بۇ بەتتىكى يازما : كروراننىڭ نوپۇسى ۋە ئاھالىسىنىڭ كۆچۈشى ( غالىب بارات ئەرك) بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

alpaghut
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-14
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 كروراننىڭ نوپۇسى ۋە ئاھالىسىنىڭ كۆچۈشى ( غالىب بارات ئەرك)

كروراننىڭ نوپۇسى ۋە كرورانلىقلارنىڭ كۆچۈشى
غالىب بارات ئەرك
يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەملىكەت مىقياسىدا قوزغالغان كروران قىزغىنلىقى كىشىلەرنى قىزغىن بىر تېمىغا جەلب قىلماقتا ،  ئۇ بولسىمۇ كروراننىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟ ئۇلار نەگە كەتكەن ؟ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى زامانىمىزدا بارمۇ؟  دېگەندىن ئىبارەت. بۇ ماقالىمىزدا ئەنە شۇ سۇئاللارغا جاۋاب ئىزلىنىدۇ .
كروران مىلادىيىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان بىر شەھەرنىڭ ۋە شۇ شەھەرنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان كىچىك بىر دۆلەتنىڭ نامى . بۇ خاندانلىق دەسلەپ كروران نامىدا ، كېيىنچە چەرچەن خاندانلىقى نامىدا زاھىر بولىدۇ . ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى دەسلەپ لوپ كۆلى بويىنى مەركەز قىلغان ھالدا ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى دائىرىسىنى كۆرسەتكەن بولسا ، مىلادىيە 2 – ئەسىردىن باشلاپ ھازىرقى چاقىلىق ، چەرچەن ، نىيا ناھىيىلىرىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىنى ئۆز ئىدارىسىغا ئالغان . بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان كروران ئەينى دەۋردىكى كروران ۋە چەرچەن خاندانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان چاقىلىق ناھىيىسى دائىرىسى ئاساس قىلىندى .
كروراننىڭ نوپۇسى قانچىلىك ئىدى ؟ بۇ ھەقتە تارىخىي ماتېرىياللاردا بىۋاستە ھەم ۋاستىلىك ئۇچۇرلار ساقلانغان . ‹‹ خەننامە ›› 96 – جىلىد  ‹‹ غەربىي يۇرت ( قۇرىقار) تەزكىرىسى ››دىكى ئۇچۇرلارنى كروران تېروتورىيىسى بىلەن باغلاپ جەدۋەللەشتۈرسەك مۇنداق بولىدۇ :
خاندانلىق  نامى      ئائىلە سانى    نوپۇسى    ئەسكەر سانى    ئەسكەر  نىسبىتى     ھەر  ئائىلىدىكى  ئوتتۇرىچە جان سانى
 
لوپ ~ نوپ ~ نوپچان(婼羌国)    450    1750    500    %29     3.9
چەرچەن (kroraina、鄯善国)     1570    14100    2920    %20    9
سارمادان (calmadana、且末国)    230    1610    320    %20    7
ئەندىر  saca小宛国))    150    1050    200    %20    7
نىيا (nina、cadota、精绝国)    480    3360    500    %15    7
روڭلۇ (戎卢国)    240    1610    300    %19    7
جەمئىي     3120    23480    4740    %20.5    6.8
بىز ‹‹ خەننامە›› دىن كروران ، چەرچەن خاندانلىقلىرىنىڭ نوپۇسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئۆتتۇق ، بۇلارنىڭ ئىچىدە چەرچەن ئېلىنىڭ نوپۇسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، چەرچەن خاندانلىقى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى كروراندىن پارچىلىنىپ چىققان . چەرچەن خاندانلىقىنىڭ  نامى  خەنزۇچە مەنبەلەردە鄯善国  دەپ ، ھاكىميەت تىل يېزىقى بولۇپ قوللىنىلغان قارۇشتى تىل يېزىقىداkroraina  دەپ يېزىلغان ، خارابىلىكلەرنىڭ جايلىشىشى بىلەن نوپۇسنىڭ كۆپلۈگىدىن ئالغاندا بۇلار لوپ كۆلى بويىدىن تاكى مىرەن خارابىسىغىچە بولغان جايلارنى كۆرسىتىدۇ  .  كروران ئېلىنىڭ نوپۇسى ئېھتىمال مەردەك (padäka) ۋە كىتىك (katak~kadag) شەھەرلىرىنىڭ ئاھالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولىشى  مۈمكىن.
مىلادىيە 400 – يىلى چەرچەندىن ئۆتكەن راھىب فاشەننىڭ خاتىرىسى يەنە بىر ۋاستىلىك ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ خاتىرىسىدە ، 17 كۈن يول يۈرۈپ چەرچەن خاندانلىقىغا كەلگەنلىگىنى ۋە بىر ئاي تۇرغانلىقىنى ، بۇ يەردە 4000 دىن ئارتۇق كىچىك كۆلۈڭۈ ( ھىنايانا ) راھىبى بارلىقىنى خاتىرىلىگەن . راھىب فاشەن چەرچەن خاندانلىقىدىن چىقىپ غەربىي شىمالغا يۈرۈپ 15 كۈندە ئاگنىي (偽夷国)غا بارغانقىنى  خاتىرىلەنگەن.
‹‹ سۇڭنامە ›› 98 – جىلىد ‹‹ دى غۇزلىرى ھەققىدە قىسسە ››دە ‹‹ ... يۈەنجىيا 19 – يىلى ( مىلادىيە 442 – يىلى ) 4- ئايدا ، جۇرچى ئۇرغۇ 10 مىڭدىن ئارتۇق تۈتۈننى باشلاپ دۇنخۇاڭنى تاشلاپ كۈن پېتىشقا يۈرۈش قىلىپ جۇرچى ئارگۇنىڭ قېشىغا كەتمەكچى بولدى . ئۇلار چەرچەن (鄯善) يېتىپ بارغۇچە ، چەرچەن  بېگى بېگى بەگروڭ 4000 دىن ئارتۇق تۈتۈننى باشلاپ قېچىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن قۇرچى ئۇرغۇ چەرچەننى ئىگەللىۋالدى ....››  [1].
بىز بۇ بايانلارنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق ئىككى نوقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك ، بۇنىڭ بىرىنچىسى راھىب فاشەننىڭ دۇخاندىن چىقىپ چەرچەن ئارقىلىق ھازىرقى قاراشەھەرگە بېرىشى .  راھىب فاشەن ئاگنىيغا بارغاندا ئاگنىيدا  4000 دىن ئارتۇق كىچىك كۆلۆڭۈ راھىبى بارلىقى يېزىلغان ، ئۇنداقتا ، مۇشۇ دەۋرلەردىكى ئاگنىينىڭ نوپۇسىنى ئىزلەپ كۆرۈدىغان بولساق، جىن سۇلالىسى ( 265-420 )  دەۋرىدە ‹‹ ئاگنىي ئېلىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 80 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى ›› [2] . يەنە بىر مەسىلە مىلادىيە 442 – يىلى جۇرچى ئۇرغۇنىڭ 10 مىڭ ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالىنى باشلاپ تۇرپاننى نىشانلاپ مېڭىپ چەرچەننى ئىشغال قىلغانلىقى ۋە چەرچەن خاقانى بەگروڭنىڭ 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالە ( ئاھالىنىڭ يېرىمى )نى  باشلاپ چالمادانا ( سارمادان ، ھازىرقى چەرچەن ) گە كۆچۈشىدۇر. يۇقارقى ئىككى مەسىلىدە بىزنى داۋاملىق ئىزلىنىشكە مەجبۇرلايدىغان نۇقتا شۇكى، دۇنخۇاڭدىن چىققان راھىب بىلەن جۇرچى ئۇرغۇ باشلىغان نۇرغۇن ئاھالىنىڭ چەرچەنگە ( ھازىرقى چاقىلىق ناھىيە بازىرى ۋە مىرەن بوستانلىقى)  بېرىشىدۇر . ئەجابا ئۇلار ھازىرقى چاقىلىق بوستانلىقى ياكى مىرەن بوستانلىقىغا كېلىپ ، ئۇ يەردىن لوپ كۆلى بويىغا قايتىپ ، ئۇندىن كېيىن ئاندىن ئەسلىي يولىغا كىرگەنمۇ ؟ بۇنداق بولىشى ئېھتىمالدىن يىراق . شۇڭا كروران شەھىرىنى مىلادىيە 327 – يىلى ئەتراپىدا ۋەيران بولغان دىگەن قاراشنى ئاغدۇرۇپ ، 5 – ئەسىردىمۇ لوپ كۆلى بويىدا بىر تۈركۈم ( خېلى كۆپ ساندا ) ئاھالىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئاندىن مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتەلەيمىز. 
بىز يۇقارقى بايانلارغا ئاساسەن، كروران ~ چەرچەن نوپۇسى ھەققىدە تەخمىنىي سانغا ئېرىشەلەيمىز. مىلادىيىنىڭ بېشىدا چەرچەن ( كروران ) ، نوپچان نوپۇسىنى قوشۇپ ھېسابلىساق 15850 كىشى بولىدۇ ، بىز بۇ مەلۇماتنى تولۇقسىز مەلۇمات سۈپۈتىدە قوبۇل قىلىمىز ، چۈنكى ئۇ دەۋرلەردە ھازىرقىدەك نوپۇس ئىستاتىسكىسى بولىشى ناتايىن . بىز بۇ سانغا دەريا – كۆل بويلىرىدا تارقاق ياشاۋاتقانلارنى ۋە قوشۇلماي قالغان شەھەر – بازارلار بار دەپ قاراپ ، بۇ ئىستاتىسكىنى پۈتۈنلەپ 20 مىڭ دەپ قارىساق خاتا بولىشى ناتايىن . راھىب فاشەننىڭ 400 – يىلىدىكى بايانى يەنى چەرچەندىكى 4000 دىن ئارتۇق راھىب بىلەن شۇ ۋاقىتلاردىكى ئاگنىي ( قاراشەھەر)نىڭ 4000 دىن ئارتۇق راھىبى يېقىن بولۇپ، بۇلاردىن بۇ ئىككى جايدىكى ئاھالىنىڭ نوپۇسىنىڭ يېقىنلىشىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز ، شۇنداق بولغاندا، ۋاستىلىك ھالدا كروران ئېلى ~ چەرچەن خاندانلىقىنىڭ نوپۇسىنىڭمۇ مىلادىيە 400 – يىلى ئەتراپىدا 80 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىگىنى پەرەز  قىلالايمىز . بەگروڭنىڭ ئاھالىنىڭ يېرىمى ( 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ) كىشىنى باشلاپ چالمادانا ( ھازىرقى چەرچەن ) گە قېچىشىنى  نەزەرگە ئالساق ، مىلادىيە 442 – يىلى چەرچەن ئېلىدە 8000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالە بارلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ . بۇ چاغلاردىكى چالماداناغا كۆچكەن 4000دىن ئارتۇق ئاھالە شۇ ۋاقىتلاردا  خاندانلىق مەركىزى ۋە شۇ ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ يېرىمى باشلاپ كەتكەن دەپ قارىساق ، ئومۇمەن ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 8000 ئائىلىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىگىنى بىلىشكە بولىدۇ ، مۇشۇلارغا ئاساسەن  شۇ ۋاقىتلاردا 9 – 10 مىڭ ئائىلە كىشى بارلىقىنى پەرەز قىلىش مۈمكىن . بىز بۇلارنى 10 مىڭ ئائىلە دەپ قارىساق ۋە مىلادىيىنىڭ بېشىدىكى  ( ‹‹ خەننامە›› دىكى )  ھەر بىر ئائىلىدە 9 جان بولۇش نىسبىتى بىلەن ھېسابلىساق ، 442 – يىلى كروران ~ چەرچەن خاندانلىقىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 90 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز . مانا بۇلارغا ئاساسەن كرورانلىقلار  مىلادىيىنىڭ بېشىدا  20 مىڭ بولغان، 442 – يىلىغا كەلگەندە  80~ 90 مىڭغا يەتكەن دەپ قارايمىز . بىز تارىخىي ماتىرىياللار ئاساسىدا شۇنى دېيەلەيمىزكى ، ئاھالىنىڭ كۆچۈشى نوپۇسنىڭ ئۆزگۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولىشى ، دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ، تاجاۋۇزچىلىق قاتارلىقلار ئاھالىنىڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ‹‹ بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى ›› دە مىلادىيە 644 – يىلى ئەتراپىدا  كروران دىيارىدىن ئۆتكەن شۇەنزاڭنىڭ بايانىغا قارىغاندا ، شۇ ۋاقىتتا ‹‹ [چالمادانا ( سارمادان) دىن چىقىپ] شەرقىي شىمالغا 1000 چاقىرىمدىن ئارتۇق يۈرگەندىن كېيىن نوپ (纳缚波古国 دەپ يېزىلغان ، ئۇيغۇر ئالىمى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ 10 – ئەسىردە بۇ نامنى نوپ دەپ تەرجىمە قىلغان ) قەدىمكى ئېلىگە كەلدىم ، بۇ  كروراندۇر ››[[3] دېگەن بايانلارغا ئاساسلىنىدىغان بولساق، مىلادىيە 645 – يىلىدىن بۇرۇن، كروران ~ چەرچەن خاندانلىقى دائىرىسىدىكى شەھەر بازارلار ۋەيران بولۇپ ئاھالىلەر كۆچۈپ كەتكەن ، پەقەت دەريا كۆل بويلىرىدىكى سانى نىسبەتەن ئازراق بولغان ئاھالىلەر قالغان. شۇنداق بولغاندا، كۆپ سانلىق ئاھالىلەر ھاياتلىق ئۈچۈن باشقا جايلارغا كۆچكەن ، لېكىن بىر تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانساق ، كىتىك ۋە مەردەك شەھەرلىرى بۇ ۋاقىتلاردا ۋەيران بولمىغان ئىدى . 
بىز  ئاھالىنىڭ كۆچۈشىنى ئۈچ  رايون بويىچە تەھلىل قىلىشىمىز مۈمكىن . 1 – رايون لوپ كۆلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىنى كۆرسىتىدۇ .  بۇ رايوندا  ئاھالىلەر تاش قورال دەۋرىدىن باشلاپ ياشاپ كەلگەن ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2 – ئەسىردىن بۇرۇنلا  كروران شەھىرىنى ۋە ئۆز خاندانلىقىنى قۇرغان  . ئەمما ، 6 – ئەسىردىن بۇرۇن، كۆنچى دەرياسىدىن بۇ يەرگە كېلىدىغان سۇ تەدرىجىي ئازلاپ، شەھەر – بازارلار ھاياتلىق مەنبەئى سۇدىن ئايرىلىپ ۋەيران بولغان . شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولىشى تۈپەيلى ، شەھەر ئاھالىلىرى يۇرت ماكانىنى تاشلاپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان .  بۇ ئاھالىلەرنىڭ ئىككى قېتىملىق كۆچۈشى ھەققىدە تارىخىي خاتىرىلەردە بەزى ئۇچۇرلار بار . كرورانلىقلارنىڭ 1 – قېتىملىق كۆچۈشى يۇقۇرىدا بىز كۆرگەندەك مىلادىيە 442 – يىلى بولغان ، خان بەگروڭ باشچىلىقىدا 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالە ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسى دائىرىسىگە كۆچكەن ، بۇ ئاھالىنىڭ سانى 20 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، چالمادانانىڭ يەرلىك ئاھالىسى چەرچەندىن كۆچۈپ كەلگەنلەردىن ناھايىتى ئاز بولغانلىقتىن تەدرىجىي ، چەرچەن نامى چالمادانانىڭ ئورنىنى ئېلىپ ، بۈگۈنكى كۈنگىچە جاي نامى سۈپۈتىدە ساقلىنىپ قالغان . 
كرورانلىقلارنىڭ 2 – قېتىملىق كۆچۈشى ھەققىدە ،  ‹‹ كونا تاڭنامە ›› 40 – جىلىدتىكى‹‹ 纳职 (لاپچۇق)  ، جېڭگۇەننىڭ 4 – يىلى كروران خورلىرى قۇرغان ››  [4] دېگەن بايانى ھەم تاڭ دەۋرىدىكى لى جىفۇ يازغان ‹‹ يۈەنخې ئايمىقىدىكى ناھىيىلەرنىڭ تەزكىرىسى ››دىكى ‹‹ ئېۋىرغول ... چەرچەنلىكلەر كەلگەن . سۈي سۇلالىسىنىڭ دايې 6 – يىلى ( 610 – يىلى ) بۇ يەردە ئېۋىرغول ئايمىقى قۇرۇلدى . سۈي سۇلالىسىنىڭ مالىمانچىلىق يىللىرىدا بىر توپ خورلار كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . ... لاپچۇق (纳职) جېڭگۇەننىڭ 4 – يىلى قۇرۇلغان، خورلار چەرچەننى لاپچۇق  دەيدۇ، شۇڭا لاپچۇق ئاتالغان››[5]  دېيىلگەن. ‹‹ قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى››دە لاپچۇق خارابىسى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹ قارلۇقغولنىڭ شەرق ۋە غەرب ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان . دەريانىڭ شەرقىدىكى ئىككى شەھەر ( بىرى شىمالدا ، بىرى جەنۇبتا ) ، دەريانىڭ غەربىدە بىر شەھەر ... دەريانىڭ شەرقىنىڭ شىمالىدىكى شەھەرنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلىقى 180 مېتىر ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىگى 150 مېتىر ، سېپىلىنىڭ قالدۇق ئىگىزلىگى 2 مېتىر ئەتراپىدا ، سېپىل تېمىنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر ئەتراپىدا ، شەھەر سېپىلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا قاراغۇنىڭ قالدۇقى ، سېپىل ئىچىدە دۆڭ ۋە ئۆي خارابىلىرى بار . دەريا شەرقىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر قەلئەسى كىچىكرەك بولۇپ ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىردەك ، قالدۇق ئىگىزلىگى 3 مېتىرچە ، شەرقىي شىمالى بۇلۇڭىدا قاراغۇ بولۇپ ئىگىزلىگى 10 مېتىردەك كېلىدۇ . دەريانىڭ غەربىدىكى شەھەر قەلئەسىنىڭ قالدۇق ئۇزۇنلىقى 100 مېتىرچە .... ››[6]  دېيىلگەن ۋە تارىخىي ماتىرىياللارغا ئاساسەن 493 – يىلى چەرچەن ئېلىدىكى بىر تۈركۈم ئاھالىنىڭ بۇ يەرگە قېچىپ كېلىپ يۇرت  بەرپا قىلغانلىقى ، 630 – يىللىرى بۇ يەردە لاپچۇق ناھىيسىنىڭ تەئسىس قىلىنغانلىقى يېزىلغان . ‹‹ قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى ›› دە يەنە، مىلادىيە 489 – يىلى چەرچەن خورلىرىنىڭ ئېۋىرغولنى ئىشغال قىلغانلىقى ، لاپچۇق شەھىرىنى بەرپا قىلغانلىقى ، 632 – يىلى ئېۋىرغولدا لاپچۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 3 ناھىيە تەئسس قىلىنغانلىقى ، 1332 ئائىلە ، 6778 نوپۇس بارلىقى يېزىلغان [7]  .  مانا بۇلار ئەمەلىيەتتە 1 – رايوندىكى ئاھالىنىڭ كۆچۈشى ھېسابلىنىدۇ . بۇلار ھازىرقى قۇمۇل شەھىرىنىڭ لاپچۇققا ۋە  ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسىگە كۆچكەن .  يۇقارقى ئىككى  قېتىملىق كۆچۈش تارىخىي يازمىلاردىكى خاتىرىلەردىن ئىبارەت . بىز يازما خاتىرىگە چۈشمىگەن كۆچۈشنى ھېسابقا ئالىدىغان بولساق، شەكسىزكى بىر تۈركۈم  ئاھالە كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ سۇ قوغلاپ يۇقۇرى ئېقىنغا كۆچكەن ، جۈملىدىن كىچىك مىرەن ئېقىنى بويىدىكى ئىزلارغا ، ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايلارغا كۆچكەن بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن . LA خارابىسىنى مەركەز قىلغان بىر تۈركۈم ئاھالە ھازىرقى مىرەن بوستانلىقى ۋە چاقىلىق ناھىيە بازىرى ئەتراپلىرىغا كۆچكەن .  ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانساق، كروران – چەرچەن خاندانلىقىدىكى ئاھالىلەر ياقا يۇرتلارغا جۈملىدىن خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا بارغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى 鄯善 دىن 鄯 ياكى 善 خېتىنى فامىلە قىلىپ قوللانغان . تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان يازمىلاردىكى 鄯庆، 鄯护 ،鄯愿  ، 鄯好 ،  鄯月光  قاتارلىق ناملارنى [8] كۆرسىتىشكە بولىدۇ . 1930 – يىللىرى لوياڭ شەھىرىدىن 6 – ئەسىردىكى كرورانلىقلارنىڭ قەبرە تېشى بايقالغان ، مانا بۇلار كرورانلىق بىر تۈركۈم ئاھالىنىڭ كۆچۈپ ئىچكىرىگىمۇ بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . بىز بۇ يەردە 10 – ئەسىرلەردە بىر تۈركۈم كرورانلىقلارنىڭ داۋاملىق ئۆز يۇرتىدا ياشىغانلىقىدەك پاكىتنى ئەسكە ئېلىشىمىز زۈرۈر . ‹‹ شاجو ۋە ئېۋىرغولنىڭ جۇغراپىيىلىك تەپسىراتى ››دا ‹‹ تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكىي يىللىرىدا شەرقىي تۈركلەرگە تەۋە سەنفۇتو باج سېلىقنىڭ ئېغىرلىقىدىن شەھەرنى تاشلاپ چەرچەنگە قاچتى . تۇيغۇنلار تەۋەسىدە ئولتۇراقلاشتى .... خورلار چەرچەننى لوپ ( 纳职)  دەپ ئاتايدۇ .... ›› دېيىلگەن. مانا بۇلاردىن قارىغاندا،  كروران رايونىدا بىر تۈركۈم ئاھالىنىڭ داۋاملىق ياشىغانلىقىنى ، بىر تۈركۈم ئاھالىنىڭ ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلىگىنى بىلەلەيمىز . مىلادىيە 925 – يىلى ساك تىلىدا يېزىلغان، خوتەن ئالتۇن ئىل ھاكىميىتىنىڭ ئەلچىسىنىڭ يول بويلاپ يازغان دوكلاتىدا، كروران رايونىدىكى شەھەر بازار ئولتۇراق نوقتىلىرىدىن Kyaurata kamtha  ( كروران شەھىرى ) ، Kadaka bisa kamtha  ( كىتىك رايونىدىكى شەھەرلەر – چاقىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ 100 كىلومېتىر شىمالىدا) ، Inaka chitta bu  ( چوڭ لوپ- چاقىلىق بازىرى ئەتراپى ) بىلەن naha،  chunu  ( كىچىك لوپ – مىرەن كونا شەھىرى )  بىلەن durtci  ( 弩支، ۋاششەھرى كونا شەھىرى)،  Padaka bisa kamtha  ( بۇ نام قارۇشتىشۇناس لىن مېيسۇننىڭ ئىسپاتلىشىچە شەھىرى مەردەك دىگەن نامدا ساقلىنىپ قالغان ) ۋە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىكى نام 鄯善  ( 7 – ئەسىردىكى تۈبۈتچە يازمىلاردا Cercen    دەپ يېزىلغان ) نىڭ چەرچەن دېگەن شەكىلدە زامانىمىزغا يېتىپ كېلىشى ،纳职 نىڭ ئەسلىيسىنىڭ لاپچۇق ( dapaci katha دەپ يېزىلغان )نىڭ ساقلىنىشى... قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز . بۇلارنىڭ ئىچىدە كروران نامىنىڭ Kyaurata  سۈپىتىدە ساقلىنىشى ، بىر تۈركۈم كرورانلىقلارنىڭ ئوز يۇرتىنىڭ نامىنى ساقلاپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆسىتىپ بېرىدۇ[9]  .
2- رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈشى 10 – ئەسىردىكى ۋەقە بولۇپ بۇ ھەقتە يازما خاتىرە يوق ، لېكىن مىرەن كونا شەھىرى ۋە چاقىلىق ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىنىڭ شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولىشى تۈپەيلىدىن كۆچكەنلىگىنى ئىلمىي پەرەز قىلىش مۈمكىن . ئارخىولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانساق، 645 – يىلىدىن بۇرۇن نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ۋەيران بولغان  قۇتۇم ~ قېتىم ( 古屯、七屯、khatum، مىرەن كونا شەھىرى خارابىسىنى كۆرسىتىدۇ) شەھىرى بىلەن قاغان شەھىرى (khavani、扞泥、扜泥、欢泥  )  ئەتراپلىرىغا ، 675 – يىللىرى بىر تۈركۈم ئاھاالە يۇرتىغا يىغىلىپ يۇرتىنى قايتىدىن گۈللەندۈرگەن . بۇ قېتىمقى گۈللەندۈرۈش ‹‹ شاجو ۋە ئېۋىرغولنىڭ جۇغراپىيىلىك تەزكىرىسى ›› ، ‹‹ شۇچاڭ ناھىيىسىنىڭ چېگرىلىرى ›› ناملىق يازمىلاردا، سەمەرقەندلىك سەردار كاڭ يەندەنننىڭ تۆھپىسىگە يېزىلغان . بۇ قېتىمقى گۈللىنىش ئەلۋەتتە كرورانلىق بىر تۈركۈم ئاھالىنىڭ يۇرت ماكانىنى سېغىنىپ قايتىشى ۋە پېتراپ كەتكەن جايلىرىدىن قايتىشى بىلەن ناھايىتى تېزلا ئاۋات بولغان . خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە، 9 شەھەرچە  بەرپا قىلىنغان بولۇپ تاشبالىق  (石城)، قۇتۇمبالىق ( 古屯城) ، ياڭىبالىق ( 新城) ، بوربالىق ( 蒲桃城) ۋە شەھىرى سابىز (萨吡) ..... قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . بىز بۇ شەھەرلەرنىڭ ئورنى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولساقمۇ نوپۇسى ۋە ۋەيران بولغان يىللىرى ھەققىدە يازما ئۇچۇر يوق ، شۇنداقتىمۇ ئارخىئولوگىيە تېپىلمىلارغا ئاساسەن بۇ شەھەرلەرنى 10 – ئەسىردە ، توغرىراقى 11 – ئەسىردىن بۇرۇن ۋەيران بولغان دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىمىز . بۇ قېتىم كۆچكەن ئاھالىلەر ئالدىنقى قېتىمقىدىن خېلىلا ئاز ئىدى ، شۇڭا بۇلارنى يېقىن قوشنا شەھەرلەر لوپ ( 罗卜،  LOP) ، كىتىك ~ كاتاك (台 怯、kadag، KADHAKH ) ۋە مەردەك (Padaka) شەھەرلىرىگە كۆچكەن دېيىشكە بولىدۇ .
3- رايون : كىتىك ، لوپ ۋە مەدەك شەھەرلىرى بولۇپ بۇ شەھەرلەر ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن گۈللەنگەن شەھەرلەر ئىدى . ئوتتۇرا ئەسىردە تەكلىماكاندىكى ئەڭ مەشھۇر شەھەرلەردىن بولۇپ 14- ئەسىردە تەبىئىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان . بۇ شەھەرلەردىن لوپ شەھىرى مىلادىيىنىڭ بېشىدىن باشلاپ گۈللەنگەن، شۇ ۋاقىتتىكى يازمىلاردا 弩支城 دەپ ، 7 – ئەسىردە قايتا گۈللەندۈرۈلگەندە ياڭىبالىق دەپ يېزىلغان ، لېكىن ئوتتۇرا ئەسىردە قەدىمىي نامى بىلەن لوپ ~ نوپ دەپ يېزىلغان ، چاقىلىق ناھىيە ۋاششەھىرى يېزىسىنىڭ غەربىدىكى كونا شەھەر خارابىسىدۇر. لوپ شەھىرىدە مىلادىيە 1276 – يىلىدىن بۇرۇن ئىسلام دىنى ئومۇملىشىپ بولغان . كىتىك شەھىرى تۈبۈتلەر ئىشغالىيىتى دەۋرىدە kadag  دەپ يېزىلغان ، 10 – ئەسىردىكى پارسچە ئەسەر ‹‹ ھۇدۇدۇل ئالەم››دە KADHAKH ، 13- ئەسىردىكى خەنزۇچە يازمىلاردا 怯台  دەپ ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يادىكارلىقلاردا ( 16 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرگىچە ) كاتاك ( كىتىك ) دەپ يېزىلغان ( بۇنىڭغا ‹‹ تارىخى رەشىدىي ›› ، ‹‹ مەۋلانا ئەرشىدىن تەزكىرىسى ›› ، ‹‹ تارىخىي كاشغەر ( چىڭگىزنامە )›› ، ‹‹ تارىخى ھەمىدى ››لەرنى مىسال قىلىش مۈمكىن)  . تارىخىي يازمىلاردا بۇ شەھەرنىڭ ۋەيران بولغان ۋاقتى ، ئاھالىسىنىڭ كۆچكەن جايلىرى ھەققىدە ئېنىق خاتىرە بار . مەردەك ۋە كىتىك شەھەرلىرىنىڭ ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان ئەمەس ، ئاز بىر قىسمى مۇسۇلمان ئىدى . بۇ شەھەرلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ  قاياققا كۆچكەنلىگى ھەققىدە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانىنىڭ ‹‹ تارىخى رەشىدى›› ، شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ ‹‹ تارىخى رەشىدى زەيلى ›› ، ‹‹ كاشغەر تارىخى - چىڭگىزنامە ›› ( موللا مىر سالىھ كاشغەرى كۆچۈرگەن ) ، شىريارنىڭ ‹‹ مەۋلانا ئەرشىدىن تەزكىرىسى ›› ، موللا مۇسا سايرامىنىڭ ‹‹ تارىخى ھەمىدى ››  ... قاتارلىق كىلاسسىك  تارىخ كىتابلىرىدا  بايان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيە 1340 – يىللار ئەتراپىدا شەھىرى كىتىكتە قاتتىق قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ شەھەرنى قۇم باسقان ، مۇسۇلمانلار جالالىددىن كىتىكى باشچىلىقىدا تارىم دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىغا قاراپ كۆچۈپ، ئاخىرى ئاقسۇ ئايكۆل قاتارلىق جايلارنى ماكان قىلغان . يول بويلاپ ئىزلەيدىغان بولساق، ھازىر كورلا شەھىرىدە لوپئېرىق ۋە ئۇنىڭ بويىدا لوپلۇقلار ، كورلا شەھىرىنىڭ ئايروپىلان ئىستانسىنىڭ شىمالىدا كىتىكلىكلەر كەنتى بارلىقى، چەرچى يېزىسىدىكى بىر بۆلۈك ئاھالىنىڭ ئۆزلىرىنى لوپلۇقلارغا باغلاپ رىۋايەت قىلىدىغانلىقى مەلۇم . بۈگۈر ناھىيىسىدە كىتىك شەھىرىنى بۈگۈر تەۋەسىدە دەپ قارايدىغان قاراشلار بار . ئاقسۇ ۋە كۇچارلاردىن كىتىكتىن كۆچكەن كىشىلەرنىڭ ئەۋلادى بارلىقى تارىخى ماتىرىياللاردىن مەلۇم . پىچان ناھىيىسىدە لوپ كارىز ناملىق كارىز بولغاندىن سىرت، مۇشۇ ناھىيىنىڭ لۈكچۈنگە يېقىن بولغان ئامانشاھ  مەھەللىسى بار، رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ مەھەللىدىكىلەرمۇ شەھىرى كىتىكتىن كۆچۈپ بارغانلار ئىكەن ، ئۇلار قۇمتاغدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ . مانا مۇشۇ ماتېرىياللارغا قارىغاندا شەھىرى كىتىك ، لوپ ۋە مەردەكلەر ۋەيران بولغاندا، ئاھالىلەر بىر قانچە توپقا بۆلۈنۈپ كۆچكەن . ئۇلارنىڭ كۆچكەن جايلىرىنى يۇقۇرىدا كۆرۈپ ئۆتتۇق ، مۇسۇلمانلار يۇقارقى جايلارغا كۆچكەن بولسا، مۇسۇلمان بولمىغان ئاھالىلەر قەيەرگە كەتتى ؟ ئۇيغۇرچە كىلاسسىك تارىخلاردا مۇسۇلمان بولمىغانلارنى قۇم تېگىدە قېلىپ ھالاك بولدى ... دىگەندەك ھەر خىل رىۋايەتلەر بار . بۇ خۇددى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارنى يېزىشتىن پايدا يوق دەپ دىنىي قاراش تۈپەيلى، نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك بايانلارنى يازمىغانغا ئوخشاش بىر ئىشتۇر. ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار كۈنسېرى كۈچۈيىۋاتقان ئىسلام دىنىدىن قېچىپ شەرققە قاراپ كۆچكەن ، ئۇلار ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن ھايات كۆچۈرۈپ يۈرۈپ،  تەخمىنەن 1360 – يىللىرى ئەتراپىدا دۇنخۇاڭ (دۇخان) ئەتراپلىرىغا كۆچۈپ بارغان . بۈگۈنكى سېرىق ئۇيغۇرلار بولغان يۇغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ‹‹ يۇغۇرلار كەلگەن شىجىنىڭ خاجىدىن ›› دا،  ئۇلار دەسلەپ قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولۇپ شەھەرلىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى ، ئوتلاقلىرىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىگى ، قاتتىق بورانلىق،  ھالاكەتلىك ئەشۇ يىللاردا  يات دىندىكىلەرنىڭ ئۇلارنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلغانلىقى ، ئۇلارنىڭ كۆچە – كۆچە ئۈچ ئايدا توختىغانلىقى يېزىلغان . مانا بۇلار مۇسۇلمان بولمىغان ئاھالىسىنىڭ كېيىنكى كۆچۈپ بارغان يېرى ۋە تەقدىرىدۇر . سېرىق ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ۋە مىللەت نامىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى سېرىق ئۇيغۇر  دەپ ئاتايدۇ . ‹‹ مىڭ سۇلالىسى تارىخى›› قاتارلىق بەزى يازمىلاردا ئۇلارنىڭ يۇرتىنىڭ چاقىلىق ئىكەنلىگى ئېنىق يېزىلغان  . مۇسۇلمان بولغان سېرىق ئۇيغۇر ئاھالىلىرى مىللەت نامىنى قوللانماستىن باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، ئۆزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن ئاتايدىغان بولغان .
كرورانلىقلارنىڭ كۆچۈشى بۇنىڭ بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ . تارىخىي ئەسەرلەر ۋە  ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا،  كرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولمىش لوپلۇقلار 18 – ئەسىرلەردىن باشلاپ 1940 – يىلىغىچە يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق يۇقۇملۇق كېسەللىك  ۋە دەريا ئېقىنلىرىنىڭ كۆچۈشى تۈپەيلىدىن، بىر قانچە قېتىم يۇرت ماكانلىرىنى تاشلاپ كۆچكەن . بۇلارنىڭ كۆچكەن يەرلىرى ئاساسەن كېيىن بەرپا بولغان چاقىلىق ناھىيە بازىرىنى مەركەز قىلغان بوستانلىق ، مىرەن بوستانلىقى ، ۋاششەھرى بوستانلىقى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقۇرى ئېقىنلىرىغا قاراپ كۆچكەن .
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ، كروران رايونىدىكى كرورانلىقلارنىڭ نوپۇسى كۆپەيگەن ئەشۇ ۋاقىتلاردا 100 مىڭغا يەتكەن بولىشى مۈمكىن . ھازىر بىز كۆپۈنچە ھالدا خەنزۇچە يازمىلاردا ئۇچرايدىغان ئاخىرقى يىل چېكىنى شەھەرنىڭ ۋەيران بولغان دەۋرى قىلىپ قوبۇل قىلىۋاتىمىز ، ئەمما ھازىرقى پاكىتلار بۇ ھەقتە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىگىدىن بىشارەت بەرمەكتە . كەلگۈسىدە پاكىتلارنىڭ كۆپۈيۈشى بىلەن بالدۇر بولغاندا ،كروراننىڭ 5 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرى ۋەيران بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىلىشى مۈمكىن . كرورانلىقلار تارىخىي دەۋرلەردە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان . مىلادىيە 442 – يىلى 4000 ئائىلە ئاھالە چالماداناغا يەنى ھازىرقى چەرچەنگە كۆچكەن ، بۇلار ئاھالىنىڭ يېرىمى بولۇپ قالغان يېرىمى يەنىلا ئەشۇ يۇرتىدا ياشاپ قالغان . كروران دائىرىسى خېلى چوڭ دۆلەت بولغانلىقتىن شەھەرلەر ۋەيران بولغان ۋاقىتلاردا، كۆپۈنچە دەريا كۆل ۋادىلىرى ۋە گۈللىنىپ تۇرغان شەھەرلەرگە كۆچۈپ ياشىغان  . 1 – رايوندىكى شەھەرلەردىن ئاھالىلەرنىڭ 2 – ۋە 3 – رايونلارغا كۆچۈش بىلەن بىرگە قوشنا بولغان قۇمۇل ۋە چەرچەنلەرگە كۆچكەن . 2 – رايوندىكى شەھەرلەر ۋەيران بولغاندا 3 – رايوندىكى كىتىك ، لوپ ۋە مەردەك قاتارلىق شەھەرلەرگە كۆچكەن . 3 – رايوندىكى شەھەرلەر ۋەيران بولغاندا ئاھالىلەر بىر قانچە توپقا بۆلۈنۈپ كۆچكەن ، بىر توپى تارىم دەرياسىنى بويلاپ كۆچكەن ، ئۇنىڭ ئىزناسى سۈپۈتىدە كورلا شەھىرىدە كىتىكلىكلەر مەھەللىسى ، لوپ ئېرىق ناملىرى ساقلىنىپ قالغان بولسا ، بۈگۈر ناھىيىسىدە كىتىك ھەققىدىكى ئاجايىپ رىۋايەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن . ئۇلار كۆچۈپ يۈرۈپ ئاقسۇ ئايكۆلگىچە بارغان ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان . بىر تۈركۈم ئاھالە قۇمتاغ قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ پىچان ناھىيىسىگە بارغان . پىچاننىڭ دىغار يېزىسى ۋە ئامانشا مەھەللىسىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر ئەۋلادلىرى ھېسابلىنىدۇ ، پىچان ناھىيىسىدە يەنە لوپكارىز دەيدىغان نام شۇنىڭ يالدامىسىدۇر. مۇسۇلمان بولمىغان كروران ئەۋلادلىرى شەھەرلەر ۋەيران بولغان 14 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۇخاننى نىشانلاپ شەرققە كۆچكەن ۋە بۈگۈنكى كۈندە سېرىق ئۇيغۇر ( يۇگۇ مىللىتى ) دىگەن نامدا ياشاپ كەلمەكتە . دېمەك 14 – ئەسىردە كرورانلىقلارنىڭ ئاخىرقى كۆچمەنلىرى كۆچۈپ كەتتى ، لېكىن دەريا – كۆللەرنى ئۆزىگە ھاياتلىق مەنبەئىي قىلغان بىر تۈركۈم ئاھالىلەر  ئىزچىل تۈردە ئۆز يۇرت ماكانىدا ياشاپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ نوپۇسى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا 10 مىڭدىن ئوشۇق ئىدى . ئۇلار تاكى 18 – ئەسىرگىچە ئۆزلىرىنى ‹‹ لوپتۇق ›› دەپ ئاتاپ كەلگەن ، قوشنا ئۇيغۇرلار ئۇلارنى‹‹ لوپلۇق ›› دەپ ئاتىغان ، بۇ خۇددىي باشقا جايدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەت نامى بىلەن ئاتىغاندىن كۆرە، يۇرت نامى بىلەن ئاتىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر خالاس . بۇ، لوپ دىگەن جايدا ياشايدىغان كىشىلەر دىگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ . بۈگۈنكى كۈندە چاقىلىق ناھىيىسىدە لوپنۇر كۆلى ( چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە نۇر قوشۇمچىسى قوشۇلغان ) ، لوپنىڭ قېقىرى ، لوپ لەنگەر ( لوپ جاڭزى ) ، لوپلۇقلار ( چاقىلىق ناھىيىسىكى بىر تۈركۈم ئاھالە ) ، لاپچۇق ( قۇمۇل ناھىيىسىدە ) ، ئابدال ( چاقىلىق ناھىيىسىدە ) ، لوپنۇرلۇقلار ( لوپنۇر نامى 1945 – يىلىدىن باشلاپ كۆنچى نامىنىڭ ئورنىنى ئالغان ، كېلىش مەنبەئىي چاقىلىق ناھىيىسىدىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ نامىدىن كەلگەن ، لوپنۇر ناھىيىسىدىكى لوپلۇقلار ناھىيە نامىنى قوللىنىپ لوپنۇرلۇق دەپ ئاتالماقتا ) قاتارلىق ناملار تارىختىن بۇيان ئىزچىل قوللىنىلىپ كەلمەكتە ، بۇ ناملار مۇشۇ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ناھايىتى قەدىمدىن بېرى  مۇشۇ زېمىندا ياشاپ گۈللەندۈرۈپ كەلگەنلىگىنى ئىسپاتلىماقتا . گەپنىڭ نېگىزىنى ئېيتقاندا، كرورانلىق زور بىر تۈركۈم ئاھالە كۆچۈپ كەتكەن ، بىر قىسمى كېيىن قايتىپ كەلگەن ، ئەمما سانى كۆپ بولمىسىمۇ بىر قىسىم ئاھالە ئارخىرقى شەھەرلەر ۋەيران بولغان 14 – ئەسىردىن كېيىنمۇ تارىم ، كۆنچى ، چەرچەن دەريالىرىنىڭ ئېقىنلىرىنى بويلاپ بېلىق ۋە قۇش ، ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىپ ، چارۋا بېقىپ ھايات كۆچۈرۈپ كەلگەن ، مانا بۇ كرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى كېيىنچە كەڭرى ماكانىنىڭ دائىرىدە مۇقىم شەھەر بەرپا قىلمىغانلىقتىن ، رايون نامى لوپنى قوللىنىپ ، ئۆزلىرىنى لوپلۇق دەپ ئاتاپ ھازىرمۇ ئارىمىزدا ياشاپ كەلمەكتە .
ئىزاھاتلار:
[1] ‹ ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى ›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى  2001 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 712 – بەت
[2] يۈەن زۇلىياڭنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىگىدە تۈزۈلگەن ‹‹ يىپەك يولىنىڭ نوپۇس مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات ›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 79 – بەت
[3]  ياڭ جىەنشىن تۈزۈپ شەرھىيلىگەن ‹‹ قەدىمكى دەۋردىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىلىرى ( تاللانما ۋە  شەرھىي) ›› نىڭشا خەلق نەشىرىياتى 1984 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 104 – بەت
1 [4] [5]‹‹ لوپنۇرغا ئائىت ماتىرىياللاردىن ئۈزۈندە توپلام ›› ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ›› خەنزۇ رېداكسىيىسى 1992 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 12  –، 13-  بەت
[6][7]‹‹ قۇمۇل ناھىيسى تەزكىرىسى ›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1989 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 397 –، - ،6-، 7 – بەتلەر
[8]    لىن مېيسۇن ‹‹ كروران – ئەسىرلىك سىرنىڭ يېشىلىشى ›› مەركىزىي پارتىيە مەكتەپ نەشىرىياتى  1999 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 194- ،195 – بەتلەر
[9]  خۇاڭ شېڭجاڭ ‹‹ ‹خولستېن قوليازمىسى› بىلەن غەربىي شىمال تارىخ جۇغراپىيىسى ئۈستىدە تەتقىقات ›› ‹‹ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ›› 1984 – يىلى 2 - سان 62  - بەت
bilqut
Posted: 2008-02-12 07:52 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار

Total 0.050821(s) query 3, Time now is:02-15 08:11, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation