niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 موڭغۇللار دەۋرىدىكى پولات شەھىرى

موڭغۇللار دەۋرىدىكى پولات شەھىرى
ئەركىن ئەرشىدىن 

( شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى تارىخ فاكۇلتېتىدىن )
 چىڭگىزخاننىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى ۋە موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن قەدىمكى يىپەك يولىدا قايتىدىن جانلىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. خۇددى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇناسىۋەت تارىخى مۇتەخەسسىسى شياڭدا ئەپەندى كۆرسەتكەندەك " موڭغۇللارنىڭ غەربكە قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرى ئىلگىرى توسۇلۇپ قېلىپ، ئېچىلمىغان يوللارنى بىر - بىرلەپ ئېچىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، غەرب - شەرق مەدەنىيىتى دەل مۇشۇ مەزگىللەردە كەڭتاشا ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى " ① . بۇ مەزگىللەردىكى شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان قۇرۇقلۇق يولىدا، يەنى " يىپەك يولى " دا ھۆكۈمەت ئەلچىلىرى، سەيياھلار، دىن تارقاتقۇچىلار، سودىگەرلەر خۇددى بۆزچىنىڭ موكىسىدەك قاتناپ تۇراتتى. مانا مۇشۇنداق ئاۋات مەنزىرىلەر بىلەن تولغان بۈيۈك كارۋان يولىنىڭ غەربىي دىيار بۆلىكى توغرىسىدا جۇڭگولۇق ۋە غەربلىك ئەلچى سەيياھلار سەپەر جەريانىدا غەربىي دىياردا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا ساياھەت خاتىرىلىرىنى يېزىپ چىقىپ، كېيىنكىلەرنىڭ غەرب - شەرق قاتناش تارىخىنى تەتقىق قىلىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ رايونلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللىرى ھەمدە موڭغۇللارنىڭ بۇ رايونلاردىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر قىسىم مەشھۇر تارىخىي شەھەرلەر، يەر - جاي، ئۆتەڭلەرنىڭ ناملىرىنى ئۇچرىتىمىز. يەنە بەزى جايلىرىدا " پولات " شەھىرى دېەەندەك ئىلگىرى نامى ئانچە مەلۇم بولمىغان شەھەر ناملىرىنىمۇ ئۇچرىتىمىز. " پولات " شەھىرى توغرىسىدا " يۈەن سۇلالىسى تارىخى. غەربىي شىمال يەر ناملىرىنىڭ قوشۇمچىسى " دا " 勃 罗" ②،"不 喇"③ دېگەندەك خەنزۇچە ئاتالغۇلار بار، پارسچە تارىخىي بايانلاردىمۇ مەزكۇر شەھەرنىڭ نامى " پولات " دەپ خاتىرىلەنگەن. 31 - ئەسىردىكى كىچىك ئەرمىنىيە پادىشاھى " خىتۇمنىڭ ساياھەت خاتىرىسى " نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىمۇ مەزكۇر شەھەرنىڭ نامى خېلى كۆپ ئورۇندا تىلغا ئېلىنىدۇ④. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە مەشھۇر سەيياھ ياللۇغ چۇسەي موڭغۇل قوشۇنلىرى غەربكە يۈرۈش قىلغان مەزگىلدە قوشۇن بىلەن بىرگە پولات شەھىرىدىن ئۆتكەن بولغاچقا،ئۇنىڭ " غەربكە ساياھەت خاتىرىسى " دىكى بايانلىرىنى تەتقىقاتچىلار بىر قەدەر ئىشەنچلىك دەپ قاراۋاتىدۇ، " چۆللۈكتىكى ئوردىنىڭ مىڭ چاقىرىم نېرىسىدا پولات دېگەن بىر شەھەر بار، شەھەر ئەتراپىدا ئۈچتىن بەشكىچە قەلئە بار، پولات شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا تەڭرىتاغ بار بولۇپ، شەرقتىن غەربكە مىڭ چاقىرىم، جەنۇبتىن شىمالغا 200 چاقىرىم كېلىدۇ، تاغ چوققىسىدا بىر يۇمىلاق كۆل بار، دائىرىسى 70 − 80 چاقىرىم كېلىدۇ، يۇمىلاق كۆلدىن ئايلىنىپ جەنۇبقا قاراپ ماڭسا، تاغ ئېغىزىدىن كىرىپ، بۈك - باراقسانلىق ياۋا مېۋە دەرەخلىرى ۋە قارىغايلار بىلەن قاپلانغان تەلكە داۋىنىغا چۈشىدۇ. داۋان ئىچىدىكى بەزى جايلاردا كۈن نۇرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ " ⑤. دېمەك، بىز ياللۇغ چۇسەينىڭ خاتىرىسىدىن پولات شەھىرىنىڭ تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدا ئىكەنلىكىنى يۇمىلاق كۆل ( سايرام كۆلى ) دىن ئانچە يىراق ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ ھەقتە راشىدىننىڭ " جامىئۇل تەۋارىخ " دېگەن ئەسىرىدىمۇ ئېنىق بايانلار بار. " ئەلى بۇقانىڭ سەركەردىسى قارا بۇقا پولات شەھىرىنىڭ يېنىدىكى سۈت كۆل ئەتراپىدا ئارغۇن بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ، ئارغۇن ئۇرۇشتا غەلىبىگە ئېرىشىپ قارا بۇقانى ئۆلتۈرىدۇ. ئارغۇن ئۇنىڭ ( ئەلى بۇقانىڭ ) مۇداپىئەسىنى ۋەيران قىلىپ ھەم قارا بۇقانى ئۆلتۈرۈپ، مەغرۇرلىنىپ ھۇشيارلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ ھەمدە ئىلبالىققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىگە ئوردا سالدۇرۇپ ئەسكەرلىرىنى تارقىتىۋېتىپ ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ، پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئەلى بۇقاننىڭ ھىمايىچى سەركەردىسى ئاسۇتاي تۆمۈر چاخالچا دەيدىغان تاغ تىزمىسىدىن ھالقىپ ئالمالىقنى بېسىۋېلىپ ئارغۇننىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرنى تالان - تاراج قىلىدۇ " ⑥." جامىئۇل تەۋارىخ " تا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پولات شەھىرىنىڭ ئورنى سايرام كۆلىنىڭ ئەتراپىدا دەپ بېكىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پولات شەھىرى بىلەن سايرام كۆلى، ئالمالىق ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىنىڭ مۇناسىۋى ئېنىقلاپ بېرىلگەن، پولات شەھىرى كۆلگە يېقىن بولغىنى بىلەن ئۇرۇش مەيداننىڭ ئۆزى بولمىغاچقا ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىدىن ئامان قالغان.يۇقىرىقى ئىككى مىسالدا پولات شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا، سايرام كۆلىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى ئېنىق قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شەھەرنىڭ ئېنىق ئورنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن، پولات شەھىرىنى كونكرېت تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە مەزكۇر شەھەرنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى مۇرەككەپلەشتۈرىدىغان بايان بولسا، لو يۈنىڭ " غەربكە ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى " دىكى بىر ئابزاس باياندۇر: " غەربكە سۈرۈلسە ئېمىل شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ، يەنە غەربىي جەنۇبقا قاراپ ماڭسا پولات شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە ئاساسلىق بۇغداي، شال تېرىلىدۇ، تاغلىرىدا ئارچا دەرىخى كۆپ، سۇندۇرۇشقا بولمايدىكەن، دەرەخلەر تاش ئاراشلىرىدىن ئۈنۈپ چىقىۋېرىدىكەن، شەھەرنىڭ تۆت ئەتراپى يېزا مەھەللىلىرى بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئۆيلىرىنىڭ تاملىرى توپا بىلەن خاڭداپ قوپۇرۇلغانىكەن، شەھەرنىڭ شىمالىدا دېڭىز بار ئىكەن، تۆمۈر تاغ تەرەپتىن گۈكىرەپ چىققان شامال كۆپىنچە ھاللاردا يولدىكى ئادەملەرنى ئۇچۇرۇپ دېڭىزغا چۈشۈرۈۋېتىدىكەن، شەھەردىن غەربكە قاراپ 20 چاقىرىم ماڭسا تۆمۈر چاغالچا دېگەن ئېغىزغا كېلىدۇ، ئېغىزنى ساقلاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك خەنزۇلار ئىكەن، ئېغىزدىن كىرگەندىن كېيىنكى يول ناھايىتىمۇ ئېگىز - پەس بولۇپ بەكمۇ خەتەرلىك ئىدى، مەزكۇر جىلغىدىن چىققاندىن كېيىن ئالمالىق شەھىرىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ " ⑦.لو يۈنىڭ خاتىرىسىدە پولات شەھىرىنىڭ ئورنى، تۆمۈر چاغالچا تاغ ئېغىزىنىڭ 20 چاقىرىم شەرقىي شىمالىدا دەپ مەلۇمات بېرىلگەن، تۆمۈر چاغالچا تەلكە داۋىنىغا كىرىشتىكى تاغ ئېغىزىدۇر. ئۇنداقتا پولات شەھىرىنىڭ جايلاشقان ئورنى پەقەت سايرام كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقى ئەتراپىدا يەنى سەنتەي ئەتراپىدىكى مەلۇم ئورۇندا بولغان بولىدۇ. ئەمما پولات شەھىرىنىڭ ئورنى توغرىسىدا ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان جاڭ چېڭجى ئەپەندى سايرام كۆلىنىڭ بويلىرىنى، كۆلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بويلىرىدىكى يايلاقلارنى ۋە تەلكە ئېغىزىنىڭ شەرقىدىكى قوش ئەمچەك تاغ جىلغىلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ " يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سايرام كۆلى بويلىرى ۋە قوش ئەمچەك تاغ جىلغىسىدىكى رايونلاردا قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ ئىزنالىرى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، بۇ ئورۇنلاردا شەھەر بىنا قىلىش مۈمكىنچىلىكىمۇ يوق. تەلكە داۋىنىڭ ئېغىزىدىن سەنتەيگىچە سوزۇلغان بۇ لىنىيە ئاساسەن دېگۈدەك كۆل ياقىلىرىدىكى تەڭرى تېغىنىڭ باغرىدىكى قىيپاش يايلاقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلغان ئېتىزلارنىڭ ئىزنالىرى ياكى قۇرۇلۇش ئىزنالىرىمۇ بايقالمىدى. قوش ئەمچەك تاغ جىلغىسىمۇ تار، ئويمان - دۆڭ بولغاچقا بۇ ئورۇندىمۇ بۇنداق بىر شەھەرنىڭ بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس " ⑧ دەپ خۇلاسە چىقارغانىدى، يەنە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان تارىخىي ماتېرىيال بولسا روبرۇكنىڭ سەپەر جەريانىدىكى پولات شەھىرى توغرىسىدىكى خاتىرىسى بولۇپ " گىرمان قۇللىرى مۇشۇ شەھەردە تۇرىدىكەن، بۇ قۇللار توغرىلىق مەن سۇرتادا ۋە باتۇ خاننىڭ ئوردىسىدىكى ۋاقتىمدا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆپ قېتىم سۈرۈشتە قىلغانىدىم، ئەمما بۇ گېرمانلار توغرىلىق مەن مۆڭكەنىڭ ئوردىسىغا كېلىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغانىدىم، ئەمما كېيىن مۆڭكەخان باتۇخاننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بۇ گېرمان قۇللىرىنى تالاسنىڭ شەرقىدىكى پولات دېگەن قىشلاققا كۆچۈرۈپ ئەكەلگەنلىكىنى، مەزكۇر ئورۇننىڭ تالاس بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر ئايلىق مۇساپە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم. ئۇلار ئۇ يەردە ئالتۇن كانلىرىنى قازىدىكەن ھەمدە قورال - ياراغ ياسايدىكەن " ⑨ دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ مۇھىم بايان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى پولات شەھىرىدە قورال - ياراغ ياسايدىغان ئىشخانىلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خاتىرىدىكى بايانلار سايرام كۆلىگە ئانچە يىراق بولمىغان بورتالا دەريا ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بورتالا قەدىمكى شەھىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن خېلىلا بىردەكلىككە ئىگە.بورتالا قەدىمكى شەھىرىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مېتال تاۋلىغان ئىزلار ۋە تۆمۈر قۇيمىلار بايقالغان بولۇپ، 50 - يىللاردا ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بۇ ئورۇندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە تۆمۈر پارچىلىرى، پېچ ئورۇنلىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. " مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى " نىڭ 1960 - يىللىق 871 - سانىدىكى لى يۈچۈننىڭ " بورتالا ئوبلاستىتەۋەسىدىكى بالباللارنى تەكشۈرۈشتىن قىسقىچە خاتىرە " دە " ھەممىلا يەردە داتلىشىپ كەتكەن تۆمۈر پارچىلىرى بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆمۈر قوراللار تېپىلدى. 1958 - يىلى ئامما قەدىمكى خارابىلىقتىن نۇرغۇن كېرەكسىز تۆمۈرلەرنى تېرىۋالغان. ھازىر يەنە بىر ئورۇندا دۆۋىلەپ قويۇلغان، داتلىشىپ كەتكەن 1200 جىڭدىن ئارتۇق كېلىدىغان تۆمۈر پارچىسى بار. تۆمۈر پارچىلىرى ئادەتتە يۇمىلاق بولۇپ، ئوتتۇرىسى ئويمان ئىدى " دېيىلگەن.
يۇقىرىدىكى بايانلارنى تەھلىل قىلىپ يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇ:
1 ) رۇبرۇك گەرچە بىۋاسىتە پولات شەھىرىگە بارالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ گېرمان قۇللىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئىستىكى ئۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە قايتا - قايتا تىلغا ئېلىنغان، شۇڭلاشقا پولات شەھىرىدە مېتال تاۋلاش سانائىتى مەۋجۇت دېگەن تونۇشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تامامەن بولىدۇ.
2) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ 50 - يىللاردىكى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندىمۇ، بورتالا قەدىمكى شەھىرىدىكى تۆمۈر تاۋلاش ئىزلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىلەن يۇقىرىقى ئىككى خاتىرىنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە.
3 ) بورتالا دەريا ۋادىسىدىكى بورتالا قەدىمكى شەھىرىدىن باشقا يەنە يىل دەۋرى 8 - ئەسىردىن 13 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلىدىغان بىرقانچە قەدىمىي شەھەر بار بولۇپ، بۇ ياللۇغچۈسەينىڭ " ئەتراپىدا ئۈچتىن بەشكىچە شەھەر قەلئەسى بار "10 دېگەن خاتىرىسىگە تازا ئۇيغۇن كېلىدۇ.قىسقىسى، بۈگۈنكى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بورتالا قەدىمكى شەھىرى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى پولات شەھىرى بولسا كېرەك.
ئىزاھاتلار:
① "شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى" 1996 - يىلى، 3 - سان، 29 - بەت.
② لو يۈ "غەربكە ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى".
③" يۈەن سۇلالىسى تارىخى. يىنلۇشياڭ تەزكىرىسى".
④" خىتۇمنىڭ ساياھەت خاتىرىسى"، 1981 - يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 6 - بەت.
⑤ ياللۇغ چۇسەينىڭ "غەربكە ساياھەت خاتىرىسى" ، جۇڭخۇا كىتابخانىسى، 1981 - يىل خەنزۇچە نەشرى، 2 - بەت.
⑥"جامىئۇل تەۋارىخ" 2 - توم، 164 - بەت.
⑦ " جۇڭگو - غەرب قاتناش تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى" 5 - قىسىم، جۇڭخۇا كىتابخانىسى، 1979 - يىلى، 158 − 159 - بەتلەر.⑧"جۇڭگو مىللەتلەر تارىخى تەتقىقاتى" 1987 - يىلى نەشرى، 155 - بەت.
⑨ "موڭغۇلىيىگە ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى" 1983 - يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 152 − 153 - بەتلەر.
10 بورتالا دەرياسى ۋادىسىدا ھازىرمۇ ئاز دېگەندە ئىككىدىن ئۈچكىچە قەدىمكى شەھەر خارابىسى بار بولۇپ، يىل دەۋرى 8 - ئەسىردىن 13 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلىدۇ.
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىسى 2002 – يىللىق 2 – سان

bilqut
Posted: 2008-02-22 11:11 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار

Total 0.084534(s) query 3, Time now is:03-07 19:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation