بۇ بەتتىكى يازما : «قۇتادقۇ بىلىك» ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا نورۇز بايرىمى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 «قۇتادقۇ بىلىك» ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا نورۇز بايرىمى

«قۇتادقۇ بىلىك» ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا نورۇز بايرىمى


ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن






      ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ Ⅺ ئەسىرگە قەدەم قويغاندا، مىلادىيە 850- يىلىدىن كىيىن ئۇيغۇرلار تارىخىدا قۇرۇلغان ئۈچ خانلىق (ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار خانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى) تىن بىرى بولغان قاراخانىيلار خانلىقى ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، سەنئەت ..... قاتارلىق جەھەتلەردە زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسىلىشلەر مەيدانغا كەلگەن.
      Ⅺ ئەسىردىكى دۇنيا يازما ئەدەبىياتقا ئىگە مىللەتلەر ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ ، رۇسىيە ، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەر تېخى يازما ئەدەبىياتقا تامامەن كۆچۈپ بولمىغان مانا مۇشۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا قاراخانىيلار خاندانلىقىدا مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئىبارەت يىتۇك ئالىملار «تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادقۇ بىلىك» نى يېزىپ چىقىپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.
      ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى پارلاق ناماياندە ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر كلاسسىك پەلسەپىۋى داستانى، قاراخانىيلار جەمئىيىتىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىنى، ئىجتىمائىي پەلسەپىۋى چۈشەنچىلىرى ۋە بىر پۈتۈن دەۋردىكى ئىجتىمائىي ھايات، بىلىم، ئەخلاقنىڭ ھەممە مەزمۇنلىرىنى پاساھەتلىك شېئىرىي تىل بىلەن قويۇق دراماتىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئوبرازلار ۋاستىسىدە مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلغان ئىجتىمائىي ئېنسىكلوپېدىيە - «قۇتادقۇ بىلىك» ئەنە شۇ دەۋر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەردۇر.
      «قۇتادقۇ بىلىك» - قاراخانىيلار خانلىقى ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئالىم، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپى، دۆلەت ئۇستازى، ئەدەبىيات كۆكىدە چاقنىغان يۇلتۇز – يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يېتۈك ئەسىرى بولۇپ ، 1823- يىلى چەتئەلدە تۇنجى قېتىم مەزكۇر ئەسەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازما نۇسخىسىدىن پارچىلار ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى تەتقىقات كەڭ قانات يايدى. مەشھۇر شەرقشۇناس ۋ.ۋ.رادلوۋ (1837-1929) «قۇتادقۇ بىلىك» نى تۇنجى قېتىم تەتقىق قىلىشنى باشلىغاندىن كىيىن، س.ئى.مالوۋ (1957-1880)، ۋ.ۋ.بارتولد (1930-1869)، ۋ.تومسېن (1927-1842)، سامايلوۋىچ، بېرتىلىس، پرىتساك، ۋامبىرى، ئوتتو ئولبېرت، بومباچى، بوركلمان، ھارتمان، فىترەت رەھمىتى، مىيان بۇزرۇك، زەكى ۋەلىدى، رېشىت رەھمىتى ئارات، كوپرۇلۇ فۇئات، سەدرى مەخسۇدى، دىلاچار، كافسوغلۇ، ئا.ن.كونونۇۋ، ئە.نارىنبايىۋ، ئەمىر نەجىپ، ئە.ئېگېۋبايىۋ، قەييۇم كەرىموف، س.ئىۋانوۋ، ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەھمەت زىيائى، ئابدۇكېرىم راھمان، مەمتىمىن يۈسۈپ، شەرپىدىن ئۆمەر، يۈسۈپجان ئېلى ئىسلامى، لاڭ يىڭ، لىن شىڭ، لى چى، ليۇ زىشاۋ، ۋۇ چاڭنيەن، يۈي جۈن .... قاتارلىق ئالىم، تەتقىقاتچىلار بۇ ئىشقا كىرىشىپ «قۇتادقۇ بىلىك» نىڭ ھەقىقى قىممىتىنى نامايان قىلدى. پۈتۈن ئۆمرىنى «قۇتادقۇ بىلىك» كە بېغىشلىغان دوكتور رىشت رەھمىتى ئارات بۇ ئەسەر ھەققىدە: «قۇتادقۇ بىلىك» نە ۋەقەلەرنى نەقىل قىلغۇچى بىر تارىخ؛ نە رايون - جاي، نە شەھەرلەرنى تەسۋىرلىگۈچى بىر جۇغراپىيە؛ نە ھېكىملەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئاساس قىلغان پەلسەپە ۋە نە شەيخلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىگە تايانغان نەسىھەتنامىدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەزىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك مەنسەپ ئەھلىگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن تەمسىز مەجاز (مېتافورا) لار بىلەن ئەخلاق دەرسى بەرگۈچى قۇرۇق نەسىھەتچى ئەمەس. بەلكى ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلغان ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەت ھەم دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان بىر ھايات پەلسەپىسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئەڭ كەڭ مەنادىكى بىر مۇتەپەككۇر ئالىمدۇر. ئۇنىڭ «قۇتادقۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرى ماۋزۇ ئېتىبارى بىلەن بىلەن بىللە باشقا جەھەتلەردىمۇ تامامەن ئورىگىنال بىر ئەسەردۇر دېسە؛ تۈركىيە ئالىمى، پروفېسسور ئى.كافسوغلۇ: «قۇتادقۇ بىلىك» بىر پەلسەپە ياكى ئەخلاق كىتابى بولۇشتىن كۆپرەك، قانۇن ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ شەرتى ۋاسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۆلەت قۇرۇش يوللىرىنى كۆرسەتكەن ۋە بۇ سەۋەبتىن ئىدارە، تەشكىلات ۋە ئىجتىمائىي قاتلاملار توغرىسىدا يېزىلغان بىر سىياسەت كىتابىدۇر دەيدۇ. ئۆزبېك ئالىمى قەييۇم كەرىموف: «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى، سىياسىتى، قانۇن-قائىدىلىرى، شۇنىڭدەك خەلقنىڭ رەدىم-يوسۇنلىرىنى ، ئەخلاق پرىنسىپلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن نىزامنامە» دېسە؛ لاڭ يىڭ خانىم: « ‹قۇتادقۇ بىلىك› بىر پارچە رەسىم. بۇ بىر پارچە قىممەتلىك رەسىمنى يايىدىغان بولساق، 900 يىل بۇرۇنقى غەربىي يۇرتنىڭ ئىجتىمائىي قىياپىتى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىدىيىسى، كۆز قارىشى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىسى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئوبرازلىق، جانلىق رەۋىشتە قايتا كۆرۈشىدۇ» دەيدۇ. ئۆز تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلىرىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ ، ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
      «قۇتادقۇ بىلىك» داستانى ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولغان خەلقنىڭ ئاغزاكى ئىجادىيەت دۇردانىلىرى ۋە باي ئەنئەنىۋى تەجرىبىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن (ئابدۇكېرەم رەھمان) بولغاچقا ئەينى زاماننىڭ ئىلغار ئىدېئولوگىيىسى، تەبىئەت پەلسەپىسى، بىلىش نەزەرىيىسى، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئېلىم- پەننىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ھەجىملىك قامۇس ئەسەر - «قۇتادقۇ بىلىك» ئومۇمىيلىق جەھەتتە ئىسلام شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى 3- باسقۇچىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن). ئەنە شۇنداق كۆپ تەرەپلىمە بىلىملەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بۇ مەشھۇر ئەسەردە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرام مۇراسىملىرىدىن بىرى بولغان «نورۇز بايرىمى» غا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن بايانلار ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ ، تۆۋەندە مەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
      «نورۇز» ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ ، «باھار يامغۇرى»، «تۇنجى باھار كۈنى»، «يېڭى يىل كۈنى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە (كۈن) كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 21-، 23- كۈنلىرى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. «ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ‹نورۇز› بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن ‹نورۇز› بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ‹نورۇز› بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك (ئا.رەھمان، ش.خۇشتار، ر.ھەمدۇللا) بولۇپ ، بەزى تەتقىقاتچىلار تارىخىي مەنبەگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ «نورۇزنىڭ كېلىپ چىققىنىغا 4000 يىلدىن ئاشقان (ئابدۇسەمەت قاراقۇرۇم) دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ .
      «نورۇز – نوقۇل تەبىئەت بايرىمىلا ئەمەس، ئۇ خېلى ئۇزاق بىر زامان قۇياشقا، ئوتقا ۋە يورۇقلۇققا بولغان دىنىي ئېتىقاد تۈسۈنىمۇ ئېلىپ كەلدى. بۇ زارا ئاستىرىزىمدىن ئىلگىرىكى قۇياشقا چوقۇنۇش، تەبىئەت ئىلاھچىلىقى شەكلىدە ۋە زارا ئاستىرىزىمدىن كېيىنكى ئاخرۇمازداغا سېغىنىش، دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك شەكلىدە ئىككى باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن). نورۇزنىڭ قايسى كۈنى باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئاستىرنوملار، جۈملىدىن ئەبۇ رەيھان بىرۇنى، ئۆمەر ھەييام ..... قاتارلىقلار «قوزى» (ھەمەل) بورجىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. «ھەتتا زارا ئاستىرىزىمنىڭ مۇقەددەس كىتابى ‹ئاۋېستا› دىمۇ نورۇزنى قوزى بورچى بىلەن باشلىنىدۇ» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن) دەپ يېزىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادقۇ بىلىك» داستانىدا نورۇزنىڭ باشلىنىش كۈنى ھەققىدە :
قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا،
بېلىق قۇيرۇقىدىن قوزى بۇرنىغا.

دېگەن بېيىت ئارقىلىق يىل ئاخىرلىشىپ، يەنى 12- مۈچەل (بېلىق) ئۆتۈپ، 1- مۈچەل (قوزى بۇرنى) نىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ، زىمىستان قىش ئۆتۈپ كېتىپ ، ئىللىق باھار پەسلىنىڭ ئۆز جىلۋىسىنى كۆرسەتكەنلىكىنى (نورۇزنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى) بايان قىلغان.
      «نورۇز» زىمىستان قىش تۈگەپ، پۈتۈن تەبىئەت ئويغانغان، قار-مۇز ۋە توڭلار ئېرىپ، ئەگىزلەر ۋە ئېرىق-ئۆستەڭلەردە سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىشقا باشلىغان، دەل- دەرەخ، گۈل-گىياھلارغا سۇ يۈگۈرۈپ، كۆكىرىپ چېچەكلەشكە يۈز تۇتقان، دېھقانلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كىرىشىدىغان گۈزەل باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ. ئۇ باھارنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە كىشىلەر قەلبىدە شات- خۇراملىق گۈزەل تۇيغۇ ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ھال :قۇتادقۇ بىلىك» داستانىدا ناھايىتى روشەن ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن .
63. ئېسىپ كەلدى شەرقتىن باھارنىڭ يىلى،
      بېزەشكە جاھان ئاچتى جەننەت يولى .

64. قوڭۇر يەر ئىپار تولدى، كافور كېتىپ ،
      بىزەنمەك تىلەر دۇنيا كۆركەم ئېتىپ.

65. جاپا قىشنى قوغلاپ يازغى ئېسىن،
      پارلاق ياز يەنە قۇردى دەۋلەت ياسىن.

66. قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا،
      بېلىق قۇيرۇقىدىن قوزى بورنىغا.

67. قۇرۇغان ياغاچلار كىيىندى پىشىل،
      بىزەندى يىپۇن، ھال، سېرىق، كۆك، قىزىل.

بۇ بىيتلاردا نورۇزنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تەبىئەتنىڭ يېشىللىق لىباسىنى كىيىپ، قىشنىڭ زىمىستان سوغۇق كۈنلىرى بىلەن خوشلاشقانلىقىدەك مەزمۇن يۇرتۇپ بېرىلسە :
68. قوڭۇر يەر يېپىندى يېشىل تورقىنى،
      تاۋغاچ رەختى يايدى قىتان كارۋىنى.

69. دالا، تاغ، قىر، ئويمان توشەندى يېيىپ،
      بىزەندى ۋادىلار يېشىل، ھال كىيىپ.

70. تۈمەن رەڭ چېچەكلەر ئېچىلدى كۈلۈپ،
      ئىپار، كافور ھىدىغا دۇنيا تولۇپ.

71. ئېسىپ تاڭ شامىلى قەلەمپۇر پۇراق،
      ئىپار بۇيىغا تولدى دۇنيا بىراق.

72. غاز، ئۆردەك، قىل، ئاققۇ خۇشاللىق بىلەن،
      قاقىلداپ ئۇچۇشۇر يۇقىرى – تۆۋەن .

73. ئەنە كۆر،بىرى قونسا، ئۇچار ئۇ بىرى،
      بىرى ئۈزسە ئويناپ، ئىچەر سۇ بىرى.

74. تىزىلغان تۈگۈدەك كۆكۈش تۇرنىلار،
      ئۇچار يەلپۈنەر ھەم ئۇنىن ياڭرىتار.

75. ئۇلاي قۇش سايرىدى ئۈندەپ يولدىشىن،
      گۈزەل قىز قىچىرغان كە بى سۈيمىشىن.

76. قاقىلدادى كەكلىك، كۈلۈپ قاتقارا،
      قىزىل ئاغزى قاندەك، قېشى قاپقارا.

77. قارا قۇچقاچ ئۆتتى سىتاتۇمشۇغىن،
      ئۈنى نازىن قىزنىڭ ئۈنىگە يېقىن.

78. چېچەكلىكتە مىڭ خىلدا بۇلبۇل ئۈنى،
      ئوقۇر سۈرى ئەبرىنى كۈن ھەم تۈنى.

79. ئىلىك ۋە جەرەن گۈل ئارا ئوينىشۇر،
      ئارقار، تاغ ئۆچكىسى جۈپ-جۈپ سەكرىشۇر.

80. قاشىن تۈردى ئاسمان، كۆزى ياش چاچار،
      چېچەكلەر يۈز ئاچتى، كۈلۈپ قاتقارا.
      يۇقىرىقى بىيىتلاردا شائىر باھار پەسلى ئېلىپ كەلگەن گۈزەل مەنزىرىلەرنى، گۈللەرنىڭ ئېچىلىشى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى بەدىئىيلىككە كۆتۈرۈپ، «نورۇز» بايرىمىنىڭ ئەسىردىكى ئىپادىلىنىشىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن.
      قىسقىسى «قۇتادقۇ بىلىك» داستانىدىكى «نورۇز بايرىمى» غا مۇناسىبەتلىك بايانلار گەرچە ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئەنە شۇ بايانلار بىزنى ئەينى دەۋرنىڭ نورۇز ئادىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك مەنبەلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
[ بۇ يازما TuranTekin تەرىپىدىن 2008-02-27 00:39 دە ]
bilqut
نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2008-02-27 00:30 | [ئاپتور]
Ghunche
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 258
شۆھرىتى: 265 نومۇر
پۇلى: 2640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

«قۇتادقۇبىلىك» مۇ، يا «قۇتادغۇبىلىك» مۇ؟ سىز يوللىغان  تېمىدا «قۇتادقۇبىلىك» ، مەن يوللىغان تېمىدا «قۇتادغۇبىلىك» دەپ باركەن،  قايسى توغرا؟ لېكىن كىتاپتا شۇنداق ئىكەن.
ھە راس تۇران تېكىن ئەپەندىم  تېمىنىڭ خەت شەكلىنى  سەل چوڭراق قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز، خەتلەر بەك كىچىك بولسا  ئوقۇشقا سەل قولايسىز بولۇپ قالىدىكەن.
1som
Posted: 2008-02-27 00:50 | 1 -قەۋەت
Ghunche
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 258
شۆھرىتى: 265 نومۇر
پۇلى: 2640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

بۇ نىمىش ئەمدى، ئىنكاس يازماستا كىچىك تۇرغان خەت، ئىنكاس يېزىپ بولۇپ قارىسام چوڭ بولۇپ  قاپتۇ.
Posted: 2008-02-27 00:52 | 2 -قەۋەت
TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

مەن كۆرگەن كىتاپلاردا "قۇتادقۇ بىلىك" دەپ ئېلىنىپتۇ. لىكىن سىز دىگەندەك ئېلىنغانلىرىنىمۇ كۆرگەن. ئەمما كۆپ ئەمەس.
مەن يوللاپ بۇلۇپ تېھرىرلەۋاتقاندا سىز ئىكاس يېزىپسىز، ھەم سىز يوللاپ بولغۇچە مەن يوللاپ بولغان گەپ، ئەمما مەسىلە چوڭ ئەمەس!
نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2008-02-27 01:25 | 3 -قەۋەت
Ghunche
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 258
شۆھرىتى: 265 نومۇر
پۇلى: 2640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

مەن  بۇ تېمىنى ئۇستى ئۇچۇق موزېي  قەشقەر دىگەن كىتاپتىن ئالغان.
ھە راس كىتاپخانىدا قۇتادغۇبىلىك  دىگەن  بىر كىتاپنى كۆرگەن ئىدىم. مۇقاۋىلىرى  خېلى ئالاھدە ئىشلەنگەن كىتاپ ئىكەن. يېڭى چىققان كىتاپتەك  تۇرىتى. شۇ كىتاپقا قاراپ  باقايچۇ،  زادى «قۇتادقۇ بىلىك» مۇ، «قۇتادغۇ بىلىك» مۇ؟ مەن شۇ ۋاقىتتا ئىنكاس يازاي.
Posted: 2008-02-27 01:53 | 4 -قەۋەت
TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

باشقا كىتاپلارنىمۇ ئاختۇرۇپ كۆردۈم، دىگەندەك «قۇتادغۇ بىلىك» دەپ ئېلىنغانلىرىمۇ بار ئىكەن. مەن بۇ پەرىققە پەقەت دىققەت قىلماپتىمەن.
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2008-02-27 02:42 | 5 -قەۋەت
Ghunche
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 258
شۆھرىتى: 265 نومۇر
پۇلى: 2640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

مەن بۇنداق ئىشلارغا بەك دىققەت قىلىمەن.  چۈنكى مېنىڭ قىلىدىغان ئىشىم خەت ئۇرۇش بولغاندىكىن. لېكىن ئۆزۇمنى چاغلىماي سىزگە ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم، ئەيپكە بۇيرىمىغايسىز.
bilik munbiri
Posted: 2008-02-27 09:50 | 6 -قەۋەت
iltebir
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىتاپنىڭ نامى ھەققىدە مۇنداق دەپتىكەن:
ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﺎﺗﻰ ﺋﯘﺭﺩﯗﻡ ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ،
ﻗﯘﺗﺎﺩﺳﯘ ﺋﻮﻗﯩﻐﻠﯩﻘﺎ ﺗﯘﺗﺴﯘ ﺋﯩﻠﯩﮓ.
(" ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ " 350- ﺑﯧﻴﯩﺖ ﺗﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻜﺮﯨﭙﺴﯩﻴﯩﺴﻰ)
Posted: 2008-02-27 13:49 | 7 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۆرپ - ئادەت

Total 0.054651(s) query 4, Time now is:03-07 19:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation