2&-ئېكىنچىلىكى
ئوتتۇرا ئاسىيا___ يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتى ئەڭ بۇرۇن بىخ سۈرگەن رايونلارنىڭ بىرى.
ئېنگېلس مۇنداق دەيدۇ: «نادانلىق دەۋرى (barbarsm)نىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسى شۇكى، ھايۋانلارنى كۆندۈرۈش، كۆپەيتىش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىش»؛[1]. « تۇران تۈزلەڭلىكى (تۇران تۈزلەڭلىكى — ئارال دېڭىزىنىڭ ئەتراپى. كەڭرەك مەنىدە تەڭرى تاغلىرى، كاسپىي دېڭىزى ۋە كوپىت تاغلىرى ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان كەڭ تېررىتورىيە) نىڭ ئۇزاق ۋە قاتتىق سوغۇق بولىدىغان قىش پەسىلىدە لازىم بولىدىغان يەم - خەشەك زاپىسىنى تەييارلىماي تۇرۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ شۇڭا بۇ يەردە ئوت - چۆپ يېتىشتۈرۈش ۋە زىرائەت تېرىش زۆرۈرى شەرت بولۇپ قالدى… زىرائەتلەر دەسلەپ ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ يېمەكلىكى تەرىقىسىدە تېرىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىنسانلارنىڭمۇ يېمەكلىكى بولۇپ قالدى»[2]
ماركسىزم كلاسسىكلىرىنىڭ بۇ بايانلىرىدىن شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، دېھقانچىلىقنى چارۋىچى مىللەتلەر كەشىپ قىلغان. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دۇنيا دېھقانچىلىق ئىگىلىكى ئاپىرىدە بولغان رايون ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلىنىش ھاجەتسىز.
بىز بىلىدىغان يېزا ئىگىلىكىگە دائىر ئەڭ قەدىمكى مەلۇمات ئوتتۇرا ئاسىياغا بەكمۇ يېقىن ياكى قوشنا رايونلار — يەنى ئوتتۇرا شەرق، ئىراق ۋە مىسىر، ئىران، خۇاڭخې ۋادىسى تېررىتورىيىلىرىدىن ئېلىنماقتا.
ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن غەربىي يۇرتنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك ئىشلىرى ئىلگىرى دېگەندەك ياخشى ۋە ئەتراپلىق ئىشلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە بەزىبىر نەزەرىيىۋى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە باشقا يىرىك يېزا ئىگىلىك رايونلىرى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىش خىزمىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتماي كەلگەنىدى.
يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بېرى غەربىي يۇرتنىڭ قەدىمكى زامان يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە يېڭى - يېڭى بايقاشلار بولدى. ئەمدى مەسىلىنى قايتا ئويلاش زۆرۈپ بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىنى مەملىكەت دائىرىسى بىلەنلا توختىتىپ قويماستىن، بەلكى خەلقئارا سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈپ، دۇنيا ئىلىم ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىش تولىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى.
غەربىي يۇرتنىڭ قەدىمكى زامان دېھقانچىلىقىغا ئائىت بىلىشكە تېگىشلىك ماتېرىياللار مەنبەسى قەدىمكى يادىكارلىق ئىزى ۋە قەدىمكى قەبرىلەردىن تېپىلغان ھەر خىل دېھقانچىلىق سايمانلىرى، دېھقانچىلىق زىرائەت ئەۋرىشكىلىرىدىن ئېلىنىدۇ.
نەق مانا مۇشۇ ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4000 يىللار بۇرۇنقى ۋاقىتتا تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتەكلىرىدىن تاكى قۇرۇم (كوئىنلۇن) تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىگىچە بولغان كەڭ رايون دائىرىسىدىكى تاغ يامزاللىرى، جىلغا تۆپىلىكلىرى، دەريا ۋادىلىرىدىكى مۇنبەت يەرلەردە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى مەيدانغا كەلگەن.[3]
غەربىي يۇرتنىڭ قەدىمكى زامان دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلگەن تاش قوراللار، مىس قوراللار، ياغاچ قوراللار، مىس - تۆمۈر قوراللارنىڭ تۈرى، شەكلى، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى غەربىي يۇرتتا ياشىغان ئەجدادلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ، ئۈزلۈكسىز سىپتىلىنىپ، ئىشلىتىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ بارغان.
غەربىي يۇرتنىڭ دېھقانچىلىق قوراللىرى بۇ رايوننىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك تارقالغان بولۇپ، قەدىمكى ئىزلار ۋە قەدىمكى قەبرىستانلىقلاردىن ئۇنىڭ ئەۋرىشكىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
غەربىي يۇرتنىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەپ بېرىشتە، ھەرقانداق ماتېرىيال ھەرقايسى جايلاردىكى يادىكارلىق ئىزلىرى ۋە قەبرىلەردىن چىققان دېھقانچىلىق زىرائەت دانىلىرى، باشاق پوستى ۋە بۇ خىل زىرائەتلەر توغرىسىدا يېزىلغان يەر ئاستىدىن چىققان تارىشا پۈتۈكلەر ۋە خەت - چەكلەردىكى بىۋاسىتە خاتىرىلەرگە يەتمەيدۇ.
غەربىي يۇرت رايونى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تارقىلىشى جەھەتتە ياۋروپا - ئاسىيا ئورمان ۋە ئوتلاق رايونى، مەركىزىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا چۆللۈك رايونى بىلەن تۈر تەركىبى ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈك جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
ئادەم ۋە ھايۋانات ئۆسۈملۈكسىز ھايات كەچۈرەلمەيدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئىنسانلار ئاشلىق زىرائەتلىرى، مايلىق زىرائەتلەر، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر، تالالىق زىرائەتلەر، مېۋىلەر ۋە دورىلىق ئۆسۈملۈكلىرىنى تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ھاياتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ كەلدى.
دۇنيادىكى بارلىق ئۆسۈملۈكلەر ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ۋە مەدەنىي ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.
ھەرقانداق مەدەنىي ئۆسۈملۈكنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بولىدۇ. بىرەر جايدا تېرىلىۋاتقان مەدەنىي ئۆسۈملۈك ياۋا تۈرىنىڭ بار - يوقلۇقى ئۇنىڭ كېلىپ چىققان ئورنىنى بېكىتىشتە مۇھىم پاكىت ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىپ تەكشۈرۈشلەردە، بۇ رايوندا بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇنقى ئاشلىق زىرائەتلىرى، 2000 —3000يىل بۇرۇنقى مېۋە - چېۋە ئەۋرىشكىلىرى، پاختا، كەندىر، يىپەك - يۇڭ توقۇلمىلار تېپىلىپ، مەدەنىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىلىش تارىخىنى نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى سۈرۈۋەتتى. جۈملىدىن بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىگە قارىتا يېڭى مەسىلىلەرنى مەيدانغا چىقاردى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈپ، دەلىللەپ چىقىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى « دائىرىسىدىن ئېيتقاندا، تاغ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈر سانى تۈزلەڭلىك ئۆسۈملۈكلىرىنىڭكىدىن كۆپ ئىكەن. مەسىلەن، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدىكى قىسمىدا تارقالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك تۈرلىرى تەخمىنەن 2300 تۈر بولۇپ (تەڭرىتېغىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىسىدىكى قىسمىدا 0003 تۈرگە يېقىن)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ تەخمىنەن %70ىنى تەشكىل قىلىدۇ. گەرچە قۇرۇم(كوئىنلۇن) تاغلىرىنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈر تەركىبى ئاز. يارىش (جوڭغار) ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى تەخمىنەن 600 تۈرگە يېتىدۇ.»[4]
غەربىي يۇرت تەۋەسىدە قەدىمدىن بېرى تېرىلىپ، ئۆستۈرۈلگەن ئاشلىق زىرائەتلەردىن بۇغداي، سۆك، تېرىق، ئاق قوناق، چۈژگۈن (قىياق)، ئارپا قاتارلىقلار، ياغلىق دان زىرائەتلىرىدىن زىغىر، كۈنجۈت، قىچا، زاراڭزا، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلار، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەردىن ئاساسلىقى بېدە، ياۋا بېدە، ياۋا ماش، ياۋا كۆك پۇرچاق قاتارلىقلار؛ تالالىق زىرائەتلەردىن كەندىر، كېۋەز قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلگەن.
1>ئاشلىق زىرائەتلىرى ۋە مېۋە-چېۋىلەر
بۇغداي: بۇ دەسلەپتە بارىكۆل ناھىيە تەۋەسىدىكى قەدىمكى ئىزدىن تېپىلغان بولۇپ، ئارخېئولوگلار ئۇنى 3280 يىل ئىلگىرىكى بۇغداي ئەۋرىشكىسى دەپ بېكىتكەن ئىدى.
1979 - يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1980 - يىلى تارىم ۋادىسى لوپنۇر رايونى كۆنچى دەرياسى ساھىلىدىكى ئۆدەكلىك (گۇمۇگۇ) قەبرىستانلىقىدىن بۇغداي ئەۋرىشكىسى تېپىلغان بولۇپ، ئۇ 3800 — 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.( دەسلەپ 6412 يىل بۇرۇن دەپ بېكىتىلگەن)[5] بۇ ماددىي پاكىت مەملىكىتىمىز مىقياسىدا بۇغداينى ئەڭ بۇرۇن ئۆستۈرگەن جاي — غەربىي يۇرت رايونى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇ دەۋرلەردىن كېيىنكى ھەرقايسى يىللارغا خاس قەدىمكى شەھەر خارابلىرى ۋە قەدىمكى قەبرىلەردىن يەنە بىرمۇنچە بۇغداي دانىلىرى، بۇغداي باشىقى، بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر، بۇغداي تېرىش ھەققىدە يېزىلغان ھەر خىل يېزىقتىكى خاتىرە پۈتۈكلەرمۇ تېپىلدى. ھازىرقى زاماندا بۇغداينىڭ مەملىكىتىمىز خەلقىنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغانلىقى شىنجاڭدا ياشىغان ئەجدادلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇغداي كۈزكى بۇغداي، يازغى بۇغداي قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. گو يىگۇڭ «تەپسىلىي نەزكىرە»(广志)دېگەن كىتابىدا :« يازغى بۇغداي، 3 - ئايدا تېرىلىدۇ، 8 - ئايدا پىشىدۇ، غەربتىن چىقىدۇ» دەپ يازغان. جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە (420 — 581) قوجۇدىكىلەر ئاق بۇغداي ئۇنىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەرگە تەقدىم قىلىدىغان ماللارنىڭ بىرى قىلغان.
بۇغداينى تەكرار تېرىش__ ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلار شۇنداق قارايدۇكى، خۇاڭخې دەرياسى ساھىلىدە تېرىق بىلەن بۇغداينى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىپ ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم ھوسۇل ئېلىش مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى (1368 — 1911) دەۋرىدە ئاندىن شەكىللەنگەن بىر خىل ئۇسۇل بولسىمۇ، بىراق، تۇرپان رايونىدا ۋېي، جىن، جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر (240 — 581) دەۋرىدە تېرىق، بۇغداينى تەكرار تېرىش بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان. ۋېي شۇ يازغان «ۋېي نامە، 11 - جىلد، قوچۇ تەزكىرىسى »دە ،بۇ يەردە «ھاۋا ئىللىق، تۇپراق ئوبدان، تېرىق، بۇغداي بىر يىلدا نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىسا پىشىدۇ» دېيىلگەن. ئوۋ ياڭشەن يازغان «يېڭى تاڭ نامە، 221 - جىلد، ئالدىنقى قىسىم قوچۇ تەزكىرىسى»دىمۇ قوچۇدا «تۇپراق ياخشى، بۇغداي، تېرىق تەكرار (نۆۋەتلەشتۈرۈپ) تېرىسا پىشىدۇ» دېيىلگەن. تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان جىن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ ۋەسىقىلەردە، بۇغداي بىلەن تېرىق توغرىسىدا ئېنىق خاتىرە قالدۇرۇلغان. بەزى ئىجارە ئېلىش توختامنامىلىرىدە بۇغدايدىن ئىككى پەسىلدە ئىجارە تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن.[6] بۇ تارىخىي خاتىرىلەردىكى ھۆججەتلەر بىلەن ئوخشايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. دېمەك، «تېرىق، بۇغداينى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئۇسۇلى ئەڭ دەسلەپ (مەملىكىتىمىز بويىچە — نەقىلچىدىن) قوچۇدا بارلىققا كەلگەن»[7] بۇنىڭ بۇنداق بولۇشى ھەرگىز تاساددىپىي ۋەقە ئەمەس، تەبىئىي شارائىتنىڭ ماسلىشىشىدىن باشقا، يەنە ئۇزاق يىللىق بۇغداي تېرىش ئەنئەنىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى بۇغداي تېرىش كۈزگى بۇغداينى مەركەز قىلغان نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئۇسۇلىنى بىرقەدەر ئوڭاي راۋاجلاندۇرغان.
شىنجاڭ بۇغدىيى توغرىلىق گەپ بولغاندا شۇ نەرسىنى سۆزلەپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، پۈتۈن دۇنياغا مەلۇمكى، ياۋا بۇغداي ئۆسۈملۈكىنى يۇرت زىرائىتى قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش بىرىنچى بولۇپ، بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىللار مۇقەددەم غەربىي ئاسىيادا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلغانىدى. بۇنىڭدىن 8 — 9 مىڭ يىللار مۇقەددەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جەيتون نامازگاھ ۋە ئاناۋ(ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباد يېنىدا) قاتارلىق جايلارغا يېتىپ كەلگەن. لى يوڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« ھازىرغىچە تارىم ۋادىسىغا بۇغداي تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى قاچان كەلگەنلىكى ئىلىم - پەندە تېخى بىر بوشلۇق بولسىمۇ، لېكىن تارىم ۋادىسى ئارقىلىق شەرققە تارقىلىپ، تا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىملىرىغا قەدەر يېتىپ بارغانلىقى مەلۇم بولدى. دېمەك، كەم دېگەندە بۇنىڭدىن 7 مىڭ يىللار بۇرۇن تارىم ۋادىسىدا ئەڭ قەدىمكى دېھقانچىلىق ئىگىلىكى مەيدانغا كەلگەن، دەپ پەرەز قىلساق مەنتىقىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ…[8]
كەندىر: بۇ تالالىق زىرائەتلەر ئىچىدە ئىقتىسادىي قىممىتى ناھايىتى ئۈستۈن زىرائەتلەرنىڭ بىرى، غەربىي يۇرتتا كەندىرنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى 3800 — 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە. تارىم ۋادىسى لوپنۇر رايونى كۆنچى دەرياسى ساھىلىدىكى ئۆردەكلىك (گۈمۈگۇ) قەبرىستانلىقىدىن قېلىن ۋە زىچ توقۇلغان سېۋەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇيۇملارنى ئېنىقلىغاندا، ئۇنىڭغا كەندىر تالاسى ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. قەبرىلەرنىڭ ئۈستى ۋە يانلىرىغىمۇ لوپنۇر كەندىرى ئىشلىتىلگەن.
1985 - يىلى چەرچەن ناھىيىسى زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىلىرى )3000 يىل بۇرۇن(نى قېزىپ تەكشۈرگەندە قەبرىنىڭ ئۈستى ۋە ئەتراپىنى يېپىش ئۈچۈن لوپنۇر كەندىرى ئىشلىتىلگەن. بۇلار ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى كەندىر ئەۋرىشكىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قوغۇن: بۇ مەملىكىتىمىزدە ئەڭ بۇرۇن شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەن. 1961 -، 1981 - يىللىرى پىچان ۋە قۇمۇلدىن ياۋا قوغۇن بايقالغان. بۇ قوغۇن ئەجدادنىڭ شىنجاڭ ئىكەنلىكىگە ئېنىق گۇۋاھلىق بېرىدۇ.[9] بۇ ياۋا قوغۇنلاردىن ھازىرقى قوغۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لى شاۋفاڭ «ئامانلىق تەپسىلىي خاتىرىسى» (太平广记) دېگەن كىتابتا :« خەن سۇلالىسىنىڭ مىڭ دې خانى قوغۇن يەپ چۈش كۆرگەن، تولىمۇ شېرىن ئىكەن… شۇ چاغدا دوڭخۇاڭ (ئارقىلىق) قوغۇن تارتۇق قىلىنغان… چيۇڭلۇڭ دەپ ئاتىلىدىكەن.» دېيىلگەن.[10] بۇ يەردىكى چيوڭلۇڭ 隆穹دېگەن ئىسىمنى ئالىملار تۈركىي - ئۇيغۇر تىلىدىكى «Kogun» (قوغۇن) دېگەن ئىسىمنىڭ تاۋۇش تەرجىمىسى دەپ ئېنىقلاپ چىققان.[11] بۇنىڭدىن شىنجاڭ قوغۇنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىردىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەر(مەركىزىي جۇڭگو رايونى) گە تارقالغانلىقى بىلىنىدۇ.[12]
تاۋۇز : دەسلەپ شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلۈپ، ئاندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يېتىپ بارغان. ئۇنىڭ تارقىلىش ۋاقتى قىتان - لياۋ سۇلالىسى دەۋرى (907 — 1125)گە توغرا كېلىدۇ.[13] ئېلىمىزدە تاۋۇز ھەققىدە ئەڭ بالدۇر بەش سۇلالە دەۋرى (907 — 096)دىكى خېياڭ ناھىيىسىنىڭ ئامبىلى خۇچياۋ يازغان «تۇتقۇنلۇق خاتىرىسى»(陷虏记)دە ئۇچۇر ساقلانغان. ئۇنىڭدا خۇ چياۋ «پىڭچۈەنگە بارغاندا تۇنجى قېتىم تاۋۇز يېدىم، قىتانلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار تاۋۇز ئۇرقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىنى ۋەيران قىلىش جەريانىدا قولغا چۈشۈرگەنىكەن، ئۇ ئۆكۈز تېزىكى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تېرىلىدىكەن، تاۋۇزنىڭ چوڭلۇقى جۇڭگو كاۋسىچىلىك بولۇپ، تەمى تاتلىق ئىكەن» دەپ يازغان. بۇ پاكىتقا ئاساسەن بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يىللار بۇرۇن خېبېيدىكى چىڭدېدا تاۋۇز ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ تاۋۇزلار ئۇيغۇر يۇرتىدىن تارالغان[14]
ئۈزۈم : ئۈزۈم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىشتىن ئىلگىرى[15] ئېلىمىزدە ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەن[16] غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەن. بەنگۇنىڭ «خەن نامە. 96 - جىلد، غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە: «چەرچەندىن ئۈزۈم چىقىدۇ» دېيىلگەن. مىلادىيە 25 - يىلىدىن 220 - يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دەۋرگە مەنسۇپ خوتەن نىيە قەدىمكى ئىزىدىن بىر مېۋىلىك باغنىڭ خارابىسى بايقالغان بولۇپ، ئۇ يەردىن قۇرۇپ كەتكەن ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەر ساقلانغان.[17] يېقىندا يەنە پىچان ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ياڭخې(يانقىر) قەبرىستانلىقىدىن ئۇزۇنلىقى 1.15 مېتىر كېلىدىغان 2500 يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە تەۋە ئۈزۈم تېكى بايقالدى. [18] 1959 - يىلى يەنە بۇ ناھىيىدىكى ئەر - خوتۇن بىللە دەپنە قىلىنغان بىر قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان يۇڭ توقۇلمىلار ئىچىدىكى بىر نەچچە بىزەك بۇيۇملارغا ئەينەن سۈرەتلەنگەن ئۈزۈم نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەن. بۇنىڭ يىل دەۋرى مىلادىيە 1-ۋە 2- ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. نىيە ناھىيىسىدىكى نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان مىلادىيە 3- ۋە 4- ئەسىرلەرگە تەئەللۇق قارۇشتى يېزىقىدىكى تارشا پۈتۈكلەردە يۇقىرى قاتلام راھىبلىرىنىڭ ئۈزۈمزارلىق بېغى بارلىقى توغرىسىدا ۋە ئۈزۈم بېغى ساتقانلىقىغا دائىر ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن.
غەربىي يۇرتتا ياشىغان قەدىمكى قوۋملەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۈزۈمنى نەسلىنى يوقۇتىۋەتمەي، ئۇنىڭ سورتلىرىنى كۆپەيتىپ، نەچچە ئون خىلغا يەتكۈزۈپ دەۋرىمىزگىچە ئېلىپ كەلدى.
ياڭاق ۋە ئانار : بۇلار ئېلىمىز بويىچە ئەڭ بۇرۇن غەربىي يۇرتتا ئۆستۈرۈلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، خەن سۇلالىسى ئەلچىسى جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە كېلىپ قايتقاندىن كېيىن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ياڭاق بىلەن ئانار بار بولغان.[19] ئالىملار ياڭاقنى شىنجاڭ بىلەن تىبەت چېگرىلىرىدا ياشىغان قەدىمكى چياڭ ( كەن--羌قوۋمى)لار يېتىشتۈرگەن بولسا كېرەك، دەپ قارىشىدۇ. شىنجاڭدا ھازىرغىچە ياۋا ياڭاق نەسلى ساقلىنىپ قېلىنىش بىلەن بىرگە، قاغىلىق قاتارلىق جايلار ئەڭ چوڭ ياغاڭچىلىق بازىسى سانىلىدۇ. ئانار بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئارشاكلار ئېلىدىن دەسلەپ شىنجاڭغا كىرىپ يەرلەشكەن، ئاندىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بارغان.
ئالما : بۇ ئەسلىي غەربىي يۇرت ئەتراپلىرىدا بارلىققا كەلگەن.[20] شىنجاڭنىڭ ئېلى رايونىدا ھازىرغىچە كەڭ كەتكەن ياۋا ئالمىلىق بار. يېتىشتۈرۈلگەن ئالما تەخمىنەن غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى206 - يىلىدىن مىلادىيە 23 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىق)تا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەن. ھازىر شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئالمىلىق بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالماستىن، بۇ يەردە يېتىشتۈرۈلگەن سورتلارمۇ نەچچە ئون خىلغا يېتىدۇ.
نەشپۈت : شىنجاڭ رايونىنىڭ مۇھىم مېۋىسى. شەرقىي جىن خانلىقى زامانى (مىلادىيە 317 — 420 – يىللار)دا ئۆتكەن گې خوڭ يازغان «غەربىي ئاستانە خاتىرىلىرى»(西京杂记)دېگەن كىتابتا: «قۇمتاغ نەشپۈتى瀚海梨 خەنخەي (قەدىمكى چاغدا خەنزۇچە ماتېرىياللاردا پىچان ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇمتاغ قۇملۇقى خەنخەي دەپ ئاتالغان.)[21] دىن چىقىدۇ، سوغۇقتا قۇرۇپ قالمايدۇ»دېيىلگەن. ئۇ شىنجاڭ نەشپۈتىنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. تۇرپاندىن جىن خانلىقى ۋە تاڭ سۇلالىسى( 618—907) دەۋرىگە مەنسۇپ قەبرىلەردىن ئاز بولمىغان نەشپۈت قېقى چىققان. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، بۇ نەشپۈت قېقى تىپىك نەشپۈت قېقى ئىكەن. شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمكى قوۋملەر نەشپۈت يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.[22]
بادام : بۇ ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەن. تۇرپان ئاستانىدىكى 4—9- ئەسىرلەرگە تەئەللۇق قەدىمكى قەبرىلەردىن بادام تېپىلدى.[23] شىنجاڭدا ھازىرغىچە ياۋا بادام ئۆسۈملۈكى ساقلىنىپ قالغان.[24] ھازىر شىنجاڭ تەۋەسىدە بادامنىڭ ئۈچ تۈرى (يەنى ئادەتتىكى مەدەنىي بادام تۈرى، ياۋاچ بادام تۈرى، سېدە يوپۇرماقلىق بادام تۈرى)، بەش ئۆزگەرگەن كەنجى تۈرى بار. تارباغاتاي تېغى، بارلىق تېغى، ئالتاي تېغى، چاغانتوقاي تېغى، تولى ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىكى تاغ، ئىدىر، دەريا بويلىرىدا قەدىمكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قالدۇقى بولغان ياۋا بادامنىڭ تا ھازىرغىچە تەبىئىي تارقىلىپ ئۆسۈۋاتقانلىقى، بادامنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا شىنجاڭدا ياۋا تۈردىن مەدەنىي تۈرگە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، جۈملىدىن ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلىۋاتقان باداملارنىڭمۇ ئەسلىي ياۋا بادامدىن ئۆزگەرگەن بادام تۈرلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
(داۋامى بار)