udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 185
شۆھرىتى: 188 نومۇر
پۇلى: 1870 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-15

 << ئوغۇزنامە>> ئېپوسى [2]

<< ئوغۇزناما>> ئېپوسى [2]
( << دەدە قورقۇت>> ھېكايىلىرىدە خاتىرىلەنگەن نۇسخىسى، تەخمىنەن 15-ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغان)
بىزنىڭ نە  پادىشاھنىڭكىدەك پەرمانىمىز، نە لوقماننىڭكىدەك دەرمانىمىز يوق. سازدىن-سۆزدىن ئاڭلىغانلارغا، ئاق-قارىنى ئايرىغانلارغا داستانلارنىڭ بېشى بولغان بىر داستانىمىز____ ئوغۇز  داستانى بار. بۇ داستان بىر يايلاق.... بۇ داستان بىر بۇلاق.... تارىخلار بۇ يايلاقتىن كېچەر، رىۋايەتلەر بۇ بۇلاقتىن سۇ ئىچەر. سىزمۇ ئىچىڭ بىر يۇتۇم بۇ ئابىھاياتتىن مەرھەمەت.....
بۇرۇنقى زاماندا ئوغۇزخان دېگەن بىر ئۇلۇغ خاقان ئۆتكەن ئىكەن، تاغۇ-تاشقا ھۆكمى، بۆرە-قۇشقا سۆزى ئۆتىدىكەن.
ئۇ دۇنياغا كەلگەندە دۇنيا يېڭىۋاشتىن بىر ياشقا كىرىپتۇ، گۈزەللىكىگە گەپ كېتەمدىغان، ئۇنى ئانىدىن تۇغۇلغان دېيىشكە تىل بارماسمىش..... ئانار دانىسى، نۇر دانىسى، تەڭرى تېغىنىڭ بىر دانىسى. قاشلىرى قەلەم قارىسى، كۆزلىرى ئاھۇ يازمىسى، ئېغىزى ئويماق كەبى، داستان بولغۇدەك قالغان يېرى. پىشانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆپكۆك نۇرى، كۆكسىدە بارمىش ئۈچ تال مويى: بىرى ئارسلان، بىرى يولۋاس، بىرى بۆرە تۈكى. ھېچكىمگە ئوخشىمەسمىش مىجەز-خۇيى. كۈلسە گۈللەر ئېچىلارمىش، يىغلىسا ئۈنچىلەر چېچىلارمىش. ئاجايىپ بىر ئىنسانمىشكەنكى، كىمنىڭمۇ كۆرگىسى كەلمىسۇن ئۇنى...........
ئانىسىنىڭ سۈتىنى بىر شوراپلا، ئىككىنچى ئەممىگەنمىش، قۇرۇق نان يەپ، سۇيۇق ئاش ئىچەرمىش. گەپ قىلسا ئاغزىدىن بال ئېقىپ، تىلىدىن قايماق تامارمىش. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە چوڭ بولۇپ، قىرقىغا توشماي ماڭغانمىش. ئايىغى يەتكەن يەرلەردە لالە-سۇمبۇللار ئۈنەرمىش، خۇش پۇراقلار چاچارمىش....... نە يېشىغا باقماپتۇ، نە بېشىغا، نە ئويۇنغا قېتىلماپتۇ، نە تاماشىغا......... بىر كۈنى ئات چاپتۇرسا، بىر كۈن ئوق ئېتىپتۇ. ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋالالايدىغان ئادەم يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ پېيىگە چۈشمەي قالسۇنمۇ!
گاھ ئېقىن بولۇپ ئېقىپ، گاھ دەريا بولۇپ تېشىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىرىق پالۋانغا باش بولۇپتۇ. ئەمدى ئۇ ئۆيگە، يۇرتقا سىغسۇنمۇ! قىرىق پالۋاننى كەينىگە سېلىپ، يايلاقنىڭ قارلىقى، يات ئەلنىڭ قانلىقى دېمەپتۇ. تاغدىن تاغقا، يۇرتتىن يۇرتقا سۇدەك ئېقىپ، چۈشكەن باشلارنى كۆتۈرۈپ، ئۆچكەن ئوچاقلارنى يېقىپتۇ.......
ئۇياقلاردا بىر ئورمانلىق بولۇپ، ئىچىدە قىزىل تۇمشۇق كەكلىكلەر، سۈرمە كۆزلۈك كىيىكلەر ئوينىشىپ يۈرىدىكەن. شارقىراپ ئاققان سۇلارنىڭ، شىلدىرلىغان ياپراقلارنىڭ، شاختىن شاخقا قونۇپ سايراشقان قۇشلارنىڭ سادالىرى قوشۇلۇپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن. بۇ ئورمانلىقتا يەتتە باشلىق بىر دىۋە بولۇپ، ئۇ يەرگە كىرگەن نەرسە ساق چىقمايدىكەن. بۇ دىۋە سۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا زوڭ ئولتۇرىۋېلىپ، ئاغزى ئېچىلغان ھامان قۇربانلىرى كەلتۈرۈلمىسە، بىر يۇتۇم سۇغا " سۈف" دەپ، قانچىلىغان غۇنچە بويلۇقلارنى چاينىماي يۇتىۋېتىدىكەن. ئادەم يەردىن ئۈنمەيدۇ-دە! بۇ ۋەجدىن قانچىلىغان ئوچاقلارنىڭ كۈلى توزۇپ، قانچىلىغان زىمىنلار قۇرۇپ چۆل بوپتۇ. يۇرت-يايلاقلار بۇنىڭغا چىدىسۇنمۇ!
زامانلاردىن بۇيان نى-نى پالۋانلار توپلىشىپ بېرىشىپتۇ، لېكىن ئۇنىڭ تېرىسى تۆمۈردىن، باغرى پولاتتىن قاتتىق ئىكەن. ئوق ئېتىپتۇ، تەگمەپتۇ؛ قىلىچ چېپىپتۇ، كەسمەپتۇ؛ نەيزە سانچىپتۇ، تەشمەپتۇ. تاغۇ-تاشنى بېشىغا بېشىغا ياغدۇرۇپتۇ، بىر تال مويىمۇ تەۋرىمەپتۇ.
ئانىلار تاش يۈرەك بولغان بىر كۈنى ئوغۇز ئورمانغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇنىڭ نىيىتىنى كۆزىدىن پەم قىلغانلار:
___ ئەي ئوغۇل، پۈتۈن جاھاننى كەزسە، باتۇرلۇقتا سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈدىغىنى يوق. لېكىن بۇ دىۋە ئوينىشىدىغان مەخلۇق ئەمەس، جېنىڭدىن تويدۇڭمۇ سەن!___ دەپ يولدىن قايتۇرماقچى بوپتۇ. لېكىن ياش يىگىت:
___ مەن بۇنىڭغا ئەھدە قىلدىم، ئۆلسەم يەر خوش بولار، قالسام ئەل__ ....دەپ مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، جىلغىلاردىن سەلدەك، تۆپىلەردىن يەلدەك ئۆتۈپ، بارماقچى بولغان يېرىگە يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ كۈنى بىر كىيىكنى تۇتۇپ سۆگەت تېلى بىلەن بىر دەرەخقە باغلاپ قويۇپتۇ. ئەتىسى تاڭ سەھەردە بېرىپ قارىسا، كىيىكنىڭ ئورنىدا بورانلار ئۇچۇۋېتىپتۇ. بۇ كۈنىمۇ بىر جانىۋارنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇنىمۇ كۈمۈش كەمىرى بىلەن دەرەخقە باغلاپ قويۇپتۇ. ئەتىسى يەنە بېرىپ قارىسا، ئۇنىڭ ئورنىدىمۇ شاماللار چىقىۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ دىۋىنى بۇ يەرگە ئۈگىتىۋاپتۇ. بۇ كېچە ئوغۇز بېشىنى ئالقىنىغا ئېلىپ دەرەخنىڭ تۈۋىدە ماراپ يېتىپتۇ. قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلاپتۇ. ئۇ نە قورقسۇن ، نە قورۇنسۇن، يۈرىكى ئېغىپمۇ قويماپتۇ. ئورماندا بىر ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلۈپ، دەل-دەرەخلەر باشلىرىنى ئېگىپ، ياپراقلىرى يەرنى قاپلاپتۇ.... ئامان-زامان دېمەپتۇ، شۇ ئەسنادا قارا دىۋە قارا بوراندەك ئېتىلىپ كېلىپ ئوغۇزنىڭ قالقىنىغا تېگىپتۇ. قالقان تىلىنىپ، ساۋۇتى پارچىلىنىپتۇ، لېكىن ئوغۇزنىڭ بىر تال مويىمۇ تەۋرىمەپتۇ. ئۇ ياراتقان ئىگىسىگە سېغىنىپ، شاپ پىچىقىنى قولىغا ئېلىپ، دىۋىنىڭ بېشىغا بىر ئېتىپتىكەن، ئاۋۋىلى خۇدا، دىۋە جەھەننەمگە راۋان بوپتۇ. ئوغۇز قاراپ تۇرسۇنمۇ! شۇئان دىۋىنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ.....
بۇ خەۋەر تارقالغاندا يايلاقنىڭ، يۇرتنىڭ جامالى كۈلۈپتۇ، شۇنداق بىر ھېيت-مەرىكە قىلىشىپتۇكى، پەلەكمۇ خوش بوپتۇ. شۇ كۈندىن كېيىن خالايىق پالۋانلار بېشى ئوغۇزنى خانلاردىن ئۈستۈن بىلىپ باشلىرىغا تاج قىلىشىپتۇ....
كۈنلەردىن بىر كۈنى ئوغۇز بىر تاغنىڭ چوققىسىدا ئىبادەت قىلىپ ئولتۇرغىنىدا، بىردىن ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، كۆز كۆزنى كۆرگىلى بولماي قاپتۇ. بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە كۆپكۆك بىر نۇر پەيدا بوپتۇ. ئۇ بېرىپ قارىسا نە ئاي ئەمەس، نە يۇلتۇز ئەمەس، ئايمىكىن دېسە كۈن بولۇپ تۇغقان بىر قىز ئىكەن. ئۇ كۈلسە نۇرمۇ كۈلەرمىش، ئۇ يىغلىسا نۇرمۇ يىغلارمىش. ئوغۇز بىر قاراپ ئەس-ھۇشىنى يوقىتىپتۇ، يەنە بىر قاراپ ئېسىگە كەپتۇ.
ئۇلار بىر-بىرىنىڭ پىشانىسىگە يېزىلغان بولسا كېرەك، قىرىق كېچە-كۈندۈز توي قىلىپ مۇرادىغا يېتىشىپتۇ...... ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ. ئوغۇز بۇ نۇر جامالدىن ئۈچ ئوغۇل تېپىپتۇ، بىرى قۇياش، بىرى ئاي، بىرى يۇلتۇز بوپتۇ....
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇز شىكارغا چىقىپتۇ. چىمەنلىكلەرنى كېزىپ لالە-سۇمبۇل تېرىپتۇ، ساي-جىلغىلار ئېشىپتۇ، ئالدىدا كۆپكۆك بىر كۆل پەيدا بوپتۇ. كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخ، دەرەخنىڭ ئۈستىدە بىر قىزنى كۆرۈپتۇ. ئۇ قىزنى گۈزەل دېسە دېگۈچىلىكى بار ئىكەن. بېقىشلىرى ئاھۇ كىيىكتەك، يېقىشلىرى قىپقىزىل چوغدەك ئىكەن. ئۇ كۈلسە كۆلمۇ كۈلەرمىش، يىغلىسا كۆلمۇ يىغلارمىش.... ئادەمنى كۆرسە چىراي ئاچماسمىش، قىمىزدەك ئېرىپ ئاقماسمىش. خوجا ئوغۇزنىڭ يۈرىكىگە شۇنداق بىر ئوت چۈشۈپتۇكى، كۆيۈپ كۈل بولۇشقا ئاز قاپتۇ. " قانداق قىلاي، ئۇ پىشانەمگە يېزىلغان بولسا، بۇمۇ يۈرىكىمنىڭ بىر ئاغرىقى!" دەپ ئۇنىڭ بىلەن ۋىسال ئارزۇسىغا يېتىپتۇ. ئايلار،يىللار ئۆتۈپتۇ. بۇ ئاھۇ كۆزلۈكتىنمۇ ئۈچ پەرزەنت كۆرۈپتۇ. بىرى ئەرش، بىرى تاغ، بىرى دېڭىز بوپتۇ.....
تەڭرى ئوغۇزنى ھەممە مۇرادىغا يەتكۈزۈپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ ھاسىل بولمىغان بىر مۇرادى قاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئەلگە كاتتا داستىخان سېلىپ توي بېرىپتۇ، يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممە بەگلەرنى تەكلىپ قىلىپ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلىگەندىن كېيىن:
___ ئەي باتۇرلىرىم، پالۋانلىرىم،___ دەپتۇ،___ تەڭرى خالاپتىكەن، سىلەرگە خان بولدۇم، خاقان بولدۇم. تەختكە چىققان كۈنۈمدىن بېرى زىممەمگە چۈشكەننى قىلدىم. ئۆيۈڭلارنى ئۆيۈم، ئوچىقىڭلارنى ئوچىقىم بىلىپ، يىغلىغانلار بىلەن يىغلىدىم، كۈلگەنلەر بىلەن كۈلدۈم. بۇ تۇپرىقىمىزنى شۇنداق بىر تىرىكچىلىك تەرتىپىگە ئېرىشتۈردۈمكى، ئەمدى نە دىۋە كېلەلمەس، نە جىن-شەيتان تېگەلمەس بولدى. ..... لېكىن يايلىقىمىز بىر غېرىچ، يۇرتىمىز بىر غۇلاچ. بۇ يەرلەرگە سىغماس بولدۇق. ... بىلىكىمگە بىلەك، يۈرىكىمگە يۈرەك بولساڭلار، شۇ دۇنيانى ئالقىنىمغا ئېلىپ، يەتمىش ئىككى مىللەتنى بىر تۇغ ئاستىغا توپلاشنى ئويلايمەن. تىلىڭلارنىڭ تېگىدىكىنى ئېيتىڭلار، قانداق دەيسىلەر؟
بۇنداق خانغا كىم قۇربان بولماس.... ئوغۇز بەگلىرى بىر ئېغىزدىن :
___ ئەي خانلار خانى،___ دەپتۇ،___ كۆڭلىڭىزگە شۇ ئوي كەلگەن بولسا، ھەممىمىز ئاغزىڭىزغا قارايمىز. نامىڭىز نامىمىز، مۇرادىڭىز مۇرادىمىز. ئۆل دېگەن يەردە ئۆلىمىز، تۇر دېگەن يەردە تۇرىمىز!
بۇ  ئەھدۇ پەيمان بىلەن ئوغۇز تۆت ئەتراپقا قۇشنىڭ قانىتى بىلەن خەۋەرلەر يەتكۈزۈپ، ھەممە خانلارنى تۇغى ئاستىغا چاقىرىپتۇ:
___ بۇيرۇقۇمغا باش ئەگكەنلەرنى بېشىمغا ئالىمەن، بېرىپ يەنە ئۆز دۆلىتىنى سۈرسۇن. لېكىن، باش ئەگمىگەنلەرنىڭ جېنىغا ۋاي، ئەجىلىگە ھازىر بولسۇن!....
ئۇ چاغلاردا ئوغۇزلارنىڭ ئوڭ قانىتىدا " ئالتۇن خاقان"(1)، سول قانىتىدا " كۈمۈش خاقان"(2) دېگەن خانلار بار ئىكەن. ئالتۇن خان پەرماننى ئالغىنىدا ئۇنى سۆيۈپ بېشىغا قويۇپتۇ ۋە:
___ تاج-تەختىمگە تەگمىگەندىن كېيىن بار-يوقۇم سېنىڭ بولسۇن!___ دەپ ئوغۇزنىڭ تۇغى ئاستىغا كىرىپتۇ. لېكىن كۈمۈش خان:
___ مەن ھېچكىمنىڭ تۇغى، بويۇنتۇرۇغى  ئاستىغا كىرمەيمەن، كەلگۈچى بولسا كۆرىدىغىنى بار!___ دەپ مەيدانغا چىقىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئوغۇزخان دەرغەزەپكە كەپتۇ:
___ ئەمرىمگە قارشى چىققان سەنمۇ!___ دەپ ئۇنىڭغا قارشى ئاتلىنىپتۇ. لەشكەر ئۈستىگە لەشكەر يېغىپ، نەيزىلەر ئورمان بوپتۇ. قارا تاغدىن كەلگەن قارا سەلدەك ئېقىپ قۇش ئۇچماس، كارۋان كەزمەس بىر يەرگە كەپتۇ. ئوغۇزخان كېلىپ ئولتۇرا- ئولتۇرمايلا چېدىرنىڭ ئىچىگە بىر يورۇقلۇقنىڭ شولىسى چۈشۈپتۇ. بۇ شولا ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق بىر بۆرە چىقىپ:
___ نېمە تىلىكىڭ بولسا تىلە،__ دەپ ئالدىغا چۈشۈپتۇ. ئۇلار مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ....      "ئىدىل" دېگەن دەريانىڭ بويىغا يېتىپتۇ. دەريا بويىدا بۆرە توختاپتىكەن، ئۇلارمۇ توختاپتۇ. ھالبۇكى، كۈمۈش خانمۇ تاغۇ-تاشنى توپلاپ ئۇ يەرگە كەپتىكەن، شۇنداق بىر جەڭ بوپتۇكى، يازسا-يازسا تۈگىمەس بىر داستان بوپتۇ....... دەريا قان بولۇپ ئېقىپ، ئاتلارنىمۇ سۇغارغىلى بولماپتۇ. قېنى ئۇ يوغان گەپ قىلغان كۈمۈش خان! تاتلىق جېنىنى ئېلىپ قېچىپتۇ. تاج-تەختى ئوغۇزلارنىڭ قولىغا چۈشۈپتۇ.
بۇ قانلىق جەڭدىن كېيىنمۇ توپىلاڭ بېسىلماپتۇ. " شائىر سۆزى ئۇز بولۇر، كۆپ ئۇزارتساق سۆز بولۇر" . ئوغۇزخان يەنە بىرنەچچە ئۆتكىلى بولماس سۇلاردىن  ئېشىپ، ئاشقىلى بولماس تاغلارنى ئېشىپ، يېڭىلمەس ياۋلارنى يېڭىپ، ئېچىلماس قەلئەلەرنى ئېچىپ، يەتتە ئىقلىم، تۆت ئەتراپنى بىر تۇغ ئاستىغا توپلاپتۇ. ئۆز تۇغى ئاستىغا ئالغان يەرلەرنى بىلىكى ھەم يۈرىكىگە ئىشەنگەن خان، خانىمانلارغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىگە:
__ بۇ يېشىل يۇرتنى ساڭا ھەدىيە قىلدىم، ئال، ساقلا!__ دەپتۇ. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بۇ ئۇرۇقنىڭ نامى " ساقلىغۇچ"(3) بوپتۇ. يەنە بىرىگە:
__ بۇ يەردە تۇر، بۇ يۇرتتا كۆپەيگىنىڭچە كۆپەي!___ دەپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ جەمەتنىڭ نامى " تۇرغۇچ"(4) بوپتۇ. يەنە نېمىلەر بولغانلىقىنى كىم بىلسۇن، خانلار خانى قىلىچنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن قولغا كەلگەن ، تاپىنى يەتكەن يەرلەردە يىگىرمە نەچچە بەگلىك قۇرۇپ، ئۆز يۇرت-يايلىقىغا قايتىپتۇ. دەرۋەقە ئۇنىڭ چاچلىرى شۇ يوللاردا ئاقىرىپتۇ....
شۇ زامانلاردا " قۇتلۇق "(5) دېگەن ياشانغان ئاقساقاللىق بىر خوجا ئۆتكەنىكەن. ئۇ ئەقىل-پاراسەتلەك كىشى بولۇپ، دۇنيادا بىلمەيدىغىنى يوق، ھەر ئىشقا ئاقىل ئەر ئىكەن. ئوغۇزخان ئۇنى بېشىدا كۆتۈرۈپ، ھەر سۆزىنى بىر كارامەت ھېسابلايدىكەن.
بىر كۈنى بۇ ئاقساقاللىق خوجا چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن بىر كۈمۈش ئوق كۆرۈپتۇ. ئالتۇن يانىڭ كىرىچى كۈندۈز تەرەپكە ئېتىلسا، كۈمۈش ئوق كېچە تەرەپكە ئۇچۇپتۇ. ئۇ تاڭ سەھەردە ئوغۇزخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ، چۈشىگە خەيرلىك تەبىر بەرگەندىن كېيىن ئوغۇزغا بىشارەت قىلىپتۇ. خانلار خانىمۇ ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئوغۇللىرىنى چاقىرتىپ:
__ ئەي ئوغۇللىرىم، ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى غەنىمەت. چوڭ ئوغۇللىرىم ئەتىلا كۈن چىقىشقا قاراپ مېڭىڭلار، كىچىك ئوغۇللىرىم كۈن پېتىشقا قاراپ مېڭىڭلار. قىسمىتىڭلاردا نېمە بولسا تەلىيىڭلارغا شۇ چىقار!___ دەپ ئۇلارغا بەخت تىلەپتۇ....
قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار كۈن چىقىش تەرەپكە، ئەرش، تاغ، دېڭىزلار بولسا كۈن پېتىش تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ئوي-دالا، ساي-دالا دېمەپتۇ. ئالتە ئاي بىر كۈن مېڭىپتۇ. كۈن چىقىشقا ماڭغان چوڭ قېرىنداشلار بىر ئالتۇن يا تېپىپتۇ، كۈن پېتىشقا ماڭغان كىچىك قېرىنداشلار بىر كۈمۈش ئوق تېپىپتۇ.
" مانا بۇ دۇنيادىكى نېسىۋىمىز!" دېيىشىپ، ئەكىلىپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. ئوغۇزخان خۇرسەن بوپتۇ ۋە ئالتۇن يانى ئۈچكە بۆلۈپ چوڭ ئوغۇللىرىغا بېرىپ:
___ ئەي چوڭ ئوغۇللىرىم، ___ دەپتۇ،___ يا سىلەرنىڭ بولسۇن. يادۇر ئوقنى ئاتقان، سىلەرمۇ يادەك بولۇڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن " كۆك ئوق"(6) بولسۇن نامىڭلار،__ دەپتۇ.
كۈمۈش ئوقنىمۇ ئۈچكە بۆلۈپ كىچىك ئوغۇللىرىغا بېرىپ:
___ ئەي كىچىك ئوغۇللىرىم، __ دەپتۇ،__ ئوق سىلەرنىڭ بولسۇن. ئوقتۇر كۆكلەرگە ئېتىلغان. سىلەرمۇ ئوقتەك بولۇڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن " ئۈچ ئوق "(7) بولسۇن نامىڭلار،__ دەپتۇ.
بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئوغۇزخان كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، خاندىن چوپانغىچە ھەممەيلەننى يىغىپتۇ ۋە ئوڭ يېنىغا قىرىق غۇلاچ ئىگىزلىكتە بىر خادا تىكتۈرۈپ، ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇ قوندۇرۇپ، تۈۋىگە بىر ئاق قوي باغلاپتۇ.... سول يېنىغىمۇ شۇنداق بىر خادا تىكتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇ قوندۇرۇپ، تۈۋىگە بىر قارا قوي باغلاپتۇ. ئوڭ يېنىدا كۆك ئوقلارنى، سول يېنىدا ئۈچ ئوقلارنى ئولتۇرغۇزۇپ قىرىق كېچە-كۈندۈز توي- مەرىكە قىلغاندىن كېيىن ، خانلار خانى ئوغۇز خان ئوغۇللىرىغا مۇنداق ۋەسىيەت قىپتۇ:
___ ئەي ئوغۇللىرىم، قاناتلىرىم، قوللىرىم! كۆپ ياشىدىم، كۆپنى كۆردۈم. دۈشمەنلىرىمنى يىغلىتىپ، دوستلىرىمنى كۈلدۈردۈم. ئەمدى ئۆمرۈم ئاخىرلاشتى، ساناقلىق كۈنلىرىم قالدى.... پانىي دۇنيا كىمگە قالسۇن، يۇرت-يايلىقىمنى سىلەرگە ئامانەت قىلىمەن. سۇلار قۇرۇسا قۇرۇسۇنكى، نەسلىمىز قۇرۇمىسۇن. بۇ دۇنيادا نامىمىز ئۆچمىسۇن.....
ۋەسىيەت ئاياغلىشىش بىلەنلا ئوغۇزخان ئارىدىن غايىپ بوپتۇ.
بۇ ئۇلۇغلار ئۇلۇغى سىر بولدىمۇ، نۇر بولدىمۇ، ئۇ  يېرى نامەلۇم، ئەمما ئوغۇزخاننىڭ ۋەسىيىتى ئەمەلگە ئېشىپتۇ. دۇنيادا نى-نى دەريا-دېڭىزلار قۇرۇپتۇ، ئوغۇز نەسلى قۇرۇماپتۇ. زامانلار كېلىپتۇ، كېتىپتۇ، كۆك ئوقلار كۆپىيىپ، ئۈچ ئوقلار ئۇلغىيىپ بوي تارتىپ پۇتاقلاپتۇ، پىلەك تارتىپ خەمەكلەپتۇ. پۇتاقلار شاخلاپ، ئۇ يايلاقتىن بۇ يايلاققا كۆچۈپتۇ. ھايات-ماماتلىق چاغلاردىمۇ ھاياتلىق بۇلىقىدىن ئىچىپ مەڭگۈلۈككە قاراپ مېڭىپتۇ......
        ئىزاھلار:  (1) ئالتۇن خاقان__ قوچۇ نۇسخىسىغا ئوخشاش جىن سۇلالىسىنى كۆرسىتىدۇ.
                     (2) كۈمۈش خاقان___ قوچۇ نۇسخىسىدىكى ئۇرۇم خاقان
                    (3)ساقلىغۇچ___ شۇ سىلاۋيانلارنى كۆرسىتىدۇ، " ساقلاپ" بىلەن ئوخشاش
                    (4) تۇرغۇچ____  بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىزاھ بېرىلمىگەن
                    (5)قۇتلۇق____ قوچۇ نۇسخىسىدا ئۇلۇغ تۈرك دېيىلىدۇ، بۇنىڭدا قۇتلۇق، " تۆت ئۇلۇس تارىخى " دا خاتىرىلەنگەن ئوغۇزنامىدە بولسا ئارقىل خوجا دېيىلىدۇ.
                   (6)كۆك ئوق____ ئىچ ئوغۇزلارغا سىمۋول
                  (7) ئۈچ ئوق___ سىرت ئوغۇزلارغا سىمۋول

قوشۇمچە: << ئوغۇزنامە>> نىڭ ۋارىيانتلىرى خاتىرىلەنگەن ئەسەرلەر مۇنۇلار_________
<< جامىئۇل تەۋارىخ>>(ئىران تارىخچىسى راشىددىن پەيزۇللاھ، 1247—1318)
<< تارىخى شەجەرەئى تۈرك>> ( خىۋە خانى ئوبۇلغازى باھادىرخان، 1603—1644)
<< تارىخى سالجۇقىيە>> ( يازچىزادە ئالى)
bilqut
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-02-12 18:20 | [ئاپتور]
samad
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

توردا بىر ئەزەربەيجانلىق بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇلاردىمۇ "ئوغوزنامە" ئىپوسى بار ئىكەن.
ئۇلارنىڭ داستانىدىمۇ "ئۇيغۇر" ئاتالغۇسى بارمىدۇ؟ تورداشلارنىڭ ئىچىدە  ئەزەربەيجانلانىڭ "ئوغوزنامە"سىنى ئوقىغانلار بارمۇ؟
1som
Posted: 2008-02-12 22:14 | 1 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 185
شۆھرىتى: 188 نومۇر
پۇلى: 1870 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-15

 

[size=4]قوچۇ دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن " شامان تۈسلۈك ئوغۇزنامە" كىتابى دەدە قۇرقۇتقا مەنبە بولغان، مەركىزى ئاسىيادىن تاكى رۇمغىچە مەيدانغا كەلگەن " ئوغۇزنامە" لەر ئەنە شۇ شامان تۈسلۈك قەدىمقى " ئوغۇزنامە" گە تەقلىدى ھالدا مەيدانغا كەلگەن، بۇ مەنىدىن ئالغاندا قوچۇ دەۋرىدە قەلەمگە ئېلىنغان " ئوغۇزنامە" بارلىق ئوغۇزنامىلەرنىڭ ئەجدادىدۇر. بۇنى تەتقىقاتلار ئىسپاتلاپ چىققان. تۈركىيىدىكى تۈركلەر ئارىسىدا ساقلانغان بۇ ئوغۇزنامىدە ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى ئوغۇز بەگلىرى، ئوغۇز نەسلى تىلغا ئېلىنغان. باشقا يەردىكىلىرىدە بەلكى تۈرك ياكى ئوغۇز دېگەن ئىسىملار ئۇچرىشى مۈمكىن.
مىرزا ئۇلۇغبېك ئۆزى خاتىرىلىگەن ئوغۇزنامىدىكى ۋەقەلىكنى ئورخۇن بويلىرىدا بولغان دەپ يازىدۇ.

samad ئەپەندى، مۈمكىن بولسا ھېلىقى توردىشىڭىز ئەزەربەيجانلارنىڭكىنى يوللاپ بەرگەن بولسا بولار ئىكەن، سىز نېمىشقا ئۇنىڭدىن سىلەردىمۇ ئۇيغۇر ئاتالغۇسى بارمىكەن؟ دەپ سورىمىدىڭىز؟
bilqut
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-02-12 22:44 | 2 -قەۋەت
samad
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئوغۇزنامەدە "ئۇيغۇر"دېگەن ئاتالغۇبارغۇ؟ مەن ئېنىق كۆرگەن.
ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان چاغدا سوراشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. كېلەر قېتىم سوراپ باقاي.
1som
Posted: 2008-02-13 14:00 | 3 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 185
شۆھرىتى: 188 نومۇر
پۇلى: 1870 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-15

 

مېنىڭ مەقسىتىم ھەممە نۇسخىسىنى تورغا يوللاش، samad ئەپەندىم، قىزىقسىڭىز ھەمكارلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.
bilqut
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-02-14 00:44 | 4 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » كونا - يېڭى كىتاپلار

Total 0.051786(s) query 4, Time now is:02-15 08:21, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation