ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
toram
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
1
|
---|
سۆڭەكنىڭ تاشقا ئايلىنىشىغا باشقا شەرت - شارائىتلار تولۇق بولغاندىمۇ 10 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كىتىدۇ . شىنجاڭدا تاشقا ئايلانغان ئادەم بىشى تېپىلدى . بۇ ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن ئاز بولغاندىمۇ 10مىڭ يىل بۇرۇنلا مۇشۇ زىمىندا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى چۇشەندۇرىدۇ . تاشقا ئايلانغان ئادەم بىشى تىپىلغان زىمىن ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يىزىسى تەۋەسىدە . بۇ تاشقا ئايلانغان ئادەم بىشىنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ بىشىدا كىشىلەر مۇشۇ رايۇندىن تاش كولاۋاتقاندا تىپىۋىلىپ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ بىر كادىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن . 1983 - يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۇمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىمىنۇپ ھامۇتنىڭ كۆڭۇل بولۇشى نەتىجىسىدە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق موزىيغا ئەكىلىنگەن ۋە موزىي تەرىپىدىن نەق مەيدانغا تەكشۇرۇشكە ئىلمىي خادىملار ئەكىلىنگەن . تاشقا ئايلانغان ئادەم بىشى پارچىلىرى بوغاز دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى ئۇچ پەلەمپەيلىك ئىگىزلىكتىن تىپىلغان . بۇ ئورۇننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقى مىردىيان 75.0.5 ، شىمالى پارالىل 39.44-46 گە توغرا كىلىدۇ . باش سوڭىك تىپىلغان ئورۇننىڭ كەسمىسى يەتتە قەۋەت بولۇپ ، تاشقا ئايلانغان سۆڭەك ئۇنىڭ 6 - قەۋىتىدىن چىققان . بۇ ئورۇندا قايتىدىن ئىزدەش تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ قىپقالغان باشقا پارچىلىرىمۇ چىققان . ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىيدا ئۇنىڭ ماڭلاڭ سۇڭىكى ، چوقا سۆڭىكى ، كىپىنەك سۆڭىكى قاتارلىق يەتتە پارچىسى ساقلانماقتا . بۇ سۆڭەكلەر قۇراشتۇرۇلسا بىر پۇتۇن ئادەم بىشىنىڭ كۆپ قىسمى ئەسلىگە كىلىدۇ . بۇ تاشقا ئايلانغان ئادەم بىشىنى جوڭگۇ ئىجدىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخولوگىيە ئىنىستۇتىدىكى ئاتاقلىق ئارخىلوگلىرى تەكشۇرۇپ كۆرگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئالامەتلەر ۋە ئۇنىڭ تاشقا ئايلىنىش دەرىجىسى ، يەرقاتلىمى جەھەتلەردە تەھلىل يۈرگۇزۈپ ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇنى بۇنىڭدىن 10مىڭ يىل بۇرۇنقى 18 ياشلىق ئەرنىڭ باش سۆڭىكى ، دەپ قارىغان . بۇ باش سۆڭەك تىپىلغان ئورۇندىن يەنە بىر پارچە 40 سانتىمىر ئۇزۇنلۇقتىكى قەدىمى ھايۋانات ( كەركىدان بولۇشى مۈمكىن ؟) نىڭ تاغاق سۆڭىكى تىپىلغان . بۇلار ھىلىمۇ تەتقىقات ئۈستىدە . ﻣﻪﻧﺒﻪ : < ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ > ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ |
||
![]() |
hector
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
BIRLIK1944
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
arslanhan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
BIRLIK1944
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
moyunchur

arslan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
kimsiz
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
sumayya
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
555rikabatqi
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
|||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|