بۇ بەتتىكى يازما : ئابدۇقادىر داموللا ئۆلتۈرۈلگەن پاجىئەلىك كېچە بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئابدۇقادىر داموللا ئۆلتۈرۈلگەن پاجىئەلىك كېچە





قۇغۇن پىششىقى كۈنلىرىنىڭ بىرى، داموللىنىڭ بالا-چاقىللىرى ئاتۇشقا خامان ئېلىشقا كەتكەن بۇلۇپ، ئۆيدە پەقەت شاگىرتى باقى ئاخۇنلا قالغان ئىدى.

داموللا كەچنى كىتاپ ئۇقۇش بىلەن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، باقى ئاخۇنغا رۇخسەت بەردى ۋە ياندىكى ياتاق ئۆيگە كىرىپ بەخەرامان ئۇخلاپ قالدى. باقى ئاخۇنمۇ ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالدى.

داموللىنىڭ دەرۋازىسى تاقالغۇچە بولغان ئارلىقتا قانداقتۇر بىر قارا سايە ئاتخانىغا كىرىپ مۈكۈۋالغان ئىدى. بۇنى داموللىمۇ، باقى ئاخۇنمۇ تۇيمىغان ئىدى. داموللىنىڭ ھەر كېچىسى بىر قېتىم تەرەت سۇندۇرۇشقا چىقىدىغانلىقىنى بىلگەن بۇ قارا سايە داموللىنىڭ تەرەتكە چىقىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى.

يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە، داموللا يۈتەل ۋە ئاياغ تىۋىشى بىلەن مىھمانخانا ئۆيدىن چىقىپ، ئارا ئىشىكنى ئېچىپ ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى. قارە سايە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غىپپىدە قىلىپ ئاتخانىدىن ھويلىغا، ئاندىن مىھمانخانا دەھلىزىگە كىرىپ مۈكۈندى. بۇ ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان داموللا تەرەتتىن بىكار بۇلۇپ، ئارا ئىشىكنى تاقىدى-دە، ئۆيگە ئاياغ تاشلىدى. ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا، داموللا ئۇزۇن كىچىك كۆڭلەكتىن باشقا كىيىم كەيمىگەن ئىدى.

داموللا دەھلىز ئىشىكتىن كىرىپ، مىھمانخانىغا ئاياغ تاشلىماقچى بولغىنىدا "چىم" قىلغان يېقىمسىز بىر سېزىم داموللىنى قاتتىق ئەندىكتۈرۋەتتى. ئۇيقۇ ئارىلاش، ئويسىز ھالەتتە كىرىۋاتقان داموللا ئەمدىگىنە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بىقىنىنى تۇتىشىغا، قارا سايە پىچاقنى تارتىۋالدى. داموللىنىڭ قوللىرى ئۈزىنىڭ شۇرقىراپ ئېقىۋاتقان ئىسسىق قېنىغا مىلەنگەن ئىدى. ئۈزىگە پىچاق سېلىنغىنىنى بىلگەن داموللا قارشىسىدا تۇرغان قاتىلغا "ئىپلاس" دىگىنىچە ئېتىلدى. بىراق كۆزلىرىگە قان تولغان قاتىل تەمتىرەش ياكى قېچىش تۈگۈل ئەكىسچە غالجىرلىق بىلەن داموللىغا ياندى. داموللا قاتىلغا قارىغاندا كۆپ سىمىز ۋە دۇغىلاق كىشى بولسىمۇ، لىكىن قاتىل داموللىدىن ياش ھەم كۈچتۈڭگۈر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قانداقتۇر بىر روھ ئۇنى تېخىمۇ ئەسەبىلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى. داموللا دۇشمىنىنى ھەرقانچە بېسىشقا جۈرئەت قىلغان بولسىمۇ، لىكىن قان جىق چىقىپ كەتكەچكە، قاتتىق ھالسىراپ كەتكەن ئىدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان قاتىل داموللىنىڭ قۇرسىقىغا يەنە بىر پىچاق سېلىپ، ئۇنىڭ قۇرسىقىنى يېرىۋەتتى. داموللا گۈپ قىلىپ يىقىلدى-دە، ھۇشىدىن كەتتى. ئارىلىقتا بىر نەچچە قېتىم "باقى ئاخۇن" دەپ ھالسىز توۋلىغان بولسىمۇ، لىكىن قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن باقى ئاخۇن ھېچنىمىنى تۇيمىغان ئىدى.

داموللىنىڭ ھالسىزلانغىنىنى كۆرگەن قاتىل مۇرادىغا يەتكەندەك بۇلۇپ، كەلگەن يۇلىچە بەدەر تىكىۋەتتى.

داموللا غەرق قان ئىچىدە ياتاتتى. ئارىلاپ-ئارىلاپ بوش ئاۋازدا ئىڭرايتى ۋە خارقىرايتى. بىراق بۇ تۈن كىچىدە قېرىشقاندەك داموللىنىڭ ھالىغا يەتكۈدەك ھېچ ئىنسان چىقمىغان ئىدى. پەقەت تاڭغا يېقىن ئۆگزىگە تەرەتكە چىققان ھەقەمسايىسى بۇ خارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلىدى-دە، دەررۇ باقى ئاخۇننى توۋلاپ ئويغاتتى. باقى ئاخۇن داموللىنىڭ قېشىغا كىرگەندە بۇ مۇبارەك زات ئاللا قاچان جان ئۈزگەن ئىدى. بۇ دەھشەتلىك پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان قۇلۇم-قوشنىلار دەررۇ شەھەرلىك جىيسا (ساقچى) ئىدارىسىگە چېپىشتى.

شەھەر بايلىرىدىن ئۈمەر بەگ بىلەن زۇنۇن ئاخۇن پاششاپ قاتارلىق شەھەر قوغداش خادىملىرى ھە-ھۇ دىگۈچىلا داموللىنىڭ ئۈيىگە يىتىپ كىلىشتى ھەمدە دەررۇ ئەھۋالنى ئىگىلەشكە كىرىشتى. ئۆينى تەكشۈرىۋاتقاندا ھويلىدىن بىر تۈمۈر قىسقۇچ تېپىلدى. "ئوغرىنىڭ ئەزرائىلى" دەپ داڭق چىقارغان زۇنۇن پاششاپ قىسقۇچنى ئالغان پېتى ئۇدۇل تۈمۈرچىلەرنىڭ قېشىغا يۈگۈردى. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق قىسقۇچنىڭ شەھەردىكى مەلۇم تۈمۈرچىنىڭ قىسقۇچى ئىكەنلىكى، ئۇنى تۈنۈگۈن كۈندۈزدە ئەھمەت مەزىننىڭ ئارىيەتكە ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

زۇنۇن پاششاپ قول ئاستىدىكى مىرشەپ، چاكەردىلىرىنى ئېلىپ ئەھمەت مەزىننىڭ ئۈيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى كىيىم ۋە بەدەنلىرىنىڭ قان داغلىرىنى يۇيىۋاتقان يىرىدىن تاپتى. پۇت-قوللىرىغا كىشەن سېلىپ، بەگلىك ئۇرۇن بولغان دىڭزىيا تۈرمىسىگە قامىدى. ئۈمەربەگ سۇراق جەريانىدا ئۇنى ئىقرار قىلغۇزدى. ئۈمەربەگ ئەھمەت مەزىننىڭ ئىقرارىدىن قاتتىق چۈچۈپ كەتتى. چۈنكى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئەھمەت مەزىنگە يول كۆرسەتكۈچىلەر ئادەتتىكى ئادەم ياكى كىچىك بىر ئۇرۇن ئەمەس ئىدى. ئۈمەربەگ بىلەن زۇنۇن پاششاپلار ئۈندىمەيلا ئۇدۇل شەھەرنى ئۆز چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان "كاتتا كىشى" نىڭ ئالدىغا باردى. ئەھمەت مەزىننىڭ ئىقرارىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلدى. ئۈمەرباي بۇ ھادىسىگە چېتىشلىق "ئۇلۇغلار" نىڭ ئىسمىنى ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق ئېيتمىغان بولسىمۇ، لىكىن "كاتتا كىشى" نىڭ چىرايى سارغىيىپ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. بۇ سىر ئاشكارلانسا شەھەردە قانداق كۈڭۈلسىزلىكلەرنىڭ چىقىشى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. شۇڭا ئۇ دەررۇ ئەقلىنى جورۇپ چۆچەكتەك ئىككى كۈمۈش يامبۇنى بەگ بىلەن پاششاپنىڭ ئالدىغا قويدى. پەۋقۇلئاددە چىگىش ھەم خەتەرلىك دىلودىن گاڭگىراپ تۇرغان ئۈمەر باي بىلەن زۇنۇن پاششاپنى شەھەر كاتتىسىنىڭ بۇ سوغۇسى تېخىمۇ چىڭ ئىسكەنجىگە ئالدى. سوۋغۇدىن كىيىن قۇيۇلغان شەرتلەرگە بۇ ئىككى كىشىنىڭ ماقۇل كەلمەسلىكى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئەھمەت مەزىننىڭ ئۈزىگىمۇ بارلىق جىنايەتلىرىدىن تېنىش كىرەكلىكى، شۇندىلا ئۇنىڭ ئۈلۈمدىن خالاس بۇلىدىغانلىقى جېكىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش يۇشۇرۇن بىر سىرغا ئايلاندى. ئەھمەت مەزىن ھۈكۈمەت تەرەپنىڭ سۇراقلىرىدا داموللىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان بولسىمۇ، لىكىن بۇ ئىشنى پىلانلىغۇچىلار، بۇيرۇق بەرگۈچىلەر ھەققىدە ھېچنىمىنى ئاشكارىلىمىدى. ئەكىسچە داموللىغا بىرمۇنچە بەتناملارنى چاپلاپ، ئۇنى داموللىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ سەۋەۋى قىلىپ كۆرسەتتى.

دەل شۇ مەزگىللەردە داموللىنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندا ئۇقۇشتا ئىدى. دادىسىنىڭ ئۈلۈمى توغرىسىدىكى شۇم خەۋەر ئۇنى ئۇقۇشنى يېرىم يولدا توختۇتۇپ يۇرتىغا قايتىپ كىلىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى. ئابدۇلئەزىز مەخسۇم دادىسىنىڭ ھەقىقى قاتىلىنى تېپىپ جازالاشنى ھۈكۈمەت تەرەپتىن قاتتىق تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئەھمەت مەزىننىڭ تەرسالىقى بىلەن بۇ دەۋا ھەل بولماي ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كەتتى. بۇ دەۋادىن زىرىككەن ھۈكۈمەت ئاقىبەتتە ئەھمەت مەزىننى تۈمۈر قەپەزگە سۇلاپ ئۈرۈمچىگە ئىبەرتىپ بەردى. ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئەرىز سۇندى. ھۈكۈمەت تەرەپ ئەھمەت مەزىننى ئېتىپ بىرىش قارارىغا كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بۇ قارارغا قارشى ھالدا ھەقىقى قاتىللارنى تېپىپ جازالاپ بىرىشتەك ھەققانىي تەلىپىدە چىڭ تۇردى. مەزىن ئاخىر ھەممىنى ئىقرار قىلغان بولسىمۇ، لىكىن قەشقەر كاتتىللىرى سۈڭگۈتىۋەتكەن سوغا-سالامدىن تىلى تۇتۇلغان ئۈرۈمچىدىكى ئەمەلدارلارمۇ بۇ سىرنى ئاشكارا قىلىشنى خالىمىدى.

قەشقەر كاتتىللىرىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەدىسى بۇيىچە ئەھمەت مەزىن سۇلاقتىن بۇشىتىلىپ قۇيۇپ بىرىلدى. بۇ "غالىپ" قاتىل ئۈرۈمچى كۇچىلىرىدا بىر مەزگىل لاغايلاپ يۈرگەن بولسىمۇ، لىكىن بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىكى كىشىلەرنىڭ تىل-ئاھانەت، دەشناملىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارام تاپالماي، ياقا يۇرتلارغا قېچىپ بېرىپ جان باقتى. رۇھى جەھەتتىن قاتتىق زەربە يىگەن مەزىن ئاقىبەتتە ئېلىشىپ قېلىپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ھەتتا ئۆز گۇشىنى ئۈزى يىيىشكە باشلىدى. نەتىجىدە ئەنە شۇ ساراڭلىقتا بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۆلدى.



«تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى

1som
نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-19 12:14 | [ئاپتور]
hakikat
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 1
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-11

 

ھازىر ھايات ياشاۋاتقان، .ئەھمەت مەزىنلەرنىڭ بۇ تارىختىن ئىبرەت ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1som
Posted: 2008-02-11 22:27 | 1 -قەۋەت
ijad
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 9
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-14

 

ئادالەتسىزلىك--- تارىختا تېخىمۇ كۆپ پاجىئەلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر مۇھىم سەۋەب. بۇ يازمىنى ئوقۇپ بولۇپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى...
1som
Posted: 2008-02-11 22:55 | 2 -قەۋەت
Ghunche
دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 2
يوللىغان تېما : 166
شۆھرىتى: 171 نومۇر
پۇلى: 1700 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-14

 

بۇ جاھاندا ھەقىقەت پەقەت ھوكۇمدارلارنىڭ قولىدا ئۇلار ئوڭ دىسە ئوڭ، تەتۈر دىسە تەتۈر بۇلىدۇ. مانا بۇ ھەقىقى ھەقىقەت !
1som
Posted: 2008-02-11 23:00 | 3 -قەۋەت
Ghunche
دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 2
يوللىغان تېما : 166
شۆھرىتى: 171 نومۇر
پۇلى: 1700 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-14

 

ئاجىزلارنىڭ، نامراتلارنىڭ ھەقىقىتى بولمايدۇ. ئەسكەر دىگەن بىر ئىتقا ئوخشايدۇ ئۇ خوجايىنى ئۈچۈن ھەق- ناھەقتنى ئايرىيدۇ. پۇقرا دىگەن بىر ئىشككە ئوخشايدۇ، ئۇ خوجايىنى ئۈچۈن توختىماي ئىشلەيدۇ.
bilqut
Posted: 2008-02-11 23:02 | 4 -قەۋەت
uytoghrak
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 10
شۆھرىتى: 11 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-12

 

  ھازىرقى بەزى ئەمەلدارلارمۇ شۇۋاقىتتىكىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ جۇمۇ .
 
1som
Posted: 2008-02-12 11:30 | 5 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.053090(s) query 4, Time now is:02-15 08:16, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation