بۇ بەتتىكى يازما : تۈرك تلىدىكىbaliq (شەھەر) سۆزىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

emir
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-02

 تۈرك تلىدىكىbaliq (شەھەر) سۆزىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە

تۈرك تلىدىكىbaliq (شەھەر) سۆزىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە


دەننىس سىنور ( ئامىرىكا)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىمىت قۇدىرەت ھەمرا


(شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى فىلولىگىيە ئىنىستۇتى تىلشۇناسلىق كەسپىنىڭ 2006- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)

ئاپتورھەقىدە_ ھازىرقى زامان ئالتايشۇناسلىقىدىكى داڭدار شەخس، دەننىس سىنور 1916-يىلى ۋىنگىرىيەدە تۇغۇلغان، ئىلگىرى- كىيىن ۋىنگىرىيە ۋە فىرانسىيەدە ئوقۇغان، 1948-يىلىدىن 1962- يىلىغىچە ئەنگىليە كامبىرج ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1962-يىلىدىن كىيىن ئىزچىل ئامىركا ھىندىئانا ئۇنۋىرسسىتىدا ئىشلەپ بۇ ئۇنۋىرستدا مەشھۇر ئىچكى ئاسىيا تەتقىقات ئورگىننى قۇرغان. ھازىر ھىندىئانا ئۇنۋىرسىدىن شەرەپلىك ھالدا دەم ئىلىشقا چىقتى.

  تارىخى ھۆججەت ۋە ئارخولوگىيلىك ماتىرىياللار تەمىنلىگەن پاكىتلار  ئىچكى ئاسىيادا ئەزەلدىن ئاھاللەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى  ئىسپاتلايدۇ.  ئۇ رايونلارنىڭ بىر قىسىملىرى كۆلەم جەھەتتىن نىسبەتەن كىچىك بولغانلىقتىن ھازىر ئاسانلىقچە تىپىلمايدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى ھازىرقى زاماندىكى <<شەھەر>> سۆزىدە ئىپادىلەنگەن  ھەقىقىي شەھەردىن ئىبارەت بولۇپ، سانائەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، مەمۇرىىي پائالىيەتلەرنىڭ مەركىزى.  مەسىلەن ھازار(Khazars) ئۇيغۇر، قىتان، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلىرى ئەمەلىيەتتە ئىسمى جىسمىغا لايىق ئاۋات شەھەرلەردۇر. ھەقىقەتەن تارىخى خاتىرلەردىن مەلۇم بولشچە، قەدىمكى بۇلغار(Old Bulghar) قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەردىن سىرىت كۆپ ساندىكى ئالتاي مىللەتلىرى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ ياشىمىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قۇرغان شەھەرلىرىنىڭ ئۆمرىمۇ ناھايتى قىسقا بولغان. بۇخىل پەرەز قىلىش ئەقىلەە مۇۋاپىق.  چۈنكى ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلىشىپ ياشاش ھەرقايسى ئالتاي مىللەتلىرى مەدەنيىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئەمەس. مۇنداقچە قىلىپ ئيتقاندا، مىنىڭچە ئالتاي تىللىرى ئىچكى ئاسىيادىىكى مۇقىم ئولتۇراقلاشمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا تەرەققى قىلىپ بۇگۇنكى يىقىن مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن.
      ئالتاي تىللىرىدىكى نىسبەتەن چوڭ ۋە كىچك بولغان  مەڭگۈلۈك ئولتۇراق رايونلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى مەسىلەن،  يىزا-قىشلاق، كەنت مەھەللە، شەھەر، بازار قاتارلىقلارنى كۆزىتىدىغان بولساق كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ  ئالتاي تىللرىغا يات بولغان تىللاردىن كىرگەنلىكىنى كۆرۋالايمىز.  تۆۋەندە قىسقارتىپ بىر قانچە مىسال كەلتۈرىمىز:
پارىس تىلىدىكى šɑhr  <<شەھەر>> ھازىرقى زامان تۈركى تىلىرىدا ناھايتى كۆپ ئۇچرايدۇ،  مەسىلەن ،  تۈركمەن تىلىدا šǝ،  قۇمىق(Kumyk) تىلىداšg، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدا ، š  قازاق تىلىدا ša    قىرغىز تىلىداša .
      ئەرەب تىلىدىكى  kal’a  بىلەن باشقا سۆزلەرمۇ بىرلىكتە سىرىتدىن قوبۇل قىلنغان.  مەسىلەن، تۈرك تىلىدىكى kale  " قەسىر"،  نوغاي (Nogay) تىلىدىكى         
Ka"شەھەر"،  تاتار تىلىدىكى kale " شەھەر"،  قازاق تىلىدىكى qale        "قىشلاق"  قاتارلىقلار.
قەدىمكى سوغدى تىلىدىكى    kno  "شەھەر"،  ھلىمۇ بىر قىسىم ھازىرقى زامان تىللىرىدا،  مەسىلەن  ھازار (Azeri )    تىلى  ۋە قۇمىق تىلدا  gent    "كەنت"،  قازاق تىلىدا  kent      دىيلىدۇ.  ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق بۇ سۆزلەر  يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا بىر قىسىم يەر ناملىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن،  Tashkent ، Samarland، Ozkend، Ordukend  قاتارلىقلار. (1)  (  Rakhmatov 1973; Bally 1979, 51; Jarring 1964,54: beskenti قارالسۇن) .
  ئالتاي تىللىرى سىستىمىسىدىكى تىللارنىڭ نۇرغۇن سۆزلىرنىڭ رۇس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغاقلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. مەسىلەن، رۇس تىلىدىكى      gorod "شەھەر" قازاق ۋە خاكاس  Khakas تىلىرىدا ئوخشاش شەكىل ۋە مەنىنى بىلدۇرىدۇ.  رۇس تىلدىكىselo  "كەنت"سۆزى ئەسلىدىكى  شەكىل ۋە ئوخشاش مەنىدە تۈركى تىللار سىستىمىسىدىكى نوغاي، قازاق، قىرغىز ۋە خاكاس تىللىرىدا ئۇچراپلا قالماستىن يەنە ئىۋىنكى ۋە ئەۋىن  (Even)تىللىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ.  بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدىغان رۇس تىلدىن قوبۇل قىلنغان سۆز    derevenja  "كەنت "  بولۇپ،  ئۇ  deriebnieشەكىلدە قازاق،  خاكاس ۋە ياقۇت تىللىرىدا ئۇچرايدۇ.
    بەزى ئىسىملار تەسۋىرچانلققا ئىگدۇر.  مۇشۇ نوختىدا تۈركىي تىللارغا تەۋە بولغان  ئۇيغۇرتىلىدىكى  qislaq، ئۆزبىك تىلىدىكىqisloq ، قىرغىز تىلىدىكى      qistaqقاتارلىق تاق(تۈپ)سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنىسى ئوخشاشلا  "قىشلىق ئوۋا"دېگەن مەنەدىدۇر. ھازىرقى موڭغۇل تىلىدىكى suurin    "قىشلاق"،  sayu  "ئولتۇرۇش" دىگەن سۆزدىن كىلىپ چققان. سۆز مەنىسىدىن قارىغاندا، ئۇ  ئىنگىلىز  تىلىدىكى  settlement    دىگەن سۆزگە يىقىنلىشىدۇ.  موڭغۇل تىلىدىكى بۇ سۆز يەنە تۇۋا    Tuvin) ( تىلىغا  suur  دەپ تارقالغان.
    Baliq "شەھەر" دىگەن بۇ سۆز قارىماققا قەدىمكى تۈرۈك تىللىرىنىڭ لكسىكىسىغا تەۋەدەك كۆرۈنىدۇ. قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكىOld and Middle) (Turkicتۈرۈك تىللىرىدىكى baliq بولسا "شەھەر" دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.  كىلاۋسۇن خىلى بۇرۇنلا بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرگەن . ( Clauson 1972,335) بۇ سۆز يەنە يەرناملىرىنى ياساشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ قالغان، مەسىلەن Besbaliq, Qanbaliq, Yangibaliq قاتارلىقلار. 8.ئەسىرگە تەۋە  تۇرپان تىكىستلىرىنىڭ بىرىدە بۇ سۆزpa-liq  دەپ ئۆزگەرتىپ ئىلىنغان بولۇپ  Baker palig = Baqir baliq "مىس شەھەر" Copper city)) سۆزىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە تىلغا ئىلىندۇ(1). تىنشيۋ  (Tenisev 1976, 174  ) نىڭ دىيشچە قەدىمكى سىرىق ئۇيغۇر (  Sariq Yuqur) تىلدىكى baliq دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى "تام، قورۇ تام" ۋە ھارەج ( Khalaj) تىلىدىكى baliq "قىشلاق" (Doerfer ( قارالسۇن 1975, 259  دىگەن مەنىنى بىلدۈرگەندىن باشقا  baliqسۆزنىڭ ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرىدا ئانچە كۆپ ئۇچۇرمايدۇ. بۇ سۆز قەدىمكى ساپ تۈركىي تىلىدىكى سۆزلۈك بۇلۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمكى تۈرۈك تىلىدا كۆپ ئۇچرىسىمۇ لكىن ئۇتتۇرا ۋە قەدىمىكى تۈرۈك تىللىرىدا ئۆزئاراسىڭىشىپ باشقا  تۈركىي مىللەتلەر تەرىپىدىن ئۇمۇمىي يۈزلۈك قوللىنىلمىغان ، ئۇ  تۈركىي تىللىرىغا ئورتاق بولغان ئاساسىي لوغەت تەركىبىدە كۈرۈنمەيدۇ.بىز بۇ سۆزنى قەدىمكى تۈرك تىلىدىن كەلگەن دەپ ئېيتىشقا ئاساسسىزمىز.
مەھمۇت قەشقىرى "بالىق"نى ئۈچكە بۈلىدۇ. ئۇلار شەكىلداش سۆز سۈپۈتىدە تىلغا ئېلىنغان بۇلۇپ ،مەنىلىرى ئوخشاشمايدۇ.ئايرىم ئايرىم ھالدا "بېلىق"،"لاي(سازلىق)"،"شەھەر"دېگەن مەنالاردا ئىزاھلىغان. كىشىلەر بەلكىم 11-ئەسىردىكى بۇ ئالىم (مەھمۇد قاشقارى) مەلۇ شەكىللەر بىلەن "لاي" بىلەن "تۇپراقنى" ئۆزئارا باغلاشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن دەپ تەھلىل قىلىشىدۇ. ئەگەر بۇنداق بولغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ  كۆزقارىشىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ  دە ئۇنىڭ بۇ سۆزگە بەرگەن ئىتمولوگىيسى خاتابولىدۇ. پىروفىسسور روبىرت دانكوف
(Robert Dankoff)  تىخى نەشىردىن چقمىغان <<تۈركى تىللار دىۋانى>> نىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىگە ئالاقىدار ماتىرياللار ھەقىقىدە ماڭا قىزغىنلىق بىلەن " مەيلى مەخمۇد قەشقەرى سۆزنىڭ لكسىكىلىق مەنىسىنى لاي(سازلىق)دىىگەن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بۇ سۆزنىڭ لىكسىكىلىق مەنىسى "قەسىر، شەھەر" دىگەن سۆزنى ئاساس قىلىدۇ" دىدى (1980 يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى روبىرت دانكوفتىن كەلگەن خەت). بەڭ ۋە گابائىنلار (  Bang and Gabain 1929,13) بولسا baliq  "شەھەر"  دىگەن سۆزنىڭ  ئىنىقكى "مەلۇم بىرخىىل شەكىلدە" lehm (شغىل تۇپراق) دىگەن سۆز بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلار كەلتۈرگەن toy  ھەققىدىكى مىساللار باغلىنىشچانلىقىنى ئاللىبۇرۇنلا يوقاتقان ، چۈنكى بۇ ئىنقلا ئاھاڭداش مەنىسى بىربىرىگە ئوخشىمايدىغان سۆزلەردە "سىغىزلاي"دىگەن مەنىنى بىلدۈرسە
  ئۇنىڭ يەنە بىر لىكسىكىلق مەنىسى "قارارگاھ" بولۇپ "مەھەللە، ئولتۇراق رايۇن "دىگەن مەنىگىچە ئارتقۇزغىلى بولسىمۇ لىكىن"شەھەر"دىگەن لىكسىكىلىق مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ . دورفىر ( DoerferII,267)  "سىغىز تۇپراق" بولسا baliq دىگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان بولسىمۇ لىكىن "شەھەر"نىڭ سىمانتىكىلىق مەنىسى سۆزمەنىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق  "لاي تام" دىن تەرەققى قىلىپ "لاي تام بىلەن قورشالغان جاي"غا ئۆزگەرگەنلىكىنى ۋاتىنچە قۇۋۋەتلەيدۇ.
تۇرۇك تىلىدىكى baliq ئىزچىل ھالدا كىلاسسىك موڭغۇل تىلىدىكى (  Classical Mongol ) تىلىدىكى balqasun غا تەڭداش كىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى ئەڭ نوپۇزلۇقى بولسا بوپ (Poppe,1960,122  )  نىڭ كۆز قارىشى. ئۇ بۇ ئككى سۆز بولسا ئالتاي تىلىدىكى balaka "شەھەر" دىن كىلىپ چىققان دەپ قارايدۇ.(1)  <<موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى>>دىگەن ئەسەردە قەدىمكى موڭغۇل تىلىدىكى balqusun سۆزىbala’asun    دىگەن شەكىلدە كۆرۈلسىمۇ ئەمما بوپنىڭ كۆزقارىشىغا ئاساسلانغاندا baliq نىڭ يىلتىزى balaka بولۇپ balq نىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق كەلگەن. بوب ۋە رامسىتلار ( Ramsted 1957, 57 ) تۇرۈك ۋە موڭغۇل تىلىدىكى  بۇئىككى سۆزدە ئىپتىدائى ئانا تىلنىڭ  مۇناسىۋىتى بارلىقىنى پەرەز قىلىشىدۇ. كىيىنكىلەر قەدىمكى موڭغۇل تىلىدىكى balqan "قۇرۇلۇش، شەھەر" دىگەن سۆزنى تىلغا ئالىدۇ، لىكىن بۇ سۆز خۇددى رامىستىد ئىيتقاندەك ئۇنىڭ مەلۇم ۋاقتىدىكى شەكلى قايتا كۆرۈلمەيدۇ.  راسەنىن (Rasanen1969,60  )  بۇنىڭدا بوپنىڭ پىكرىگە قوشۇلىدۇ. باشقىلارbalqasun نى موڭغۇل تىلىغا ئەڭ بۇرۇن تۈرۈك تىلىدىن كىرگەن دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشنى كلاۋسۇن(  Clauson, 1972,335)ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ، دورفىر ( Doerfer II, 257-258 ) مۇ بۇ قاراشقا قوشۇلىدۇ.
(H.C.von der Gabelentz 1982,3) Gabelentzبىرىنجى قىتىم baliq, balqasun دىگەن سۆزنى مانجۇ تىلىدىكى falga سۆزىگە باغلايدۇ. Hauer  ئوتۇرغا قويغان مانجۇ تىلىدىكى  falgaسۆزى بولسا :1") چىگرىلىندىغان جاي، ئورۇن 2) بازار 3)  مەھكىمە، ئىشخانا 4)  كىڭەيگەن ئائىلە، تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى" نى بىلدۇرىدۇ. رامىستىلد (Ramstled 1935,31  )  تۈرۈك تىلىدىكى baliq ۋە موڭغۇل تىلىدىكى balqasun نى مانجۇ تىلىدىكى falga بىلەن سىلىشتۇرىدۇ.  بۇنىڭغا قارىتا گۇماندا بولغان دوئىرفىر (  Doerfer I,216 ) مانجۇ تىلىدىكى بۇ سۆز نىڭ سۆز بىشىدىكى f نىڭ بۇنداق سىلىشتۇرۇشقا نىسبەتەن ھىچقانداق ئەھمىيتى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغنى بولسا ئورتاق تۈركىي تىللىرىدىكى b- نىڭ كۆپىنچە ھاللاردا ئەكىس ئەتتۈردىغان شەكلى بولسا موڭغۇل تىلىدىكى b- ۋە توڭگۇس تىلىدىكى b- دۇر. مەسىلەن، ئورتاق تۈركىي تىلىدا boz "كۈلرەڭ"،  موڭغۇل تىلىدا boro،  ئىۋىنكى تىلدا orong دىيلىدۇ؛ ئورتاق تۈركىي تىلدىكى bughday "بۇغداي" بولسا موڭغۇل تىلىدا bughuday،  ئوتراق توڭگۇس تىلىدا buda "تىرىق"دىيلىدۇ ( Cincius 1975- 1977,102 غا قارالسۇن  )؛ ئورتاق تۈركىي تىللىرىدىكى bughu "بۇغا" بولسا موڭغۇل تىلىدا bughu ، ئورتاق توڭگۇس تىلىدا bughu دىيلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل سىلۇشتۇرۇشلار ئورتاق قوللانغان ئىپتىدائى ئالتاي تىللىرىنىڭ يىلتىزىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، موڭغۇل ۋە توڭگۇس تىللىرى ئىپادىلىگەن "بۇغداي" سۆزى ئىھتىمال تۈرۈك تىلىدىن كىرگەن بولشى، ۋەھالەنكى تۈرۈك تىللىرى ئىپادىلىگەن "بۇغا" سۆزى ئىھتىمال توڭگۇس تىلىدىن كىرگەن بولىشى مۇمكىن. بىزنىڭ ھازىرقى مەيدانىمىزدىن قارىغاندا baliq سۆزىنىڭ مەنبەسىنى ئىنقلاشتا مۇھىم تۇتىدىغان ئىش بولسا تۈرك تىلى بىلە موڭغۇل تىلدىكى b- تاۋۇشىنىڭ ئومۇمەن توڭگۇس تىلىدا ئەكىس ئەتكەنلىكىنى ئىنقلاشتىن ئىبارەت.
تۇرك تىللىرىدىكى b، موڭغۇل تىلىدىكى b ۋە مانجۇ تىلىدىكى f غا نىسبەتەن ئاز دىگەندەمۇنداق بىر مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان مىسال بار: baqsi، bagsi، faksi  "باقشى(پىرخۇن)، راھىپ، پۈتۈكچى(كاتىپ) قاتارلىق. بۇ  ئەلۋەتتە خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ ئالدى بىلەن تۈرك تىلىغا ئاندىن موڭغۇل تىلىغا ئاخىردا مانجۇ تىلىغا كىرگەن. دوئىرفىر( Doerfer II, 271-277 ) نەھايتى ئىلمى پاكىتلار ئاساسىدا مانجۇ تىلىدىكى بۇ سۆز خەنزۇ ياكى كورىيە تىلىدىن  بىۋاستە كىرگەن دەپ قارايدۇ. بۇ مىسالدا  بىرىنجى بوغۇمنىڭ ئاخىردىكى k- غا قارايدىغان بولساق بىۋاستە خەنزۇ تىلىدىن مانجۇ تىلىغا كىرىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ چاۋشىيەن تىلى ئىكەنلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمىسىمۇ لىكىن بۇ  مانجۇ تىلىدىكى f- نىڭ چاۋشىيەن تىلدا p- شەكىلدە ئەكىس ئەتكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.
تۈرك تىلدىكى b- مانجۇ تىلىدىكى f- ئوخشاشلا يەنە بىر مۇرەككەپ مەسىلىنى ئىسپاتلايدۇ: تۈرۈك تىلىدا balgha ، مانجۇ تىلىدا  folgo, folho "بولقا" نى بىلدۇرىدۇ. ناھايتى ئىنىقكى balgha تۈركىي تىللارغا ئورتاق سۆزلۈك ئەمەس. گەرچە قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا قەدىمكى ئەسىردىكى تۈرك تىلدا كۆرۈلمىسىمۇ، لىكىن قاراقالپاق ( Karakalpak  ) ۋە ئۆزبىك تىلىدا balga، قىرغىز تىلىدا balka دەپ تىلغا ئىلىندۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دوئىرفۇر(Doerfer II, 256  ) مىسالغا ئالغان بىرمۇنچە دىئالىكىتلار بۇ نىڭ دەلىلى بولالايدۇ. دوئىرفۇرنىڭ كىتابىدا يەنە بۇ سۆزگە ئالاقىدار بولغان ۋەسىقە ماتىرياللاردىن بۇ سۆزنىڭ سۇمىرتىلى ، ئاقاد تىلىدىن كەلگەنلىكىنى تاپالايمز. دوئىرفۇر بۇ مەسىلىدىگە قارتا يىتەرلىك پاكىتلارغا ئىگە بولمىغان  ئەھۋال ئاستىدىمۇ يەنىلا تۈرك تىلىدىكى balgha بىلەن موڭغۇل تىلىدىكى aluga "بولقا" نى بىرلەشتۈرۈپ قاراشنى رەت قىلدى (بۇ نداق ماسلشىش بوپ قاتارلىق ئالىملار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان Poppe 1960,11 قارالسۇن)، ھەم تۈرك تىلىدىكى balhga بىلەن توڭگۇس تىلىدىكى بىر گۇرۇپپا سۆزنى ئۆزئاراسىلىشتۇرۇشنمۇ رەت قىلدى ، بۇ بىر گۇرۇپپا سۆز ئادەتتە مانجۇ تىلىدىكى folho—fogoغا مەنسۇپتۇر. Cincius  (1975—1977, II, 313)  مۇ بۇ نىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق  شەكىللەرنى توپلىغان، مەسىلەن: ئىۋىنىكى تىلى ۋە  Negidalتىلىدا halka؛ Oroch  تىلىدا halua _ haluva؛  Orok تىلىدا palo__palo__paloqa_paluqa؛ مانجۇ تىلىدا folho، ھەمدە ئۇلارنى قەدىمىكى موڭغۇل تىلىدىكى haluqa، كلاسسىك موڭغۇل تىلىدىكى aluqa بىلەن بىرلەشتۈرگەن. بەلكىم دوئىرفۇر مانجۇ تىلىدىكى بۇ سۆزنىڭ بىرىنجى بوغۇمىدىكى o بىلەن a نىڭ ماسلىششنىڭ ئادەتتىكىدەك ئەمەسلىكىدىن گۇمانلانغان بولىشى مۇمكىن  لىكىن بۇ ئۇ نىڭ مىسالى بولالمايدۇ.  مەسىلەن: ئورتاق توڭگۇس تىلىدىكى talu "قىىيىن دەرىخى (قوۋزىقى)" مانجۇ تىلىدا    tolhon ( Cincius 1975- 1977, I, 61  ) ،  ئورتاق توڭگۇس تىلىدىكى hangu "سوراش"  مانجۇ تىلىدا fonji- (  314-315 Cincius 1975- 1977, II, ). 
مىنڭچە تۈرك تىلىدىكى baqsi، مانجۇ تىلىدىكى faksi ۋە تۈرك تىلىدىكى balgha، مانجۇ تلىدىكى folgo/folho لاردا كەلتۈرۈلگەن سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئوخشاش بولۇپ، مانجۇ تىلىدىكى falga  تۈرك تىلىدىكى baliq ۋە موڭغۇل تىلىدىكى balghasun  بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. يەنە شۇنى تەكىتلەيمىزكى b-f نىڭ ماسلىششىغا ئائىت بۇنداق  مىساللار ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن.
تۈرك تىلىدىكى O _ قەدىمكى موڭغۇل تىلىدىكى h _ ئىپتىدائى توڭگۇس تىلىدىكى p > مانجۇ تىلىدىكى f دىن تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئىپتىدائى ئالتاي تىلىدىكى p- دىن كەلگەن، مانا بۇ ئاتالمىش <<تىل قائىدىسى>>، بىز يەنە شۇنىمۇ يۈرەكلىك بىلەن ئىيتالايمىزكى، ئۇ سىلىشتۇرما ئالتاي فونتىكاشۇناسلىقىدا ئەڭ بۇرۇن تىلغا ئالىدىغان قائىدىلەرنىڭ بىرى.  بۇ قائىدىنىڭ ئاساسى ئەڭ بۇرۇن بايقالغان بولۇپ ئاساسى ئاجىز بولسىمۇ ،  لىكىن بۇ قائىدىنىڭ جەلىپكارلىقىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ. بۇ خىل ماسلاشتۇرۇش ۋە باغلاشتۇرۇشىنىڭ قىيىنلىقىن ئسپاتلاشتا،  بوپ(  Poppe 1960, 11_12) نىڭ تەقىقاتىنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن.  ئۇ ئوتتۇرغا قويغان نۇقتىئىنەزەردىكى 32گۇرۇپپا ماسلاشقان سۆزلەردە پەقەت تۆت گۇرۇپپا تۈركىي تىللارنىڭ كاتگورىيسىگە ئىگە بولسىمۇ لىكىن بۇ ئادەمنى قايىل قىلالمايدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى كىلاسسىك موڭغۇل تىلىدىكى h_، ئىپتىدائى توڭگۇس تىلىدىكى  p_>،      ئۇنىڭدىن باشقا مانجۇ  تىلىدىكى f مۇ بەلكىم ئىپتىدائى مانجۇ- توڭگۇس تىلى ھەتتا ئىپتىدائى ئالتاي تىلىدىكى  p-  نىڭ داۋامى بولسىمۇ،  لىكىن تۈركىيى تىللارنىڭ بۇ خىل فونتىكىدىكى شەكلى b_ بولۇپ  بۇ o-_  نى بىلدۈرمەيدۇ.  پىللىئوت (  Pelliot 1925, 245) نىڭ موڭغۇل تىلىدىكى سۆزبىشىدىكى h-نى تەقىقى قىلغانغا دائىر مۇھىم بىر پارچە ماقالىسدا، "Amuine قالدۇرۇپ كەتكەن بىرقىسىم تۈرۈك تىلىرىدىكى سۆزلەردە سۆز بىشىدىكى b_ شەكىلىدىكى قەدىمكى لەۋ تاۋۇشنىڭ  ئاللىبۇرۇن  يوقالغانلىقىنى قەيىت قىلسىمۇ، لىكىن ئۇ ئالاھىدە بۇ خىل ئەھۋالنى تۈركىي تىللاردىكى balqa_، كىلاسسىك موڭغۇل تىلىدىكى halugha بىرلەشتۈرۈپ قارايدۇ. بۇ ماقالىنىڭ 262-بىتىدە پىللىئوت يەنە مۇنداق دەيدۇ" بەلكىم يەنە شۇنىمۇ ئىتراپ قىلىشىمىز كىرەككى، بۇرۇنقى p- ۋە q > q > o غا ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىدا، ئاللىبۇرۇنلا نۇرغۇن تۈپ سۆزلەردىكى p_ ۋە q  سۆز بىشىدا b_ شەكىلدە ئىپتىدائى ئالتاي تىلغا كىرگەن ھەمدە شۇ پىتىچە ساقلانغان".
مەن ئىلگىرى، گەرچە تەتقىقاتىم ئانچە يىتەرلىك بولمىسىمۇ، بۇ مەسىلىنى شەرھىلەپ، ئىپتىدائى ئالتاي تىلىدىكى b- بولسا p_ نىڭ ئورننى ئالغان، بۇنداق ئەھۋالنىڭ تۈركىي تىللاردا يۈزبىرىپلا قالماستىن توڭگۇس تىللىرىدىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدىم. مەن يەنە دادىللىق بىلەن، ھندى ياۋرۇپا، ئورال ۋە ئالتاي تىللىرىنى سېلىشتۇرۇپ بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ماسلىششىدىغانلىقىنى پەرەزقىلدىم:
  1) IE. P-_Uralic  p-_ Altaic  p-_ (PTU. p-_ MO.  p->h->O __ TUR. O)
  2) IE. bh_ PU. p-_PA.  p-_2 (PTU.  p_-MO. p->h>O_TUR.b_)
ئەلۋەتتە بەزى بىر مەسىلىلەر ئايدىڭلاشمىغان بولسىمۇ لىكىن بۇ يەردە تەپسىلى توختالمايمىز. مۇشۇ ماقالىنىڭ مەقسىتىنى ئىلىپ ئىيتساق ، بىزنىڭ بۇ يەردە قوبۇل قىلىدىغىنىمىز: 1) بەزى مىساللاردا، تۈركىي تىللاردىكى b_ بولسا ئىپتىدائى ئالتاي تىلىدىكى p- نىڭ داۋامى، 2)  يەنە بەزى بىر مىساللاردا تۈرك تىللىرىدىكى b-_، موڭغۇل تىلىدىكى b-_، مانجۇ تىلىدىكى f- نىڭ ماسلىشش مۇناسىۋىتى بار دەپ ئىيتالايمىز،  ئەمما بۇ پەقەت ئارىيەت ئىلىش ۋە ئارىيەت ئىلىنش مۇناسىۋىتدىن ئىبارەت بولۇپ ھەرگىزمۇ بىر مەنبەداش تىلنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەس (  geneti relationship    ).
تۈركىي تىللاردىكى baliq_ موڭغۇل تىلىدىكى balghasun- مانجۇ تىلىدىكى falga_ قاتارلىقلار دەل مۇشۇ خىل مۇناسىۋەتكە تەۋە. بۇ مىسالدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولدۇكى، مانجۇ تىلى موڭغۇل تىلىدىن، موڭغۇل تىلى تۈرك تىلىدىن بۇ سۆزنى ئارىيەت ئالغان. ھازىرقى مەسىلە بولسا تۈرك تىلىدىكى بۇ سۆز  زادى قەيەردىن كەلگەن؟
ئۇگىر تىللىرىدا "كەنت"نى بىلدۈرىدىغان ئورتاق بىر سۆزلۈك بار:  ۋوگۇل(  Vogul  ) تىلىدىكى pabl، pel، pabl قاتارلىقلار؛ ئوستىياك ( Ostiak  ) تىلىدىكى pughat، pughal قاتارلىقلا؛ ۋىنگىر تىلىدىكى falu.  ئومۇمىيۈزلۈك ئىتراپ قىلىنغان كۆزقاراشلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل شەكىللەر بىر مەنبەداش بولغان ئۈگىر تىلىدىكى سۆز palghV دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولۇپ، palghV دىكى ئككىنجى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ تاۋۇش تىمبىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. (  MszFE.I,180- 181; TESz. I, 836- 837قارالسۇن  ) .  بىرقىسىم يەرناملىرى تەركىبى سۈپىتىدە قوللىنىلغان فىنلاند تىلىدىكى تاق سۆز palva- نىڭمۇ مۇشۇ تۈرگە تەۋە ياكى ئەمەسلىكىنى تېخى مۇقىملاشتۇرغىلى بولمىسىمۇ ئەمما بۇ بىزنىڭ تىمىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
ساۋاگىئوت ( ,1930 Sauvageot ) ئۈگىر تىلىدىكى بۇ سۆزلەرنىڭ ئوخشاشمىغان ئىككى تىلدىن كىلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ كىتابىنىڭ 18_17 بەتلىرىدە ئۈگىر تىلىدىكى بۇ سۆزلەربىلەن تۈرك تىلىدىكى aghil ۋە aul "ئېغىل"، موڭغۇل تىلىدىكى ayil "ئائىلە، ئولتۇراق رايون"، مانجۇ تىلىدىكى falga_ falha قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاشلىقىنى سىلىشتۇرىدۇ، ھەمدە موڭغۇل تىلىدىكى balghasun بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋىتى بارلىقىنى پەرەز قىلىدۇ. 59- بىتىدە  ئىنق قىلىپ ئۇرال تىلىدىكى pVlk بىلەن مانجۇ تىلىدىكى falga_  falha، موڭغۇل تىلىدىكى balghasun، تۈرك تىلىدىكى baliq قاتارلىقلارنى ئۆزئارا باغلايدۇ. 1934-يىلى، ETSz  نىڭ falu سۆزلۈكلەر تىزىملىكىدە، Gombocz بىلەن Melich ئۈگىر تىلدىكى سۆزلۈكلەر بىلەن ئالتاي تىلىدىكى سۆزلۈكلەر ( baliq, balghasun, falga  ) نىڭ  ئوخشاشلىقىدەك قاراشنى قوللايدۇ.  Rasanen (5، 1955) ئۈگىر تىلدىكى بۇ سۆزلەرنى تۈرك تىلىدىكى aghil، موڭغۇل تىلىدىكى ayil، مانجۇ تىلىدىكى falga_ falha بىلەن سىلىشىتۇرىدۇ.  ئۇ ئۆزىنىڭ aghil سۆز تىزىملىكىدە بەرگەن سۆزنىڭ ئىتمولوگىيسىنى قايتا تەكرارلاپ ئۇ يەردىن تۈرك تىلىغا دائىر تىخمۇ كۆپ دەلىلى ئىسپاتلارنە تىپىپ چىقىدۇ.  مەن مەڭگىس ( Menges 1954, 689  ) نىڭ مەقسىتىنى قانداق چۈشۈنۈشنى بىلەلمىدىم،  ئۇ تۈرك تىلىدىكى ayil_، موڭغۇل تىلىدىكى ayil-سۆزىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ: "موڭغۇل تىلى، توڭگۇس تىلى، ئۇرال تىللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر گۇرۇپپا سۆزلۈك بولسا، قىتان (لىياۋ) تىلىدىكى wa-li 'بارگاھ '، Dzurcen (جۇرجان)تىلىدىكى en_la ' قورو،ھويلا '، مانجۇ تىلىدىكى falan(n) ۋە falga ' قىشلاق، كەنت' ، Ungar (ھونگىر) تىلىدىكى falv ' كەنت' دىن ئىبارەت. Sevortjan (1974, 84)    aghil ،سۆزلۈكلەر تىزىملىكىدە بۇ سۆزلەرنىڭ ئىتمولوگىيسىنى مىسالغا ئالغان بولسىمۇ لىكىن ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى بىلدۈرمىگەن.
Gombozc بىلەن Melich  ئۆزلىرىنىڭ ETSz دىگەن ئەسىردە سىلىشتۇرىشى ئەگەردە سۆز يىلتىزىنىڭ ئۇرال- ئالتاي ( Proto Uralic- Altaic ) تىللىرىدىن كەلگەنلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى تولۇق قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ . ئۇرال تىلىدىن قارىغاندا بۇ سۆز چوقۇمكى ئۈگىر تىلىدۇر. ئالتاي تىلىدىن قارىغاندا، خۇددى بىز بۇرۇن تىلغا ئالغاندەك baliq ئورتاق تۇركى تىلدىكى سۆزلۈك ئەمەس، شۇنداقلا ئۇرتاق ئالتاي تىلىدىكى سۆز تىخىمۇ ئەمەس.  بىز بۇ مىسالدا تۈرك تىلىدىكى b بولسا، ئالتاي تىلىدىكى p دىن تەرەققى قىلغانلىقىنى چۇشەندۈرگەن؛ ئۇنىڭ ئۇرال تىلىدىكى p دىن تەرەققى قىلمىغانلىقىغا ئاساسىمىز يوق، بولۇپمۇ بىز بۇنى تەھلىل قىلغان ۋاقتىمىزدا ، قەدىمكى تۈرك يىزىقىدىكى baliq دىگەن مىسالدا بىز بۇنى ئاددىلا بىر تاۋۇش ئۆزگىرىشى دەپ قارىمايمىز چۈنكى قەدىمكى تۈرك يىزىقىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ لەۋلەشكەن پارتلىغۇچى ئۈزۈك تاۋۇشىنىڭ يوقلىقىنى بىلەلەيمىز.
بۇ يەردە بۇنداق بىر مەسىلە جاۋاپ بىرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئۈگىر تىلىدىن كىرىش ئىھتىماللىقى قانداق؟ ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە قىلىپ ئىيتقاندا ئۈگىر تىدىن تۈرك تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى تاپالامدۇق؟ ئككىنچى خىل ئەھۋالنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق، چۇنكى بۇنىڭدا ئىپتىدائى ئۈگىر تىلىدىكى سۆزلەر تۈرك تىلىدىن كىرگەن بولۇپ، ئۈگىر تىلى بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىدا كىرگەن دىگەن پەرەزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىرنجى تاللاشتا بۇنداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس.  قەدىمكى تۈرك تىلى ئوخشاش مىقداردا ئۈگىر ۋە سامويىد  (Samoyed)تىلىدىن سۆزقوبۇل قىلغان. بىر پارچە "قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى ئۈگىر ۋە سامويىد تىللىرىنىڭ ئامىللىرى" دىگەن ماقالە ئۆمەلجان پىرتساك (pritsak    (Omeljan خاتىرلەنگەن ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۇلگەن، يەنە بىر ماقالىنىڭ ( Sinor 1965  ) ئارىسىدىن بىر قىسىملىرىنى تاللاپ مىسال كەلتۈرىمەن. قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى  ay- "سۆز"،  sab "سۆز"،  tan "سوغۇق شامال"،  yunt "ئات" قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش تۈركۈمگە تەۋە، بۇ يەردە مەنمۇ ئۈگىر تىلىدىكى palghV_ تۈرك تىلىدىكى baliq_ موڭغۇل تىلىدىكى balghasun_ مانجۇ تىلىدىكى falga قاتارلىقىلارنىمۇ بۇ تۈركۈمگە كىرىدۇ دەپ قارايمەن. دىمەك تۈرك تىلىدىكى baliq بولسا ئۈگىر تىلدىن كىرگەن سۆزدۇر.

بۇماقالە جۇڭخۋا كىتاپچىلىق ئىدارىسى2006-يىلى 10-ئايدا نەشىرقىلغان « دەنىس سىنور ئىچكى ئاسىيا تەقىقاتى ماقالىلىرىدىن تاللانما » دىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.
丹尼斯.塞诺内亚研究文选


bilqut
Posted: 2008-03-02 13:03 | [ئاپتور]
alkuli
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 7
شۆھرىتى: 8 نومۇر
پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

ياخشى ماتىرىيال ئىكەن، مىڭ ئەپسۇس، ئازراق تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدىكەن. بۇنىڭلىق بىلەن بۇ كاتتا ئەمگەككە نوخسان ئارتماقچى ئەمەسمەن. مۇئەللىپكە مىڭ تەشەككۈر.
1som
Posted: 2008-03-07 02:46 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا تىل - يېزىق

Total 0.050450(s) query 4, Time now is:03-07 19:56, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation