لۈكچۈن شەرى ( نايخان بايانلىرىنىڭ داۋامى)
لۈكچۈننىڭ خەلقى تولىسى چەنتودۇر. تۈڭگەن ئاتمىش تۆرت ئۆيلۈك، خەنزۇ ئوتتۇز ئالتى ئۆيلۈك.
چەنتونى بەش دۆبە خەق دەيدو: ئىككىسى تۇرپان، ئۈچى لۈكچۈندە. لۈكچۈندە يەرلىك سارىيى يوق. لۈكچۈندە ئوبدان دەن خەنزۇدىما، تۈڭگەندىما يوق، ئوبدان بازارما يوق. پۇزۇلى خەنزۇنىڭ ئون، تۈڭگەننىڭ ئۈچ، چەنتونىڭ تۆرت بار. سۇنى غۇدۇقتىنما، ئېقىن سۇدىنما ئالادو. لۈكچۈندە ئىككى سېپىل بار: بىرى قېدىمدا خەنزۇ سوققان شەر، بىرى يېڭىدا بەدەۋلەت سوققان. بەدەۋلەت سالغان شەر چۆرىسىدە، خەنزۇنىكى ئىچىدە قالدى. پۇزۇللار ( ئاشپۇزۇل) شەر ئىچىدە. شەر تېشىدا چەنتولار ئولتۇرادو، خەنزۇ، تۈڭگەنما ئازاراق باردۇر. خەنزۇنىڭ بىر كىچىك بۇتخانىسى بار. شەرنىڭ ئىچىدە چوڭ سەككىز مىچىت بار، بىر مەدرەسە بار، ئىككى مەكتەپخانە بار. لۈكچۈننىڭ چۆرىسىدە چىقادۇ: قوناق، كەپپەز، بىدە، كۈنجۈت، بۇغداي، پۇرچاق، ئارپا، ئۈندۈرمە بار؛ ئاپېيىن يوق؛ ئاپېيىننى گۇچۇڭدىن ئاپكەلەدو. تۇزنى لۈكچۈندىن يىگىرمە يولدا، تۇيۇق تەرەپىدە، سايدىن ئالادو. گۈرۈچنى ماناستىن، كورلىدىن ئاپكەلەدو. لۈكچۈندە يەنە يانتاق شېكىرى چىقادو، تاش كۆمۈر، چىگىنى پىچاندىنما ، لوپتىنما( لوپنۇر) ئاپكەلەدو. ئوتۇننى يېرىم كۈللۈك يەردىن، لوپ تەرەپىدىن ئاپكەلەدو. ئوتۇڭغا يانتاقنى ، يۇلغۇننى قىلادو. لۈكچۈن مەدرەسەسىدىن چىقىپ، قاشقار، ياركەڭگە بارادو، ئاندىن سامارقاڭغا بارادو. لۈكچۈندە قومۇل، تۇرپاڭغا ئوخشاش، ھەممە ئۆي تاملىرىنى لايدىن سوقادو.
ھايگاناتتىن لۈكچۈندە ئات، تۆگە، كالا، قوي، ئېشەك، قېچىر، توخو، ئۆردەك، غاز، توڭۇز، ئىت، تايغان بار. يولبارس لۈكچۈندىن ئاتلىق كىشىگە ئۈچ كۈللۈك يەردە بار، لوپ تەرەپەسىدە. مايمۇننى قومۇل، قاشقار تەرەپىدىن ئاپكەلەدو. مۆگەلەردىن لۈكچۈننىڭ چۆرىسىدە ئالما، ئەنجىر، ئۈزۈم، شاپتولا، ئۆرۈك، نەشپۈتە، ئانار، چىلان، جۈجۈلە، قارامۇق، ھەيلۆنە، جىنەستە، جىگدە......
لۈكچۈڭگە تەئەللۇق يۇرت، كەنتلەرنىڭ ھېسابى: چىقتىم، پىچان، شۆگە، خاڭدو، لەمجىن، چۇباڭقۇر، يۇتۇق، سىڭگىم، مۇرتۇق، قارا خوجا، ئاستانە، ياڭخى، لۈكچۈن، سىركىپ، تۈگەنساق، سۇپاسۈيى، دىخانسۈيى، لۈكچۈن كارىز، دىغار كارىز، ياڭخى كارىز، قاراخوجا كارىز، لۈكچۈن چىگەبۇلاق كارىز، لۈكچۈن ئەبەت گوڭشاڭ، سىڭگىم گوڭشاڭ، پىچان سۇبېشى، لەمجىن سۇبېشى، لۈكچۈن تاغ تەرىپى كۆكيار، ئۆرتەڭ ئاغزى. قارلۇق تاغ باشلاپ تا ئۈرۈمچىگىچە: بىر تەرىپى، جۈنۈپ تەرىپى چۆلتاغ، كۈن چىقىشى قۇمتاغ. تۇرپان، توقسۇن، تۇرپان چىگەبۇلىغى، تۇيۇق، تۇيۇق سۇبېشى، تۇرپان كارىزى، يەمشى، توقسۇننۇڭ كارىزى، لۈكچۈننىڭ مۇرتۇق يۇرتى، لۈكچۈڭگە لوپ( لوپنۇر)مۇ تەبە. لۈكچۈننۈڭ لوپ تەرىپىدە ھاسار دېگەن شەر بار، قارا خوجاداما ئەسكى شەر بار، تولا چوڭ، يىگىرمە بەشتىن پوتەي، ھەممىسى يۈز. تۇرپاننىڭ كىچىك ئەسكى شەرى بار. يۈز پوتەيلىك شەر دەقيانۇسنىڭ شەرىدۇر.
تۇرپاندىن توقسۇڭغا يۈز سەكسەن يولدۇر، لۈكچۈڭگە يۈز ئاتمىش يول، پىچاڭغا ھەم يۈز سەكسەن يول. مازارلار تۇيۇقتا، ئاستانىدە، لۈكچۈندە، سىركىپتە، دىغاردا، يۇتۇقتا، مۇرتۇقتا، خاندودا، پىچاندا، شۆگەدە، ياڭخىدا، توقسۇندا، يەمشىدە. تۇرپاندىن جۈنۈپ تەرىپىدە تۆرت يولدا ھەزرىتى ئېلىنىڭ دۇلدۇلىنى باغلاغان جاينىڭ ئىزى بار.
ئالتى شەر ( مۈجۈپ ئاخۇن ئاغزىدىن)
ئالتى شەر دەگەن شەرلەر شۇ: ئەزىزانە قاشقار؛ پىريانە ياركەن؛ شەھىدانە خوتەن؛ غازىيانە ئاقسۇ؛ گۈلىيۇللانە ( ۋەلىيۇللانە) كۇچار؛ غەرىبانە تۇرپان.
قاشقاردا ئەزىز ئولىيالار ( ئەۋلىيالار) بار. ياركەندە پىرلەر تولا. ھەممە شەھىت خوتەندە تولا. ئاقسۇدا غازىلار تولا. كۇچاردا گەلى( ۋەلى) تولا. تۇرپاننىڭ دەريايى يوق، يەر-سۇ ئاز، ئولىيالار تولا، ئېنىڭ ئۈچۈن غەرىپ تولا. غەرىپ دېگىنى مۇساپىر.
( داۋامى بار)