tawpik
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 10
شۆھرىتى: 11 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 ئۇيغۇر رەسسامى غازى ئەمەت

شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 _ يىلى، غازى ئەمەت  شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېريازوفنى ئۇستاز تۇتۇپ، "چېسكاكوف ئوقۇتۇش ئۇسۇلى" بويىچە قاتتىق تەربىيىلىنىپ، يورۇقلۇق ئىلمى، پىلاستىتسىزىم ئىلىمى ۋە رەڭ ئىلمىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرپ سەنئەت پەلسەپەسى ۋە غەرپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1962 _ يىلى غازى ئەمەت ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبيىياتىغا ئاساسلىنىپ سىزغان "غېرىپ _ سەنەم" ناملىق ماي بوياق رەسىم جۇڭگو شىنجاڭ رەسساملىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ماي بوياق رەسىمدە ئېسىلزادىلەرچە كىيىنگەن، گۈزەل بىر جۈپ قىز _ يىگىتنىڭ ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن گۈللۈكتە ئۇچراشقاندىكى ئوتلۇق ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاسماندىكى تولۇن ئاي، قەد كۆتۈرگەن مەسچىد مۇنارى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نامايەن قىلىنغان بولسا؛ ئالدى كۆرىنىشتىكى قانىتى سۇنغان، سۇلغۇن توز قىزنىڭ ئازابلىق كەچمىشىگە سىموۋول قىلىنغان؛ ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەۋەنداز بولسا، قەدىمقى زاماندىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان توسقۇنلۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ رەسىم يېڭى بىر ئەۋلات ياشلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، يورۇقلۇققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.

رىئال تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت غازى ئەمەت ئەپەندىنى چېنىقتۇردى ۋە ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈردى. 1979 _ يىلىدىن 1982 _ يىلىغىچە، ئۇ تارىخى قەدىمىي كىتاپلار  ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق "ئاماننىساخان"، "مەھمۇد قەشقىرى"، رابىيە _ سەئىدىن" ۋە "يۈسۈپ خاس ھاجىپ" قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام مەدەنىيەت سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ.
bilqut
Posted: 2008-03-03 12:26 | [ئاپتور]
kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

تەۋپىق ئەپەندى ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپتىكەنسىز، بىلىشىمچە پەخىرلىك رەسسامىمىز غازى ئەمەت ئەپەندى كىچىك ۋاقتىدا ئاقسۇدا نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتلەرنى چىكىپتىكەن، كىيىن ئاقسۇدىكى مەلۇم بىر ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بايقىشى ۋە شارائىت يارىتىپ بىرىشى بىلەن رەسمى يوسۇندا رەسساملىق ساھەسىگە قەدەم قويۇپتىكەن. كۇپىنچە مەشھۇرلارنىڭ كەچۇرمىشلىرى ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە جاپا مۇشەققەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان بولىدۇ، مانا شۇ جاپا مۇشەققەتلەر مەشھورلارنى يىتىشتۇرۇپ چىقىدىغان ئەڭ ياخشى مەكتەپ بولۇشى مۇمكىن. غازى ئەمەت ئەپەندى ئىنتايىن كەمتەر ،باشقىلارغا قولىدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىلىدىغان ئىسىل ئادەم(2003-يىلى تەلىيىمگە يارىشا بىر قىتىم كۆرۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدىم. ). بۇمۇ ئۇ زاتنىڭ تۇرمۇش كەچۇرمىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مۇمكىن بولسا ئۇستازىمىز غازى ئەمەت ئەپەندىنىڭ تىخىمۇ تولۇقراق بولغان ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق مەزكۇر تىمىنى يەنىمۇ بىيىتقان بولسىڭىز.
1som
Posted: 2008-03-04 18:21 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.051380(s) query 4, Time now is:03-07 14:26, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation