koktugh
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 سادىر پالۋان ( سۆرەتلىك ماقالە)

1.رەسىم سادىر پالۋاننىڭ رەسىمى

2.رەسىم سادىر پالۋاننىڭ قەبرىسى

3.رەسىم:1851-يىلى سادىر پالۋان قوشۇنى غۇلجا شەھىرىگە كىرگەندەبەيتۇللا مەدرىسى ئالدىدا چۈشكەن سۈرەت(ئەسلى نوسخىسى بۇخارا مۇسۇلمانلار كۆرگەزمىسىدە ساقلانماقتا)

4.رەسىم1862-يىلىدىكى چىڭ خاندانلىقى كۈرە جاڭجۈن چىرىكلىرى

5.رەسىم1762-يىلى قۇرۇلغان قەدىمى كۈرەدىكى جاڭجۈن مەھكىمىسنىڭ قۇڭغۇراق راۋىقىنىڭ ۋەيران بولۇش ئالدىدىكى سۈرىتى

6.رەىسىمسادىر پالۋاننىڭ شۇ چاغدىكى نەۋرىلىرى، 1975-يىلى تارتىلغان.(ئوڭدىن تۇرسۇن،ھاشىر،گۈلسارىخان،خەيرىنساخان)

7.رەسىم سادىر پالۋاننىڭ ئوغلى ئىگەمقۇلنىڭ ئوغلى ھەسەننىڭ ئوغلى قۇربانجان( ئەينى چاغدا سادىر پالۋاننىڭ ياش ۋاقتىغا ئوخشايدۇ، دەپ تەرىپلەنگەن 15ياشلىق بالا)گەرچە سادىر پالۋاننىڭ تېخى ھايات ئەۋلادلىرىنى ئىزدەش نېيىتىم بولسىمۇ ئەمما ۋاقىت قىس بولغاچقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرالمىدىم. قەبرىگە قارايدىغان كىشىنىڭ ئېيتىشىچە پالۋاننىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى قالمىغانمىش.مەن سادىر پالۋان ئەۋلادلىرىنىڭ تېخى تۈگەپ كەتمىگەنلىكىگە ئىشىنىمەن. 

8.رەسىم 1756-يىللىرى ئىلىدا ئىشلەنگەن دۇنيا خەرىتىسى

 

مۇھەممەدجان ئابدۇللا


سادىر دەپ ئېتىم يامان،
ئون بەش ياشتا ئاتالغان.
دەسلەپكى تۇتۇلغاندا،
قۇمۇل خانغا پالانغان.

ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ئوقۇغان بۇ قوشاق ھېلىمەم مەھكەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.ھازىرقى ئەدەبىيات دەرسلىكىدە سادىر پالۋان ھەققىدىكى مەزمۇنلار يەنە بارمۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن. ئەمما سادىر پالۋان دىگەن بۇ ئىسىمنىڭ خەلقىمىزگە تونۇشلۇق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.
سادىر پالۋاننىڭ قەبرىسى غۇلجا ناھىيە موللىتوختىيۈز يېزىسى بارات مەھەللىسىدە بولۇپ، بۇ قېتىم ئىلى ئوبلاستىغا بارغاندا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم.غۇلجا شەھىرى خەلق مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا غۇلجا ناھىيىسىگە بارىدىغان تاكسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، قاتناش ناھايىتى ئەپلىك.
سادىر پالۋان 1798-يىلى غۇلجا ناھىيە موللىتوختىيۈز يېزىسىدا بىر نامرات دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.بالىلىق چاغلىرىدىكى جاپالىق تۇرمۇش، نامرات ئائىلىنىڭ ئېغىر سۈرگۈزەشتىلىرى سادىرنى روھسىز، جانسىز ئەمەس بەلكى باتۇر، چىداملىق، شوخ ،جەسۇر بىر ئەزىمەت قىلىپ يېتىشتۈرگەن.
ئەينى چاغلاردا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىبىدات تۈزۈمى، تۈرلۈك ئالۋاڭ-سېلىقلار تۈپەيلى،خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى ۋە قارشىلىقى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى.بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن سادىردىمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى ئىدىيە شەكىللەندى.ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئۆز قوشاقلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە شۇنداقلا ئاشكارە قارشىلىشىشقا باشلىدى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا سادىرنىڭ باتۇر، قورقماس بىر باشلامچى ئىكەنلىكى ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىلىپ كەلدى.
شۇ يىللىرى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۈرەدە تۇرۇشلۇق گېنىرالى مىڭرۈي «خەلقنى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى›› دىگەن باھانە بىلەن سادىرنى تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. سادىر تاغ ئۆڭكۈرلىرىنى ماكان ئېتىپ،ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنى توپلاپ قوشۇن قۇردى.بۇنىڭ بىلەن چىڭ خاندانلىقى ئىلىغا ئەۋەتكەن 8گازارمىنىڭ بىرى سادىر باشچىلىقىدىكى بۇقوشۇننى باستۇرۇشقا مەسئۇل بولدى.سادىر ئۆز قوشۇنىنى كۈندىن-كۈنگە زورايتىش ئۈچۈن ئاقسۇ،قەشقەر،يەكەن، ئۈرۈمچى، قۇمۇل، ئىلى يېزىلىرىدىكى ئېزىلگەن دىھقانلارنى ئۆز ئەتراپىغا توپلىدى.قۇدرىتىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈردى.
ئۇ چىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئەسىرگە ئېلىنىپ،بۇرنىغا تۆمۈر شۈلۈك ئۆتكۈزۈلدى.ئوڭ چېكىسىگە قىزىتىلغان تۆمۈر تامغا بېسىلدى. ئوڭ قولىنىڭ بارمىقى بىلەن ئېسىپ قويۇلۇپ، بارمىقى ئۈزۈۋىتىلدى. ئەمما ئۇ قىلچە تېز پۈكمىدى. كېيىن زىنداندىن قېچىپ چىقىپ، كۆرەشنى داۋاملاشتۇردى.
15يېشىدىن باشلاپ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالغان سادىر پالۋان كېيىنكى 35يىلدا 13قېتىم زىندانغا تاشلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ شۇنداق ئېغىر زۇلۇم-زۇلمەت ئاستىداخەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشكەن سەركەردە بولۇپ يېتىشىپ چىققاندىن سىرت يەنە دۈشمەنگە ھازىر جاۋاپ ناخشىچى، خەلق قوشاقچىسى بولۇپ يېتىلدى.ئۇنىڭ ‹‹مودەنخان››‹‹ھاشار ناخشىسى››‹‹سىپىل ناخشىسى››‹‹زىندان ناخشىسى›› قاتارلىق 27ناخشا، 500دىن ئارتۇق قوشىقى ئەنە شۇ زۇلمەتلىك دەۋرنىڭ ئىسپاتى سۈپتىدە خەلق ئارىسىدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئېيتىلىپ كەلمەكتە.
ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئىزىلگەن 3000دىن ئارتۇق دېھقاننى يىتەكلەپ، چىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم جەڭ قىلغان.1861-1862-يىللىرى بۇ قوشۇن چىلپەڭزىنى ئىگەللىگەن.1863-يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ گېنىرالى مىڭرۈينىڭ ئوق-دورا ئامبىرى ۋە بايانداي قەلئەسىگە ئۈچ قېتىم ھۇجۇم قىلغان. 1864-يىلى كۈزدە ئىلى مىقياسىدا دېھقانلار قوزغىلىڭى سۇلتان ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان، ئۇنىڭغا ئەلى بۆكە سۇلتان بولغان. سادىر پالۋان موللىتوختىيۈز يېزىسىگە قايتىپ كىلىپ ئەللىك بىشى بولغان.1871-يىلى 8-ئايدا ئۆيىدە تۇيۇقسىز يېقىلىپ چۈشۈپ، 73يېشىدا ۋاپات بولغان.
سادىر پالۋان 15يېشىدىن تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ۋەتەن، خەلق يولىدا پىداكارانە جەڭ قىلدى. ئۇ خەلقىمىز تەرىپىدىن يادلىنىپ كىلىۋاتقان ھەقىقى خەلق سەركەردىسى،خەلق پالۋانى،خەلق قوشاقچىسى، ئۇنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
 

مەنبە :http://bbs.salkin.cn/
1som
Posted: 2008-02-11 18:32 | [ئاپتور]
ijad
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 9
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-14

 

ئىلگىرى پەقەت بىلمەيدىغان بەزى تارىخىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولغىنىمدىن بەك خۇش بولۇۋاتىمەن...يوللىغۇچىغا تەشەككۇر!
1som
Posted: 2008-02-11 22:45 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » داۋالغۇش ئىچىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى

Total 0.048465(s) query 4, Time now is:02-15 08:20, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation