پايانسىز زىمىن خىلۋىتىگە يوشۇرۇنغان، تەخمىنەن 15سانتىمىتىر كۇئادىراتلىق ئالقانچىلىك، قوپال لاتىغا يېزىلغان، بۇ بىباھا گۆھەر (ھازىرچە<< تۇخرىچە پۈتۈك>> دەپ ئاتاپ تۇرايلى)نىڭ، تۇرمۇش قاينىمىدا نىشانسىز ئۈزۈپ يۈرىۋاتقان، كىشىلىك تۇرمۇش قاراشلىرى بىلەن تارىخى قاراشلىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالماسلىق سەۋەپلىك، ۋىجدانى بۇرچىنى ئۇنتىغان، ئۆز تارىخىغا ئىرەنسىز قارىغۇچى، پېقىرغا ئۇچرىشى:خۇددى، ئېرىغ مالنىڭ تونىغۇچىغا ئۇچرىماي، پايتىمىسىنى تەتۈر يۆگىگەن كىشىگە ئۇچرىغاندەكلا بىر ئىش بولدى. ھەتتا پۇلنىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن مەلۇم ئاسارە - ئەتىقە سودىگىرىگە 5000يۈەنگە سېتىلىپ، ئۆزىنى تارىخى قىممەت تارازىسىغا سېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا سىلەر بىلەن خوشلاشقىلى تاسقالدى. بېشىم تاز بولسا ئىشىم چاتاقكەن، ھېلىمۇ ياخشى ئەقلىمنى چۈشتىن بۇرۇنراق تېپىۋالدىم .
تېپىلغان جاي: ئاتۇش شەھەر رايونى ئەتراپى. تېپىلغان ۋاقتى: 2007-يىلى 10-ئاينىڭ13-كۈنى شەنبە.
مىنىڭچە تۇخرىچە يازما مەنبەلەرنىڭ ئاساسىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردىن مىلادى 8-ئەسىرگە تەئەللۇق دىيىش بىلەن ئەينىۋاقىتتىكى قۇپال لاتا ئۈستىگە يېزىلغان بۇ << تۇخرىچە پۈتۈكنى>> ئەڭ قەدىمى دىيىشكە بولىدۇ. سەۋەبى:
بىرىنچى، بۇ<< تۇخرىچە پۈتۈك>>، قەغەز مەيدانغا كىلىشتىن بۇرۇن يېزىلغان بولىشى مۇمكۈن. گەرچە تارىخى بايانلاردا تۇخرىلار(تۇخارلار)مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىغىغا سۈرۈلىشى كۆرۈلگەن بىلەن ئۇلار بىلەن قېرىنداش قەبىلە ھونلار ۋە ساكلارنىڭ بۇ يېزىقنى ئۇلاردىن بۇرۇن قوللانغان بولىشى ئىھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. چۈنكى تۇخرى يېزىقى بىلەن قەدىمقى نىمىس يېزىقىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى
بىزگە، شىمالى يول ئارقىلىق كۆچكەن قەدىمقى ھونلار بىلەن گىرمانلارنىڭ يېزىق مۇناسىۋىتىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ جەھەتتە ھونلارنى تارىخى ساۋاتسىز دىيىشىمىزنىڭ ئورنى قالمايدۇ.
ئىككىنچى، << ئالتۇنخان>>بىلەن تۇخرىلارنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ << دىۋان >>دا ئۇچرايدىغان << ئالتۇن يايلاق>>توپىنومىيىسى روشەنلەشسىلا ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئىستىلاسىغا تۇتۇشۇپ،<<تۇخرىچە پۈتۈك>> تېخىمۇ قەدىمىلىشىدۇ.
ئۈچىنچى، << تۇخرىچە پۈتۈك>> تېپىلغان جايدىكى بەش مىڭدىن ئارتۇق قەدىمى قەبرىلەردىكى جەسەتلەرنىڭ
خېمىيىلىك ئانىلىزى، يىل ھالقىللىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە، ئىشىنىمەنكى بۇ يېزىق ئۆزىنىڭ قەدىمىلىكىنى ماھىيەتلىك خۇلاسىگە ئىگە قىلىدۇ.
سەۋىيەم چەكلىك... ئاچقۇچلىق ھۆكۈمنى ئىزدىنىشچان تورداشلارغا قالدۇراي...
[ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2008-03-02 00:38 دە قايت ]