بۇ بەتتىكى يازما : بارتولدنىڭ "موڭغۇل ئىستىلاسى مەزگىلىدىكى تۈركىستان" دېگەن ئەسىرىگە باھا بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

hiyalqan
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-10-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 بارتولدنىڭ "موڭغۇل ئىستىلاسى مەزگىلىدىكى تۈركىستان" دېگەن ئەسىرىگە باھا

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Yawuz دىن ئۇيغۇرلاردا تىل - يېزىق غا يۆتكەلدى (2008-03-02)
بارتولدنىڭ "موڭغۇل ئىستىلاسى مەزگىلىدىكى تۈركىستان" دېگەن ئەسىرىگە باھا
1880-يىلى چار پادىشاھ ئالىكساندىر II تەخىتكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 25-يىلى، "كۈچلۈك گوروھ" مۇزىكانىت ئەزالىرىدىن بىرى بولغان باۋرودېڭ(Bao Roding) "ئاسىيا يايلىقىدا" دېگەن مۇزىكىسىنى ئىشلەپ چىقىپ، روسىيە مىلللىي مۇزىكا ئېقىمىدىكى ئەڭ ئىسىل مۇزىكىنى ئىجاد قىلدى. شۇ ۋاقىتتا، روسىيە قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى جەڭدە مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، تىغ ئۇچىنى كەڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتتى ۋە 20نەچچە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەڭ خانلىقلارنى بويىسۇندۇردى ھەمدە تۆمۈر تىرنىقىنى تىخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، جۇڭگونىڭ غەربى شىمال رايۇنلىرىغا سۇندى. ئۈزلۈكسىز ھەربىي بويىسۇندۇرۇش ۋە زىمىن كىڭەيمىچىلىكى نەتىجىسىدە، شەرىقشۇناسلىق روسىيەدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. "ئاسىيا يايلىقىدا" دېگەن مۇزىكا ئىجاد قىلىنىپ 20يىلدىن كىيىن، بارتولدنىڭ "موڭغۇل ئىستىلاسى مەزگىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان" ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ "تۈركىستان" دەپ ئاتىلىدۇ) دېگەن ئەسىرى رەسمىي نەشىر قىلىندى.
تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر مۇھىم نوقتا شۇ يەردىكى، شۇ چاغدا بارتولد ماگىستىرلىق ئونۋانىنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن، بۇ كىتابىنى پىتىربۇرۇگ ئونۋېرسىتىتىنىڭ شەرىقشۇناسلىق تىللىرى پاكۇلتىتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، نەتىجىدە بۇ ئەسەر قايتا-قايتا تەكشۈرلۈش ۋە تەتقىق قىلىنىش ئارقىلىق، بارتولدقا دەرىجە ئاتلىتىلىپ دوكتورلۇق ئونۋانى بېرىلگەن. بۇ ئىلمىي ئونۋان ناھايىتى قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتقان روسىيە جەمئىيتى ئۈچۈن ئىيىتقاندا، ئادەتتىكى ئىش ئەمەس ئىدى. بارتولدنىڭ بۇ ئەسىرى خەلقئارا شەرىقشۇناسلىق تارىخ ئىلمى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سېلىپ، بۇ ساھەدىكى ئەڭ نوپوزلۇق ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغاچقا، بارتولد شۇ سەۋەپلىك "ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ تەتقىقاتىنى تارىخى ئىلم-پەن سەۋىيسىگە كۆتۈرگەن تۇنجى ئادەم" دەپ ئاتالدى. بارتولد ۋاپات بولغاندىن كىيىن، پىللىئوت(Pelliot) بارتولدقا ئاتاپ يازغان بىر پارچە تەزىيەنامىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: "ئۇ كەڭ بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالماستىن بەلكى يەنە، ئالاھىدە ئەقىل- پاراسەتكە ۋە ئۆتكۈر تەپەككۇر قىلىش يولىغا ئىگە؛ شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپ قالماستىن بەلكى يەنە، كۆپ خىللىققا ئىگىدۇر." بۇنداق بىر ئۇلۇغ ئالىم قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ بوش ئورۇننى، نۆۋەتتە ھىچكىممۇ تولدۇرالمايدۇ. بارتولدنىڭ ئىلمىي مۇۋەپىقىيتىگە نىسبەتەن، پىللىئوتنىڭ بۇ گېپى ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە مەدىھىيە ئەمەس.
"تۈركىستان" ناملىق بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى نۇرغۇنلىغان ئەگرى- توقايلىقلارغا تولغان. دۆلەت ئىچىدە، ئاتاقلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخشۇناسى جاڭ شىتوڭ ئەپەندى ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن، ئىلىم ساھەسىدىكى بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى تەرجىمە قىلغان، ئەمما بەت ياساشتىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن، بۇ ئەسەرنى ئۆز ۋاقتىدا نەشىر قىلىش مۇمكىن بولمىغان، ئەمما جاڭ شىتوڭ ئەپەندى 1988-يىلى بەخىتكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەن. بىراق، ئوغلى جاڭ گۇاڭدا ئەپەندىمۇ، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخشۇناسى بولغاچقا، قەتئىيلىك بىلەن بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاتىسى جاڭ شىتوڭ ئەپەندىنىڭ قىلغان تەرجىمىسىنى يېڭىباشتىن ئەسلى قوليازمىسىغا سىلىشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بارتولدنىڭ بۇ كىتابىنى مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا جۇڭگودا نەشىر قىلدۇردى. ئاتا-بالا ئىككەيلەننىڭ "ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا كىيىنكىلەر ۋارىسلىق قىلىش" تەك بۇ ئۇلۇغ ئىشى، ھازىر ھىلىھەممۇ ئىلم ساھەسىدە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ تەرىپلەنمەكتە.
تۈركىستان(突厥斯坦) دائىم كىشىلەر تەرپىدىن تۈركىستان (土耳其斯坦) دەپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقنىڭ بىلىم سەۋىيسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ سۆزنىڭ ئۆزگۈرشى تىخىمۇ روشەن بولماقتا. ئەمەلىيەتتە، "سىتان" (斯坦)دېگەن سۆز يىلتىزى ناھايىتى ئىنىق ھالدا، تۈركىستاننى ۋە ياكى بولمىسا بۇرۇن تۈرۈكلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارنى كۆرسىتىدۇ. ھەتتا غەرىبنىڭ تارىخ، جۇغراپىيە ئەسەرلىرىدىمۇ، تۈركىستاننىڭ بىر نەچچە رايۇنلارغا بۆلۈنىدىغانلىقى يېزىلغان. بۇنىڭ بىرىنچىسى: شەرقىي تۈركىستان بولۇپ، يەنى تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىسىمى ئىكەنلىكى، بۇ يەرنى غەرىپلىكلەر قەشقەرىيە (Kashgharia) دەپ ئاتايدۇ، بۇ جاي ئاساسلىق قىلىپ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنجىسى: سىر دەرياسىنىڭ شەرقىي شىمالى قاتارلىق جايلار بولۇپ، بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كەڭ ئوتلاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنجىسى: سىر دەرياسى ۋە ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى رايۇنلار بولۇپ، سەمەرقەنىد ۋە بۇخارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى چىڭگىزخان غەرىبكە يۈرۈش قىلىپ خارەزىمگە كەلگەن ۋاقىتتا، بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بارغان. بۇندىن باشقا، يەنە بەزىلەر ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى ئافخانىستان چىگىرسىنى ئافخان تۈركىستانى دەپمۇ ئاتايدۇ، بۇ يەر ئەينى ۋاقىتتا تالىبانلارغا قارشى شىمال ئىتىپاقداش ئارمىيسىنىڭ تۇرالغۇ بازىسى بولغان. كەڭ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا، تۈركىستان مەركەزلىك ئورۇندا تۇرىدۇ.
2001-يىلى، پۈتۈن يەر شارىدا تىرورلۇققا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندا، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزى ئوتتۇرا ئاسىياغا مەركەزلەشتى. ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ئالتە دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسىرى قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويىسۇندۇرشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى "چىڭگىزخان" دۆلەت ئىچىدە بىر ھازا قويۇلدى. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن غەربى قىسىمدىكى بۇ جاي كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن يەنىلا ناتونۇش ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بىلەن موڭغۇللارنىڭ غەرىبنى بويسىۇندۇرشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەسەرلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىدى. مەسىلەن، "دوساڭ موڭغۇللار تارىخى" (多桑蒙古史) (Multi-mulberry Mongolia history ) ۋە گىلۇسەي (Standard Ruse)نىڭ "ئوتلاق ئىمپىرىيسى" ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر مەدەنىي-مائارىپ تەشكىلاتى تۈزگەن بەش توملۇق "ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى" (تۆتىنجى تومى تېخى نەشىر قىلىنمىغان)، "تۈركىستان" قاتارلىق ئەسەرلەر خەنزۇچە نەشىر قىلىنىپ، بىز يۇقۇردا بايان قىلغانلىرىمىزنى شەك - شۆبىھسىز ھالدا، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان مول ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىدى.
گەرچە، كىتاب ئىسمى موڭغۇل ئىستىلاسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان دەۋىرلەرنى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما بۇ تارىخ ئەسلى كىتابتا بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنىڭ 5/1 گىمۇ يەتمەيدۇ. بارتولد كىتابىدىكى كۆپلىگەن باب ۋە پاراگرافلاردا موڭغۇل ئىستىلاسىدىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى يەنى 8-ئەسىردە بارا-بارا ئىسلاملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن دەۋىرلەرنى بايان قىلغان. بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق ۋە سەل قاراش ئەمەلىيەتتە قارىماققا ، بىر خىل جاننى ئالىدىغان نوقسانغا ئوخشايىتتى. ئەمما بۇ ئەمەلىيەتتە، بارتولدنىڭ ئىلمىي جەھەتتىكى ئەستايىدىللىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇ خەنزۇتىلى بىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن "موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى" دېگەن كىتابتىكى نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەرنى كۆرەشكە ئامالسىز قالغاچقا، ئۆزىنىڭ تەتقىقات نىشانى ۋە يېزىش پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان. ھەمدە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن ساقلىنىپ، تەتقىقات نىشانىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى، كافكاز ۋە ئوتتۇرا، يىقىنقى زامان شەرىق تارىخى ۋە ئسلام مەدەنىيەت تارىخى ( مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار باشقا بىر ماتىريالدىن يەنى ۋىليام مور (William Moore) نىڭ "ئەرەپ ئىمپىرىيسى" دېگەن كىتابىدىن پايدىلىنىلغان، بۇ چى شىروڭ تۈزگەن ئىمپىرىيە تارىخى دېگەن كىتابقا تەرجىمە قىلىنىپ كىرگۈزۈلگەن) ھەمدە يوقىلىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان موڭغۇلشۇناسلىق جەھەتتە ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن قان تەرىنى ۋە كۈچىنى سەرىپ قىلغان. مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، بارتولد كىتابىنى روسچىدىن ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىشقا ئۆزى شەخسەن قول تىقىپ، كىتابىنىڭ ماۋزۇسىنى "موڭغۇللار ئىستىلاسى مىنىمۇمدىكى تۈركىستان تارىخى" دەپ ئۆزگەرىتكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ماۋزۇ تىخىمۇ بەك جايىنى تاپقان.
يەنە باشقا بىر تەرەپتىن قاراپ باقساق، بارتولدنىڭ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرىشى جۇڭگولۇق ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن ئىيىتقاندىمۇ، ھىچقانداق ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. بىر مەدەنىيەت مەركىزى بولغان بۇ جاي، تۈركىستاننى بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بىر قاقاسلىق جاي ھىساپلىنىدۇ. ئەمما ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن شەرىققە يۈرۈش قىلغاندا گىرىتسىيە مەدەنىيتىنى، يىپەك يولى مەدەنىيتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيتىنىڭ ھەممىسى بۇ جايغا توپلانغان. موڭغۇللار غەرىبكە يۈرۈش قىلىشتىن ئىلگىرى، گۈللەپ تەرەققىي قىلغان مەزگىللەردە خەن، تاڭدىن ئىبارەت ئىككى خاندانلىقنىڭ ھوقوق دائىرىسى كېڭىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا قەدەر يېتىپ بارغان، ھەمدە تاڭ سۇلالىسى ئەرەپلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئەرەپلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان. ئاندىن بىر نەچچە يىللار ئۆتكەندىن كىيىن، ئاقسۆڭەكلەردىن بولغان ئەنلۇشەن بىلەن تۈركلەردىن بولغان شى سىمىيىڭ ئۆز ئارا بىرلىشىپ، گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. بارتولدنىڭ كىتابىدا، تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئەرەپلەر قىلغان بۇ ئۇرۇشقا ئانچە كۆپ ئورۇن بېرىلمىگەن. ئەمما ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىغا بولغان مۇھىم مەدەنىيەت ئۆزگەرتىشى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇشىغا ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. چۈنكى، كىيىنكى مەزگىللەردىكى موڭغۇل ئىستىلاسى تۈركىستان رايۇنىغا ئىغىر بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەمما، ئىسلام مەدەنىيتى يەنە ئاۋالقىدەكلا، مۇستەھكەم ھالدا يەرلىك خەلقنىڭ دىن ۋە ئۆرۈپ-ئادىتىنىڭ يىمىرىلمەس ئاساسىنى تەشكىل قىلدى. موڭغۇل ئىستىلاسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېلىپ كەلگەن يېڭى تەرتىپ تۈزۈمىگە كەلسەك، بۇ ماھىيەت جەھەتتە يەرلىك مەدەنىيەت بىلەن ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولغاچقا، ئەڭ ئاخىرىدا چاغاتاي خاندانلىقىمۇ ئاستا ئاستا تۈركلەشتى ۋە ئىسلاملىشىپ كەتتى. بۇلار زامانداشلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تىخىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشۈنىشىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

بارتولد: موڭغۇل ئىستىلاسى مەزگىلىدىكى تۈركىستان(روسچە نەشىرى)
جاڭ شىتوڭ، جاڭ گۇاڭدا تەرجىمىسى
شاڭخەي قەدىمكى كىتابلار نەشىرياتى( 2007-يىلى)
bilqut
Posted: 2008-03-02 15:10 | [ئاپتور]
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

رەسىم :
بارتولدنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ خەنزۇ نۇسخىسى،ئەسلى بارتولدنىڭ بەزى قاراشلىرىنى ئانچە قوللاپ كەتمىسەممۇ ئەسەرنى تونۇشتۇرۇپ بىرەر نەرسە يازاي دەپ ئويلاپ ۋاقتىم يەتمىگەن ئىدى.  رەھمەت سىزگە
1som
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
Posted: 2008-03-02 20:38 | 1 -قەۋەت
hector
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى
Turkestan     
Down to the Mongol Invasion
تەرجىمىسى:موڭغۇل تاجاۋۇزى ھارپىسىدىكى)(يەنى تاجاۋۇزىدىن بۇرۇنقى()تۇركىستان.شۇڭا بۇنى مەزگىلىدىكى دەپ تەرجىمە قىلسىڭىز خاتا بولىدۇ.
بۇ كىتاب مانا مەندە بار.ئىنگلىزچە جىماااا
Posted: 2008-03-02 20:51 | 2 -قەۋەت
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

" ھەمدە تاڭ سۇلالىسى ئەرەپلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئەرەپلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان "


بۇ يەردە خاتالىق بوپقالغاندەك قىلىدۇ . ئەرەپلەر بىلەن تاڭ سۇلالىسنىڭ ئۇرۇشى 751 - يىلىدىكى تالاس ئۇرۇشى بۇ ئۇرۇشتا تاڭ سۇلالىسى پاجىئەلىك مەغلۇپ بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنىپ چىققان .
Posted: 2008-03-02 20:58 | 3 -قەۋەت
zeroclan
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 2
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-05

 

ياخشىمسىز سىلەر  ئورخۇن مۇنبىرىدىكى ئەزالار
Turkestan     
Down to the Mongol Invasion
مۇشۇ كىتاپنى مەن ئالماقچى ،بولسا مۇشۇ توغرىلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن بولساڭلار.ياكى خەنزۇچە نۇسخىسىمۇ بولىدۇ.
  رەھمەت سىلەر گە
Posted: 2008-03-02 21:34 | 4 -قەۋەت
alpaghut
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-14
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

بۇ كىتابنى مۇنۇ تودىن ئېلىڭ
www.joyo.com
www.dangdang.com
ئېتىبار باھادا ساتىدۇ ، ئىشەنچلىك
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
Posted: 2008-03-03 08:16 | 5 -قەۋەت
emir
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-02

 

ئەسسالام دوستلار:
ئاكادىمىك بارتولدىنىڭ بۇ كىتابى ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان،مەندە بۇ كىتاپنىڭ خەنزۇچە، تۈركچە، ئىگىلىزچە نۇسخىلىرى بار،سىلىشتۇرۇپ كۆرۈۋاتىمەن.ئىلىمىزنىڭ داڭلىق تارىخشۇناسى جاڭگىۋاڭدا ئەپەندىمۇ ناھايتى ياخشى تەرجىمە قىلغان ،مەن سېلىشتۇتۇپ كۆردۈم.
ئەگەر دوستلارنىڭ سىتىۋىلىماقچى بولسا ئۈرۈمچىدىكى ياڭگۇۋاڭ توڭباۋ كىتاپخانىسىغا بىرىڭلار، بۇ كىتاپخانا دىرىكتورىنىڭ دىيىشچە بۇ كىتاپنىڭ 60 پىرسەنتىنى مۇشۇ كىتاپخانا ساتىدىكەن، بۇ كىتاپخانىدا ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر،مەملىكىتىمىزنىڭ ئۇيغۇر، موڭغۇل، مانجۇ،زاڭزۇ،ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى،تىلى،مەدەنيىتىگە دائىر ئىلىمى تەتقىقات تىپىدىكى كىتاپلار سىتىلىدۇ. ئاساسەن تەتقىقاتچىلار مۇشۇ كىتاپخانىدىن كىتاپ سىتىۋالىدۇ.مەن بىر قانچە قىتىم ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەسئەت سۇلايمان، زۇلپىقار بارات قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرىمىزنى مۇشۇ كىتاپخانىدا ئۇچىراتقان. مەنمۇ ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم مۇ كىتاپخانىغا بارىمەن، كىتاپ سىتىۋالىمەن.
مەنزىل: نەنمېن )جەنۇبىي قوۋۇق( شىنخىۋا كىتاوخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشش تىجارەت زالىنىڭ  يەرئاستىقى.阳光通宝书城
bilik munbiri
Posted: 2008-03-03 11:13 | 6 -قەۋەت
Qutghur
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-05-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

Quote:
3 - قەۋەتتىكى niyazdixan 2008-03-02 20:58 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
" ھەمدە تاڭ سۇلالىسى ئەرەپلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئەرەپلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان "


بۇ يەردە خاتالىق بوپقالغاندەك قىلىدۇ . ئەرەپلەر بىلەن تاڭ سۇلالىسنىڭ ئۇرۇشى 751 - يىلىدىكى تالاس ئۇرۇشى بۇ ئۇرۇشتا تاڭ سۇلالىسى پاجىئەلىك مەغلۇپ بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنىپ چىققان .

  دۇرۇس ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىرقى شىنجاڭمۇ ئاۋال تىبەتلەرگە ،ئاندىن ئۇيغۇرلارغا قالغان .
Posted: 2008-03-03 18:33 | 7 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » كونا - يېڭى كىتاپلار

Total 0.053957(s) query 4, Time now is:03-07 19:56, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation