Ghunche
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 258
شۆھرىتى: 265 نومۇر
پۇلى: 2640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 ئوسمان توغرىلىق ئازغىنە ئەھۋاللار

       ئوسمان توغرىلىق ئازغىنە ئەھۋاللار

                            (خەن يۇۋېن)

       ئوسمان ئەسلى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقتىدا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولۇپ، ئالتاي ناھىيىىسدە تۇراتتى. ئەمىلىيەتتە ئۇ بىر باندىت بولۇپ، قۇمۇل- ئۈرۈمچى ئوتتۇرسىدىكى قاتناش لىنىيىلىرىگە داۋاملىق ئادەم ئەۋەتىپ، گومىنداڭنىڭ قانتاش ترانسىپورتىغا بۇزغۇنچىلىق سالاتتى ۋە ئۇلارنى پاراكەندە قىلاتتى. شۇنىڭدەك شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇلاڭچىلىق قىلاتتى.
       بىز شىنجاڭغا كىرگەن ۋاقتىمىزدىلا، يۇقىرىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنىڭ بىرسى، ئوسمانغا تاقابىل تۇرۇش ئىدى. بىزنىڭ ئالدىن ماڭغان ئادەملىرىمىز قۇمۇلدىن ئۆتۈپ، لىياۋدۇڭغا كەلگەندە، ئوسمان باندىتلىرى ماشىنىنى توساپ بۇلىماقچى بولغان. ئەمما بىز قارىشى تۇرغانلىتقىن، بۇلاپ كېتەلمىدى. بۇنىڭدىن ئاۋال، ئوسمان داۋاملىق گومىنداڭنىڭ ھەربىي ماشىنلىرىنى بۇلاپ، ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ماشىنلىرىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۋېتەتتى. گومىنداڭنىڭ ماشىنلىرى، بىرروتا ئەسكەرنىڭ ھەمرالىقىسىز ماڭالمايتتى.
      مەن گۇچۇڭغا بېرىپ، ھەممىلا يەردىن، «ئوسماننىڭ دەردىدە كۈن كەچۈرمەك تەس بولدى» دەيدىغان ئىنكاسلارنى ئاڭلىدىم.دەل شۇ ئەۋالغا قارىتا، بىر نەچچە كەنتلەرگە ئەسكەر ئەۋەتىپ، نەچچە تۈركۈم بۇلاڭچىلىق قىلغان ئوسمان باندىتلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن يۇقاتتۇق. ئەڭ ئاخىرى بىر جەڭدە، فۇكادا ئوسماننىڭ ئۇكىسىنى تۇتىۋالدۇق.
     1946- يىلى باھار پەسلى، ماچڭشىياڭ (قورچاق ئاتلىق 5- كورۇپۇس كوماندىرى) ماڭا تېلىگىرامما يوللاپ، ئادەم ئەۋەتىپ، ئالتاي تېغىدىكى ئۇرۇلغۇ دەرياسى تەرەپتىن ئوسماننى تۇتىۋېلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچىدىن روتا كوماندىرى ماتىيەنفۇ ئوسمانغا قورال- ياراق ئاپىرىپ بەرگىلى كېتىپ، تېخى قايتى كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ئادەم ئەۋەتتىم. ئۇلار ئەرتەي ئەتىراپىدا ئوسمان بىلەن ماتيەنفۇنى ئۇچراتقان. شۇ ۋاقىتلاردا ئوسمان بەيتىك تاغلىرى ئەتراپىدا تۇراتتى. تەخمىنەن نەچچە مىڭلىغان چېدىرلىرى بار ئىدى. كېيىن يۇقىرى ماڭا، بارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئوسماننى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تاپشۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئوسمان بىلەن مۇناسىۋەتلىشىشكە باشلىدىم. بىرىنچى قتېىم مەن سوغا قىلىپ بىر دانە چىڭخەي ئېتى – يىلپىز بىلەن بىر دانە 20 تاتار تاپانچا ئەۋەتتى. ئوسمان ئاتتىن بەك خوش بولغان. ئوسمان ماڭا 2 دانە قول پىلموتى ئەۋەتتىپ مۇنداق دىگەن: «مەن بۈگۈندىن ئېتىۋارەن ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا بولىمەن. بىز ئاكا- ئۇكىلار ئۆز- ئارا ياردەمدە بولۇپ، ئوبدان ماسلىشىپ، بۇندىن كېيىن سەن ماڭا قانداق ئىش قىلىشنى تاپشۇرساڭ، چوقۇم ئورۇندايمەن» دېگەن. ئىشلەيدىغان ئاساسىي كىشلىرىدىن مانات، قاپاس دېگەن ئىككى پولك كوماندىرى، سەنمۇجاڭ لىتىپ، كاتىپ قورمان، ئىدارە باشلىقى قاناتۈاي، ئىككى بەيسى ۋە بىر نەچچە تەيچلىرى بار ئىدى. ئوسمان گومىنداڭغا ئۆتكەندىن كېيىن، لىتىپ، قۇرمانغەلىلەرنى ۋەكىل قىلىپ، ئىككى قېتىم سۇ شىلىيەن بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۈرۈمچىدە ئوسمان قوشۇنىنىڭ ۋە قورال- ياراق تەمىنات مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
      1947- يىلى مەن مەسئۇل بولۇپ ئوسمانغا ئۇن، رەخ قاتارلىق ماددى لازىمەتلىكلەرنى يەنە 200 دانە تۆگە ۋە 500 نەچچە تال قورال ئاپىرىپ بەردىم. شۇندىن كېيىن ھەر يىلى قورچاق ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي باشقارمىسى رەخ ئاجىرتىپ، گۇچۇڭغا ئاپىرىپ بېرەتتى. ئوسماننىڭ گۇچۇڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسى جانات ساڭغىل تۆرە ئارقىلىق ئوسمانغا يەتكۈزۈپ بېرەتتى. 1947- يىلى باھاردا ئوسمان شەخسى ۋەكىل قاناتباينى يەنە ئەۋەتىپ، ئۈرۈمچىدە سۇڭ شىلىيەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرشىنى تەلەپ قىلدى. قورچاق ئۆلكىلك ھۆكۈممەت ئوسماننى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىلىقىغا، لاتىپنى مۇئاۋىن ۋالىلىققا قوشۇمچە گۇچۇڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى.
      1947- يىلى كۈزدە ئوسمان قوشۇنلىرى جىمساردىكى مىڭ ئۆينىڭ ئۈستىگە جايلاشقاندا، مەن بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا مەن ئوسماننى تونۇيدىغان پولك كوماندىرى خەن فەن بىلەن تەرجىمان ماشىمىڭنى، ئىككى سەنمۇ ۋە بىر فۇگۈەننى ئېلىپ بارغان ئىدىم. تۇرالغۇ جايغا بېرىپ مەخسۇس ئوسماننىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن 20 نەچچە چېدىر تىكىلگەنلىكىنى كۆردۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئوسماننىڭ ياتاق ئۆيى، ئامبىرى، مېھمانخانىسى، شۇنىڭدەك خىزمەتكارى ۋە كانىۋايلىرىنىڭ ياتاقلىرى، قاماقخانا قاتارلىقلار بار ئىدى. شۇ چاغدا پوس بىزنى مېھمانخانىغا باشلاپ قويغاندىن كېيىن، 20 مىنۇت ساقلىدۇق. بۇ چاغدا بىر ئىگىز بويلۇق، قىپ- قىزىل يۈزلۈك، قاپ- قارا بۇرۇتلۇق بىر قازاق كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭغا ھەمرا بىر نەچە ئادەم بار ئىدى. پولك كوماندىرى خەننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆز- ئارا تونۇشۇپ، ئامانلىق سوراش ۋە تەكەللۇپ سۆزلىرىدىن كېيىن، مەن پەقەت ئاددىيلا قىلىپ كېلىش مەقسىدىمنى قىلدىم: (1) ھۆكۈمەتنىڭ قوماندانلىقىغا ئورتاق بويسۇنۇش كېرەك. (2) قانداق ئىش ۋە شەرت بولسا ئوتتۇرغا قويۇڭلار، بىز ياردەم بېرىمىز. شۇ ۋاقىتتا ئۇ: «مەن سىلەرگە ئىشىنىمەن، بىزنىڭ مۇداپىئە رايونىمىز ئىچىدە چوقۇم سېنىڭ قوماندانلىقىڭنى ئاڭلاپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىمىز» دىدى. شۇندىن ئېتىۋارەن، بىزنىڭ ئارىمىزدا بېرىش- كېلىش باشلىنىپ، قانداق ئىش بولسا، سەنمۇ ۋە فۇگۈەنلىرىنى ماڭا ئەۋەتتى. شۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭ قورچاق گارنىزون باش قوماندانى سۇ شىلىيەن ئوسمان بىلەن ئۆزى كۆرۈشمەكچى بولدى. مەن بۇ پىكىرنى يەتكۈزدۇم. ئاقىۋەتتە ئوسمان بارماستىن، چوڭ ئوغلى شاردىمان ئۈرۈمچىگە كېلىپ، سۇڭ شىلىيەن بىلەن كۆرۈشتى.  ئۇنىڭدىن قوراللىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. سۇڭ پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇل بولدى. كېيىنچە ئوسمان قوشۇنلىرى يەنە تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ چارۋا ماللىرىنى نۇرغۇن قېتىم بۇلىدى. بىزمۇ ئوسمانغان نۇرغۇن قېتىم ئېيتتۇق. ئەمما بۇنى توسىۋالالمىدۇق. تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ خارجى مىنىستىرلىكى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ئولتىماتىم تاپشۇرغان ئىكەن.
       تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك گارنىزۇن بىلەن ئالاقىلاشتى ۋە سۇ شىلىيەندىن ئوسماننى باشقا دۆلەت نەرسىلىرىنى بۇلاپ- تالاشتىن توساشنى تەلەپ قىلدى. سۇڭ شىلىيەن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىنى گۇچۇڭغا ئەۋەتىپ، ئوسماننى چاقىرىپ يىغىن ئاچتى، ئوسمان كەلمىدى. مۇئاۋىن ۋالى لاتىپ ۋە باشقا بىر مۇنچە كىشلەر كېلىپ يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا: (1) بۇلاپ كېلىنگەن نەرسە- كېرەكلەر بىردەك قايتۇرۇلىدۇ.ئۇنداق قىلىنمىسا تەدبىر قوللىنىلىدۇ. (2) كېيىن بۇ خىل ئىشلار قايتا سادىر بولمىسۇن دىگەن ئىككى ئىش گەۋدىلەندۈرۈلدى. يىغىندىن كېيىن بۇلاپ كەلگەن 600 دىن ئارتۇق چارۋا مال تاشقى موڭغۇلىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلدى. كېيىن سۇڭ شىلىيەن يەنە مېنى ئىشقا سېلىپ، ئوسمان بىلەن ئۆزىنىڭ كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    دەل شۇ پەيتتە، ئوسمان گۇچۇڭغا مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ ئىككى كۈن تۇردى. بۇ چاغدا مەن گەرچە شۇنداق قىزغىن كۈتۈپ، تاماقنى ئۆزەمنڭ ئۆيىگە، ياتىغىنى ئۆزەمنىڭ ئىشخانسىغا ئورۇنلاشتۇرساممۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدى. كېچىسى ئۇخلىغاندا ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇخلىماستىن، ياستۇقنى بوسۇغىغا قويۇپ يېتىپ، كۆرۈش ۋە ئاڭلاشقا ئوڭايلىق ياراتتى. مەن بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈشكە باشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن 1948- يىلى يازنىڭ ئاخىرىدا ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئوسمان ئېھتىيات قىلىپ شىمىگودا تۇرۇپ سۇڭ شىلىيەن بىلەن كۆرۈشتى. مۇزاكىرە ۋە مۇلاھىزىلەردىن كېيىن، ئوسماننىڭ قوشۇنلىرىنى تەربىيلەش قارار قىلىندى. قورچاق قوماندانلىق شىتاۋى بىر تەپتىش گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىپ، مېنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىپ تەيىنلىدى.  تەخمىنەن 1000 ئەتىراپىدىكى ئادەمنى ئىككى چوڭ ئەتىرەتكە بۆلۈپ، رەسمىي مەشق قىلدۇردى. بۇ ئىش تاكى 1949- يىلغىچە داۋاملاشتى. ئوسمان گۇچۇڭ، جىمىسار ئەتىراپلىرىدا تۇردى. 1948- يىلى مېنىڭ قوشۇنلىرىم بىلەن ئوسماننىڭ قوشۇنلىرى بىر رايۇندا تۇرۇپ، ئارلىشىپ ئۆتتۈق. بىر قېتىم مەن ئۇنىڭ تېرە ئىشتىنىنىڭ ئىچىدە تاپانچا تۇرغىنىنى كۆردۇم. بۇ ئۇنىڭ بىزدىن يەنىلا ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتەتتى.
     1949- يىلى بىزنىڭ قوشۇنىمىز ھەقىقەتكە ئۆتۈشكە تەييارلاندى. مەن ئۇنى بىرلىكتە ھەقىقەتكە ئۆتۈشكە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مەن ئۈرۈمچىگە كىتىۋېتىپ، جىمىساردىن ئۆتكەندە ئوسمان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى ھەقىقەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلتۈردۇم. شۇ چاغدا شۇ چاغدا ئۇ يۈزدە- يۈز قوشۇلغان ئىدى. كىم بىلسۇن ئازاتلىقتىن كېيىن، مەن قوماندان ۋاڭ جېنغا بۇ ئەھۋالدىن دوكلات بېرىۋاتقىنمدا، ئوسمان ئاللىقاچان بارىكۆلگە يۆتىلىپ كەتكەن. قوماندان ۋاڭ جېن ماڭا يول- يۇرۇق بېرىپ ئادەم ئەۋەتىپ ئوسماننى قولغا كەلتۈرۈشنى تاپشۇردى. شۇ ۋاقىتتا ئوسماننىڭ بىر نەچە ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە كەلدى. قوماندان ۋاڭ ئۇلارغا پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، كېيىن يەنە ماڭا ئادەم ئادەم ئەۋەتىپ ئوسماننى ھەرىكەتلەندۈرۈشنى جىكىلىدى. مەن بىر نەچچە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرسەممۇ، ئۇ يەنىلا كەلمەستىن بەلكى قەتئىي تۈردە خەلق بىلەن دۈشمەنلەشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئوسمان قۇمۇل ئەتىراپىدا ئازاتلىق ئارمىيىسىگە قارىشى ھۇجۇم قوزغىدى. 1950- يىلى ئوسماننى گەنسۇدىن تىرىك تۇتۇپ كېلىپ، كېيىن باستۇرۇپ تاشلاندى. 


 
مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرياتى 1981- يىلى 8- ئاي 1- نەشىرى
1981- يىلى 8- ئاي 1- بېسلىشى   
    شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى دىگەن كىتاپنىڭ 4- سانىدىن.

[ بۇ يازما Ghunche تەرىپىدىن 2008-03-05 12:35 دە قاي ]
bilqut
Posted: 2008-03-03 21:55 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى

Total 0.045845(s) query 3, Time now is:03-07 19:57, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation