TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ماۋزېدوڭنىڭ ئون بالىسى

ئالاقىدار ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، ماۋزېدوڭنىڭ ئون بالىسى بار ئىكەن. بىراق ناچار شارائىتتا ئۇلارنىڭ بەزىللىرى كىچىك چېغىدىلا ئۈلۈپ كەتكەن، بەزىللىرى يۈتۈپ كەتكەن، بەزىللىرى قۇربان بولغان.

1. كۆپنىڭ پەرۋىشىدە چوڭ بولغان ماۋئەنيىڭ: 1922-يىلى 24- ئۆكتەبىر ماۋزېدوڭ بىلەن ياڭ كەيخۇي خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشادا تۇنجى بالىسىنىڭ يۈزىنى كۆرگەن. 1930- يىلى ياڭ كەيخۇي دۇشمەنلەر تەرىپىدىن شىې ساۋپىڭ تۈرمىسىگە تاشلانغان. ئەمدىلا 8 ياشقا كىرگەن ماۋئەنيىڭمۇ ئانىسى بىلەن بىرگە تۈرمىگە تاشلانغان. ياڭ كەيخۇي ئادالەت يۇلىدا پىداكارلىق بىلەن قۇربان بولغاندىن كىيىن، تۇنۇشلارنىڭ ئارىغا چۈشۈپ ئۈتۈنىشى ۋە كىپىل بۇلىشى بىلەن ماۋئەنيىڭ تۇرمىدىن چىقىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئوفېتسېرلا مەكتىۋىنىڭ تىز پۈتتۈرۈش كۈرسىدا، موسكىۋا لېنىن ھەربى سىياسى مەكتىۋىدە ۋە فىرونزى ھەربى داشۆسىدە ئۇقۇغان، ھەمدە 1943- يىلى سوۋېت كومپارتىيىسىگە ئەزا بۇلۇپ، جوڭ ۋېيلىق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. سوۋېت ۋەتەن ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن، سىتالىن ئۇنىڭغا بىر قۇرال ھەدىيە قىلغان. چاۋشەن ئۇرۇشى پارتىلىغاندا، ماۋزېدوڭ ماۋئەنيىڭنى پېڭ دېخۇەيگە تاپشۇرغان. 1950- يىلى 25- نۇيابىر ئامېرىكا ئايرۇپىلانلىرى پىدائى قىسىم باش شىتاۋىنى بومباردىمان قىلغانلىقتىن ماۋئەنيىڭ بەخىتكە قارشى ۋاپات بولغان.

2. ماۋزېدوڭ زور ئۈمۈت كۈتكەن ماۋئەنچىڭ: ماۋئەنچىڭ بولسا ماۋزېدوڭ بىلەن ياڭ كەيخۇينىڭ ئىككىنچى بالىسى بۇلۇپ، 1923- يىلى تۇغۇلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇقۇغان چېغىدا ياڭ يۇڭشۇ دىگەن ئىسىمنى قوللانغان. ياڭ كەيخۇي قۇربان بولغاندىن كىيىن ماۋئەنچىڭ ئاكىسى ماۋئەنيىڭ بىلەن بىللە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئۇقۇغان. 50 يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 60- يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بالىلىق چېغىدا مىڭىسىنىڭ زەخمىلەنگەنلىكى ۋە ئاكىسى ماۋئەنيىڭنىڭ قۇربان بولغانلىقىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ماۋئەنچىڭ دالىيەندە داۋالانغاچ دەم ئالغان. ئۇ 1960- يىلى شاۋ خۇا بىلەن توي قىلىپ، ئىككى يىلدىن كىيىن ئەر-خۇتۇن ئىككەيلەن بېي جىڭگە قايتىپ كەلگەن ۋە يەنە بىرلىكتە خۇنەندىكى ماكانىغا بارغان.

3. دېرەكسىز يۇقاپ كەتكەن ماۋئەنلوڭ: 1927- يىلى 2- ئايدا ماۋزېدوڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دۇفۇتىدىكى 41- نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرغاندا، ياڭ كەيخۇي 3- ئوغلى ماۋئەنلوڭنى تۇققان. ياڭ كەيخۇي قۇربان بولغاندىن كىيىن ماۋئەنلوڭ تەشكىلنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن چوڭ ئانىسى، تاغىسى (ئانا تەرەپ) نىڭ يىتەكچىلىكىدە شاڭخەيگە بېرىپ، شاڭخەيدىكى يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى داتوڭ بالىلار باغچىسىدا تۇرغان. 1931- يىلى شاڭخەي يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئورگېنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، داتوڭ بالىلار باغچىسىمۇ تارقىلىشقا مەجبۇر بولغان. ماۋئەنلوڭ ئىككى ئاكىسى بىلەن ئەينى چاغدا ئاشكارا سالاھىيىتى – پوپلۇق بىلەن، ئەمەلىيەتتە بولسا يەر ئاستى پارتىيە ئەزاسى دوڭ جىيەنۋۇنىڭ ئۈيىدە مۇھاپىزەت قىلىنغان. كىيىن دوڭ جىيەنۋۇ ۋۇخەنگە خىزمەتكە كىتىپ قالغاچقا ئاكا-ئۇكا ئۈچەيلەن شاڭخەينىڭ كۇچىللىرىدا ئېقىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ماۋئەنلوڭ كىچىك بولغاچقا ئاساسلىقى ئاكىسىنىڭ گېزىت سېتىشى، ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى تىرىپ سېتىشى ۋە رىكشا سۆرەپ پۇل تېپىشىغا تايىنىپ جان باققان. ئۇلارنىڭ مۇقىم تۇرالغۇسى بولمىغاچقا، بىر نەچچە قېتىملىق كۈچۈش، يۆتكىلىش جەريانىدا ماۋئەنلىڭ يۇقاپ كەتكەن. كىيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان.

4.تۇغۇلۇپلا ئايرىلغان بىرىنچى قىزى: 1929- يىلى 3- ئايدا قىزىل ئارمىيە لوڭ يەننى( لوڭ يەن بولسا فۇجىيەن ئۆلكىسىدىكى ئوتتىرا دەرىجىلىك ناھىيە بازىرى بۇلۇپ، فۇجىيەننىڭ غەرىبىدىكى سىياسى، ئىقتىسات، مەدىنىيەت مەركىزى ئىدى)  ئىككىنچى قېتىم قولغا ئالغاندا، خې زىجىن (ياڭ كەيخۇي قۇربان بولغاندىن كىيىن ماۋزېدوڭنىڭ ئالغان خۇتىنى) بىر قىز تۇغقان. ماۋزېدوڭ بۇ قىزىغا ناھىيىتى بەك ئامراق ئىدى. ئەشۇ يىللاردا قىزىل ئارمىيىدىكىلەرنىڭ بالىللىرىنىڭ ھەممىسى ياكى چوڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ، ياكى پۇقرالارنىڭ بېقىشىغا بىرىلەتتى. ماۋزېدوڭنىڭ بالىللىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى. 1932- يىلى 4- ئايدا قىزىل ئارمىيە لوڭ يەننى يەنە بىر قېتىم قولغا ئالغان. ماۋزېدوڭنىڭ ئىنىسى ماۋزېمىن خې زىجىن ئېيتىپ بەرگەن ئادىرىس بۇيىچە ھېلىقى قىزىنى بېقىشقا بەرگەن يەڭگىنى ئىزدەپ تاپقان بولسىمۇ، يەڭگىنىڭ جاۋاۋى: "بالا ئاللا قاچان ئالەمدىن ئۆتتى" دىگەندىن ئىبارەت بولغان.

5. ئىز دىرىكى چىقمىغان ماۋماۋ: 1932- يىلى 11- ئايدا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭدىڭ دىگەن يىرىدە خې زىجىن ئىككىنچى بالىسنى تۇغدى. بۇ ماۋزېدوڭنىڭ 5- بالىسى بۇلۇپ، ئۇنىڭغا ماۋئەنخوڭ دەپ ئىسىم قۇيۇلغان. شۇ چاغدا خې زىجىن تولغاق بۇلۇپ قالغاچقا، ماۋزېدوڭ باشقىلار ئارقىلىق بالىنى بېقىشقا بىر ئانا تاپقۇزغان. ئۇ ئايال جياڭشىلىق بۇلۇپ، بالىغا ماۋماۋ دەپ ئەكىلەتمە ئىسىم قويغان. ئۇزۇن سەپەر باشلانغاندىن كىيىن، ماۋزېدوڭ ئايالى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بالىنى پارتىزانلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قالدۇرۇپ قۇيۇلغان ماۋزېتەن بىلەن خې پىگە تاپشۇرغان. ئارىدىن ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەستىن رۈيجىن بىلەن سوۋېت رايۇنلىرى دۈشمەنلەرنىڭ قۇلۇغا چۈشۈپ كەتكەن. ماۋزېتەن سىرنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىپ، كىچىك ماۋماۋنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قېلىشىدىن غەم قىلىپ، ئۇنى مەخپى ھالدا رۈيجىندىكى بىر مۇھاپىزەتچى ئەسكەرنىڭ ئۈيىگە ئاپىرىۋەتكەن. كىيىن ماۋزېتەن بەخىتكە قارشى قۇربان بولغان. شۇنىڭ بىلەن ماۋماۋنىڭ ئىز-دىرىكى يۇقالغان.

6. ئىسمىنىمۇ قالدۇرمىغان ئالتىنچى ئوغلى: 1933-يىلى يەنى ماۋماۋ تۇغۇلۇپ ئەمدىلا بىر يىل بۇلۇپ تۇرىشىغا خې زىجىن يەنە قۇرساق كۈتۈردى. شۇ يىلى جۇڭگۇ ئىشچى-دېھقان قىزىل ئارمىيىسى قورشاپ يۇقىتىشقا قارشى جاپالىق جەڭ قىلىۋاتاتتى. خې زىجىن ئىككى قات پېتى مەركىزىي قىزىل ئارمىيە بىلەن بىللە رۈيجىندىن چىكىنىپ چىقىدۇ. خې زىجىن ئارقا-ئارقىدىن تۇغۇپ، بەدىنى زەئىپلىشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى يىللاردا تۇرمۇش تۇلىمۇ جاپالىق بولغاچقا، قەرەلى توشمايلا تۇغۇپ قويغان. ئەپسۇس بۇ بالا ئىسىم قۇيۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۈلۈپ كەتىدۇ.

7. تېپىلمىغان يەتتىنچى بالىسى: 1935-يىلى 2- ئاينىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بەيزۇ، مىياۋزۇ مىللىتى ئولتۇراقلاشقان بىر مەھەللىگە يىتىپ كىلىپ، بەي شەن تېغى دىيىلىدىغان بىر تاغدىن ئۈتۈشكە تەييارلىنىۋاتقاندا، خې زىجىننى يەنە تولغاق تۇتىدۇ. دەم ئالدۇرۇش-داۋالاش لىيەنىنىڭ باشلىقى خۇجىڭ بىر قىسىم دوختۇر-سېستىرالارنى ئېلىپ قېلىپ، خې زىجىننى تۇغدۇرۇشقا قالدۇرىدۇ. باشقىلار داۋاملىق يولنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاخىرىدا ھىماتچىلىق قىلىدىغان قىسىممۇ خې زىجىن تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۈتىدۇ. ئۇلار: دۇشمەنلەر ئارقىمىزدىن قوغلاپ كىلىۋاتىدۇ، سىلەر چۈشتىن كىيىن سائەت تۆتتىن بۇرۇن بەيشەن تېغىدىن ئۈتۈپ بۇلىشىڭلار لازىم، بولمىسا دۆشمەننىڭ يىتىپ كىلىش خەۋپى بار دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. خې زىجىن مۇشۇ پەيتتە ئاخىر يەنە بىر قىز تۇغىدۇ. بۇ ماۋزېدوڭنىڭ يەتتىنچى بالىسى ئىدى. ناسۇلكا كۈتۈرگۈچىلەر خې زىجىننى كۈتۈرۈپلا يولغا چىقىدۇ. ئالدىدىكى يول يىراق بولغاننىڭ ئۈستىگە يەنە تېخى جاپالىق ئىدى. بۇۋاقنى بىر ياقلىق قىلىشنىڭ چارىسى بىرلا، يەنى ئۇنى شۇ يەردىكى پۇقرالارغا قالدۇرۇپ كىتىش ئىدى. بۇ ھېچ قانداق مۇزاكىرە كەتمەيدىغان تەدبىر ئىدى. ماۋزېمىننىڭ ئايالى چيەن شىجۈن قىز بۇۋاقنى چاپانغا يۆگەپ ئېلىپ ماڭىدۇ، ھەم بالىغا ئىسىم قۇيۇپ بىرىشنى ئۈتىنىدۇ. ھاجىتى يوق دەيدۇ نوسىلكىدا ياتقان خې زىجىن بېشىنى چايقاپ: ئىنقىلاپنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى خەلىق ئارىسىدا قالسۇن، ئەگەر بالا كەلگۈسىدە ئىنقىلاپقا قاتناشسا، خەلىق ئارىسىدا تۇرۇپ پۇقرا بولسۇن. كىيىنكى كۈنلەردە خې زىجىن بېشىدىن ئۆتكەن ئەشۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ، تاشلىۋەتكەن ھېلىقى قىزىنى بەك سېغىنغان. ئامال قىلىپ ئىز-دىرىكىنى قىلغان بولسىمۇ خەۋىرىنى ئالالمىغان.

8. كىلىشكەن قىزى لى مىن: 1936- يىلى قىشتا قىزىل ئارمىيە شىمالى شەنشىگە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن، ماۋزېدوڭنىڭ قىزى جياۋجياۋ باۋئەندە تۇغىلىدۇ. بۇ ماۋزېدوڭنىڭ 8- بالىسى ئىدى. ئەشۇ كۈنى ئۇزۇن سەپەردىن بىللە قايتىپ كەلگەن ئايال جەڭچىلەر خې زىجىننىڭ كۆز يۇرۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلگەچكە، ھەممەيلەن ئۇنى يوقلاپ كىلىدۇ. دىڭ يىڭ چاۋدا بالىغا نىسبەتەن بىر خىل ئالاھىيدە مىھرى- مۇھەببەت بولغاچقا، بالىنى ئاۋايلاپ قۇلىغا ئېلىپ، ئىنچىكىلەپ زەن سالغاندىن كىيىن: ھەقىقەتەن كىچىك جياۋجياۋ (پەرىزاتتەك قىز بوپتۇ دىگەن مەنىدە) بوپتۇ دىگەن. دىڭ يىڭچاۋنىڭ شۇ گىپى بىلەن بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ماۋزېدوڭ بۇ ئىسىمنى قۇبۇل قىلىپ، ماۋجياۋجياۋ دەپ ئىسىم قۇيىدۇ. 1937- يىلى 10- ئايدا خې زىجىن يەنئەندىن،ماۋزېدوڭدىن ئايرىلىپ داۋالىنىش ۋە ئۇقۇش ئۈچۈن موسكىۋاغا بارىدۇ. 1940-يىلى ماۋزېدوڭنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن تۆت ياشلىق ماۋجياۋجياۋ يەنئەندىن موسكىۋاغا بارىدۇ. 1947- يىلى ماۋجياۋجياۋ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قايتىپ كىلىپ، ماۋزېدوڭنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ ۋە ئۇقىيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ماۋزېدوڭ ئۇنىڭغا لى مىن دەپ ئىسىم قۇيىدۇ. (ئەينى چاغدا ماۋزېدوڭ ئۈزىگە لى فامىلىسىنىمۇ قوللانغان)

9. چەتئەلدە ئۈلۈپ كەتكەن توققۇزىنچى بالىسى: 1930- يىلى ئۆكتەبىردە خې زىجىن موسكىۋاغا بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە بىر ئۇغۇل تۇغىدۇ. ئۇ ماۋزېدوڭنىڭ 9- بالىسى ئىدى. موسكىۋادا تۇغۇلغان بۇ بالا ئون ئايلىق بولغاندا زۇكام بۇلۇپ قالىدۇ. بالىلار بۈلىمىنىڭ داۋالاش شارائىتى ناھايىتى ناچار بۇلۇپ، ياخشى پەرۋىش قىلىنمىغاچقا ، بالىنىڭ كىسىلى ئۆپكە ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ. ھەم باشقا بۈلۈمگە يۆتكىگىچە ئارلىقتا ئۈلۈپ كىتىدۇ.

10. ئەڭ كىچىك قىزى لى نى: لى نى ماۋزېدوڭنىڭ ئەڭ كىچىك قىزى بۇلۇپ، ئۇنى 1940- يىلى 8- ئايدا جياڭ چىڭ تۇغقان. ئۇ ماۋزېدوڭنىڭ ئونىنچى بالىسى بۇلۇپ، 1959- يىلى بېيجىڭ داشۆ تارىخ پاكۇلتىتىغا ئۇقۇشقا كىرىپ، 1965- يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرگەن. جۇڭگۇنىڭ 60-، 70- يىللاردىكى سىياسى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىشىغا ئەگىشىپ، لى نىنىڭ تۇرمۇشىدا دىراما خەرەكتىرلىك بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر پەيدا بۇلىدۇ. 1979- يىلى ئۆكتەبىردىن كىيىن مەركىزى كومىتىت بەنگۇڭتىڭى لى نىنى بېيجىڭنىڭ غەرىبىدىكى ئايرىم بىر قوروغا ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ.

نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-19 12:34 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » جۇڭگو تارىخى

Total 0.084195(s) query 3, Time now is:12-05 02:31, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation