Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 «ئۇيغۇر » نامى ھەققىدە

0
«ئۇيغۇر » نامى ھەققىدە

ج .كلاۋسۇن


ئىلاۋە : ئۆزىنىڭ تۈركىي تىللار ھەققىدىكى كەڭ مىقياسلىق تەتقىقاتى بىلەن ، بولۇپمۇ « 13 – ئەسىردىن ئاۋالقى تۈركىي تىللارنىڭ ئېتمولوگىيە لۇغىتى » ناملىق زور ھەجىملىك ئەسىرى بىلەن دۇنيا تۈركولوگلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان تىلشۇناس ج . كلاۋسۇن مەزكۇر ماقالىسىدا تۈركولوگىيە ساھەسىدە ئۇزاقتىن بۇيان تالاش – تارتىشتا بولۇپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇر» نامىنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسى ھەققىدە ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى پىكرىنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈپ قويۇش زۆرۈرىيىتىدىن مەزكۇر ماقالە كىتاپخانلار ھوزۇرىغا سۇنۇلدى .

توققۇز يۈز يىلدىن بۇيان تۈرك تىلىنىڭ ئۇيغۇر دىئالېكتىدا سۆزلىشىدىغان ۋە موڭغۇلىيە ، جۇڭگو تۈركىستانىنىڭ 8 -13- ئەسىرلەرگىچە بولغان تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ نامى ۋە ئۇلاردىكى خاس ئىسىملارنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى يېشىشكە تىرىشىۋاتقان كىشىلەرنى توختاۋسىز ھالدا ئۆزىگە تارتىپ كەلمەكتە .
11 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى » ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن :« ئۇيغۇر - بىر ئەلنىڭ ئىسمى ، ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار . بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن. ماڭا مۇھەممەد چاقىر تونقا خان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېكىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەنكەن.ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن ، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا ، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن ئۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە (پارس تىلىدا) «ئىنان خۇزخۇرەند » -- بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن ، بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ ، دەپتۇ . شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل < خۇزخۇر > دەپ ئاتىلىپتۇ. كېيىن باشتىكى < خ > ھەرپى < ا > قا ئالماشقان. مۇنداق بوغۇز ھەرپلىرىنىڭ بىر بىرىگە ئالمىشىشى ، بولۇپمۇ <ئېلىف> نىڭ <خ> غا ۋە <خ> نىڭ <ئېلىف> قا ئالمىشىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە » .
يۇقۇرقى بايانلارنىڭ ئاپتورى بولغان مەھمۇت قەشقەرى مۇنداق دەيدۇ :« بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز بولغان ئەمىرلەرنىڭ <خەمىر>دېيىلىشى ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن . چۈنكى ئوغۇزلار < امر > دېيەلمەي ، < ا > نى < خ > غا ئالماشتۇرۇپ < خەمىر > دەيدۇ . شۇڭا تۈرك ئەللىرىنى سامانىيلار ئوغۇللىرىدىن ئالغان بوۋىمىزنى < خەمىر تېكىن > دەپ ئاتايدۇ . خۇددى " ئۇيغۇر " سۆزىدە كۆرسەتكىنىمىزدەك بۇ يەردە <ئېلىف > ھەرپى < خ > غا ئالماشقان . < خ > ھەرپى < ا> غا ئالمىشىش بىلەن بىرگە < خۇز > سۆزىدىكى < ز > ھەرپىمۇ <ى- يا>غا ئالماشقان . بۇ < ز > ھەرپىنىڭ < ى- يا>غا ئۆزگىرىشى تۈپ قائىدە . شۇنىڭدىن كېيىن <خۇر > سۆزىدىكى < خ > ھەرپى < غ > غا ئالماشقان . <غ>نىڭ < خ >غا ، < خ > نىڭ < غ > غا ئالمىشىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە . خۇددىي ئەرەپچىدە < خاتار > نى <غادار> دېگەندەك .
بۇ ئەلدە بەش شەھەر بار . ئۇنىڭ خەلقى ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلار ، ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر . بۇ شەھەرلەر :سۇلمى ، بۇنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين سالدۇرغان ؛ قوچۇ ، جانبالىق ، بېشبالىق ، ياڭى بالىق » ( MS ، 68 – بەت ، 1- توم ،باسما نۇسخا 101 – بەت ، ب.ئاتالاينىڭ تەرجىمىسى ، 1 – توم ، 111-بەت ) .
بۇ بايانلار ۋە سۆزلەرنىڭ ئېتمولوگىيەسى ھازىر ئىلىم ساھەسىدە يېڭى گەپ بولۇشتىن قالغىلى ئۇزاق بولدى . مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئۇلۇغ ئەسىرى موڭغۇللارنىڭ بىر قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن بولۇپ ، ئاناتولىيەدە ساقلىنىپ قالغان يىگانە قوليازمىغا بىز مەڭگۈ تەشەككۈر ئېيتىشىمىز كېرەك . بۇ قوليازما ھازىرقى زامان تۈركولوگلىرىنىڭ ئېتمولوگىيە تەتقىقاتىنى مۇستەھكەم ئاساسلار بىلەن تەمىنلىدى ، ھالبۇكى بۇ قوليازمىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئوتتۇرا ئەسىر ئالىملىرىغا تېخى نامەلۇم ئىدى. «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ مەنىسى ھەققىدە يېڭىۋاشتىن مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشنى 15 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرى يېزىلغان « جامىئۇل تەۋارىخ » ناملىق ئەسىرىدە راشىدىن فەزلۇللا ئەل خامادانى باشلاپ بەردى . بۇنىڭغا ئالاقىدار ئابزاسلار ۋ . رادلوۋنىڭ نېمىسچە ئەسىرى « بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ < قۇتادغۇ بىلىك > ناملىق ئەسىرى » ( سانت – پېتىربۇرگ ، 1891 – يىلى ) گە بېرىلگەن كىرىش سۆزنىڭ پارىسچە ئەسلى ئورىگىنالىدا ۋە ل . ئا . خېتاگۇروۋنىڭ « جامىئۇل تەۋەرىخ » (رۇسچە تەرجىمە ) نىڭ 1 – تومى ( موسكۋا – لېنىنگراد ، 1952 – يىلى ) دا ئۇچرايدۇ . 1 – ئابزاس ( 18 – باپ ، 83 – بەت ) مۇنداق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ :
« بۇ دۆلەتتە ئالىي ھوقۇق ئوغۇزنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇ ئالتۇندىن بىر چېدىر تىكىپتۇ ۋە ھەشەمەتلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈپتۇ . زىياپەتكە پۈتۈن ئۇرۇق – تۇغقان ، قان – قېرىنداش ۋە سانغۇنلىرىنى چاقىرىپ ، نەۋكەرلىرىنى تارتۇقلاپتۇ . ئۆزىگە بويسۇنغان مويسىپىتلار ۋە قوللىغۇچىلارنى <ئۇيغۇر > دەپ ئاتاپتۇ . بۇ تۈركچە < بىرلەشمەك > ۋە < ياردەملەشمەك> دېگەنلىك بولىدۇ » . مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھېكايە مەزكۇر ئەسەرنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا ۋە ئاخىرقى باپلىرىدا تەكرارلىنىدۇ .
تەخمىنەن 1663 – يىلى ئوبۇلغازى باھادىرخان ئۆزىنىڭ « شەجەرەئى تۈرك » ناملىق ئەسىرىدە تۈرك تىللىرىنىڭ بىرى بىلەن ، توغرىراقى دەسلەپكى ئۆزبېك تىلى بىلەن قىسمەن پەرقلىق نۇقتىئىنەزەرنى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ نەقىللەرنى رادلوۋ ئېلان قىلغان ئەسلى تېكىست ۋە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ 38 – بېتىدىن ھەمدە رىزا نۇرنىڭ ئوسمانىي تۈركچىسىگە ئاغدۇرغان « ئوبۇلغازى باھادىرخان . تۈرك شەجەرىسى » ( ئىستانبۇل ، 1925 – يىلى نەشرى ) نىڭ 42– بېتىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ . بۇ بايانلارنى تۆۋەندىكىچە نەقىل كەلتۈرمەكچىمىز : « ئۇيغۇر » سۆزىنىڭ < ياپىشغۇر > ( يېپىشقاق – ت) دېگەن مەنىسى بار ؛ <سۈت ئۇيىدى> دىيىلىدۇ ، سۈت يېڭى ھالەتتە تۇرغاندا ئۇنىڭ تەركىپلىرى چېچىلىپ تۇرىدۇ ، ئۇيۇغاندىن كېيىن بولسا چېچىلماستىن بىرىكىپ تۇرىدۇ ( يېپىشىدۇ ) . ئۇلار يەنە < ئىمامغا ئۇيدۇم > دەيدۇ، يەنى ئىمام ئولتۇرغاندا ئولتۇرىدۇ ، تۇرغاندا تۇرىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ ئىمامغا يېپىشقىنى » .
بۇ يەردە كېيىنكى دەۋرلەرگە تەۋە بولغان نوپۇزلۇق فارسىي ئالىمى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرنى نەقىل كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . چۈنكى ئۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە شەرق ئالىملىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆزقاراشلىرىنى يىغىنچاقلىيالىغان . ئەمدى مۇھەممەد مەھدى خاننىڭ 1759 – يىلى يېزىلغان « ساڭلاخ » ناملىق ئەسىرىدىكى بايانلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتمەكچىمىز :
« ئېيتىلىشىچە ، ئەينى ۋاقىتتا ئوغۇزخان بىلەن دادىسى دىنىي مەسىلە ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشقاندا ئۇنىڭ بىر قىسىم قەبىلىداشلىرى ئوغۇز تەرەپكە ئۆتۈپ ، ئۇنىڭغا ياردەملەشكەن ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇلارنى مەن بىلەن بىرلەشتى دېگەن مەنىدە < ئۇيغۇر > دەپ ئاتاپتۇ » . « زەپەرنامە » نىڭ ئاپتورى « ئۇيغۇر » سۆزىنى « بىرلەشمەك ، ھەمكارلاشماق » دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ ، دەپ ئېيتسا ، «تەۋارىخى ھەبىبۇل سىيار » نىڭ ئاپتورى چىڭگىزخانغا بويسۇنغان قەبىلىنىڭ ئاقساقىلى ئىدىقۇت ( بارچۇق ئارت تېگىننى كۆرسىتىدۇ – ت ) نىڭ شەنىگە تىكلەنگەن تۆھپە مەڭگۈ تېشىدا ayur سۆزىنىڭ «ئېلىف» ئۈستىدە فەتھى بىلەن يېزىلغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ ، بۇنىڭ ئۆزبېك تۈركلىرىنىڭ قەبىلە نامى ئىكەنلىكى ، بۇ تۈركلەرنىڭ ئاشۇ قەبىلە (فىرقە ) گە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ، ئۇلارنىڭ ( يەنى ayur لارنىڭ - ت ) ئۆزبېك قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق قەبىلە ئىكەنلىكى ھەققىدە تەسۋىرلەرنى بېرىدۇ(قاراڭ : ئې . ج . ۋ :« سۈكۈتتىكى ئابىدە . يېڭى توپلام » 20 – توم ، فاكسىمىل 92 – بەت ) .
شۇنداق قىلىپ ، شەرق ئەللىرىدە كەڭ تارقالغان ئوتتۇرا ئەسىر تېئورىيەلىرىدە « ئۇيغۇر » سۆزىنىڭ ھازىرقى زامان ئاتالغۇلىرى بىلەن ئېيتقاندا پېئىل « uy+ » غا « - ur » قوشۇمچىسى ئۇلىنىش ئارقىلىق پېئىلدىن شەكىللەنگەن ئىسىم ئىكەنلىكى ، بۇنىڭ « بىرلەشمەك » ، « ئىتىپاقلاشماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغانلىقى مۇھىم مەزمۇن بولۇپ قالدى . ئەمما ، ئوبۇلغازى باھادىرخان « ئۇيغۇر » سۆزى « ئۇيۇماق ، يېپىشماق » دېگەن مەنىلەردىكى « uyu + » سۆزىدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ . شۈبھىسىزكى ، ئۇ « uyu+» نىڭ « uy+» دىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى دىققەتتىن ساقىت قىلىۋەتكەن .
ناۋادا ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ ئېيتقىنىدەك ئىككىنچى بوغۇم تۈركچە پېئىل ئارقا قوشۇمچىسى بولغان « - ur» دىن كەلگەن بولسا ، شۇنداقلا 15 – ئەسىردىن كېيىن ۋە 8 – ئەسىردىن ئاۋالقى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار تۈرك تىلىدا سۆزلەشكەن ھەمدە ئۆز نامى مەۋجۇت بولغان بولسا ئۇ ھالدا ئاشۇ ئىككى خىل پىكىرنىڭ ئىككىلىسىنى توغرا دېيىشكە بولىدۇ . ياكى بولمىسا قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر ئالدىنقى پىكىر توغرا بولغان بولىدۇ . 15 – ئەسىردە « ئەگەشمەك » مەنىسىدىكى « uy-» پېئىلى چاغاتاي تىلى ، قىپچاق شىۋىلىرى ۋە ئوغۇز شىۋىلىرى ( تۈركمەن تىلى ۋە كونا ئوسمانىي تىلى ) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل تۈركىي تىللاردا ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت ئىدى . مەيلى قانداق بولسۇن ئوبۇلغازى دەۋرىدە « يېپىشماق » مەنىسىدىكى «uyu-» پېئىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېنىق بولسىمۇ ، بۇ سۆزنىڭ سۆز مەناسىنىڭ كېڭىيىشى يېقىنقى زاماندا روياپقا چىققان ئىش ئىكەنلىكى ئېنىق . بۇ پېئىلنىڭ ئەسلى شەكلى ئىزچىل ھالدا «udi:-» بولۇپ، خەت مەنىسى « بېرىپ ئۇخلىماق » ئىدى ؛ كېيىنچە سىلىقلاشتۇرۇلۇپ « گاچا بولۇپ قالماق » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولغان ( ئېنگىلىز تىلىدا بىز ئىشلىتىۋاتقان « ئۇخلىماق » ئىبارىسى مانا شۇ مەنىدىكى سىلىقلاشتۇرۇلغان ئىبارە ) ، ئەڭ ئاخىرى ئاندىن ( قان ) « قاتماق » ، (سۈت ) « ئۇيۇماق» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان بولغان ئىدى .
ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ پىكرىنى ئېتىۋارغا ئالماسلىققا تامامەن بولىدۇ ، ئەمما ئىككىنچى خىل پىكىر ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئۆتكەن بىر قىسىم ئالىملار تېخىمۇ ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشى زۆرۈر . پ . پېللىئوت تۇنجى بولۇپ بۇ خىل نۇقتىئىنەزەردىكى زىددىيەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتتى . ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نەشىر قىلىنغان «ئالتۇن ئوردا خانىدانلىقى تارىخىغا ئائىت ئىزاھلار» ( پارىژ ، 1950 – يىلى نەشرى ، 229 – ئىزاھ ) دا « ئوتتۇرا ئەسىردە < ئەگەشمەك > مەنىسىدىكى پېئىل پەقەت نىڭ نىسبەتەن كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى شەكلىدىن ئىبارەت ، بۇ پېئىل ئۇيغۇر تىلى ۋە خاقانىيە تىلىدا ئاشۇ شەكىلنى ئالغان ( تەخمىنەن 13 – ئەسىرنىڭ ھارپىسىغىچە < ئىباتۇل ھەقايىق > تا ساقلانغان) » دەپ كۆرسىتىلدى . ئەپسۇسكى، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ناملىرى ھەمىشە مەلۇم مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدىغان مەزكۇر ئالىم دەرھال بۇ خىل زىددىيەتلىك ئەھۋالدىن قۇتۇلىدىغان يول ئىزدەشكە باشلىدى . ئەمما بروككېلماننىڭ مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «دىۋان» ىغا ئىشلىگەن ئىندېكىسىدە : «مەھمۇت قەشقەرى < .... غا \ قا ئەگەشمەك > مەنىسىدىكى < uy-> سۆزىنى خاتىرىگە ئالغان ، يەنە كېلىپ بۇ شەكىل < ud-> پېئىلى غا ئۆزگىرىپ كەتكەن تۇرپان رايونىدىكى كېيىنكى ۋاقىتلارغا خاس دېئالىكىتقا ئوخشىمايتتى ، شۇڭا <ئۇيغۇر > نامى غەربىي شىمال دېئالىكىتلىرىنىڭ بىرىدە پەيدا بولغان ، دېيىشكە بولىدۇ » دەيدىغان خاتا يەكۈننى چىقىرىپ قويدى . ئىككى خىل ئامىل ئۇنىڭ مۇشۇنداق خاتا يەكۈن چىقىرىپ قويۇشىغا سەۋەپ بولۇپ قالغان : بىرى ، بروككېلماننىڭ خاتىرىسى پۈتۈنلەي خاتا ئىدى . ئۇ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەندە بۇ سۆزنى ol méning birle: uya:ka:b ol نىڭ ( يەنى «ئۇ مەن بىلەن بىر قورساقتىن چۈشكەندەك يېقىن تۇغقان ») دېگەن جۈملىنىڭ تەرجىمىسىدىن ئالغان ئىدى ( بېسىم ئاتالاي ، 3 – توم ، 146 – بەت ) . ئاتالاينىڭ ئەسىرىدە (1-توم 85 – بەت ) «قېرىنداش ، تۇغقان» دەپ تەرجىمە قىلىنغان uya»» سۆزى ئىسىم بولۇپ ، «ئەگەشمەك» دېگەن مەنىدىكى « ud-» سۆزى بىلەن ھېچقانداق ئېتمولوگىيەلىك باغلىنىشچانلىققا ئىگە ئەمەس . ئىككىنچىسى، « ud-» سۆزى تۇرپان دېئالىكىتلىرىدىلا ئەمەس ، قەدىمدىكى تۈركىي تىللارنىڭ ھېچقايسىسىدا ھەم 8 – ئەسىردىدىن كېيىنكى تۈركىي تىللاردىمۇ ئىشلىتىلگەن ئەمەس . تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى ، بۇ پىكىردىكى بايانلار زادىلا چەك بېسىپ تۇرالمايدۇ . شۈبھىسىزكى ، 11 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سېرىلاڭغۇ ئۈزۈك تاۋۇش « d» يوقىلىشقا باشلاپ ، كېيىنچە تۈركىي تىللاردا ئىستىمالدىن پۈتۈنلەي قالدى ؛ بۇنىڭ ئورنىغا كۆپىنچە ئەھۋالدا يېرىم سوزۇق تاۋۇش بولغان «y» كېلىپ ، بەزىدە جاراڭلىق سېرىلاڭغۇ ئۈزۈك تاۋۇش بولغان «z» ئىشلىتىلدى ، ئايرىم ئەھۋاللاردا بولسا پارتلىغۇچى ئۈزۈك تاۋۇش «d» ئىشلىتىلدى . دەرۋەقە ، 11 – ئەسىرگە كەلگەندە بىر قىسىم تىللاردا ، بولۇپمۇ ئوغۇز تىللىرى گۇرۇپپىسىدا «-d-» نىڭ ئورنىغا «-y-» ئىشلىتىلىدىغان بولدى ، ئەمما ئۇيغۇر تىلى بۇ تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەمەس . روشەنكى ، «ئۇيغۇر» نامى ئۆز – ئۆزىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتايدىغان ، ئۆزلىرى ۋە باشقىلار «ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتايدىغان تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقنىڭ ئىچىدە بارلىققا كەلگەن ئىدى . بۇ خىل تىلنىڭ ئۇلارنىڭ پۈتكۈل تارىخىدىكى ئىستىمالىدا پارتلىغۇچى ئۈزۈك تاۋۇش بولغان «-d-» ئىزچىل ھالدا ئۆز خاراكتېرىنى ساقلاپ قالغان . ئەمما ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئېتنىك مەنبەدىن ، دەپ قارىلىۋاتقان گەنسۇدىكى يۇغۇرلار ( سېرىق ئۇيغۇرلار ) نىڭ تىلىدا «-d-» تاۋۇشى «y» تاۋۇشىغا ئۆزگەرمەستىن ، «--z» غا ئۆزگىرىپ كەتكەن . ئۇلارنىڭ تىلىدا «ئەگەشمەك» دېگەن مەنىدىكى «ud» سۆزى ئىستىمالدىن قېلىپ ، «ud:-» ( بېرىپ ئۇخلىماق ) سۆزى «uzu» بولۇپ قالغان ( س. ي . مالوۋ: «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى » ئالماتا ، 1957 – يىلى نەشرى ، 129 – بەت) .
راشىدىننىڭ ئېتمولوگىيەسى مانا مۇشۇ نۇقتىدىن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ . چۈنكى ، ئۇيغۇرلار ئۆز نامىنى قوللانغان ۋاقىتتا «ئەگەشمەك» سۆزى «uy-» دەپ ئوقۇلمايتتى . شۇنداقلا قەدىمكى تۈركچىدىكى پېئىللاردا بۇ سۆزنى ياساپ چىققۇدەك باشقا ھەرقانداق شەكىلدىكى سۆزمۇ يوق ئىدى . شۈبھىسىزكى ، ئۇ سۆز «-o:y» (ئويماق ، مەسىلەن ، قوغۇننىڭ ئۇرۇقىنى ئويۇپ ئېلىۋەتمەك) دىنمۇ كېلىپ چىقمىغان ؛ ھەممىگە مەلۇم بولغان باشقا شەكىلدىكى بىردىن – بىر پېئىل سۈپىتىدە «uy-» ( سىلىماق ) نى كۆرسىتىش مۈمكىن . «سىقماق» بولسا قەشقىرىنىڭ تىلىدا ( ئاتالاي ، 1-توم ، 176 – بەت) كىشىنى گۇمانغا سالىدىغان ياسالما شەكىلدە «-uv» دەپ يېزىلغان . بۇ خىل ياسىلىش شەكلى ياكى باشقا خىل ياسىلىش شەكىللىرىنىڭ بىر قاتار نۇسخىلىرى ھازىرقى زامان تىللىرىدا ، مەسىلەن ، ئوسمانى تۈركچىسىدە «-og/ov » شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان . ناۋادا «ئۇيغۇر» نامى ھەقىقەتەنمۇ پېئىل «uy-» دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولسا ئۇ ھالدا بۇ پېئىل 8 – ئەسىرگە كەلگەندە ئىستىمالدىن قالغان بولىدۇ ، بىزنىڭ ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىشىمىزگىمۇ ئىمكانىيەت قالمايدۇ .
دەرۋەقە ، بۇنداق بولغاندا 8 – ئەسىردىن كېيىنكى مەزگىللەردە تۈرك تىلىدىكى مۇقىم بولغان پېئىل ئارقا قوشۇمچىسى ghur/-gür»- » مەۋجۇت ئىدى ، دېگەن قاراشمۇ گۇمانلىق بولۇپ قالىدۇ . تۈركىي تىللاردا بۇ خىل ئارقا قوشۇمچىلارنىڭ ئىزلىرى مەۋجۇت ئەمەس ، ئۇيغۇر تىلى ، خاقانىيە تىلى ، قىپچاق تىلى ، ئوغۇز تىلى ۋە موڭغۇل ئىستىلاسىدىن ئاۋالقى تۈركىي تىللارنىڭ ھېچقايسىسىدىمۇ بۇخىل ئارقا قوشۇمچە بولغان ئەمەس . ئۇ پەقەت چاغاتاي تىلىدىلا كۆزگە چېلىقىدۇ . شۇڭلاشقا بىز راشىدىننىڭ «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيەسى ھەققىدىكى پىكرىگە قاراپ ، ئۇنىڭ بۇ سۆزنى 14 – ئەسىردە بىلگەنلىكىنى قىياس قىلالايمىز . مۇھەممەد مەھدىخان ئۆزىنىڭ«مەبانىل لۇغەت» دېگەن ماۋزۇدا «ساڭلاخ» قا يازغان گىرامماتىكىلىق شەرھىسىنىڭ 1-كىتاپ (مابنە) 4 – بابىدا «ئىسمى فائىل» ( ھەركەتنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم ) ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىدۇ . مەزكۇر ئەسەر ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، بىرىنچى قىسمى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
A : قائىدىلىك ئارقا قوشۇلغۇچىلار:
1) - غۇچى \ - گۈچى
2) – چى \ چى . بۇلار كۆپىنچە پېئىل ياكى ئىسىمدىن كەلگەن بولۇپ ، مۇناسىپ ھالدا تۈرك تىلىدىكى ئومۇمىي ئىسىملارنىڭ ھەركىتىنى بىلدۈرىدىغان ئارقا قوشۇمچىلاردۇر .
B : قائىدىسىز ئارقا قوشۇلغۇچىلار :
1) – ئۇل \ ئۈل . دائىملىق موڭغۇلچە پېئىل ئارقا قوشۇلغۇچىلىرى( ئىسمى فائىل ) بولۇپ، كېيىنچە موڭغۇل تىلى ئارقىلىق چاغاتاي تىلىغا سىڭىپ كىرگەن .
2) – ئاغان\ ئېگىن . دائىملىق پېئىل ئارقا قوشۇلغۇچىلىرى بولۇپ ، دائىملىق ۋە تەكرار ھەركەتلەرنى بىلدۈرىدۇ .
3) – چاق \- چېك . پېئىل ئارقا قوشۇلغۇچىلىرى بولۇپ ، چاغاتاي تىلىدا ئېنىقسىز مەنانى بىلدۈرىدۇ .
4) – چى \ چى . پېئىل ئارقا قوشۇلغۇچىلىرى
ئىككىنچى قىسىم تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
A : قائىدىلىك ئارقا قوشۇمچىلار:
1) - ت . مۇنتىزىم تەسۋىرنىڭ ئېنىقسىز ئۆتكەن زامان سۈپەتداش ئارقا قوشۇلغۇچىسى .
2) – غان \ - گەن .سۈپەتداش ئارقا قوشۇلغۇچىلىرى بولسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە سۈپەتداش مەنىسىنى ئىپادىلىمەيدۇ .
:B قائىدىسىز ئارقا قوشۇلغۇچىلار :
1) : -غۇر \ - گۈر . تۆۋەندە يەنە ئايرىم بايان قىلىمىز .
2) – غۇن \ گۈن . كۆپ كۆرۈلىدىغان پېئىل ئارقا قوشۇمچىلىرى بولۇپ ، ھەردائىم دېگۈدەك ئۆتۈمسىز ياكى مەجھۇل خاراكتېرگە ئىگە . مەسىلەن ، «ئولغۇن» (پىشقان ، يېتىلگەن ) «ئول» ( پىشماق ) دىن كەلگەن ؛ «تۇتقۇن» (ئەسىر ، تۇتقۇن ) بولسا «تۇت» ( تۇتماق ) دىن كەلگەن .
يۇقۇرقى قائىدىسىز ئارقا قوشۇمچىلاردىن 1) ھەققىدە تۆۋەندىكىچە بايان كەلتۈرۈلىدۇ :« ئالدى بىلەن «ئۇچغۇر» ( ئۇچىدىغان ) ، «تىنغۇر» (تىنىدىغان ) ، «ئۆتگۈر» ( ئۆتىدىغان ) ، «ئويغانماغۇر» ( ئويغانمايدىغان) قاتارلىق سۆزلەر [ ئەڭ ئاخىرقى مىسال «ئويغانماغۇر» نەۋائىنىڭ ئەسىرىدىن ئېلىنغان ] دىكى «-غۇر \ گۈر» قاتارلىقلار خۇددى بىرىنچى باپ «ئىسمى مەستەر» دە كۆرسىتىلگەندەك (فاكسىمىل 7 – ياپراق، 9 –قۇر ) بەزى سۆزلەردە ئۇلارنىڭ سۆز مەنىسى ئۇنىڭ ھەركەت ئىسمى بىلەن بولغاندىكى مەنىسى بىلەن ئۆزئارا ماس كېلىدۇ » .
بۇ باپتا يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان ئارقا قوشۇمچىلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ «چىقغۇر» ۋە «تىنماغۇر» نى مىسال قىلغان ھالدا چۈشەنچە بېرىلگەن ؛ ئىككى جايدىكى نەقىل بىردەك نەۋائىنىڭ ئەسىرىدىن ئېلىنغان ( فاكسىمىل ، 5 – ياپراق ، 9- قۇر ) .
«ساڭلاخ»تا نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆزلەردىن بەزىلىرى ئادەتتىكىگە ئوخشاش مەلۇم دەرىجىدە شەكلى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ ، يەنىلا ساقلىنىپ قالغان . مەسىلەن ،«ئۇچغۇر» سۆزى جەنۇبىي سىبىرىيىدەكى ئالتاي دېئالىكتى ، تېلېئوت دېئالىكتى ۋە بارابىن دېئالىكتىدا ( رادلوۋ : «لۇغەت» 1-توم ، 1730 - ، 1740 – بەتلەر) ، قازاق تىلى ( 1- توم ، 1905 – بەت) ۋە قازان تاتارچىسىدا ( 1-توم ، 1329 – بەت) يەنىلا «ئۇچغۇر» شەكلىدە ساقلانغان . بۇ دېئالىكىتلاردا يەنە «ئۆتكۈر» سۆزى مەۋجۇت . شۇڭا يۇقۇرقى تىللاردا «- غۇر \ - گۈر » ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھېچقانچە شۈبھىلىك ئەمەس ، گەرچە ئۇ ھەرقاچان ئاكتىپ ھالدا يېڭى سۆزلەرنى ياساپ چىقالمىسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ مەنبەسىنى بەك يىراقتىن ئىزدەشكە بولمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنى خۇددى« - ئۈل \ ئۇل ، -گۈل\ غۇل» گە ئوخشاش موڭغۇلچە ئارقا قوشۇمچە شەكىللىرى بولۇشى مۈمكىن ، دەپ گۇمان قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق . بۇ ئارقا قوشۇمچە شەكىللىرى چاغاتاي تىلى ۋە باشقا تىللارغا سىڭىپ كىرىپ ، بۇ تىللاردا موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدىكى كۆپلىگەن موڭغۇلچە سۆزلەرنى ۋە ئارقا قوشۇمچە شەكىللىرىنى پەيدا قىلىپ قويغان . شۇڭا بۇلار ساپ تۈركچە ئارقا قوشۇلغۇچىلار سىستېمىسىنىڭ تەركىۋى قىسمى بولالمايدۇ .
«ئۇيغۇر » سۆزىنىڭ ھېچقاچان ئىلگىرى ئۇنىڭغا بېرىلگەندەك ئېتمولوگىيەلىك مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ باقمىغانلىقىنى شەرھىلەش – بۇ سۆزنىڭ بىرەر ئېتمولوگىيەلىك مەنىگە ئىگە ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، ئەكسىچە بىزنىڭ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىگە بولۇشى مۈمكىن بولغان مەنىلەرنى ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە پايدىلىق .
بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشتىن ئاۋال ، تۈركچە خاس ئىسىملار توغرىسىدىكى پۈتكۈل مەسىلىلەرگە قىسقىچە نەزەر سېلىپ ئۆتۈش پايدىلىقراق بولۇشى مۈمكىن . بۇ يەردە جۇغراپىيەلىك تېرمىنلارنى ( توپونومىيەلەرنى ) تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈم يوق ، چۈنكى ئۇ ئۆزئارا زىددىيەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ : Yangi Baliq ( يېڭى شەھەر) قا ئوخشاش بىر قىسىم شەھەر – قەلئەلەرنىڭ نامى تۈركچە مەنىلەرگە ئىگە ، ئەمما « بالاساغۇن» دېگەندەك شەھەر ناملىرى ، «تۇغلا» ۋە «سېلىنگا» دېگەندەك دەريا ناملىرىنىڭ ھېچقانداق تۈركچە مەنىسى يوق ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈركچە سۆز ئەمەس . دەرۋەقە ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇۋا مەڭگۈ تاشلىرى ( ئادەتتە «يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) دىن كەلگەن بولۇپ ، قىرغىز لەشكىرىي ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇشى مۈمكىن، دەپ قىياس قىلىنىۋاتقان بۇ ئابىدىلەر9 – ئەسىرگە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلارغا تەۋە . مەيلى قانداق بولسۇن ، بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئادىتى بويىچە يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارغا ئىسىم قويۇلىدۇ ، ئۆسمۈرلەر بالاغەتكە يەتكەندە بولسا «ئەر ئاتى» دېيىلىدىغان يەنە بىر ئىسىم قويۇلىدۇ . بۇ ئىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىزگە نامەلۇم ، ئەمما بىرلا قاراشتا كۆزگە چېلىقىدىغىنى« ئەر ئاتى» نىڭ «سۈت ئاتى»غا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىكەنلىكىدۇر . بەزى تۈركىي جامائەلەردە بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانىسى ياكى ئاتىسى سۆزلىگەن بىرىنچى جۈملىنىڭ بىرىنچى سۆزىنى بوۋاققا ئىسىم قىلىپ قويۇشتەك كىشىنى ھەيراق قالدۇرىدىغان شەكىلدىكى ئىسىم قويۇش ئادەتلىرى مەۋجۇت بولغان . شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى ، ئەرلەر قاغان بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمىنى (ياكى ئەر ئاتىنى ) ئىشلەتمەيتتى ،بەلكى قاغانلىق نامىنى قوللىناتتى . تۈرك قەبىلىلەر جەمىيىتىدىكى يۇقۇرى قاتلام ئەزالار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرىۋالغان ۋاقىتتىمۇ شۇنداق قىلاتتى. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىسمى دائىم دېگۈدەك ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلەتتى: 1) قەبىلە ياكى ئۇرۇق (جەمەت) نامى ؛ 2)ئۆز نامى ۋە ئاتاق نامى ؛3) يەرلىك ئاتاق نامى ( مەسىلەن، « تارقان» ياكى «چۇر») ياكى يات ئەلچە ( خەنزۇچە) ئاتاق نامى (مەسىلەن،«چىگىشى» )
نۆۋەتتە بىز ئىگىلىگەن مەنبەسى ئوخشاش بولمىغان كۆپلىگەن تۈركچە خاس ئىسىملارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم كىشى ئىسىملىرى بار ، بۇ كىشى ئىسىملىرىنى ئىستىمال قىلىدىغان خەلقنىڭ تىلىدىن بۇ ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى تېپىشقا بولىدۇ . مەسىلەن ،«Aq bars» ( ئاق يولۋاس) ، «Ay demir»( ئاي تېشى) ، «Ay dodi» ( ئاي چىقتى ) قاتارلىقلار . بۇ ئىسىملارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئېھتىمال ئاي چىقىۋاتقان مەزگىلدە تۇغۇلغان بوۋاققا قويۇلغان بولۇشى مۈمكىن . ئەمما ، مەنىسى ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك بولغان بۇ ئىسىملاردىن باشقان يەنە بىرقىسىم خاس ئىسىملارنى ، بولۇپمۇ بىز ئىگەللىگەن ماتېرىياللاردىكى دەسلەپكى ئىسىملارنى ئۇنداق ئوڭاي يەشكىلى بولمايدۇ . مەسىلەن ، ئەڭ دەسلەپكى تۈرك قاغانلىرىدىن بولغان «Bumin» ۋە «Estemi» قاتارلىقلارنىڭ ئىسىملىرى ئەمىلىيەتتە ئېتمولوگىيە نۇقتىسىدىن ئالغاندا بىردەك قەبىلە ناملىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە .
ھەرقانداق بىر تىلدا قەبىلە نامى خاس ئىسىملار ۋە فامىلە بىلەن بىرلىكتە ئەڭ قەدىمىي ئامىللاردىن ھېساپلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى شەكىل جەھەتتە «مۇقىم»لىققا ئىگە بولىدۇ . شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئىسىملار ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەسلى شەكلىنىڭ مۇقىملىقى شۇ ۋاقىتتىكى تىلدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئادەتتىكى سۆزلەملەردىنمۇ بەكرەك مۇقىم بولىدۇ . چۈنكى ، بۇلار ھەر دائىم ئىشلىتىلگەنلىكتىن فونېتىكا ۋە سېمانىتىكا ( سۆز مەنىسى –ت) جەھەتتىكى ناھايىتى ئاستا ، ئەمما ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈش ئاساسىدا ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ . تۈركىي تىللارغا خاس ئەڭ دەسلەپكى بىرقەدەر چوڭ ھەجىملىك قالدۇقلار مىلادىيە 8 – ئەسىرگە تەۋە بولۇپ ، يەنە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئىشلەنگەن تۈرك قەبىلە ناملىرىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ھەققىدىكى دەسلەپكى تېكىستلەردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ . بۇلار بولمىغان ھالەتتىمۇ بىز ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىل شەكىلدە مۇشۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى مەۋجۇت بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيمىز . شۇڭا ماڭا 8 – ئەسىردىكى تۈركچە ئاددىي سۆزلۈكتىن مۇشۇ ناملارنىڭ «مەنىسى»نى يېشىشكە ئۇرۇنۇشىمىز ئازراق يەڭگىلتەكلىك بولۇپ كەتكەندەك بىلىنىۋاتىدۇ . سەل كېيىنكى تەرەققىيات باسقۇچىغا تەۋە تىللاردا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ . ئاز – تولا ئويلىنىپ كۆرسەكلا ھازىرقى زامان ئېنگلىز تىلى ۋە ھازىرقى زامان فرانسۇز تىلىدىكى مۇقىم ناملار ۋە فامىلىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ مەنىسى يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە بولىدۇ . « Smith» ئەپەندى ئىسىملىك بىرەيلەن بار ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى . ئۇنىڭ جەمەتى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان پاكىتلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ناھايىتى قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئەجدادلىرىدىن بىرەيلەن تۆمۈرچى بولغان بولسۇن ، بىزنىڭ ئۇنى پائۇل دەپ ئاتىشىمىز ياكى پېللىئوت دەپ ئاتىشىمىزدىن قەتئىنەزەر فرانسۇز تىلىدا بۇنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق ؛ خۇددى شۇنىڭدەك ھازىرقى زامان ئېنگلىز تىلىدا جېرارد ياكى كلاۋسۇن دېگەن ئىسىملارنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق . ئەمما ، ھازىرقى ياۋروپا كىشى ئىسىملىرىنى تەتقىق قىلغاندا ئەگەر بىز بۇ ئىسىملارنىڭ ئۆتمۈشىنى يىلتىزىغا قەدەر سۈرۈشتۈرەلىسەك ، ئۇ چاغدا ئۇلار سۆز قوبۇل قىلغان چەتئەل تىللىرىدىن ( لاتىن تىلى ، گېرىك تىلى ياكى قەدىمكى ئىبراي تىلى بولۇشى مۈمكىن ) شۇ سۆزلەرنىڭ مەلۇم مەنىسىنى تېپىپ چىقىشقا بولىدۇ . مەسىلەن ،«پائۇل» نىڭ يىلتىزىنى لاتىن مەنبەلىرىدىن تېپىش مۈمكىن ؛ شۇنداقلا ئېنگلىزلاردىكى فامىلە بولغان «فابېر» سۆزىنىڭ لاتىن تىلىدىكى «faber» ( تۆمۈرچى ) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن . ئەمما تۈرك تىلىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ ، چۈنكى بۇ ھەقتە 8 – ئەسىردىن ئاۋالقى ، 6 – ئەسىردىن ئاۋالقى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بالدۇرقى ۋاقىتلاردىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتى يوق ( ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئەھۋاللارنى پەقەت يات رايونلار مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپلا تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ ) .
بۇنىڭدىن قارىغاندا مەنىسى ناھايىتى ئېنىق بولغان قەبىلە ناملىرىغا دائىر رېئال ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەستەك قىلىدۇ . خۇددى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن تارتىپلا ھەممىگە مەلۇم بولغان تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ناملىرىدىن « قاڭلى» نىڭ مەنىسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ ، بۇ سۆزنىڭ ئارقا قوشۇمچىسى«- لىغ» ئىدى . ئەمما ، بۇ سۆزدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈزۈك تاۋۇش يوقالمىغانلىقتىن ، بۇ سۆزدىكى ئىككىنچى بوغۇمنىڭ ئىگىلىك سۈپەت ئارقا قوشۇمچىسى بولۇش ئېھتىماللىقىنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك . SPAWنىڭ 1932 – يىللىق سانىدا ۋ . باڭ ۋە رەشىد رەھمەتى ئارات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھەمدە دۆلەتلىك كۈتۈپخانىنىڭ تۈركچە قوليازمىلار بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان (277 بەتلىك ) ئوتتۇرا ئەسىردىكى ( 13 – 14 – ئەسىرلەر) سىرلىق تېكىست بولغان «ئوغۇزخان رىۋايىتى» دە قەبىلە نامىنىڭ ئېتمولوگىيەسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان باشقا بىر ئەھۋال تىلغا ئېلىنىدۇ . مەزكۇر ھېكايىدە ( 277 – قۇر ) بىر ئادەمنىڭ ئات ھارۋىسى («قانغا») ياساپ ئىشلەتكەنلىكى ، بۇنىڭ بىلەن ئوغۇزقاغاننىڭ «قانغالۇغ» دەپ ئاتىغانلىقى ، يەنى «قاڭلى» دەپ ئاتىشى بارلىققا كەلگەنلىكى ، شۇنداقلا بۇنىڭ شۇ كىشىنىڭ ۋە شۇ كىشى تەۋە قەبىلىنىڭ نامى بولۇپ قالغانلىقى سۆزلىنىدۇ . بۇ ھېكايە پروفېسسور Marquart تا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغان ( فامىلە ئېتمولوگىيەسىگە شۇنچىۋالا كىرىشىپ كەتكەن ئالىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا فامىلىلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىشكە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى فامىلىسىنى Markwart قا ئۆزگەرتكەن ) . ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتۈپ :« بۇ ئېھتىمال ئىشەنچلىك ھېكايە بولسا كېرەك» دېگەن ئىدى ( «كۇمان تىلى ھەققىدە » -- ۋ . باڭ ۋە ماركۋارت ، «شەرقىي تۈرك دىئالىكتلىرى ھەققىدە تەتقىقات» 163 – بەت . ئا . ك . گ . ۋ . گۇتتىنگىن ، بېرلىن ، 1914 – يىلى ) . ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى ، ئەڭ دەسلەپكى بۇ تېكىستتە «ئات ھارۋىسى» دېگەن مەنا «قانغا» دەپ ئىپادىلەنگەن . بىرقەدەر قەدىمىي تىللاردىن ئۇيغۇر تىلى ، خاقانىيە تىلى ، چاغاتاي تىلى ۋە قىپچاق تىلى قاتارلىق تىللاردا «قاڭلى» سۆزى قەبىلە نامىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇلار ھەرقاچان ئات ھارۋىسى ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە مال – مۈلكىنى توشۇيدىغانلىقى ئۈچۈن خەنزۇلار ئەڭ دەسلەپكى قەبىلىلەر ئتىپاقىنى «گاۋچې» ( ئىگىز ھارۋىلىقلار) دەپ ئاتىغىنىغا ئوخشاش بۇ قەبىلىنىڭ نامىمۇ ئەنە شۇنداق پەيدا بولغان ، دەپ قارىلىۋاتىدۇ . ئېھتىمال ئات ھارۋىسىنىڭ «قاڭلى» دەپ ئاتىلىشى « قاڭلى» نامىدىكى قەبىلىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ھارۋىنى تۈرك جەمىيتىگە ئېلىپ كىرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ مۈمكىن . ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇ خىل ھارۋىنىڭ بايقىلىشى تۈركلەر ياشىغان دەۋردىنمۇ بالدۇر ئىدى . مەسىلەن ، مىلادىيە 4 – ئەسىردە ئىرانلىقلار ئالتاي رايونىدا ئىشلەتكەن مۇشۇ خىل ھارۋا پازىرىق قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان بولۇپ ، ھازىر لېنىنگرادتىكى ئېرمىتاژ مۇزىيىدا ساقلانماقتا . شۇڭا يۇقۇرىقى پىرىنسىپ بويىچە ئات ھارۋىسىغا ئىسىم قويۇش پۈتۈنلەي قائىدىگە ئۇيغۇن . بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىمدا ئاپتوموبىل تېخى پەيتۇننىڭ ئورنىنى ئىگىلىمىگەن بولۇپ ، مەن ئولتۇرۇپ باققان پەيتۇنلار پەيتۇندا ئولتۇرغۇچىلارنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ قوش كىشىلىك تۆت چاقلىق ھارۋا (brougham) ، قوش چاقلىق يېنىك ھارۋا (hansom) ، پەيتۇن (phaeton) ۋە قوش كىشىلىك يېنىك ھارۋا (victoria) قاتارلىق تۆت دەرىجىگە ، جۇغراپىيەلىك رايونلار بويىچە ھەشەمەتلىك ئات ھارۋىسى (coach) ، لاندۇ ھارۋىسى (landau) ۋە لاندالېت(landaulette) قاتارلىق ئۈچ خىلغا بۆلۈنەتتى . تۆت چاقلىق ھارۋىلاردىن ئۈچ خىلىنىڭ تەسۋىرىي خاراكتېرلىك نامى بار ئىدى : پۇرژىنلىق تۆت چاقلىق ھارۋا (four-wheeler) ، ئارقا ئورۇندۇقىدا ئىت بىلەن بىللە ئولتۇرغىلى بولىدىغان ئىگىز چاقلىق يېنىك ھارۋا (dog cart) ۋە قوش چاقلىق يېنىك ئات ھارۋىسى (governesscart) . بۇلاردىن ئاخىرقى ئىككىسىنىڭ باھاسى تولىمۇ تۆۋەن بولۇپ ، جەمىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرى ئوخشاشلا ئولتۇرالايتتى ، يەنە ئىككى خىلىنىڭ چەتئەلچە نامى بار ئىدى : تۆت كىشىلىك پۇرژىنلىق تۆت چاقلىق ئات ھارۋىسى ( barouche ) ۋە ئىجارىگە بېرىلىدىغان يېنىك ئات ھارۋىسى (cab cabriolet) ؛ پەقەت ئىككى خىل ھارۋىنىڭ ئىسمىلا ساپ قەدىمىي ئېنگىلىزچە بولغان ئىدى : يۈك ھارۋىسى ( قوش چاقلىق ياكى تۆت چاقلىق ، ( cart ۋە يېرىم پۇرژىنلىق تۆت چاقلىق ھارۋا (wagon) .
پېللىئوت ئۆزىنىڭ « ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تارىخىغا ئىزاھلار» ناملىق ئەسىرىدە ئالدىنقى كۆزقاراشنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ نامىنىڭ مەنىسىنى يېشىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئۇنىڭ قىياسى يەنىلا كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ . يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان قائىدە بويىچە مەن بۇ خىل كۈچەشنى بىھۇدە ئۇرۇنۇش ، دەپ قارايمەن . ئەمما بۇنداق دېگەنلىكىم بۇ خىل ناملارنىڭ ئېتمولوگىيەسىنى تەتقىق قىلغانلىق بىھۇدە ۋاقىت سەرپ قىلغانلىق ، دېمەكچى ئەمەسمەن . خۇددى باشقا تىللارغا ئوخشاش تۈركىي تىللارمۇ توختاۋسىز رەۋىشتە راۋاجلىنىپ ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان جانلىق ئورگانىزىمدۇر . بىز ئىگىلىگەن ماتېرىياللاردىكى ئەڭ قەدىمكى تىل شەكىللىرىدىن ئادەتتىكى سۆزلۈكلەر ۋە سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان ئارقا قوشۇلغۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ھاسىل بولغان سۆزلەرنى چىقىرىۋەتكەندە قېلىپ قالغان بىر قاتار ئاساسلىق سۆزلۈكلەردىن قۇراشتۇرۇلغان سۆزلەر ( ئىسىم ياكى پېئىللار ) ۋە ئۇلارنىڭ ئارقا قوشۇلغۇچىلىرى ئۇ ۋاقىتلاردا ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى ؛ بەزى سۆزلەر سىرتتىن كىرگەن ئارقا قوشۇلغۇچىلاردىن تۈزۈلگەن بولغاچقا ئارقا قوشۇلغۇچىسى يوق ئەھۋالدا ئىستىمالدىن قالغان ؛ يەنە بەزى ئايرىم سۆزلەر ئاساسلىق سۆزلۈككە ۋە ئارقا قوشۇلغۇچىلارغا تايىنىش ئارقىلىق ياسالغان بولسىمۇ تىلدىكى باشقا شەكىللەرنىڭ ماسلىشىشى ئارقىلىق مەيلى ئاساسلىق سۆزلۈك قىسمى بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئارقا قوشۇلغۇچىسى بولسۇن ھېچقايسىسى ئىشلىتىلمەيدىغان بولغان . ناۋادا مەنىسىنى يوقاتقان قەبىلە ناملىرى ۋە خاس ئىسىملارمۇ ئاشۇ خىل مورفولوگىيەلىك خاراكتېرگە ئىگە دەپ قارالسا ، ئۇ ھالدا ئاساسلىق سۆزلۈكلەرگە ئوخشاش كۆپلىگەن كۆپ بوغۇملۇق ۋە نۇرغۇنلىغان جۈپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ دەسلەپ ئادەتتىكى ئومۇمىي ئىسىملار بولغان ۋە ئىلگىرىكى مەلۇم دەۋرلەردە ئۇلارنىڭ مۇئەييەن مەنىلىرى بولغان بولىدۇ . ئەپسۇسكى ، 8 – ئەسىردىن ئىلگىرىگە تەۋە بولغان ئومۇمىي ئىسىملار ئاللىقاچان كونىراپ ، مەنىسى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىلدى ، ساقلىنىپ قالغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قوشما سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەڭ دەسلەپ ئارقا قوشۇلغۇچىسى بار بولغان ئاساسلىق سۆزلۈكلەر ( ئىسىم ياكى پېئىل ) بولدى . يەنە شۇنداقمۇ مۈمكىنچىلىك بولدىكى ، بەزى خاس ئىسىملار ئومۇمەن خاس ئىسىم بولۇپلا ئىشلىتىلدى ، ھېچقاچان ئومۇمىي ئىسىم ( تۈرداش ئىسىم ) مەنىسىنى ئىپادىلىمىدى ، ئەمما ئارقا قوشۇلغۇچىنىڭ قايسى ۋاقىتتا پەقەت خاس ئىسىملارغىلا ئىشلىتىلگەنلىكىنى قىياس قىلىش تولىمۇ مۈشكۈل. مورفولوگىيەلىك ئانالىز قىلغىنىمىزدا مۇنداق بىر ھادىسە يۈز بېرىدۇ : ئەگەر بىر قىسىم ئىسىملارنى ئاساسىي سۆزلۈك ( ئىسىم ياكى پېئىل ) ۋە ئارقا قوشۇلغۇچى قىلىپ ئايرىشقا بولسا ، ئۇ ھالدا دەسلەپكى تۈركىي تىللارنىڭ ئومۇمىي ئىسىملىرى ئارىسىدىن ھازىرغا قەدەر مورفولوگىيەلىك ئانالىزغا بويسۇنمايۋاتقان مۇشۇ خىلدىكى ئېلېمىنتلارنى تېپىشقا بولىدۇ ، ئەمما بۇ مەسىلە پەقەت شەكىل جەھەتتىنلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالىدى .
ئۇنداقتا ، تۈركولوگىيە ساھەسىدە بىز زادى قايسى نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىشىمىز لازىم ؟ ئۇ بولسىمۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا چەكلىك بولغان مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ ، تۈركىي تىللار مەسىلىلىرىگە قارىتا فىلولوگىيەلىك تەھقىقلەش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك . كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان فىلولوگلار كىلاسسىك تىللاردىن لاتىنچە ، گېرىكچە ، سانسىكىرىتچە ، ئىبرايچە ، ئەرەبچە ۋە باشقا تىللار ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزگەن بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر يورۇتۇپ بېرىشكە تېگىشلىك كۆپلىگەن مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا . بۇ تىللارغا سېلىشتۇرغاندا تۈركىي تىللار ھەققىدىكى تەتقىقاتنى تېخى ھېچقانچە قول تەگمىگەن بىر ساھە دېيىشكە تامامەن مۈمكىن . ئەمما تۈركىي تىللار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان كەسپى فىلولوگلارنىڭ سانى ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئاز بولماقتا . تىلدىكى ئاساسلىق سۆزلۈكلەر ئۆزى يېتەلەيدىغان ئەڭ دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ، كىشىلەر مۇشۇنىڭغا قارىتا تېخى تەپسىلى مۇھاكىمە ئېلىپ بارمىغان ۋاقىتتا بۇ مەسىلىلەر دىققەتتىن ساقىت بولۇپ كېتىشى مۈمكىن ، ئەمما كېيىنكى بىر – ئىككى ئەۋلات تۈركولوگلار ئاشۇ گادىرماش قەبىلە ناملىرى ۋە خاس ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن مەشغۇل بولماستىن ، تىرىك تىلنى تەتقىق قىلىشقا ، ئەسلى تېكىستكە بولۇپمۇ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى تېكىستلەرگە بولغان ئىزاھلارنى ئېلان قىلىشقا ،شۇنداقلا ھەرقايسى تىللاردىكى ئاساسلىق سۆزلۈكلەر ۋە گرامماتىكىنىڭ تارىخىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىشكە قادىر بولالىغان بولسا بىرقەدەر ئاقىلانىلىق قىلغان بولاتتى .


ئىزاھلار :


[1] ئۇيغۇر كىتاپخانىلىرىغا چەتئەل ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىدىدە تەھرىر ھەيئىتىمىز مەزكۇر توپلامدا ج . كلاۋسۇننىڭ ئېنگىلىز تىلىدا يېزىلغان « ئۇيغۇر » نامىنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى ماقالىسىنىڭ تەرجىمىسىنى ئېلان قىلىشنى زۆرۈر تاپتى . ئەسلىدىكى ماقالە ج . كلاۋسۇن نامىدا « ئۇيغۇر نامى » دېگەن ماۋزۇدا  « ئۇلۇغ بېرىتانىيە ۋە ئېرلاندىيە خان جەمەتىگە قاراشلىق ئاسىيا تەتقىقات جەمىيىتى ئىلمىي ژورنىلى » نىڭ 1963 – يىللىق 3-4 قوشما سانىنىڭ 140 – 149  - بەتلىرىگە بېسىلغان . ماقالىنىڭ ئېنگلىز تىلىدىن ئىشلەنگەن رۇسچە تەرجىمىسىنى م . ن . ۋېلىجانىنا تاماملىدى .

[2] بۇ ئىككى پېئىل ئەمىلىيەتتە مەنىداش بولۇپ ، « ئاسىيلىق قىلماق » ۋە « ئاسىي بولماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .  

[3]  بۇ يەردە ھەيران قالغۇدەك ھېچنەرسە يوق ،  ئۇنىڭ ئەسىرى ئېزىتقۇسىمان ئېتمولوگىيەلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن . مەسىلەن ، ئۇ موڭغۇل كىشى ئىسمى ياكى مەرتىۋە نامى بولغان

« ot çigin» نى تۈركچە « دۆلەت (ot) نىڭ كېنەزى ياكى پادىشاھى (tegin)  » دېگەن مەنىدە دەپ قارايدۇ . ئەمىلىيەتتە موڭغۇلچىدىكى <ot  > سۆزى <otqan> (كىچىكلەرنى كۆرسىتىدۇ ) يەنى « ئەڭ كىچىكى » دېگەن ئاساسلىق مورفولوگىيەلىك شەكىلدىن كەلگەن ( كوۋالىسكى : 390 – بەت) .  çigin بولسا تۈركچە tegin دىن كەلگەن .    

[4]  ئەمىلىيەتتە موڭغۇل تىلىدىكى ئوخشىمىغان دېئالىكىتلاردىن قوبۇل قىلىنغان بۇ خىل ئارقا قوشۇلغۇچىلارنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار : - ئۇل \ -ئۈل    ۋە – گۇل \ گۈل  . بۇلار بىر قىسىم تۈركىي تىللاردا – كۇل \ -كۈل شەكلىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن ۋە ئوخشىمىغان تۈركىي تىللاردا مەنىداش سۆزلەرنىڭ ئوخشىمىغان شەكلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان . مەسىلەن ، « ساڭلاخ » تا مىسال كەلتۈرۈلگەن<kara'ul> ( قاراۋۇل ) سۆزى ۋە ئوسمانىي تۈركچىسىدە ساقلىنىپ قالغان karakol سۆزىدىكى 3 – سوزۇق تاۋۇشتا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش ئېھتىمال kara ( قارا ) غا  kol (قول) نىڭ قوشۇلىشىدىن كەلگەن دەيدىغان ئاشۇ خىلدىكى ئېزىتقۇسىمان ئېتمولوگىيەلىك چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغان بولسا كېرەك . 

[5] بۇ يەردە ئاپتور ئېھتىمال تىرىك تىللاردا ئەمەس ، بەلكى ئاللىقاچان ئۆلگەن « كىلاسسىك تىل » نى تەتقىق قىلىدىغان كۆپلىگەن چەتئەل فىلولوگلىرىنى كۆزدە تۇتسا كېرەك ( تەھرىردىن ) .

 

 ( « چەتئەل تۈركولوگىيەسى» (رۇسچە) نىڭ 1995 – يىللىق 3 – توپلامىدىن قۇربان تۇران تەرجىمىسى )
بۇ ماقالە پەقەت ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورىغىلا مەنسۇپ، قالايمىقان كۆچۈرمەڭ ۋە باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماڭ.
1som
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
Posted: 2008-02-13 03:49 | [ئاپتور]
iltebir
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

چەتئەللىكلەرنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولىدىكەن دىسە، بىزدىمۇ تەتقىقاتتا مۇشۇنداق مېتودى شەكىللەنگەن بولسا نىمە دىگەن ياخشى ھە.
1som
Posted: 2008-02-14 18:25 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » رىۋايەتلەردىكى تارىخ

Total 0.054581(s) query 4, Time now is:02-15 08:11, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation