Nazimi
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۆزبېك شائىرى مۇھەممەد يۈسۈپ

 
  
ئۆزبېك شائىرى مۇھەممەد يۈسۈپ
(1954 - 2001)
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: نازىمى
_________________
مۇھەممەد يۈسۈپ 1954-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنجان ۋىلايىتىنىڭ مەرھەمەت ناھىيىسى قوغۇنچى يېزىسىدا تۇغۇلدى. 1971-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلىم ئىزىدىن چوڭ شەھەر تاشكەنتكە يول ئالدى ۋە ئۇ يەردە 1978-يىلغىچە رۇس تىل-.ئەدەبىياتى ئىنىستىتۇتىدا ئىلىم تەھسىل قىلدى.
ئىجادىيەتكە بولغان ھەۋەس ئۇنى تاشكەنتتە ئېلىپ قالدى. 1978 - 1980-يىللىرى جۇمھۇرىيەتلىك «كىتاب سۆيەرلەر» جەمئىيىتىدە مۇھەررىر، 1980 - 1986-يىللىرى «تاشكەنت ئاخشىمى» گېزىتىدە مۇخبىر، 1986 - 1992-يىللىرى غافۇر غۇلام نامىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتىدا مۇھەررىر 1992 - 1995-يىللىرى «ئۆزبېكىستان ئاۋازى» گېزىتىدە مۇخبىر، ئۆزبېكىستان مىللىي ئاىبارات ئاگېتلىقىدا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر، «تەپەككۇر» ژۇرنىلىدا بۆلۈم مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە سەمەرەلىك پائالىيەتلەر كۆرسەتتى. 1995_1996-يىللىرى ئۆزبېكىستان جۇمھۇر رەئىسى (زۇڭتۇڭى) باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت ۋە جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ئاكادىمىيىسىدە ئوقۇدى. 1997-يىلدىن ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىيڭ ياشلار خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ۋەزىپىسىدە خىزمەت قىلدى.
«تونۇش تېرەكلەر» (1985)، «بۇلبۇلغا بىر گېپىم بار» (1987)، «ئىلتىجا» (1988)، «ئۇيقۇدىكى قىز» (1989)، «خەلىمە ئانام ئەللەيلىرى» (1989)، «ئىشق كېمىسى» (1990)، «كۆڭلۈمدىكى يار» (1991)، «بىۋاپا كۆپ ئىكەن» (1991)، «ئەركە كىيىك؟» (1992)، «يالغانچى يار» (1994)، «ئاسمىنىمغا ئېلىپ كېتىمەن» (1998) قاتارلىق توپلاملىرى شائىرنىڭ ستۇدېنتلىق دەۋرىدىن باشلانغان ئىجادىي ئەمگەكلىرى ھېساپلىنىدۇ. تۈنجى توپلىمى «تونۇش تېرەكلەر» ئۇنى ئەلگە تونۇتتى، توپلامدىكى سەمىمىي شېئىرلاردىن دۇنياغا كەلگەن دىلنى مەھلىيا قىلغۇچى، ئاھاڭدار قوشاقلار (شېئىرلار دېمەكچى) ئۇنى مەشھۇر قىلدى. ئىستىداتلىق شائىر ئۆزبېك شېئىرىيەت سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا زور ھەسسە قوشتى. 2001-يىلى مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ «تاللانما ئەسەرلەر» توپلىمى نەشىر قىلىندى. تۆھپىكار شائىرنىڭ ۋەتەنگە مۇھەببەت تۇيغۇلىرىنى ئىزھار قىلغۇچى كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى قەلبىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت روھىيىتى، مەنزىرىلىرى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئۇنىڭ دوستلىرى بەزىدە ھەزىل قىلىشىپ: «مۇھەممەد تاشكەنتنىڭ ئېگىز قەۋەتلىك بېتون بىنالىرىغا ئات يېتىلەپ كىرىپ كەلگەن شائىر»، دېيىشەتتى. شائىر 1998-يىلى «ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى» ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولدى. مۇھەممەد يۈسۈپ ئۆز دەۋرىنىڭ خەلق ئارىسىدا ئۆز ئورنىنى تاپقان مەشھۇر شائىرى بولدى.
شېئىر، ئۇ قانداق تۇغىلىدۇ، ئۇنىڭدا ئىنسان قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان نىمە سىرلار بار؟ مۇھەممەد يۈسۈپ سۆزى بىلەن ئېيتىلغان شېئىر -- يۈرەكتىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئادەملەرنى سېھىرلەيدۇ، مەپتۇن قىلىدۇ، دەرتلىرىگە مەلھەم بولىدۇ. شائىر باھار پەسلىنى سۆيەتتى، تەبىئەتنىڭ تەكرارلانماس مۆجۈزىسى بولغان شىۋىرلاپ يېغىۋاتقان ئۇششاق تامچىلىرى ئاستىدا سەير قىلىشنى، خىيال سۈرۈشنى ياقتۇراتتى. بەلكىم ئۇنىڭ يۈگرۈك ئىلھامى ئەنە شۇ يامغۇرلۇق ئاسمان ئاستىدا تۇغۇلار ئىدى.
ئۇ 1996-يىلى «دوستلۇق» ئوردېنى، 1998-يىلى «ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى» پەخرىي ئۇنۋانى بىلەن مۇكاپاتلاندى. مۇھەممەد يۈسۈپ 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولدى. ئىستىدات ئىگىسى، ياش ئىجادكارلارنىڭ مىھرىبان ئۇستازى، جامائەت ئەربابى، ئاجايىپ ئىنسان مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ خاتىرىسى قەلبىمىزدە ھەمىشە ساقلىنىپ قالغۇسى.   
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئەسلىي ئۆزبېكچە تېكستى:
Muhammad Yusuf 1954 yil 26 aprelda Andijon viloyatining Marhamat tumanidagi Qovunchi qishlog'ida tug`ildi. 1971 yilda o`rta maktabni bitirgandan so'ng, Ilm izidan azmi shahar Toshkentga yo'l oldi va u yerda 1978 yilgacha rus tili va adabiyoti institutida tahsil oldi.

Ijodga bo'lgan havas uni Toshkentda olib qoldi. 1978-1980 yillarda Respublika "Kitob sevarlar" jamiyatida muharrir, 1980-1986 yillarda "Toshkent oqshomi" gazetasida muxbir, 1986-1992 yillarda G'afur G'ulom nomidagi Adabiyot va san'at nashriyotida muharrir , 1992-1995 yillarda "O'zbekiston ovozi" gazetasida muxbir, O'zbekiston Milliy Axborot agentligida bosh muharrir o'rinbosari, "Tafakkur" jurnalida bo'lim mudiri lavozimlarida samarali faoliyat ko'rsatdi. 1995-1996 yillarda O'zbekiston Prezidenti huzuridagi Davlat va jamiyat qurilishi akademiyasida o'qidi, 1997 yildan umrining oxirigacha O`zbekiston yozuvchilar uyushmasi raisining yoshlar bilan ishlash bo`yicha o`rinbisari lavozimida faoliyat ko`rsatdi.

揟anish teraklar?(1985), 揃ulbulga bir gapim bor?(1987), 揑ltijo?(1988), 揢yqudagi qiz?(1989), 揌alima enam allalari? (1989), 揑shq kemasi?(1990), 揔o抧glimdagi yor?(1991), 揃evafo ko抪 ekan?(1991), 揈rka kiyik?(1992), 揧olg抩nchi yor?(1994), 揙smonimga olib ketaman?(1998) kabi badiiy to'plamlar shoirning talabalik davridan boshlangan ijodi samarasi bo'ldi. Ilk to'plami -"Tanish teraklar" uni elga tanitdi, to'plamdagi samimiy she'rlardan dunyoga kelgan diltortar, ohangrabo qo'shiqlar esa uni mashhur qildi. Iste`dodli shoir o'zbek qo`shiqchilik san`ati rivojiga katta hissa qo`shdi.

2001 yilda Muhammad Yusufning "Saylanma" asarlar majmuasi nashr etildi. Hassos shoirning Vatanga muhabbat tuyg`ularini yuksak badiiy mahorat bilan tarannum etuvchi ko`plab asarlari adabiyot muxlislari qalbidan joy oldi. Uning asarlarida o'zi tug'ilib o'sgan yurt ruhiyati, manzaralari yaqqol ko'rinib turadi. Shuning uchun ham u haqda uning do'stlari ba'zan hazillashib: "Muhammad - Toshkentning ko'p qavatli beton uylariga ot yelaklab kirib kelgan shoir", deyishardi. Shoir 1998 yilda "O'zbekiston xalq shoiri" unvoniga sazovar bo'ldi. Muhammad Yusuf o'z vaqtining xalq orasida o'z o'rnini topgan Mashur shoiri bo'ldi.
She'r?U qanday tug'iladi,unda ne sirlar borki, insonlar qalbini zabt etadi? Muhammad Yusuf so'zi bilan aytilgan she'r - duo, Yurakdan yog'ilgan oyat. Shuning uchun ham u odamlarni sehrlaydi , maftun etadi, dardlariga malham bo'ladi. Shoir bahor faslini sevar edi. Tabiatning betakror mo'jizasi bo'lmish shivirlab yog'ayotgan mayda tomchilar ostida sayr qilishni, xayol surishni yoqtirardi. Balki uning chapani ilhomi ana shu yomg'irli osmon ostida tug'ilardi.
U 1996 yilda "Do`stlik" ordeni, 1998 yilda "O`zbekiston xalq shoiri" faxriy unvoni bilan mukofatlandi. Muhammad Yusuf 2001-yilning 31-iyulida yurak xurjidan vafot etdi. Noyob iste`dod egasi, yosh ijodkorlarning mehribon murabbiysi, jamiat arbobi, ajoyib inson Muhammad Yusufning xotirasi qalblarimizda hamisha saqlanib qoladi.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

مۇ مەزمۇنلار ئىنتېرنەتتىكى ئۆزبېكچە مەنبە ئاساسىدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

نازىمى نامىدىكى تەرجىمە ئەمگەكلەرنى رۇخسەتسىز  باشقا جايغا كۆچۈرۈۋېلىش قارشى ئېلىنمايدۇ! 
bilqut
Posted: 2008-02-23 17:49 | [ئاپتور]
ulughbek
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

يۇلدۇز ئوسمانىۋا ئىجراسىدىكى قوشىقلەردە بۇ زادنىڭ شېئىرلەرى خىزمەت كۆرسەتكەن."ئاسمانىمگە ئالىپ كېتەمەن"قۇشىقى ھەم جۈدە ياقىشلى.
1som
Posted: 2008-03-04 18:53 | 1 -قەۋەت
TarimDadxah
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ھۈرمىتى زىيادە نازىمى ئۇكام ، سىز ئۆزبېكىستان دراما سەنئىتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولمىش كامىل يەشىن ھەم مەننان ئۇيغۇر ھەققىدە مەلۇمات تاپالارسىزمۇ ؟ بولسا  شۇ ھەقتە  بىر  ئۇچۇر  بەرگەن  بولسىڭىز ؟
بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە  ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى  ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى  بىلمەيدىغاندىن  قاچ !
Posted: 2008-03-04 22:23 | 2 -قەۋەت
Nazimi
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

Quote:
2 - قەۋەتتىكى TarimDadxah 2008-03-04 22:23 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ھۈرمىتى زىيادە نازىمى ئۇكام ، سىز ئۆزبېكىستان دراما سەنئىتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولمىش كامىل يەشىن ھەم مەننان ئۇيغۇر ھەققىدە مەلۇمات تاپالارسىزمۇ ؟ بولسا  شۇ ھەقتە  بىر  ئۇچۇر  بەرگەن  بولسىڭىز ؟


تارىم دادخاھ ھەزرىتىمنىڭ ماڭا بۇ قەدەر ئىشىنىپ كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىدىن ئوڭايسىزلىنىپ قالغان بولساممۇ، تەلىپىڭىزنى ئورۇندىماي ئىلاجىم يوق، ئاكا! 
شۇغىنىسى سىز تىلغا ئالغان مەشھۇر سەنئەتكارلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار رۇس تىلىدا بولغاچقا، تەرجىمە قىلىپ تەييارلىشىم ئۈچۈن ئازراق ۋاقىت كېرەك بولىۋاتىدۇ. زور دەرىجىدە سەۋرچان بولۇپ، مېنى ئالدىراتماسلىقىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.

شۇڭا ئالدىراشلىقىم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئايرىم تېما يوللاپ تونۇشتۇراي، ماقۇلمۇ؟
ھازىرچە سىزنىڭ ساقلاپ قويۇشىڭىز ئۈچۈن كامىل ياشېننىڭ بىر پارچە فوتو-سۈرىتىنى <بۈيۈك سوۋېت قامۇسى> (БСЭ) دىن ئۈزۈۋېلىپ مۇشۇ جايغا چاپلاپ قوياي:

Камиль Яшен
Posted: 2008-03-05 14:24 | 3 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » قېرىنداش مىللەتلەر

Total 0.051037(s) query 4, Time now is:03-07 19:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation