بۇ بەتتىكى يازما : شىنجاڭدا تېچلىق ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلش ئىتتىپاقى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Ghunche
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 258
شۆھرىتى: 265 نومۇر
پۇلى: 2640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 شىنجاڭدا تېچلىق ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلش ئىتتىپاقى

  شىنجاڭدا تېنچلىق ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى توغرىسىدا قىسقىچە ئەسلىمە

                                  (سۇزۇك ھاجىيوف)

      40-يىللاردا شىنجاڭدا جاللات شىڭ شىسەي يۈزىگە تارتىۋالغان يالغان ماركسىزىمچىلىق نىقاۋىنى يىرتىپ تاشلاپ يولداش چىڭ تىيەنچۇ، ماۋزېمىڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزالىرىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ئىلغار كۈچلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىرىنى كەڭ دائىرىدە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى فاشىستلارچە ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قىرىپ چاپتى، قامىدى. شۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۆزىنىڭ ماركىسىزىمدىن يۈز ئۆرىگەنلىكىنى مەتبۇئاتتا ئۇچۇق ئېلان قىلىپ، ئېيتقات قىلغۇچى شىنجاڭ ياشلىرىنىڭمۇ بۇ يولدىن قايتىپ ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداقلا سىياسى جەھەتتىكى كەڭ دائىرىدە تېرورلۇق، ئېقتىسادى جەھەتتە ئوچۇق-ئاشكارا بۇلاڭچىلىق يۈرگۈزۈپ، بۇلاپ تالىغان بايلىقىنى 30 دىن ئارتۇق ماشىنىغا يۈكلەپ شىنجاڭنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە تاشلاپ بېرىپ بوۋىسى جياڭ جيېشىغا 100 مىڭ سەر ئالتۇن پارا بېرىپ ئۇنىڭ قۇچۇقىغا ئۆزىنى ئاتتى. ئاخىرىدا تەيۋەنگە قاچتى.
      گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ چىرىك ھاكىميىتى ۋە ئۇنىڭ چىرىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىغا قالغان شىنجاڭ جەلقى سىياسى جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىق زۇلۇمىغا ئىتىسادى جەھەتتە تېخىمۇ كەڭ تالاپ بۇلاشقا، تۇرمۇشتا تېخىمۇ خورلۇق ۋە كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ شىنجاڭ خەلقى ئۈستىگە سالغان قاتمۇ-قات زۇلىمى چېكىدىن ئاشتى. شىنجاڭ خەلقىنىڭ سەۋىر قاچىسى غەزەپ-نەپرەت بىلەن تولۇپ تاشتى. بۇنىڭ ئەمەلىي جاۋابى تەرىقىسىدە 44-يىلى 11-ئايدا نىلقا ناھىيىسىدىن باشلىنىپ چاقماق تېزلىكىدە ئىلى، چۆچەك، ئالتاي ۋىلايەتلىرىگە تارقاپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلاۋى ھەركىتى قوزغالدى. ئۈچ ۋىلايەت خەلقى چاقماق تېزلىكىدە ئىنقىلاپ قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ كەڭ دائىردە قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئاقسۇ، قەشقەر، قۇمۇل ۋە ئۈرۈمچى ۋىلايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىدىكى ئىنقىلاپ بورىنى جىياڭ جيېشى باشچىلىقدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى نەنجىڭ ھۆكىمىتىنى زىل-زىلىگە كەلتۈرىۋەتتى. ئىچكى ئۆلكىلەردە جۇڭگو گۇڭچەنداڭى رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىن يەۋاتقان زەربە، شىنجاڭدا بولسا ئۈچ ۋىلايەتنى مەركەز قىلغان زۇلۇمغا قارشى قوزغىلاڭ مىليۇنلىغان خەلقىنىڭ قۇراللىق ئىنقىلاۋى زەربىسى، بۇ ئەكسىيەتچىلەرنى ئويلاۋىراق ئىش قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئۆزىنىڭ مەشھۇر سىياسەتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان جاڭ جىژجۇڭنى شىنجاڭغا چىقىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ھۆكۈمىتىگە ئۇرۇشىنى توختۇتۇپ، تېنىچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلش تەكلىۋىنى قويۇشقا مەجۇر بولدى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ھۆكۈمىتى گومىنداڭنىڭ بۇ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلىپ بۇلار بىلەن بولىدىغان تىنچلىق كېلىشىمى توغرىسىدىكى سۆھبەتكە مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى، رەخىمجان سابىر ھاجىيۇپ ۋە ئۇبۇلخەيرى تۆرە باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇن مۇدەتلىك تالاش-تارتىش ۋە سۆھبەتلەردىن كېيىن، 46-يىلى 6-ئايدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا 11 ماددىلىق سىياسىي كېلىشىم (بىتىم) ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن شىنجاڭدا ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئاساس قىلىنغان «شىنجاڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى» تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭ بويىچە ناھىيىلىك ھاكىميەت ئورگانلىرى، ناھىيىلىك، ئۆلكىلىك كېڭەش ئەزالىرىنى خەلقچىل ئاساسىدا سايلاپ چىقىش ئۈچۈن جايلارغا سايلام گۇرۇپپىلىرى ئېۋەتىلدى. بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە گىراژدانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا سايلامغا قاتنىشىپ ئۆزلىرى ئىشەنگەن ۋە ئىختىيار قىلغان كىشىلىرىنى ھەر دەرىجىلىك ھاكىميەت ئورگانلىرى ۋە كېڭەشلەرگە سايلاشقا ئىنتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى-ئالدامچىلىقى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ۋىلايەتلەرنىڭ سايلىمى ياخشى ئۆتمىدى. نەتىجىدە 11 ماددىلىق سىياسىي بېتىمنىڭ ئىجراسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشقا باشلىدى. 47-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلماقچى بولغان ئۆلكىلىك كېڭەش ئەزاللىرىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسلىرىنى سايلاش يىغىنىمۇ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ئارقىسىدا ئېچىلالماي گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ 11 ماددىلىق سىياسى كېلىشىمىنى بۇزۇشى بىلەن ئاياغلاشتى، ئاقىۋەت، مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىغىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى، ئۆلكىلىك كېڭەش ئەزاللىرى، تۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئۆلكىلىك كېڭەش ئەزاللىرى ۋە بىر قىسىم ئىلغار كۈچلەر، ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىن غۇلجىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ كۆچۈش 47-يىلى 7-8-ئايلاردا بولۇپ ماناس دەرياسى قايتىدىن چېگرا ھالىتىگە كەلدى.
       مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى باشچىلىغىدىكى ئىنقىلابى ھاكىميەت كۈچلىرى ۋە مىللى قوشۇن، 7 ۋىلايەتتىن ئايرىلىپ چىققان ئىلغار كۈچلەر ئىنقىلابى ھاكىميەت بازىسى بولغان غۇلجىغا يىغىلىپ قاينام تاشقىنلىق بىلەن ئىش باشلىدى، ئۈچ ۋىلايەت ھاكىميىتى بۇ جەرياندا پۈتۈن ئىشلارنى بىرلا مەركەزدىن يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرەر تەشكىلاتنىڭ بۇلۇشىغا تەقەززا قىلدى، بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت تەييارلىق كۆرۈلگەندىن كېيىن مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىغىدا 48-يىلى 8-ئايدا «شىنجاڭدا تىنىچلىق ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى (قىسقارتىپ ئىتتىپاق دېيىلدۇ)»، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلدى، بۇ تەشكىلاتنىڭ بېشىغىلا «شىنجاڭ» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ قۇيۇلۇشى شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى قىلىپ ساقلاش، مۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئىنقىلابىمىزنى قوللىغۇچى، بىزنىڭ ھوقۇقىمىزنى قوغدىغۇچى ۋە بىزنىمۇ ئۆزى بىلەن تەڭ كۆرگۈچى ئۇلۇغ جۇڭگو گۇڭچەنداڭنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئەبەدى ئايرىلماسلىقتەك ئۇلۇغ نىشان ئاساسى مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ قوراللىق كۈچلىرىدىن تارتىپ ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئىشلىرىغىچە ئىتتىپاقنىڭ بىرلىككە كەلگەن يېتەكچىلىكىدە ئىش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئىسىمغا تىنچلىق-خەلقچىلىق دېگەن ئاتالغۇنى كىرگۈزۈشتىكى مەقسەت، شىنجاڭدا ھەقىقىي دېموكراتىيىنى قەتئىي جارى قىلدۇرغاندىلا، تىنىچلىقنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىتتىپاقنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە ئاپاراتلىرىمۇ شۇنىڭغا لايىقلاپ تەسىس قىلىنغان. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ۋىلايەت، ناھىيىلىك ۋە يەرلىك تەشكىلاتلىرىمۇ ئارمىيە ئىچى ۋە سىياسىي ئۇرۇنلاردىن تارتىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغىچە، زاۋۇت، كانلاردىن تارتىپ يېزا-قىشلاق، چارۋا رايونلىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە ئۆزىنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، يۈزمىڭلىغان ئەزا قۇبۇل قىلىپ ئۇلارنى بىر مەركەزگە ئۇيۇشتۇرۇپ يېڭى ھايات ئىنقىلابى روھ ۋە جۇڭگو گۇڭچەنداڭىنىڭ رەھبەرلىكىدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارىشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خەلق ئازاتلىق ئۇرۇشىنىڭ خەۋەرلىرى ۋە غەلبىلىرى بىلەن ئۆز ئەزاللىرىنى، ئارمىيىنى تەربىيلەپ، شەرقتىن يورىۋاتقان ئازاتلىق تېڭىنىڭ شىنجاڭدىمۇ بالدۇراق ئېتىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتتى. 49-يىلنىڭ ئايىغىدا بۇ تاڭمۇ ئاتتى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھاكىميىتى ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ ۋەكىللىرى، 7 ۋىلايەتتىكى ئىلغار كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچى كۈچلىرىنى قاتتىق بېسىم ئاستىغا ئېلىپ، جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ قۇدرەتلىك ھۇجۇمىغا ماسلىشىپ، گومىنداڭچىلارغا شەرتسىز تەسلىم بولۇشنى قۇبۇل قىلدۇرغان ھالدا جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنى ئۇلۇغ تەنتەنىلەر بىلەن كۈتىۋېلىپ، شىنجاڭنى تىنىچلىق بىلەن ئازات قىلىشتەك ئۇلۇغ ئىش غەلبىلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ئۈچ ۋىلايەت ھاكىميىتىمۇ قوراللىق قوشۇندىن تارتىپ بارلىق ھاكىميەت ئورگانلىرىنى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇنى پۈتۈن بىر گەۋدە قىلدى.
شۇنىڭدەك ئىتتىپاقمۇ ئۆزىنىڭ باش ئورگىنى بولغان ئىتتىپاق باش ئىجرائىيە ھەيئىتىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك پارتىيە بيۇروسىنىڭ يېتەكچىلىگىدە ئۆز پائالىيتىنى باشلىدى. ئىتتىپاق باش ئىجرائىيە ھەيئىتى شىنجاڭ بويىچە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدىن باشلاپ تاكى ئۇنىڭ يېزىلىق تارماقلىرىغىچە، مەدەنىي-مائارىپ، نەشرىيات ئورگانلىرىدىن تارتىپ ئىختىساتلىرىغىچە ئۆتكۈزىۋېلىپ ئۆز تەشكىلىنى قۇردى. ئىتتىپاق ئۆز خىزمىتىنى باشلاپ ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىت ئىچىدىلا بىر قانچە يۈز مىڭ ئەزا قۇبۇل قىلىپ، ئۇلارنى جۇڭگو گۇڭچەنداڭى ۋە خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە خىسلىتى ھەققىدە جىددىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە تەشۋىقات ۋە تەرغىبات ئېلىپ باردى. مۇندىن باشقا ئىتتىپاق ئۆزىنىڭ نەشرى ئەپكارى بولغان «ئالغا» گېزىتى ۋە «ئالغا» ژۇرناللىرى ئارقىلىق پارتىيە سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز تەشۋىق ۋە تەرغىپ قىلىدى.
      ھۆكۈمەت ھەر دەرىجىلىك ھاكىميەت ئورگانلىرىنى قۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىللىرىنى جايلارغىچە تەشكىللەپ ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىپ جەمئىيەتنى نورمال ئۆز ئىزىغا سېلىۋالغىچىلىك بولغان 5 يىل ئىچىدە، ئىتتىپاق سابىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى باشقۇرۇپ كەلگەن ئون مىڭلىغان مەكتەپ، بىر قانچە يۈز مىڭلىغان ئوقۇغۇچى، جەمئىيەتتىكى بارلىق مەدەنىي-مائارىپ ئورگانلىرى، كۇلۇپلار، خەلق باغچىلىرى، بالىلار باغچىلىرى، دارىل ئاجزىن (ئىگە-چاقىسىز، قېرى-چۆرى، مېيىپ ۋە تىلەمچىلەرنى يىغىۋېلىپ بېقىش ئۇلارنى ئۆز لايىقىدا كەسىپكە ئۇيۇشتۇرۇش ئورنى)، دارلىتام (يېتىم-يېسىرلار مەكتىپى)، بوغالتىرلىق ۋە سەنئەتچىلەر يېتىشتۈرۈش كۇرۇسلىرى قاتارلىق ئۇرۇنلارنى باشقۇرۇپ ۋە تەمىنلەپ ھۆكۈمەتنى ناھايىتى زور ئىقتىسادى بېسىم ۋە باشقۇرۇش بېسىمىدىن خالىي قىلىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەتكە يېقىندىن ھەمكارلاشتى. مۇندىن باشقا ئامېرىكا جاھانگىرىلىكىگە قارىشى تۇرۇپ چاۋشىيەنگە ياردەم بېرىش ھەرىكىتگە پائال ئاۋاز قوشۇپ زور مىقداردا ئىئانە توپلىدى.
      ئىتتىپاق، 1954-يىلى ئۆزىنىڭ تارىخىي بۇرۇچىنى ئاياغلاشتۇرغۇچىلىك بولغان ئارلىقتا، ئۆز خىزمەتلىرىنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئۈنۈملۈك ئادا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلغارلىق رولىنى ئەتراپلىق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتائازىيە بويىچە مىللى ئۇسلۇپ ۋە ئۇيغۇر مېمارچىلىقى (ئۆي-ئىمارەت قۇرۇلۇشى) ۋە نەققاشچىلىقنى ئالاھىدە ئەكىس ئەتتۈرگەن ئۈرۈمچى نەنمىڭدىكى مەشھۇر «خەلق تىياتىرى»نىڭ بىناسىنى ئۆز خىراجىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇكەممەل پۈتتۈرۈپ ۋە تولۇق جاھازىلاپ، ھۆكۈمەتكە ئۆتكەزدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆز قولىدىكى كۆچمەس مۈلۈك (ئۆي-ئىمارەت) ئىقتىساد ۋە كادىرلىرىنىمۇ ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئۇتۇغلۇق تاماملىدى، تەپسىلى بايان ۋە رەقەملىك سانلار ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىغا كىرگۈزۈلىشى مۇمكىن.

مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1982- يىلى 1- ئاي 1- نەشىرى، 1982- يىل 2- ئاي1- بېسىلىشى
    شىنجاڭ تارىخ ماتېرياللىرى دىگەن كىتاپنىڭ 5- سانىدىن ئېلىندى

[ بۇ يازما Ghunche تەرىپىدىن 2008-03-05 12:22 دە قاي ]
bilqut
Posted: 2008-03-04 22:21 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى

Total 0.047331(s) query 3, Time now is:03-07 19:57, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation