قەدىمكى زامان ئەمەلدارلار كىيىمىگە كەشتلەنگەن قۇش ۋە
ھايۋان سۈرەتلىرى توغرىىسدا
قەدىمكى زاماندا ئەمەلدارلار كىيىمىنىڭ ئالدى- كەينىگە زەر ياكى كانۋا يىپتىن قۇش، ھايۋانات شەكىللىرى كەشتىلىنەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ مەنسەپ دەرىجىسىنى نامايەن قىلاتتى.
قەدىمكى زاماندا، مەنسەپ توققۇز دەرىجىگە بۆلۈنەتتى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ كىيىمىگە قۇش، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ كىيىمىگە ھايۋانات شەكىلىنى كەشتلەش بەلگىلەندى. مەمۇرىي ئەمەلدارلار 1- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە تۇرنا، 2- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە قىرغاۋۇل، 3- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە توز، 4- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە غاز، 5- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە ئاق تۇرنا، 6- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە ئاق قوتان، 7- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە شىچاۋ ( ئاق قوتانغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل قۇش سۈرىتى) ،8 - دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە بۆدۈنە، 9- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە تورغاي كەشتىلىنەتى. ھەربىي ئەمەلدارلار 1- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە مارال، 2- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە شىر، 3- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە يىلپىز، 4- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە يولۋاس، 5- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە ئېيىق، 6- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە ئارسلان، 7- ، 8- دەرىجىلىكلەرنىڭكىگە كەركىدان، 9- دەرىجىلىكلەرنىڭىگە سەقانغۇر كەشتىلىنەتتى.