نۆۋەتتىكى تېما : خىرىستىئان دىنى ۋە ئۇيغۇرلار تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1145ـ كۆرۈرمىنى
Ghunche

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 1050
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 415
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە415دانە
شۆھرىتى: 426 نومۇر
پۇلى: 4250 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :295(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-11-22
ئاخىرقى : 2008-09-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 خىرىستىئان دىنى ۋە ئۇيغۇرلار

بۇ يازمىغا Yawuz دىن تاغدىن - باغدىن غا يۆتكەلدى (2008-02-13)

 


                خىرىستىئان دىنى ۋە ئۇيغۇرلار 


                              (قاھار بارات)


     خىرىستىئان دىنى مىلادى 4-ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسدە رەسمىي دۆلەت دىنى بولۇپ بەلگىلەنگەندىن باشلاپلا، ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەن. 334-يىلى خوراساندىكى مەرۋ، تۇس دېگەن يەرلەردە چېركاۋلار قۇرۇلغان، بۇدىن 6-ئەسىردە قارا شەھەردىكى يۇلتۇزنى پايتەخت قىلغان غەربىي تۇرك خانلىقىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن. شۇچاغدىكى رىم تارىخچىلىرىنىڭ خاتىرىلىردە تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ پىشانىسىدە كىرست بەلگىسىنىڭ بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ غەربكە ئەۋەتكەن ئەلچىلەرىنىڭ « پا-رىئارخ ئوغۇزخان»دېگەندەك ئىسىملارنى قولانغانلىقى يېزىلغان.
خىرىستئان دىنىنىڭ ئاسىياغا ئەڭ كەڭ تارقالغان مەزھىپى نىستروىيان دىنى ئىدى. 5- ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ، بۇ دىندىكىلەر پاباغا ئېتىقاد قىلماي، 2-دەرىجىلىك دىنىي بەرتىۋىگە پاترىئارخنى داھى قىلغان ھالدا مۇستەقىل دىنى جەمىئىيەتلەرنى قۇرغان. ھازىر مىنئەن موزېيىدا ساقىلىنۋاتقان سۇرىيىجە «نېستورىيان دىنىنىڭ جۇڭگوغا كىرىش خاتىرىس»دە كۆرسىتىلىشچە، نېستورىيان دىنى 635-يىلى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق پرسىيىدىن جۇڭگوغا كىرگەن. دېمەك، ئۇ ئالدى بىلەن شىنجاڭدىن ئۆتكە. بۇ خاتىرە خىرستىئان دىنىنىڭ جۇڭگوغا كىرگنلىكىگە دائىر ئەڭ بۇرنقى ھۆججەت ئېسابلىنىدۇ.
     خرستىئان دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كەڭ تارقالغان ۋاقتى 13-،14- ئەسىرلەر ئىدى. بۇ چاغدا بۇدىن خرستىئان، كاتولىك دېگەن ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلىنىپ كەتكەنىدى. رىم پاپاسىنىڭ بېيجىڭغا ئەۋەتكەن ۋەكىلى ئىتالىيىلىك مۇننى –كورىنونىڭ 1305-يىلى1-ئاينىڭ 8-كۈنى يازغان خېتىدە: «مورتلارنىڭ ئىنجىلىنى ئۆگىنىشىگە ئەپلىك بولۇشى ئۈچۈن ئالتە پارچە رەسىم سىزىپ چىقتىم. ئارقىسىغا لاتىنچە، تەرساچە ۋە پارىسچە تىللاردا چۈشەندۈرۈش يازدىم. ئۇنى ھەرقانداق تىلدا چۈشىنەلەيدىغان بولدى»دېيىلگەن. بەزى ئالىملار «تەرسا تىلى»نى ئۇيغۇر تىلى دەپ ئىزاھلايدۇ. 1338-يىلى رىم پاپاسى ئەۋەتكەن مارگىنوللى باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 1341-يىل قورغاستىكى ئالمىلىققا كېلىدۇ. مارگىنوللى ئۆزىنىڭ بىر پارچە خېتىدە: مەركىزىي ئېمپىرىيە (چاغاتاي )نىڭ پايتەختى ئالمىلىققا بارىدۇ. ئالمىلىقتا ئۇزۇن تۇردۇق ۋە يەر سېتىۋېلىپ بىر چىركاۋ سالدۇردۇق،بەزى ئادەملەرنى يۇيۇنۇش (دىنىغا قوبۇل قىلىش)تىن ئۆتكۈزدۇق. دىنىي ئاشكارە تەرغىپ قىلدۇق»دەپ يازغان. شۇچاغنىڭ داڭلىق ساياھەتچىسى ماركوپولوئۆز خاتىرىسىنىڭ 35-بابىدا،يەركەندە نېستورىئان مەزھىبى بىلەن جاكوبىت مەزھىبىدىكى خرىستىئانلار بار ئىكەن دەپ يازغان. ھازىر بىز كۆرىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇرچە «ئىنجىلنىڭ تەرجىمىسى، «سانىت گىئورگى تەزىيە نامىسى »قاتارلىق ئەسەرلەر ئەن شۇ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشلەرنىڭ مەھسۇلى. بەزىلەر «ئىزوپ مەسەللىرى»نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنمۇ خىرىستىئان دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارسىغا تارقىلىشى بىلەن باغلايدۇ. ئالىملىق، قەشقەر ۋە يەتتە سۇ رايونلىرىدىن خرىستىئان دىنغا ئېتقات قىلىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىست بەلگىلىك قەۋرە مەڭگۇ تاشلىرى چىقتى. بۇ مەڭگۇ تاشلاردىكى بىر ئومۇمىي ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۇلاردا قەدىمكى تۈركلەردىكى 12 مۈچەل بىلەن «ئالېكساندىر ماكىدونىسكى ئىراسى» تەڭ قولىنىلغان.
    نىستورىيان دىنىنىڭ ئەينى زاماندا ئاسىياغا كەڭ تارالغانلىقىنى پارىس، چاغاتاي خانلىقلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. 13-ئەسىردىكى نىستورىيان دىننىي ئارخىپىدا قەشقەر 19-رايون بولغان، ماركوپولو خاتىرىسىنىڭ 1-توم، 33-بابىدا قەشقەردە نىستورىيان مەزھىپىدىكى خرىستىئانلار ناھايىتى كۆپ، چېركاۋلىرىمۇ بار، سانى ئېنىق ئەمەس، دېيىلگەن. تۇرپاندىكى نىستورىيان چېركاۋىنىڭ خارابىسىدىن پاسخا بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى تەسۋىرلەنگەن رەسىم تېپىلغان.1253-،1255-يىللىرى بۇ يەرگە كەلگەن دىن تارقاتقۇچى ۋىليام روخبىروك: «ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە نىستورىستلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم» دەپ يازغان. دېمەك بىز يۇقىرىقلاردىن تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ خرىستىئان دىنىنىڭ نىستورىيان، خرىستئان، كاتولىك ۋە جاكوبىك مەزھەپلىرىنىڭ تەسرىگە ئۇچىرغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
     خرىستىئان دىنغا ئېتقاد قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا راببان بارسا ئۇما بىلەن ماركوس روشەن مىسال بولالايدۇ. ئۇلار 13-14 ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلاردىن چىققان خرىستىئان دىنىي ۋە دېپلوماتىيە ساھەسىدىكى مەشھۇ ئەربابلار دۇر.
     نېستورىيان دىنىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ۋەكىلى گۇۋا گيوسنىڭ يۇيۇشى بىلە خرىستىئان دىنىغا كىرگە ئۇيغۇر راببان بارسا ئۇما 1278-يىلى ئاغىنىسى بانىيەل ماركوس (ئۇيغۇر)بىلەن بىللە بېيجىڭدىن مۇقەددەس جاي ئېروسالىمغا قاراپ يول ئالىدۇ. ئۇلار سەنشىدىكى خۇجۇدىن ۋە تاڭغۇت يەرلىرىدىن ئۆتۈپ خوتەنگە بارغاندا(بەزىلەر لۈكچۈن دەيدۇ) ئۆز ئۇرۇق- تۇغقان، تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئۇ يەردىن چىقىپ قەشقەر، خۇراسان، تۇس، ئازەربەيجان قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ باغداتقا ماڭىدۇ. يولدا نېستورىيان دىنىنىڭ داھىسى پاترىئارخ ماردېنخا بىلەن ئۇچۇرشىدۇ. دېنخا ئۇلارغا مۇقەددەس جاي پەلەستىنگە بارىدىغان تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىدۇ. ئۇلار ئۇيەرگە بېرىپ ئاربېلا شەھىرىنىڭ يېنىدىى تارېل دېگەن يەردىكى سانىت مارمىكائېل چىركاۋىغا ئورۇنلىشىدۇ. 1280-يىلى دېنخا ئۇلارنى چاقىرتىپ كېلىپ، ماركوسنى خىتاي دۆلىتىگە باش ۋەكىل قىلىپ تەيىنلەيدۇ ۋە ئىسمىنى «يابالاخا»غا ئۆزگەرتىدۇ. ماركوس شۇ يىلى 35ياشتا ئىدى. بارسا ئۇمانى بولسا، باش تەپتىش قىلىپ تەيىنلەيدۇ. 1281-يىلى 2-ئاينڭ 24-كۈنى دېنخا باغداتتا ئۆلىدۇ. بۇ چاغدا يابالاخا (ماركوس) تېخى ماڭمىغانىدى. دېنخانىڭ ئورنىغا قويۇلىدىغان سايلامدا مۇڭغۇل تىلىنى پىششىق بىلىدىغان يابالاخا دىنىي داھى پاترىئارخ بولۇپ سايلىنىدۇ.
     1287-يىلى 8-ئايدا پىرىسىيە پادىشاھى ئارغون ياۋروپادىكى خرىستىئان دۆلەتلىرىنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ياۋروپا تىللىرىنى ياخىشى ئىگىلىگەن بارسا ئۇمانى پۈتۈن ياۋروپاغا باش ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. بارسا ئۇما كونىستانتىنپولغا بېرىپ ئاندىرىيوس 11نىڭ ئەتىۋارلىق مېھمانى بولىدۇ. بارسا ئۇما فىرانسىيىگە بارغاندا پادىشا فىلىپ پايىرنىڭ قىزغىن قارىشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. پارىژدىن گاسكونى شەھىرىگە بېرىپ ئەنگىليە پادىشاھى بىلەن كۆرىشىدۇ. ئۇ يەردىن قايتىپ رىمغا كېلىپ پاپانىكولاس Ⅳ بىلەن ئۇچرشىدۇ. ۋە بۇرۇنقى يولى بىلەن ئارغۇن پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا يېنىپ كېلىدۇ. بۇ ئككى ئۇيغۇر كېيىنكى ھاياتىنى دىنى ۋە دېپلوماتىيە ساھەسىدە ئەنە شۇنداق يۇقىرى شۆھرەت بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. بارسائۇما 1294-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى باغداتتا يابالاخا (ماركوس) 1317-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ماراغا شەھرىدە ئۆلىدۇ.
     ماركوسنىڭ ھاياتى ھەققىدە ھازىر چەت ئەلدە مەخسۇس كىتابلارمۇ چىقتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىق روھى، قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي ئالغا ئىلگىرىلىگەن ئاجايىپ ئىش –ئىزلىرى ۋە ياراتقان شانلىق نەتىجىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى ئۆلمەس شەخىسلەردىن بولۇپ قالدى.

مەنبە: جاھاننامە

[ بۇ يازما Ghunche تەرىپىدىن 2008-03-14 11:10 دە قاي ]
1som
| ۋاقتى : 2008-02-13 20:19 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 1145ـ كۆرۈرمىنى
Uyghur114

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 5277
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-19
ئاخىرقى : 2008-10-20

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

راببان سائومانى مەشھور دېڭىزچى، جىڭخېدىن بۇرۇن دېڭىز سەپىرى قىلغان دەپ ئۆرگەنگەندۇققۇ؟
1som
| ۋاقتى : 2008-10-19 12:51 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1145ـ كۆرۈرمىنى
artunga

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 5332
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-20
ئاخىرقى : 2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تەلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، مەن بىلىۋالدىم........
| ۋاقتى : 2008-10-20 14:10 2 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.095445(s) query 4, Time now is:10-26 08:18, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation