«12 3 » Pages: ( 3/3 total )
نۆۋەتتىكى تېما : ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 3611ـ كۆرۈرمىنى
hanihatam

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 6300
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 163
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
شۆھرىتى: 190 نومۇر
پۇلى: 1890 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :88(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-13
ئاخىرقى : 2009-01-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەي ، مەن ساڭا ئونداق دىمىدىم،بۇرۇن قازاق تارىخىنى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ  قىزىل ئىمپىرىيىسى  يازىدىغان، ئۇ چاغدا، رۇسلار نىمە دەپ يازسا شۇنداق بولىدىغان گەپ، سەن مىنىڭ گىپىمنى باشقىغا بۇرۇماڭ.
1som
| ۋاقتى : 2008-11-15 17:01 30 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3611ـ كۆرۈرمىنى
hanihatam

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 6300
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 163
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
شۆھرىتى: 190 نومۇر
پۇلى: 1890 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :88(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-13
ئاخىرقى : 2009-01-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

جاۋاپ بىرىمەن ، لىكىن ماڭا ۋاقىت  كىرەك.
yol
| ۋاقتى : 2008-11-15 17:02 31 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3611ـ كۆرۈرمىنى
mavlan

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 1140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 252
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە252دانە
شۆھرىتى: 286 نومۇر
پۇلى: 2850 سوم
تۆھپىسى: 48 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :337(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-22
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇنداقتا مەن سەن جاۋاپ  بىرىدىغان سۇئاللىرىمنى ئۇتتۇرغا قويان ئالدىرماي جاۋاپ بەر :
جانابى hanihatam  قىرندىشىم "
1."ئوغوزنامە " ئۇيغۇرچە تەرجمىسىدە "مەن ئۇيغۇرنىڭ قاغانى بولمەن " دىگەننى نىمە ئۈچۈن قازاقچە تەرجمىدە "مەن تۈرىكنىڭ قاغانى بولمەن "دەپ تەرجمە قىلدۇ ؟ بۇنىڭدا بىرەر مۇددا بارمۇ قانداق ؟
2.بىر قازاق قىرىندىشىمىز تۈنۈگۈن "قازاقىستاندىن  قەدىمى قازاق يىزىقىدا يىزلغان "ئوغوزنامە" دىگەندى بۇنى تەپسىلى چۈشەندۈرۇپ بىرەمسىز ؟قەدىمى قازاق يىزىقى دىگەن قانداق يىزىق ؟ قەيەردە ؟  قاچان تىپىلغان ؟ قاچان يىزىلغانكەن ؟
3. خوجا ئەھمەد يەسەۋى قازاقمۇ  ؟ (بۇنى بىلمەكچى بولسىڭىز،ھاجى گوكمەنننىڭ تۈرۈكچە «خوجا ئەھمەد يەسەۋى» ناملىق ئەسىرىدە بار. ئەنقەرە، 1994-يىلى. («ئاتا تۈرۈك» نامىدىكى مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىخ جەمىئىيىتىنىڭ ژۇرنىلى) 7-9-24-26بەتلەر.شۇ يەردىن كۆرىۋېلىڭ! )
4.:"قازاق ئوغلانى كۆلتىكىن ۋە قازاق قاغانى ئىستەمى " بۇ قانداق گەپ ئەمدى ؟
5.قىرىداشلىرىڭغا ھاقارەت قىلغان مۇنۇ ماقالەڭگە نىمە دەيسەن؟
http://www.kzazamat.com/bbs/viewthread.php?tid=5080&extra=page%3D1
5. بالاساغۇن ھازىرقى تارازا شەھىرى ئەتراپى دىدىڭ دەللىل ئىسپات يەنى كىلاسىك ئەسەرلەردىكى ئارلىق تەسۋىرىگە ماس كىلىشى كىرەك .(تارازا بىلەن قەشقەر نىڭ ئارلىقى تۈزسىزق بىلەن ھىسابلىغاندا 650كىلومىتىردىن ئارتۇق )
6. قارابىنىڭ قازاق بولىشىدىكى دەللىلەر ؟
7.ئەلىشىر نەۋايىنڭ قازاق بولشىدىكى دەللىلەر ؟
8.جۈسۈپ بالاسغۇنى قازاق بولشىدىكى دەللىلەر ؟
9.ماخمات قاسقارىنىڭ قازاق بولشىدىكى دەللىلەر ؟
10."قۇتاتغۇبىلىك" قىپچاق تىلدا يىزلغىنغا بولغان دەلل مىساللار ؟
11.مۇھەممەت مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ (كوراگان دىگەن قاغاننىڭ كۇيئۇغلى )قازاق بولشىدىكى دەللىلەر ؟
12."دىۋان لوغاتىت تۈرىك "  تىكى  قىپچاق چۈشەنچىسىدىكى مەزمۈنلاردىن تەپسىلى مىساللار ؟
13. تاتاتۇڭانىڭ قازاق بولشىدىكى دەللىلەر ؟
14.دۇغلات قەبلىسىنىڭ پەقەت قازاقلارنىڭلا قەبىلىسى ئىكەنلىك دەللىلەر ؟
15. قازاقلارنىڭ 3چوڭ كەشپىياتى ؟  1) چاڭغا 2) ئات 3) كىگز ئۆي
16. قازاق قەبىلىرىنىڭ شەكىلىنىشى ۋە قوشولوشى ھەم موڭغول قەبللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ؟

بولدى باشتا مۇشىنچىلىك سوراي .......... كىين جاۋاب بىرىپ بولغاندا قالغىننى سورايمەن .
ساڭا قىرىندىشىم ماتىرىيال  توپلىۋىلشىڭ ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىلەت بەرسەم موۋاپپقتۇ    ؟
[ بۇ يازما mavlan تەرىپىدىن 2008-11-15 17:56 دە قايت ]
| ۋاقتى : 2008-11-15 17:44 32 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3611ـ كۆرۈرمىنى
hanihatam

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 6300
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 163
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
شۆھرىتى: 190 نومۇر
پۇلى: 1890 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :88(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-13
ئاخىرقى : 2009-01-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇنداق بولغاندا، مەن بىر توپلام يازمىسام بولمىغۇدەك، مەن بەزى تارىخى شەخسسىلەرنى100% قازاق دەپ تۇرۋالمىدىم، لىكىن بۇ شەخسىلەرنىڭ قازاق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقما؟ قازاقلار تارىخىنى يىزىشنى ھەرگىز 1440- يىللاردىن باشلاپ يازمايدۇ، قەدىمقى ھونلاردىن.قەدىمقى تۇرۇكلەردىن باشلاپ ھازىرقى دۇنياغىچە يازىدۇ، تارىخ دىگەندى يىلتىزىدىن باشلاپ يازىدۇ، قازاقلارنىڭ ئەجدادلىرى جۇڭگونىڭ شاڭ، شيا سۇلالىرىدىن باشلاپ تارىخى يازمىلارغا چۇشكەن،  باشقىسىنى دىمەيلى، مەن ئوزەم كىرەي قەبلىسىدىن، قازاقنىڭ چوڭ ئۇلۇسى كىرەيلەر مىلادى 5-ئەسىرلەردە، جۇڭغارىيىدە خانلىىق قۇرۇپ، خانزۇنىڭ تارىخى يازمىلىرىدا بايان قىلىنغان،  9-ئەسىرلەردە نۇپۇسى900 مىڭ ئادەمگە يىتىپ،300 مىڭ ئەسكىرى بولۇپ، شۇ چاغدىكى ئڭ چوڭ خانلىقلارنىڭ بىرى بولغان، شۇنىڭ ئۇچۇن،قازاقلار تارىخىنى نىرىدىن باشلىماي نىمە دەپ يازسا بولغۇدەك؟ يۇقۇردىكى تارىخى شەخسىلەر ئۇيغۇرنىڭمۇ، قازاقنىڭمۇ ئەمەس، بەلكى پۇتۇن تۇرك مىللەتلىرىگە ئورتاق.
1som
| ۋاقتى : 2008-11-15 18:08 33 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3611ـ كۆرۈرمىنى
arkim

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4052
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 126
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە126دانە
شۆھرىتى: 136 نومۇر
پۇلى: 1350 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :70(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-02
ئاخىرقى : 2008-12-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇنداق جاۋاپ بېرىشكە توغرا كەلگەن بولسا...ھەممە كىشىگە جاۋاپ دېگەن ساماندەك تولا بولۇپ كەتمەمدۇ؟!@
1som
| ۋاقتى : 2008-11-15 18:18 34 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3611ـ كۆرۈرمىنى
koruk

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1907
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :23(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-25
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 mavlan ئاداش

ئاداش ئسمىڭىزنى ماۋلان قۇيۋاپتىلا ... قۇيۋالغان بۇ ئسمىىزنىڭ مەنىسى نيما ؟  قەدىمكې تىلىڭدا شاق-شاق قىپ قۇياي (قوقىپ كەتمەي ، شاقان يازماي ئاستا يازاسىز ، ىنكاسىڭىز ئاز بۇلۇپ قامۇسۇن جيق بوسۇن.......
يېنىپ كەلگىچە ساق-سالامەت بۇلۇڭ.
1som
| ۋاقتى : 2008-11-15 18:22 35 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3611ـ كۆرۈرمىنى
mavlan

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 1140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 252
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە252دانە
شۆھرىتى: 286 نومۇر
پۇلى: 2850 سوم
تۆھپىسى: 48 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :337(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-22
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ دورىنى خاتا تەڭلەپ سالدىڭزمۇ koruk  بۇرادەر  ياكى سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش تەس كەلدىمۇ ،ھچقىسى يوق بۇنداق جاۋاپلارغىمۇ كۆنۆپ كەتتىم .
ئۈزۈمنىڭ ئىسمى مەۋلان بولغاچقا ،توردىمۇ مۇشۇ ئىسىمنى قوللىنىمەن ، ئىسمىمنىڭ مەنىسىنى سوراپلا  " مەۋلان "  دىگەن ئىسىم ئەرەپچە يەنى مۇسۇلمانچە "غۇجا " "مۆتۋەر""ئالىجاناب" دىگەن مەنىلەردە ....
مەسىلەن :مەۋلانە لۇتفى دىگەندەك .................
بۇرادەر" كۈرۇك "ئەمدى سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىڭ مەنسىگە كىلەيلى ؟
| ۋاقتى : 2008-11-15 20:36 36 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3611ـ كۆرۈرمىنى
Yawuz

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1787
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 359
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە359دانە
شۆھرىتى: 390 نومۇر
پۇلى: 3900 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :608(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
33 - قەۋەتتىكى hanihatam 2008-11-15 18:08 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
بۇنداق بولغاندا، مەن بىر توپلام يازمىسام بولمىغۇدەك،

توپلام يېزىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، قازاق تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى قىسقىچە پاكىتلىق قىلىپ يازسىڭىز، شۇ باھانىدە بىزمۇ بىلىۋالساق دىگەن ئۈمىتتىمەن، مەنغۇ جاقىپ مىرزاقان، نېغمەت مىڭجانىنى قازاقلار ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر تارىخچىلار دەپ قارايمەن، لېكىن سىز ئېيتقان قازاقىستان تۋەسىدىكىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ھازىچە نېسىپ بولمىدى، ئاندىن سىز يوللىغان تور بەتتىكى فونت ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن باشقا تور بەتلەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن ماتېرىياللار چىقماپتۇ، شۇڭا ئىمكان يوللىغاندا تەرجىمە قىلىپراق يوللىسىڭىز، قازاقچە بىلمەيدىغان دوستلارمۇ كۆرۈپ بىلىۋالسا ئەجەپ ئەمەس.
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-11-15 20:40 37 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3611ـ كۆرۈرمىنى
kasimjan

دەرىجىسى :*


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە*دانە
شۆھرىتى: * نومۇر
پۇلى: * سوم
تۆھپىسى: * نومۇر
توردىكى ۋاقتى :(سائەت)
تىزىملاتقان : *
ئاخىرقى : *

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

دوستذذذم  قامچاخذن  مانئ  أكورگئن  سةندة كوز بارمذا؟<< قۇتادغۇ بىلىك >> كىمنىڭ ، ئۇنىڭ تىلى قايسى تىل ؟

يازغۇچىسى : ئەھمەت زىيائى

بىزگە مەلۇمكى ، دۇنيادا ھەر بىر مىللەتنىڭ شۇ مىللەتنى تارىخ بېتىدە ئەسلەتمە خاتىرە بەلگىلىرى بولغان . ئۇلار ئەنە شۇ خاتىرە بەلگىلىرى بىلەن زامان ئۆزگىرىشىنىڭ نەمەھۇ - ئىنتىزارلىق تۇمانلىرى ئاستىدا يوقىلىپ كەتمەي ، ئۆتمۈش ھاياتىنىڭ بارلىق بەلگىلىرىنى تارىختا نامايان قىلىپ ، پەخىرلىنىپ كەلگەن . مەسىلەن ، جۇڭگو كۇڭزى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتى ، ساۋ شۆچىن ۋە ئۇنىڭ << قىزىل راۋاقتىكى چۈش >> رومانى بىلەن ، يۇنانلىقلار ئۆز پەيلاسوپلىرى پلاتون ، ئارستوتېل ، بۇقرات ، سوكرات ، فىساغۇرس ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ، ھىندىلار بىدپاي ھېكىم ۋە ئۇنىڭ << كەلىلە ۋە دەمىنە >>سى بىلەن ، ئىرانلىقلار فىردەۋسى ۋە ئۇنىڭ << شاھنامە >>سى بىلەن ، ئېنگلىزلار بايرون ، شېكىسپىر بىلەن ، رۇسلار تولىستوي ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن . . . ۋەھاكازالار . بىزمۇ ئەمدىلىكتە ئۆزىمىزنىڭ تارىختىكى شانلىق كۈنلىرىمىزنىڭ مەرىپەت نىشانلىرىنى خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مىللەتلەرگە ئوخشاشلا بۈيۈك تەنتەنە ساداسى ئىچىدە كۆتۈرۈپ چىقىشقا ئىمكانىيەت تاپتۇق ، ئۇ بولسىمۇ بىز ئۇنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان يىگانە ئەسەر << قۇتادغۇ بىلىك >>تۇر . ھازىر بۇ ئەسەر خەلقىمىز قولىغا ئۆتتى ، نەزمىي يەشمىسى نەشىر قىلىنىپ تارالدى . بۇ ئەسەر ئوتتۇرىغا چىقىش بىلەن ئۇنى ھەر تەرەپلىمە تەتقىق قىلىش ئىلمىي پائالىيىتى باشلىنىپ كەتتى . بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى ، << قۇتادغۇ بىلىك >>نى تەتقىق قىلىشنى قولغا ئېلىشتا ، ئەڭ ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر نۇقتا بار ، ئۇ بولسىمۇ << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ مەنسۇبىيەت مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ تىلىنىڭ قايسى مىللەت تىللىقى مەسىلىسىدۇر .
<< قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ يېزىلغىنىغا 1000 يىل بولغان بولسىمۇ ، شۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ، ئۇ بەزىدە كۆرۈنۈش ، بەزىدە كۆمۈلۈش ھاللىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى . ناھايەت 1925 - يىلى پروفېسسور فىترەتنىڭ تاشكەنتتە چىقىدىغان << مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچى >> ناملىق مەجمۇئەدە بۇ ئەسەر توغرىسىدا ئومۇمىي مەلۇمات بېرىشتە ئۆزى ئۇچراتقان نەمەنگان نۇسخىسىدىن 154 - بەتنىڭ فاكسىمىلىنى بېرىشى بىلەن بۇ ئەسەر دۇنياغا تونۇلدى . شۇندىن بېرى ، << قۇتادغۇ بىلىك >> قولدىن قولغا ئۆتۈپ ، ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە .
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ نۇرغۇن دۆلەتلەر ، جۈملىدىن ۋېنگرىيە ، دانىيە ، گېرمانىيە ، تۈركىيە ، ئىتالىيە ، چار روسىيە ، ياپونىيە ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشىغان دۆلەتلەردە بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئىلمىي خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلدى . تەتقىقاتچى ئالىملاردىن ئوتتۇ ئولبرىت ( گېرمانىيە ) ، ۋامبرى ( ۋېنگرىيە ) ، نەجىپ ئاسىم ، رەشىت رەھمەتى ئارات ، سەدرى مەقسۇدى ، ئا . دىل ئاچار ، كوپرولۇ فۇئادزادە ( تۈركىيە ) ، بومباچى ( ئىتالىيە ) ، مالوۋ ، رادلوۋ ، بارتولد ، سامايلۇۋىچ ( چار روسىيە ) ، فىترەت ، ئەخمەت زەكى ۋەلىدى ، ئېمىر نەجىپ ، قەييۇم كەرىموۋ ( سوۋېت ئىتتىپاقى ) ، تومسۇن ( دانىيە ) ، بروككېلىمان ، ھارتمان ( گېرمانىيە )لەر << قۇتادغۇ بىلىك >> ئۈستىدە نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ ، ئىلىم دۇنياسىغا ئالقىشقا سازاۋەر زور خىزمەتلەر تەقدىم قىلىشتى .
بىز ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمىزدە ، بەزى ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق ، ئۇ بولسىمۇ << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ قايسى مىللەتكە مەنسۇپلۇقى ، ئۇنىڭ تىلى قايسى مىللەتنىڭ تىللىقىدىكى بىر خىل بولمىغان مۈجمەل كۆز قاراشلاردىن ئىبارەت . دېمەك ، تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ مۇھىم مەسىلە ئۈستىدىكى كۆز قاراشلىرى ، پىكىرلىرى ئوخشاش ئەمەس . بۇ توغرىدا ئەھۋال شۇ دەرىجىدىكى ، << قۇتادغۇ بىلىك >> ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان دەپ قويۇش بىلەنلا مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىدا . چۈنكى ، ھەر تەتقىقاتچىنىڭ بۇ توغرىلىق قىلغان تۈرلۈك سۆزلىرى ، كەلتۈرگەن دەلىل - ئىسپاتلىرى ، تۇيغۇ - ھېسسىياتلىرى بار .
شۇنىڭ ئۈچۈن ، بىزگىمۇ پىكىر ۋە مۇھاكىمىمىزنى ، دەلىل - ھۈججەتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ چوقۇم ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپلۇقى ، ئۇنىڭ تىلىنىڭ << مۇقەررەر ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت >>لىكىنى ئىلمىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاش زۆرۈر بولۇپ قالدى . شۇ مەقسەتتە مەن پىكرىمنى تۆۋەندىكى ماۋزۇلاردا ئوتتۇرىغا قويىمەن :
1 ) << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ قايسى مىللەتكە مەنسۇپلۇقى ، ئۇنىڭ تىلىنىڭ قايسى تىللىقى توغرىسىدا ھەر قايسى تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرى .
2 ) بۇ ھەقتە مېنىڭ پىكرىم ۋە دەلىل - ئىسپاتلار .
3 ) بۇ خۇسۇستا << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ شاھادىتى .
<< بارىقەئى ھەقىقەت تەساددۇمى ئەفكاردىن چىقار ، يەنى ھەقىقەت چاقماقلىرى پىكىرلەرنىڭ بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇشلىرىدىن چاقنايدۇ >> دېيىلىدۇ . شۈبھىسىزكى ، ئەسەرنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدىكى بۇ تۇمانلىق ھاۋا بۇ پىكىرلەرنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان نۇر ئۇچقۇنلىرى بىلەن سۈزۈلەر ۋە ئايدىڭلىشار . . .


<< قۇتادغۇبىلىك >> كىمنىڭ ، ئۇنىڭ تىلى
1 . << قۇتادغۇ بىلىك >> قايسى مىللەتكە مەنسۇپ ۋە ئۇنىڭ تىلى قايسى تىللىقى توغرىسىدا ھەر قايسى تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرى
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ، بۇ ئەسەر ئىلىم دۇنياسىغا تونۇلغاندىن كېيىن ، نۇرغۇن تەتقىق ۋە تەھلىللەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ، چىقىرىلغان تەتقىقات خۇلاسىلىرى ئوخشاش بولمىدى ، بەزى مەسىلىلەردە جىددىي ئىختىلاپلار كۆرۈلدى . بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ مەنسۇبىيىتى ۋە ئۇنىڭ تىلى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار ھەر خىل بولدى .
تەتقىقاتچىلاردىن رادلوۋ : << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ تىلى توغرىسىدا سۆزلىگەندە بەزى ئۇنداق ، بەزى مۇنداق دەپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۆزى << قۇتادغۇ بىلىك >> تىلى دېگەن يېڭى بىر << ئىستىلاھ >> ئويلاپ چىقىپ ، ئەسەرنى << ئالتاي تىلى سىستېمىسىدا >> ھېسابلاپ ، ترانسكرىپسىيىلەشتۈرگەن بولسىمۇ ، تومسۇن بۇ ترانسكرىپسىيىنى ناتوغرا تاپتى ( مالوۋ : << تۈرك كونا يازما يادىكارلىقلىرى >> ، 1951 - يىل نەشرى ) . رادلوۋ ئون يىلدىن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى سېزىپ ، تومسۇننىڭ پىكرىگە قوشۇلدى ( رادلوۋ : << < قۇتادغۇ بىلىك >نىڭ نەشرىگە بېرىلگەن ئاخىرقى سۆز >> ) . دېمەك ، << قۇتادغۇ بىلىك >> _ << ئالتاي تىلىغا مەنسۇپ >> دېگەن پىكىر يوققا چىقتى .
مالوۋ بۇ ئەسەر تىلىنى تەتقىق قىلىپ ، دەسلەپتە << قۇتادغۇ بىلىك >> تىلىنى چاغاتاي تىلى دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ ، نۇرغۇن تەتقىق قىلغاندىن كېيىن چۈشەنچىسىدىن يېنىپ ، << قۇتادغۇ بىلىك >> ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يادىكارلىقى دەپ تونۇدى . بۇ ئىختىلاپلار ھازىرقى كۈنىمىزدىن خېلى بالدۇر كۆرۈلگەن ئىختىلاپلار ئىدى . ئەمدى يېقىن كۈنلەردە ، يەنى ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ ئۆز ھوقۇقى توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىغان ، ئۆز مىراسلىرىغا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىشنى ، ئۆز ھوقۇقىنى ئۆزى مۇداپىئە قىلىشقا باشلىغان بىر چاغدا ، بەزى مۈجمەل كۆز قاراشلار مەيدانغا قويۇلدى . شۇ جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ ئۆزبېكچە تەۋسىف نۇسخىسىنىڭ كىرىش سۆزىدە << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ نەسرىي مۇقەددىمىسىدە يېزىلغان : << چىن - ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرى قامۇغ ( پۈتۈن ) ئىتتىپاق بولدىلەركىم ، مەشرىق ۋىلايىتىدە ، قامۇغ تۈركىستان ئەللىرىدە ، بۇغراخان تىلىنچە ، تۈرك لۇغەتىنچە بۇ كىتابتىن ياقشىراق ھەرگىز كىم ئەرسە تەسنىف قىلمادى . بۇ كىتاب قايۇ پادىشاھقا يا قايۇ ئىقلىمغا تەگدى ئەرسە غايەت ئۇزلۇقىندىن ، نىھايەتتىن كەچە كۆركلۈكىندىن ئول ئەللەرنىڭ ھېكىملىرى ، ئالىملىرى قابۇل قىلىپ تەگمە ، ( ھەر ) بىرى بىر تۈرلۈك ئات - لەقەب ئۇردىلەر >> دېگەن جۈملىلەرنى ستاتا كەلتۈرۈپ مۇنداق بىر پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان :
<< . . . بۇغراخان تىلىنچە دېيىلگەن تىل ، بۇغراخان قول ئاستىدا بىرلەشكەن ھەممە قەبىلىلەرگە چۈشىنىشلىك بولغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەسەر قايۇ ئىقلىم ۋە قايۇ پادىشاھقا يەتسە قەدىرلىنىپ .ئوقۇلغان ، دېمەك ، ئەسەر تىلى شۇ دەۋر تۈرك قەبىلىلىرى تىللىرى ئاساسىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ، << قۇتادغۇ بىلىك >>نى 11 - ئەسىرلەردە ياشىغان بىر مىللەتنىڭ ياكى قەبىلىنىڭ ئەدەبىي يادىكارلىقى دېگەن قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش خاتا بولىدۇ . . . >> دېيىلگەن . دېمەك ، << قۇتادغۇ بىلىك >> تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئالىملارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى كۆز قاراشلىرى ، پىكىرلىرى ، چىقارغان نەتىجىلىرىدە تېخى مانا شۇنداق مۈجمەللىكلەر بار .

2 . بۇ ھەقتە مېنىڭ پىكرىم ۋە دەلىل - ئىسپاتلار
1 ) رادلوۋنىڭ پىكرى تومسۇننىڭ سۆزى بىلەن رەت قىلىندى . ئۇ ، ئۆز پىكرىنى مۇقىملاشتۇرالمىغان .
2 ) مالوۋ << قۇتادغۇ بىلىك >> تىلىنى << ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يادىكارلىقى >> دەپ جاھانغا ئېلان قىلدى ، بۇ بىر دەلىل - ھۈججەت .
3 ) ئەمدى << < قۇتادغۇ بىلىك >كە ئۆزبېكچە تەۋسىف >>نىڭ كىرىش سۆزىدىكى كۆز قاراشلار ئۈستىدە بىر ئاز توختىلىش زۆرۈر .
بۇ سۆزلەرنىڭ ئاپتورى : << قۇتادغۇ بىلىك >>نى 11 - ئەسىردە ياشىغان بىر مىللەتنىڭ ياكى قەبىلىنىڭ ئەدەبىي يادىكارلىقى دېگەن قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش خاتا بولىدۇ ، دەيدۇ ۋە ئۆز پىكرىگە مۇنۇ مىساللارنى كەلتۈرىدۇ :
( 1 ) بۇغراخان تىلى ھەممىگە چۈشىنىشلىك بولغان ،
( 2 ) شۇڭا ھەممىسى قەدىرلەپ ئوقۇغان ،
( 3 ) ئۇ ، شۇ دەۋردىكى ھەممە قەبىلىلەر تىللىرى ئاساسىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن .
بۇ قاراشلارغا مېنىڭ پىكرىم مۇنداق :
( 1 ) ئەگەر بۇغراخان تىلى ھەممىگە چۈشىنىشلىك ئىكەن ، ماقۇل ، ئەمما بىر مىللەت ئالىمى يازغان بىر ئەسەرنى باشقا مىللەتلەر چۈشەنسە ، ئۇ ئەسەر شۇ ئەسەرنى يازغۇچىنىڭ مىللەت مەنسۇپلۇقىدىن چىقىپ كېتەلەمدۇ ؟
ياق ، ھەرگىز چىقىپ كېتەلمەيدۇ .
( 2 ) مۇقەددىمىدە : << ئول ئەلنىڭ ئالىملىرى ، ھېكىملىرى تەرەپتىن چۈشىنىلىپ ، تۈرلۈك ئات - لەقەبلەر ئۇرۇلغان >> دېگەن . بۇنىڭدىن << قۇتادغۇ بىلىك >>نى باشقا ئەللەر تامامەن چۈشەندى دېگەن مەنە كېلىپ چىقامدۇ ؟
ياق . چۈنكى ، تەبىئىيكى بىر مىللەتنىڭ ئالىملىرى ، ھېكىملىرى چۈشىنەلىگەن نەرسىنى ھەر قاچان پۈتۈن خەلقنىڭ چۈشىنىپ كېتەلىشى ناتايىن .
( 3 ) << باشقا ئەللەرنىڭ ئالىملىرى ، ھېكىملىرى چۈشىنىپ شۇنداق ئات - لەقەب ئۇرۇشقان >> دېگەن ئۇقۇم ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ . شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىلىنى تەشكىل قىلىدۇ ، دەپ قارالغان تۈركەش ، ياغما ، قارلۇق قەبىلىلىرى << قۇتادغۇ بىلىك >>نى ھازىرقى ئۇيغۇرلار چۈشەنگەندەك چۈشىنەلەمتى ؟
ياق !
( 4 ) بىر مىللەت ئىجاد قىلغان ئەسەرنى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرى چۈشەنگەن تەقدىردە ، بۇ ئەسەرنى چۈشەنگەن ئالىمنىڭ مىللىتىگە مەنسۇپ دېگىلى ۋە بۇ ئەسەرنى ئۇنىڭ ئىجادچىسى مەنسۇپ بولغان مىللەتنىڭ مەنسۇبىيىتىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى بولامدۇ ؟
ياق .
( 5 ) << بۇغراخان تىلىنچە >> دېگەن جۈملىدىكى << بۇغرا >> دېگەن سۆز خاقان بىلەن ئوخشاش خانلىق ئۇنۋانى ، بۇغراخان _ خاقان ، خاقان _ بۇغراخان ، بىزدە تەرجىمە قىلىنىپ ، نەشىر قىلىنغان << تۈركىي تىللار دىۋانى >>نىڭ كىرىش سۆزىدە مەھمۇت قەشقەرى نەزەرىدە << خاقانىيە تۈركىي تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى _ بىر تىل ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق >> دەپ كۆرسەتكەن . ئەمدى ئۇيغۇر تىلى بىلەن خاقانىيە تىلى بىر تىل بولىدىغان بولسا ، بۇغراخان تىلى بىر ئۇنۋان ئاساسىدىكى بىر تىلنى ئۇقتۇرىدىغان بولسا ، نېمە ئۈچۈن مۇقەددىمىدىكى << بۇغراخان تىلىنچە >> دېگەن جۈملە ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتەلمەيدۇ ؟
نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىر تىل ھېسابلىنىدىغان بۇغراخان تىلىنچە _ << خاقانىيە تىلىنچە >> يېزىلغان << قۇتادغۇ بىلىك >> ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ بولالمايدۇ ؟
دېمەك ، پاكىتلار << < قۇتادغۇ بىلىك > 11 - ئەسىرلەردە ياشىغان بىرەر مىللەتنىڭ ياكى قەبىلىنىڭ ئەدەبىي يادىكارلىقى >> دېگەن قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش خاتا بولىدۇ ، دېگەن پىكىرنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ، يوققا چىقىرىدۇ .
مۇشۇنداق پاكىتلار ئاساسىدا بىز << < قۇتادغۇ بىلىك > ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ ، ئۇنىڭ تىلى _ ئۇيغۇر تىلى >> دېگەن بىر ھەقىقەتنى سۆزلەشتە ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي ھەقلىق تاپىمىز . چۈنكى ، دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە كۆز قاراش ھەر قاچان ئۈستۈنلۈككە ئىگە .

<< قۇتادغۇبىلىك >> كىمنىڭ ، ئۇنىڭ تىلى
3 . بۇ خۇسۇستا << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ شاھادىتى
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى ئۈچ كىچىك ماۋزۇچاق ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن :
1 ) ئەسەردە قوللىنىلغان ، ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا قوللىنىلىۋاتقان سۆزلەردىن نەمۇنە .
2 ) ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ << قۇتادغۇ بىلىك >> مىسرالىرىدىكى مىقدار نىسبىتىدىن نەمۇنە .
3 ) ھېچقانداق يەشمىسىزمۇ ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە چۈشىنەلەيدىغان مىسرالاردىن نەمۇنە .
1 ) ئەسەردە قوللىنىلغان ، ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا قوللىنىلىۋاتقان سۆزلەردىن نەمۇنە
ئاچ ، ئىفىتماق ، ئاقساق ، ئالقىش ، ئارىخ ، ئازغاش ، باي ، بەلگىلىك ، بەزەك ، بىغىرساق ( شەپقەت ، باغرى ساقتىن چىققان ) ، بىتىك ، بۆرى ، بۆرك ، بوغرا ، بۇلاق ، بۇدۇن ، بۇرۇن ، چىرىك ، چىۋىن ، چۇمغۇق ، ئەم ، ئەمچى ، ئىلا ( ئىلى ناھىيىسى ، ۋىلايىتى ) ، ئىنجىق ، ئىنچ ( تىنچ ) ، ئىرىك ( ژىرىك ) ، ئىششىخ ، سان ، سارت ، ساقىش ( ھېساب ، ساق ئىشتىن چىققان ) ، سىلىگ ، سوغالساق ، سۆڭەك ، شاتۇ ، تاغار ، تاڭشۇق ، تەلۋە ، تۇغ ( بايراق ) ، تاقۇغ ( خىزمەت تاپقاندىن چىققان ) ، تۈن ، تۇرقۇ ( تاۋار - توقا ) ، توسۇن ، تورا ، تۈش ( تەڭتۈشى ) ، توشاغ ، تۈرۈك ، قاچان ، قارا قۇش ، قاراقچى ، قارماق ، كىزىك ، قىلىق ، قۇلان ، قۇتۇز ، لاچىن ، كىزىن ( كېيىن ) ، كېڭەش ، كەڭ ، قىڭغۇز ، كۆك ( كۆكلىدى ) ، كۆپ ، كورك ، مەڭ ، ماڭىم ( ماڭدىم ) ، مەڭزى ، مەڭگۈ ، موك ، ئوغرى ، ئوڭ ، ئوڭاي ، ئوت ، ئۇزا ، ئۆكۈز ، ئۆكۈنچ ، ئۈرۈك ، ئۆتۈنچ ، ئوزە ، ئۇۋۇت ( ئۇيات ) ، ئۇز ، ئۇرۇغ ، ئولۇش ، ئۆزۈك ، يېغى ، يالىڭ ، يەڭلىغ ، ياراغ ، ياشىن ، ياز ، يىلقى ، يەڭ ( كىيىمنىڭ يېڭى ) ، يارلىغ ، يات ، يازدى ، يىراق ، يارماق ، ياۋاش ، يىلدىز ، يىنىك
بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەر << قۇتادغۇ بىلىك >>تە ناھايىتى كۆپ .

2 ) ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ << قۇتادغۇ بىلىك >> مىسرالىرىدىكى مىقدار نىسبىتىدىن نەمۇنە
[ 76 - بېيت ] ئۇنىن ئۆتتى كەكلىك كۈلەر قاتغۇرا ،
قىزىل ئاغزى قان تەگ ( دەك ) قاشى قاپقارا ،
( ئۈن ، كەكلىك ، كۈلەر ، قاتغۇرماق ، قىزىل ، ئېغىز ، قان ، تەگ ، قاش ، قاپقارا ، 11 سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ) .
[ 3480 - بېيت ] كۆڭۈل كىمنى سەۋسە كۆرۈر كۆزدە ئول ،
كۆزۈن قانچە باقسا ئۇچار يۈزدە ئول .
( كۆڭۈل ، كىم ، سەۋمەك ، كۆرمەك ، كۆزدە ، ئول ، كۆز ، قانچە ، باقماق ، ئۇچماق ، يۈزدە ، ئول ، 12 سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ) .
[ 3481 - بېيت ] كۆڭۈلدە نەگۈ ( نېمە ) ئەرسە ئارزۇ - تىلەك ،
ئاغىز ئاچسا بارچە تىلىن سۆزدە ئول .
( كۆڭۈل ، ئەرسە ، ئارزۇ ، تىلەك ، ئېغىز ، ئاچماق ، بارچە ، تىل ، سۆزدە ، ئول ، 12 سۆزدىن 11سى ئۇيغۇرچە ) .
[ 4917 - بېيت ] ئۇلۇغلۇققا ئارتۇق كۆۋەنمە ( قوۋانما ) كۆلە ،
ئۇلۇغ بولدۇڭ ئەرسە ، باش ئاغرىغ بىلە .
( ئۇلۇغ ، ئارتۇق ، كۈلمەك ، ئۇلۇغ ، بولماق ، ئەرسە ، باش ، ئاغرىغ ، بىلە ، ئون سۆزدىن توققۇزى ئۇيغۇرچە ) .
[ 1196 - بېيت ] ئۆلۈمۈگ ئاسىغ ( مەنپەئەت ) قىلماز ئالتۇن - كۈمۈش ،
ئۆلۈمۈگ تىزوماز ( توسماس ) بىلىك يا ئوقۇش .
( ئۆلۈم ، قىلماق ، ئالتۇن ، كۈمۈش ، تىزوماز ، بىلىك ، ئۇقۇش ، توققۇز سۆزدىن سەككىزى ئۇيغۇرچە ) .
[ 1387 - بېيت ] ئاتا ئارقا سىندىن تۇغۇلسا ئوغۇل ،
ئانا قارنى مەنزىل قاچ ئايلىق ئامۇل .
( ئاتا ، ئانا ، ئارقا ، تۇغۇلماق ، ئوغۇل ، قېرىن ، مەنزىل ، قاچ ، ئاي ، ئون سۆزدىن توققۇزى ئۇيغۇرچە ، بىرسى ئەرەبى ، چۈشىنىشلىك ) .
[ 3031 - بېيت ] خەزىنە نەرەك ( نە كېرەك ) كۆپ ئەر ئات چوق كەرەك ،
بەگى باي كەرەكسىز بۇزۇن توق كەرەك .
( خەزىنە ، نەرەك ، كۆپ ، ئەر ، ئات ، كېرەك ، بەگ ، باي ، توق ، 12 سۆزدىن توققۇزى ئۇيغۇرچە ) .
[ 1061 - بېيت ] ئوت ئەم قالمادى كۆر نەچە قىلدىلەر ،
ياراشىق نە ئەرسە ئانى بەردىلەر .
( ئوت ، ئەم ، قالماق ، كۆر ، نەچە ، قىلماق ، ياراشىق ، ئەرسە ، ئانى ، بەرمەك ، ئون سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ) .
[ 1595 - بېيت ] كىشى ئەمگەك ، ئىدسا ( قىلسا ) ساڭا بەلگۈلۈگ ،
ئۇنىتما ئول ئەمگەكنى بولما ئۆلۈگ .
( كىشى ، ئەمگەك ، ساڭا ، بەلگىلىك ، ئۇنۇتما ، ئول ، ئەمگەك ، بولماق ، ئۆلۈك ، ئون سۆزدىن توققۇزى ئۇيغۇرچە ) .
[ 237 - بېيت ] تىرىگ ئۆلگۈ ئاخىر توشەنگۈ يېرىگ ،
كىشى ئۆلسە ئەدگۈن كۆر ئاتى تىرىگ .
( ئون سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ) .
[ 464 - بېيت ] يۈزى كۆركلۈگ ئەردى كۆرۈپ كۆز قامار ،
سۆزى يۇمشاق ئەردى تىلى تۇز تامار .
( 12 سۆزنىڭ بارلىقى ئۇيغۇرچە ، چۈشىنىشلىك ) .
[ 204 - بېيت ] سۆزۈم سۆزلەمىشكە ساڭا ئەيمەنۇ ،
ئۆزۈم ئۆزى قولدى ساڭا ئۇش ، مۇنۇ .
( ئون سۆزنىڭ ھەممىسى چۈشىنىشلىك ، گەرچە قولماق _ ئۆتۈنمەك ، ئۇش _ ھازىر ئىستېمالدىن چىققان بولسىمۇ ) .
[ 416 - بېيت ] ئۇقۇشلۇغ كىم ئەرسە ئوقىتتى ئانى ،
بىلىكلىگ كىم ئەرسە بەزۇتتى ئانى .
( ئون سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ، چۈشىنىشلىك ) .
[ 3292 - بېيت ] قاپۇغ ئاچتى چىقتى قاداشىن كۆرۈپ ،
قۇچۇشتى ، ئەسەنلەشتى يۈز - كۆز ئۇپۇپ .
( ئون سۆزنىڭ بارلىقى ئۇيغۇرچە ، چۈشىنىشلىك ) .

3 ) ھېچقانداق يەشمىسىزمۇ ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە چۈشىنەلەيدىغان مىسرالاردىن نەمۇنە
[ 211 - بېيت ] كىشى كۆڭلى تۈپسىز تەڭىز تەگ تۇرۇر ،
بىلىگ يىنچۇ سانى تۈپىندە ياتۇر .
[ 350 - بېيت ] كىتاب ئاتى ئۇردۇم قۇتادغۇ بىلىگ ،
قۇتاسۇ ئوقۇغلىقا تۇتسۇ ئىلىگ .
[ 1953 - بېيت ] بەگ ئاتى بىلىگ بىرلە باغلىغ تۇرۇر ،
بىلىگ لامى كېتسە بەكى ئاتى قالۇر .
[ 167 - بېيت ] سۆزۈڭنى كۈدەزگىل باشىڭ بارماسۇن ،
تىلىڭنى كودەزگىل تىشىڭ سىنماسۇن .
[ 168 - بېيت ] بىلىپ سۆزلەسە سۆز بىلىگكە سانۇر ،
بىلىگسىز سۆزى ئۆز باشىنى يېيۇر .
[ 768 - بېيت ] باقىپ كۆردى ئېلىگ كۆزىن ئىملەدى ،
ئىشارەت بىلگە كەلگىل ، ئولتۇر تېدى .
[ 774 - بېيت ] بىر ئانچە تۇرۇپ باش كۆتۈردى ئېلىگ ،
بۇ ئايتولدىقا ئايدى تەپرەت تېلىگ .
[ 67 - بېيت ] قۇرىمىش يىغاچلار توناندى ياشىل ،
بەزىندى يىپۇن ، ئال ، سارىغ ، كۆك ، قىزىل .
[ 370 - بېيت ] بوزۇم ئەردى ئوقتەگ كۆڭۈل ئەردى يا ،
كۆڭۈل قىلغۇ ئۇقتەگ بوزۇم بولدى يا .
[ 371 - بېيت ] تاتىغ ئەردە بارچە يىگىتلىك ئىشىم ،
ئاغۇ قىلدى ئەمدى ماڭا يېر ئاشىم .
[ 372 - بېيت ] يىگىتلىك نەگو ( نېمە ) يىغدى ئەرسە ماڭا ،
قارىلىق كەلىپ ئالدى ، كەلگەي ساڭا .
[ 383 - بېيت ] قاراڭقۇدا ئەردىم يارۇتتى تۇنۇم ،
تۇنەركتە ئەردىم توغۇردى كۈنۈم .
[ 187 - بېيت ] ساڭا سۆزلەدىم مەن سۈزۈم ئى ئوغۇل ،
ساڭا بېردى بۇ پەند ئۈزۈم ئى ئوغۇل .
[ 188 - بېيت ] كۈمۈش قالسا ئالتۇن مەنىڭدىن ساڭا ،
ئانى تۇتماغىل سەن بۇ سۆزكە تەڭا .
[ 956 - بېيت ] بۇ ئايتولدى ئولدۇردى ئاقرۇسلىگ ،
كۆزىن يېرگە تىكتى بەكۇتتى تىلىگ .
[ 957 - بېيت ] ئېلىگ ئايدى : ئايتولدى سۆزلە سۆزۈڭ ،
نەلۇك شۇك تۇرۇرسەن ، نە بولدى ئۆزۈڭ .
[ 966 - بېيت ] قارا باش ياغىسى قىزىل تىل تۇرۇر ،
نەچە باش يېدى بۇ تاقى ما يېيۇر .
[ 967 - بېيت ] باشىڭنى تىلەسە تىلىڭنى كۆدەز ،
تىلىڭ تەگمە كۈندە باشىڭنى يانۇر .
[ 1382 - بېيت ] نەچە قاچسا ئاخىر ئۆلۈم تۇتغۇسى ،
نەچە قالسا ئاخىر ئۆلۈم يەتكۈسى .
[ 1384 - بېيت ] قانى كىم قۇتۇلدى ئۆلۈمدىن قاچىپ ،
قانى كىم ئاشۇندى ئۆدىندىن كەچىپ .
[ 1396 - بېيت ] بۇ تۇشتەگ تىرىگلىك كەچۈر بەلگەسۈز ،
كەرەك بەگ ، كەرەك قۇل بارۇر كەلگۈسۈز .
[ 1419 - بېيت ] ئەدىز ( ئېگىز ) ، كەڭ ، بەدىزلىگ سارايىڭ قالىپ ،
قاراڭقۇ يېر ئەۋدە ياتۇرسەن ئۇلىپ .
[ 1441 - بېيت ] ۋەفا قىلغۇ ئەرمەز بۇ دۇنيا بىلىن ،
كەچەر دۇنيادا ئۆز ئازۇقۇڭ ئالىن .
[ 1501 - بېيت ] ئايۇر ئى ئوغۇل كۆردۈڭ ئەمدى مەنى ،
نە ھالىن باررىر مەن ئۇنىتما مۇنى .
[ 1503 - بېيت ] كەرەكلىگ سوزۇگ مەن تۇتۇزدۇم ( تۇتقازدىم ) ساڭا ،
سۆزۈمنى ئۇنىتما دۇئا قىل ماڭا .
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ، << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپلۇقىنى ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر بەدىئىي ئەدەبىياتى ۋە تىلىنىڭ بىردىنبىر نەمۇنىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بارلىقىنى كۆرۈپ يەتمەكتىمىز .
بۇ نۇقتىلار << قۇتادغۇ بىلىك >> فىلولوگىيە ( تىل - ئەدەبىيات ئىلمى ) دائىرىسىدە قولغا ئېلىنىپ ، ئۇنى مورفولوگىيە ( سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشى ) ، سىمولوگىيە ( سۆز مەنىلەرنى تەتقىق قىلىش ئىلمى ) ، ئىتمولوگىيە ( سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تېپىش ئىلمى ) ، فونېتىكا ( ئاھاڭ ) ، فونېماتىكا ( سۆز مەنىسىنىڭ گرامماتىك شەكىللىرىنى بىلىش ئىلمى ) ۋە لېكسولوگىيە نۇقتىئىنەزىرىدىن تەتقىق ۋە تەھلىل قىلغاندا يەنىمۇ ئوچۇق ئىسپاتلىنىدۇ . ھازىر بىزدە << قۇتادغۇ بىلىك >>شۇناسلىق تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە جەمئىيىتى تەشكىل قىلىندى .
بىز ئىشىنىمىزكى ، << قۇتادغۇ بىلىك >> ئۈستىدە بۇ يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئىلمىي خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ ، مۈجمەل قاراشلار تۈزىتىلىدۇ . ئۆتمۈشتىكى پارلاق بولغان ئىلىم - مەرىپەتلىك ھاياتىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان يىمىرىلمەس ئىلمىي ئېھرام << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ ئەھمىيەت دەرىجىسى يەنىمۇ يۈكسىلىدۇ .


( ئالاھىدە ئەسكەرتىش : << تارىخىي مىراس _ < قۇتادغۇبىلىك > ھەققىدە بايان ) ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىدىن ئېلىندى )
مەنبە: بىلىك كۇلۇبى

(مةثگإ ياشاث ظوغذل بالا ظئكةنسئز ظةمدئ بئز باشقا مئللةت  كئشئللئرئ ظالدئدا ظالئمنئث ظذيغذر ظئكةنلئكئگة پولاتتةك مةثگإ يئمئرئلمةس پاكئتلارنئ كةلتإرةلةيدئغان بولدذق.)
1som
美国 | ۋاقتى : 2008-12-09 21:39 38 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3611ـ كۆرۈرمىنى
abahan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 8061
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-08
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  بۇ تىما يەنە وتتۇرىغا چىقىپتۇ ..... نىمە دەي  ........... مەنمۇ پىكىركمنئ دەپ باقاي
    ماقمۇت كاشغەري بىلەن يۇسۇپ بالاساغۇننى ۇيغۇر دىيش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ .  چۇنكى پاكىت تولۇق ئەمەس .ۇلار وزلىرىنى ۇيغۇر دىگەن ئەمەس.
    تورداشلار ئەممەڭلا ىسلام دىىنىغا ئتىقات قىلىسىلىغۇ دەيمەن ؟؟
      ماقمۇت كاشغەري  مۇسۇلمان بۇ قەتتئ!!!  بوۋىمىز ۇيغۇر بولغان بولسا، نىمشقا ۇيغۇرلارنى ئەشەددئى كاپىر دەپ يازىدۇ .ئەجىبا بىر مۇسۇلمان ۇزۇنىڭ مىللىتىنى كاپىر دەپ يازارمۇ.    دىننى بىلگەن ئادەم بۇنى ياخشى بىلىدۇ.  مۇشۇ نۇقتىدىن الغاندا ۇنى ۇيغۇر دىگىلى بولمايدۇ.  بۇ بوۋىمز ئۇزى قالدۇرغان مەلۇمات..
yol
| ۋاقتى : 2009-01-08 13:31 39 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3611ـ كۆرۈرمىنى
ertoghrul

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1757
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 92
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە92دانە
شۆھرىتى: 144 نومۇر
پۇلى: 1420 سوم
تۆھپىسى: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-15
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
39 - قەۋەتتىكى abahan 2009-01-08 13:31 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
   بۇ تىما يەنە وتتۇرىغا چىقىپتۇ ..... نىمە دەي  ........... مەنمۇ پىكىركمنئ دەپ باقاي
     ماقمۇت كاشغەري بىلەن يۇسۇپ بالاساغۇننى ۇيغۇر دىيش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ .  چۇنكى پاكىت تولۇق ئەمەس .ۇلار وزلىرىنى ۇيغۇر دىگەن ئەمەس.
     تورداشلار ئەممەڭلا ىسلام دىىنىغا ئتىقات قىلىسىلىغۇ دەيمەن ؟؟
      ماقمۇت كاشغەري  مۇسۇلمان بۇ قەتتئ!!!  بوۋىمىز ۇيغۇر بولغان بولسا، نىمشقا ۇيغۇرلارنى ئەشەددئى كاپىر دەپ يازىدۇ .ئەجىبا بىر مۇسۇلمان ۇزۇنىڭ مىللىتىنى كاپىر دەپ يازارمۇ.    دىننى بىلگەن ئادەم بۇنى ياخشى بىلىدۇ.   مۇشۇ نۇقتىدىن الغاندا ۇنى ۇيغۇر دىگىلى بولمايدۇ.  بۇ بوۋىمز ئۇزى قالدۇرغان مەلۇمات..

ئىنىم سېنىڭ بۇ يەردە مۇنازىرىلىشىشكە شەرتىڭ توشمايدىكەن، دۇنياۋى بىلىملەردىن تولۇق خەۋەرسىزكەنسەن، بىر قازاق توڭگۇز گۆشى يىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ قازاق بولماي قالامدۇ؟ بىر قازاق خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلسا ئۇنى قازاق دىمەي خىرىستىيان دىيىش كېرەكمۇ، ئوڭلاپ مىللەت بىلەن ئېتىقادنىڭ پەرقىنى ئۇقمىغان نىمەڭگە بۇ يەردە تىلىڭنى چاينىماي ئوبدانراق ئۈگۈنۈپ كەل. ھازىرمۇ بىر ئۇيغۇر خىرىستىيان ياكى بۇددىست بولسا ئۇنى يەنىلا ئەشەددى كاپىر دەۋېرىمىز، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقى ئۆزگەرمەيدۇ.
1som
| ۋاقتى : 2009-01-08 13:37 40 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3611ـ كۆرۈرمىنى
ertoghrul

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1757
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 92
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە92دانە
شۆھرىتى: 144 نومۇر
پۇلى: 1420 سوم
تۆھپىسى: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-15
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

پاكىت دەپ قاپسەن، ئالدى بىلەن مۇنۇ تېمىلارنى ئوبدان ئوقۇپ ئاندىن تېخى پاكىت ھەققىدە گەپ ساتساڭمۇ كېچىكمەيسەن، سەن دىمىسەڭمۇ تارىخ ئىلمىدا مىڭ ئېغىز قۇرۇق گەپتىن بىر ئېغىز پاكىت ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز، پەقەت شۇ سىلەرگە بۇ ھەقىقەتنى ئۈگۈتۈپ بولالمايۋاتىمىز.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە
./bbs/read.php?tid=871#3877
مەھمۇد كاشىغەرىي ھەققىدە:
./bbs/read.php?tid=1944

خۇلاسىسى چىقىپ بولغان تېمىغا يەنە شىلتىڭ ئېتىپ پىتنە تېرىماي، ئوبدان ئۈگەن ئىنىم
[ بۇ يازما ertoghrul تەرىپىدىن 2009-01-08 13:44 دە ق ]
| ۋاقتى : 2009-01-08 13:37 41 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3611ـ كۆرۈرمىنى
mavlan

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 1140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 252
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە252دانە
شۆھرىتى: 286 نومۇر
پۇلى: 2850 سوم
تۆھپىسى: 48 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :337(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-22
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

پاكىت چىقار باۋۇرۇم "قازاق "بولوشىغا ؟ موڭغۇليەدە ھازىرمۇ مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بار ئۇلارمۇ ئەشەدى كاپىرى ،دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىىمۇ مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بار ئۇلارمۇ ئەشەددى كاپىرى ...... ،ئورخون ئۇيغۇر خانىلقنى قۇرغان ياغلاقار لارمۇ ئەشەددى كاپىرى ئىدى ،سۇلتان ساتۇق بۇغرانىڭ بۇۋىلىرىمۇ ئەشەدىدى كاپىرى ئىدى ،خوتەن بۇدىسلىرىمۇ ئەشەدىدى كاپىر ئىدى ، كۈسەن بۇدىسلىرىمۇ ئەشەددى  كاپىرى ئىدى ."ماخمات قاسقارى " ئىدىققۇد ئۇيغۇرلىرى "دەپ ئالغاندۇ .
abahan  باۋۇرۇم "دىۋان لوغەتت تۈرىكنىڭ شۇ ئابزاسىنڭ ئەسلى نۇسخىسىنى چىقىرىپ قويە !!!!
باۋۇرۇم ساڭادىسەم بۇلارنى تالىشىدىغانغا ھەقىڭ توشمايدۇ ، سەن مانى تالىشىپ باقە يامان بولساڭ !!!
تۇراننىڭ ھۆكمرانلىرى "جەڭگىۋار تۇرالار " بۈيۈك ئىتىپاقتىكى ئۇيغۇر قەبىلىرى ئىدى .
ھون(تۈرىڭ يۈچۈن بۇدۇن ) قاغانلىقى ئاساسى تەركىبى ئۇيغۇر قەبلىرى ئىدى ...... باتۇر تەڭرقۇتنىڭ "ئوغوزخان "ئۆزى بولىشى بۇنىڭغان يىتەرلىك ئىسپات بولالايدۇ .
كۆكتۈرك ئىمپىريىسىنىڭ ئاساسى تەركىبىمۇ ئۇيغۇر قەبلىرى ئىدى ،مەڭگۈتاشلارغا قارا " .......توققۇزئۇغۇز ئۆزخەلىقىم ئىدى ....." دىگەن مەزمۇنلاربار ،يىمىرلىشتىكى سەۋەبمۇ تۇققۇز ئۇغۇزلار ..........ئون ئوق
ئۇرخون ئىمپىريىسىنى سۆلىزلىمىسەممۇ بۇلا.
ئاتىللا ھونلىرى (ياۋرۇپا ھونلىرى ) يەنى ئۇنۇغۇرلار (ئون ئۇيغۇر )  .ئىكەنلىكى ئىسلاتلانغان مۇشۇكۈندە يەنە نىمە دەيسەن ......
سەن باۋۇرۇم تەتقىت قىلساڭ "ئوبولخەيرى "دىن باشلا، چىڭغىزخاننىڭ چوڭ ئۇغلى جوجى نىڭ ئەۋلالىرىدىن باشلا ،شايبانىخاندىن باشلىساڭمۇ بولدۇ ، ئوبولخەيرىگە يۈزئۆرۆپ ئىسەن بۇقادىن پانالق تىلىگەن  كىرەي بىلەن جانبىكتىن باشلا ،ئەڭ ياخشىسى  قازاق شانلىق تارىخنى ياراتقۇچى قاسىمخاندىن باشلا . تەۋكە خاندىن باشلا،ئابلاي خاندىن باشلا .......
ناۋادا زادى سۆزلەيمەن دىسەڭ پاكىتلىرىڭنى چىقىرىپ سۆزلە ،ئاغزاكى پاكىت ئەمەس ،"تارىخى رەشىدى " ياكى "مىڭ ئۆي "گە ئوخشاش تىرىك پاكىتنى تىكلەپ قويوپ سۆزلە ......... 
| ۋاقتى : 2009-01-08 14:09 42 -قەۋەت
«12 3 » Pages: ( 3/3 total )

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.124780(s) query 4, Time now is:01-08 18:13, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation