niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 خېشى ئۇيغۇرلىرى ۋە مانى دىنى

خېشى ئۇيغۇرلىرى ۋە مانى دىنى


ئەركىن ئەرشىدىن

( شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدىن )

مانى دىنى مىلادىيە 3 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پېرسىيىلىك مانى دېگەن كىشى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. ئۇ پارسلاردا ئەزەلدىن بار بولغان زەردۇشت دىنى ئاساسىدا، نېستورىئان، خرىستيان ۋە بۇددا دىنلىرىنىڭ تەلىماتلىرى ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ئىجاد قىلىنغان دىن بولغاچقا، ئارىلاشما دىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ.مانى دىنىنىڭ ئاساسلىق دىنىي ئەقىدىسى − ياخشىلىق - يامانلىقتىن ئىبارەت ئىككى مەنبەچىلىك نەزەرىيىسى بولۇپ، يورۇقلۇق ياخشىلىقنىڭ، قاراڭغۇلۇق يامانلىقنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ ھەمدە مۇشۇ ئەقىدە ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ روھىنى قۇتۇلدۇرۇش تەرغىپ قىلىنىدۇ.مانى دىنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا قاچان، قانداق تارقىلىپ كىرگەنلىكى توغرىسىدا خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە ئېنىق مەلۇمات بولمىغاچقا، تەتقىقاتچىلار ھەر خىل قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. لېكىن 1980 - يىلى فېنلاندىيىلىك ئالىم ھەۋكەل قارا بالغاسۇن خارابىسىدىن تاپقان " توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى " دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، مانى دىنىنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا مىلادىيە 763 - يىلى تارقىلىپ كىرگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە تاڭ سۇلالىسىدا شى سىمىڭنىڭ ئوغلى شى چاۋيى توپىلاڭ كۆتۈرگەن مەزگىل بولۇپ، توپىلاڭ تاڭ خاندانلىقىغا قاتتىق تەھدىت سالىدۇ. تاڭ خاندانلىقى ئۇيغۇرلاردىن يەنە قوشۇن تەلەپ قىلىپ شى چاۋيى توپىلىڭىنى باستۇرماقچى بولىدۇ. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى بۆگۈ تېكىن تەكلىپكە بىنائەن بىر بۆلۈك قوشۇننى باشلاپ، ياردەمگە كېلىپ شەرقىي ئاستانە لوياڭ شەھىرىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. كەينىدىن توپىلاڭچىلارنى سۈرۈپ توقاي قىلىدۇ. بۆگۈ تېكىن توپىلاڭنى تىنچىتىپ، لوياڭ شەھىرىدە مانى مۇرتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن كۆپ قېتىم مانى دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدۇ. نەتىجىدە مانى دىنىنىڭ تەلىماتلىرىغا تەدرىجىي قايىل بولۇپ، قايتىش سەپىرىدە تۆت نەپەر مۇرتنى ئۇيغۇر خانلىقىغا ئېلىپ قايتىدۇ ۋە مەخپىي ھالدا مانى دىنىغا كىرىدۇ. بۆگۈ تېكىننىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. چۈنكى بۇ مەزگىللەردە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا بۆگۈ تېكىننىڭ مانى مۇرتلىرىنى ئېلىپ ئۆز ئېلىگە قايتقاندىن كېيىن، بۇ مۇرتلارنى شامان دىنىدىكىلەر بىلەن مۇنازىرىگە سالغان. مەخسەت مۇنازىرە ئارقىلىق مانى دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى نامايان قىلىپ نارازىلىقلارنى بېسىش ئىدى. " ئىككى كېچە - كۈندۈزلۈك مۇنازىرىدىن كېيىن مانى مۇرتلىرى، شامان دىنىدىكىلەرنى مۇنازىرىدە يېڭىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن قاغان چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ مانى مۇرتلىرىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا كەڭچىلىك قىلىشنى تىلىگەن ھەمدە مانى دىنىغا ئاشكارا كىرگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئاخىرىدا مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن " ① ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مانى دىنى ئۇيغۇرلار ئىچىگە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلىغان.مىلادىيە 840 - يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولۇپ، قوۋملىرى غەربكە كۆچكەندە بىر تارمىقى ئورخۇن - سېلىنگا دەريا ۋادىلىرىدىن گەنجۇ رايونىغا كۆچۈپ كەلدى. ئۇلار دەسلەپتە تۈبۈت ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى، كېيىنچە ھەرقايسى جەھەتلەردە تەدرىجىي كۈچىيىپ، گەنجۇ رايونىنى ئاساس قىلغان كەڭ دائىرىدە زورىيىشقا باشلىدى. مىلادىيە 846- يىلى گوبى چۆللۈكىنىڭ ئەتراپى ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالى قىسمىغا تارقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى خېشى رايونىغا كۆچۈپ كەلدى.مىلادىيە 850 - يىلى شاجۇ( ھازىرقى دۇنخۇاڭ ئەتراپى ) رايونىنىڭ باش ئەمەلدارى جاڭ يىچاۋ بۇ جايدا ياشايدىغان خەنزۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ تۈبۈتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تۈبۈتلەرنى گەنجۇ، شاجۇ، لياڭجۇ رايونلىرىدىن سۈرۈپ چىقىرىپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ جايلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى②. بۇ ھال خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت ياراتتى. شۇ يىلى باش بۇيرۇق سارجىق بىلەن بىرگە 15 قەبىلىنى باشلاپ، قارلۇق رايونىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ باشلىقى پانتېكىن كۇچا ۋە تۇرپان ئارقىلىق خېشى رايونىغا كېلىپ يېڭى ئۇيغۇر خانلىقىنى تىكلىدى. بۇ خانلىق تارىختا " گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى " دەپ ئاتالدى. خانلىقنىڭ پايتەختى گەنجۇ( جاڭيې ) شەھىرى ئىدى③.مىلادىيە 905 - يىلى جاڭ يىچاۋنىڭ نەۋرىسى جاڭ فېڭچىڭ تاڭ سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ " ئالتۇن تاغ خانلىقى " نى تىكلەپ، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ئۇرۇشتى. لېكىن گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ئالتۇن تاغ خانلىقىنىڭ قوشۇنىنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىپ خانلىقنىڭ پايتەختى شاجۇنى قورشىۋالدى. جاڭ فېڭچىڭ نائىلاج سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ ، گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانىنى " ئاتا قاغان " دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى شەرقتە لىڭجۇ( ھازىرقى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ لىڭسۇ ناھىيىسى ) دىن تارتىپ غەربتە يۈمېن، ئەنشىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى كەڭ رايونلارنى تىزگىنلەپ، ئۇزاق يىللارغىچە بۇ رايونلارنى گۈللەندۈرىدۇ.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەنشى، خېشى رايونلىرىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار ۋە تارىخىي يازمىلار بۇ بىر تارماق ئۇيغۇرلارنىڭ گەنجۇ رايونىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ مانى دىنىغا داۋاملىق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.مەسىلەن: " كىتابلار جەۋھىرى " نىڭ 976 - جىلدىدا: " كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقىنىڭ تيەنجىن 4 – يىلى( مىلادىيە 929 – يىلى ) 8 - ئايدا شىمالىي ئاستانىدىكىلەر مانى مۇرتىنى دەپنە قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. مانى مۇرتى ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇرتلىرى ئىدى. ئۇ ئۆز ئېلىدىن تەييۈەنگە كەلگەنىدى " دەپ خاتىرىلەنگەن. "يېڭى بەش دەۋر تارىخى . جۇ پادىشاھلىقى ھەققىدە خاتىرە " دە " گۇاڭشۈنىڭ تۇنجى يىلى( مىلادىيە 951 – يىلى ) 2 - ئايدا ئۇيغۇرلاردىن تۇتۇق ئەلچىلىككە كەلدى، مانى ئۇيغۇر ئەلچىلىككە كەلدى "④ دەپ خاتىرىلەنگەن. گۇاجۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا " ھۇدۇدولئالەم " دە " گۇاجۇ چوڭ شەھەر بولۇپ، بىر قىسىم ئاھالىلىرى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپى مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.شاجۇ تاغ تىزمىلىرى بىلەن قۇملۇق ئارىسىغا جايلاشقان ئاۋات جايدۇر. سەيلىگاھلىق ئورۇنلىرى ناھايىتى كۆپ، ئېقىن سۇلىرى ناھايىتى سۈزۈك، بۇ جايلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلار ھەرگىز يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمايدىكەن. مانى دىنىغا بولغان ئېتىقادىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن " ⑤ دەپ خاتىرىلەنگەن.مەلۇمكى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغان خېشى رايونى ئەزەلدىن شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغاچقا، بۇ جايدا ياشىغان ئاھالىلەر بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئىقتىساد، مەدەنىيەت گەۋدىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەر خىل مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ كەلگەن. جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى، ئارخېئولوگلار دۇنخۇاڭ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن يىغقان مانى دىنىغا ئائىت ھۆججەت، ماددىي بۇيۇملار ئىچىدىكى مانى دىنى ھۆججەتلىرى بىرلا خىل يېزىقتا يېزىلغان بولماستىن، بەلكى بىرقانچە يېزىقتا يېزىلغانلىقى ئىسپاتلاندى. بەزى ۋەسىقىلەر مانى دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىگە ئائىت بولۇپ، مانى ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرى يازغان ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىلىرى يەنى دىنىي ئەقىدىلەرگە ئائىت ماقال، تەپسىر، مەسەللەردىن ئىبارەت. قالغانلىرى قەسىدە، تىلاۋەتنامە ۋە توۋۋىنامىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ⑥.
 يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى خېشى رايونىدىكى تۈرك قوۋملىرى ۋە باشقا قەبىلىلەرنىڭ ھاكىمىيەت گەۋدىسى ئىدى. مانى دىنى مەيلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بولسۇن، ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشلىرىدە بولسۇن، ئۆزىنىڭ بەلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مانى دىنى بارغانسېرى ھۆكۈمرانلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ماسلىشىپ فېئوداللىق تۈسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. مەسىلەن: قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مانى دىنىغا ئائىت بىر پارچە ھۆججەتتە " بىزنىڭ ئابرويلۇق ئۇلۇغ قاغانىمىزنىڭ مۇبارەك نامىنى پۈتۈن ئىقلىم يادلىسۇن " ⑦ دېيىلگەن. مانا بۇ ھۆججەتتىكى مەزمۇنلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ ئورخۇن دەۋرىدىكى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مانى ئەقىدىسىگە داۋاملىق ئېتىقاد قىلغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، مانى دىنىغا ئائىت 135- نومۇرلۇق بىر پارچە ۋەسىقىدە بۇ نۇقتا ناھايىتى جايىدا چۈشەندۈرۈلگەن: " ئەقىللىق ۋە پاك روھنى سۆيىدىغان ئادەم كۈننى ئۈچكە بۆلۈشى كېرەكتۇر. بىرىنچىسى، پادىشاھ، ئاقسۆڭەكلەرگە تەئەللۇق بولۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا قانائەت تېپىپ ئىززەت - ھۆرمىتى زىيانغا ئۇچرىماي، تالاش - تارتىش ۋە سۈيىقەستلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىسى، تەرىقەت بىلەن شۇغۇللىنىش. ئۈچىنچىسى، تېرىقچىلىق قىلىش، مال - مۈلۈك تەقسىم قىلىش ۋە جۇغلاش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەئەللۇق بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئائىلىنى قوغدىغىلى، خوتۇن - بالىلىرىنى نامراتلىقتىن ساقلىغىلى، تېخىمۇ كۆپ ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئۈچۈن كۈچ چىقارغىلى بولىدۇ " ⑧. دېمەك مانى دىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىدىكى فېئوداللىق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىدى.

ئىزاھلار:
 ① گابائىن قاتارلىقلار تۈزگەن " تۈركچە تۇرپان تېكستلىرى " 2 - قىسىم، 7 −9 - بەتلەر، فېڭ جياشېڭ قاتارلىقلار تۈزگەن " ئۇيغۇر تارىخى ماتېرىياللىرى " 1 - قىسىم 53- بەت.
② " كونا تاڭنامە " 18 - جىلد "پادىشاھ ۋۇ زۇڭنىڭ نەسەبنامىسى".
③ ئەنۋەر بايتۇر: " شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى" 574 − 575 - بەتلەر. ④ " كونا بەش دەۋر تارىخى " 138 - جىلد " ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە " .
⑤ " ھۇدۇدۇلئالەم " 1937 - يىلى لوندون نەشرى، 85 – بەت .
⑥ كىلىمكېت: " يىپەك يولى بويىدىكى مەدەنىيەت " ئۈرۈمچى، 1994 - يىلى نەشرى، 88 – بەت .
⑦ لېكوك: " شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى " 1928 - يىلى لوندون نەشرى، 149- بەت .
⑧ ليۇ يىتاڭ: " ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات " ، 167 - بەت.
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىسى 2004 – يىلى 2 – سان

bilqut
Posted: 2008-02-11 20:41 | [ئاپتور]
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 250
شۆھرىتى: 253 نومۇر
پۇلى: 2520 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

[size=4]مەن بىر ماتىرىيالدا " ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تېز ئارىدىلا زەئىپلىشىپ كېتىشى، _____ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك " دەپ ئوقۇغانىدىم.
بۆكۈ خاقان ھەجەپ يات ئەلدىكى توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇشقا ئۆزى بارىدىكىنە؟ !
ئۇنىڭ قىسقا ئارىدىلا مانىلار بىلەن تونۇشۇپ، تەسىرلىنىپ،ئۇلارنى ئۆزى باشلاپ كېلىشى ئاجايىپ ئىش ئىكەن. ( ئۇ توپىلاڭنى قانلىق باستۇرغىلى بارغان ئەمەسمىدى؟ )
ئىشقىلىپ چىگىشلەر بەك جىق بۇ يەردە.
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-02-12 03:26 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » شانلىق مەدەنىيەت دەۋرى

Total 0.116388(s) query 4, Time now is:03-07 19:58, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation