خېلى مىقداردا قەدىمكى ئۇيغۇر تىل يېزىقىدا يېزىلغان يازمىلار بار بولۇپ شۇلار ھازىرمۇ ساقلانغان ۋە ئوقۇپ چىقىلغان بولسا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن بولاتتۇق. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىغى يادىكارلىقلىرىدىن باشقا تېخى مۇناسىۋەتلىك يادىكارلىقلار تېپىلمىدى. يۇغۇرلار دىنىي ئېتىقات جەھەتتىن ھازىر شىزاڭدىن تارقالغان بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ، بۇددا دىنىنىڭ گېرو (سېرىق) مەزھىبىدە ، ئەمما شامانىزىمنىڭ بەزى ئىزنالىرى ھازىرمۇ ساقلىنىپ قالغان ، قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىغان قەدىمقى ئېتىقات ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
يۇغۇرلار ئىجتىمائى ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسەن چارۋىچىلىق ، قۇشۇمچە دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،  سارەغ يۇغۇر تىلىدىكى ئورغاق قاتارلىق كۆپلىگەن قەدىمكى ئىبارىلەرنىڭ بۇلۇشى ، يەنە كېلىپ تىلىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرلار تىلى بىلەن يېقىنلىقى بىزگە يۇغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بەردى. سېرىغ يۇغۇر تىلىدا سائەت ( سات ) ، مارجان ، جان ، چەمبەر ، ئاخۇنغا ئوخشاش بىر قىسىم ئەرەپچە ۋە پارسچە سۆزلەرنىڭ بۇلۇشى ئۇلارنىڭ قەدىمدە مۇسۇلمان ئاھالىلىرى بىلەن بىرگە ياشىغانلىغىنى ياكى ئالاقىدە بۇلۇپ كەلگەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
گېركچە مەنبەلەرگە قارىغاندا 6 – ئەسىردە بىر قىسىم Uigursلار كۆچۈپ ۋولگا ۋادىسىغا بارغان ھەمدە شەرقى ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى ئىگەللىگەن ، بەزى غەرپلىكلەر بۇلارنى خاتا ھالدا Avars دەپ قالغان ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇيغۇر بولۇپ Saragurs، Uigurs،Onogurs قاتارلىق 3 قەبىلىگە بۆلۈنگەن ، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا  Uigurs لار Ogre دەپ ئاتالغان بولۇپ گېرىكلەرگە ئەلچى ئىبەرتىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. ۋىزانتىيە تارىخچىسى نىكتا ، گراماتىخ ، گىئورگى قاتارلىقلارنىڭ يېزىشىغا ئاساسلانغاندا رىم ئىمپىرىيىسىگە بېسىپ كىرگەنلەر ئىچىدە oungri، uighur، ogor، ounigour، koutigur، saragour قاتارلىقلار بار ئىكەن]10[. مانا بۇ سېرىغ ئۇيغۇر نامىنىڭ مىلادىيە 6 – ئەسىرگە مەنسۇپ شەرقى روما مەنبەلىرىدە كۆرۈلىشى بۇ تارىخى نامنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگىنى ، بەلكى كېيىن دىگەندىمۇ مىلادىيىنىڭ بېشىدىلا مەۋجۇتلۇغىنى ئىسپاتلاپ بەردى. خەنزۇچە مەنبەلەردە بۇ نام مىلادىيە 11 – ئەسىرلەردە كۆرۈلگەن بۇلۇپ يەنە كېلىپ سېرىق باش ئۇيغۇر مەنىسىدە 黄头回纥 دەپ خاتىرىلىنىشى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تارىخچىلارنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلارنى ئەمدىلا تۇنۇشقا باشلىغانلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، مىلادىيىنىڭ بېشىدا مەۋجۇت نام نىمە ئۈچۈن 11 – ئەسىرگە بارغاندا ئاندىن خەنزۇچە مەنبەلەردە كۆرۈلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇلار ناھايىتى قەدىمدىن باشلاپ مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ شەرقى ئۇيغۇرلار يەنى موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تونۇپ يەتمىگەنلىگى ئۈچۈن ئۇلارنى كونا ئادەتلىرى بۇيىچە خۇ دەپ تۇنىغان بولىشى مۈمكىن . 7 – ئەسىردىن 9 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بۇ يەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان تۈپۈتلەر بۇلارنى خور دەپ ئاتاپ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بۇ ئاتالغۇ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھاكىميەت ئىشلىرىغا كۆپلەپ ئىشتىراك قىلىشى نەتىجىسىدە 撒里畏吾儿 قىلىپ توغرىلىنىدۇ. تۈپۈتلەر ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنى ياكى سېرىق ئۇيغۇرلارنى خور دەپ ئاتايدۇ.
يۇغۇر نامىنى شەرھىلەشتە ئالدى بىلەن كۆپۈنچە ئۇنىڭ ئالدىغا قۇشۇلغان ” سارەغ “ ۋە  ” شارا“  ئىبارىسىگە ئاجايىپ ئېتىبار بىلەن قارالدى ھەمدە نۇرغۇن پەرەز قىياسلار ئوتتۇرىغا چىقتى ، بىز ئەنە شۇلاردىن مىسال كەلتۈرۈدىغان بولساق سېرىق كىيىم كەيگەچكە ، سېرىق چاچ بولغاچقا ، سېرىق باش كىيىمى كەيگەچكە ، سېرىق تۈرگەش نامىدىن كەلگەن ، سېرىق ( گېرو ) دىنىغا ئېتىقات قىلغانلىقى ئۈچۈن ، قارا شەھەر ئۇيغۇرلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن قارا شەھەر نامىدىكى شەھەرنىڭ شەر بولۇپ قىسقىرىشىدىن كەلگەن ، سېرىقباش شىرۋىلەرنىڭ نامىدىن كەلگەن ، سۇلې ئۇيغۇرلىرى بولۇپ سۇلې ئەسلى سۇر بولۇپ شۇنىڭدىن كەلگەن ، سېلىنگا نامىدىن كەلگەن ، سايلىق سۆزىدىن كەلگەن ، سار ( تىلىمىزدا كۆپۈنچە سا تەلەپپپۇز قىلىنىدۇ ) نامىدىن كەلگەن دىگەندەك  تالاي پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چۈشتى، بۇ خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ ئەنە يۇغۇرلارنىڭ تىلىغا ۋە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرگە  قىلچە ھۆرمەت قىلمىغان بولغاچقا ئەمەلىيەتتىن كۆپ يىراقلاپ كەتكەن.
يۇغۇر مىللىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ كۆپۈيۈشىگە ئەگىشىپ نامى ھەققىدىكى قاراشلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چۈشتى ، لېكىن ئىلمىيلىگى بەك كەمچىل بولدى ، ئەسلىدە بىرمۇ بىر مۇلاھىزە قىلىشىمىز مۈمكىن ئىدى ، بىراق سەھىپىسىنى قىسقارتىش ئۈچۈن ئۆز مۇلاھىزەمنىلا ئوتتۇرىغا قۇيۇشنى لايىق تاپتىم. ئىككى خىل تىلدىكى سارەغ يۇغۇر بىلەن شارا يۇغۇر تامامەن ئوخشاش مەناغا ئىگە. يەنى تۈركى تىلدىكى ”سارەغ“  بىلەن موڭغۇل تىللىرىدىكى  ”شارا“ ئوخشاشلا تىلىمىزدىكى  ”سېرىق“ سۆزىگە تەڭ كېلىدۇ، بىز يازما خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىدىغان بولساق چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەنبەلەردە ”سارىخ ئۇيغۇر“ ، خەنزۇچە مەنەلەردە 黄头回纥، 撒里畏兀儿، 黄黄番،غەربى يۇغۇر تىلىدا ”سارەغ يۇغۇر“ ، شەرقى يۇغۇر تىلىدا ”شارا يۇغۇر“ دىيىلىدۇ. يۇقارقى پاكىتلاردا ئۇيغۇر نامىغا قۇشۇلۇپ كەلگەن ئاتالغۇنىڭ سېرىق ئىبارىسى ئىكەنلىگى مەلۇم بولىدۇ. بەزىلەر بۇنى ئېتىراپ قىلسىمۇ ھەرخىل تەلەپپۇزلارنى بۇلارغا تاقاپ مۇلاھىزە  قىلسا  بەزىلەر سېرىق باش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چېچى سېرىق ئىدى دىگەندەك ئەپسانىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ، ناۋادا بىز بۇ قاراشقا قۇشۇلىدىغان بولساق قارا ئۇيغۇر ، كۆك تۈرك ، كۆك موڭغۇل ، سېرىق تاتار ، قىزىل دى ، ئاق ھۇن ، قارا قالپاق قاتارلىق مىللەت قەبىلە ناملىرىغا نىمە دەپ شەرھ يازىمىز؟ ياق ، بۇ ئەمەلىيەتتە قەدىمقىلارنىڭ تەرەپلەرنى رەڭلەر بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئادىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ نامنىڭ سىرىنى ئېچىشتا مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى ، مەيلى خەنزۇچە مەنبەلەردە بولسۇن ، شەرقى ياكى غەربى يۇغۇر تىللىرىدا بولسۇن ئوخشاشلا سېرىق دىگەن سۆز  رەڭنى ئىپادىلىگەن، شۇڭىمۇ خەنزۇچە مەنبەلەردە 黄番 دەپمۇ ئېنىق خاتىرىلەنگەن، ئۇيغۇر چاغاتاي يېزىغىدىكى كىلاسسىك يازمىلاردىمۇ ”سارىخ ئۇيغۇر“ دەپ يېزىلغان. شۇڭا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇلۇدۇكى سارەغ ، شارا ، سارىغ ، سارىخ،  撒里 ، 黄 لارنىڭ ھەممسى رەڭنى سېرىقنى كۆرسەتكەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭغا تەلەپپۇزى يېقىن ئىبارە ئىزلەپ بىھۇدە ئاۋارە بۇلۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
قەدىمكى دەۋرلەردە رەڭلەرنى تەرەپلەرگە سىمۋول قىلىش كۆپ قوللىنىلغان بۇلۇپ يۇقارقى قەبىلە مىللەتلەرنىڭ جايلاشقان ئورنى ، ئاساسلىق پائالىيەت نۇقتىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تارىخچى بەن گۇنىڭ ‹‹ خەننامە ››دە يېزىشىغا ئاساسلانغاندا مەشھۇر بەيدىڭ قورشاۋىنى بايان قىلىپ كېلىپ ‹‹ ھۇنلارنىڭ چەۋەندازلىرىدىن غەرپتىكىلىرى ئاق ئاتلىقلار ، جەنۇپتىكىلىرى بولسا تۇرۇق ئاتلىقلار ، شەرقتىكىلىرى كۆك ئاتلىقلار ، شىمالدىكىلىرى قارا ئاتلىقلار ئىدى ›› دەيدۇ. سىماچەننىڭ ‹‹ تارىخى خاتىرىلەر ››دىمۇ قەبىلىلەرنىڭ ناملىرىغا رەڭلەرنىڭ قۇشۇلۇپ كەلگەنلىگىنى كۆرۈۋالالايمىز.  رەڭلەرنىڭ تەرەپلەرگە سىمۋول قىلىنىشى ھەققىدە ئاندىرىس ئارفىت مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ : ‹‹ بۇ بەش خىل رەڭگە چۇقۇنۇش مەۋجۇت . بۇ بەش خىل رەڭ ئايرىم ئايرىم ھالدا دۇنيانىڭ بەش ياكى تۆت تەرىپىگە سىمۋول قىلىنغان . ... بۇ بەش رەڭنىڭ ھۇن ، پېچىنەك ۋە موڭغۇللاردا ئىپادىلىگەن تەرەپلىرى ئوخشاش بۇلۇپ قىزىل رەڭ جەنۇپنى ، قارا رەڭ شىمالنى ، كۆك رەڭ شەرقنى ، ئاق رەڭ غەرپنى ، سېرىق رەڭ ئوتتۇرىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ رەڭلەرنىڭ تەرەپلەرگە سىمۋول قىلىنىشى تۈركى تىل ئاتالغۇلىرىدىمۇ مەۋجۇت دەپ قارىشىمىزغا ئاساسىمىز بار ›› ]11[ .
گېرمانىيە تەۋەلىگىدىكى پولشا  تۈركلوگى پرتساك پاكىتلىق مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ، دېمەك يۇقارقىلارغا ئوخشاش رەڭنى قۇشۇپ ئاتىغان مىللەت ، قەبىلىلەر مەلۇم تارىخى دەۋردە ئاساسلىقى تارىخى پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئورنىغا نىسبەتەن سىمۋوللۇق رەڭلەرنى قۇشۇپ ئاتىغان. قەدىمدە مىللەتلەر كۆپرەك كۆچمەنچى تۇرمۇش كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكتىن قايسى مۇھىتتا ، قانداق تارىخى دەۋرگە ئاساسەن ئاتالغانلىقىنى ئېنىقلاش بىر قەدەر قىيىن . سېرىق ئۇيغۇر نامىغا كەلسەك ، ئۇلار ئاساسەن لوپ رايۇنىدا ياشىغان بۇلۇپ ، شۇ جايلاشقان ئورنىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ نام كېيىن دىگەندىمۇ مىلادىيەنىڭ باشلىرىدا ۋۇجۇتقا چىققان . دىمەك سارەغ يۇغۇر ، شارا يۇغۇر ، سارىغ ئۇيغۇر ناملىرى ئەمەلىيەتتە شۇ تارىخى دەۋردە جايلاشقان ئورنىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق ئاتالغان بۇلۇپ ، مەركىزى قىسىم ئۇيغۇرلار ياكى ئوتتۇرا بۆلەك ئۇيغۇرلار دىگەن مەنىنى بىلدۈرۈدۇ. ماتىرىياللارنىڭ كەمچىللىگى تۈپەيلى شۇ تارىخى دەۋردە سېرىق ئۇيغۇرلارغا قوشنا ياشىغان قەبىلىلەرنى ئېنىقلاش قىيىن ، شۇندىمۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى قوشنىلىرىدىن ئۇدۇن ئۇيغۇرلىرى ، چۇمۇللار ، تاتارلار ، تۈپۈتلەر ، ئون ئۇيغۇرلارنىڭ بولغانلىغى مەلۇم ( ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى ئون ئۇيغۇر ئېلى دەپمۇ ئاتالغان). يۇغۇر مىللىتى جەمەتلىرى ئىچىدە سېرىغ تۈركەش ، تاتار، ياغما ، قوڭرات ، قىرغىز قاتارلىقلارنىڭ بۇلۇشى تارىخى دەۋرنىڭ ئىنكاسىدۇر.
غەيرەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۈچ تارماققا يەنى توققۇز ئۇيغۇر ، ئون ئۇيغۇر ۋە سېرىق ئۇيغۇرلارغا بۆلۈش ئارقىلىق سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئورنىنى مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە قىلىشى ناھايىتى توغرا بولغان، ئەمما بىز بۇ يەردە ئۇلارنىڭ يەنى سېرىق ئۇيغۇر نامىنىڭ سېلىنگا دەرياسىغا باغلاپ ئۇلارنى كۆچۈپ كەلگەن دىيىشكە ئۇرۇنىشىغا قوشۇلمايمىز ، ئەكسىچە ئۇلارنى ئۆز يۇرتىدا قەدىمدىن ياشاپ كەلگەن كروران ئېلىنىڭ ئاھالىلىرى دەپ قارايمىز.
تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇرۇق قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى ۋە ئۇلار فامىلە قىلىپ قوللانغان خەتلىرى]12[
ئۇرۇق ( جەمەت نامى) 


    ئەسلى تىلدىكىسى              خەنزۇچە فامىلىسى
安江    ئەنجان                   Antşang    安   
妥鄂什    t´o şi توغاش     توۋغاچ؟t´oγæşi    妥
索格勒                            Sogæl    索
亚拉格    ياغلاقار                 JaqlaGara    杨
斯那             سىنا                     Sina    白
阿克塔塔儿       ئاقتاتار         akæ t´a t´ar    白
巴苏                         Basud~būqis    巴
呼郎格    χaorōko t´æ               قوڭغۇرات ؟    贺
霍尔勒    χaral æq                                  贺,郎
钟鄂勒                                   zhuŋŋal    钟
帕勒坦                               pa‘lt‘an    潘
增斯恩                                   tinŋgæs    郑
巩鄂拉提                                   onŋrud    郭
柯勒克尔    Qalqar                           قالقا؟    柯,哈
克孜勒                                      قىزىل  qæzilq    洪,黄
阿郎               ئەغلان                            æGlan    郎
杜曼                 تۈمەن                          toman    杜
ئىڭگىر تىلىدا سۆزلىشىدىغان فامىلىسى ۋە  ئۇرۇقلارنىڭ نامى
ئۇرۇق ( جەمەت نامى)    خەنزۇچە فامىلىسى    ئەسلى تىلدىكىسى
安江                                 安                      ئەنجاڭ
巩鄂拉提                            郭                   ئونڭۇد
巴岳特    白 ,                 吴      باياد                بايات
克烈                        贺    كېرېد                          كېرەي؟
阿郎                            郎                       غلاڭ ياكى ئەغلان
鄂盖尔(戈尔恰合)             高,李      غكېر ياكى قەرچاق
喀勒喀    葛          خالقا                              قالقا
苏勒杜斯                         苏                       سۇلتۇس
顾林那合首                       顾               كۇلىڭناقسۇ ياكى كۇلىڭ
常曼                              常                               چاڭمان
兰恰合                             兰                              لانچاق
柯尔克孜                          耿          قەرغەز                          قىرغىز
蒙古勒(恩郭热)                      孟                   موڭغۇل ياكى ئانكۇرا
冲萨                              孔                                   چۇڭسا
浑    黄,                         安                                    ھۇن
贾鲁格                           贾         
绰罗斯                              左          چاراس                          جوراس؟
卫拉特                      艾,安                                   ئويرات
齐鲁                               石                                       چىلۇ
铁木尔钦                         铁                                        تېمۇرچىن
克丹                           朵                                           كەدەن
杜曼                            杜                      تومان                            تۈمەن
吐尔古斯               ?        تۇرگۇش                        تۈرگەش
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۈمكىنكى ، لوپلۇقلار  ۋە يۇغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى سېرىق ئۇيغۇرلار بۇلۇپ ، ئۇلار قەدىمكى دەۋردىن باشلاپ كەڭ مەنىدىكى لوپ رايۇنىدا ياشاپ كەلگەن ، ئۇلار ياشىغان دائىرە  ھازىرقى چەرچەن – چارقىلىق ناھىيىلىرىدىن دۇخانغىچە يېتىپ بارغان، تارىم – كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىمىدىكى كەڭ رايۇننى ئۆزىگە ماكان قىلىپ قەدىمدىن بېرى ياشاپ كەلگەن. تۈرلۈك تەبىئى ئاپەتلەر تۈپەيلى شەھەرلىرى ۋەيران بولغاندا بىر قىسمى سىرتلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ تۇرغان ، جۈملىدىن بىز بىلىدىغان تۇنجى تۈركۈمى مىلادىيە 5 – ئەسىرلەردە كروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولىشى بىلەن كۆچكەن. 2- قېتىملىق كۆچۈش ئېھتىمال بەك چوڭ بولمىغان ، يەنى مىلادىيە 10 - ئەسىرلەردە كىچىك دەريا ئېقىنى بويلىرى ۋە ھازىرقى چاقىلىق ۋە مىرەن بوستانلىقلىرىدىن ئۆزلىرىگە يېقىن بولغان سېرىق ئۇيغۇر شەھەرلىرى لوپ ، كىتىك ، مەردەك قاتارلىق يۇرتلارغا كۆچكەن بولىشى مۈمكىن. 3 – قېتىملىق كۆچۈش بىر قېتىملىق چوڭ كۆچۈش بولۇپ موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن توغرىراقىنى ئېيتقاندا 14 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۈز بەرگەن تەبىئى ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان لوپ ، كىتىك ، مەردەك قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولىشى تۈپەيلى كېلىپ چىققان كۆچۈشتىن ئىبارەت، بۇ قېتىمقى كۆچۈش يۇغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئۆز ئەكسىنى تاپقان بولۇپ مىڭ سۇلالىسىنىڭ خۇڭۋۇ يىللىرى يۈز بەرگەن دىيىلگەن. تارىخ تەزكىرە كىتاپلىرىغا قارايدىغان بولساق بۇ قېتىمقى كۆچۈشتە مۇسۇلمانلار ئازراق، باشقا دىندىكىلەر كۆپرەك بولغان، كىتىك شەھرىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق جالالىددىن كىتىكى باشچىلىقىدىكى ئاھالە كۆچۈپ ئاقسۇ ، كۇچارغلارغىچە يېتىپ بارغانلىقى ئېنىق خاتىرىلەنگەن بولسا، مۇسۇلمان ئاھالىلىرىنى ئاساس قىلغان لوپ شەھرى ئاھالىلىرىنى چەرچەن - خوتەن تەرەپلەرگە كۆچكەن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. كىتىك ۋە مەردەك شەھەرلىرىدىكى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ شەرققە كۆچۈپ ئۆزلىرى بىلىدىغان گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە دىنداشلىرى قېشىغا سۈرۈلگەنلىگى رىۋايەتلەردىن مەلۇم. شۇ قېتىمقى زور كۆچۈشتە يەنە بىر قىسىم ئاھالە چارۋىچىلىق ، بېلىقچىلىق قىلىپ تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىملىرىدا ئوت – سۇ قوغلىشىپ بېلىقچىلىق ، چارۋىچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن . بۇلار ھازىرقى زامانىمىزدا يۇرتىنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنى  ”لوپتۇق ~ لوپلۇق “ دەپ ئاتاۋاتقان يەرلىك ئاھالىلەردۇر. گەنسۇ دائىرىسىدىكى يۇغۇرلار بولسا تەبىئى ئاپەت ۋە غازات تۈپەيلىدىن يۇرت ماكانىنى تاشلاپ شەرققە كۆچكەن ئۇيغۇرلار يەنى سېرىغ ئۇيغۇرلاردۇر.ئۇلارنىڭ كۆپرەك قىسمى تۈركى تىلدا يەنى غەربى يۇغۇر تىلى – سارەغ يۇغۇر تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ياپون ئالىمى ساگۇچى تورۇ ئۇلارنىڭ پائىلىيەت دائىرىسىنى لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىن دۇخاننىڭ جەنۇبى قىسمى ، چايدام قاتارلىق جايلارغىچە دەپ كۆرسىتىدۇ. ‹‹ يۇغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› ناملىق كىتاپتا بولسا تارىخى دەۋرلەردىكى يۇغۇرلارنىڭ پائىلىيەت دائىرىسىنى خەرىتە ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەرگەن . 10 – ئەسىردە چاقىلىق ناھىيىسىدىن تاكى جاڭيې دائىرىسىگىچە ( ئاساسلىقى گەجۇ ئۇيغۇرلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاقىلىق دائىرىسىدىن جۇچۇەن ئەتراپلىرىغىچە بولغان، ئۇلار تەدرىجى سۈرۈلۈپ سۇنەن ئاپتۇنۇم ناھىيىسى دائىرىسىنى مەركەز قىلىپ ئولتۇراقلاشقان.
شەرقى روما تارىخنامىلىرىدە خاتىرىلەنگەن sarahur بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ نۇقتا ئالىملارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلمەكتە. 5 – ئەسىرلەردە غەرپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ۋە سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋېنگىرلارنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا ۋېنگىر خەلق ناخشا قۇشاقلىرىدا ئاجايىپ ئوخشاشلىق بارلىغىنى بايقىغان. ۋېنگىر تىلىدا ساقلىنىپ قالغان تۈركى سۆز بىلەن يۇغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئاساسىدا ئوخشاشلىق بارلىغى دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇردى. 1988 – يىلى 4 – ئايدا ئۇنغۇرىيە ‹‹ خەلق ھۆرلۈگى گېزىتى››نىڭ مۇخبىرى  بەند ئىستىۋان گابور جوڭگۇ مۇزىكا ئىنۇستۇتىدىكى ئالىم دۇ ياشىئوڭنى زىيارەت قىلغاندا دۇ ياشىئوڭنى سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توپلاپ كەلگەن خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى قويۇپ بەرگەندە بەند ئىستىۋان گابور ناخشىدىكى بەزى سۆز جۈملىلەرنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن باشقا نىمە ناخشا ئىكەنلىكلىرىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلىگەن. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ھەيران قالغان ، بۇنىڭغا ھەتتا بەند ئىستىۋان گابورنىڭ ئۆزىمۇ ھەيران قالغان . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سېرىق ئۇيغۇر ئالىمى دوكتۇر جوڭ جىنۋېن ئەپەندى ۋە ئامېرىكىلىق ئالىم ئېسابىللا خورۋات سېرىق ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن ئۇنغۇرىيە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا مەنبەداشلىق بارلىقىنى بايقىغان ، مانا بۇلارنىڭ ئۆزى مۇشۇ رايۇندىكى ئېتنىك مەنبەداشلىققا ئىگە قېرىنداشلارنىڭ غەرپكە كۆچكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئانا ماكانىنىڭ ھازىرقى چاقىلىق ، چەرچەن ناھىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ۋە ئوتتۇرا ئېقىنلىرى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بەردى . مىلادىيىنىڭ بېشىدىكى جاي ناملىرىنىڭ تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوللىنىلىشى ، مىلادىيە 5 – ئەسىرگە مەنسۇپ سېرىغ ئۇيغۇر نامىنىڭ بۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ نامى بولىشى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە غەرپكە كۆچكەن sabir لارنىڭ نامىنىڭ قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە كۆرۈلىدىغان supi ۋە خەنزۇچە مەنبەلەردە كۆرۈلىدىغان 鲜卑 ناملىرى بىلەن يېقىن بولىشى، بىزنىڭ كرورانلىقلارنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر، يەنە كېلىپ سېرىغ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدە تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدۇ. ئالىملار ۋېنگىر ( بۇ ئاتالغۇ تىلىمىزغا روسچىدىن كىرگەنلىگى ئۈچۈن فونىتىكلىق ئۆزگىرىش بۇلۇپ كەتكەن) ئاتالغۇسىنى ئون ئۇيغۇر › ئونغۇر بۇلۇپ تەدرىجى ئۆزگىرىپ كەتكەن دەيدۇ.  شۇ قېتىمقى كۆچكەنلەر ئارىسىدا ساراغۇر ( سېرىغ ئۇيغۇر )لارنىڭ كېيىنچىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى، ئون ئۇيغۇر ئاتالغانلارغا كەلسەك ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىنىڭ يەنە ئون ئۇيغۇر ئېلى دەپمۇ ئاتالغانلىقى  ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئابداللار بولسا چاقىلىقتا شۇ نامدا جاي نامىنىڭ بولغانلىغى ، سىيانپىلارنىڭمۇ شۇ دەۋردە لوپ رايۇنىدا پائالىيەت قىلغانلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ، شۇ كۆچۈپ بارغان ساراغۇر ئاتالغان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ماكانىنىڭ لوپ رايۇنى ( ھازىرقى چەرچەن – چاقىلىق ) ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلىمىز. بۇ پەرىزىمىزگە يۇغۇرلار بىلەن ۋېنگىرلارنىڭ مۇزىكا ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ساقلىنىپ قالغان مۇناسىۋەتلەرمۇ مەدەت بېرىدۇ ، ماتىرىياللارنىڭ كۆپۈيۈشىگە ئەگىشىپ بۇ مەسىلە تېخىمۇ ئايدىڭلاشقۇسى.
ئېلىمىزنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۇغۇر ئاپتۇنۇم ناھىيىسىنى مەركەز قىلغان 8820 نەپەر (1990 – يىلى ) يۇگۇ مىللتى ئاھالىسى ياشىماقتا. يۇگۇ مىللتى ئاھالىسى ئادەتتە ئۆزلىرىنى ‹‹ سارەغ يۇغۇر ~ شارا يۇغۇر ›› دەپ ئاتايدۇ. ئالىملار ‹‹يۇغۇر›› ئاتالمىسىنى ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنىڭ ئىپتىدايى شەكلى ياكى ئۆزگەرگەن شەكلى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ 1950 – يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۇلارغا ئاپتۇنومىيە بېرىلىدىغان ۋاقىتا ئۇلار شىنجاڭدىن كۆچۈپ بارغانلىغىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان دىن پەرقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇغۇر نامىنى يۇگۇ 裕固 دەپ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ مىللەت نامى قىلىپ بېكىتىلگەن. ھازىر ئۇيغۇرچە ماتىرىياللادىمۇ خەلق قوللانغىنى بۇيىچە ئېلىنماستىن يۇگۇ ھەتتا يۈگۈر دەپ ئېلىنماقتا، مېنىڭچە توغرىسى يەنىلا سېرىغ ئۇيغۇر ياكى يۇغۇر دەپ ئېلىنغىنى تۈزۈك.
سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بۈگۈنكى يۇگۇ مىللىتىنىڭ تىل ماتىرىياللىرىنى كۆرۈدىغان بولساق بىزنىڭ چۈشەنچىلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىشىمىزدا ئەھمىيىتىنى كىچىك چاغلاشقا بولمايدۇ . توۋۇرغا ، سالغا ، تالقان دىگەن ئىبارىلەر ھېلىھەم ئوپ ئوخشاش قوللىنىلغاندىن سىرت ئالما ، ئالتۇن ، ئاخۇن ، ئاياق ، ئاراغە ( ھاراق )، ئورغاق ، سات ( سائەت ) ، سارت ، چەمبەر ، ئۈجۈم ، دارەغ ( تېرىق ) ، دورغاق ( توغراق )، تېغەرمېن (تۈگمەن) ، گۇمۇس ( كۈمۈش )، كېۋېس ( كىۋەز) ، كېغدە ( قەغەز) ، قاۋۇن ( قۇغۇن ) ، قالماق ، چەنتۇ، تۆمۈرچى ، باغگەرچى ( مىسكەر )  ... دىگەندەك ئىبارىلەرنىڭ بولىشى ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىگىلىك شەكلىدە ئەمەس بەلكى شەھەر مەدەنىيىتىنى باشتىن كەچۈرگەنلىگىنى، دېھقانچىلىق ئىگىلىگى بولغاندىن سىرت يەنە تۆمۈرچىلىك ، مىسكەرلىك ، ئالتۇنچىلىق ئىشلىرىنىڭ بولغانلىقىنى ، مۇسۇلمانلار بىلەنمۇ ئارىلاش ياشىغانلىقى بىلىش مۈمكىن، مانا بۇلار ئۇلارنىڭ ئاساسى تەركىبىنىڭ ھەرگىزمۇ موڭغۇلىيىدىن ئەمەس غەرپتىن يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان شەھرى كىتىك قاتارلىق جايلارنى كۆرسىتىش مۈمكىن ، مانا بۇلارمۇ  ئۇلارنىڭ ئەسلىدىن مۇسۇلمان سېرىق ئۇيغۇرلار ياشىغان لوپ ، مۇسۇلمان ۋە بۇددىستلاردىن تەركىپ تاپقان كىتىك ، مەردەك شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تەدرىجى كۆچكەنلىگىنى كۆرسىتىشىمىزدە پاكىتنى تولۇقلايدۇ.
گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى سېرىغ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ، تىلى ۋە ئۆرپ ئادىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆپلىگەن تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلار مەيدانغا كەلدى. شۇ قاتاردا ئۇلارنىڭ ياشىغان ، كۆچكەن ماكانلىرى توغرىلىق خېلى سەمەرىلىك تەتقىقاتلار بولدى. تارىخى پاكىتلار مىلادىيەنىڭ ئالدى كەينىدىن باشلاپ ھازىرقى گەنسۇ ، چىڭخەي ئۆلكىلىرى دائىرىسىدە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ماكانلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىگى ئىسپاتلاپ بەردى. ‹‹ يۇغۇر مىللىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› ناملىق كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن خەرىتىلەردە بەش دەۋردىن سوڭ دەۋرىگىچە بولغان ۋاقىتتىكى پائىلىيەت دائىرىسىنى شاجۇ ، گۇاجۇ ، سۇجۇ ، لىياڭجۇ ، لەنجۇدىن تاكى ۋېيشۇي دەرياسىغىچە دەپ يازغان. بىز تارىخى كىتاپلىرىدىن غەرپكە كۆچكەن بىر تارماق ئۇيغۇرلار خېشى كارىدورى ئەتراپىدا ئۇرۇنلىشىپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىغى (850 – 1028) ۋە خېشى ئۇيغۇر خانلىغىنى قۇرۇپ چىقتى ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدا ئاھالە 300 مىڭدىن ئاشقان. چەرچەن ، چاقىلىق ناھىيىلىرىدىكى قەدىمكى شەھەرلەردىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار يەنى سېرىق ئۇيغۇرلار 14 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئەنە شۇ خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىدىكى ۋە گەنجۇدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساقلىنىپ قالغان قالدۇقلىرى بىلەن قۇشۇلدى ، ئەمما يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى بېرىش كېلىشلەر ئۇلارنى كۆپ مىقداردا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاسلىماتسىيە قىلىنىشىغا سەۋەپ بولدى ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ نوپۇسى تەدرىجى ئازلاپ باردى . ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇرلار ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرقى تۈركۈمى بولۇپ راست گەپنى ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ سۆزلىشىدىغان تىلى يالغۇز شەرقى ۋە غەربى يۇغۇر تىللىرىلا بولماستىن يەنە بۇ ئىككى تىلنى بىلمەيدىغان خەنزۇ تىلىنى ئانا تىل قىلغان بىر قىسىم سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ بار ، زاڭزۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى خور دەپ ئاتاۋاتقان بىر تۈركۈم ئالاھىدە تەركىپمۇ بار . مانا بۇ مىساللار ۋە ئۇلارنىڭ تەدرىجى خەنزۇچە فامىلە ۋە ئىسىم قوللىنىشنىڭ ئومۇملىشىشى پۈتكۈل مىللەتكە نىسبەتەن خەنزۇ تىلىنىڭ ئورتاق ئالاقە تىلى بولۇپ قېلىشى، تەدرىجى تەرەققىيات ئارقىلىق تەبىئى ئاسلىماتسىيەنىڭمۇ بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئىزاھاتلار:
[1][2] مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگانى ‹‹ تارىخى رەشىدى – ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇللىرىنىڭ تارىخى ›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى خەنزۇچە نەشرى
[3]》بۇلاق《 ژورنىلى 1999- يىلى 4-سان 127 بەت
[4] موللا مىر سالىھ كاشغەرى ‹‹ چىڭگىزنامە ›› قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1992 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى
[5] ياڭ فۇشۆ ، نىۇ رۇجى ‹‹ شاجۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يادىكارلىقلىرى ›› گەنسۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 1995 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 22 ، 23 – بەتلەردىكى نەقىلگە قاراڭ
[6] ‹‹ يۇغۇر مىللى ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار ›› مىللەتلەر نەشىرىياتى 1984 – يىلى خەنزۇچە نەشرىگە قاراڭ
[7] ‹‹ جوڭگۇ خەلق ناخشىلىرى توپلىمى . گەنسۇ تومى ››نىڭ ‹‹ يۇغۇر ، دوڭشاڭ ، باۋئەن ، سالا ، تۇزۇ تارماق تومى››نىڭ باسمىسىغا قاراڭ ، مېنى بۇ ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن دوستۇم سېرىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ، تارىخچىسى تۆمۈر ئەپەندىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
[8] ياگېر – جوڭ جىنۋېن ( سېرىغ ئۇيغۇر ) ‹‹ يۇغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات ›› جوڭگۇ ئاۋىئاتسىيە نەشىرىياتى 1995 – يىلى نەشرىگە كىرگۈزۈلگەن تەرجىمىگە قاراڭ .
[9] جاۋناسىت ‹‹ شەرقى يۇغۇر تىلىنىڭ تەزكىرىسى ›› مىللەتلەر نەشىرىياتى 1981 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 1 – بەت
[10] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ‹‹ قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا ›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 104 - بەت
[11] پرىتساك ‹‹  ’قارا‘نىڭ تۈركى تىلدا ھۇقۇققا سىمۋوللىقى ھەققىدە تەتقىقات ››تا ئېلىغان نەقىلدىن، ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ›› ژورنىلى 1987 – يىلى 4 – سان 102 – بەت
[12] تۆمۈر (سېرىق ئۇيغۇر ) ‹‹ يۇغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى ›› 1999 – يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى خەنزۇچە نەشرى 114 – ، 115 - بەتلەرگە قاراڭ
[13] ‹‹ سۇنەن يۇغۇر ئاپتۇنۇم ناھىيىسى تەزكىرىسى ›› گەنسۇ مىللەتلەر نەشىرىياتى خەنزۇچە نەشرى
[14] ‹‹ غەربى دىيار تارىخىغا ئائىت ماقالىلەردىن توپلام ›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1990 – يىلى خەنزۇچە نەشرى
[15] لېي شۇەنچۈن ‹‹ غەربى يۇغۇرچە خەنزۇچە لۇغەت›› سىچۇەن مىللەتلەر نەشىرىياتى 1992 – يىلى نەشرى
[16]  جوڭ جىن ۋېننىڭ باش مۇھەررەرلىگىدە تۈزۈلگەن ‹‹ جوڭگۇ يۇغۇر مىىللىتى تەتقىقاتىدىن توپلام ›› مىللەتلەر نەشىرىياتى 2003 – يىلى خەنزۇچە نەشرى


bilqut
Posted: 2008-02-11 09:37 | [ئاپتور]
koktugh
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ھۆرمەتلىك alpaghutئەپەندى  سىز سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ  ھازىرقى يۇرتىغا ئۇرخۇن ۋادىسىدىن ئەمەس غەرىپتىن يەنى يۇرتىمىز  چەرچەن چاقىلىقتىن كۈچۈپ بارغانلىغىنى خېلى پاكىتلىق ،ئېدىتلىك ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز  مۇشۇ تەرىپى  بىلەن سىز بۇ ياز مىڭىزدا ئەمىلىيەتكە بەكمۇ ئۇيغۇن بولغان يېڭى قاراشنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ تارىخىمىز دىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغا يەنە  بىر  مەشئەل ياندۇردىڭىز. مەنمۇ تارىخىمىز غا قىزىققۇچى بۇلۇش  سۇپىتىم بىلەن  بۇ  توربەتكە تارخىمىز ھەققىدىكى  نادىر يازمىلارنى يىغىپ كۈچۈرۈپ  يوللايتتىم  ئۇزۇن  بۇلۇپتىكەن بۇنداق ئىجادى تەتقىقات نەتىنجىسى ھەققىدىكى يېڭى يازمىنى  كۆرمىگىلى  قايتا -قايتا ئۇقۇدۇم  كۈزۇم تېخىمۇ  نۇرلىنىپ يىراق تارىخىمىز نىڭ يارقىن نۇرلىرى تېخىمۇ  جۇلالاندى  بۇنىڭدىن  كىيىن  مۇشۇنۇڭغا  ئوخشاش يېڭى يېڭى  ئىجادى ئەمگەك مىۋىلىرىڭىزنىڭ كۆپلەپ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا تىلەكداشمەن         
bilqut
Posted: 2008-02-11 17:58 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار

Total 0.059846(s) query 4, Time now is:02-15 08:15, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation