بۇ بەتتىكى يازما : خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھازىرغىچىلىك مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالىشىنىڭ سەۋەپلىرى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھازىرغىچىلىك مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالىشىنىڭ سەۋەپلىرى





خۇنەن ئۇيغۇرلىرىغا  ھازىر 600 يىلدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا، ناتۇنۇش مۇھىتتا، نۇپۇسى ئىنتايىن ئاز، دىنى ئىتىقات، تۇرمۇش ئۆرۈپ-ئادىتى يەرلىك مىللەتلەرنىڭكىدىن ئۆزگىچى بولغان مىللەتنىڭ رۇناق تېپىپ، ئىقتىسادى گۈللەنگەن، مەدىنىيەت، مائارىپ ئىشلىرى خېلى تەرەققى قىلغان، ئەتراپتىكى مىللەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتكەن ھازىرقى خۇنەن ئۇيغۇرلىرى بۇلۇپ تۇرالىشىدا تۈۋەندىكى ئامىللار مۇھىم رول ئوينىغان.

1. ياشاش ۋە رۇناق تېپىشقا بولغان ئىنتىلىشى كۈچلۈك بولغان

قۇجۇ تۇتۇق بېگى خېلىل قىتانلارنىڭ ھۈكۈمىرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چىڭگىزخان بىلەن بىرلەشكەن ھەمدە ئىسلام قۇشۇنىنى باشلاپ، ھەربى يۈرۈش قىلغان. بۇ خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئەجدادلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم چرگرا رايۇندىن ئىچكىرىگە كۈچىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە خەلىل باشى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بەيجۇ جەنۇپتىكى خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن، گۇيجۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسيانىنى تىنجىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە قازا قىلغان. يارلىق بۇيىچە جەسىدى چاڭدېغا دەپىنە قىلىنغان. ئەۋلاتلىرى ئۇنىڭ ئەمەل-مەرتىۋىسىگە ۋەلىئەھىد بۇلۇپ، چاڭدې، تاۋيۇەنلەردە ھەربى تېرىقچىلىق قىلغان. شۇ ۋەجدىن خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى يەنە بىر قېتىم ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىن جەنۇپ تەرەپكە كۆچكەن. ئەسلىدە شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان خەلىل جەمەتىدىكىلەر تارىخنىڭ ئىككى قېتىملىق بورىنىنىڭ ئۇزۇتىشى بىلەن جىيەن جەمەتىدىكىلەرگە ئۆزگەرگەن.

تارىختا بۇ ئىككى قېتىملىق كۈچۈشكە ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائى رىئاللىق سەۋەپ بولغان. جىيەن جەمەتى 11-ئەۋلات يەنى چوڭدېدىن كىيىن ئەمەل-مەرتىۋىدىن مەھرۇم بۇلۇپ، ياشاش يۇلىدا ئېغىر سىناققا دۇچ كەلگەن. شۇڭا ئۇلار ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن ھەربى يۈرۈش ھاياتىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر بۇلۇپ پۇقرالىق تۇرمۇشى كەچۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا نۇپۇسى ئاز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇش ئۆرۈپ-ئادىتى، دىنى ئىتىقادى يەرلىكلەرنىڭكىدىن ئۆزگىچە ئىدى. تىل ئۇقۇشمايتى، بۇنىڭدىن ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن جىيەن تۇغلۇق قۇشۇنىدىكىلەرنىڭ تىرىكچىلىك قىلىش يۇلىدا قانچىلىك ئېغىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى چەككەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش دەۋرىدە ئەتراپتىكى مىللەتلەر بىلەن بولغان جىددى مۇناسىبەتنىمۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە يۇمشاتقىلى بولمايتى. شۇڭا ئەمگەكچان، باتۇر خۇنەن ئۇيغۇرلىرى پەقەت ئۈزىنىڭ ئىرادىسى ۋە قەيسەرلىكىگە تايىنىپلا ياشاش مۇھىيتىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇلار ئۆزلىرىگە پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بولغان دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە خەنزۇلار بىلەن بولغان مۇناسىبىتى ۋە ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن. ئۆز-ئارا ئۈگۈنۈپ، بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قۇبۇل قىلىپ، يىتەرسىزلىكىنى تۇلۇقلىغان. بۇ ھەم ئۇلارنىڭ ياشاش ۋە رۇناق تېپىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەن، ھەم تارىخ پەيدا قىلغان مىللى ئازارلىقنى تۈگۈتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللى مائارىپ، مەدىنىيەت ئىشلىرىنى كۈچەيتىپ، ساپاسىنى ئۆستۈرگەن. خۇنەن ئۇيغۇرلىرى تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز رۇناق تاپقۇزغان. ئاھالىسى پەيدىن-پەي كۈپۈيىپ، نۇپۇسى ھازىر 6000 غا يەتكەن ۋە ئاشقان.

2. يەرلىك مىللەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىبىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن.

مەيلى يۇەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشىدا بولسۇن، ياكى مىڭ بسۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىدا جەنۇپ تەرەپلەرنى ساقلاشتا بولسۇن، خۇنەن ئۇيغۇرلىرى خۇنەن، گۇاڭدوڭ، گۈيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى مىللى قوزغىلاڭلارنى كۆپ قېتىم باستۇرغاچقا، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قەلبىدە يامان تەسىر قالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئارازلىق ۋە ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسلىقى فىيۇدال ھۈكۈمرانلارنىڭ ئۆز ھۈكۈمرانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ياتلارنى ياتلار ئارقىلىق تىزگىنلەش سىياسىتىنى يۈرگۈزگنلىكى سەۋەپ بولغان. خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئەجداتلىرىنىڭ ھۈكۈمرانلار تەرىپىدىن قۇرال قىلىۋېلىنغانلىقىمۇ خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھىيىتى زور بىر تىراگىدىيىدۇر. مىڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجداتلىرى مىراسخور ئەمەل-مەرتىۋىسىدىن مەھرۇم بولغاندىن كىيىنلا ئاندىن ھەقىقى پۇقرالىق سالاھىيىتىدە ئەتراپتىكى مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە ياخشىلىدى. بۇمۇ ئۇلارنىڭ خۇنەندە پۇت تىرەپ تۇرۇش، ياشاش ۋە رۇناق تېپىشقا ئىنتىلىشنىڭ تەخىرسىز ئىھتىياجى ئىدى. يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن، تارىختىن قېپقالغان مىللى كەمسىتىش، مىللى ئارازلىق ئاساسى جەھەتتىن تۈگۈتۈلدى ھەمدە ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىبەتنى راۋاجلاندۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يېڭى سەھىپە يېزىلدى.

3. مىللى ئەنئەنىۋى مەدىنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرغان

خۇنەن ئۇيغۇرلىرى دىنى ئىتىقات، تۇرمۇش ئۆرۈپ-ئادىتى، مەدىنىيەت ئەمئەنىسى جەھەتتە يەرلىك مىللەتلەردىن پەرىقلەنگەچكە ئۇزاق مۇددەت كەمسىتىلىپ كەلدى. لىكىن ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ ئىسىل ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىدىن ۋاز كەچمىدى. بەلكى مۇشۇ ئاساستا باشقا مىللەتلەرنىڭ جەۋھەرلىرىنى قۇبۇل قىلدى. ئۇنى ئۆز مەدىنىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزگىچە مەدىنىيىتىنى شەكىللەندۈردى. مۇرەككەپ ئىجتىمائى مۇھىتتا بۇنى ئىشقا ئاشىرىش ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ مۇقىم پىسخىك ساپادىن باشقا خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مىللى مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىبەتلىك شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خەنزۇچە ۋە ئەرەپچىنى تەڭ قوللۇنىشى ئۇلارنى مىللى مەدىنىيەت جەھەتتە ھەممىنى قۇبۇل قىلىش شارائىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، «مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى» داۋامىدا خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۇرغۇن قىممەتلىك مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمى ئىزلىرى ۋەيران قىلىنىپ، ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتى نابۇت قىلىندى. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتىت 3-ئۇمۇمى يىغىنىدىن كىيىنلا ئۇلارنىڭ مىللى مەدىنىيىتى پەيدىن-پەي ئەسلىگە كەلدى.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرى تارىخنىڭ 600 يىللىق ئەگرى-تۇقاي يوللىرىنى بېسىپ ئۆتكەن. پاكىتلار ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتىنى بەرپا قىلىش يۇلىدا ئۆچمەس تۆپە قوشقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۇرغۇن تارىخى شاھىتلىرى جەڭ ئوتلىرىدا ۋەيران بولمىغان بولسىمۇ ، لىكىن سىياسى بۇران- چاپقۇندا ئامان قالمىغا. بۇ خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن زور بەخىتسىزلىك بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى بىز ئۇيغۇرلا ئۈچۈنمۇ بىر يۇقىتىشتۇر.

نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-19 11:52 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار

Total 0.065862(s) query 3, Time now is:12-04 13:57, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation