بۇ بەتتىكى يازما : ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەژدادىنى كىم تېپىپ بىرەر ؟! بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Qutghur
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-05-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەژدادىنى كىم تېپىپ بىرەر ؟!

  ئەتىگەندىلا غەلىتە سۇئالدىن بىرنى چىقاردۇق ،بۇ ئاداشقا جىن تەككەنمىدۇ دەپ قالمىغايسىلەر .ئەقلىمگە كەلگەننىڭياقى بىلسەم بۇ دۇنيا  ھىكمەت بىلەن تولغانىكەن .بۇنىڭ ئىچىدە ئادەملەر تولىمۇ ئۇلۇغ يارىتىلىپتۇ .ئادەم نىمىنى تىلىسە شۇنىڭغا ئېرىشىدىكەن .ياراتقۇچى ئۆزىنى باشقۇرالمىغانلارغا باشقۇرغۇچى ئىبەرتىدىكەن ،ئۆزىنى ئىىدارە قىلالمىغانلارغا ھاكىملارنى ئىبەرتىدىكەن .بىزمۇ ئۆزىمىزگە لازىملىقلارنى پات-پات ئەسكە ئېلىپ تۇرساق تىلىگىمىزنىڭ  ئەمەلگە ئېشىشىدىن گۇمان قىلمايمەن .
   نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مۇنبەردە "ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ پورتېرىتى نىمىشكە ئەرەبلەرگىلا ئوخشۇتۇپ سىزىلىدۇ؟"دىگەن يازمىغا ئەگىشىپ ''ئۇيغۇرلارنىڭ ئەژدادى زادى قايسى ئېرققا تەۋە" دىگەن نازۇك تېمىنى بويلاپ جىىدىى مۇنازىرە قىلىندى .بۇ مۇنازىرىگە بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئىجابى كۆز قارىشىنى بىلدۇردى ،يەنە بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنى چەتكە ئالدى .لىكىن ماڭا بىرنەچچەيلەن سۇغاق سۇدىن مازغاپ چىقرىپ بۇ يەردىكىلەرنى غىز-غىزغا سېلىۋاتقاندەك بىلىندى . ئەسلىدە مەنمۇ ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىشىنى ئويلىغان ، ئارقىدىن يەنىلا قاتنىشىپ مۇنازىرەنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق قىزىشىغا ھەسسەمنى قوشۇتۇم .خۇلاسە قىلغاندا پىكىر ئىختىلاپى تۆۋەندىكى ئىككى نوختىغا مەركەزلىشىپتۇ :
1-قەدىمقى ئۇيغۇرلار، تېخمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا قەدىمقى تۈركلەرنىڭ ئېرقىي تەۋەلىگى مەسىلىسىدە ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ .
2- قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەژداتلىرى مەرگىزى ئاسىيادا ئۆزلىرىنى ساك،ماسساگىت ،كىيىنكى دەۋرىلەردە ئوغۇز ئاتىغان ، موڭغۇل ئىگىزلىگىدە بولسا تېلى (تۇرا) ،كىيىنچە يۇئەنخى ،ۋېيخې ،ئۇيغۇر ،توقۇز ئوغۇز ئاتالغان ساك-ئارىيانلارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادىدۇر .(<<قەدىمقى مەرگىزى ئاسىيا>>دا مۇقىملاشتۇرۇلغان قاراش)
  
    قاراش مۇشۇ ئىككى خىل .بۇلارنى مەن توقمىدىم بىرىنچىسىنى شۇ مۇنازىرىدىن كۆچۈرۈپ كەلدىم .
   مىنىڭچە بولغاندىمۇ بۇنداق مەسىلىنى تالاشمىساق بولاتتى ،ھازىرقى زاماندا ئۆزلىرىمىزنى بىر مىللەت بىر تائىپىگە تەۋە قېرىنداش دەپ تونىغان ئادەملەرگە ئۆز ئەژدادىنى تالىشىشش سەل ئۇشۇقچە ئىدى .بەزى قېرىنداشلىېرىمىز ھەتتا "تۇرپان ،قۇمۇللۇق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەشھۇرلىرىمىزنىڭ پورتېرتىغا بولغان نارازىلىق نامايىشى ،رەددىيە بەرگۈچىلەرنى بولسا يەركەن ،خوتەنلىك قېرىنداشلارنىڭ باشقىچە پىكرى..." دەپ تەسەۋۋۇر قىپتۇ . بۇنى مەن تازا ئويلىمىغان ئىكەنمەن ،ھەقىقەتەن شۇنداقمىدۇ ؟ئەگەر شۇنداق بولسا مەسىلە ئاددى ئەمەسكەن .مۇشۇ يەرگە كېلىپ ،ئۆز ئەژدتلىرىمىزنى تونۇشتا مۇنچە ئىختىلاپنىڭ بارلىغىنى ئويلىماپتىمەن .دەسلىۋىدە  مەن ،نەمەنگانلىقنىڭ تونىنى يېپىچاقلىۋالغان ئاتالمىش دوستلىرىمىز بىكارچىلىقتا "ئويۇن قويىۋاتىدۇ" دەپتىكەنمەن ،ئاخىرىدا قارىسام بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر مەلۇم سالماقا ئىكەنلىگى مەلۇم بولدى .بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇنبەرنى قىزىتىش ئۈچۈن يېڭى كىرگەنلەر بولماستىن پىشقەدەم مۇنبەرداشلارنىڭ بارلىغىنى بايقاپ ،ئىشنىڭ ئاددى ئەمەسلىگىنى بىلدىم .بۇ يەردە "ئۇ يەرلىك" ،"بۇ يەرلىك" دىگەن ئىبارىلەرنى ئانچە مۇنچە تىلغا ئېلىپ قالدۇق ،بۇنىڭدىن مۇنبەرداشلار "تازىمۇ يۇرتۋاز ئاداش ئوخشايدۇ" دەپ قالمىغاي ،مەن زىمىنىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىنى تۇتىيا بىلىمەن .پەقەت ئەژداتلارنىڭ ئەنجانلىق ،نەمەنگانلىق ،خوتەنلىك ،قەشقەرلىك ،كۇچارلىق ،كونا تۇرپانلىق دىگەندەك دوستانە ،مىللەت ئايرىماي ھەممىمىز "تۈرك" دەپ تونۇيدىغان ساددا قارىشىغا ھەۋەس قىلىپ قالىمەن .
   ئەسلىدىغۇ بۇ ئىشلارغا باش قاتۇرمىساقمۇ ھەممىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىشىلىرىمىز با ئىدى .
   شۇنداقتىمۇ ئۆز ئەژدادىنىڭ كىملىگىنى بىلىش بىر مىللەتكە نىسبەتە مۇھىم ئىش .بىر ئادەمگە يەنە بىر ئادەمنىڭ كۆز قارىشىنى زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ .ھەرقانچە كەتتا ئالىملىرىمىزنىڭ "مۇشۇنداق تونىساڭلار بولىدۇ" دىگەن قاراشلىرىنىمۇ زورلىسا بىكار .چۈنكى ياراتقۇچى ئىنسانلارغا زور تەپەككۇر ھوقۇقى بەرگەن ،خۇددى ھەققە ئەگىشىپ ھىدايەت تېپىش ياكى شەيتانغا ئەگىشىپ زالالەت يولىدا مېڭىش ھوقۇقىنى ئۆزىگە قالدۇرغاندەكلا .
  شۇڭا دوستلارنىڭ ئەژداتلارنىڭ كىملىك مەسىلىسىدە پات-پات ئويلىنىپ تۇرىشىنى ،ئەتىگەندە-كەچتە ھەر ۋاقىت ئەسكە ئېلىپ تۇرىشىنى ،مۇشۇ توغرىدا پات-ئارىدا ھەممىنى قايىل قىلارلىق كاتتا تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ روياپقا چىقىشىنى ئارزۇ قىلىپ تۇرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .چۈنكى بىزدە "تىلىسەڭ تاپارسەن" دەيدىغان تەمسىل بار ئەمەسمۇ ،ھەممىمىز بىرلىكتە تىلەيلى .ئەژداتلارنى بىلىش بەكمۇ زورۈر .
   قۇرۇق گەپ كۆپرەك بولۇپ قالدى ،بۇنى ئۆزۈمنىڭ تەسىراتىممىكى دەپ ئويلايمەن ،ياكى ئۈمىدىمدۇ !
bilqut
Posted: 2008-03-02 12:51 | [ئاپتور]
arslanhan
دەرىجىسى : ياساۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 36
شۆھرىتى: 37 نومۇر
پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-05

 

ئۆزىمىز تاپىمىز قېرىندىشىم.
بەزىلەر  "ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىغىلا ئېسىلىۋالماي، باشقىلارنىڭكىگىمۇ قارايلى" دەپتۇ.
نەدە ياشاۋاتقان ئادەم دەيدىغاندۇ مۇشۇنداق گەپلەرنى، بىزنىڭ ئالىملىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ تارىخ يېزىشقا بېشى ئونمۇ ماۋۇ دەۋردە؟!
Qutghur ئەپەندى، سىز دېگەندەك بىزنىڭ ئالىملىرىمىز خەقلەر ئېتىراپ قىلىپ تولۇق ھوقۇقنى بەرگەندە يۈرەكلىك قەلەم تەۋرىتىپ يېزىپ چىققان شۇ تارىخقىمۇ قايىل بولمىغان بەزىلەر قەستەن شۇنداق قىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ ئگجدادىمىزنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىق خۇلاسە چىقىپ بولغان. پەقەت ھونلارنى ئەجدادىمىز ئىدى دېيىشتە ئەستايىدىل ئويلانساقلا بولىدۇ.
1som
Posted: 2008-03-03 00:51 | 1 -قەۋەت
tawpik
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 10
شۆھرىتى: 11 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

ھەي  بۇرادەرلەر بىزنىڭ تارخىمىزنى ھەقىقى  تەتقىق قىلىپ سۈرۈشتىردغان  بولسا  بۇ خەنزۇلاردىنمۇ نەچچەمىڭ يىل  ئېشىپ كىتىدۇ ....خەنزۇلار ئۆزلىرنى 5000يىلىق تارخىقا  ئىگە  دەپ قارايدۇ  .ھەم ئۇلار  ئۆزلىرنىڭ يېزقىنى 3000 يىلىق  تارخىقا  ئىگە  دەپ قارايدۇ لېكىن  .بىزنىڭ  تارخچلىرمىز ئوغۇزخان ئېپوسنى تەتقىق  قىلىپ .ئۇ ئوغۇزخان ئېپوسدىكى ئىشلارنى مىلادىدىن 2600-يىل ئىلگىرى ب يەنى(بۇنڭدىن 4600يىل )ئىلگىركى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ۋەققە  دەپ تەتقىق قىلىپ چىقانلقى بۇ بىر ئىسپات .بىز ئوغۇزخان ئېپوسىدا ئوغۇزخانىڭ يارلىق چۈشۈرۈپ ھەر تەرەپلەرگە  ئەۋەتكەنلگىنى بىلمىز .ئۇنداقتا بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارخىنى كەم دېگەندىمۇ 4600يىلىق تارخىقا ئىگە  دەپ ھۆكۈم قىلشقا بۇلدۇ .بىزنىڭ يېزىق قولانغان ۋاقتمىزنى 4600يىل بۇرۇنقى ئىشلار  دەپ قارساق ئۇنداق بىزنىڭ تارخىمىزنىڭ نائايتىمۇ ئۇزاق ئىكەنلگىنى بىلمىز.........بىزنىڭ تارخىمىزنى يەنە بىر نۇقتىدىن ئېنقلاشقا بۇلدۇ .ئۇ بولسىمۇ قەدمقى <<مۇ>>قۇرۇقلقى تارخىچلار ئۇ <<مۇ>>قۇرۇقلقىنى بۇنڭدىن 10000يىل بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ناھايتى گۈلنىپ ئاخىرى تەبي ئاپەتتە مەغلۇپ بولغان دەپ قارايدۇ ......................
بىزنىڭ ئۇلۇغ ئالمىمىز مەھمۇد قەشقىرى ئۆزنىڭ تۈركىي تىللار دىۋاندا تارتسىز تۈرۈك بولماس  دەپ  ئالدۇ تارت دېگېنى ئۇيغۇر دېگەن سۆز  دەپ ئالدۇ .......
Posted: 2008-03-03 11:33 | 2 -قەۋەت
hector
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

بىزنىڭ ئەجدادىمىزنى بۆرە دېسەكلا بولمىدىمۇ؟؟
تالىشىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
ئىنسانغا چېتىپ نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن،ھايۋانغا چاتسىغۇ ھېچنىمە بولماس؟
ئىشقىلىپ ھايۋاننىڭ ئىرقى يوققۇ دەيمەن؟بولسىمۇ تارتىشىپ ئولتۇرىدىغانلار چىققماس.
بىلىشىمچە موڭغۇللار ۋە قازاقلار،شۇنداقلا ئەنجانبايلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئۇيغۇرچىنى ئۇيغۇردىن ئۆتە سۆزلەپ،يازىدىغانلار بار.ئەنە شۇ كىشىلەر تەپرىقچىلىق ئۇرۇغىنى چېچىۋاتقاندۇ بەلكىم.
قەيەردە كۆردۈم قاراخانىيلارنى چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى دېگەن ماڭقۇرتنى،يادىنمدا قالماپتۇ.
ماڭا مۇشۇ ماڭقۇرتلار تۈپەيلىدىن ئايدىڭلاشقان مەسىلىلەرمۇ جەزبىسىنى يوقاتماقتا.
Posted: 2008-03-03 17:12 | 3 -قەۋەت
Qutghur
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-05-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

  كۆڭلۈڭلارنى چۈشەندىم ،قېرىنداشلار .
ئوقۇپ بىلىپ قويساڭلارلا  بولدى .بۇنى يەنە مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرمايلى ،كۆڭۈل ئاغرىغى بولمىسۇن .
  مەنمۇ ،مىللىتىمىز روھى بىرلىگىنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى  ئېتنىڭ بىرلىك دەپ قارايتىم .تېخى بۇنىڭغا بىزدە كۆزقاراش بىرلىگى يوقكەن .
بىزدىكى ئىتىقاد بىرلىگىمۇ ئەملىيەتتە نامدا بار ئەمەلدە يوق .بېرى پەقەتلا تىل بىرلىگى ئوخشايدۇ .ھازىرچە ،شۇنداق .بىر گەپ بولا ،كۆپرەك ئۈگنىلى.
Posted: 2008-03-03 17:15 | 4 -قەۋەت
arslanhan
دەرىجىسى : ياساۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 36
شۆھرىتى: 37 نومۇر
پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-05

 

بۇ يەرنى ئەجەپ مۇڭ بېسىپ كېتىپتۇغۇ؟ مەن بۇنداق بولۇشىنى خالىمايمەن، "يېتىپ قالغىچە ، ئېتىپ قال" ئۇيغۇردا ماقال بارغۇ، مۇنازىرە دېگەن شۇ. ئۇيغۇرنىڭ ئىرقىنى ئالدىراپ بېكىتكىلى بولمايدىغانلىقى، ئۈمىتنىڭ يوق ئىكەنلىكىدىن ئەمەس، بۇ جەھەتتە تېخى بىرلىككە كەلگەن قاراشنىڭ يوق ئىكەنلىكىدىن. دۇنيادىكى ئېرقلارمۇ تەخمىنەن بېكىتىلگەن، نەدە مۇتلەق ئىش باركەن؟ " ئېرسىيەت ۋە ئۆزگىرىشچانلىق" دېگەن گەپكىلا قارىساڭلار، ھەرقانچە تەتقىقاتنىڭمۇ قەيەردە توختايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. بىزگە مۇھىمى بۇ ئەمەس، بەلكى مەۋجۇتلىقىمىز .
ئىنساننىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە، بۇنىڭ نتەكتىگە يەتمەك ئاسان ئەمەس. ئىزدىنىش كېرەك.
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
Posted: 2008-03-04 02:03 | 5 -قەۋەت
kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

بىزگە مۇھىمى بۇ(قايسى ئىرقتىن كىلىپ چىقىش-كۇلبىگىنىڭ چۇشەنچىسى؟) ئەمەس، بەلكى مەۋجۇتلىقىمىز .

ناۋاتتەك گەپ قىلىپسىز ئارسلانخان ئەپەندى. ئەجدادلىرىمىزنى شەرققە تارتىۋاتقانلار غەرپ ئامىلىنى يوقىتىۋىتەلمەيدۇ، غەرپكە تارتىۋاتقانلارمۇ شەرق ئامىلىنى يوقىتىۋىتەلمەيدۇ. مەيلى ھازىرقى تۇركىلەر بولسۇن، ئۇرخۇن دەۋرىدىكى ئەجدادلار بولسۇن، ياكى 2000مىڭ يىل،3000مىڭ يىل ... بۇرۇنقى دەۋرلەر بولسۇن، ئەنە شۇ جەڭگىۋار ئەجدادلىرىمىزنى ياراتقان ئامىل قانداقتۇر بىرەر ئىرق بىلەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ مۇقەددەس ئانا دىيارىمىز  بىپايان ئوتتورا-شىمالى ئاسىيا رايونى تاۋلاپ چىققان.
bilik munbiri
Posted: 2008-03-04 18:07 | 6 -قەۋەت
revayet
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 6
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-06

 

        مەن قۇتغۇر ئەپەندىنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم. لېكىن كۆزقاراشنىڭ پاكىتنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگىنى ياخشى. گەرچە ھازىرچە پاكىتلار ئورخۇنغا توپلانمىغان بولسىمۇ، بۇ يازمىدىن مۇئەييەن مۇھىتنى ئاساس قىلىپ ،ئاساسىي كەيپىياتقا تەسىر يەتكۈزمىگەن جاۋابنى كۈتكەن بىر ئېنىق" جاۋاب" پۇراپ تۇرىدۇ.
مەنچە بولغاندا پاكىت نېمە بولسا شۇنى توپلايلى، بۇ مەن چۈشىنىۋاتقان ئورخۇننىىڭ روھى.
بايا دىيارىم مۇنبىرىدە بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى كۆردۈم. ئاپتورنىڭ بايانىچە خەنزۇچە ئەسەر يازىدىغان بۇ قىز ئۆزىنىڭ چىرايىنىڭ ئۇيغۇرغا ئوخشىماسلىقىدىن قورۇنۇش ھېس قىلىدىكەن.
ئاق ئىرققا ئوخشىسا نېمە بوپتۇ،ئوخشىمىسا نېمە بوپتۇ؟ ئۆزىنى ئۇيغۇر دەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ئىرق جەھەتتىن قانداقلا بۆلسەك يېرىمىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىزدا گەپ يوق. لېكىن تارىخقا ئەينەن جاۋاب بېرىش بۈگۈن بولمىسا ئەتە،ئەتە بولمىسا ئۆگۈن بولىدىغان ھادىسە. بۇ جاۋابنى ئاياپ ئولتۇرۇش مېنىڭچە ياخشى ئىش ئەمەس. چۈنكى تارىخ _ ئەمەلىي ئىشلار خاتىرىسى. بۈگۈنگىچە كەلگەن مىللىتىمىز ، بىر ئېغىز گەپ بىلەن چۇۋۇلۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ يىپ ئۇچى ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى قېرىنداشلىرىغا، قېرىنداشلىرى ئارقىلىق خوشنىلىرىغا، خوشنىلىرى ئارقىلىق دۇنيا تارىخىغا چەمبەرچەس باغلانغان. شۇڭا  گەپ ئاياشنىڭ ھاجىتى يوق!
 
Posted: 2008-03-05 04:30 | 7 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيادىكى ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىق

Total 0.068674(s) query 4, Time now is:03-07 14:26, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation