1- باپ ھۇنلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە
شەكىللىنىشى
ئېلىمىز تېررىتورىيىسىدىكى چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى يايلاق رايۇنلىرى ناھايتى قەدىمدىن تارتىپلا ئېلىمىز تارىخىدىكى شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سەھنىسى، شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز- ارا ئالاقە قىلىشىدىغان، جەڭ قىلىشىدىغان، قوشۇلدىغان سورۇنى ئىدى.
تارىخىي ماتېرىياللاردا خۇاڭدىنىڭ شۇنيۈلەرنى (ھۇنلارنى) شىمالغا قوغلىغانلىقى خاتىرلەنگەن①. خۇاڭدى جۇڭگونىڭ ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى دەۋرىدىكى ئەپسانىۋىي شەخس بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئالتە، يەتتە مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ياشىغان. بۇ مەلۇمات شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ناھايتى يىراق قەدىمكى زامانلاردىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خۇاشىيا مىللىتى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىدەك پاكىتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شىيا سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 22 ~ 18- ئەسىرلەر) شۈنيۈلەر (ھۇنلار) شىيا مىللىتى بىلەن قوشنا ئولتۇراقلاشقان ۋە زىچ ئالاقىدە بولغان. شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 22 ~ 18- ئەسىرلەر) گۇيفاڭلار (ھۇنلار) ئۇلارنىڭ كۈچلۈك دۈشمىنى بولۇپ قالغان. شاڭ پادىشاھى ۋۇدىڭ ئۈچ يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغان. غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 12- ئەسىردىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 771- يىلغىچە) شىيەنيۈنلەر (ھۇنلار) جانلىنىشقا باشلىغان. تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، شيەنيۈنلەر (ھۇنلار) داۋاملىق غەربىي جۇ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئىچكى رايۇندىكى خەلقلەرگە نۇرغۇن بالايىئاپەت ۋە ئازاپ ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈرگەن. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتىكى شائىرلار مۇشۇ ئىشلارنى تەسۋىرلەپ:
ئۆي- ماكاندى، ئائىلىدىن قالدۇق ئايرىلىپ،
دەھشەت سېلىپ كەلگلاەن ۋەھشىي ھۇنلار دەستىدىن.
يۈردۇق تىنماي كۆچكۈپ دائىم تېنەپ- تەمتىرەپ،
دەھشەت سېلىپ كەلگەن ۋەھشىي ھۇنلار دەستىدىن ②.
دەپ يازغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8- ئەسىردە جۇسۈەنۋاڭ كۆپ قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ شيەنيۈنلەر (ھۇنلار) نىڭ تاجاۋۇزچىلىرىغا تاقابىل تۇرغان ۋە «سۇفاڭ» دا قەلئە ياساتقان. شائىرلار ئەينى چاغدا شيەنيۈنلەرگە (ھۇنلار) تاقابىل تۇرۇغان ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ:
چۈشۈرۈپ بۇيرۇقنى ماڭا ئۇلۇغ خان،
شىمالىي چېگىرىغا سالدۇردىر قورغان.
ئاتاقلىق نەنجۇڭغا بولدىغۇ نېسىپ،
ھۇنلارنى قوغلانى بەرمەستىن ئامان③
دەپ يېزىشقان.
ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرلىرى ئارلىقىدا، بۇرۇنقى يۈنيۈ، گۇيفاڭ، شۈنيۈن قاتارلىق خەلقلەرنىڭ نامى تارىخ سەھپىسىدىن يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «رۇڭ» ۋە «دى» دېگەن ناملار ئالماشتى. بۇ «رۇڭ» ، «دى» لارنىڭ قەبىلىلىرى چوڭ- كىچىك بولۇپ يۈزدىن ئاشاتتى④. بۇلار ئۆزىچىلا پەيدا بولۇپ قالغان بولماستىن، بەلكى شيەنيۈڭ قاتارلىق خەلقلەرنىڭ (ھەم تارىختا ئىسمى كۆرۈلمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ) ئۇزۇن مۇددەت ئارلىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەنىدى. مىلەت نامىنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز- ئارا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، جۈملىدىن نۇرغۇن ئۇرۇق ياكى قەبىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، بىرلىشىشى، توپلىشىشى ۋە تارقىلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ «رۇڭ» ۋە «دى» لارنىڭ بەزىلىرى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا، يەنە بەزىلىرى چوڭ چۆلۈكنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا جايلاشقان. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقانلارنىڭ بەزىلىرى خۇشيا مىللىتىنىڭ شىمالىدا ئولتۇراقلاشقان، بەزىلىرى خۇاشىيا مىللىتىنىڭ ئارىسىغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. شۇڭا، ئۇلار خۇاشىيا مىللىتى بىلەن كۆپلەپ ئارىلىشىپ، بەزىدە تىنچ ئالاقە قىلسا، بەزىدە ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى خەلقلەرمۇ بەزىدە ئۇرۇش قىلسا بەزىدە تىنچ ئۆتكەن. بۇ خىل ئۆز- ئارا ئۇرۇش ئالاقە ۋە ئۇرۇش ئۇلارنى ئۆز- ئارا قوشۇلۇشقا يۈزلەندۈرگەن. ئۇزاق مۇددەتلىك ئارىلىشىش جەريانىدا بەزى «رۇڭ» ۋە «دى» لارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى بىر قەدەر تېزلىشىپ، كۈچى زورىيىپ، ئاساسلىق رول ئوينىدى. (باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتىسىيە قىلدى)، يەنە بەزى «رۇڭ» ۋە «دى» لار قوشۇمچە رول ئوينىدى. (باشقىلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتىسىيە قىلىندى) يېغلىق دەرۋىگە كەلگەندە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 476 ~ 221- يىللار) خۇئاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا تارقالغان «رۇڭ» ، «دى»لارىدن ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسى ئىچىدە «جۇڭشەن بەگلىكى» نى قۇرغان شيەنيۈلەردىن باشقىلىرى خۇاشىيا مىللىتى ۋە ئۇلار قۇرغان كۈچلۈكلەر بەگلىكلەر تەرىپىدىن قوشۇۋېلىندى. يەنە بەزىلىرى چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كۆچۈپ كېتىپ، بۇرۇندىن شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان «رۇڭ» ، «دى» لار بلەن بىرلىشىپ كەتتى. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا جەمئىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۆز- ئارا بىر- بىرىگە تەۋە بولمىغان نۇرغۇنلىغان ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەر پەيدىنپەي توپلىنىشقا باشلىدى ھەم بەلگىلىك تېرروتورىيىدە قەبىلە ئورتاق گەۋدسىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى. بۇلاردىن بىر ەدەر ئىلغارراقلىرى مەدەنىيەت بوسۇغىسىغا قەدەم قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇردى (مەسلەن، ھۇنلار)، ئارقىدىراق قېلىپ قالغانلىرى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلدى (مەسلەن، ھۇنلار بىلەن تەڭ باش كۆتۈرگەن تۇڭگۇسلار) ياكى ئۇرۇق، قەبىلە تارىخىي باسقۇچىدا توختاپ قالدى.
ھۇنلار مانا مۇشۇنداق قوشۇلۇش جەريانى ئارقىلىق مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردە پەيدىنپەي ئۆزىنىڭ «قابىلىيىتى» نى ئاشكارىلاپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىردە تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويدى. ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى يۈنيۈلەر، گۇيفاڭلار، شيەنشۈنلەر، «رۇڭ» ، «دى» «غۇر» لار قاتارلىق بۇرۇندىن چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياشىغان ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۇنلارنىڭ ئېتنىڭ مەنبەسىنى يەككە ھالدىكى بىرەر ئۇرۇق ياكى قەبىلىدىن كېلىپ چىققان دەپ ئېيتىش ناھايتى تەس. لېكىن، ھۇن مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا «ھۇن» دەپ ئاتالغان ئۇلۇس ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بىر قەدەر ئىلغار، كۈچى بىر قەدەر زور بولغانلىتقىن باشلامچى ئورۇندا تۇرغان. مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجىلىنىشىغا ئەگىشىپ «ھۇن» دېگەن ئۇلۇسنىڭ نامى پۈتۈن مىللەتكە ۋەكىللىك قىلغان. ئەمىلىيەتتە، ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى مىللىي تەركىبىمۇ بىر خىل ئەمەس ئىدى. مەسلەن: توغا، يۈۋېن، دوغۇ، قۇچاي، قانقۇي قاتارلىق قەبىلىلەرمۇ ھۇنلارنىڭ تەركىبىىي قىسىمى ئىچىدە ىدى. شۇنداقلا ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ تۆۋىنىدە نۇرغۇن ئۇرۇقلار بار ئىدى. مەسلەن: لاندى، قۇيان، لان، سۈبۈ، چيۇلىن، جىئو، داڭيۈ، خەن، لاڭ، سۇجى، جورجى دېگەندەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاتالمىش «باشقا ئۇرۇق» ياكى «باشقا قەبىلە» دىكىلەرنىڭمۇ ھىسابى يوق ئىدى⑤. بۇنداق مۇرەككەپ مىللىي تەركىب ھۇنلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەرنىڭ ئارلىشىشى ۋە بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ھۇنلار بىلەن بىللە باش كۆتۈرگەن توڭگۇس ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇپ- شىمالىدا باش كۆتەرگەن ئوغان، سىيانپى، جۇرجان، تۇرا، تۈرك، ئۇيغۇر، قىتان، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى تەركىبىدىكىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق مۇرەككەپ ئىكەنلىگىنى بۇنىڭغا قوشۇمچە ئىسپات قىلىشقا بولىدۇ.
14- ئەسىردىكى ئىلخانلار خانلىقىدىكى تارىخچى راشىددىن ئۆزىنىڭ «جامىئۇل تاۋارىخپ» (1- جىلىد) ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغان : «تاتارلار ناھايتى < ئۇلۇغ> ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغاچقا، تاتار بولمىغان باشقا ئۇرۇق، قەبىلىلەرمۇ تاتار نامى بىلەن دۇنياغا تونۇلۋاتىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۇلۇس نامى تاتار بولسىمۇ، يەنىلا تاتار ردەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. تاتار بولمىغان بۇ ئۇلۇسلار ئۆزىمىزنى تاتار نامى بىلەن ئاتاپ، تاتارلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇلساق < ئۇلۇغ> ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئورۇنغا ئىگە بولالايمىز، دەپ قارىشىدۇ. ھازىرقى تاتار، جالايىر، ئويرات، كېرەي، ئونغۇت، تاڭغۇت قاتارلىق موڭغۇل بولمىغان قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇقىنىڭ <سائادىتى> گە تايىنىپلا موغۇل بولۇپ قالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلىدە ئۆز ئىسىمى ۋە نامى بار ئىدى. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنى موڭغۇل دەپ ئاتىشىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى <موڭغۇل> دىگەن بۇ نامنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەس. ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۆزلىرىنى بۇرۇندۇن <موڭغۇل> لارغا تەۋە دەپ قارىماقتا، ھەم موڭغۇل نامىنى قوللانماقتا. ئەمىليەتتە ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى، قەدىمكى موڭغۇللار نۇرغۇنلىغان يايلاق مىللەتلىرى ئارىسىدىكى بىر قەبىلە خالاس» (يۇقىرقىلار مەنە تەرجىمىسى بولۇپ، قىسمەن سۆز – ئىبارىلەر قوشۇلغى ياكى چىقىرۋېتىلدى – ئاپتوردىن).
راشىددىننىڭ بۇ بىر ئابزاس سۆزى ھۇنلارنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان ھەر قايسى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئېتنىك مەنبەسىنىڭ ھەرگىزمۇ بىرلا خىل ئەمەسلىكىنى ھەم مىللىي تەركىبىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشىنىشىمىزدە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.