نۆۋەتتىكى تېما : قەدىمكى ئۇيغۇر - تىل - مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ــــ  ياڭ فۇشۆ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 2236ـ كۆرۈرمىنى
Yawuz

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1787
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 367
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە367دانە
شۆھرىتى: 398 نومۇر
پۇلى: 3980 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :610(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 قەدىمكى ئۇيغۇر - تىل - مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ــــ  ياڭ فۇشۆ

بۇ يازمىغا admins تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-08)

 

قەدىمكى ئۇيغۇر - تىل - مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ــــ ياڭ فۇشۆ
 
 ئۆمەرجان نۇرى
 (خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىن)

 ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - 90 - يىللىرىدا تازا گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن خەلقئارادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئەمدىلىكتە تۈرلۈك ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەسكويىغا چۈشۈپ قالدى. چەت ئەللەردىكى ۋە جۇڭگودىكى بىر ئەۋلات پېشقەدەم ئۇيغۇرشۇناسلار ئالەمدىن ئۆتتى ياكى ياشىنىپ قالدى. يەنە بىر قىسىملىرى نەپ چىقمايدىغان بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ۋاز كېچىپ تەتقىقات نىشانىنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا ساھە ۋە مىللەتلەرگە يۆتكىۋالدى. ھەتتا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈن تەربىيىلەنگەن ئىلمىي خادىملارمۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن چەتنەپ كەتتى.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گويىڭدې ئەپەندى جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ "ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" ناملىق مەخسۇس ئىلمىي ئەمگىكىنى نەشىر قىلدۇرغان ئالىم ئىدى. كېيىنچە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن بىراقلا قول ئۈزۈپ ئەرەپ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىم بولۇپ قالدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى لاڭ يىڭ خانىم "ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى" ۋە "قۇتادغۇبىلىك" تەتقىقاتىدىن ماناسچىلىققا كۆچتى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خۇجېنخۇا بولسا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقلىرى تەتقىقاتىدىن قىرغىز تەتقىقاتىغا ئۆتۈپ كەتتى. مەشھۇر تۈركولوگ گېڭ شىمىن ئەپەندىمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن قازاق تىلى تەتقىقاتىغا ئاتلاندى. ياش تارىخ تەتقىقاتچىسى ياڭ شېڭمىن ئەپەندىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىن مەھەللە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا يۈزلىنىپ بولدى. ئاخىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىشى ھەمدە ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى بولۇشتەك تار يول ئىچىدە قالدى.
شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ئىلمىي ئەمگەكلەرمۇ ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان بولۇپ قالدى. مەملىكەت سىرتىدىكى ئەھۋالمۇ بۇنىڭدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان تۇرغۇن ھالەتتە تۇرماقتا.شۇنداق بولسىمۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىغا ئىشتىياق باغلىغان بىر نەچچە ياش تەتقىقاتچى ئۇيغۇرلارنى تىل - تارىخ، مەدەنىيەت ۋە مىللەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىپ خېلى كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ھەمدە بىرنەچچە تەتقىقات ئەسىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىپ مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئالىملارنىڭ ياىشى باھاسىغا ئېرىشتى. ياش تەتقىقاتچى ياڭ فۇشۆ ئەنە شۇۆرنىڭ بىرى.ياڭ فۇشۆ 1965 - يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ دېڭجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ كەسپىنى تاماملىغاندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ ئاسپرانلىقتا ئوقۇغان. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ھىندىستاندىكى دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ھىندىرا گەندى نامىدىكى دۆلەتلىك سەنئەت مەركىزىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ "دۇنخۇاڭشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى"دا ئىشلىگەچ لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملىق ئوقۇپ، 2002 - يىلى دۇنخۇاڭشۇناسلىق ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئاكادېمىيىسىدە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.ياڭ فۇشۆنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكىتارىخى، تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى ئۈستىدە بولۇپ، ھازىرغىچە مۇشۇ ساھە بويىچە ئەڭ كوپ ئىلمىي ئەمگەگ بارلىققا كەلتۈرگەن مول ھوسۇللۇق تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسى 100 پارچىدىن ئاشىدۇ، مەخسۇس كىتابى بولسا ئالتە پارچە.
تۆۋەندە مەن ياڭ فۇشۆ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا مەلۇم سالماققا ئىگە ئالتە پارچە كىتابىنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ مۇشۇ ساھەدە ئىشلەۋاتقان كەسپداشلارغا مەلۇم يىپ ئۇچى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، ئۆز ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يورۇق كۆرۈشى ياش ئالىمغىمۇ بىر ئىلھام مەنبەسى بولىدۇ دېگەن ئۈمىدتىمىز.
1. "شاجۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەسىقىلىرى"①
بۇ ئەسەر ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسىمدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن جەنۇپقا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ خېشى كارىدورىنى مەركەز قىلغان ھالدا شاجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغانلىقى، بۇ خانلىقنىڭ تاڭغۇتلار قولىدا گۇمران بولغانلىقى قاتارلىق تارىخىي جەريان بايان قىلىنغان. بۇ تارىخىي جەريان خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە بىرىنچى قول يازما ماتېرىياللار، دۇنخۇاڭ غارلىرىدا ساقلىنىۋاتقان تام رەسىملىرى قاتارلىق پاكىتلار ئارقىلىق دەلىللەنگەن. شاجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلى، جەمئىيەت خاراكتېرى، ئىقتىسادى، يىپەك يولى سودىسى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى ئۈچۈن تۆت باپ ئاجرىتىلغان. ئىككىنچى قىسىمدا شاجۇ ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن يارىتىلغان مەدەنىيەتنىڭ نامايەندىسى بولغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر تونۇشتۇرۇلغان.بۇ − كىتابنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يېرى بولۇپ، كىتابتا تونۇشتۇرلغان ۋەسىقىلەرنىڭ كۆپىنچىسى چەت ئەللەردە ساقلىنىۋاتقان، كىشىلەربىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغان قىممەتلىك ۋەسىقىلەردۇر. بۇ ۋەسىقىلەر لاتىن يېزىقىدىكى ترانسكرىپسىيە، خەنزۇچە تەرجىمە ۋە شەرھىلىرى بىلەن قوشۇپ بېرىلگەن. بۇ تەتقىقاتتا نەزەردىن ساقىت قىلىنغان شاجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككىنچى قىسىمنىڭ ئاخىرىغا ئەھمىيەتلىك بىر سەھىپە قوشۇمچە قىلىنغان. ئۇ بولسىمۇ ياپونىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس مورىياسۇ تاكائونىڭ "دۇنخۇاڭدىن تېپىىلغان يۇەن دەۋرىدىكى بۇددا ۋەسىقىلىرى" ناملىق ماقالىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ۋە لى چېڭيۈ ئەپەندىنىڭ "ئۈن - تىنسىز غايىپ بولغان دۆلەت - شاجۇ ئۇيغۇر ئېلى" ناملىق ماقالىسىدۇر. ياڭ فۇشۆ ئەپەندى شاجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىخ مەتبەئە تېخنىكىسى ھەققىدىكى بايانلاردىن كېيىن دادىللىق بىلەن "مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئەڭ بالدۇر ئۇيغۇرلار قوللانغان"② دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. بۇ خۇلاسىنى ياسىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتى③ بىلەن بىرلەشتۈرگەندە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ دەلىللىگىلى بولىدۇ. "
2. غەربىي يۇرت ۋە دۇنخۇاڭدا تارقالغان دىنلارغا ئائىت ماقالىلەر"④بۇ ماقالىلەر توپلىمىغا جەمئىي 20 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 15 پارچىسى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان. ماقالىلەردە ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋر ۋە ماكانلاردا قوبۇل قىلغان دىنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش جەريانلىرى ھەققىدە تەتقىقات يۈرەۈزۈلگەن. ماقالىلەرنىڭ تېمىسىدىن كىتابنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. "ئۇيغۇرلاردىكى شامان دىنى ۋە شامان ئېتىقادىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى"، "بۆكۈ قاغان ۋە مانى دىنى"، "سوڭ، يۇەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغان خىرىستيان دىنىنىڭ نېستورىيان مەزھىپى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە"، "ئۇيغۇرچە مانى شېئىرلىرىدىكى بۆرە ۋە بۈركۈتنى ئۇلۇغلاش"، "دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى تۈركچە <ئىرق بىتىگ>"، " يۈلىن غارىدىكى ئۇيغۇرچە بېغىشلىمىلار"، "بېزەكلىكنىڭ 20 - غارىدىكى تېۋىنغۇچىلار رەسىمى ۋە بېغىشلىمىلار"، "قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆسنىخەت سەنئىتى" قاتارلىق. كىتاب ئاخىرىغا مانى دىنى مەزمۇنىدىكى تۆت پارچە قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەت ئەسلى تېكىستى، تەرجىمىسى ۋە شەرھىلىرى بىلەن قوشۇمچە قىلىنغان.
3. "قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىكى بۇددا دىنى"⑤بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى ئېتىقادىغا بېغىشلانغان يىرىك ئەسەر بولۇپ، ئالتە باپقا بۆلۈنگەن. كىتابتا بۇددا دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىشى، كېيىنكى مەزگىللەردە بۇ دىننىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن بىللە تاڭغۇت، قىتان ۋە موڭغۇللارغا تارقالغانلىقى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى تەرجىمىچىلىكى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تەرجىمە ساھەسىگە قوشقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھىندى، تىبەت ۋە خەنزۇ تىللىرىدىكى نوملارنىڭ يوقالغان قىسىملىرىنى قەدىمكى ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىلىرى ئارقىلىق تولۇقلاش مۈمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇددىزىم ئەقىدىسىدىكى ساۋاپ(بۇيان) تېپىش قارىشىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك تىللاردىكى بۇددا نوملىرىنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلغانلىقى، كۆچۈرۈپ تارقاتقانلىقى، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى كۆپلەپ سالغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر بۇددىزىم مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكى يازما پاكىتلار ئارقىلىق دەلىللەنگەن. ئاپتور ئۇيغۇر بۇددىزىم مەدەنىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە يورۇتۇشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ تىل- يېزىق، ئەدەبىيات- سەنئەت، تارىخ، مەدەنىيەت، پەلسەپە نۇقتىلىرى بويىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، بەزى نۇقتىلاردا يەنىلا كونىچە قاتمال كۆز قاراشلارنىڭ ئاسارىتىدىن خالىي بولالمىغان. مەسىلەن: ئاپتور يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيىسى ھەققىدە توختالغاندا، سائادەت چاغاتاي⑥، لاڭ يىڭلارنىڭ⑦ پىكرى بويىچە "ئودغۇرمىش" ئوبرازىنى بۇددا دىنىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىنى بۇددا ئەقىلىرىدىن ئىزدىگەن. بۇ ئاپتورنىڭ ئىسلام مۇھىتىدا بارلىققا كەلگەن تەسەۋۋۇپ ئېقىمى ھەققىدە مەلۇماتىنىڭ يوقلۇقىدىن بولغان بولسا كېرەك. ئۇيغۇر بۇددىزىم مەدەنىيىتىگە بېغىشلانغان مۇنداق يىرىك ئىلمىي ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقا، ئاپتورنىڭ بۇنداق سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالماسلىقى تەبىئىي ئەھۋال.
4. "غەربىي يۇرت ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىڭ تىلى ھەققىدە تەتقىقات"⑧ بۇ ئەسەر "قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى تىلىنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى"⑨دىن كېيىن نەشىر قىلىنغان، غەربىي يۇرت ۋە دۇنخۇاڭ رايونىدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنىڭ تىلىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەردۇر. كىتاب ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى - يېزىقى، تارىخى، ۋە ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى، بۇددا، مانى، نېستورىيان مەزمۇنىدىكى ھەمدە دىندىن خالىي ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەسىقىلەرنىڭ مەزمۇنى تونۇشتۇرۇلغان. ئەپسۇسكى، ئىسلام مۇھىتىدا يارىتىلغان ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلار ھەققىدە بىر نەرسە دېيىلمىگەن. قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنىڭ تىلىفونېتىكا، لېكسىكا، سىنتاكسىس ۋە مورفولوگىيە نۇقتىلىرى بويىچە مەڭگۈ تاشلار تىلى، خاقانىيە تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا سېلىشتۇرۇلغان ئاساستا تەتقىق قىلىنغان. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر تىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق تەتقىقات يۈرگۈزۈلمىگەن. بۇ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتنىڭ نەقەدەر ئاجىز ھەلەتتە تۇرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك.
5. "جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخ - مەدەنىيىتىگە دائىر ماقالىلەر"○10بو توپلامغا ياڭ فۇشۆنىڭ 27 پارچە ئىلمىي ماقالىسى، ئالتە پارچە تەرجىمە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 20 پارچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ - مەدەنىيىتىگە بېغىشلانغان. ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالىلەردە ئاساسەن چۆللۈكنىڭ شىمالىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپتىكى مىللەتلەر بولۇپمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر سۆزلەنگەن. جۈملىدىن "خېيلۇڭجياڭ" ئاتالغۇسىنىڭ خەنزۇ تىلىغا ئالتاي تىللىرىدىن كىرگەنلىكى، قىتانلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدىكى رىۋايەتنىڭ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەنلىكى، ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدىكى "پۇل"سۆزىنىڭ قەدىمكى پىشامشان ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ "مۇل" سۆزىدىن كەلگەنلىكى ھەققىدىكى يېڭى كۆز قاراشلار ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. توپلامنىڭ ئاخىرىغا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ "تەس مەڭگۈ تېشى" ۋە ياپونىيىلىك داڭلىق ئۇيغۇرشۇناس مورى ماسائونىڭ "تۈركلەرنىڭ دۆلەت قارىشى" قاتارلىق ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
6. "قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى"○11بۇ ئەسەر ياڭ فۇشۆنىڭ دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ئاساسىدا قايتا تۈزىتىلگەن ئىلمىي ئەمگەك. بۇندىن 20 يىل ئىلگىرى گېڭ شىمىن ئەپەندى "ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى ۋە ۋە يازما يادىكارلىقلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان"○12 ناملىق كىتابچىسى نەشىر قىلىنغانىدى. بۇ كىتابچە شۇ زاماندا يېڭىلىق ھېساپلانغان بولسىمۇ لېكىن بۈگۈنكى زامان تەلىپىگە جاۋاپ بېرىشتىن يىراق ئىدى. ياڭ فۇشۆنىڭ بۇ كىتابى بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. كىتابنىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ ھەم تەپسىلىي بولۇپ، يۇقىرىقى بەش كىتابنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى - تاشقى موڭغۇلىيىدىن تارتىپ تاكى ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىغىچە بولغان كەڭ رايوندا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ياراتقان تۈرلۈك مەدەنىيەتلىرى، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلىرى بايان قىلىنغان. زامان جەھەتتە ئۇيغۇر نامى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى بەرپا قىلىنغانغىچە بولغان ئۇزۇن جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك، مەتبەئەچىلىك، خەتتاتلىق، ئەدەبىيات - سەنئەت جەھەتتە دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭغۇت، قىتان، جۇرجىت، قىتان ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە يېزىق، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى دەلىللەنگەن. بۇ ئەسەرنى ياڭ فۇشۆنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئىچىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ.ياڭ فۇشكنىڭ يۇقىرىقى ئالتە ئەسەردىن باشقا يەنە دۇنخۇاڭشۇناسلىق ۋە تىبەت، تاڭغۇت تەتقىقاتىغا دائىر ئۈچ كىتابى نەشىر قىلىنغان. يېقىندا ئۇ تەرجىمە قىلغان گېرمانىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس پېتىر زېمىنىڭ "بۇددا دىنى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى" ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
مول ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى ياڭ فۇشۆ ھازىر لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بۇدداشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى، نەنجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى، خېبېي ئۇنىۋېرسىتېتى سۇڭ سۇلالىسى تارىخى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى. جۇڭگو دىنشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى، جۇڭگو قىتان، جىن سۇلالىلىرى ھەم قىتان، جۇرجىت تارىخى تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگو مىللەتلەر قەدىمكى يېزىق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
① بۇ ئەسەرنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدكى نيۇرۇجى بىلەن بىرلىشىپ يازغان. 1995 - يىلى گەنسۇ مەدەنىيەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
② يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ 266 - بېتىگە قاراڭ
③ شى جىنبو، ياسىن ھوشۇر:"جۇڭگو مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە تارقىلىشى" "تاڭغۇت ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىخ مەتبەئە تېخنىكىسى ھەققىدە تەتقىقات"، ۋەسىقىلەر نەشرىياتى، 2000 - يىلى خەنزۇچە نەشرى
④ 1998 - يىلى گەنسۇ مەدەنىيەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان
⑤ 1998- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان
⑥ "قۇتادغۇبىلىكتىكى ئودغۇرمىش ئوبرازى" تۈرك تىلى تەتقىقاتى يىللىق ئىلمىي ژۇرنىلى 1967 - يىلى تۈركچە نەشرى، 39- بەتتىن 49 – بەتكىچە
⑦ لاڭ يىڭ"قۇتادغۇبىلىك ۋە شەرق - غەرپ مەدەنىيىتى" شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992 - يىلى خەنزۇچە نەشرى، 174- 176 – بەتلەر
⑧بۇ ئەسەر ئەسلى 1991 - يىلى ئاز ساندا بېسىپ تارقىتىلغان، 2002 - يىلى گەنسۇ مەدەنىيەت نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشىر قىلىنغان.
⑨ لى زېڭشياڭ، مەترېھىم سايىت، جاڭ تيېشەنلەر يازغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1999 - يىلى خەنزۇچە نەشرى
○10 2001 - يىلى گەنسۇ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان
○11 2003 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان
○12 شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983 - يىلى خەنزۇچە نەشرى

خەتكۈچ: ئۇيغۇرشۇناسلىق، 杨福学
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-02-25 23:52 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 2236ـ كۆرۈرمىنى
nesimbey

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 2399
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
شۆھرىتى: 44 نومۇر
پۇلى: 430 سوم
تۆھپىسى: 1 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-05-31
ئاخىرقى : 2008-06-27

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  مەن بۇ ساھەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.........
1som
| ۋاقتى : 2008-05-31 19:44 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2236ـ كۆرۈرمىنى
nesimbey

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 2399
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
شۆھرىتى: 44 نومۇر
پۇلى: 430 سوم
تۆھپىسى: 1 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-05-31
ئاخىرقى : 2008-06-27

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ماڭا قاراڭ ياۋۇز بەگ، شۇ كىتابلارنىڭ خەنزۇچە نامىنىمۇ كىرگۈزۈپ قۇيسىڭىز بۇپتىكەن. مەن كۈتۈپخانىدىن قىدىرىپ كۆرەتتىم...
yol
| ۋاقتى : 2008-06-02 21:29 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2236ـ كۆرۈرمىنى
Yawuz

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1787
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 367
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە367دانە
شۆھرىتى: 398 نومۇر
پۇلى: 3980 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :610(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بولىدۇ نەسىم بەي، مەن پات ئارىدا ئۇنىڭ 6 پارچە مەخسۇس ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئىسىملىرىنى يوللاپ قوياي.
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-06-02 23:10 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2236ـ كۆرۈرمىنى
uznar

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4497
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە20دانە
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :25(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-21
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بەك ياخشى تېمىكەن ،ساقلىۋالسام بولغىدەك.
| ۋاقتى : 2008-09-24 11:48 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2236ـ كۆرۈرمىنى
zirek

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1895
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە167دانە
شۆھرىتى: 177 نومۇر
پۇلى: 1790 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :80(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-24
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلارنىڭ باشتا بۇ ساھەگە قەدەم بېسىپ، ئازراقلا كۆزگە كۆرۈنگەندىن كېيىن بۇ ساھەدىن باشقا ساھەگە ئۆتۈپ كېتىش ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن. ئۇلار بىزنىڭ قەدىمكى تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشقا قۇربىتى يەتمەمدىكىنە، ياكى ئۆزلىرى خالىغاندەك نەتىجە چىقماي قالامدىكىنە. مۇنۇ گېڭ شىڭمىن دېگەن ئالىمنى خېلى ھۆرمەتلەيتتىم. ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن بىراقلا قول ئۈزگەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.
بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقاتچىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم.
ھەي-! مېنىڭمۇ مۇشۇ تارىخ كەسپىدە ئوتتەك ئوقۇغۇم بار ئىدى. ئەپسۇس....
yol
| ۋاقتى : 2008-09-24 12:24 5 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.061146(s) query 4, Time now is:01-11 05:38, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation