Quote:
1 - قەۋەتتىكى kokbora7411 2008-03-06 00:08 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش :
"... لېكىن خېلى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. مەسىلەن، <<ھون>>نى <<شئوڭنۇ>>، تەڭرىنى <<چىڭلى>>، <<قۇت>>نى، <<گوتۇ>>............ۋە باشقىلار."
------------------------------------------------------------------------------------
ھەببەلى !مەن دەل مۇشۇنى بىلمەكچى .قەدىمقى خەنزۇچە "شىئوڭنۇ" نى تۈركچە-ھونچە "ھون" دەپ ئوقۇشنىڭ بىرەر ئىلىمى دەلىل ئىسىپاتى بارمىدۇ دىمەكچى .بۇمۇ ھونلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە ،
يەنە بىرى ھونلارنى ئاللا كىملەرنىڭ "كورۈمسىز ،پاناق ..." دىگەن سۈپەتلىرى ماڭا نىسبەتەن ئانچە مۇھىم ئەمەس ،سىز-بىزنىڭ كۆزىمىزگىمۇ باشقا مىللەت تائىپىللىرى ئۇنچە گۇزەل ،خۇش پىچىم كۆرۈنۈپ كەتمەيدۇ .شەرقى رىم تارىخچىللىرىنىڭ ھونلارنى بىر خىل يىرگىنىش كەيپىياتتا تەسۋىرلىگەنلىك توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى باشقىلارمۇ ئۇچراتقان بولىشى مۈمكىن .بىزگە شەرقى رىم تارىخچىللىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش تېخى نىسىپ بولىغىنى يوق .باشقىلارمۇ مۇشۇنداق بايانلار بار دىسە تۇرىۋەرسۇن .مۇشۇ باھانىدە "شەرقى رىم تارىخچىللىرىنىڭ ھونلارغا بولغان يەنە قانداق تەسۋىرلىرى بار" بۇمۇ مۇنارىگە چۈشۈپ قالار .
بولسا خاتلىقنى بايقىغاندا "بۇنداق گەپنى نەدىين تاپتىڭىز ؟" دەپلا ئۆتۈپ كەتمەي ،شۇ زادى قانداق گەپلەر ئىدى ،قايسى توغرا ،قايسىسى ناتوغرا دىگەنلەرنىمۇ قۇشۇپ ياڭساق .ئادەم دۇنيادىكى كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ كېتەلمەيدۇ-دە .
"<<تۈركى تىلدا "ھ" ھەرپىلىك سۆز يوق .بۇنى مەھمۇت بوۋىمىزمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن>> دەپسىز ئەمدى بۇنىڭغا كەلسەك ھونلار بۇرۇن ئۆزلىرىنى <<كۈن>> لەر دەپ ئاتىغان بۇ <<كۈن>> دېگەن سۆز بارا - بارا <<ھون>> سۆزىگە ئۆزگەرگەن. "
------------------------------------------------------------------------------------------------------------
ھونلار بىلەن تەڭ جەڭگە چىققاندەكلا گەپ قىلىدىكەنسىز .
بۇ تىلشۇناسلىققا ئائىت گەپكەن ،مەنمۇ كۆرگەن .بەزى تارىخچىلارمۇ مۇشۇنداق ئۆزگۈرۈش ئىھتىمالى بارلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان .گەپ تۈركى-ئۇيغۇر تىللىرىدا "ھ" ھەرپى ئەزەلىدىن بولمىغاچ ،بىزنىڭ تىلىمىغىمۇ ئانچە راۋان كېلىپ كەتمەيدۇ .مەسىلەن :holland نى گوللاندىيە ،hetler نى گېتلېر ،hongary نى ۋېنگېرىيە دەپ ئۆزگەرتىۋالىمىز .سەۋەپ يۇقاردا .تىل ئادىتىمىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ،بىز "كۇن" نى ھون دەپ ئەمەس ،"ھون"نى كۈن دەپ ئىستىمال قىلساق توغرا بولاتتى .
بۇنىڭغا ھەممەيلەننىڭ سەل تەپسىلىرەك مەلۇمات بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .بۇنى بىلىش ئىھتىياجى يالغۇز مەندىلا بولسىغۇ بۇ يەرگە خەت يېزىپ يۈرمەي شۇ كىتاپلارنى ئوقۇپلا ئولتۈراتتىم .
"يەنە دىسەم گەپ تولا لېكىن مەن بەكلا ئالدىراش كەچۈرۈڭ قاتتىق گەپ قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرۋىتەرسىز!!!"
يەنە ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەپسىلىرەك ئۇچۇر بېرىڭ ،قولىڭىزدا ماتىرياللار تولۇقكەن .ەۇماننى يەشمىسەك بولمايدۇ .
راست ،كەچۈرۈم سورىغىدەك قاتتىق گەپ قىلماپسىز ،يېزىۋېرىڭ