بۇ بەتتىكى يازما : 10 - ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈركلەر بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 10 - ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈركلەر بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى

10 - ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈركلەر بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى

گۇڭ فاڭجېن


ۋېنگىرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ تۈركىي خەلقلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىرقەدەر مۇرەككەپ مەسىلە. 1882 - يىلى ۋېنگىرىيىلىك ئەرمىن ۋامبېرى① ئېلان قىلغان " ماجارلار ( ۋېنگىرلار ) نىڭ كېلىپ چىقىشى" دېگەن ئەسىرىدە ۋېنگىرلار تۈركلەردىن كېلىپ چىققان دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ۋېنگىرىيە ئالىملىرى ئارىسىدا كەسكىن مۇنازىرە، يەنى ئاتالمىش " تۈرك- ئۇغور ئۇرۇشى " مەيدانغا كەلدى. ج . بۇدېنز بىلەن پ . ھۇنفالۋى ۋېنگىرلارنى ئوغۇرلاردىن كېلىپ چىققان ، ۋېنگىر تىلى فېن - ئوغۇر تىلىغا تەۋە دەپ قارىدى. ھازىر ئوغۇرلاردىن كېلىپ چىققان دېگەن كۆزقاراشنىڭ توغرىلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، لېكىن ۋېنگىرلاردا ھەقىقەتەنمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېنى بارلىقى، ۋېنگىر تىلىدا خېلى كۆپ تۈركىيچە سۆزلۈكلەرنىڭ بارلىقى ھەمدە قەدىمدە ۋېنگىرلارنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ماقالىدە 10- ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن ۋېنگىرلارنىڭ مۇناسىۋىتى سۆزلىنىدۇ.
1 . ۋېنگىر تىلىدىكى تۈركىيچە سۆزلۈكلەر
ۋېنگىرلارنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئەڭ ئاۋۋال تىلدا ئەكس ئېتىدۇ. ھازىرقى ۋېنگىر تىلىدا %9 ئەتراپىدا تۈركىيچە سۆزلۈك بار. چۈشەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، ھازىرقى زامان ۋېنگىر تىلى بىلەن تۈركىي تىللار سېلىشتۇرما قىلىندى، بۇ تۈركىي تىللارنىڭ ھەممىسى قەدىمكى تۈرك تىلىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، بۇنى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ." دېڭىز " دېگەن سۆز ۋېنگىر تىلىدا " tenger " ، قازاق تىلىدا " تېڭىس " ، قاراقالپاق تىلىدا " تېڭىس " ، ئۆزبېك، ئۇيغۇر تىللىرىدا " دېڭىز " دېيىلىدۇ." بۇقا " دېگەن سۆز ۋېنگىر تىلىدا " bika " ، تۈركمەن، ئۆزبېك، ئۇيغۇر تىللىرىدا " بۇقا " ، قاراقالپاق تىلىدا " buga " دېيىلىدۇ." مۇزاي " ۋېنگىر تىلىدا " tino" ، باشقىرت، ئۆزبېك، تۈركمەن، قاراقالپاق تىللىرىدا " تانا " ، ئەزەربەيجان تىلىدا " دانا " دېيىلىدۇ." قوي " ۋېنگىر تىلىدا " kos " ، قازاق، قاراقالپاق، قىرغىز، ئۇيغۇر تىللىرىدا " قوي " دېيىلىدۇ." ئۆچكە " ۋېنگىر تىلىدا " kecske " ، قىرغىز، ئۆزبېك تىللىرىدا " ئەچكى " ، قازاق تىلىدا " ئەشكى " ، ئەزەربەيجان تىلىدا " keci " دېيىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قازاق، ئۆزبېك، ئۇيغۇر تىللىرىدا ياۋا ئۆچكە " كېيىك " دېيىلىدۇ، بۇ سۆزنىڭ ئەلۋەتتە " kecske " دېگەن سۆز بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار.يەنە " ئالما " ، " باتۇر " دېگەن سۆزلەردىمۇ شۇنداق ئەھۋال بار، ئۇلارنى مىسال كەلتۈرمىدۇق.ۋېنگىرىيىنىڭ بىرقەدەر ئىشەنچلىك تارىخى ئارپاد خانلىقىدىن باشلانغان، ئارپاد مىلادىيە 907 - يىلى ئۆلگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرنى تارىخشۇناسلار ۋېنگىرىيىنىڭ تارىختىن ئىلگىرىكى تارىخى دەپ ئادەتلەنگەن. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، 10- ئەسىردىن ئىلگىرى ۋېنگىر تىلىدا يېزىلغان ئەسەر يوق ئىدى. پەقەت 11 - ئەسىردىكى بىر لاتىنچە ئەسەردە قەدىمكى ۋېنگىرچە پارچە - پۇرات سۆزلۈكلەر ئۇچرايدۇ. ئەڭ دەسلەپكى " ۋېنگىرىيە تارىخى " لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ، قايسى تىلدا يېزىلغانلىقى نامەلۇم. ھازىر ئەڭ دەسلەپكى ۋېنگىرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئاساسلىقى تىلشۇناسلىققا، ئاندىن شەرقىي رىم تارىخچىلىرى بىلەن مۇسۇلمان ئاپتورلارنىڭ خاتىرىلىرىگە تايانماي بولمايدۇ. بىراق بۇ ماتېرىياللار ئىچىدىكى مىللەت نامى، ئادەم ئىسمى، يەر ناملىرىنى قەدىمكى خەنزۇ تىلىدىكى يېزىلىشىغا بىرمۇبىر تەدبىقلاپ چىقىش بىرقەدەر قىيىن. ماقالىدە نەقىل ئېلىنغان ئىسىملار ئەسلىدىكىسى بويىچە ئېلىندى.
2 . " ۋېنگىر " نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋېنگىرلار ئۆزىنى ماجار( Magyar ) دەپ ئاتايدۇ. ئىنگلىزچە Hungarian، فرانزۇسچە Hongrois، نېمىسچە Ungar دېيىلىدۇ. بۇ ناملارنىڭ ھەممىسى لاتىنچىدىكى Ungri دىن كەلگەن. بىراق بۇ لاتىنچە نام 5 - ئەسىردىكى ئونئوغۇر ( Onogur ) دېگەن قەبىلە نامىدىن كەلگەن. بۇ نام ئەڭ ئاۋۋال شەرقىي رىم تارىخچىسى پرىسكۇسنىڭ خاتىرىسىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ساراغۇر ( Saragur ) ، ئوغۇر ( Ogur ) ۋە ئونئوغۇرلار سابىر ( Sabir ) لارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ماكانىدىن قوغلىۋېتىلگەن. سابىرلار شۇ دەۋردە ئاۋار ( Avar ) لارنىڭ قىستىشى بىلەن كۆچكەن، لېكىن ئاۋارلارمۇ ئوكيانغا يېقىن ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. مۇشۇ ۋاقىتتا ( تەخمىنەن مىلادىيە 461 - 464 - يىللار ئارىلىقىدا ) ساراغۇرلار، ئوغۇرلار، ئونئوغۇرلار شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىگە ئەلچى ئەۋەتكەن②. ساراغۇر دېگىنى سارائوغۇر ( Sara ogur ) نىڭ ئۆزى بولۇپ، ساپ ئوغۇر ياكى ئاق ئوغۇر دېگەن مەنىدە. ئونئوغۇر يەنى ئون ئوغۇر دېگەن سۆزدىكى " ئون " تۈركچە " ئون " دېگەن ساننى كۆرسىتىدۇ. ئوغۇرلار ئېلىمىز تارىخىي ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدىغان 乌护، 乌纥، 回纥 ( ئۇيغۇر ) لارنى كۆرسىتىدۇ. ساراغۇرلار مىلادىيە 466 - يىلى پارسلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئەرمىنىيىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. شۇڭا 5 - ئەسىرلەردە ساراغۇرلارنىڭ تەسىر دائىرىسى كافكازغىچە يېتىپ بارغانىدى. ئوغۇرلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى توغرىسىدا مېناندرې ( Menandre ) " يۇنان تارىخىنىڭ پارچىلىرى" دە: " مىلادىيە 569- يىلى رىم ئەلچىسى ۋولگا دەرياسىنىڭ غەربىدە تۈرك قاغانىغا قاراشلىق ئوغۇر ( ئۇيغۇر ) لارنىڭ رەھبىرىنى ئۇچراتقان " دەپ خاتىرىلىگەن. 7 - ئەسىردە ئۆتكەن شەرقىي رىم تارىخچىسى سىموكاتتامۇ ئوغۇرلار شەرقتىكى تىل ( Til ) دەرياسى بويىدا ئولتۇراقلاشقان دەيدۇ③. مارگۇئارت بۇ دەريانى " سۈينامە " دە تىلغا ئېلىنغان 独洛河 ( تۇغلا دەرياسى ) نىڭ ئۆزى دەپ قارايدۇ. بىراق " تىل " ( Til ) دېگىنى " ئاتىل " ( Atil ) دېگەنلىك، ۋولگا دەرياسىمۇ " ئاتىل " دېيىلەتتى. مېناندرېنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندىمۇ بۇ ۋولگا دەرياسى ئىدى. ئونئوغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇرچە " تەڭرىدە بولمىش ئەل ئېتمىش بىلگە قاغان مەڭگۈتېشى " دىكى ئون ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى شۇمۇ ئەمەسمۇ؟ بىر نېمە دېيىش تەس. ئونئوغۇرلارنىڭ 5 - ئەسىردىن كېيىنكى ئەھۋالى شەرقىي رىم تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرىمايدۇ. بىراق 10 - ئەسىردە پارس تىلىدا يېزىلغان مەشھۇر ئەسەر -" ھۇدۇدۇل ئالەم " بىلەن 11 - ئەسىردىكى پارس تارىخچىسى گەردىزىنىڭ ئەسىرىدە v.n.d.r. ياكى n.n.n.d.r. دېيىلگەن مىللەتنىڭ ماجارلار بىلەن قوشنا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان④. مارگۇئارت V.n.d.r. نى Onoghundur ( ئونئوغۇندۇر ) دەپ ترانسكرىپسىيە قىلىدۇ ھەمدە " ئونئوغۇن " بولسا " ئونئوغۇر " دېگەنلىك، " دۇر " تۈرك تىلىدىكى سۆز ئارقا قوشۇمچىسى دەيدۇ. ئىكىنومىدىس ئۇلارنى ماجارلار دەپ خاتىرىلىگەن. مىنورىسكىي ئونئوغۇندۇرلارنى بۇلغارلارنىڭ بىر قەبىلىسى دەپ تەھقىقلەيدۇ. بۇلار 5 - ئەسىردىن 7 - ئەسىرگىچە شىمالىي كافكاز ۋە ئاسۇر دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى كۇبان رايونىدا ئولتۇراقلاشقان. بۇ رايوندىكى بۇلغارلار يەنە ئىپتىدائىي بۇلغارلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلە بولۇپ، 2 - ئەسىردە باشقا بىرقىسىم قەبىلىلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن كاسپى دېڭىز ۋە قارادېڭىز ئەتراپىغا كەلگەن، بۇ قەبىلىلەر ئىچىدە ئونئوغۇندۇرلار بار ئىدى. يۇقىرىقى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ماجارلارنىڭ باشقا تىللاردىكى ئاتىلىشى ئونئوغۇردىن كەلگەن، بىراق ئونئوغۇرلارمۇ تۈركىي خەلق بولۇپ، فونېتىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تۈرك بىلەن ۋېنگىر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىكتۇر. ھازىرقى ۋېنگىر مىللىتى ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئونئوغۇرلار بار.ئېلىمىز تارىخچىسى ياڭ شيەنيى ئەپەندى " سۈينامە . تېلېلار ھەققىدە قىسسە " دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ، ساراغۇرلارنى خەنزۇچە مەنبەلەردىكى 苏路羯 ( سۇلۇ ) ، ئوغۇرلارنى ئاق تاغ ئەتراپىدىكى 乌护 ( ئوغۇز ) ، ئونئوغۇرلارنى 恩屈 ( ئېنچۈ ) لەرنىڭ ئۆزى دەپ قارىدى⑤. سېن جۇڭميەن ئەپەندىمۇ ئوغۇرلارنىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردىكى 乌护 ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى⑥. باسكاكوفنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىي تىللار ھۇنلار دەۋرىدىن باشلاپلا پارچىلىنىشقا باشلىغان، يەنى ھۇنلارنىڭ " r " لىق تارمىقى بىلەن " z " لىق تارمىقى ئۆزئارا قارىمۇقارشى بولۇشتەك ھالەت شەكىللەنگەن. غەربىي ھۇن تىلى تارمىقىدىكى ساراغۇر، ئوغۇر، ئونئوغۇر، Savir ( ساۋىر ) ، ئاۋارلار ھەمدە كېيىنكى بۇلغار قەبىلىلىرى " r " لىق تارماققا تەۋە ئىدى. بىراق ئوغۇز، قىرغىز قاتارلىق شەرقتە ياشىغۇچى قەبىلىلەر " z " لىق تارماققا تەۋە ئىدى⑦. شۇنداق بولغاچقا، سۈي، تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدە ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ نامى كۆپ ھاللاردا " r " تاۋۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان.ۋېنگىرلار ئۆزىنى ماجار دەپ ئاتايدۇ، بۇ نام تۈركىي خەلقلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. " ماجار " ھازىرقى زامان ۋېنگىر تىلىدىكى نام بولۇپ، قەدىمكى ۋېنگىر تىلىدىكى تەلەپپۇزى بىلەن ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. ھازىرغىچە 10 - ئەسىردىن ئىلگىرىكى ۋېنگىر تىلىدا يېزىلغان ھۆججەتلەر تېپىلمىدى. قەدىمكى ۋېنگىر تىلى دېيىلگىنى 11 - ئەسىردىن 14- ئەسىرگىچە بولغان تىل بولۇپ، ئۇنى 10- ئەسىردىن ئىلگىرىكى ۋېنگىر تىلىنى تەتقىق قىلىشتا پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. 12 - ئەسىرگە ئائىت قەدىمكى ۋېنگىر تىلىدىكى يازما يادىكارلىق " نىجاتنامە " (" Haloott Geszed " ) ⑧ قا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى ۋېنگىر تىلىدا قىسقا سوزۇق تاۋۇش " a " يوق ئىكەن. قەدىمكى ۋېنگىر تىلىدىكى " u " تاۋۇشى ھازىرقى " o " تاۋۇشىغا، " u " تاۋۇشى ھازىرقى " o " تاۋۇشىغا، " o " تاۋۇشى ھازىرقى " a " تاۋۇشىغا ئۆزگەرگەن. مەسىلەن: بۇ ئەسەردىكى " oz" ( ئىنگلىز تىلىدىكى " the، it " دېگەن سۆزگە توغرا كېلىدۇ ) ھازىرقى تىلدا " az " دېيىلىدۇ. " pur " ( چاڭ – توزان ) ھازىرقى زامان ۋېنگىر تىلىدىكى " por " غا توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا Magyar دېگەن سۆزنىڭ قەدىمكى تەلەپپۇزىدا پەرق بار. ئې.پارترىدگې بۇ سۆز قەدىمدە Mogyeri دەپ ئوقۇلاتتى، دەيدۇ⑨. مىنورىسكىي ۋېنگىر ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ، ئۇنى Mojgher دەپ ئەسلىگە كەلتۈردى. Mojgher دېگەن بۇ سۆز Moj + gher دىن تۈزۈلگەن. gher باشقىرت ( Bashqir، Bashghir، Bashghird ) دېگەن تۈركىي خەلق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نېمېت Bashghir تۈركىي تىلدىكى Bash ( بەش )بىلەن ghur ( قەبىلە ) نىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن دەپ قارايدۇ10. باشقىرتلار بىلەن كاسپىي دېڭىزى ئەتراپىدىكى ۋېنگىرلار يۇغۇرۇلۇپ Mojgher لار شەكىللەنگەن، gher بولسا Bashghir دېگەن سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى. شۇڭا ئوتتۇرا ئەسىردىكىلەر ماجارلارنى باشقىرتلار دەپمۇ ئاتىغان. پارترىدگې Mogyeri دېگەن سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى بولغان " eri " تۈركىيچە سۆز بولۇپ، " ئادەم" ، " ئەر " دېگەن مەنىدە دەيدۇ. تۈركىي تىللاردا " ئادەم " er" ، "ar" ، "ir"، "ar" دېيىلىدۇ. سۆز ئاخىرىغا "i" تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇشى قەدىمكى ۋېنگىر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، سۆز ئاخىرىدا ھەمىشە قىسقا سوزۇق تاۋۇش "u"، "i"، "u" لار قوشۇلۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن: ھازىرقى ۋېنگىر تىلىدىكى "faher" ( ئاق ) قەدىمكى ۋېنگىر تىلىدا "feheru" دېيىلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، Magyar دېگەن نام تۈركىي تىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
3. Sabar لار ۋېنگىرلار بىلەن تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ 10 - ئەسىردىن ئىلگىرىكى مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ماتېرىيال - شەرقىي رىم ئىمپېراتورى كونىستانتىن Ⅶ نىڭ ئەسىرىدۇر. كونىستانتىن Ⅶ مىلادىيە 905 - يىلى تۇغۇلۇپ، 959 - يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ بۇ ئەسىرىنى ھەرخىل يازما ماتېرىيال، ۋەزىرلەرنىڭ دوكلاتلىرى ۋە چەت ئەل ئەلچىلىرىنىڭ پاراڭلىرىغا ئاساسەن يېزىپ چىققان، ئۇنىڭدا شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يات مىللەتلەرگە قوللىنىدىغان تاشقى سىياسىتى ئىپادىلەنگەن. كىتاب ئەسلى گىرىكچە بولۇپ، ئىسىم قويۇلمىغان. 1611 - يىلى مېئۇرسىئۇس ئەسەرنى لاتىنچىگە تەرجىمە قىلغاندا ئۇنىڭغا " ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى " دەپ ئىسىم قويغان. بۇ ئەسەردە ماجارلار تۈرك ( Tourokhoi ) دەپ ئاتالغان11. بۇنىڭدىن شۇ ۋاقىتلاردا ماجارلارنى شۇنداق ئاتاشنىڭ ئومۇملىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. تۆۋەندە چۈشەندۈرۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ۋېنگىر دېگەن نامنىڭ ئورنىغا ماجار دېگەن نام ئالماشتۇرۇلدى.كىتابتا ماجارلار )ئەسلى تېكستتە تۈرك دەپ خاتىرىلەنگەن، ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىردەك ماجارلار دەپ تەرجىمە قىلىندى( ئەسلىدە خازارىيە ئەتراپىدا ياشايتتى. ) خازارىيەنىڭ مەنىسى خازارلار ئولتۇراقلاشقان جاي دېگەنلىك بولىدۇ، خازار " يېڭى تاڭنامە . ئەرەپلەر ھەققىدە قىسسە " دە تۈرك خازارلىرى ( 突厥可萨 ) دەپ ئاتالغان خەلقنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار تۇرىدىغان يەر لېبېدىيە ( Lebedia ) دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ سۆز باش ئاتامان ( Lebedias ) نىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. ئۇ چاغلاردا ئۇلار تۈرك دەپ ئاتالماي Sabartoi asphaloi دەپ ئاتىلاتتى12. شۇ چاغلاردا ماجارلاردا يەتتە ئۇرۇق بار بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئاتامانى بارئىدى. 1 - ئۇرۇقنىڭ ئاتامانى Voivode Lebedias ئىدى، ئۇ خازارلار بىلەن ئۈچ يىل بىللە تۇرغان ھەم ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆپ قېتىم جەڭ قىلغانىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ماجارلار بىلەن پەچەنەكلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى، ماجارلار مەغلۇپ بولۇپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى، بىر تارمىقى شەرققە كۆچۈپ پېرسىيىدە ئولتۇراقلاشتى؛ يەنە بىر تارمىقى لېبېدىئاسنىڭ باشچىلىقدا غەربكە كۆچۈپ ئاتېلكوزو ( Atelkouzou ) غا باردى13. بۇ يەردە يەنە پەچەنەكلەرمۇ بارئىدى. ( كونىستانتىن كىتابىنى يېزىۋاتقان مەزگىلدە پەچەنەكلەر ماجارلارنى ئاتېلكوزودىن قوغلاپ چىقارغان ) ، ماجارلار يەنە غەربكە كۆچۈپ مالاۋىيىدە ئولتۇراقلاشتى، دەپ خاتىرىلەنگەن.
يۇقىرىقى بىر بۆلەك خاتىرىدىكى نۇرغۇن نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا بولىدۇ. ئالدى بىلەن ماجارلار ئەسلىدە Sabartoi asphaloi دەپ ئاتالغان دېگەن نۇقتا. بۇ گىرىكچە يېزىلىشى بولۇپ، asphaloi گىرىك تىلىدىكى سۈپەت سۆزى asphaloa ( ئىشەنچلىك ) نىڭ كۆپلۈك شەكلى. Sabartoi دېگىنى سابىر ياكى سابىرلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا Sabartoi asphaloi دېگىنى ئىشەنچلىك سابىرلار دېگەنلىك بولىدۇ. سابىر دېگەن بۇ نام پرىسكۇسنىڭ خاتىرىسىدە ئۇچرايدۇ، بۇ نام ھېچ بولمىغاندا 5 - ئەسىردىلا بولغان. 10 - ئەسىردە ياشىغان مۇسۇلمان سەيياھ ئىبىن فەزلان باغداد خەلىپىسىنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋولگا دەرياسى بويىدىكى بۇلغار خانى بىلەن كۆرۈشكەندە سۇۋاز ( Suvaz ) دەيدىغان خەلقنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ سۇۋار ( Suvar ) دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغان14. ئەل خارەزمىنىڭ ئەسىرىدە: " فەراغىنە پەرغانە ئاھالىسىدۇر، ئەلئىخشىد پەرغانىنىڭ ھۆكۈمرانى، سۇۋار تىگىن ( al – Suwartigin ) ئۇنىڭغا بېقىنىدۇ"15 دېيىلگەن. بۇ يەردىكى "سۇۋار" دېيىلگىنى "سابىر" ياكى "ساۋىر" لار ئىدى. "سابىر" قەدىمكى بۇلغار تىلىدىكى ئاتىلىشى، "سۇۋار" چۇۋاش تىلىدىكى ئاتىلىشى ئىدى. بۇلغار تىلى تۈركىي تىللارنىڭ ئوتتۇرا غەربىي ھۇن تىلى تارمىقىغا تەۋە، قەدىمكى بۇلغار تىلى بىلەن چۇۋاش تىلىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش ھادىسىسى مەۋجۇت. بۇلغار تىلىدىكى "a" تاۋۇشى چۇۋاش تىلىدا "u" تاۋۇشىغا ئۆزگىرىدۇ، بىراق بۇلغار تىلىدىكى "i" تاۋۇشى چۇۋاش تىلىدا "a" بولىدۇ. مەسىلەن: بۇلغارچە "jal" (يىل) = چۇۋاشچە "Sul"؛ بۇلغارچە "bilik"(ۋەسىقە) = چۇۋاشچە "palǎk"16. شۇڭا "سابىر" ياكى "ساۋىر" دېگەن سۆز بۇلغارچە، "سۇۋار" دېگەن سۆز چۇۋاشچە. ھازىرقى چۇۋاش تىلىدا سۆزلىشىدىغان چۇۋاش مىللىتىنىڭ نامى "سۇۋار" ياكى "سۇۋاز" دىن كېلىپ چىققان.كونىستانتىننىڭ "ماجارلار ئەسلىدە Sabartoi asphaloi دەپ ئاتىلاتتى" دېگىنى ئىلگىرى ماجارلارنىڭ ھەممىسى سابىرلار ئىدى دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بىرقىسىم سابىرلار ماجار بولۇپ كەتكەن دېگەنلىك.كلاۋسۇن "سابىر" دېگەننى سيانپى دەپ تەھقىقلەيدۇ17. دۆلىتىمىزدىن بۇرھان، فېڭ جياشېڭ ئەپەندىلەر "سىبىرىيە" دېگەن نامنى "سابىر" يەنى "سىبىر" دىن كېلىپ چىققان دەيدۇ. "سىبىر" ئەسلىدە "سىربىر" دېيىلەتتى، ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئارىسىدا ۋە سۆز ئاخىرىدا "r" تاۋۇشى بولغاچقا، ئوتتۇرىدىكى "r" تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان18. بۇنداق دېيىشنىڭ ئاساسى بار. باشتا تىلغا ئېلىنغان پرىسكۇسنىڭ خاتىرىسىدە ساراغۇر، ئوغۇر، ئونئوغۇر قاتارلىق ئۇيغۇر، ئوغۇز قەبىلىلىرىنى سابىرلار قوغلاپ چىقارغان، سابىرلارنى يەنە ئاۋارلار سىقىپ چىقارغان، دېگەنلەر تىلغا ئېلىنغان. ئەگەر سابىرلار سيانپىلار بولسا، بۇ ئېلىمىز تارىخنامىلىرىدىكى خاتىرىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. "ۋېينامە" نىڭ 103 - جىلدىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، سيانپىلاردىن بولغان تابغاچلار قۇرغان ۋېي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلغان، ئاۋارلارنىڭ قەھرىمانى سېلۈنمۇ ۋېي سۇلالىسىنىڭ شىمالدىكى چېگرىلىرىغا پات - پات پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇرغان. شۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا بولىدۇكى، سيانپىلارنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، تابغاچلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ھۇنلارمۇ بار. "كېيىنكى خەننامە"دە "خېدى خاننىڭ يۇڭيۈەن يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چوڭ سانغۇن دۇ شيەن ئەۋەتكەن سول قانات چېرىكچىبەگ گېڭ گۇي ھۇنلارغا زەربە بەردى، ھۇنلارنىڭ شىمالدىكى تەڭرىقۇتى قېچىپ كەتتى، سيانپىلار ئۇلارنىڭ زېمىنىغا كۆچۈپ كەلدى. ھۇنلارنىڭ ئۆز جايىدا قالغان 10 تۈمەندىن ئارتۇق ئاھالىسى ئۆزلىرىنى سيانپى دەپ ئاتىدى، شۇ سەۋەپتىن سيانپىلارمۇ پەيدىنپەي قۇدرەت تاپتى".ھۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان بۇ بىرقىسىم سيانپىلار كېيىنچە غەربكە كۆچتى، ئۇلارنىڭ بىرقىسمى پەرغانىدە تۇرۇپ قالدى ( ئەل خارەزمىنىڭ كىتابىدا شۇنداق دېيىلگەن ) ، يەنە بىرقىسمى داۋاملىق غەربكە كۆچۈپ ۋولگا دەرياسى بىلەن كافكاز ئەتراپىغا ماكانلاشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرقىسمى ھازىرقى چۇۋاشلارنىڭ ئەجدادىدۇر، شۇڭا غەرب ئالىملىرى ئارىسىدا چۇۋاشلارنى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى دەيدىغان قاراش بار19. ۋېنگىرىيە ئالىمى گومبوز فونېتىكا نۇقتىسىدىن تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ھازىرقى زامان ۋېنگىر تىلى لېكسىكىسىدىكى تۈركىيچە تەركىبلەرنىڭ چۇۋاش تىلى بىلەن ئوخشاشلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى20. بۇ قاراش ھەقىقەتەن مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىراق 10 - ئەسىردىن ئىلگىرىكى سابىرلارنىڭ بىرقىسمىنىڭ ماجارلىشىپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا كونىستانتىننىڭ بۇ خاتىرىسىنى توغرا دېيىشكە بولىدۇ.
4 . Khazar لار كونىستانتىن خاتىرىسىدە يەنە ئىككى خىل تۈركلەرنى، يەنى خازارلار بىلەن پەچەنەكلەرنى تىلغا ئالغان. ئۇلار تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بولۇپ، تىلى غەربىي ھۇن تىلى تارمىقىغا كىرىدۇ، خازار تىلى غەربىي ھۇن تىلى تارمىقىنىڭ بۇلغار تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە، " r " تاۋۇشى بىلەن ئاخىرلىشىشى بۇ تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى. پەچەنەك تىلى غەربىي ھۇن تىلى تارمىقىنىڭ ئوغۇز تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە. 10 - ئەسىردىن ئىلگىرى خازارلار مەدەنىيەتتە خېلى ئىلغار ھەم كۈچلۈك خانلىققا ئىگە بولغانىدى، ئۇلار بىلەن ماجارلارنىڭ مۇناسىۋىتى خېلى ياخشى ئىدى، پەچەنەكلەر باتۇر، جەڭگىۋارلىقى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، ھەمىشە ماجارلار بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇراتتى.خازار خانلىقىنىڭ تارىخى توغرىسىدا شەرقىي رىملىقلار، مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار كۆپلىگەن خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. بىراق بۇ ماقالىدە خازار خانلىقىنىڭ تارىخى مۇلاھىزە قىلىنماي، خازارلار بىلەن ماجارلارنىڭ مۇناسىۋىتى بايان قىلىنىدۇ، خازارلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قىسقىچە بايان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ۋە ماجارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى شەرھىيلىنىدۇ.غەرب تارىخ ماتېرىياللىرىدا خازارلارنى تۇنجى بولۇپ تىلغا ئالغان كىشى 5 - ئەسىردە ئۆتكەن ئەرمىنىيىلىك تارىخچى كورىنى موسېس (Moses of Chorene ) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 3 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خازارلارنىڭ ئەرمىنىيە ۋە ئېبېرىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كېيىن ئەرمىنىيىگە پات - پات تاجاۋۇز قىلىپ تۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان. لېۋوند تۇنجى بولۇپ خازارلارنى تۈركلەر قاتارىدا تىلغا ئالغان. ئۇ: " قاغان شىمالنىڭ ھۆكۈمرانى، يەنى خازارلارنىڭ ھۆكۈمرانىدۇر، ئۇنىڭ خوتۇنى قاتۇن دېيىلىدۇ " دەيدۇ. سىدونىئۇس ئاپولىنىئارس خازارلارنىڭ بىر مەزگىل ئاتتىلاغا بويسۇنغانلىقىنى تىلغا ئالغان.12- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خازارلار غەربكە سۈرۈلۈپ ئاسۇر دېڭىزى، دون دەرياسى، ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى، كاسپى دېڭىزى ۋە شىمالىي كافكاز ئەتراپلىرىنى ئىگىلىگەنىدى، شۇ سەۋەپتىن كاسپى دېڭىزى خازار دېڭىزى دەپمۇ ئاتالغان. 7 - ئەسىردە كۈچى تېخىمۇ زورىيىپ، شەرقىي رىم ئىمپېراتورى ھىراكلىئوس ( 575 ؟ - 641 ) بىلەن ھەمكارلىشىپ پېرسىيىگە يۈرۈش قىلغان. 679 - يىلى خازارلار بۇلغارلارنى مەغلۇپ قىلىپ زېمىنىنى دون دەرياسى بىلەن نىۋا دەرياسى ئارىلىقىغىچە كېڭەيتىپ، تەسىر كۈچىنى لىبىدىيىگىچە يەتكۈزدى. 8 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە قىرىم يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرىپ، بۇ ئارالدىكى گوت ( Goths ) لارنى بېقىندۇردى. 10 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خازارلار زاۋاللىققا يۈزلەندى، 11 - ئەسىرگە كەلگەندە رۇسلارغا بويسۇندى. تاكى 13 - ئەسىرگىچە ياۋروپا سەيياھلىرى قىرىمنى گازارىيە ياكى خازارىيە دەپ ئاتاپ كەلدى.خازارلارنىڭ 9 -، 10 - ئەسىرلەردىكى ئەھۋالى توغرىسىدا مۇسۇلمان ئاپتورلار ۋە شەرقىي رىم تارىخچىلىرى خاتىرە قالدۇرغان. " ھودۇدۇلئالەم 12 دە: " خازارلار ۋولگا ( Atil ) دەرياسى ۋادىسىدا ئولتۇراقلاشقان، بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، كالا- قوي پادىلىرى كۆپ. پايتەختى ئاتىل، ھۆكۈمرانى تارقان خاقان دېيىلىدۇ. ئاتىل شەھىرى ئىككى بۆلەككە ئايرىلىدۇ،غەربتە خاقان ۋە لەشكەرلەر تۇرىدۇ؛ شەرقتە مۇسۇلمانلار ۋە بۇتپەرەسلەر تۇرىدۇ "22 دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ خاتىرە ئىبىن فەزلاننىڭ بايانى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق ئۇ خازارلار ۋە ئۇلارنىڭ خاقانى يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانى قاغان دېيىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن قالسا قاغان بەگ تۇرىدۇ، ئۇ ھەربىي قوشۇننى ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ؛ ئۇنىڭدىن قالسا kundur قاغان تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى jausygyr ( يابغۇ؟ ) دېيىلىدۇ23 دېگەنلەرنى خاتىرىلىگەن. شۇ ۋاقىتتا ماجارلار بىلەن خازارلار ئىتتىپاقلىشىپ پەچەنەكلەرگە قارشى تۇرغان. خازارلاردىن بۆلۈنۈپ چىققان بىرقىسىم Kabar ( قابار ) لار ماجارلار بىلەن ئىنتايىن ئىناق ئۆتكەن. كونىستانتىننىڭ ئېيتىشىچە قابارلار ماجارلارغا خازار تىلى ئۆگەتكەن، شۇڭا شۇ چاغدىكى ماجارلارنىڭ ھەممىسى خازار تىلىنى بىلىپ كەتكەن، قابارلار ئۇزۇن ئۆتمەي ماجارلارنىڭ بىرقىسمى بولۇپ قالغان.ئارپاد خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئارپادنىمۇ خازار قاغانى تەيىنلىگەنىدى. كونىستانتىن مۇنۇلارنى خاتىرىلىگەن: " خازار قاغانى ماجارلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ لىبىدىئاسنىڭ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى، لىبىدىئاس قاغاننىڭ يېنىغا كېلىپ مەكتۇپ ئەۋەتىشنىڭ سەۋەبىنى سورىدى. قاغان ئۇنىڭغا: سەن پەزىلەتلىك، ئاقىل ھەم باتۇرسەن، ھازىر ماجارلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ۋويۋود ( Voivode ) لارنىڭ ئاتامانى بولۇپ تۇرۇۋاتىسەن، مەن سېنى ماجارلارنىڭ پادىشاھى قىلماقچىمەن، سېنىڭچە قانداق؟ دېدى. لېبېدىئاس: قاغان ئالىيلىرىنىڭ ھىممىتىگە كۆپ تەشەككۈر، مەن بۇ ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن. بىراق قاغاننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماسلىققا ھەددىم ئەمەس، شۇنداق بولسىمۇ باشقا بىر رەھبەر Almo utzis ياكى ئۇنىڭ ئوغلى ئارپادنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن، ئۇلار بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، قاغان ئالىيلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىدۇ، دەپ جاۋاپ بەردى. قاغان ئۇنىڭ جاۋابىدىن مەمنۇن بولۇپ، لىبىدىئاسنى ماجارلار بىلەن كېڭىشىشكە ئەۋەتتى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئارپاد تېخىمۇ ئەقىللىق، تېخىمۇ باتۇر، دۆلەت ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشقا ماھىر دېيىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پادىشاھ بولدى. ئارپادتىن ئىلگىرى ماجار ئېلىدە پادىشاھ يوق ئىدى "24. شۇڭلاشقا ۋېنگىر قەبىلىلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاندى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەرقايسى ۋويۋود ئاتامانلىرىلا بار ئىدى. ئارپاد سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇشى تۈرك خازار قاغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ماجارلار ئىلگىرى رۇنىك يېزىقى ئىشلەتكەن. بۇ خىل يېزىق تۈرك رۇنىڭ يېزىقى بىلەن ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن تەلەپپۇزى ئوخشىمايدۇ، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ. ئېنىقكى، بۇ يېزىقنى ماجارلار تۈركلەردىن ئۆگەنگەن. خازارلار تەۋەسىدىن تېپىلغان بىرقىسىم رۇنىك يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بەلكىم ماجارلار بۇ يېزىقنى خازارلاردىن ئۆگەنگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل يېزىقنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئاكۇستىك قىممىتى تۆۋەندىكىچە: ۋېنگىر رۇنىك يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى

5. پەچەنەكلەر
پەچەنەكلەر ۋېنگىر تىلىدا Besenjo دېيىلىدۇ. ئۇلارمۇ شەرقتىن غەربكە كۆچۈپ كەلگەن تۈرك قەبىلىسى بولۇپ، 9- ئەسىردىن 10 - ئەسىرگىچە كاسپىي دېڭىز بويلىرىدىكى يايلاقلاردا دەۋر سۈرگەن. ئۇلارنىڭ تىلى ئوغۇز - بۇلغار تىلى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. ئۇلار ئەسلىدە ئوغۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلە بولۇپ، غەربكە كۆچكەندە بۇلغار تىلىنىڭ تاۋۇش ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلغان. ھازىر رىم تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ۋېنگىر يىلنامىلىرىدە پەچەنەك تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەۋملەرنىڭ نامى، ئەمەل - مەنسىپى ھەمدە قورغانلىرىنىڭ نامىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. پەچەنەك تىلىدا " قورغان " Khatai دېيىلىدۇ، بۇ نام Katai يەنى " جۇڭگو " دېگەن سۆزنى ئەسلىتىدۇ، بۇ سۆزلەرنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار، بۇنى ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ. مارگۇئارت پەچەنەكلەر غەربىي تۈركلەرنىڭ قەبىلىسى بولۇپ، قارلۇقلار تەرىپىدىن ئامۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى بىلەن كاسپىي دېڭىزى ئەتراپىغا قوغلىۋېتىلگەن25 دەيدۇ. 10 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەچەنەكلەر لېبېدىيە رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇيەردىكى ماجارلارنى قوغلاپ چىقارغان، ماجارلار غەربتىكى ئاتېلكوزوغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان، ئەمما ئۇ يەردىن يەنە قوغلىنىپ غەربكە كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن دون دەرياسى، نىۋا دەرياسى ھەم دىنست دەرياسى ئارىلىقىدىكى كەڭ رايونلار پەچىنەكىيە ( Patzinacia، پەچەنەكلەر تۇرۇشلۇق جاي دېگەن مەنىدە ) دەپ ئاتالغان. پەچىنەكىيە سەككىز رايونغا بۆلۈنىدۇ، ھەر بىر رايونغا بىر ئۇرۇق ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇلار مۇنۇلار: Ertim، Tzour ( چور ) ، Gyla، Khoulpei، Kharaboi، Toulmatz، Khpon، Tzopon. ھەربىر ئۇرۇقنى بىردىن قاغان باشقۇرغان بولۇپ، ئۇلار مۇنۇلار: Maitzan( Baitzas مۇ دېيىلىدۇ ) ، Kouel، Koupkhoutai، Ipaon، Kaidoum، Kostan، Giazi، Batan. يۇقىرىقى ناملارنىڭ ھەممىسى ئەڭ بۇرۇنقى پەچەنەك تىلىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم سۆزلۈكلەر ۋېنگىر تىلىغا قوبۇل قىلىنغان. مەسىلەن: ertim ( تۆھپە، نەتىجە ) ۋېنگىر تىلىدىكى erdem دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش مەنىدە. بۇ نام قەدىمكى تۈركچە " كۈلچور مەڭگۈ تېشى " دا " ئەردەم " دېيىلگەن. Gyla دېگەن سۆز ھۆرمەت نامى بولۇپ، ھازىرقى ۋېنگىر تىلىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىسىمدۇر. " ھودۇدۇل ئالەم " دە ماجارلارنىڭ رەھبىرى Jula ( جۇلا ) دېيىلگەن.پەچەنەكلەر باتۇر، جەڭگىۋار مىللەت بولۇپ، شەرقىي رىم، ماجار، رۇسلار ھەمىشە ئۇلاردىن ۋەھىمە يەيتتى. شەرقىي رىم ئىمپىراتورى كونىستانتىن: " مۇبادا شەرقىي رىم پەچەنەكلەر بىلەن ئەپ ئۆتەلىسە، رۇسلار بىلەن ماجارلار شەرقىي رىم زېمىنىغا باستۇرۇپ كىرەلمەيتتى، شەرقىي رىملىقلار نۇرغۇن بايلىقلارنى تىنچلىقنىڭ بەدىلى قىلمىغان بولاتتى. مۇبادا شەرقىي رىم ئىمپېراتورى سوۋغا ياكى مەكتۇب ئارقىلىق پەچەنەكلەرنىڭ دوستلۇقىنى قولغا كەلتۈرەلىسە، پەچەنەكلەر رۇس ۋە ماجارلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى بۇلاپ - تالاپ قۇل قىلاتتى ھەم ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتەتتى "26دەيدۇ. ئىبىن فەزلان پەچەنەكلەر رايونىدا بىر كۈن تۇرغان بولۇپ، ئۇ: " پەچەنەكلەرنىڭ ئۆڭى قېنىق قوڭۇر كېلىدۇ، ساقىلىنى قىرىپ يۈرىدۇ " دەپ خاتىرىلىگەن.پەچەنەكلەر لېبېدىيە بىلەن ئاتېلكوزونى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ماجارلارنى غەربكە قوغلىۋېتىشنىڭ جەريانى تۆۋەندىكىچە: 10 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇلغارىيىنىڭ ئۇلۇغ كىنەزى سىمۇن ( Symeon ) بىلەن شەرقىي رىم ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولىدۇ. شەرقىي رىم ئىمپېراتورى ماجارلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، بۇلغارلارنى چېكىندۈرمەكچى بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي شەرقىي رىم پەچەنەكلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ماجارلارنى ئىسكەنجىگە ئالىدۇ. بۇ چاغدا ماجارلار لېبېدىيە رايونىدا ئىدى، پەچەنەكلەر بىلەن بۇلغارلار لېبېدىيىنى ۋەيران قىلىدۇ، پەچەنەكلەر ئۇ يەرنى ئىگىلەيدۇ. ماجارلار ئاتېلكوزوغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ، پەچەنەكلەر يەنە قىستاپ كېلىدۇ، ماجارلار يەنە غەربكە كۆچۈپ موراۋىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ. 934 - يىللىرى پەچەنەكلەر بىلەن ماجارلار يارىشىپ، شەرقىي رىمغا ھۇجۇم قىلىپ سېرىسقا بېسىپ كىرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پەچەنەكلەر بىلەن شەرقىي رىم ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم ئۇرۇش بولىدۇ. 1122 - يىلى شەرقىي رىم ئىمپېراتورى جون كومنىنوسنىڭ ئەجەللىك ھۇجۇمىدا پەچەنەكلەر ھالىدىن كېتىدۇ. ھازىرقى بالقان يېرىم ئارىلىدىكى تۈركلەر ئارىسىدا ئادرىيا قورغىنىدىكى سۇرگۇس ( Surguci ) لەر ئىشلىتىدىغان تىل پەچەنەك تىلىغا يېقىن. Surguci دېگەن بۇ سۆز " سۇر " بىلەن " گۇس " نىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن، " سۇر " پەچەنەكلەرنىڭ سەككىز ئۇرۇقىدىكى Khoulpei لارنى كۆرسىتىدۇ، Khoulpei يەنە Surou Khoulpei مۇ دېيىلىدۇ. " گۇچى " دېگەن سۆز ghuz ( غۇز ) دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، يەنى ghuz ، guc. بەزى پەچەنەكلەر 12 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ماجارلارنىڭ بىرقىسمى بولۇپ كەتكەن.مەملىكىتىمىزدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر شائىر ھەم خەتتات قاڭلى كۈيكۈيمۇ پەچەنەكلەرنىڭ ئەۋلادى، ئۇنىڭ بوۋىسى بوغۇم( 不忽木 ) ئىدى. " يۈەن سۇلالىسى تارىخى " نىڭ 130 - جىلدىدا: " بوغۇم ۋاقتىنچە قوللانغان ئىسمى، ئەسلى ئىسمى چېن بولۇپ، قاڭلى قەبىلىسىدىكى ئۇلۇغلاردىن ئىدى " دېيىلگەن. قاڭلىلار " موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى " دا " 康邻 " دەپ ئۇچرايدۇ، مۇشۇ كىتابنىڭ 198 -، 262 -، 270 -، 274 - بابلىرىدا قىپچاقلار بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغان، شۇڭا قىپچاقلارنىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇقەررەر. 11 - ئەسىردە ئۆتكەن جۇغراپىيىشۇناس گەردىزى " پەچەنەكلەرنىڭ شەرقتىكى قوشنىسى قىپچاقلار ئىدى " دەيدۇ. يەنە كونىستانتىننىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، پەچەنەكلەرنىڭ سەككىز ئۇرۇقىدىن ئۈچى، يەنى Ertim، Tzour، Gyla لار Kangar ( " كەنگەر " - " باتۇر " دېگەن مەنىدە ) دېيىلگەن. شۇ ۋەجىدىن پەچەنەكلەرمۇ كەنگەر دېيىلىدۇ 27. كەنگەر قىپچاقلار بىلەن قوشنا بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان يېرى " يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەخپىي تارىخى " دىكى " 康邻 " لار توغرىسىدىكى خاتىرىلەرگە ماس كېلىدۇ. شۇڭا روسىيىلىك برېتىش نېيدېر بىلەن ھازىرقى زامان چېخ خەنزۇشۇناسى پوكا قاڭقىللار پەچەنەكلەر ئىدى دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ 28.بۇ يەردىكى كەنگەر قەدىمكى تۈركچە " كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى " دىكى كەنگەرەس خەلقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن 29. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشاۋاتقان تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى باشقىرتلار ئارىسىدا 18 - ئەسىرلەردە قاڭلى قەبىلىسى مەۋجۇت ئىدى. 6. باشقىرتلار باشقىرتلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى. پارس تارىخچىسى راشىدىن بىلەن 13 - ئەسىردە ياشىغان پلانو كارپىنىلار باشقىرتلارنى ماجار دەپ ئاتىغان. باشقىرتلار كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالى، ۋولگا دەرياسىنىڭ شەرقىدە تۇراتتى. ئىبىن فەزلان 921-، 922 - يىللىرى ئۇرال، سامارا دەريالىرىدىن ئۆتۈپ شىمالدىكى ۋولگا دەرياسىنىڭ شەرقىگە يېتىپ بارغاندا باشقىرتلارنى كۆرگەن. ئۇنىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا، باشقىرتلار قىش ئىلاھى، ياز ئىلاھى، يامغۇر ئىلاھى، شامال ئىلاھى، ياغاچ ئىلاھى، ئادەم ئىلاھى، سۇ ئىلاھى، قاراڭغۇلۇق ئىلاھى، كۈن ئىلاھى، ئۆلۈم ئىلاھى، يەر ئىلاھىدىن ئىبارەت 12 خىل ئىلاھقا چوقۇنىدىكەن، يەنە بەزىلىرى بېلىققا، بەزىلىرى تۇرنىغا چوقۇنىدىكەن، ئىپتىدائىي دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان يەنە بىر قەبىلىمۇ بار ئىكەن 30. باشقىرتلارنى ماجار دەپ ئاتاشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكەن بولساممۇ، بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرراق چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. ۋېنگىرىيە ئالىمى نېمېت Bashkort ياكى Bashkurd دېگەن نام Bash - ghur ( بەش قەبىلە ) دىن كېلىپ چىققان، ئەڭ دەسلەپ بىر تۈركۈم ماجار قەبىلىلىرى كافكاز تاغلىرىدا ئولتۇراقلاشقان، كېيىن باشقا تۈركلەر بىلەن بىرگە شىمالغا كۆچۈپ، ۋولگا دەرياسىنىڭ شەرقىگە كېلىپ، غەربىي سىبىرىيىدىن جەنۇبقا كۆچكەن تۈركلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن دەپ قارايدۇ. بىراق تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، باشقىرت تىلى تۈركىي تىل بولۇپ، ئۇگۇر تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شېۋىلىرى كۆپ، ھەرقايسى شېۋىلىرى شۇ دەۋردىكى قەبىلىلەرنىڭ تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە قىپچاق تىلى بىلەن بۇلغار تىلى ئاساسىي تەركىبنى ئىگىلىگەچكە، ئادەت بويىچە قىپچاق - بۇلغار تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋەدۇر. قىپچاقلار كومان دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ۋېنگىر تىلىدا كۈن دېگەنلىك. قىپچاقلار ئەڭ بۇرۇن جەنۇبىي ئالتاي خەلقىگە تەۋە بولۇپ، ھۇنلارنىڭ بىر قەبىلىسى ئىدى. قىپچاق دېگەن نام ھۇنلارنىڭ 屈射 دېگەن قەبىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. " خەننامە . ھۇنلار ھەققىدە قىسسە " دە: " كېيىن ( باتۇر ) شىمالدا 浑窳، 屈射، دىڭلىڭ، قىرغىز، [新犁] 龙 ئەللىرىنى بويسۇندۇرغاچقا، ھۇنلارنىڭ تۆرە - ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئۇنى دانىشمەن دەپ ئاتىدى " دېيىلگەن. 屈射 نى قەدىمكى خەنزۇ تىلىنىڭ ئاھاڭى بويىچە ئوقۇغاندا " قىپچاق " دېگەن سۆزگە يېقىنلىشىدۇ. 18 - ئەسىردە يېزىلغان باشقىرتلارغا دائىر ماتېرىياللاغا ئاساسلا نغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىپچاق قەبىلىلىرى بولغاچقا، ئۇلارنى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق قاراشقا بولىدۇكى، ماجارلار كۆچكەندە بىرقىسمى ۋولگا دەرياسىنىڭ شەرقىدە باشقىرتلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ قانداشلىق شەكىللەنگەن، قالغان قىسمى غەربكە كۆچۈپ لېبېدىيىگە كەلگەن. باشقىرتلاردا يۇرماتى ( Yurmaty ) دېيىلىدىغان بىر قەبىلە بولۇپ، ئۇلار ئالتە ئۇرۇقتىن تەركىب تاپقان، ئۇنىڭ ئىچىدە بىرى مىشېر يۇرماتى ( Miser – yurmaty ) دەپ ئاتىلاتتى 31. نېمېت مىشېرنىڭ ماجار بىلەن ئوخشاش ئىسىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى 32. يۇرماتى ۋېنگىر تىلىدىكى Gyarmat ( يۇرت، ماكان ) دېگەنلىك، مىشېر يۇرماتى ماجالارنىڭ يۇرتى دېگەنلىك بولىدۇ. يۇرماتى ناھايىتى قەدىمىي سۆز. كونىستانتىننىڭ خاتىرىسىدە بىر ماجار ئۇرۇقىنىڭ Kourtougermat دەپ ئاتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، Kourtou ۋېنگىر تىلىدا Kurt ( بۇرغا ) ، germat بولسا يۇرماتى دېگەننىڭ ئۆزى ئىدى. شۇڭا باشقىرتلار ئىچىدىكى يۇرماتى ماجار ئۇرۇقىدۇر. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ماجارلار يەنى باشقىرتلار يۇرماتى قەبىلىسى ياكى مىشېر يۇرماتى ئۇرۇقى بولۇشى مۇمكىن. باشقا تۈركىي تىللار ياكى ۋېنگىر تىلىدىكى سۆز بېشىدا كېلىدىغان " Gy " تاۋۇشى باشقىرت تىلىدىكى " y " تاۋۇشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ باشقىرت تىلىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكىدۇر.ۋېنگىرلار تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بولۇپمۇ 10 - ئەسىردىن ئىلگىرى تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن كۆپ ئۇچراشقان، بۇ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان پاكىت. مېنىڭ كۆرگەن ھۆججەت - ماتېرىياللىرىم كۆپ ئەمەس، بەزى ئەھۋاللارنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ماقالىدىكىسى پەقەتلا بىر بايان، ئاددىي ھەم تومتاق بولۇپ قالدى، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆپرەك كۆرسەتمە بېرىشىنى سورايمەن.

ئىزاھلار
① ۋېنگىرلارنىڭ ئىسىم - فامىلە ئادىتىدە فامىلىسى ئالدىدا، ئىسمى كەينىدە كېلىدۇ. Vambery فامىلىسى، Armin ئىسمى.
② دېنىس سىنور: " 5 - ئەسىردىكى مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشى " ، 1946 - 1947 - يىللىرى پازىژدا چىققان " ئاسىيا " ژۇرنىلىنىڭ 1 - بېتىدىن ئېلىندى.
③ " غەربىي تۈرك تارىخ ماتېرىياللىرى " ، 129 - بەت، فېڭ چېڭجۈن تەرجىمە قىلغان.
2210④" ھودۇدۇل ئالەم " ، مىنورىسكىي تەرجىمە قىلغان، 318 - 319 -، 161 -، 162 - بەتلەر.
⑤ ياڭ شيەنيى: " لىڭمۇ ئەسەرلىرىنىڭ داۋامى" ( (零墨续笺، 92 - بەت.
⑥ سېن جۇڭميەن: " تۈرك تارىخى توپلىمى " ، 666 - بەت.
16⑦ باسكاكوف: " تۈركىي تىللار " 36 -، 106 - 109 - بەتلەر، 1960 - يىلى.
⑧ " نىجاتنامە " ( 挽辞 ) نىڭ پۈتۈن تېكىستى، مايتىنىسكار تۈزگەن " ۋېنگىر تىلى " 1 -جىلد، 15 - 16 - بەتلەر.
⑨ پارترىدگې تۈزگەن " ئوكيانۇس " ، 372 - بەت، 1961 - يىلى.11 " ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى " ، بۇ ئەسەرنىڭ گېرىكچە نۇرغۇن قول يازمىلىرى بار، پارىژ دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان 2009 - نومۇرلۇق P نۇسخىسىدا بىر يەردە Khazar دېگەن سۆز Mazar دېيىلگەن، بىراق Mazar دېگەن ئىسىم يوق، شۇڭا P نۇسخا خاتا بولۇشى مۇمكىن.27262412 موراۋىسگىي: " ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى " ، 170 -، 171 -، 50 - 52 - بەتلەر، 1949 - يىل بۇداپېشت.13 ئاتېلكوزو ( Atelkouzou ) ئىككى دەريانىڭ ئارىسى دېگەن مەنىدە بولۇپ، قارا دېڭىزنىڭ غەربىدىكى دېنىپىر دەرياسى بىلەن سېرىت دەرياسى ئارىلىقىدىكى يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى Atel " سۇ " دېگەن مەنىدە، Kouzou قەدىمكى ۋېنگىر تىلىدىكى ئوقۇلۇشى بولۇپ، ھازىرقى ۋېنگىر تىلىدا Koz دەپ ئوقۇلىدۇ ( يەر، ئىككى جاينىڭ ئارىسى دېگەن مەنىدە ) ، شۇڭا بۇ ئىسىم يەنە Atelkoz دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 
14، 23 كوۋالېۋىسكىي: " ئىبىن فەزلاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى " ، 1956 - يىل رۇسچە نەشرى، 139 -، 223- بەتلەر. Suvaz يەنە Suvar مۇ دېيىلىدۇ، بۇ ھەرقايسى تۈركىي تىللاردا شۇنداق پەرقلەنگەن، Suvar بولسا "r" لىق تۈركىي تىللار تارمىقىغا، Suvaz بولسا "z" لىق تۈركىي تىللار تارمىقىغا تەۋە.
15 بۇ بۆلەكتە " ئاسىيا " ژۇرنىلىنىڭ 1965 - يىلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان س . ې . بوسۋىچنىڭ تەرجىمىسى ئاساس قىىندى. خارەزمىنىڭ ئەسىرىدە پەرغانىنىڭ ھۆكۈمرانى " ئىخشىد " دېيىلگەن، بۇ 10 - ئەسىردىكى بىرۇنىنىڭ خاتىرىسىگە ماس كېلىدۇ. بىرۇنىنىڭ ئەسىرى ( رۇسچە تەرجىمىسى، 1- توم، 11 – بەت ) دىمۇ پەغانە ھۆكۈمرانى " ئىخشىد " دېيىلگەن.
17 كىلاۋسون: " تۈركلەر بىلەن موڭغۇللار ئۈستىدە تەتقىقات " 20 - بەت، ئېنگلىزچە، روزاك شىركىتى نەشرىياتى 1962 - يىلى نەشرى.
18 " تارىخ تەتقىقاتى " 1956 - يىل 12- سان، 58 - 62 - بەتلەر. Z.D. M. G 19 ژۇرنىلىنىڭ 1929 - يىللىق سانلىرىغا ۋە " ئىسلام ئېنسكلوپېدىيىسى " نىڭ 1- تومىدىكى بارتولد بىلەن پوپېلارنىڭ ماقالىسىگە قاراڭ.
20 دېنىس سىنور: " ۋېنگىرلارنىڭ تارىختىن ئىلگىرىكى تارىخىدىن تىزىس " " دۇنيا " ژۇرنىلىنىڭ 1958 - يىللىق 4 - جىلد 3 - سانى، 815 - بەت.
21 " يەھۇدى ئېنسكلوپېدىيىسى " 4 -جىلد 1 - بەت.
25 گىروسېت: " يايلاق ئىمپېرىيىسى " روگس ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 182 - بەت.
28 بىرېتىس نېيدېر: " ئوتتۇرا ئەسىر تەتقىقاتى " 1 - جىلد 304 - بەت؛ بۇگا: " موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى" 76 - بەت، 1956 - يىل پراگا نەشرى.
Kangar29 ئەسلىدە گېرىكچە يېزىلىشى ئىدى. بۇ ئىسىم ئەڭ دەسلەپ كونىستانتىننىڭ گېرىكچە ئەسىرىدە ئۇچرايدۇ. گېرىك تىلى بىلەن تۈركىي تىللاردىكى تاۋۇشلارنى سېلىشتۇرغاندا گېرىك تىلىدىكى "a" تاۋۇشىنىڭ تۈركىي تىللاردىكى "o"، "e" ( "a")، "I" تاۋۇشلىرىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. مەسىلەن: pecheneg گېرىك تىلىدا pantzinakoi دېيىلىدۇ، بۇنىڭدا a بىلەن "e" ("a") تاۋۇشى ماسلاشقان. شۇڭا تۈركىي تىللاردا pecheneg ياكى ئەڭ توغرىسى Bacinak دېيىلگەن. Kangar تۈركىي تىللاردىكى Kangaras غا توغرا كېلىدۇ. گېرىك تىلىدىكى "e" تاۋۇشى تۈركىي تىللاردىكى "I"، "I"، "a"، "a"، "o"، "u" تاۋۇشلىرىغا، گېرىك تىلىدىكى ektag تۈركىي تىللاردىكى aktag، akdag (ئاق تاغ)قا، گېرىك تىلىدىكى "ou" تۈركىي تىللاردىكى "o"، "o"، "u" تاۋۇشلىرىغا، گېرىك تىلىدىكى Tourk سۆزى تۈركىي تىللاردىكى Turk سۆزىگە، گېرىك تىلىدىكى Ouzpek سۆزى تۈركىي تىللاردىكى uzbak (ئۆزبەك) سۆزىگە، گېرىك تىلىدىكى "au" تۈركىي تىللاردىكى "ab" غا، گېرىك تىلىدىكى Taugast تۈركىي تىللاردىكى Tabgac (تابغاچ)قا، گېرىك تىلىدىكى Audoulakh تۈركىي تىللاردىكى Abdullah غا توغرا كېلىدۇ.
30 ماجارلار غەرب دىنىنى قوبۇل قىىشتىن ئىلگىرى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ماجارلارنىڭ شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قايسى مىللەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ھازىرچە ئىسپاتلانمىدى.
31 " باشقىرت فىلولوگىيىسى ھەققىدە " 67 - بەت، 1939 - يىل موسكۋا نەشرى. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، 18 - ئەسىردە باشقىرتلارنىڭ 29 قەبىلىسى بولغان، قاڭلى، يۇرماتىلارمۇ شۇلار ئىچىدە ئىدى. يۇرماتى قەبىىسىدە ئالتە ئۇرۇق بولۇپ، مىشېر يۇرماتى شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.
32 نەمەت: " ماجارلار ۋە مىشېرلار " " ۋېنگىرىيە شەرقشۇناسلىق مەجمۇئەسى " 1972 - يىللىق سانى 293 - 299 - بەتلەر.1985 - يىلى 2 - ئايدا دۇنيا بىلىملىرى نەشرىياتى نەشر قىلغان " جۇڭگو - چەت ئەل مۇناسىۋەت تارىخى مەجمۇئەسى " نىڭ 1 - توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى: تەلئەت ئوبۇلقاسىم.
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىسى 2004 – يىلى 2 – سان


bilqut
Posted: 2008-02-11 12:12 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار

Total 0.053027(s) query 3, Time now is:02-15 08:15, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation