ئاننامارىيەۋون گابائىن Annemarie von Gabain ,ئۆزبىكچە ئىسىمى <مەريەم ئاپاي>،1901-يىلى 7 -ئاينىڭ 4-كۈنى گىرمانىيىنىڭ مورچىنگىن Morchengen دە تۇغۇلغان.1920-بېرلىن ئۇنۋىرسىتىتىگە كىرىپ ،ئاتاقلىق تۇركولۇگ ۋە خەنزۇشۇناس ئالىم ئو.فىرانكى O.Franke قاتارلىق فىروففىسۇرلاردىن تۇركى تىللار بۇيىچە سىلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ،خەنزۇشۇناسلىق ۋە بۇددىيزىمشۇناسلىق ئۆگەنگەن.1926-يىلى خەنزۇ تىلى بۇيىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ ،گىرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە كىرىپ ،پرۇسيە خان جەمەتى تەشكىللىگەن گرونۋىدىل Grunwedel ,ۋە لىكوك A.A.won lekoqباشچىلىقىدا گىرمانىيە <تۇرپان ئىكىسپىدىتسىيە ئەترىتى>نىڭ تۇرپاندىن قېزىپ ئېلىپ كەتكەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلارنى ئۇقۇش-تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان،1928-يىلى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدىكى تۇنجى ئەسىرى <قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان مانى دىنىنىڭ شامال ئىلاھى ھەققىدىكى رىۋايەتتىن پارچە>ئېلان قىلىنغان.
ئەسەرلىرىدىن ؛
1928-يىلى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان مانى دىنىنىڭ شامال ئىلاھى ھەققىدىكى رىۋايەتتىن پارچە
1929-يىلى قەدىمكى تۈركى تىلىدىكى تۇرپان تىكىستلىرى
1930-يىلى قەدىمكى تۈركى تىلىدىكى تۇرپان تىكىستلىرى بۇيۇك مانى دىنىغا بىغىشلانغان قەسىدە ،قەدىمكى تۇركى تىلىدىكى تۇرپان تىكىستلىرى يىڭىدىن تىپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى گۇناھكارلار ئىقرارنامىسى ،قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى
1931-يىلى قەدىمكى تۇركى تىلىدىكى تۇرپان تىكىستلىرى بۇددىسلارغا ئائىت تىكىستلاردىن پارچە
ئاخىرنى كىيىن يازايچۇ ،،زۈكام بۇپ قاپتىكەنمەن ،،بۇرنۇم ھىچ بىر ئارام بىرەي دىمەيۋاتىدۇيا