بۇ بەتتىكى يازما : چەت ئەللىكلەرنىڭ قەشقەر بوستانلىقىدىكى ئىزلىرى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 چەت ئەللىكلەرنىڭ قەشقەر بوستانلىقىدىكى ئىزلىرى

چەت ئەللىكلەرنىڭ قەشقەر بوستانلىقىدىكى ئىزلىرى

يولۋاس مۇھەممەتئىمىن

(قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى تەزكىرە ئىشخانىسىدىن)

قەشقەر _ تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان قەدىمىي بوستانلىق. ئۇ قەدىمدىن ئىستراتېگىيىلىك ئۈستۈنلۈكى بىلەن يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ كەلگەن. ئىچكى قۇرۇقلۇق يوللىرى ئارقىلىق ئۇزاق ئەسىر داۋام قىلغان تۈرلۈك ئالاقىلەر بۇ قەدىمىي ماكاننى كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل مىللەت شۇنداقلا كۆپ خىل يېزىقنىڭ زەرەتلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك ئۆزگىچە مەدەنىيەت بۇلىقىغا ئايلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانىدى. ۋاھالەنكى، سۇ يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق يوللىرى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ، ھەرقايسى دەۋرلەرنىڭ شانلىق نەمۇنىلىرى، قىممەتلىك فولكلور بايلىقلىرى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، قەشقەر دۇنيانىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى تاشلىۋېتىلگەن غېرىبانە ماكانغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ يەردىكى بېكىنمىچىلىك ناھايىتى ئۇزاق داۋاملاشتى. خەلقنىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسى سۇسلىشىپ، روھى دۇنياسى قاغجىراپ كەتتى. قەشقەر بوستانلىقى ئەنە شۇ تەرزدە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىلغار مەدەنىيەت نۇرلىرى بىلەن يورىتىلماي، مەدەنىيەتلىك دۇنيادىن يىراق تۇرۇپ كەلدى.
يىپەك يولى خارابلىشىپ ئالاھىزەل بەش ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. مەدەنىيەتلىك دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن بۇ قەدىمىي بوستانلىق ئاخىرى چەت ئەللىك تەۋەككۈلچىلەر تەرىپىدىن بايقىۋېلىندى. چەت ئەللىكلەر ئوتتۇرا ئەسىر ھالىتىدە قالغان بۇ سىرلىق ماكاننىڭ سىرلىرىنى ئېچىشقا قىزىقتى. 19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىغىچە بۇ يەرگە چارروسىيە، بېرىتانىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، شۋېتسىيە، ياپونىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئارخېئولوگ، ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى، گېئوگراف ۋە جەمئىيەتشۇناسلىرى قەشقەر دائىرىسىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ساھەلەردىلا ئەمەس، مىللەت، تىل، ئىرق، دىن، ئۆرپ - ئادەت، كىلىمات، مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەلىرى بويىچە بەس - بەستە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇ يەردىن قىمممەتلىك مىراسلارنى ۋە نۇرغۇن مەلۇماتلارنى ھېچبىر توسالغۇسىزلا ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. چەت ئەللىكلەرنىڭ شىنجاڭ، جۈملىدىن قەشقەر تەۋەسىدە ئېلىپ بارغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ باھانىسى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكە پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئاخبارات توپلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلق چەت ئەللىكلەرنىڭ نېمىشقا بۇ زېمىنغا شۇنچە تەلپۈنىدىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئەسكى - تۈسكى جۇلدۈر كېپەنلەرنى يىغىپ يۈرۈشىدىغانلىقىنى قىلچىمۇ چۈشەنمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئۆز يۈرتىدا قىلغان - ئەتكەنلىرىنى ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىشاتتى.
تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىغا قەدەر قەشقەردە تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەردە بولغان چەت ئەللىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى داڭلىق شەخسلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. موركروفىت (Moorcroft)، ئەنگلىيىلىك سودىگەر، 1824 - يىلى كەشمىردىن يولغا چىقىپ قارا قۇرۇم ئارقىلىق قەشقەر ۋە خوتەنگە كەلگەن. ئۇ، بۇ شەھەرلەرنىڭ نوپۇسى، ھاۋا كىلىماتى، ئىرقى، ئىقتىسادى شۇنداقلا جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىپ، ئۇنى ئەنگلىيە خان جەمەتى جۇغراپىيە ئىلمى جەمئىيىتىگە تاپشۇرغان.
2. ھېنرى ستراچى (Henry strachey)، تومسون (Tompson)، ئەنگلىيىلىك، 1847 - يىلى ئەنگلىيىگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ھىمالايا تاغلىرىدىن ئۆتۈپ يەركەنگە كېلىپ، قاراقۇرۇم تاغلىرى ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇب ياقىلىرىدىكى يۇرتلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان. ئۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئەنگلىيە خان جەمەتى جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىگە تاپشۇرغان.
3. ئادولوف شىلاگېنۋېيت (Adolf schilageneweyt)، ھېرمان شىلاگېنۋېيت (Herman schilageneweyt) ۋە (Roberet schilageneweyt) روبېرېت شىلاگېنۋېيت، گېرمانىيىلىك، 1857 - يىلى بۇ 3 ئاكا - ئۇكا كەشمىردىكى لاداقتىن يولغا چىقىپ قاراقۇرۇم تاغ يولى ئارقىلىق قەشقەرگە كېلىپ قاغىلىق، يەكەن، قەشقەر شەھەرلىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغان. ئادولف قەشقەردە قاراتاغلىق خوجىلارنىڭ كاتتابېشى ۋەلىخان تۆرە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئىككى ئۇكىسى ھىمالايا، تەڭرىتاغلىرىنىڭ تەپسىلىي خەرىتىسىنى ۋە 1400 خىلدىن ئارتۇق تۇپراق، ئۆسۈملۈك، جانلىق ئەۋرىشكىلىرىنى ئېلىپ قايتقان.
4. مونت گومېر (Montgomerie)، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئىلمىي خادىمى، 1863 - يىلدىن 1865 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى قېتىم قەشقەر، يەكەنگە كەلگەن. يەكەن شەھىرى ۋە زەرەپشان دەريالىرى ئەتراپىدا سىزىش، ئۆلچەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، قىممەتلىك ماتېرىياللارنى توپلىغان.
5. رېينتال (Reinthal)، ئەنگلىيىلىك، 1868 - يىلى قەشقەرگە كېلىپ مېتېئورولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە بولۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكىنى 4017 ئېنگلىز چىسى (تەخمىنەن 1260 مېتىر ئەتراپىدا) دەپ بېكىتكەن.
6. ھايۋارت (Hayward)، روبېرت شاۋ (Robertshow*، كەيلى (Caily)، ئەنگلىيىلىك. 1868 - يىلى ئۇلار قەشقەر شەھىرى ۋە يەكەندە تەكشۈرۈشلەردە بولۇپ، نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يىغىۋالغان. روبېرت شاۋ «قەشقەرگە سەپەر» ناملىق كىتاپ يېزىپ ئەنگلىيە خانلىق جۇغراپىيە ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
7. فورسىس (Forsyth)، ئەنگلىيىلىك. ئۇ 1869 - يىلى ئەنگلىيىگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلچىلىرىنى باشلاپ قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ شۇ قېتىم مەھەممەت ياقۇپبەگ بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ لېكىن مەقسىدى ئەمەلگە ئاشمىغان. بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاخبارات مەلۇماتلىرىنى ئېلىپ ھىندىستانغا قايتقان.
8. 1872- يىلى چارروسىيىلىك كولبارس بىلەن ئاسترونومىيە ئالىمى شايفوست قەشقەرگە كېلىپ جۇغراپىيىلىك، ئاسترونومىيىلىك تەكشۈرۈشتە بولغان ھەمدە ئۇلار 1872 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى قەشقەردە كۆرۈلگەن كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ھادىسىسىنى كۆزەتكەن، ئۇلار يەنە ياقۇپ بەگ بىلەن سودا توختامى ئىمزالىغان.
9. بېرزېنېزى (Berzenezy)، ۋېنگىرىيىلىك. ئۇ 1873 - يىل 5 - ئايدا پېتىربورگتىن يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق قەشقەرگە كەلگەن. قەشقەر ۋە يەركەنلەردە تەكشۈرۈشتە بولغان.
10. 1873 - يىلى 7 - ئايدا ئەنگلىيىلىك فورسىس 131 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن ئەلچىلەر ئۆمىكىنى باشلاپ قەشقەرگە 2 - قېتىم كەلگەن. يول بويى قاغىلىق، يەكەن، يېڭىسار قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى قەدىمىي پۇل ۋە ھەر خىل يېزىقتىكى يازما يادىكارلىقلارنى يىغىۋالغان.
11.پول (Pole)، ۋېنگىرىيىلىك. ئۇ 1873 - يىلى قەشقەرگە كېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھۇنگار مىللىتىنىڭ يىلتىزىنى تەتقىق قىلغان.
12. كوروپاتكىن، روسىيە ئوفىتسېرى. ئۇ 1876 - يىلى چار پادىشاھ ئەلچىلىرىنى باشلاپ تېرەك داۋان ئارقىلىق قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا مارالبېشى، ئاقسۇ، كۇچا، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان. چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن ياقۇپبەگ بىلەن كۆپلىگەن سودا توختىمى ئىمزالىغان. ئۇ قەشقەر دائىرىسىدىكى تەشكۈرۈشلىرى داۋامىدا توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا «قەشقەرىيە» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان.
13. 1883 - يىلى ئەنگلىيىلىك سودىگەر داگلېش (Dagliesh) ئۆزىنىڭ سودا ئەترىتىنى باشلاپ يەركەنگە كەلگەن. ئۇ يەكەندە 10 ئاي ئەتراپىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، يەكەن ۋە قەشقەرنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەن، كېيىن ئۇ يەكەندە ئولتۇراقلىشىپ يەكەن بىلەن ھىندىستاننىڭ لىك شەھىرى ئوتتۇرىسىدا سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
14. بونۋالوت (Bonvalot)، فرانسىيىلىك. 1886 - يىلى ئۇ ھەمراھلىرى كاپىس (Kaphis) ۋە پاپىن (Paphine) قاتارلىقلار بىلەن قەشقەرگە كېلىپ، مىللەت، ئىرق ساھەسى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە بۇ تەتقىقاتى ئارقىلىق پارىژ جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
15. ياڭخازبەند (Younghusband)، ئەنگلىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى. ئۇ 1886 - يىلى ئەنگلىيىگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا ئەۋەتكەن ئەلچىلەر ئۆمىكىنى باشلاپ قەشقەرگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغان.
16. گروم - گرژ مايلو، چارروسىيىلىك. ئۇ 1886 - يىلى بىر ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ قەشقەر، يەكەن، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان ۋە نۇرغۇن ئاسار ئەتىقىلەرنى روسىيىگە يۆتكەپ كەتكەن.
17. كاپىتان بېلل (M.S.Bell)، ئەنگلىيىلىك. ئۇ 7881 - يىلى بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ قەشقەرگە كەلگەن ۋە تارىم ۋادىسى ئەتراپىدا مىللەت، ئۆرپ - ئادەت، كىلىمات ساھەسى بويىچە تەكشۈرۈشتە بولغان.
18. بوۋېر (Bower)، ئەنگلىيىلىك، ئۇ 1889- يىلى ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ قاراقۇرۇم تاغ يولى ئارقىلىق قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، كۇچا قاتارلىق جايلاردا نۇقتىلىق تەكشۈرۈشتە بولغان. كۆپ مىقداردىكى براھمى يېزىقى ۋە سانسكرت يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلارنى يەنە نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى يىغىۋالغان.
19. گرېنارد (Grenard) ۋە دوتروئىل، فرانسىيىلىك. ئۇلار 1890 - يىلى قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەر تەۋەسىدىكى يۇرتلاردىن قەدىمكى قوليازما كىتاپلارنى، ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى يىغىۋالغان.
20. لارس ئېرك خوگبېرگ، شۋېتسىيىلىك. ئۇ 1892 - يىلى قەشقەرگە كېلىپ قەشقەر شەھىرى، يېڭىسار، يەكەنلەردە خرىستىئان دىنىنى تارقىتىدىغان پونكىتلارنى قۇرغان، «ئىنجىل»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان، دوختۇرخانا قۇرغان، مەتبەئە تېخنىكىلىرىنى كىرگۈزۈپ باسمىخانىلارنى قۇرغان. ئۇنىڭ پائالىيىتى 1937 - يىلغىچە داۋام قىلغان.
12. ماسسىيو خانىم (Madame Massiu)، فرانسىيىلىك. ئۇ 1894 - يىلى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى يۇرتلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قەشقەرگە كەلگەن.
22. سىيگىفرىد موئىن، شۋېتسىيىلىك فوتوگراف. ئۇ 1897 - يىلى لاداقتىن يولغا چىقىپ قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ كەشمىردىن قەشقەرگىچە بولغان مۇھىم جايلارنىڭ ئېتنوگرافىك سۈرەتلىرىنى تارتقان.
23. فون لېكوك (Albert von lecoq) ۋە گرۇنۋېدېل (A.Grunwedel) گېرمانىيىلىك، ئۇلار 1904 - يىلى ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ قەشقەرگە كېلىپ ، مارالبېشى ناھىيىسىدىكى تۇمشۇق بۇددا خارابىسىدا نۇقتىلىق تەكشۈشتە بولغان.
24. ئوتانى، توجىرا، تاچىبانا، ياپونىيىلىك. ئۇلار 1907 - يىلى ياپونىيەدە ئېكسپىدىتسىيە ئەترىتى تەشكىللەپ قەشقەرگە كېلىپ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە بولدى.
25. ئولدېنبورگ، چارروسىيىلىك. 1909 - يىلى ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى چارروسىيە تەكشۈرۈش ئەترىتى قەشقەرگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغان ھەمدە ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ مىقداردىكى يازما يادىكارلىقلارنى يىغىۋالغان.
26. فىلىپ (Filippi)، ئىتالىيىلىك دوختۇر. ئۇ 1912 - يىلى قەشقەرگە كېلىپ بىر مەزگىل تەكشۈرۈشتە بولغان، شۇنداقلا ئەنگلىيە كونسۇلخانىسى نامىدىكى دوختۇر سۈپىتىدە يەرلىك كىشىلەر ئارىسىدا كېسەل داۋالىغان.
27. 1905- يىل 8 - ئايدا فرانسىيە ئاممىۋى مائارىپ مىنىسترلىكىنىڭ «مەڭگۈ تاش تەتقىقات ئورنى»دىكى بىر قىسىم خادىملىرى قەشقەرگە كېلىپ مارالبېشى ناھىيىسىدە ۋە ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىلىرىدە سەككىز ئاي تەكشۈرۈشتە بولغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇلار مارالبېشى تەۋەسىدىكى «توققۇز ساراي قەدىمىي شەھىرى» ۋە «تۇمشۇق بۇددا خارابىسى» قاتارلىق جايلاردىن مىس پۇل، مەبۇد ھەيكىلى، براھمى يېزىقىدىكى يازمىلارنىڭ قالدۇقلىرى، ياغاچ قونچاق، تامغا، يىپەك، يىپ توقۇلما بۇيۇملارنىڭ قالدۇقلىرى قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يىغىۋالغان.
28. ماننېر خېيم، فلاندىيىلىك. ئۇ 1960- 1980 - يىلى ئارىلىقىدا قەشقەرگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، نۇرغۇن قوليازمىلارنى يىغىۋالغان، سۈرەتلەرنى تارتقان. ئۇ كېيىن فلاندىيە زۇڭتۇڭى بولغان.
29. مالوف، چارروسىيىلىك. ئۇ 1915 - يىلى قەشقەرگە كېلىپ بىر مەزگىل ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە بولغان .
30. ترىنكېر (Trinkler)، گېرمانىيىلىك، ئۇ 1927 - يىلى قەشقەرگە كېلىپ قەشقەرنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.
13. گۇننار ئالفېرد ياررىڭ (GunnarAlferedyarring)، شۋېتسىيىلىك. ئۇ 1929 - يىلى قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلغان. 1930 - يىلى يېڭىسار ناھىيىسى بىلەن يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان «ئوردام مازىرى»نى زىيارەت قىلغان ھەمدە بۇ مازار توغرىسىدا ماقالە يازغان. ئۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە 1933 - يىلدىن باشلاپ «ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسى تەتقىقاتى«، «قەشقەر ئەدەبىياتىغا دائىر ماتېرىياللار»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹مۇنازىرە ئەدەبىياتى› توغرىسىدا خاتىرىلەر»، «قەشقەر قوليازمىلىرى»، «‹ئوغرى يوق شەھەر› قاتارلىق ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات» ۋە مەشھۇر ئەسلىمە خاراكتېرلىك ئەسىرى «قەشقەرگە قايتا سەپەر» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان. ئۇ 8791 - يىل 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قەشقەرگە يەنە بىر قېتىم كەلگەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان چەت ئەللىكلەردىن باشقا قەشقەر زېمىنىدا تەسىر دائىرىسى تېخىمۇ چوڭ ئارخېئولوگ، ئېكسپىدىتسىيىچى، جەمئىيەتشۇناسلاردىن تۆۋەندىكى كىشىلەر بار:  ئاۋرىل ستەيىن (Aurel stein )1862 − 1943 ئۇ ئەنگلىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ۋېنگىرىيىلىك ئارخېئولوگ، يازغۇچى. ئۇ 1900 - يىل 5 - ئايدا كەشمىردىن يولغا چىقىپ قاراقۇرۇم تاغلىرى ئارقىلىق قەشقەرگە كەلگەن. مارالبېشى ناھىيىسىدىكى «توققۇز ساراي قەدىمىي شەھەر ئىزى»، «تۇمشۇق بۇددا خارابىسى» قاتارلىق جايلارنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرگەن. ئۇ بۇ جايلاردىن 6 - ئەسىرگە تەۋە بۇددا دىنىغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەن. كېيىن خوتەندىكى «دەندەن ئۆيلۈك خارابىسى»نى تەكشۈرگەن. ئۇ شۇ قېتىم قولغا چۈشۈرگەن تۈرلۈك قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى 12 ياغاچ ساندۇققا قاچىلاپ، ئۇلۇغچات چېگرىسى ئارقىلىق ئەنگلىيىگە يۆتكەپ كەتكەن. ئۇ شۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە «قەدىمكى خوتەن» ناملىق كىتاپنى نەشر قىلدۇرغان. 1906 - يىل 4 - ئايدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنى باشلاپ كەشمىردىن يولغا چىقىپ، پاكىستاننىڭ گىلگىت، ۋاخان، قەشقەرنىڭ تاشقورغان قاتارلىق جايلىرىنى تەكشۈرۈپ، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى قەشقەرگە 2 - قېتىم كەلگەن. 1907 - يىلى خوتەندىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، قەشقەر شەھىرى، يەكەن ئەتراپلىرىنى بىر مەزگىل تەكشۈرگەن. 1908 - يىلى لوندونغا قايتقان. ئۇ شۇ قېتىمقى توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا «غەربىي يۇرت» ناملىق زور ھەجىملىك كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتابى ئەنگلىيە خان جەمەتى جۇغراپىيە ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن مېدال مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن.  ئۇ 1913 - يىل 6 - ئايدا قەشقەرگە 3 - قېتىم كەلگەن. ئۇ 1915 - يىل 5 - ئايدىن باشلاپ 11 - ئايغىچە قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى خانئۆي قەدىمىي شەھەر خارابىسى، كەپتەرخانا بۇتخانا ئىزى ۋە مارالبېشىدىكى توققۇز ساراي قەدىمىي شەھەر ئىزى، تۇمشۇق بۇددا خارابىسى قاتارلىق قەدىمىي خارابىلەرنى تەكشۈرگەن. ئۇ شۇ تەكشۈرۈشتە ھەرقايسى دەۋرلەرنىڭ پۇللىرى، براھمى يېزىقى، سوغدى يېزىقى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى، كارۇشتى يېزىقى، ساك تىلى ۋە ئەرەب يېزىقىدىكى قەدىمىي كىتاپ - ھۆججەتلەرنى، ھەيكەل، تۈرلۈك ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى 182 ساندۇققا قاچىلاپ، ئۇلۇغچاتتىن ھىندىستانغا ئۆتۈپ كەتكەن. ئاۋرىل ستەيىن ھاياتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى شىنجاڭ زېمىنىدىكى قەدىمىي خارابە - ئىزلارنى تەكشۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن . ئۇ، 1943- يىل 10 - ئايدا 82 يېشىدا كابۇلدا ۋاپات بولغان.
سۋېن ھېدىن (Sven Hedin) 1865 − 1952 سۋېن ھېدىن، شۋىتسىيىلىك، جۇغراپىيىشۇناس، ئارخېئولوگ، مەشھۇر ئېكسپېدىتسىيىچى. ئۇ بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەشھۇر پروفېسسورى، شەرقشۇناس رىچ خوفېننىڭ تەربىيىلىشى بىلەن شەرق ئەللىرىنىڭ تارىخ - مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. 1890 - يىل 12 - ئايدا ياۋروپالىق ئېكسپېدىتسىيىچىلەرگە ئەگىشىپ قەشقەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەن. 1894 - يىل 5 - ئايدا ئۆزى ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ قەشقەرگە 2 - قېتىم كەلگەن. ئۇ شۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە قىز قورغان ۋە كونا تاش قەلئە قاتارلىق خارابىلەرنى ئالدىن تەكشۈرۈپ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. قەشقەر شەھىرى ۋە كونا شەھەر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئەسكىھىسار قەدىمىي شەھەر خارابىسى، مورا بۇددا مۇنارى، خانئۆي قەدىمىي شەھىرى، كەپتەرخانا بۇتخانا ئىزى قاتارلىق خارابىلارنىڭ خەرىتىسىنى سىزغان ھەمدە ئۇلارنىڭ يىل دەۋرى ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي خاتىرىلەرنى يازغان. 1895 - يىل 10 - ئايدا ئۇنىڭ ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى مەكىتتىن يولغا چىقىپ زەرەپشان دەرياسىنى بويلاپ خوتەنگە قىلغان سەپىرىدە قۇملۇق بورىنىغا ئۇچراپ يولدىن ئېزىپ قالغان، سۇ ۋە ئوزۇق تۈلۈكى تۈگەپ كەتكەن، بىر قىسىم ھەمراھلىرى يۈك - تاق ئارتىلغان سەككىز تۆگىسى بىلەن قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان. ئۆلۈم گىرداۋىغا بېرىپ قالغان سۋېن ھېدىننى يەرلىك بىر پادىچى قۇتقۇزۇۋالغان. 1902 - يىل 5 - ئايدا سۋېن ھېدىن قەشقەرگە 3 - قېتىم كەلگەن، ئۇ يەكەن، يېڭىسار، قاغىلىق قاتارلىق يەرلەردىكى قەدىمىي مازار - مەقبەرىلەرنى تەكشۈرۈپ، قاراخانىيلار سۇلالىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم قوليازما كىتاپلارنى ۋە ئۆسۈملۈك، جانلىق ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىپ ستوكھولۇمغا يۆتكەپ كەتكەن. سۋېن ھېدىن ھاياتىدىكى تۆت قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە پائالىيىتىدە ئۈچ قېتىم قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ ناھايىتى چىقىشقاق، ئوچۇق - يورۇق مۇلايىم ئادەم بولغانلىقتىن لوپنۇر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇنى «ھايدىن تۆرە» دەپ ئاتىشىۋالغان. ئۇ توپلىغان مەركىزىي ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار 1937 - يىلدىن باشلاپ نېمىس، فرانسۇز، ئىنگلىز تىللىرىدا جەمئىي 55 توم كىتاپ قىلىپ نەشر قىلىنغان.
پائول پېللىئوت (Paul Pelliot) 1878 − 1945 پائول پېللىئوت، فرانسىيىلىك مەشھۇر شەرقشۇناس. ئۇ 1906 - يىل 8 - ئايدا پارس تىلى تەرجىمانى بولۇش سۈپىتى بىلەن فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىگە قوشۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا تەكشۈرۈش داۋامىدا قەشقەرگە كەلگەن. قەشقەردىكى ئەسكىھىسار قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ خەرىتىسىنى سىزغان. كونا شەھەردىكى خانئۆي قەدىمىي شەھەر خارابىسى، مورا بۇددا مۇنارى، ئۈچ بورخان غارى شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم قەدىمىي شەھەر سېپىللىرى ۋە قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنىڭ خەرىتىسىنى سىزغان. خەلق ئارىسىدىن ئەرەب، پارس، ئۇيغۇر تىللىرىدا يېزىلغان يازما مىراسلارنى يىغىۋالغان. ئۇ، سۋېن ھېدىن ماڭغان يولنى بويلاپ مارالبېشىغا كەلگەندە ئۇ يەردىكى توققۇز ساراي قەدىمىي شەھىرى ۋە تۇمشۇق بۇددا خارابىسىنى تەكشۈرگەن، شۇ جەرياندا ئۇ يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان گرىك ئۇسلۇبىدىكى ھەيكەللەرنى، قەدىمكى تامغىلارنى، تارشىغا يېزىلغان براھمى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى، قەدىمكى كۈسەن دۆلىتىنىڭ مىستىن ياسالغان پۇللىرىنى ۋە ساك تىلىغا تەۋە يازمىلارنىڭ قالدۇقلىرىنى تاپقان. ئۇ شۇ قېتىم «تۇمشۇق بۇددا خارابىسى» ئەتراپىدىن «كارامانىنانىڭ قىرائەت سۇترىلىرى» دەپ ئاتالغان خوتەن ساك تىلىغا تەۋە بىر پارچە بۇددا نومىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ تىل قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ «تۇمشۇق تىلى» دېگەن يېڭىچە ئارخېئولوگىيىلىك نامنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. پائۇل پېللىئوت شەرقشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرق ئەللىرىگە جۈملىدىن، ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمكى قوليازمىلاردىن 200 مىڭ پارچىگە يېقىن توپلىغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 30 مىڭ پارچە كىتاپ مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۇ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك 800 پارچە ئېتنوگرافىيىلىك سۈرەت تارتىپ ساقلىغان، ئۇنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى تۈرلۈك ماتېرىياللىرى ھازىر پارىژ دۆلەتلىك مۇزېيىدا ۋە فرانسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى ماتېرىياللار ئامبىرىدا ساقلانماقتا.
ئوتانى كوئول (1876 − 1948)ئوتانى كوئول، ياپونىيىلىك مەشھۇر ئېكسپېدىتسىيىچى. ئۇ ياپونىيە پاك تۇپراق مەزھىپى ئىبادەتخانىسىنىڭ 22 - ئەۋلاد راھىپ كالانى. 1902 - يىلى ئۇ لوندوندىن يولغا چىقىپ، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تۇنجى قېتىم قەشقەرگە كېلىپ، ئەنگلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمىدە 1904 - يىلغا قەدەر قەشقەرنى مەركەز قىلىپ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلاردا بۇددا دىنى بويىچە تەكشۈرۈشتە بولغان. 1909 - يىلى 7 - ئايدا 2 - قېتىم قەشقەرگە كېلىپ، مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقى، ئۆرپ - ئادىتى، جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1911 - يىلى 1 - ئايدا قەشقەرگە 3 - قېتىم كەلگەن. ئوتانىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا يازغان «قۇملۇقتىكى ئېكسپېدىتسىيە» ناملىق ئەسىرى بىر قەدەر مەشھۇر.
چوقان ۋەلىخانوف (1835 − 1865)چوقان ۋەلىخانوف 19 - ئەسىردە قازاقلار ئارىسىدا يېتىشىپ چىققان مەشھۇر تارىخچى، ئېكسپېدىتسىيىچى، گېئوگراف. ئۇ، 1856 - يىل 8 - ئايدىن 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە چۆچەك ۋە غۇلجا ئەتراپىدا تەكشۈرۈشتە بولغان، شۇنداقلا «چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە غۇلجا شەھىرى» ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى يازغان. 1858 - يىل 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چارروسىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ئۈچۈن ئاخبارات توپلاش ۋەزىپىسى بىلەن قەشقەردە بەش ئايدىن كۆپرەك تۇرغان. جۇغراپىيە، توپونومىيە، مىللەت، ئىرق، تىل - يېزىق، ئۆرپ - ئادەت، تەبىئىي بايلىق، نوپۇس، ھەربىي ئىشلار ساھەلىرى بويىچە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، چار پادىشاھ ئۈچۈن مۇھىم ئاخبارات توپلىغان، ئۆزى »قەشقەرىيە» دەپ ئاتىغان رايونلارنىڭ ھەربىي ئىشلار خەرىتىسىنى سىزىپ، چار روسىيىنىڭ سان پېتربورگ ئاخبارات ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئەينى چاغدا ئۇ قەشقەردىكى بىر دۆلەتمەن ئۇيغۇر باينىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئائىلە قۇرغان ۋە ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن. ئۇ قەشقەردىكى كەڭ دائىرىلىك پائالىيىتى جەريانىدا «تەزكىرەئى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان»، «تەزكىرەئى خوجىگان»، «تەزكىرەئى تۇغلۇق تۆمۈرخان»، «دەۋا - دەستۇرلار قوللانمىسى»، «تارىخى رەشىدى»، «ئەبۇمۇسلىم مەرۋەزى» قاتارلىق مەشھۇر تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە قوليازمىلىرىنى ۋە بىر قىسىم كەم ئۇچرايدىغان تاغ جىنس ئەۋرىشكىلىرىنى ۋە ئۆسۈملۈك، جانلىق ئەۋرىشكىلىرىنى روسىيىگە ئېلىپ كەتكەن. ئۇ »قەشقەرگە سەپەر»، «ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى» ناملىق مەشھۇر ساياھەت خاتىرىسى يېزىپ چىققان. 1865 - يىلى 30 يېشىدا كېسەل بىلەن ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بولغان.
  پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. ئەسەت سۇلايمان: «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 - يىلى نەشرى (ئۇيغۇرچە). 7 -، 23 -، 42 -، 43 -، 49 -، 50 - بەتلەر.
2. شيې بىن: «شىنجاڭغا سەپەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001 - يىل نەشرى (خەنزۇچە) 123 -، 127 -، 131 -، 133 -، 142 - بەتلەر.3.گۈەن شۈشىن: «قەشقەر مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001 - يىل نەشرى (خەنزۇچە) 3، 4، 5 - بەتلەر.
4. ئوتانى كوئول: «قۇملۇقتىكى ئېكسپېدىتسىيە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001 - يىل نەشرى (خەنزۇچە) 30، 31 - بەتلەر.
5. گۇننار ياررىڭ: «قەشقەرنى ئەسلەيمەن»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998 - يىل نەشرى (ئۇيغۇرچە) 123 -، 129 -، 130 -، 131 -، 139 -، 143 - بەتلەر.
6. «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» 1992 - يىللىق 2 - سان (ئۇيغۇرچە) 14 -، 15 -، 66- بەتلەر.
7. «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2001 - يىللىق 2 - سان (ئۇيغۇرچە) 53 - بەت.
8. جۇ چىڭباۋ: «غەربىي يۇرتقا كەلگەن ئېكسپېدىتسىيىچىلەر»، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەرنەشرىياتى 1996 - يىل نەشرى (ئۇيغۇرچە) 127 -، 141 -، 151 -، 167 - بەتلەر. 

شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2003 – يىلىق 4- سان

1som
Posted: 2008-02-12 15:21 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي

Total 0.048867(s) query 3, Time now is:02-15 08:20, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation