ئاشۇ يىللاردا
مەمتىمىن نۇرى
( قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا تۇزلۇقئوتاغ باشلانغۇچ مەكتىپىدىن )
مەكتەپ قوينىدا
خوتەن ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ خوتەن ۋىلايىتى بويىچە تۇنجى قېتىم ( 1953 - يىل 8 – ئايدا ) قۇرۇلغان ۋە دەسلەپكى قەدەمدە ھەرقايسى ناھىيىلەردىن ، 300 نەچچە قىز - ئوغۇل ئوقۇغۇچىنى ئىمتىھان ئارقىلىق ئۆز قوينىغا ئالغان ئانا مەكتەپتۇر. مەن گەرچە چەكلىك ھاياتىمدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماي، ئەينى يىللاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدە چەكلىنىپ قالغان بولساممۇ، خوتەن ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇنجى ئەۋلاد ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمەن، ئەلۋەتتە.بىز مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندا، مەكتەپنىڭ شەھەردىكى قۇرۇلۇشى تېخى پۈتمىگەنلىكتىن، بىرىنچى ( 1 -، 2 – مەۋسۇم ) ئوقۇش يىلىنى، يەنى 1953 - يىل 9 - ئايدىن 1954 - يىل 7 - ئايغىچە خوتەن شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئاتچى كەنتىدە، ھەربىي گازارمىدا ئۆتكۈزدۇق. بۇ مەكتەپكە خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق يەتتە ناھىيىدىن قوبۇل قىلىنغان قىز - ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئالتە سىنىپقا ئارىلاش تەقسىم قىلىندى، سىنىپ مۇدىرلىرى بېكىتىلدى. سىنىپلارنىڭ ھەممىسى پاراللېل بولغانلىقتىن، نامى " ئا سىنىپ " ، " ب سىنىپ " ، " ۋ سىنىپ " ، " گ سىنىپ " ، " ق سىنىپ " دەپ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە بەلگىلەندى.سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەيدانغا ئالاھىدە سەھنە تەييارلىنىپ، ۋىلايەتتىكى موناسىۋەتلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە دارىلمۇئەللىمىننىڭ مۇدىرى مەرھۇم ئەسمىتىللا تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش ھەم ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۆزۈلدى.ئوقۇغۇچىلار سىنىپلار تەرتىپى بويىچە ياتاقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دەسلەپكى قەدەمدە كۈندىلىك مۇنتىزىم مەشغۇلات تۈزۈمى تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلدى.ئۇ يىللار سىنىپىي كۈرەش تۇتقا قىلىنغان مەزگىللەر بولغاچقا، پومېشچىك ياكى باي دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئوقۇغۇچىلارئېيىغا 10 يۈەن، ئوتتۇرا دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار بەش يۈەن تاماق راسخوتى تۆلەيتتى. كەمبەغەل دېھقان، تۆۋەن ئوتتۇرا دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بالىلارنىڭ تاماق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق تەمىناتى دۆلەت مالىيىسىدىن تولۇق بېرىلەتتى ( كېيىنكى يىللارغا كەلگەندە بۇ تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى ) .
ئەتراپىمىز ئوچۇقچىلىق بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ياپيېشىل قوناقلىق ئېتىزلىرى بىلەن ئورالغانىدى. يېتىش، تۇرۇش، دەرسكە كىرىش، دەرستىن چۈشۈش، قاتارغا كېلىش ( يىغىلىش ) قاتارلىق ئىشلاردا داڭ ياكى قوڭغۇراق ئورنىدا ھەربىيچە كارناي چېلىناتتى. ساۋاقداشلارمۇ بۇنىڭغا بىردەك كۆنۈپ كەتكەنىدۇق.ئوقۇش باشلىنىش بىلەن تەڭلا بارلىق ساۋاقداشلاردا يېڭىچە كۆتۈرەڭگۈ روھ، مۇستەھكەم ئىرادە، جۇشقۇن كەيپىيات ۋە قىزغىن ئىنتىلىش بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ مەدەنىيەت سەۋىيىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە، نەزەر دائىرىمىز كېڭەيمەكتە ئىدى. ئوقۇتقۇچىلىرىمىز شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تاللاپ كەلتۈرۈلگەن پىشقان، تەجرىبىلىك، بىلىملىك، قابىلىيەتلىك پېشقەدەم ئۇستازلار ھەمدە شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ ھەرقايسى فاكۇلتېتلىرىنى پۈتتۈرگەن ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، بىزنىئۆزلىرىگە تېزدىن جەلپ قىلىۋالغانىدى.مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسى قۇرۇلدى ۋە قەدەم - باسقۇچلۇق ھالدا ئەزا قوبۇل قىلىندى . بۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ سىياسىي ھاۋاسى قويۇقلىشىپ، ساۋاقداشلار ئىدىيىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. ساۋاقداشلارنىڭ ئۆزئارا دوستلۇقى، ئىتتىپاقى يېڭىچە دۇنيا قاراش ئاساسىدا مۇستەھكەملەندى، ۋۇجۇدىمىزغا سىڭىپ كەتكەن كونىچە خۇراپىي ئادەت ۋە قالاقلىقلار چىقىرىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئېسىل، ئالىيجاناپ ئەخلاقىي پەزىلەت ئىگىلەشكە باشلىدى.مەكتەپ مۇدىرى پەخرىدىن يۇنۇس قەشقەردىن بولۇپ، پېشقەدەم زىيالىيلاردىن ئىدى. ئۇ، تەمبەل، كەم سۆز، ئېغىر بېسىق، تەجرىبىلىك ئادەم بولۇپ، ھەرقاچان ئوقۇغۇچىلارغا گەپ - سۆز قىلغاندا، »بالام...« دەپ ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى، پىكىرىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى، ئوقۇغۇچىلاردىن پىكىر ئېلىپ، ئاشخانىلارنى پات - پات تەكشۈرۈپ تۇراتتى. بىلىشىمىزچە، ئاۋۋالقى ئىلمىي مۇدىرىمىز مۇسا ئەكبەر ئۆزبېك بولۇپ، سوۋېت گراژدانى ئىكەن. ئۇ ئالىي مەلۇماتلىق سۇ ئىنژېنېرى بولغاچقا، 1949 - يىلدىن بۇرۇن مەلۇم ۋەزىپە بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ خوتەندە يەرلەشكەن، 1949 - يىلدىن كېيىن خوتەن ۋالىي مەھكىمىسىدە ۋالىي، 1953 - يىل 9 - ئايدىن 11 - ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن، شۇ يىلى 11 - ئايدا سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ ئېلىپ كېتىلگەن.سىنىپ مۇدىرىمىز ھەسەن يۈسۈپ قاغىلىق ناھىيىسىدىن بولۇپ، مۇسا ئەكبەر كەتكەندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنىدى. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ - جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپلا خوتەن ۋىلايىتىگە تەقسىم قىلىنغانىكەن. ئۇ ئېگىز بوي، تەمكىن ئادەم ئىدى.ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئىنتايىن ئىلمىي ۋە ئىللىق ئىدى، بىزمۇ ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنى چىن قەلبىمىزدىن سەمىمىي ھۆرمەتلەيتتۇق.مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىچكى قۇرۇلمىسى تولۇقلىنىپ بولغىچە ئارىلىقتا، 1953 - يىلى − بىرىنچى بىر يىلدا خېلى ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە توغرا كەلگەنىدى. ئەڭ ئېغىر بولغىنى: شۇ يىلى 12 - ئايدا بەختىمىزگە قارشى، بىر ياغقانچە قىرىق نەچچە كۈن توختىماي قېلىن قار يېغىپ كەتكەنلىكتىن، سىنىپقا ( دەرسخانىغا ) چىقىشقا مۇمكىن بولماي، دەرسلىرىمىزنى ياتاقتا يوتقان - كۆرپىلىرىمىزگە يۆگىلىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا، ھەتتا تاماقنىمۇ ياتاقتا يېيىشكە مەجبۇر بولغانىدۇق. سوغۇق بەك قاتتىق بولغاچقا، مەكتەپ مەمۇرىيىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇمكىن بولىدىغانلىكى چارە - ئاماللارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. خەيرىيەت دېگەندەك قەھرىتان سوغۇقنىڭ بۇ قېتىمقى خەتەرلىك ئۆتكىلىدىن بىرەر ھادىسىگە يولۇقماستىن، تىنچ - ئامان ئۆتۈپ كەتتۇق.
مەن مۇشۇ بىرىنچى ئوقۇش يىلىدىلا ئەدەبىيات دەرسىگە بەك قىزىقىپ قالغانىدىم. تىل - ئەدەبىيات دەرسىنى قەشقەردىن ئالاھىدە تاللاپ ئەۋەتىلگەن، مەكتىپىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئاساسىنى قۇرۇشتا تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان مامۇت قۇربان مۇئەللىم بېرەتتى. بۇ مۇئەللىمنىڭ دەرس ئۆتۈش مېتودى، ئاشۇ يىللاردىكى سەۋىيە بويىچە ئېيتقاندا، پېداگوگىكىلىق قائىدە - پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ئىدى. نۇتۇق قابىلىيىتى جەلپ قىلارلىق دەرىجىدە ياخشى بولۇش بىلەن بىرگە خەت پۇچۇركىسىمۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى. ئۇ ھەم تېز ھەم چىرايلىق يازاتتى. بىز ساۋاقداشلار ھەممىمىز ئۇنىڭ ھەر خىل پۇچۇركىسىنى ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشاتتۇق.مامۇت قۇربان مۇئەللىمنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە يېتەكچىلىكىدە مەكتىپىمىزدە دەسلەپكى قەدەمدە يەتتە نەپەر قىز - ئوغۇل ھەۋەسكار ساۋاقداشتىن تەركىپ تاپقان ئەدەبىيات كۇرژۇكى تەشكىللەندى. كۇرژۇكقا قاتناشقانلار ھەپتىدە بىر قېتىم يىغىلىپ بىر سائەتتىن بىر يېرىم سائەتكە قەدەر پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، تاپشۇرۇق بويىچە خاتىرىلەپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلق - ماقال تەمسىللىرى، قوشاقلىرى ۋە ئۆزىمىز يازغان شېئىرلارنى ئوقۇپ مۇھاكىمە قىلىشاتتۇق. پېشقەدەم ئۇستازلىرىمىزدىن مامۇت قۇربان، قادىر ئەكبەر)شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە تەتقىقاتچى، ھازىر پېنسىيىدە(، ئىبراھىم ئىمىن قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى، مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەدەبىيات كۇرژۇكى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە زورايدى، يۇقىرى، تۆۋەن يىللىقلاردىن كۇرژۇكقا قاتنىشىدىغان ياش ھەۋەسكارلار كۆپىيىشكە باشلىدى. بەلگىلىك ۋاقىت چىقىرىپ ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، كلاسسىك ئەدەبىيات، جۇڭگو يېقىنقى زامان ئەدەبىياتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ناۋايى، ل.مۇتەللىپ، لۇشۈن، پۇشكىن قاتارلىق ئەدىپلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى نىشانلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى. بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قېرىنداش - قوشنا مەكتەپ، دارىلمۇئەللىمىن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى، كۇرژۇك ئەزالىرى، خوتەن ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىكى رەھبىرىي خادىملار، ئارتىستلار، سازەندىلەر ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلاتتى. خاتىرىلەش كېچىلىكىگە بېغىشلاپ يازغان شېئىرلىرىمىزنى قىزغىن ھاياجان بىلەن دىكلاماتسىيە قىلاتتۇق، ئارتىستلار نۆۋەتلىشىپ ناخشا ئېيتىپ بېرەتتى، سازغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇل ئوينايتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ پائالىيەت سورۇنىمىز تەنتەنىلىك داۋاملىشىپ، كۆڭۈللۈك ئاخىرلىشاتتى ھەمدە كىشىلەرگە ياخشى تەسىر ۋە ئىلھام بەخش ئېتەتتى.
مامۇت زايىت، ئابدۇغېنى سېيىت قاتارلىقلار ئەنە شۇ خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ئەدەبىيات كۇرژۇكىنىڭ، مەرھۇم قاھار جېلىل، باقى تۇردى، شېرىپجان قاسىم، روزى سايىت، مۇھەممەت تۇردى نايىپ، جۈملىدىن مەن ( مۇھەممەتئىمىن نۇرى ) قاتارلىقلار بولسا خوتەن ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات كۇرژۇكىنىڭ تۇنجى مېۋىلىرى بولۇپ ھېساپلىناتتۇق. مانا بۇ مول ھوسۇللۇق ئەدىپلىرىمىزنى يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان قېرىنداش ئىككى مەكتەپتىكى ئەدەبىيات كۇرژۇكلىرى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەنىدى ( مەن ۋە مەتروزى ھېيت قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئەلۋەتتە ) .
1954 - يىلى سېنتەبىردە مۇھەممەتجان سادىق، ھەجەر قادىر، ئەنۋەر ئەزىم قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار ( بۇلار ئەسلى غۇلجىدىن ) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل -ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپلا خوتەنگە تەقسىم قىلىنىپ كەلگەنىدى. قەدىرلىك ئۇستازىم مۇھەممەتجان سادىقنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن " تېرىم بويلاپ " ناملىق لىرىك شېئىرى ئەنە شۇ ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە كەلگىچە سەپەر ئۈستىدە كۆزىتىشتىن ھاسىل قىلغان قايناق ھېسسىيات ۋە كۈچلۈك تەسىراتلىرى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنىدى.مۇھەممەتجان سادىق شائىر بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇستا رەسسام ۋە خەتتات بولۇپ، يېتىشكەن ئۇنىۋېرسال سەنئەتكار ئىدى. ئۇ ئۆز كەسپى − ئەدەبىيات دەرسىدىن سىرت، قوشۇمچە بىئولوگىيە ( زوئولوگىيە ) دەرسىنىمۇ بېرەتتى. بىر قېتىم زوئولوگىيە دەرسىدە ئۇنىڭ سورىغان دەرسىگە جاۋاپ بېرەلمىگەنلىكىم، پەقەت ئەدەبىياتقىلا قىزىقىپ، باشقا پەنلەرگە پاسسىپ مۇئامىلە قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئاتاقلىق ئۆزبېك سوۋېت يازغۇچىسى ئايبەكنىڭ قىرىق ياشتىن ئاشقاندىمۇ ئۆزىدىكى شۇنچە بىلىملەرگە قانائەت ھاسىل قىلماستىن، تاشكەنتتىكى قايسى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتىماتىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەنلىكىنى مىسالغا ئېلىپ، ھەممە پەنلەرنى بىردەك تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ تەنقىد - تەربىيە بەرگەنلىكى ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.مۇھەممەتجان قاسىم، ھەجەر قادىر − بۇ ئىككى ياش مۇئەللىمنىڭ توي مەرىكىسى شۇ يىلى مەكتىپىمىزدە ئاددىي ساددا، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىگە خاس، دەۋرنىڭ تەقەززاسىغا ماس ھالدا، ئىككى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تولۇق قاتنىشىشى بىلەن مەنىلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈلدى. ئۇلارغا ئاللا بىر پەرزەنت ئاتا قىلدى ( بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ ) .
ھەجەر خانىم دارىلمۇئەللىمىندە، مۇھەممەتجان سادىق مۇئەللىم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدى. بۇ ئىككى مەكتەپ تام قوشنا بولغاچقا، يىراقلىق قىلمايتتى.ئۇ 1955 - يىلى ماي ئايلىرىدا بىر پىئونېرنىڭ ئىنقىلابىي جاسارىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلانغان " زامانىمىزنىڭ غۇنچىسى" ناملىق پوئېمىسىنى يازدى. ( مەزكۇر پوئېمىنى نەشرىياتقا ئەۋەتكەنمۇ - يوق؟ ئېلان قىلىنمىدى ) . مەن چۈشلۈك دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ پوئېمىنىڭ ئاققا كۆچۈرۈلىشىگە ياردەملەشتىم. ھۆرمەتلىك ئۇستازىم مۇھەممەتجان سادىق پارچە - پۇرات قەغەزلەرگە شىرتىلدىتىپ يېزىپ - يېزىپلا تاشلاپ بېرەتتى - دە، مەن ئۇنى ئاققا كۆچۈرەتتىم ( چاچما شېئىر شەكلىدە يېزىلغانىدى ) .كېيىنكى يىلى ( 1956 – يىلى ) قەدىرلىك ئوقۇتقۇچۇم مۇھەممەتجان سادىق، ھەجەر خانىم، ئەنۋەر ئەزىم قاتارلىقلار جايلارنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى، يۇقىرىنىڭ ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن قەشقەرگە يۆتكىلىپ كەتتى.مەن بۇ ئەسلىمەمدە بۇ يەردە بايان قىلىشقا ياكى مۇپەسسەل بايان قىلىشقا ئانچە زۆرۈرىيىتى يوق، دەپ قارالغان تەرەپلەرنى ھازىرچە تىلغا ئالمىدىم. پەقەت 1953 يىلى بىلەن 1958 - يىللىرى ئارىلىقىدىكى دەسلەپكى قەدەمدە مېنىڭ يۇمران قەلبىمدە ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزىقىش ھەۋىسىمنى ئويغاتقان، يېتەكچىلىك قىلىپ ئەجىر سىڭدۈرگەن سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلار، سىرتتىن مەنىۋى جەھەتتە بىۋاسىتە خالىسانە ياردەم قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىجادىيىتىمگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن يازغۇچى، شائىر درامماتوروگ ھەم مۇھىم شەخسلەر، شۇنىڭدەك ھاياتىمدا يۈز بەرگەن ئالاھىدە ئۇلۇغ ئىشلار، پاجىئەلەر توغرىسىدا توختىلىمەن.
مەكتىپىمىزدە باشقا كۇرژۇكلارغا قارىغاندا، ئەدەبىيات كۇرژۇكى خېلى تېز يۈكسەلمەكتە ئىدى. كۇرژۇكتا بىر قەدەر پائالىيەتچان ساۋاقداشلاردىن: يۇقىرى يىللىقلاردىن مەتروزى ھېيت ( ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ) ، باقى تۇردى، مۇھەممەتئىمىن بارى ( " تارىم " ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، ھازىر پېنسىيىدە ) ، مۇھەممەتئىمىن نۇرى( مەن ) ؛ تۆۋەن يىللىقلاردىن قاھار جېلىل، شېرىپجان قاسىم، روزى سايىت، مۇھەممەت تۇردى نايىپ، بائۇمە ھوشۇر ( ئىمىن راشىدىن بىلەن توي قىلغان ) قاتارلىقلار بار ئىدۇق. لېكىن، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ دىققەت نەزىرى ئاساسەن ماڭا ئاغدۇرۇلغان ۋە مېنىڭ كېلەچىكىمدىن زور ئۈمىد كۈتكەنىدى.بىرىنچىدىن، بۇرۇن مەدرىستە ئوقۇغان چاغلىرىمدا دىداكتىك ھەمدە شەرقنىڭ ئىشقى - مۇھەببەت مەزمۇنىدىكى تۈركىي ۋە پارسىي ئەدەبىياتىدىن ھاسىل قىلغان ئازغىنە ئاساسىم؛ ئىككىنچىدىن، زامانىۋى يېڭى پەننىي مەكتەپ قوينىغا كىرگەندىن كېيىن ئۆگىنىلىۋاتقان سىستېمىلىق نەزەرىيىۋى بىلىملەر؛ ئۈچىنچىدىن، مامۇت قۇربان، قادىر ئەكبەر، ئىبىراھىم ئىمىن قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى، جاپپار ئەمەت، تۇردى سامساق قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ سىرتتىن قىلغان خالىسانە ياردىمى تەبىئىي ھالدا قوشۇلۇپ، مېنىڭ يۇمران ۋۇجۇدۇمدا ئۆچمەس يالقۇنغا ئايلىنىپ، ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىمنى چەكسىز دەرىجىدە ئۇلغايتىۋەتكەنىدى.
مەدرىسە ھاياتىمدا
باشقا ھەۋەسكار ساۋاقداشلارغا قارىغاندا، ئەدەبىي ئەسەر − رومان، پوۋېست، ھېكايە، شېئىر، داستان شۇنىڭدەك نەزەرىيىۋى قوللانمىلارنى كۆپرەك ئوقۇيتتۇم، يېزىقچىلىق مەشىقىنىمۇ ئۈزۈپ قويمايتتىم. چۈنكى بىرئاز ئاساسقا ئىگە ئىدىم. مەن موللا ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، قويۇق دىنىي ئىلمىي مۇھىت ئىچىدە يەنى ئىپتىدائىي دىنىي مەكتەپتە نەزمىي شەكىلدىكى " مۇبەييەن " ، " سوپى ئاللاھ يار " ، " ناۋايى " ، " پۇزۇلى " ، " خوجاھاپىز شىرازىي " ( پارىسىي تىلدا ) قاتارلىق دىنىي، پەندى - نەسىھەت ۋە ئىشقى - مۇھەببەت مەزمۇنىدىكى بىر يۈرۈش نەزمىي كىتابلارنى ئۇنىڭ مەنىسىنى گاھ چۈشىنىپ، گاھ چۈشەنمەيلا ئوقۇيتتۇم ۋە يادلاپ ئالاتتىم. بۇ خىل نەزمىي شەكىلدىكى كىتابلارنىڭ مەنىسىدىن كۆرە، ئۇنىڭ گۈزەل قاپىيىلىرىگە، يېقىملىق مۇزىكىلىقلىقىغا، جاراڭلىق، راۋان ئوقۇلۇشىغا تولىمۇ قىزىقاتتىم. بۇنىڭدىكى بەزى يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان ئاھاڭدار بېيىتلار، پارچىلار ئېسىمدە ئاسانلا ساقلىنىپ قالغاچقا، تىلىم شېئىرىيەتكە مايىل بولۇپ قالغانىدى.
قاراقاشنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخس − ئەپرۇزخان گۇڭ خوجا ئۆزىنىڭ ھوقۇق - ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ، قاراقاش بازار ئىچىدە ۋە چاقار كەنتىدە بىرقانچە مەدرىسە، چوڭ - چوڭ جامە، مەسچىت ھەم مۇھىم كۆۋرۈكلەرنى سالدۇرۇپ، مەزكۇر مۇئەسسەسىلەرگە مۇتىۋەللى ( باشقۇرۇپ ئىگىدارلىق قىلغۇچى ) ، مۇدەررىس، خاتىپ ( جۈمە نامىزىدا خۇتبە ئوقۇپ ۋەز ئېيتقۇچى ) ، ئىماملارنى تەيىنلەپ، ئۇلارنىڭ تەمىنات كىرىمى ئۈچۈن بىرنەچچە مىڭ مو يەر - زېمىن، 20 نەچچە تاش تۈگمەن ( بۇلار قاراقاشنىڭ تىۋەت، كۇيا، ماكۇيا، قارىلا ۋە بازار ئىچى − كالا بازىرى قاتارلىق يېزا - كەنتلىرىدە ئىدى ) قاتارلىقلارنى ۋەخپە قىلىپ، ئاشۇ دەۋر، ئاشۇ جەمئىيەتتىكى شەرىئەت مۇنبىرىدە ئولتۇرغۇچى ئەلەم، مۇپتى، قازى كالانلارنىڭ مۆھۈرلىرىنى باستۇرۇپ چىۋەي قالدۇرۇپ، ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرغانىكەن.مەن ئەقلىمگە كەلسەم، مېنىڭ داداممۇ قاراقاش بازىرى ئىچىدىكى مەزكۇر ئاتاقلىق مەدرىسىلەرنىڭ بىرى − " ئاق مەدرىسە " دە مۇدەررىسلىك سالاھىيىتى بىلەن نۇرغۇن تالىپلارغا ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە كىتابلاردىن دەرس بېرىدىكەن ( خوتەن ۋە خوتەن ئەتراپىدىكى ئاشۇ دەۋردىكى مەدرىسلەرنىڭ دەرىجىسى ھازىرقى ئالىي تېخنىكومغا، قەشقەردىكى " خانلىق مەدرىسە " ، " ساقىيە مەدرىسىسى«لەر نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ، يەنى ئۇنىۋېرسىتېتقا تەڭ ) . دىنىي تەلىم - تەربىيە،ئوقۇ - ئوقۇتۇش قائىدە - پرىنسىپلىرى مۇنداق ئىدى:مەدرىسىدىكى تالىپلار، ئادەتتە، " پېشقەدەم " ۋە پەسقەدەم " دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. پېشقەدەم دېگىنىمىز − قەدىمى ئىلگىرى يەنى ئىلىم، ھۈنەر - سەنئەت ۋە ياكى شۇنداق بىر كەسىپنى ئۆگىنىشتە بۇرۇنراق قەدەم قويغان، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرسە، پەسقەدەم دېگەنلىك − قەدىمى كېيىن يەنى يۇقىرىقىدەك ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقلارنى ئىگىلەشتە كېيىنرەك قەدەم باسقان، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا پەسقەدەملەرگە قارىغاندا، پېشقەدەملەرگە بەكرەك ھۆرمەت قىلىنىدۇ... پېشقەدەم، پېشىۋا، پېشكەل، پېشانراز ئاتالغۇلىرىدىكى "پېش" سۆزى پارس تىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن بولۇپ، بۇرۇن، ئىلگىرى، ئالدى، ئالدىن، ئالغا دېگەن لېكسىكىلىق مەنىگە ئىگە.
مەيلى پېشقەدەملەردىن، مەيلى پەسقەدەملەردىن بولمىسۇن، مەلۇمات دەرىجىسى بىردەك بولغان بىرقانچە تالىپ( بەشتىن ئۈچكىچە ) بىر گۇرۇھ يەنى ساۋاقداش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇيدىغان - ئۆگىنىدىغانلىرى بىر خىللا كىتابتىن ئىبارەت ئىدى.مۇدەررىس - مېھراپتا گاھ يۈكۈنۈپ، گاھ تىزلىنىپ ۋە بەزىدە بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغىنىچە، نۆۋەت بويىچە دەرس بېرىشكە باشلايدۇ. ھەر گۇرۇھتىكى ساۋاقداش تالىپلار ئۆز شېرىكلىرى بىلەن بىللە مۇدەررىسنىڭ ئەتراپىنى چەمبەر شەكلىدە چۆرىدەپ كېگىز جايناماز ئۈستىدە يۈكۈنۈپ كىتاپلىرىغا قارىشىپ ئەدەپ بىلەن دەرس ئاڭلىغاچ، نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرۇشىدۇ. تالىپلار مەلۇمات دەرىجىسىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك رەت تەرتىپى بويىچە نۆۋەت ئېلىپ، ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى ساۋاقداشلارغا ۋاكالىتەن بىرەيلەن ئوقۇۋاتقان كىتابى ئەرەبچە ياكى پارسچە بولسۇن، جۈملىمۇ جۈملە، سۆزمۇ سۆز ئوقۇپ توختايدۇ - دە، مۇدەررس ئىبارىنىڭ تەرجىمىسىنى قىلىپ، ئۇنى شەرھىلەپ، شاخلاپ كېڭەيتىپ "قىسسىدىن ھېسسىي چىقىرىش" مەنتىقىسى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ، مۇدەررس توختىغاندىن كېيىن، تالىپ يەنە ئىبارىنىڭ داۋامىنى ئوقۇپ توختايدۇ، مۇدەررىس يەنە يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئىبارىنىڭ تەرجىمە - مەنىلىرىنى يېشىپ كېڭەيتىپ چۈشەندۈرىدۇ... دېمەك، مەدرىسىلەردىكى ئوقۇش - ئوقۇتۇش قائىدىسى ئۇستاز بىلەن شاگىرتنىڭ ئۆزئارا لوگىكىلىق گىرەلەشمىسىدىن ئىبارەت ئىدى.
تالىپلار ئارىسىدائەينى زامانلاردا، مەدرىسىلەردە، ئادەتتە، قىش پەسلىدە ئەرەبچە كىتابلار( " قۇرئان " نىڭ تەپسىرى ۋە ھەدىسكە ئائىت بىلىملەر(، باھار مەزگىلىدە بولسا، پارس تىلىدىكى كىتابلار ئوقۇتۇلاتتى. بۇ كىتابلار مەۋلانە جالالىدىن رۇمىينىڭ چوڭ ھەجىملىك، مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان، " شەرق پەلسەپەسى " ھەتتا " پارسچە قۇرئان " دەپ ئاتالغان ئىككى توملۇق ئەسىرى »مەسنەۋى شېرىپ«، شەيخ ھەسەن بەسىرىنىڭ سوپىزىمغا ئائىت چوڭ ھەجىملىك ئايرىم - ئايرىم ھالدا نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان ئىككى كىتابى − " نەفاھاتى شېرىپ" ( ئەھلى تەسەۋۋۇپنىڭ ھەرقايسى گۇرۇھلىرىنىڭ ئۆزلىرى مەنسۇپ بولغان سۈلۈك ھەمدە مەزھەپلىرى بايان قىلىنغان ) ، " مەكتۇباتى شېرىپ " ( ئەينى زاماندىكى تەسەۋۋۇپ پېشىۋالىرىنىڭ تەسەۋۋۇپ ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ يېزىشقان مەكتۇپلىرى ) ، ئابدۇراھمان جامىنىڭ يۈسۈپ - زۇلەيخلارنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن چوڭ داستانى − " مەسنەۋى جامىي " سى، شەيخ سەئىدى شىرازىنىڭ پەندى - نەسىھەت خاراكتېرىدىكى شېئىرىي ئەسىرى − " بوستان " ۋە نەسرىي، نەزمىي شەكىلدە ئارىلاش يېزىلغان ئەسىرى − " گۈلىستان " ، پەرىدىددىن ئەتتارنىڭ بەش قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەزمىي شەكىلدە يېزىلغان كىتابى − " پەنج گەنج ( بەش خەزىنە ) " قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ خىل پارسچە كىتابلارنىڭ ھەممىسى ( مەيلى دىنىي مەزمۇندا بولسۇن، مەيلى پەندى - نەسىھەت مەزمۇنىدا بولسۇن، مەيلى مۇھەببەت تېمىسىدا بولسۇن ) ئەدەبىياتقا ياتىدۇ. ئەرەبچە كىتابلارنىڭ ئىچىدە تەپسىر ۋە ھەدىستىن باشقا، " ئىلمى پەرائىز ( ماتىماتىكا ) " ، " ئىلمى بەلاغەت ( ئىستېتىكا ) "، " ئىلمى مەنتىق ( لوگىكا ) قاتارلىق كىتاب - قوللانمىلارمۇ بار بولۇپ، بۇلار دىنىي ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇلاتتى.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە " ئىيسا خوجى " ناملىق ئوردۇچە، ھەجىمى ئانچە چوڭ بولمىغان، ئادەم ۋە ھايۋانلارغا ئېنىقلىما بېرىپ، ئۇلارنىڭ ماھىيىتىنى ئىلمىي نۇقتىدىن شەرھىلەپ بېرىدىغان پەلسەپە خاراكتېرلىك كىتابمۇ ئوقۇتۇلاتتى. بۇ نەسرىي شەكىلدە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيىلىك، ئاز ساندىكى بىر قىسىم تالىپلارلا مەزكۇر كىتابنى ئوقۇش - بىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىدى. خالىغان تالىپ بۇ كىتابنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايتتى ( مۇئەللىپنىڭ كىملىكى ھازىر ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ ) .ئىپتىدائىي دىنىي مەكتەپتىن مەدرىسىگە كۆچكەندىن كېيىنكى ئوقۇشنىڭ باشلانغۇچىدا ئەرەب تىلى گىراماتىكىسىغا دائىر بىلىملەر − " ئىلمى تەجۋىد ( فونېتىكا ) "، " سەرف ( مورفولوگىيە ) "، " نەھۋى ( جۈملە ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە ) " ۋە يەنە شۇنىڭدەك " ئاۋامىل " ، " ھەركات " ، " مۆز " ، " كاپىيە " ، " شەرھى موللا " ( ئابدۇراھمان جامىينىڭ ئىلمىي ئەمگىكى ) قاتارلىق كىتابلار ئوقۇتۇلۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ۋاقىت، ھەتتا بەزى تالىپلارنىڭ ئون نەچچە يىللاپ قىممەتلىك ئۆمرى زايا بولاتتى ۋە "چالا موللا" بولۇپ چىقىپ كېتەتتى. قارىغاندا، ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسىدىن قىيىن بىلىم بولمىسا كېرەك.
ئەمما قىزىق يېرى شۇكى، پارس تىلى ۋە ئوردۇ تىلى گىرامماتىكىسى ئوقۇتۇلغىنىنى مەن زادىلا بىلمەيمەن. شۇنداقتىمۇ بۇ خىل تىلدىكى كىتابلارنى تالىپلار ئەرەب تىلىغا قارىغاندا، ئانچە قىينالماي، ئاسانلا ئۆگىنىپ، راۋان تەرجىمە قىلىپ كېتەلەيتتى.
دادام ھەر كۈنى سەھەردە بامدات نامىزىغا چىقىپ كەتكىنىچە، نامازدىن كېيىنلا تالىپلارغا دەرس ئۆگىتىشكە باشلايتتى ۋە سائەت ئونلاردا قايتىپ كىرىپ ئازغىنە ناشتا قىلىۋېلىپ، ئاندىن بىرەر سائەتتەك يېتىپ كۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىراتتى. بولۇپمۇ پارسچە كىتابلاردىن دەرس ئۆتۈلۈشكە باشلىغاندا، تېخى ئون نەچچە ياشلاردا بولساممۇ، دادامنىڭ قېشىغا دەرسخانىغا كىرىۋېلىپ قىزىقارلىق ئىبارە ۋە پاراڭلارنى ئاڭلاشقا ھېرىسمەن ئىدىم. تالىپلارنىڭ مۇتالىئە ۋە تالاش - تارتىشلىرى قۇلىقىمغا سىڭىپ، يۇمران قەلبىمگە مەھكەم ئورناشقانىدى.كىتاب بەزمىسىباھار ۋە ياز پەسىللىرىدە، شەھەر ۋە يېزىلاردىن بولۇپ، بىرقانچە مۇدەررىس - ئۆلىمالارنىڭ بىرلەشمە " كىتاب بەزمىسى " ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇ بەزمە شەھەر ۋە يېزىلاردىكى بايلارنىڭ گۈزەل، ھاۋالىق باغلىرىدا ھەر ھەپتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى تولۇق بىر كۈن ئېلىپ بېرىلىپ، شۇ بىر كۈنلۈك بەزمە زىياپىتىگە سەرپ قىلىنىدىغان پۈتۈن راسخوتنى بەزمە ئەھلى نۆۋەت بويىچە ئۈستىگە ئېلىپ ئۆز بىساتىدىن چىقىم قىلاتتى، بۇ بەزمە " كىتاب بەزمىسى " دەپ ئاتىلاتتى.كىتاب بەزمىسىنىڭ داۋاملىق، ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن يۇرت ئىچىدىكى مەرىپەتپەرۋەر بايلار بەس - بەستە نۆۋەت تالىشىپ، بەزمە ئەھلىنى رەڭدار زىلچا - گىلەملەر يېيىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېسىل تاۋار - دۇردۇن، ئەتلەس كۆرپىلەر سېلىنغان، ھەر خىل گۈللەر ئېچىلىپ، قۇشلار يېقىملىق سايرىشىپ تۇرغان، چوڭ قازانلاردا گۆش، پولو، قورداقلار ئەتراپقا مەززىلىك پۇراقلىرىنى تارقىتىپ پىتىقلاپ قايناپ تۇرغان مېۋىزارلىق خۇش ھاۋالىق گۈزەل باغلىرىغا تەكلىپ قىلىشاتتى ۋە ھەرقانداق ئىقتىسادىي ياردەملىرىنى ئايىمايتتى.
بەزمىدىكى مۇدەررىس - ئۆلىمالار ئۆزئارا تەكلىپ - تەكەللۇپلار بىلەن نۆۋەتلىشىپ ھەر خىل ھەر مەزمۇندىكى كىتابلار ( تولاراق پارىسىي ئەدەبىي ئەسەرلەر ) دىن تەبلىغ، مۇكالىمە، مۇتالىئە ۋە مۇھاكىمىلەر قىلىشاتتى. مانا بۇ ئۆلىمالارنىڭ بىلىم ۋە تەبلىغ - تەشۋىق ماھارەتلىرىنى نامايىش قىلىدىغان مەنىۋى سەھنە − كىتاب بەزمىسى، خۇددى ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، شائىر ئەلىشىر ناۋايى تەسۋىرلىگەن " مەجالىسۇن – نەپائىس " ( گۈزەل ئولتۇرۇشلار ) قا ئوخشاپ كېتەتتى. مەن تىكەندەكلا تەنھا بىرلا ئەركە پەرزەنت بولغاچقا، مۇشۇنداق ئىلمىي سورۇنلارغا دادام مېنىمۇ بىللە ئېلىپ باراتتى.بۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىلمىي پائالىيەت ئىدى. بۇ سورۇنغا سىرتتىن سامىي ( تىڭشىغۇچى ) ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىختىيارىي ھالدا قاتنىشىپ، سورۇننىڭ پەيزىدىن بەھرىمەن بولۇشاتتى.
مېنىڭ بالىلىقىم مانا مۇشۇنداق قويۇق مەنىۋى، ئىلمىي مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بولغاچقا، مەزكۇر مۇھىت كېيىنكى چاغلاردا ئەدەبىيات - سەنئەت بىلىملىرى ھەققىدە ئىزدىنىشىم ئۈچۈن، تەبىئىي يوسۇندا خېمىرتۇرۇچلۇق رولىنى ئوينىدى.ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۈزۈلمەي قىزغىن داۋاملىشىپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ قالغان بۇ ئەنئەنىۋى كىتاب بەزمىسى 1950 - يىللاردىن كېيىن قايتا ئۆتكۈزۈلمەيدىغان بولدى.
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژورنىلى 2004 – يىللىق 1 – سان