نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتنىڭ ھايات پائالىيتى
نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت يۈكسەك ئىستېداتقا ئىگە ئالىم ، تالانتلىق شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ .
نەزەر غوجىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئوقۇمۇشلۇق كىلشەر بولۇپ ، ئىلى ۋىلايتىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا ياشىغان. نەزەر غوجىنىڭ دادىسى ئابدۇسەمەت 1864- يىلى كۆتۈرۈلگەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمتىگە قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان . 1871-، 1881- يىللىرى چاررۇسىيە قوشۇنى ئىلى ۋىلايتىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ، ئىلىنى بېسىۋالدى . ھەم چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قاتتىق ئېكىسپىلاتسىيسى ، ھەم يەرلىك فېئودال كۈچلەرنىڭ تالان - تاراج قىلىشىغا ئۇچراپ ھالسىزلانغان ئىلى دەريا ساھىلىدىكى ئۇيغۇرلار يەتتە سۇ تەۋەسىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى . ئەنە شۇ كۆچمەنلەر ئىچىدە ئابدۇسەمەت ئائىلىسىمۇ بار ئىدى .
نەزەر غوجا 1887- يىلى ھازىرقى قازاقسىتانغا قاراشلىق غالجات يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئائىلىسى نەزەر غوجىنىڭ تەربىيسىگە كۆڭۈل بۆلگەن . ئابدۇسەمەت ئۇنى موللىلارغا بېرىپ ئوقۇتقان ، تارىخىي ۋەقەلەر، ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ ، ئۇيغۇر تارىخىدىن خەۋەردار قىلغان . ئەسلى يۇرتىنىڭ ئىلى دەريا بويىدا ئىكەنلىكىنى ھېكايە قىلىپ بېرىپ ، ئوغلىنىڭ قەلبىدە ئانا يۇرتىغا كۈچلۈك مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغاتقان . شۇڭا ، نەزەر غوجا بالىلىق دەۋىرىدىن تارتىپلا سادىر پالۋان ، نۇزۇگۇم ھەققىدىكى قوشاقلارنى يادلىۋالغانىدى . ئۇ مەكتەپكە كىرىپ تىرشىپ رۇس تىلىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۋالغان . ئۇ ئالمۇتادىكى زاۋۇت مەكتىپىدە بىر يىلغا يېقىن ئوقۇغاندىن كېيىن ، بىلىم تەشنالىقىنى تېخىمۇ قاندۇرۇش ئۈچۈن تاتارستاندىكى قازان ئۇنۋېرستېتىغا ئوقۇشقا بارغان ، كېينىرەك مىللى مەدەنىيەت تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن رادىلوف ، مالوفتەك ئالىملار بىلەن خەت ئالاقىسى قىلىپ ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيتى ھەققىدە كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئىگىلىگەن . يالقۇنلۇق ئىنقىلابچى ئابدۇللا روزىباقىيوۋ بىلەن چوڭقۇر دوسلتۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان . ئۇلار بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىگەن ، قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن .
1917- يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، نەزەر غوجا ئۇيغۇر بالىسى يەتتە سۇ رايونىدا سوۋېت ھاكىميتىنى بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان . يېڭى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش، سوۋېت ھاكىميتىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش جەھەتلەردىكى ئىجتىمائي - سىياسى پائالىيەتلەردە ئاۋانگارتلىق رول ئوينىغان . ئۇ لېنىن يولىنىڭ تەرغىباتچىسى بولۇپ قالغان . شۇڭا، ئابدۇللا روزىباقىيوۋ : <<نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف>> (ئۇيغۇر بالىسى ) خەلقىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان پىشقەدەم ئەدىب، دېموكرات ، شورالار ھۆكۈمىتىگە دوست، ئۇنىڭ يولىغا كىرگەنلەرنىڭ بىرىنچىسىدۇر >> دېگەن .
نەزەر غوجا 1923- يىلى كېيىنكى بىر مەزگىللىك ھاياتىنى غالجات يېزىسىدىكى كولخوزچىلار ئىچىدە ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزگەن . غالجاتلىق ئاسىم قاسىموۋ مۇنداق يازغان :<< 1923-، 1930- يىللاردا غالجاتتىكى سودا كوپېراتىپغا يىتەكچىلىك قىلىپ ، خەلىق ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈشكە بىۋاستە غەمخورلۇق قىلغان، ھەم دېھقانلارغا ئۈلگە كۆرستىش ئۈچۈن قولىغا كەتمەن ئېلىپ ، غالجات غولىدىكى سۈيى ئوڭاي چىقىدىغان جايلاردىن ئەمەس ، بەلكى ئەڭ قىيىن، ئېدىر- قاپتاللارنى ئايلاندۇرۇپ ئۆستەڭ تارتىپ ، مۇشەققەتلىك ئىشقا باش بولغان . ھازىرقى بۇ ئۆستەڭنى ) نەزەر غوجا ئۆستىڭى ، دەپ ئاتىشىدۇ. >>
1928- يىلى ستالىن << بۇرژۇئا مىللەتچىلىرىنى تازىلاش >> دەيدىغان سولچىل سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ ، زور تۈركۈمدىكى تاتار زىيالىيلار ۋە كوممۇنىستلارنى تۇتقۇن قىلغان ، باستۇرغان .<< بۇ قىسىم پۇرسەتپەرەسلەر نەزەر غوجىنىڭ ئىلگىرى تاتار زىيالىيلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ، ئۇنىمۇ تارتىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان . ئۇنىڭ (تەييارتاپلار ) ناملىق شئېرىغىمۇ تەنقىدلەر يېزىلىپ ، ئۇنىڭغا تار مەزھەپچى ، تاقابىلچى ، دېگەن ۋە باشقا تامامەن ئاساسسىز تۆھمەتلەر چاپلانغان . ھەتتا ئۇنىڭ ھاياتىمۇ تەھدىتكە ئۇچىرىغان . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، شۇ چاغدا ئابۇدللا روزىباقيوۋ ئۇنىڭغا ئىنىسى ئابدۇغۇپۇر روزىباقيوۋ (سولۇن )دىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش توغرۇلۇق ئۇچۇر يەتكۈزگەنىكەن . دەرۋەقە ، ئۇ 1929- يىلى ئىلى تەۋەسىگە كۆچۈپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللا قادىرى(جۇلقۇنباي) ، ئابدۇللا روزىباقىيوۋ ، نۇر ئسرائىل ... قاتارلىقلار قاتتىق باستۇرۇلغان >>.
نەزەر غوجا 1929- يىلى كۈزدە خوتۇن - بالىلىرىنى ئېلىپ ئىلى ۋىلايتىنىڭ جاغىستاي يېزىسىغا ماكانلاشقان . بۇ يەردىمۇ < غالجات مەھەللىسى > دېگەن بىر مەھەللە بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مالىمانچىلىقلاردا كۆچۈپ كەتكەن غالجاتلىقلار ، شۇنداقلا نەزەر غوجىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان ، تونۇش- بىلىشلىرى ئولتۇراقلاشقان .
جاغىستاي مائارىپ ۋە مەدەنىيەتتە بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان يېزا ئىدى . بۇ يەردە 1900- يىللاردىلا دىني مەكتەپلەر بار بولۇپ ، پەننى دەرسلەر قوشۇمچە ئۆتۈلەتتى. 1910- يىلىدىن كېيىن ، قازان ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن مىرزا مۇئەللىم ، مىسرىدىكى ئەزھەر دارىلفونۇنىنى پۈتتۈرگەن ناسۇھا داموللام ، ئەيسا داموللاملار مەسچىت يېنىغا پەننىي ۋە دىنني مەكتەپلەر قۇرغانىدى . نەزەر غوجا بۇ يەردە مۇنتىزىم بىرپەنني مەكتەپنىڭ يوقلۇقىنى نەزەردە تۇتۇپ ، مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن بىر پەننىي مەكتەپ سېلىشنى تەشەببۇس قىلغان . نەتىجىدە 1933- يىلى << بىرلىك >> مەكتىپى سېلىنغان . نەزەر غوجا بۇ مەكتەپكە ئىقتسادىي جەھەتتىلا ياردەم بېرىپ قالماي ، يەنە قازان شەھىردىن دەرسلىكلەرنى ئالدۇرۇپ بەرگەن . ئوقۇغۇچىلار بىر خىل مەكتەپ فورمىسى كىيىپ تەنتەربىيە ئويناشنى يولغا قويغان . 1934- يىلى بىر كۇلۇب سېلىنىپ ، ئارتىسلار ئويۇن قويۇپ ، يېزا خەلقىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇپ ، مەنىۋيتىنى بېيتقان . شۇ مەزگىللەردە، بۇ كۇلۇبتا << خىيالى تېۋىپ >> ، << نۇزۇگۇم >> ، << پەرھاد - شېرىن >> ، << نامەرد باي >> قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ئوينالغان . بۇلارنىڭ ئىچىدىكى<<نۇزۇگۇم >> بىلەن << نامەرد باي >>نى نەزەر غوجا يېزىپ بەرگەن . ئۇ يەنە ئارتىسلارغا كۆپلىگەن ناخشا تېكستىلىرىنىمۇ يېزىپ بەرگەن . ئۇ مەكتەپتىكى بىر ئاممىۋى يىغىلىشتا سەنئەتنىڭ رولى ئۈستىدە توختىلىپ :<<خەلقنىڭ كاللىسىنى ئېچىشتا دوردىنمۇ كۆرە سەنئەت مۇھىم >> دېگەن مەشھۇر سۆزنى قىلغان . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە نەزەر غوجا يازغان شئېر ۋە ماقالىلىرىنى << ئالغا >> ، << ئىتتىپاق >> قاتارلىق گېزىت- ژورناللارغا ئەۋەتىپ ، ئېلان قىلدۇرغان .<<خۇشتىرخان >> ناملىق داستاننى ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەم ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا << دىلموك تېغى باغىرىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرى >> ناملىق ماقالىسىنى يېزىپ چىققان.1948- يىلى ۋە 1949- يىللىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ، غېنى باتۇر قاتارلىقلار نەزەر غوجىنى يوقلاپ چىقىپ ، ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ، سۆھبەتلەردە بولغان . ئەخمەتجان قاسىمى كىشلەرنىڭ ئالدىدا نەزەر غوجىنى << ئۇستازىم >> دەپ ھۆرمەتلىگەن.<< 1951- يىلى شائىر ئەلقەم ئەختەم ، يازغۇچى ماناپ قەدىرىلار جاغىستاي يېزىسىغا يەر ئىسلاھات كادىرى بولۇپ چىققاندا، نەزەر غوجا بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ بىر قىسىم قوليازمىلىرىنى ئېلىپ كەتكەن >>.
نەزەر غوجا ھاياتنىڭ ھەر خىل قىسمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ، ئېغىر زەربىلەرگە ئۇچراپ ، ياشانغاندا كېسەلچان بولۇپ قالغان . 1952- يىلى كەچ كۈزدە ، كېسلى قوزغىلىپ دورا ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان .<< ئۆز زامانىسىدىكى يېڭىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ بىرى >>، << مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىللتىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئەڭ كۆپ ئويلانغان ۋە ئازابلانغان زىيالىيلرىمىزنىڭ بىرى>>، ئەل جامائەت ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ مەرىپەتچىنىڭ مېيتى << بىرلىك>>-ھازىرقى جاغىستاي يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى قەبىرستانلىققا دەپنە قىلىنغان .