بۇ بەتتىكى يازما : ۋېنگىرلارنىڭ ئىتنىك قۇرۇلمىسى ئۈستىدە تەتقىقات بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ۋېنگىرلارنىڭ ئىتنىك قۇرۇلمىسى ئۈستىدە تەتقىقات

ۋېنگىرلارنىڭ ئىتنىك قۇرۇلمىسى ئۈستىدە تەتقىقات
ئەلى غۇپۇر

قىسقىچە مەزمۇنى: ۋېنگىرىيە ئوتتۇرا ياۋرۇپادىكى تىپىك بولغان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان ماجارلار ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ماتېرياللاردا ‹‹ ھانگارلار ›› دەپ، دۆلەت نامى بولغان ۋېنگىرىيە ‹‹ ھونگارىيە ›› دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. مەزكۇر ماقالىدا ۋىزانتىيىنىڭ قەدىمقى مەنبەلىرى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلان قىلىنغان نوپۇزلۇق ئەسەرلەردىكى مەزكۇر خەلق ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئاساسىدا ۋېنگىرلارنىڭ ئىتنىك قۇرۇلمىسى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ‹‹ ماجار ›› دىگەن مىللەت ۋە دۆلەت نامىغا مۇجەسسەملىنىشىگە دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ۋېنگىرلار،  ماجارلار،  ئىتنىك قوشۇلۇش.
 
ۋېنگىرىيىنىڭ تۇلۇق نامى ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، ئوتتۇرا ياۋرۇپادىكى تىپىك بولغان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. ئومۇمىي نوپۇسى 11 مىليون ( 2002- يىللىق مەلۇمات ) بولۇپ، ئاساسلىقى ماجارلاردىن تەركىپ تاپقان ( % 95 دىن ئارتۇقراق ).ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم ماجار سىگانلىرى ۋە رومانلار بار.
‹‹ۋېنگىر ›› ئەسلى رۇس قاتارلىق سلاۋىيان تىللىق مىللەتلەرنىڭ ماجارلارنىڭ مۇھىم ئىتنىك تەركىپلىرىدىن بىرى بولغان ئون ئوگور (Onogur)لارنى ئاتىشى بولۇپ، بۇ نام قەدىمقى سىلاۋىيانلارنىڭ چېركاۋلىرىدا Ugri دەپ يېزىلغان. رۇسلارVengri، گېرمانلار Ungarn؛ ئېنگىلىزلارHungarian؛ فرانسۇزلار Hongrois؛ ئىتالىيانلار Ungheresiدەپ ئاتىغان . بىزنىڭ تىلىمىزدا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ‹‹ ۋېنگىرىيە ›› ۋە ‹‹ ۋېنگىر ›› دىگەن ناملار بىزگە رۇسچە مەنبەلەر ئارقىلىق كىرگەن بولغاچقا، بىز باشقا ئەل خەلقلىرىنىڭ ئۇلارنى نىمە دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە ئۆز دۆلىتىنى نىمە دەپ ئاتايدىغانلىقى بىلەن كارىمىز بولماي، ئۇلارنىڭ ئېنگىلىزچە مەنبەلەردىكى دۆلەت نامى بولغان Hungary ۋە مىللەت نامى ( ئەجدادلارنىڭ ) بولغان Hungarian دىگەنلەرگە قاراپلا، ئۇلارنىڭ دۆلەت نامىنى ‹‹ ھونگارىيە ››، مىللەت نامىنى ‹‹ ھونگار ›› دەپ ئاتاشقا باشلىدۇق ھەمدە بۇ خىل ئېقىم بارغانسىرى ئۇلغىيىشقا باشلىدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، دۆلەت نامىنىڭ ئېنگىلىزچە يېزىلىشىدىكى Hungary دىن باشقا يەنە غەربكە كۆچكەن ھۇنلارنىڭ بىر مەھەل ھازىرقى ۋېنگىرىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوناي دەرياسى ۋادىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن. پېقىرمۇ دەسلەپ مۇشۇ خىلدىكى قاراشلارنى ياقلىساممۇ ئەمما 2001- 2002- يىللىرى بۇداپېشتتىكى بىر يىلدىن كۆپرەك ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات جەريانىدا بىزنىڭ تىلىمىزدا ھازىر ئىستىمال قىلىنىۋاتقان ‹‹ ھونگارىيە ›› ۋە ‹‹ ھونگار ›› سۆزلىرىنىڭ پەقەت ھىسسىي بىلىش مەسىلىسى ئىكەنلىكى، ۋېنگىرلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى ‹‹ ماجارلارنىڭ دۆلىتى ›› دىگەن مەنىدە ‹‹Magyar Orszag ›› ( ماجار تىلىدا g بىلەن y قوشۇپ يېزىلسا يىنىك ‹‹ج›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. s بىلەن z قوشۇپ يېزىلسا‹‹س›› دەپ ئوقۇلىدۇ)، مىللەت نامىنى ‹‹ ماجار ›› دەپ ئاتايدىغانلىقى، تۈركىيە ۋە ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئۇلارنى ‹‹ ماجارىستان ›› دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەنلىكى، بىزنىڭ ئۆز تەتقىقاتلىرىمىزدا مەزكۇر نامنىڭ ئىتمولوگىيىسىگە سەل قارىغاندىن سىرت ئەنە شۇ ھۇنلار بىلەن ئەڭ دەسلەپ مۇناسىۋەت قىلغان ۋە ئۇلار توغرىسدا خاتىرە قالدۇرغانلارنىڭ رىملىقلار، گرىكلار، گىرمانلار، سلاۋىيانلار ۋە مۇسۇلمان سەيياھلىرى ئىكەنلىكىگە سەل قارىغانلىقىمىزنى تۇنۇپ يىتىش بىلەن بىرگە ۋېنگىرلارنىڭ ئىتنىك قۇرۇلمىسىغا دائىر بىر قىسىم يېڭى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش ۋە مۇشۇ ساھەگە قىزىقىدىغانلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم.
ۋېنگىرلارنىڭ ئىتنىك قۇرۇلمىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ ۋە چېتىلىدىغان مەزمۇنلار كۆپ بولغاچقا، چۈشىنىشكە ئاسان ۋە كىيىنكى تەتقىقاتلاردا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن، دۆلەت، قەبىلە، مىللەت ناملىرىنى ۋاقىت تەرتىبى بويىچە قايسى يېزىقتا، قايسى خىل ئۇسۇلدا خاتىرلىگەن بولسا ئەسلى مەنبەسىنى كۆرسەتتىم، بىر قىسىم ئىزاھلارمۇ ئۆز پېتىچە بېرىلدى. بولۇپمۇ ئېنگىلىزچە مەنبەلەردىكى Hungary بىلەن Hungarian بەزى ۋاقىتلاردا ھازىرقى ۋېنگىرىيە ۋە ۋېنگىرلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى تەڭ مەنىدە كۆرسىتىدىغان بولغاچقا يۇقارقى ئۇسۇلنى قوللانغاندا بۇ ئىككى نامنىڭ باشقا ناملار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشنىڭ ۋە بىر قىسىم ئۇقۇم خاتالىقنىڭ يۈز بىرىشنىڭ ئالدى ئېلىندى.
ۋېنگىرىيىنىڭ تارىخشۇناسىلىرى ۋېنگىرلارنىڭ ئىتنىك قۇرۇلمىسىغا دائىر تەتقىقاتلىرىدا ۋېنگىرلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادلىرىنىڭ ياشىغان ئورۇنلىرى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى، قوشۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئەجدادلىرىنىڭ پائالىيەت رايۇنلىرىنى ۋەئىتنىك مەنبەسىنى تۆۋەندىكى رايۇن ۋە خەلىقلەرگە باغلايدۇ.
بىرىنچى، سابار- توي ئاسفالى( toi Asfali –Sabar)، سۇبار (Subar)، سابىر (Sabir)، ساۋار (Saver)، سۋاردىيا (Swardia)، پائالىيەت رايونى: بۈيۈك تۆت دەريا رايونى، ئۇرارتو (Urartu) ۋە كاۋكاز (Caucasus).
ئىككىنچى،Mas - ar, Masgar, Mazar, Madyar, Magor, Magar, Magyar, Makarتۆت دەريا ۋادىسىدىكى ھۆكۈمرانلىق.
ئۈچىنچى، Onogur, Hunugur, Ugor, Ungar, Hungar, Venger يەنى: ئون ئوقلار ئىتتىپاقى- ‹‹ ئون ئوگورلار ›› .
بىز ئەمدى بۇ ئىتنىك قۇرۇلما ۋە ۋاقىت جەدۋىلىدىكى مەلۇماتلارنى كۆپلىگەن تارىخى خاتىرىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، يېڭى بىر ئىتنىك قۇرۇلما جەدۋىلى تۈزۈپ چىقايلى.
1. سۇبار (Subar) ۋە سابىر (Sabir) لار
جەنۇبىي مىسسوپوتامىيدىكى قەدىمقى خەلق سۇمېرلار ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000- يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000- يىلىغىچە ) ئۆزلىرىنىڭ شىمالىدىكى قوشنىلىرىدىن كاۋكاز تاغ باغرىدا ياشايدىغان سۇباركى(ki–Subar)لارنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى ‹‹ سۇبارلار زېمىنى ›› دىگەنلىك بۇلاتتى.سۇبۇرۇ(Suburu)بولسا، سۇبارتو خەلقىنىڭ زور ھاياتى كۈچكە ئىگە ئانا ئىلاھىنىڭ نامى ئىدى.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000- يىلى ئەتراپىدا، سومېر خانلىقى زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندىن كىيىن، سۇمېرلار بىلەن سېمىت خەلقلىرىنىڭ ئارىلاشمىسى بولغان ئاككاد (Akkad) دەپ ئاتالغان بىر خەلق باش كۆتىرىپ چىقتى. ئۇنىڭ داڭلىق يول باشچىسى سارگون (Sargon) نامى بىلەن مەشھۇر ئىدى. دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئاككادىيانلار ئاساسەن، سىمىت سۆزلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سومېر تىلىنى قوللانغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن پۈتۈنلەي سىمىت تىلىنى قۇبۇل قىلغان. ئۇلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000- يىلغىچە، مىسسوپوتامىيىنىڭ شىمالىدىكى سۇباركى( Subar- ki) لارنى سۇبارتۇ( Subar - tu) دەپ ئاتىغان. بۇ رايوندىكى يەنە بىر نام، تېخىمۇ كونكرىتراقى سۇبارلارنىڭ بىر خانلىقى بولغان خۇررى(Hurri) ياكى گۇررى(Gurri )دۇر. خۇررى تىلى ئادەتتە سۇبارتۇ تىلىدىن سۆزلۈك قۇبۇل قىلغان. ئۇلارنىڭ تىلىمۇ سومېر تىلىغا ئوخشاش ئۇلاپ يېزىلىدىغان تىل بولۇپ، نۇرغۇن سۆزلۈكلىرى ئوخشاش. ئەمما ئۇ سومىر تىلىدىن ئايرىم بولغان ئالاھىدە بىر تىل. ۋېنگر(Hungarian)تىلىدىمۇ سومىر، خۇررىيان ۋە ئىلامىت (Elamite) تىلىغا ئورتاق بولغان بەزى سۆزلۈكلەر بار. ئىلامىت تىلى جەنۇبىي ھىندىستاندا ئىشلىتىلگەن دىراۋىد(Dravidian) تىلىنىڭ تارماق تىلى دەپ قارالماقتا، ئەمما ئۇلار بىر مەزگىل شىمالدا ياشىغان.Hungarian تىلىنىڭ دىراۋىد ۋە تۈركىي تىللىرىدىن نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنى قۇبۇل قىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس.
خۇررىيان(Hurrian)خەلقىنىڭ ئەۋلادلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا خارازم خانلىقى دەپ ئاتالغان ئۇرارتۇ(Urartu) خانلىقنى قۇرغان ( ئارال كۆلى بويىدا) روسىيىنىڭ بەزى تەتقىقاتچىلىرى خارازم زېمىنلىرىنى فن- ئوگور ۋە ئالتاي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئانا ماكانى دەپ قارايدۇ . سۇبارتۇ ۋە خۇررىيانلاربىر مەھەل شىمالىي مىسسوپوتامىيىدىلائەمەس بەلكى يىراق قەدىمقى زاماندا جەنۇبىي مىسسوپوتامىيىدىمۇ ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن.
خۇررى دۆلىتى، سۇمىرلارنىڭ رىۋايىتى گىلگامىش (Gilgamesh) دا ‹‹ Hurr - uru » دەپ تىلغا ئېلىنغان. شىمالدىكى بۇ خانلىق سۇمېرلارنىڭ رىۋايىتىدە يەنە en -Mekar دەپ ئاتىلىش بىلەن بىللە بۇ رىۋايەتتە تەسۋىرلەنگەن ئايال ئىلاھ Inana مۇ eme - su ( سۇمېرلارنىڭ ئۆلگەن دىئالىكتى ) دىئالىكتىدا سۆزلەيتتى دىيىلگەن. خۇررىيانلار بىر مەزگىل يېقىن شەرىقتە ناھايىتى كۆزگە كۆرۈنگەن بولغاچقا ئۇلار ئىنجىلدىمۇ تىلغا ئېلىنغان، ئۇلار جەڭ ھارۋىسىغا ئات قوشۇشنى ئىجاد قىلغان .
شىمالىي مىسسوپوتامىيدىكى يەنە بىر يەر ۋە شۇ يەردىكى بىر ئەل مادا(Mada) بولۇپ، ئۇلار Mitaniدەپمۇ ئاتالغان. MADT, MAT, MAسۆزلىرى سۇمېر، سۇبارىيان، پارسىيان (Parthian)، مېدىس (Medes)، فىن (Finish) ۋە Hungarian تىللىرىدا زېمىن ( يەر )، ئۆلكە ياكى ئەل دىگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئاسسۇرىيە (Assyrians)ۋە مىسىر (Egyptians) لىقلار تەرىپىدىنمۇ شۇنداق ئىشلىتىلگەن.
ئاككاد ۋە دەسلەپكى مېدىس دىئالىكتىكىلىرىدا ‹‹ dh ›› بەزى ۋاقىتلاردا Hungarian تىلىدىكى‹‹gy ›› گە ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنغان. Hungarianۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنى ئىپادىلەيدىغان Magya ياكى Megye بولسا Hungarian تىلىدا ‹‹ ئۆلكە ›› دىگەن مەنىگە ئىگە. ئوخشاشلا قەدىمقى پارسىيان تىلىدا Megala دىگەن سۆز‹‹ ئۆلكە ›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. بۇ سۆز كىيىن Magyar غا ئۆزگىرىپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئاددى مەنىسى ‹‹ يېزىلىق كىشى ›› ، ‹‹ ئۆلكە كىشىسى ›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. مىسىرلىقلار تەرىپىدىن Mada ياكى Mitaniلارنىڭ زېمىنلىرى Magor دەپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ شىمالىي مىسسوپوتامىيە ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كەڭ زېمىنلارنى كۆرسىتەتتى. Magorبولسا Hungarian لارنىڭ ئەركەك بۇغا ئەپسانىلىرىدىكى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئەجدادىنىڭ نامىدۇر .
ئاسسۇرىيىنىڭ ھۆججەتلىرىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 700- يىلدىن كىيىن،سابىرلارنىSapar - da دەپ تىلغا ئالغان.
پېرىسىيىنىڭ ھۆججەتلىرى Darius زامانىدىن باشلانغان بولۇپ، پېرىسىنىڭ بۇ تۇنجى خانى بۇ زېمىنلارنى Sabarda (Sabir) لارنىڭ زېمىنى Matiene (Mada) لار بولسا ئۇلارنىڭ قوشنىلىرىدۇر دەپ تىلغا ئالغان.
گرىك تارىخشۇناسى ھېرىدوت (Herodotus, 440Bc) ئۇلارنى Sapir (Sabir)، ئۇلارنىڭ قوشنىلىرىنى Makr - on (Magar) ۋە Matiene دەپ خاتىرلىگەن. جەنۇبىي كاۋكازدىكى Nimrud دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغمۇ ھازىر يەنىلا Magar دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
تىلشۇناسلار ماجار (Magyar) دىگەن نام Mas - gar دىن كەلگەن، بۇ سۆز Ugrian تىلىدا ‹‹ ئادەم ››، ‹‹ قەھرىمان ›› دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ‹‹ Mosh ›› سۆزىدىن ياسالغان دەپ قارايدۇ. بۇ سۆز يىلتىزى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئۇگرىيان (Mos)، تۇۋا (Madir)، دىراۋىد (Mac)، سۇمېر (Mus) ۋە سىكىتىيان (Mas) تىللىرىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ تىللارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرگەن. گەرچە بۇ ناھايىتى ياخشى تارىخى ئىتمولوگىيە بولسىمۇ ئەمما ئۇ تەنھا بىر خەلقنى كۆرسىتەلەمدۇ؟ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە سىكىتىيانلار (Scythian) ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئالدى بىلەن ماسساگىت (Massa - geta) لارنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەرمىنىيە تارىخشۇناسلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا Baskir Hungarian لار ماسساگېتلارنىڭ قەبىلە ئىتتىپاقىدىكى بىر خەلق بولۇپ، بەزى تارىخشۇناسلار Magar قەۋمىنىڭ ماسساگېتلارغا يېقىن جايدا ياشايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان .
ماسساگېتلارنىڭ يىراق شەرقىدە سىكىتىيانلارنىڭ ‹‹ Royal scythians ›› ( خان جەمەتى سىكتىيانلىرى ) دەپ ئاتالغان بىر قوۋمى ياشىغان. گرىك تارىخشۇناسلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ‹‹ Makaroi ››، قەبىلە گۇرۇپپىلىرى ‹‹ Saka - Uraka›› يەنى ‹‹ ساكلارنىڭ ئاقسۆڭەكلىرى ›› دەپ ئاتالغان. ‹‹ Saka - Uraka ›› دىگەن خەت چۈشۈرۈلگەن تەڭگە پۇل ھىندىستانغا يېقىن جايلاردىن تپىلغان.بۇ خەلق كىيىن غەربىي ھۇنلار تەرىپىدىن ئۆز زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ھازىرقى كۈندىمۇ Hungarian تىلىدا ئۇلار يەنىلا قەدىمقى گىرىك تارىخشۇناسلىرى تەرجىمە قىلغانغا ئوخشاش ‹‹ ساكلارنىڭ ئاقسۆڭەكلىرى ›› دەپ قارىلىدۇ. Sakaسۆزى Hungarian تىلىدىكى خەلق (Notion)، ئۇرۇق (clan)، ھۆكۈمران، تېررىتورىيە دىگەن سۆزلەر بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، تىل مىساللىرىمۇ ئىتنىك گۇرۇپپىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بۇ ‹‹ خان جەمەتى سىكتىيانلىرى ›› دىن بىرمۇنچىسى گرىك ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ھەم ئۇلارنىڭ نامى گرىكلار تەرىپىدىن ‹‹ Madar - es›› دەپ ئاتالغان. مۇشۇ نۇقتىدىن بۇ ئورتاق ئىتنىك نام بۈگۈنكى كۈندە Magyar دەپ ئاتالماقتا . ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ماجارلار بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە ئوخشاش ياكى ئوخشىماسلىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن تىلشۇناسلىق مەلۇماتلىرىدىن باشقا Hungarian لارنىڭ قەدىمقى ئەجدادلىرى بىلەن قانداق ئىتنىك باغلىنىشلارنىڭ بارلىقىغا ھۆكۈم قىلىش تەس. تىلنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتى ئاستا بولىدۇ. شۇنىڭدەك مىللەتنىڭ ئىرسىي قۇرۇلمىسى ئۇلارنىڭ يېڭى قوشنىلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
باشقا گرىك ماتېرياللىرىدا ‹‹ كاۋكازنىڭ تۆمۈرچىلىرى ›› دەپ تىلغا ئېلىنغان ‹‹ Tibar ›› بىلەن ‹‹ Moser ›› لار، ئىنجىلدىكى Tibal(Tubar) ۋە Mesek(Mosher) غا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ بەزى تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن Subar(Tibar) بىلەن Machar (Moser) نىڭ بۇرمىلانغان شەكلى، شۇنداقلا ‹‹ تۆمۈرچى ›› نىڭ Hungarian تىلىدىكى مەنا ۋارىيانتى دەپ قارالماقتا. بۇرۇن Mozser نىڭ مەنىسى قىلىچ ئۇستىسى Tibor نىڭ مەنىسى تۆمۈرچى ئىدى. بۇ سۇمىر تىلىدا تۆمۈرنى ‹‹Tibir›› تۈركچە تۆمۈرنى ‹‹ Timur ›› دىگەنگە ئوخشاش. بۈگۈنكى كۈندە Tibor دىگەن بۇ سۆز ۋېنگىرلاردا ئەرلەرنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، كاۋكازدىكى سۇبارلارنىڭ قەدىمقى ھەتتا ئوتتۇرا ئەسىر تىللىرىدا كۆپلىگەن چوڭ – چوڭ مېتاللارنىڭ ناملىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ناملىرى بىلەن ئوخشاش ناملاردا ئاتىغان. مەسىلەن، سۇمېر تىلىدا مىس ‹‹ Subur ››، Hungarian تىلىدا ‹‹ Szobor ›› دەپ ئاتالغان. Hungarianتىلىدا Saberلارنى ‹‹ Sablya ›› دەپ ئاتىغان. يۇمشاق ھەمدە پارقىراق بولغان قىلىچ قىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈرنى سابىرلار ‹‹ Wasy ›› دەپ ئاتىغان. بۇ ئوخشاش سۆزلۈك Hungarian تىلىدا ‹‹Vash، Was››، دەپ ئاتالغان بولۇپ، ‹‹ تۆمۈر ›› دىگەن مەنىدە. قەدىمقى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ھۇنلارنىڭ تۆمۈرنى‹‹ Was ››دەپ ئاتايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان .
گرىكلارنىڭ گېنىرالى، تارىخشۇناس زېنىفون (Xenephon) مۇ، Makar لارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 400- يىللىرى Makr - on ۋە Machar ناملىرى بىلەن كاۋكازدا ياشايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. گرىكلارنىڭ يەنە بىر تارىخشۇناسى پلىنۇس (Plinius)مۇ ئۇلارنى Machor - onدەپ خاتىرلىگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ سابىر قوشنىلىرىدىن Saspeir لارنىڭ كاۋكاز تاغلىرىدا ياشايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
مىلادى 2- ئەسىردە ئۆتكەن گرىك ئاستىرنومى ۋە تارىخشۇناسى پىتولمي (Ptolmy) ماجارلارنى Mazara، سابىرلارنى Siavara دەپ خاتىرلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مىسسوپوتامىيىدىكى تىگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا ياشايدىغانلىقى تىلغا ئالغان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 215- يىلى ئەرمىنىيىلىك قەبىلە ئاقساقىلى جون ئۆز ئەسىرىدە Sievor - tik دىگەن بىر قوۋمنى تىلغا ئېلىش بىلەن ئۇلارنى Kushiteلار بىلەن Nimrud نىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇلار ھازىر Otene دەپ ئاتىلىۋاتقان udi دىگەن جايدا ياشايدۇ، ئۇلار سابىرلارنىڭ ئەجدادىدۇر. بۇ ئۆلكىدىكى بىر شەھەر Hunora – certa(Hunorلار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان ) دەپ ئاتىلىدۇ دىگەن. ھازىرقى ئەرەپ ئىنسىكلوپىيىسىدە كاۋكازدا ياشىغان بۇ خەلقلەرنى Hungarian - Magyar لارنىڭ ئەجدادلىرى، ئۇلار پارسلارغا تۆمۈر قورال ياساپ بىرىش بىلەن داڭ چىقارغان دەپ يازغان.
ۋېنگرىيە تارىخشۇناسلىرى ماجارلارنىڭ ھۇنلار كىلىشتىن بۇرۇنقى ئەجدادلىرىغا دائىر تارىخلىرىنى ناھايىتى ئاز يازغان. ئۇلار بۇ باسقۇچلاردىكى ئومۇمىي جەريانىنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ بايان قىلغان. بۇنىڭ بىرى ‹‹ ئەركەك بۇغا رىۋايىتى ›› دەۋرى. ئۇ ماجارلار، ھۇن ( ئون ئوگۇر ۋە ئاۋار ) ۋە ئالانلارنى (Alans) بىر گەۋدىلەشتۈرگەن دەۋر. بۇ ‹‹ سىرلىق ئوۋ ›› نىڭ دەسلەپكى ۋارىيانتى تۈركلەر ۋېنگىرىيە خانلىق كۇتۇپخانىسىدىن ئولجا ھىسابىدا ئېلىپ كەتكەن ھەم ‹‹ ۋېنگىرىيە تارىخى ››(‹‹ Tarihiungurus››) دىگەن نامدا قايتا نەشىر قىلدۇرغان ( ھازىر Topkapi مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ) كىتاپتىن ئېلىنغان بولۇپ، پېرىسىيىنىڭ نىمرۇد ئىمپىرىيىسى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ رىۋايەتتە ئىككى پالۋاننىڭ بىر ئەركەك بۇغىنى شىمالغا قوغلاپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. پېرسىيانلارمۇ Hungarian لارنىڭ « ئەركەك بۇغا رىۋايىتى » گە ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر رىۋايەتنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ رىۋايەت « چەت ئەلدىن ۋە شەرقتىن » كەلگەن. سىكىتىيانلار ۋە ھونلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ مەنىسى ۋە نىمرۇد بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە باشقا ئىسىملارنى ئايرىم ھەم ئىنچىكە تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مەزكۇر رىۋايەتنىڭ ۋارىيانتلىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچىسى بۇ ئۇلۇغ ئەجدادىنى ناھايىتى ھۆرمەتلىكەچكە ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ چاقناپ تۇرغان سەييارىلەر ئارىسىدىكى ئوۋچى دەپ ئاتاشقان. ھازىر كىشىلەرنى ئەڭ تەڭقىسلىقتا قالدۇردىغىنى مەزكۇر ئۇلۇغ ئوۋچىنىڭ « ئىنجىل » دىن كەلگەن ئىسمى بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ رىۋايەتكە ئىشىنىشىدىكى بىردىن – بىر يىپ ئۇچى. بۇ يەنە « ئىنجىل » نىڭ ئوتتۇرا ئەسىر Hungarian جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىندۇر.
ھۇن دەۋرىدىن بۇرۇنقى ئەھۋاللارغا دائىر باشقا ماتېرياللار ئىنتايىن كەمتۈك.ئەمما شۇ خىلدىكى ماتېرىياللاردا نىمرودنىڭ دادىسى Tana دەۋرىدىن باشلانغان ھۆكۈمرانلار بىلەن قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ تىزىملىكى كۆرسىتىلگەن. ئېھتىمال بۇ kish شەھىرىدىكى سۇمېرلارنىڭ Etana دېگەن تۇققانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۇشان سىكىتىيانلىرى (Kushan Scythians) نىڭمۇ Kush - TANA دەپ ئاتالغان ئەجدادلىرى بولغان. سۇمېرلاردىكى ETANA ئالەمدىكى تۇنجى ھۆكۈمران بولۇپ، ئۇ جەننەتنى زىيارەت قىلغانمىش. Hungarian مەنبەلىرىدە Menrot (Nimrud) نىڭ ئوغۇللىرى بولسا ماگور (Magor)، خۇنۇر (Hunor) ۋە ئىرالىقلارنىڭ ئەجدادى دەپ خاتىرلەنگەن بۇ بابىلوننىڭ ئاخىرقى تارىخشۇناسى بىروسوس (Berosus) خاتىرلىگەن رىۋايەتكە ئوخشاپ كىتىدۇ. ئاسسۇرىيىلىكلەرنىڭ خاتىرلىرىدە نىمرودنىڭ قوشماق ئوغۇللىرىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئەمەللىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى Magor, Vagur دىگەندەك ناملاردا بولغان. مۇشۇ رىۋايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر ھۆكۈمرانلار تىزىملىكىنى ھىرودوت خاتىرلىگەن بولۇپ، ئۇلار دەسلەپكى مەزگىللەردىكى سىكىتىيان ھۆكۈمرانلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن .
بۇ مەزگىلدىن كىيىن، ھۇن- ئاۋار (Avar - Hun) ھۆكۈمرانلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن ناھايىتى ياخشى ماتېرياللار بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ ماتېرياللار تاكى Hungarian ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ باشلىنىشىدىن ئولتۇراقلىشىشنىڭ ئالدى- كەينىدىكى ۋەقەلەرگىچە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھۇنلار بىلەن بولغان ئورگانىك باغلىنىشلار تەكىتلەنگەن. بۇ مەزگىلدە ھۇنلار ئۆز خەلقىغە ھۆكۈمرانلىق قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە كۆپلىگەن باشقا خەلقلەرگىمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
ھۇنلارنىڭ غەربىي ئاسىيادا پەيدا بولغان ۋاقتى مەسىلىسىنى بېكىتىش قىيىن، ئەمما بۇ ۋاقىت جۇڭگو بىلەن قوشنا بولغان بۈيۈك ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ بۆلىنىشىدىن بۇرۇنراق. قەدىمقى پېرسىيىنىڭ پايتەختتى پېرسىپولس (Persepolis ) نىڭ سېپىللىرىغا بىر قىسىم ئاساسلىق مىللەت ( دۆلەت ) لەرنىڭ ناملىرى يېزىلغان بولۇپ، ئۇلار: Hunae, Spardia, Cappadocia, Armenia, Gutrata, Assyria, Arbela, Babilon, Media, Choana قاتارلىقلار. Hunaeبىلەن Spardia بەلكىم پېرىسىيىنىڭ قوشنىلىرى بولۇپ، ئۇلار توغرىسىدا كۆپرەك مەلۇمات قالدۇرۇلغان .
ھونلار شەرقتىن كەلگەندىن كىيىن، يېڭى قۇرۇلغان قەبىلە ئىتتىپاقىدا ھەمىشە باشلامچىلىق رول ئوينىغان. Hungarianلارنىڭ ئىتنىك مەنبەسى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەردە ئۈچ مىللەتنىڭ ئەپسانىلاردىكىدەك قوشۇلۇشى چۈشەندۈرۈلگەندىن باشقا، ماجارلار، ھونلار ۋە ئالانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم ئىتنىك تەركىپلىرى ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۇ خىل قوشۇلۇشتا، ھۇن ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نىسبىتى ئازراق ھەم ئاجىزراق بولغان. ئەمما كىيىنكى ئون ئوگور (Onogur) ۋە ئاۋار قەبىلە ئىتتىپاقى بىلەن قوشۇلۇشقا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ سالمىقى ئاشقان. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا گەرچە نۇرغۇن ئورتاق سۆزلۈكلەر بولسىمۇ، تۈرك- ھۇن تىلىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ماجار تىلى يىتەكچى ئورۇننى ساقلاپ كەلگەن. كۆپلىگەن سۆزلۈكلەر ناھايىتى قەدىمقى دەۋرگە مەنسۇپ سۆزلۈكلەر بولۇپ، كۆپىنچىسىنى كېيىنكى مەزگىللەردىكى تۈركىي (Turkic) تىللاردىن تاپقىلى بولمايدۇ.
2. ھۇنلار، ئون ئوگۇرلار ۋە ماجارلار
مىلادى 5- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ شەرقىي چېگرالىرىدا پەيدا بولغان ‹‹Hun ›› لارنىڭ جۇڭگو تارىخنامىلىرىدا خاتىرلەنگەن ھۇنلار بىلەن بىر خەلق ياكى ئەمەسلىگى توغرىسىدا غەرب دۇنياسىدا ئېنىق تەتقىقاتلار بولمىغان. 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فىرانسىيدىن جۇڭگوغا كەلگەن ئەيسا دىنى جەمئىيىتىنىڭ دىن تارقاتقۇچىسى بوسېف. مويرىيا. مايلاك (Joseph de Moyria de Maillac 1669 - 1748) جۇڭگودا خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئۆگەنگەندىن كىيىن، كاڭشىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن « ئۆرنەك قامۇسلار » نى فىرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىپ، 1737- يىلى لىئون كۇنۇپخانىسىغا ئەۋەتىپ بەرگەن، بۇ كىتاپ « جۇڭگو تارىخى » دېگەن نامدا 1777- يىلىدىن 1783- يىلىغىچە پارىژدا 13 توم بولۇپ نەشىردىن چىققان. فىرانسىيىلىك ئالىم م.دىگوينىس (M. Deguignes)،مەزكۇر كىتاپتىكى شىمالدىكى مىللەتلەرگە دائىر بايانلار ئاساسىدا « ھۇنلار، تۈركلەر ۋە مۇڭغۇللارنىڭ تارىخى » دېگەن كىتاپنى يېزىپ چىقىپ، ‹‹ Hun ›› لار دەل غەربكە كۆچكەن ھۇنلاردۇر . دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. فرانسىيىدە ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان شۇ دەۋردىكى ئەنگىلىيىلىك ئالىم ئىدۋارد.گىببون (1794-1737Edward Gibbon)، « رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋالغا يۈز تۇتۇش تارىخى » دېگەن كىتاپتا بۇ كۆز قاراشنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قۇيۇپ شەرھىيلىگەن. شۇنىڭ بىلەن غەرب مەنبەلىرىدە خاتىرلەنگەن ‹‹ Hun ›› لار دەل جۇڭگو مەنبەلىرىدكى ھۇنلار(匈奴 )دۇر دىگەن قاراش غەرب دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان.
ھۇنلارنىڭ تېررىتورىيىسى ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوتتۇرا ياۋروپادىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە سوزۇلغان بولۇپ، ئىراننىڭ شىمالى ۋە شەرقىي قىسمى، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە شىمالىي ھىندىستان قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇلار « كۆچمەن چارۋىچى » دەپ كەمسىتىلگەچكە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي تارىخى ۋە مۇۋاپىقىيەتلىرىگە سەل قارالغان. ھازىرقى تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ كونا ماكانلىرىدىن (Lajos Sugar، ۋېنگىرىيە- مۇڭغۇلىيە ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى ) تاش ياتقۇزۇلغان يوللار، بىنا، دېھقانچىلىق ئىزلىرى، ئاشلىق ئامبىرى، ئەدەبىي ئەسەر ۋە مەدەن تاۋلاش قاتارلىقلارنى تاپقان. كېيىنكى مەزگىللەردە، ئۇلار كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن مۇڭغۇللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ چارۋىچىلىق پائالىيەتلىرى ئازراق بولغان. گەرچە ھۇن، ئاۋار، Hungarian ، تۈرك ۋە مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدا مەدەنىيەت جەھەتتە زور پەرقلەر بولسىمۇ، ياۋرۇپالىقلار ھەمىشە بۇ ئاتلىقلارنىڭ ( ئات ئۈستىدىكى مىللەتلەر ) ھەممىسىنى ئوخشاشلا كەمسىتىپ « كۆچمەن چارۋىچى ياۋايىلار » دەپ قارىغان. ئەكسىنچە، جۇڭگونىڭ تارىخشۇناسلىرى ھۇنلار بىلەن مۇڭغۇللارغا پەرىقلىق مۇئامىلە قىلىپ، بۇرۇنقى ھۇنلار كېيىنكى مۇڭغۇللاردىن تەرەققىي قىلغان دەپ بايان قىلغان.
ھۇن دەۋرىدە « ماجار » لارغا دائىر ماتېرياللار ناھايىتى كەمچىل، باشقا چەت رايونلاردا ئازراق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۇنلارنىڭ نامى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ھەم بارلىق قەۋملارنىڭ ئورتاق نامىغا ئايلىنىپ قالغان.
گرتسىيىلىك دىپلومات ۋە تارىخشۇناس پرىسكوس (Priskos)، سابىرلارنىڭ كاۋكاز تاغلىرىدىن قارا دېڭىزنىڭ شىمالى، دون ۋە ۋولگا دەريالىرىنىڭ چېگرىلىنىدىغان جايلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ كاۋكازلىقلار ھەمىشە خاتا ھالدا شەرقىي قىسىم ھۇنلار ۋە ئالتاي تىللىق خەلقلەر بىلەن بىر تىپقا ئايرىپ قۇيۇلغان. ئەمما بۇ بايانلار كىشىنى ئانچە قايىل قىلالمايدۇ. گرىك تارىخشۇناسى مىنەندىر (Menander)، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر « ھۇن » قەبىلىسىنىڭ نامىنىڭ ‹‹ Mauger ›› دەپ ئاتىلىدىغانلىقىى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئوخشاشلا مەزكۇر خاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خەلق ھۇن ئەمەس « ماگىر » دەپ ئاتالغان بۇلۇشى مۈمكىن. گەرچە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى Maugerخاننىڭ ئېلى ( خەلقى ) گىرىكلەر تەرىپىدىن ھۇنلار دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، كۆپلىگەن تىلشۇناسلار « ماجار » دىگەن بۇ نام ئالتاي تىللىرىدىكى سۆز ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ مەنبەسىمۇ ھۇن تىلى ئەمەس دەپ قارايدۇ.
مىلادى 550- يىلى، گىرمانىيىنىڭ تارىخشۇناسى جوردانىس (Jordenedes)، سابىرلار، Hunuguri ۋە « ھۇن » لارنىڭ ئەۋلادلىرىنى بىر خەلق دەپ قارىغان. جوردانىس ھۇنلارنىڭ تارىخىغا پىششىق بولمىغانلىقتىن، مەزكۇر قوۋملەر بىلەن ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنى بىرلەشتۈرۋالغان. بۇلۇپمۇ ئۇلارنىڭ سلاۋىيان ياكى گېرمان قەۋمى ئەمەس بەلكى ھۇنلارغا ئوخشاش « شەرىقلىق » ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا ھەممىسىنى تومتاقلا بىر خىل نام بىلەن ئاتىغان. ئەكسىنچە، ئۆز بايانلىرىغا نۇرغۇنلىغان مەسخىرىلىك ۋە ئۆچمەنلىككە تولغان خاتىرلەرنى قوشقان. كىشىلەر ھازىرمۇ ئۇنىڭ بۇ خىل ھۇنلارغا قارىتا مەسئۇلىيەتسىز خاتىرلىرىنى ئىشلىتىشكە ئامراق .
مەلۇمكى Hunugurياكى Onogur لار تامامەن ئاق ھۇنلارنىڭ ئاقسۆڭەك ئۇرۇقى بولۇپ، ئۇلار Huns بىلەن قوشۇلۇپ، يۇغۇرلۇش ئارقىلىق ئۇلار كىيىن يەنىلا ھۇنلار دەپ ئاتالغان. ئۇلار باشتىن ئاخىر ماجار (Magyar) قەبىلىسىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ئاخىرى ئۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇ يەردە يەنە «يۇغۇرۇلغان خەلق » لەردىن خازار (Khazars)، كابار (Kabars) قاتارلىق شەرقىي ياۋروپا چېگرىلىرىدا ياشىغان خەلقلەرنى تىلغان ئېلىشقا بولىدۇ. ھەتتا، Avar - Huns ياكى Var - Kuns لارمۇ ياۋروپاغاكىرىشتىن بۇرۇن ئولتۇراقلاشقان جايلىرىدىكى ئابارنى( ni/Apar–Avar) ، سىكتىيان (Scythian)، پارفىيان (Parthian) ۋە باشقا قوشنىلىرى بىلەن قوشۇلۇش ( يۇغۇرلۇش ) ئىشلىرى بولغان. ئۇلارنىڭ تىللىرى سىكىتىيان، تۈرك ۋە ئىران تىللىرىنىڭ ئارىلاشمىسى ئىدى .
روسىيە سالنامىچىلىرى كاۋكاز تاغلىرىنى Ugorتېغى دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ Hungarianتېغى دىگەنلىك ئىدى. ‹‹ ugor ›› رۇس تىلىدا ‹‹ Hungarian›› نىڭ تەڭداش سۆزىدۇر. بەزى تارىخشۇناشلار Khazarلارنى «ئاق ئوگور» لار دەپ ئاتاشقا تىرىشقان. ئەمما خازارلارنىڭ نامى كىيىۋ- ئوكرائىنلىرىغا ناھايىتى تۇنۇشلۇق بولۇپ، Ugrian سۆزى Hungarian لارنى كۆرسىتەتتى .
ھۇن خەلقلىرىدىن بىر نەچچىسى كاۋكاز رايونلىرىدىمۇ ياشىغان. گروزىيە ۋە ئەرمىنىيىنىڭ تارىخشۇناسلىرى بۇ ھۇنلارنىڭ خىرستىيان دۇنياسى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى ۋە ئىنجىلنى ئۆز تىللىرىغا تەرجىمە قىلغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارنى قالدۇرغان. 12- ئەسىردىكى Hungarianئىكىسپىدىيىتچىلىرى بۇ رايونلارغا كىلىپ ئۆز تۇققانلىرىنى ئىزدىگەن. ئوتتو(Otto) غا ئوخشاش بىر قىسىم كىشىلەر مۇۋاپىقىيەت قازانغان، ئەمما Julianus قا ئوخشاش بىر قىسمى مەغلۇپ بولغان؛ مەيلى كىم بولمىسۇن، ھىچكىم تېخىمۇ جەنۇپراق جايلارغا بارمىغان. بۇ ئىش ۋولگا دەرياسىغا يېقىن جايلاردىكى Baskira رايونىدا يوقالغان شەرقىي Hungarian لارنى تېپىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇلار Hungarian لارنىڭ مۇقەددەس خاننىڭ كاۋكازدىكى قەدەم ئىزىنى ناھايىتى ئىلمىي ھەم توغرا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مېتالچىلىق ئىشلىرىنىڭ بولغانلىقى، چېركاۋلىرى ۋە زىننەتلەش ئۇسۇلىنىڭ لاتىن ياكى گېرىك ئۇسلۇبىدا ئەمەس تەنھا يەرلىك ئۇسۇلدا قىلىنغانلىقى، يۇقارقى ئىككى خىل ئۇسلۇبتىكى بىزەكچىلىكنىمۇ تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
9- ئەسىردە ئۆتكەن ۋىزانىتيىنىڭ گرىك ئىمپىراتورى كونىستانتىن (Constantin)، ئارپاد (Arpad) قەبىلىسىدىن بولغان Hungarianلارنىڭ شاھزادىسى تىرماتزۇ (Termatzu) بىلەن كۆرۇشكەندىن كىيىنكى خاتىرىسىدە Hungarianلارنىڭ كونا نامىSabartoi Asphali نى ئىشلىتىپ يازغان. بۇ ئۇلارنىڭ مىسسىپوتامىيەدىكىSubar –Tuۋە Sabir-kiدېگەن ناملىرىنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى ئىدى.Asphali بولسا zabدەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ ئەرەپچە نامى ئىدى.قانداق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر خازارلار كېلىشتىن بۇرۇن سابىرلار كاسپىي دېڭىزى بويلىرىدىن كاۋكاز تاغلىرىغىچە بولغان بۇ كەڭ زېمىندا ياشىغان. بۇ زېمىنلاردا يەنە Hungarian لارنىڭمۇ ياشىغانلىقىنى ئەرمىنىيە تارىخنامىلىرىدىنمۇ كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
10- ئەسىردە ئۆتكەن تارىخچى مەسئۇدى كاۋكاز تاغ باغرىدىكى ئەزەربەيجاندا يەنىلا Mager - dan قەبىلىسىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى يازغان. ئۇ يەنە خازارلار ئەمەلىيەتتە سابىرلاردۇر، پەقەت پېرسىيانلار ئۇلارنى خازار دەپ ئاتايدۇ دەپ يازغان.
تۈرك خازارلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربكە كېلىشتىن بۇرۇن سابىرلار كاسپىي دېڭىزى بويلىرىدا ياشايتتى. خازارلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشى بىلەن ئۇلار خازارلارنىڭ بىر تارمىقىغا ئايلىنىپ قالغان. ھازىرقى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا خازار ئىمپىرىيىسى كۆپ خىل ئىتنىك مەنبە ۋە ئېرسىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە خەلقلەردىن تەركىپ تاپقان. خازار دىگەن بۇ ناممۇ ئارىلاشما نام بولۇپ، گرىكلەرنىڭ سالنامىلىرىغا ئاساسلانغاندا خازارلار بىلەن ماجارلار بىر- بىرىنىڭ تىللىرىنى ئۆگەنگەن بولۇپ ھەر ئىككى تىلدا سۆزلىشەلەيتتى.
بۇرۇنقى مىساللاردا ماجار ۋە سابىرلارنىڭ نامىنىڭ شىمالىي مىسسىپوتامىيە رايۇنىدا مەدەنىيلىك دەۋرىدىن باشلاپلا كۆرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئۆلكىسىنىڭ ئۇلار زېمىنىنىڭ بىر قىسمى ئكەنلىكىنى ئويلىمىغان. شەرىقتىكى تۇرانىيان ۋە تۈركىستان زېمىنلىرىدىنمۇ ئۇلارنىڭ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. پېرسىيالار بىلەن سابىرلار ئايرىلىپ چىقىپ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى كاۋكازدا ياشىغاندىن باشقا يەنە بىر قىسمى تېخىمۇ شەرىقتە ياشىغان. بۇ شىمالىي ئاسىيانىڭ نىمە ئۈچۈن « سىبىرىيە » دەپ ئاتىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەپ . ئامۇ- سىر دەريا ئارىلىقىدىكى تۈركىستاندا Madjar دىگەن بىر بازار نامى بار. بازاردىكى چوڭلارنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، « ماجار » بولسا ‹‹ Hungarian ›› تىلىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل تەلەپپۇزىدۇر. ( دوكتور Toth Tibor تەمىنلىگەن ماتېريال ) بۇ خىل نامدا ئاتالغان مەزكۇرجايدا ياشاۋاتقان خەلق ھازىرمۇ تۈركىي تىلدا سۆزلەيدۇ.
بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ سابىرلار بىلەن جۇڭگو مەنبەلىرىدىكى سىيانپى (鲜卑)لارنى بىر خەلق دىيىشى تارىخى پاكىتلارغا ئانچە ئۇيغۇن ئەمەستەك قىلىدۇ. چۈنكى جۇڭگو تارىخنامىلىرىدا خاتىرلەنگەن سىيانپىيلارنىڭ بىر قىسمى غەربكە كۆچۈشتىن خېلى بۇرۇنلا سابىرلار شىمالىي مىسسپوتامىيىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئىدى. « كىيىنكى خەننامە. سىيانپىيلار تەزكىرىسى» دىمۇ « سىيانپىيلار توڭغۇسلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، سىيانپىي تېغى ( ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايۇنى كورچىن ئوڭ قانات ئوتتۇرا خوشۇنىنىڭ غەربىدىن 30 چاقىرىم كىلىدىغان يەردە ) دا ياشىغانلىقى ئۈچۈن سىيانپىيلار دەپ ئاتالغان. تىل ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرى ئوغانلارغا ئوخشايدۇ، پەقەت نىكاھلانغاندا چاچلىرىنى چۈشۈرۋېتىدۇ. خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى، سىيانپىيلارمۇ باتۇر تەڭرىقۇت تەرىپىدىن يېڭىلىپ، يىراق لىياۋدۇڭ چېگرىسىنىڭ سىرتىغا قېچىپ كەتكەن ۋە ئوغانلارغا يېقىن جايغا ئورۇنلىشىپ، خەن خانلىقى بىلەن بېرىش- كىلىش قىلمىغانىدى.... ھۇنلار قېچىپ كەتكەندىن كېيىن سىيانپىيلار قۇدرەت تاپتى ۋە ھۇنلارنىڭ ئەسلى زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ 100 مىڭ كىشىلىك كۈچلۈك قوشۇنغا ئىگە بولدى» دېگەن بۇ بايانلار يۇقارقى دەلىلىمىزنى ئىسپاتلايدۇ.
تارىخچى Derbent مۇ ماجارلارنىڭ شەرقىي تارمىقى توغرىسىدا بەزىبىر مەلۇماتلارنى قالدۇرغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ماجارلار مىلادى 352- يىلى غەربكە كۆچۈپ كەلگەن ھەمدە قارا دېڭىز بىلەن كاسپىي دېڭىزى ئارىسىدا Madjar شەھرىنى بەرپا قىلغان. ئۇلار يەنە ئىككى تارماققا بۆلىنىپ ياشىغان. بىر قىسمى كېيىنرەك ئورال تاغلىرىغا يېقىنراق جايلاردا ياشىغان، باشقىرت – ماجارلار (Baskir Magyar)، يەنە بىرى كېيىن قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان ماجارلار. « ھودۇد ئەل ئەلەم » نىڭ ئاپتورى بۇ بۆلىنىشتىن كېيىنكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن ماجارلارنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسىملىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ Baskiria دا يەنە بىر قىسمىنىڭ قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا ئىكەنلىكىنى يازغان.
ئىبن رۇشتا (Ibn Rusta) تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە توغرا مەلۇماتلارنى بەرگەن. ئۇ « ماجارلارنىڭ دۆلىتى (زېمىنى ) شەرىقتە پەچەنەك تۈركلىرى (ۋولگا دەرياسىنىڭ شەرقى ) بىلەن غەربتە Eskils( بولغار دۆلىتىنىڭ ھامىيلىقىدا ) لارنىڭ ئوتتۇرىسىدا » دەپ يازغان. سەل بالدۇرقى مەلۇماتلاردىن Hungarian لارنىڭ قارا دېڭىز بىلەن كاسپىي دېڭىزى ئارىسىدىكى كۇبان ( كاۋكاز تېغىنىڭ شىمالىدا ) رايۇنىغا كېلىشىگە دائىر ماتېرياللارنى تاپالايمىز. شەرقىي تارماق دەپ ئاتالغان Baskir تۈركىي قەۋملەرنىڭ ماجارلارنى ئۆزگەرتىپ ( بۇرمىلاپ ) ئاتىشى ئىدى. ماجارلارنىڭ كۆپ قىسمى خازارلارنىڭ بېسىپ كېلىشى بىلەن كۇبان رايۇنىدىن كۆچۈپ كىتىپ، بىز يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكەن بىر قىسمى كاۋكازدا ياشىغان. Madjar Agadzorدەپ ئاتالغان بىر ماجار خانلىقى ئەرمىنىيىدە ئوتتۇرا ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان .
ئەمدى بىز ئۆز بايانىمىزنى ھۇنلار ئۈستىگە قايتۇرۇپ مەزكۇر خەلقنىڭ ياۋرۇپاغا بېسىپ كىرىشى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بىر قىسىم مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى:
مىلادى 91- يىلى، شىمالىي ھۇنلار خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، غەربكە كۆچكەندىن كېيىن، بۇ بىر قىسىم ھۇنلارنىڭ پائالىيىتى تارىخىي ماتېرياللاردا ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت خاتىرلەنمىگەن، بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بىر قىسىم مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولغان. مەك گاۋرىن بۇ ۋەقەلەرنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: « غەربكە كۆچكەن ھۇنلار بىر مەھەل تۈركىستان تىررىتورىيىسىدە ئولتۇراقلاشقان بولغانلىقتىن، شۈبھىسىزكى يەرلىكتىكى ئەسلىدە بار بولغان ئاھالىلەر بىلەن تويلىشىش ئەھۋاللىرى بولغان. بىز كۆپ خىل سەۋەپلەردىن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇلار ئۈزلۈكسىز تۈردە غەربكە يۆتكىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئالانلار (Alans) بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدىكى ئارىلىشىش ئىشى يۈز بەرگەن. ئۇلارنىڭ نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى سىبىرىيىنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىي جەنۇبىدا ياشاپ كېلىۋاتقان فىنلار ياكى فىن – ئوگۇر قەبىلىلىرى بىلەن قوشۇلۇش دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان. بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەيلى ماجارلار ئىتنىك جەھەتتىن فىن- ئوگۇرلارغا مەنسۇپ بولسۇن ياكى تۈركىي قەۋملاردىن بولغان ئون ئوگۇرلارغا مەنسۇپ بولسۇن ئۇلارنىڭ تۈركىي قەۋملار بىلەن ئىتنىك ۋە تىل جەھەتتە تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس .
مىلادىيە 374- يىلى غەربكە كۆچكەن ھۇنلار تۇنجى قېتىم دون دەرياسى قىرغاقلىرىدا پەيدا بولۇپ، ياۋروپاغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىقنى باشلىغان. ئەمما رىم ئىمپېرىيىسى زېمىنلىرىغا بېسىپ كىرگەن ھۇنلار ۋە ئالانلارنىڭ سانى ئاز بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھۇنلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى تېخى ئارقىدا، يەنى جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىدا ئىدى.
ۋىزانتىيىنىڭ ئەلچىسى ئولپىيودوروس (Olypiodoros) مىلادىيە 412- يىلى ھۇنلارنىڭ ئاتامانى دونات (Donat) نىڭ تۇرالغىسىنىڭ دىنپىر دەرياسى بويىدا ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئاتتىلا ئۆلگەندىن كىيىن تارماق قىلىنغان ھۇنلارمۇ مەزكۇر رايۇنغا قېچىپ كىلىشكە ئۇرۇنغان. مىلادىيە 454- يىلى ئاتتىلانىڭ ئوغلى ئىرنىك نىدال دەرياسى بويىدىكى جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن، ھۇنلارنىڭ قۇدرىتى يىمىرىلگەن. ئاز بىر قىسىم تارقاق كۆلەمدىكى ھۇنلار ئۆز ئاقساقاللىرىنىڭ باشچىلىقىدا يەنە داۋاملىق ھازىرقى ۋېنگىرىيە زېمىنىدا قېلىپ قالغاندىن باشقا، ھۇنلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى كارپاتىيە تېغىنىڭ شەرقىغە چىكىنىپ، ئۆتكەنلىكى 70 يىلدا جەنۇبىي رۇسىيە يايلاقلىرىنى ماكان قىلىپ ياشاپ كەلگەن. ھۇن قېرىنداشلىرىغا قوشۇلۇپ كەتكەن .
مىلادىيە 461- يىلى ئاتتىلانىڭ يەنە بىر ئوغلى دېڭىزىك (Dengesik) غەربكە قارىتا يۈرۈش قىلىپ، ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتا تىكلەشكە ئۇرۇنغان. 468- يىلىغا كەلگەندە ئۇلار ئاندىن دۇناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىگە ھۇجۇم قىلالىغان. شەرقىي رىم ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپلا قالماي، دېڭىزىك ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ۋەقەلىك ئاتتىلا ۋە ئۇنىڭ ھۇنلىرى توغرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خاتىرىدۇر .
ئاتتىلا ۋە ئۇنىڭ ھۇنلىرى ياۋروپادىكى بىر مەزگىللىك شان- شۆھرەت ۋە بويسۇندۇرۇشلىرىدىن كىيىن، ئاخىرى يەنە مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنە جەنۇبىي رۇسىيە يايلاقلىرىغا كۆچۈپ كىلىپ، بۇ يەردىكى يەنە بىر ئىتتىپاق – ئون ئوگور ( ئون ئوقلار ) ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.
3. تۈركىي قوۋملەر
ۋېنگىرلارنىڭ تۈركىي خەلقلەر بىلەن بولغان ئىتنىك باغلىنىش ۋە مۇناسىۋەت مەسىلىسى ئوخشاشلا بىر قەدەر مۇرەككەپ مەسىلە، 1882- يىلى ۋېنگىرلاردىن ئارمىن ۋامبېرى « ماجارلارنىڭ كېلىپ چىقىشى » دېگەن چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، « ۋېنگىرلار تۈركلەردىن كىلىپ چىققان » دىگەن كۆز قاراشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ۋېنگىرىيە ئالىملىرى ئارىسىدا ئاتالمىش « تۈركلەر بىلەن ئوگورلارنىڭ جېڭى » باشلانغان.
ۋېنگىرلارنىڭ تىلى فن- ئوگۇر تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولۇپ، بۇ كۆز قاراش ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ۋېنگىلارنىڭ قېنىدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. ۋېنگىر تىلىدا كۆپلىگەن تۈركىي سۆزلۈكلەر بار بولۇپ، قەدىمقى ۋېنگىرلار تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان .
ۋېنگىرىيىلىكلەرنىڭ ئىشەنچىلىك تارىخى ئارپاد خانلىقىدىن باشلىنىدۇ. ئارپاد 907- يىلى ئۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى تارىخ ساھەسىدىكىلەر ۋېنگىرلارنىڭ تارىختىن ئاۋالقى تارىخى دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. چۈنكى ۋېنگىرلارنىڭ 10- ئەسىردىن بۇرۇنقى ئۆز تىلىدا يېزىلغان تارىخى بايقالمىدى. پەقەت 11- ئەسىردىكى لاتىن تىلىدىكى ھۆججەتلەردىن بىر قىسىم قەدىمقى ۋېنگىرچە سۆزلۈكلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى « ۋېنگىرىيە تارىخى» ( ‹‹Gesta Hungarorum›› ) 12- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان، ئەمما مەزمۇنى تەپسىلىي بولمىغان، ۋېنگىرلار بىلەن تۈركىي قوۋملەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى مۇناسىۋەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئاساسلىقى تىلشۇناسلىق ھەمدە شەرقىي رىم تارىخچىلىرى ۋە ئىسلام ئاپتورلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك مىللەت نامى، ئادەم ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىنى جۇڭگونىڭ قەدىمقى تەرجىمىسى، قەدىمقى ناملىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقىشمۇ بىر قەدەر قىيىن.
بىز يۇقارقى بايانلىرىمىزدا ھازىرقى ۋېنگىرلارنىڭ ئىنگىلىز، گېرمان، فىرانسۇز ۋە ئىتالىيان تىللىرىدىكى ناملىرىنىڭ ھەممسىنىڭ ئون ئوگۇر (Onogur) دېگەن بۇ ئىتنىك نامدىن كەلگەنلىكىنى تىغا ئالغان ئىدۇق. بۇ نام دەسلەپ شەرقىي رىم تارىخشۇناسى پرىسكوسنىڭ خاتىرلىرىدە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ساراگور (Saragur) لار، ئوگۇر (Ogur) لار ۋە ئون ئوگور (Onogur) لار، سابىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆز ماكانلىرىدىن قوغلانغان. سابىرلار بۇ ۋاقىتلاردا ئاۋارلار تەرىپىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىنغان. ئاۋارلارمۇ دېڭىزنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان باشقا قەۋملەر تەرىپىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ ۋاقىتتا ( تەخمىنەن مىلادى 461- 465- يىللىرى ) ساراگور، ئوگور ۋە ئون ئوگۇرلار شەرقىي رىمغا ئەلچى ئەۋەتكەن .
Saragurيەنى Ogur Saraنىڭ مەنىسى « ساپ ئوگۇر » ياكى « ئاق ئوگۇر » نى كۆرسىتىدۇ. Onogur دىكى On تۈركىي تىلىدا ساناق ساندىكى « ئون » نى كۆرسىتىدان بولۇپ، بۇ « ئون ئوقلار » دىگەن قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ .
Ogur ئېلىمىز تارىخنامىلىرىدكى “乌护”,“乌纥”,“回纥” لاردۇر . Saragurلار مىلادىيە 466- يىلى پارسلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئەرمىنىيىنى خارابىيلىققا ئايلاندۇرۇۋەتكەن. شۇڭا 5- ئەسىردە ئۇلارنىڭ كۈچى كاۋكازغا يىتىپ بارغان. ئوگۇرلار توغرىسىدا مېناندىر (Menander)« گرىك تارىخىدىن پارچىلار » دا، مىلادىيە 569- يىلى رىم ئەلچىلىرى ۋولگا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا تۈرك خانلىقىغا قارام بولغان ئوگۇرلارنىڭ ئاقساقىلى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات قالدۇرغان. 7- ئەسىردىكى شەرقىي رىمنىڭ تارىخشۇناسى سموكاتتا (Simocatta) مۇ « ئوگۇرلار شەرقتىكى تىل (Til) دەرياسى بويىدا ياشايدۇ» دەپ مەلۇمات بەرگەن. بۇ يەردىكى تىل دەرياسى ئىدىل ( ۋولگا ) دەرياسىدۇر. مارگارت (Marguart) مۇ بۇ دەريانىڭ « سۈينامە» دە خاتىرلەنگەن. « ئىدىل » (独洛河) دەرياسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ .
ئون ئوگۇرلارنىڭ 10- ئەسىردىن كىيىنكى ئەھۋالى توغرىسىدا شەرقىي رىمنىڭ تارىخنامىلىرىدا خاتىرىلەر ئۇچرىمايدۇ. ئەمما 10- ئەسىردىكى پارسلارنىڭ « ھودۇد ئەل ئالەم » ۋە گەردىزىنىڭ ئەسەرلىرىدە v.n.d.r ياكى V.n.n.dr دېگەن بىر مىللەت ئۇچرايدۇ. ئۇلار ماجار ۋە بولغارلار بىلەن قوشنا ئىدى . مارگارتنىڭ قارىشىچە ئۇلار دەل Onoghundur دۇر. Onoghunدېگىنى دەل ئون ئوگۇرنى كۆرسىتىدۇ. dur بولسا تۈركىي تىلدىكى ئۇلانما، ئىكنومدىسىكى بۇلار ماجارلار دەپ قارايدۇ. مىنورىسكى بۇ Onoghundurبولسا بولغارلارنىڭ بىر قەبىلىسى، ئۇلار 5- ئەسىردىن 7- ئەسىرگىچە كاۋكازنىڭ شىمالىدىكى كۇبان رايۇنىدا ياشىغان. بۇ رايۇندىكى بولغارلار يەنە ئىپتىدائى بولغارلار دەپ ئاتالغان بولۇپ، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان بىر قەبىلە ئىدى. ئۇلار 2- ئەسىردە باشقا بىر قىسىم قەبىلىلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياسىن كاسپىي دېڭىزى ۋە قارا دېڭىز رايۇنلىرىغا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قەبىلىلەر Onoghundurلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دەپ قارىغان.
جۇڭگو ئالىملىرىدىن ياڭ شيەنيى ئەپەندى «سۈينامە . تۇرالار تەزكىرىسى» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسەن، ساراگۇرنى (羯 苏路) ئوگۇرلارنى(屈 恩) دەپ، سېن جۇڭمىيەن ئەپەندىمۇ ئوگۇرلارنى乌护»» دەپ دەلىللەپ چىققان. باسكاكوفنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغا تۈرك تىلى ھۇنلار دەۋرىدىلا بۆلىنىشكە باشلىغان. «r»تاۋۇش تارمىقى بىلەن «z» تاۋۇش تارمىقى ماس كېلىدۇ. غەربىي ھۇن تىلى تارمىقىدىكى مەسىلەن، ساراگۇر، ئوگۇر ، ئون ئوگۇر، ساۋىر ، ئاۋار ھەمدە كېيىنكى بۇلغار قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسى «r» تاۋۇش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئەمما ئوغۇز، قىرغىز قاتارلىق شەرقىي قىسىمدا ئولتۇراقلاشقان قەبلىلەرنىڭ ھەممىسى «z» تاۋۇش تەۋەسىگە كىرىدۇ . سۈي – تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدە ۋولگا دەريا ۋادىسىدا ئولتۇراشلۇق تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ناملىرىنىڭ كۆپۈنچىسى «r»تاۋۇشى بىلەن ئاياقلاشقان.
يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ھازىرقى ۋېنگرىيىلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاتىشىدىكى نامى بولغان « ماجار » دېگەن ناممۇ تۈركىي قوۋملەر بىلەن مۇناسىۋەتىك دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ماجار ھازىرقى زامان ماجار ۋېنگىر تىلى بولۇپ، قەدىمقى ماجار تىلىنىڭ تەلەپپۇزى ئازراق ئوخشىمايدۇ. ھازىرغا قەدەر 10- ئەسىردىن بۇرۇنقى يازما ھۆججەتلەر تېپىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا 12- ئەسىردىكى ۋېنگىرچە ھۆججەت « ماتەمنامە » گە ئاساسلانغاندا، قەدىمقى ماجار تىلىدا قىسقا سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان ‹‹ a ›› بولمىغان قەدىمقى ماجار تىلىدىكى ‹‹ u ›› تاۋۇشى ھازىرقى تىلدا ‹‹o ›› تاۋۇشىغا، ‹‹ü›› تاۋۇشى ‹‹ Ö ››گە، ‹‹o ›› تاۋۇش ‹‹ a ››غا ئۆزگەرگەن. مەسىلەن، ھۆججەتتىكى‹‹oz›› ھازىر ‹‹az ›› بۇ ئاز دىگەن مەنىدە ) غا، (‹‹Pur›› چاڭ – توزاڭ )، ‹‹Por ››غا ئۆزگەرگەن. شۇڭا ماجار تىلىنىڭ قەدىمقى تەلەپپۇزىدىمۇ پەرىق بار. ئى. پاترىج (E.Partridge)، ماجار (Magyar) نىڭ قەدىمقى ئوقۇلۇشى ‹‹ Mogyeri›› ئىدى دەيدۇ. مىنورىسكى ۋېنگىرىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسەن ‹‹ Mojgher›› دېگەننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ‹‹ Mojgher›› سۆزى«Moj» بىلەن « Gher »نىڭ قوشۇلىشىدىن تۈزۈلگەن. ‹‹Gher›› سۆزى باشقىرت دېگەن بۇ تۈركىي خەلق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇلا. نېمىس (Gy.nemeth)، باشقىرت (Bashghir) تۈركىي تىلدىكى (‹‹ Bash›› بەش ) بىلەن ‹‹ Ghur›› نىڭ قوشۇلىشىدىن تۈزۈلگەن، مەنىسى « بەش تارماق قەبىلە » دېگەنلىك، باشقىرتلار كاسپىي دېڭىزى ئەتراپىدىكى ماجارلار بىلەن ئارىلىشىپ كىيىنچە ‹‹ Mojgher›› لارنى شەكىللەندۈرگەن، ‹‹ Gher›› بولسا ‹‹ Bashghir›› نىڭ ئاخىرقى بوغۇمى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كىشىلەرمۇ ماجارلارنى باشقىرتلار دەپ ئاتىغان دەيدۇ. ئى. پاترىج بولسا، ‹‹ Mogyeri›› نىڭ ئاخىرقى بوغۇمى بولغان ‹‹ Eri ›› تۈركىي تىل بولۇپ، « ئادەم»، «كىشى» دېگەنلىك بولىدۇ، كۆپلىگەن تۈركىي تىل دىئالىكتىلىرىدا « ئادەم» كىشى سۆزى ‹‹ er››،‹‹är››، ‹‹ ir›› ،‹‹ ar›› دېيىلىدۇ. ئاياق تاۋۇش ‹‹ i›› قەدىمقى ماجار تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك، يەنى سۆز ئاخىرىدا قىسقا سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغانÜ» ، «I»، ««U دائىملىق ھادىسە. مەسىلەن، ھازىرقى ماجار تىلىدا « ئاق »نى ‹‹ feher ›› دېسە، قەدىمقى ماجار تىلىدا ‹‹ feherÜ›› دەيدۇ دەپ قارايدۇ. يۇقارقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا « ماجار » دېگەن ناممۇ تۈركىي تىل سۆزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
مىلادى 889- يىلى ئەتراپىدا يەنە ئاسىيادىن كەلگەن پىچىنەكلەرنىڭ زەربىسى بىلەن ماجارلار ياۋرو- ئاسىيا يايلىقىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى كارپاتىيە (Carpathian) تاغلىرى باغرىدىكى تۈزلەڭلىكلەرگە كۆچۈپ بارغان. 892- يىلى شەرقىي فىرانىك خانلىقىنىڭ خانى ئارنولف(Arnulf) ماجارالارنى يېڭىدىن باش كۆرتۈرگەن سىلاۋىيانلارنىڭ موراۋىئا كېنەزلىكىگە جازا يۈرۈشكە بىللە قاتنىشىشىغا تەكلىپ قىلغان. 895-يىلى ۋىزانتىيە ئىمپىراتورى لىئوⅣ ماجارلاردىن پايدىلىنىپ، دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى بۇلغارلارغا قارشى تۇرغان. ئاخىرىدا بۇلغارلار بىلەن پىچىنەكلەرنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمى ئاستىدا ماجارلار، ئاقساقىلى ئارپادنىڭ باشچىلىقىدا دوناي ۋە تىستا دەرياسى ئارىسىدىكى يايلاقلارغا كۆچۈپ كەلگەن ( ھازىرقى ۋېنگېرىيە دۆلىتىنىڭ زېمىنى )، شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە بولۇپمۇ ئارپاد خانلىقىدا سىتىغىن (STEPHEN) (997- 1038- يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە زور مۇۋاپىقەتلەرگە ئېرىشكەن. 1055- يىلىغا كەلگەندە بالاتون كۆلى ( ۋېنگرىيىنىڭ جەنۇبىدا ) نىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقى يۈرگۈزگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدا قالدۇرغان تۇنجى يازما خاتىرىسىدۇر. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ماجارلار مەدەنىيەت ۋە ئىدولوگىيە جەھەتتە ياۋروپا ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىشقا باشلىغان.
خۇلاسە
يۇقارقى بايانلار پەقەت ۋېنگىرلارنىڭ ئىتنىك قۇرۇلمىسىنىڭ ئادەتتىكى بىر كارتىنىسى بولۇپ، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ تولۇق دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەت ھەر خىل ئىتنىك مەنبەلىرىنىڭ بىرلەشمە گەۋدىسى بولۇپ، ۋېنگىرلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. يۇقارقى ئىتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرقى ۋېنگىرلارغا ئوخشاش بولمىغالىقى سەۋەبىدىن تالاش- تارتىش پەيدا قىلىدۇ، ھەم تامامەن توغرا بولۇشىمۇ ناتايىن. بىزنىڭ مەقسىدىمىز ھازىرقى ۋېنگىرلارنىڭ ھازىرقى ۋېنگىرىيە زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن يېڭى ئىتنىك گۇرۇپپىلارنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادلىرى بىلەن قايسى جەھەتلەردىكى بىردەكلىكىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۈرۈش. شۇ قەدىمقى ئەنئەنىلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭ قايسى ئىتنىك گۇرۇپپىلار بىلەن قايسى تىل تارماقلىرىنىڭ تەسىرى مەسىلىسى بىر قەدەر مۇھىم. دېمەك، ھازىرقى ۋېنگىرلار ۋولگا- كۇمان- ئورال رايونلىرىدىكى ئۇگرىيانلاردىن بولغان نوردىك (Nordic) قەبىلىلىرى، كاسپىي دېڭىزى رايۇنىدىكى تۈرك ئون ئوگۇر ( تۇرانىيان ، ئۇلار سىكىتىيان، ھۇن ئاۋار ۋە كېيىنكى خازارلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) لار ھەمدە كاۋكاز رايۇنىدىكى سابىر، ئالان قاتارلىق ئىران مىسسوپوتامىيە ئىلمىنىتلىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردىكى « ماجار » دىگەن ئىتنىك نامغا يىغىنچاقلاشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، مەزكۇر ئىتنىك گۇرۇپپىلار ئۇلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئاساسلىق ئىتنىك تەركىپلەردۇر. ئۇلار تىل جەھەتتىمۇ ئۇرال- ئالتاي تىللىرى دەپ ئاتىلىدىغان تۇران تىللىرى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. شۇڭا بىز گەرچە ھازىرقى ماجارلارنىڭ قېنىدا قەدىمقى ھۇنلارنىڭ بىر قىسىم تەسىرى بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئىنتىك قوشۇلۇش جەريانىدىكى يۇغۇرلۇش ئەھۋاللىرى ۋە ئۇلارنىڭ « ماجار » دىگەن بۇ ئىتنىك نام ئاساسىدا قۇرۇلغان دۆلىتى ۋە مىللەت نامىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇلارنىڭ ھازىرقى دۆلىتىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردا « ماجارىستان » ياكى « ۋېنگىرىيە » ( گەرچە ماجارلار بۇ نامنى ياقتۇرمىسىمۇ ) دەپ ئاتاش بىر قەدەر مۇاۋاپىق دەپ قارايمەن.

bilqut
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
Posted: 2008-02-17 18:02 | [ئاپتور]
Qutghur
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-05-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

    بۇنى بىلىپ قويغۇلۇقكەن .شۇلارنىڭ قارىشىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك !
   "ماجارىستان" مۇشۇنداق ئاتىغان ياخشى .
1som
Posted: 2008-02-17 19:31 | 1 -قەۋەت
TarimDadxah
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

Dr.Bellew نىڭ " كەشمىر ۋە كاشىغەرىيە " دېگەن ئەسىرىنى تاپقىلى بولارمۇ ؟ بۇ كىشى خېلى ئەتراپلىق تەتقىق قىلغانمىش ! مەن بۇ مەلۇماتنى " كاشىغەرىيە " ( كروپاتكىن ) دىن كۆرگەن!
بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە  ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى  ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى  بىلمەيدىغاندىن  قاچ !
Posted: 2008-03-02 22:54 | 2 -قەۋەت
arslanhan
دەرىجىسى : ياساۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 36
شۆھرىتى: 37 نومۇر
پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

بۇ ھازىرقى ماجارلارنى شالغۇت مىللەت دېسە بولىدىكەن. بۇلار بىرەر  تارىخى ئىزچىللىقنىمۇ ساقلاپ قالالماپتىكەن. ماجار دېگەن ئىسىم ھېچنېمىنى ھەل قىلىپ بېرەلمەيدۇ. بۇلارنى قەدىمكى ئەشۇلار ئىدى دېگىلى بولماس. ماقالىنىڭ يەكۈنىمۇ شۇنىڭغا كېتىپ بارغاندەك قىلىپ تۇرىدۇ. 
Posted: 2008-03-03 01:53 | 3 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تارىخى ئاتالغۇلار

Total 0.104649(s) query 4, Time now is:03-07 19:59, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation