Xojaniyaz
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 قۇم،ئونسۇ دېگەن نام توغرىسىدا

تارىختىكى «ئونسۇ بەگلىكى»،«ئونسۇ»ۋە «قۇم»دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقشى

خوجا نىياز

  تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ،ھازىر بىز ئۇچتۇرپان دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بۇ يۇرت، چىن ۋە خىن سۇلالىسى دەۋرى(مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلدىن مىلادى 220-يىلغىچە )ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرلەردە غەربىي يۇرتتىكى 36بەگلىكنىڭ بىرى بولغان ئونسۇ بەگلىكى((温宿国
نىڭ تۇرۇشلۇق زىمىنى بۇلۇپ  دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقى شۇ زامانغا يارىشا خېلى تەرەققىي قىلغان قۇلدارلىق تۈزۈمدە كېتىۋاتقان قەدىمكى «يىپەك يۇلى»نىڭ شىمالىي يول بەلبىغا، تارىم بوستانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان«شەھەر دۆلەتلىرى »نىڭ بىرى ئىدى .
      بۇ ھەقتە «خەننامە، غەربىي يۇرت، تەركىزسىى»دە مۇنداق دەپ كۆرسۈتۈلگەن. «ئونسۇ بەگلىكى مەركىزى ئونسۇ شەھىرى بۇ يەردىن چاڭئەنگە 8350چاقىرىم كېلىدۇ،ئاھالىسى 2200تۈتۈن،نۇپۇسى 8400 كىشى بۇلۇپ، ئەسكەرلىككە يارايدىغىنى 1500نەپەر...غەرىپتىن سەپەر باي(  尉头国) غا 300چاقىرىم، شىمالدىن ئاسىيۇلار باشكەنتى (ئوردىسى )قىزىل قورغانغا 610 چاقىرىم كېلىدۇ .يېرى ۋە مەھسۇلاتلىرى پىشامشان(كىرورەن)بەگلىكىگە ئوخشاش،شەرىقتىن قۇم بەگلىكى(يەنى قەدىمكى ئاقسۇ)غا بېرىش ئۈچۈن 270چاقىرىم يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ».(1)مانا بۇ ئۇچۇقلىمىغا،ئاساسلانغاندا، قەدىمكى « ئونسۇ بەگلىكى»ئۇچ تەۋەسىدە بۇلۇپ ،بۇنىڭدىن شەرىققە قاراپ قۇم بەگلىكى (قەدىمكى ئاقسۇ)گە بېرىش ئۈچۈن 270چاقىرىم يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى.قەدىمكى «قۇم بەگلىكى »بۈگۈنكى ئاقسۇ كونا شەھەر ۋە يېڭى شەھەر تەۋەسىدە بۇلۇپ، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئەل-بەگلىكى (خاندانلىق )ئىدى .
      ئونسۇ بەگلىكىنىڭ مەركىزى ئوردىسى ئۇچ (ئۇچتۇرپان)دا(ئۇچتۇرپان يېڭىئاۋات يېزىسىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۈلباغ مەھەللىسى ئاتۇز باغ تاغرىغا جايلاشقان، بۇ دەل ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا ئۇدۇل كېلەتتى)ئىدى .
      قەدىمكى «قۇم بەگلىكى » (ئاقسۇ)ھەققىدە «خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە مۇنداق دىيىلگەن:«قۇم بەگلىكى(姑国墨)نىڭ بەشكەنت – مەركىزى جەنۇبىي شەھەر، بۇ يەردىن چاڭئەنگە 8150چاقىرىم كېلىدۇ. ئاھالىسى 3500تۈتۈن، نۇپۇسى 24مىڭ 500نەپەر، ياراملىق ئەسكىرى 4500،جەنۇپتىن خوتەنگە ئاتلىق15كۈنلۈك يول،شىمالىي ئۇيسۇن(乌孙)
لار بىلەن تۇتىشدۇ. ئاقسۇدىن مىس ، تۆمۈر، سېرىق بەرگىمۇش چىقىدۇ. شەرىقتىن كۈسەن(كۇچا )غىچە 670چاقىرىم كېلىدۇ». (2) مانا بۇ پاكىت ئاقسۇ كونا شەھەرنىڭ قەدىمدە «ئونسۇ»دەپ ئاتالماستىن بەلكى «قۇم» دەپ ئاتالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
      «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دىكى ئونسۇ بەگلىكىنىڭ يەر- زىمنىى، مەھسۇلاتلىرى، قۇرال- سايمانلىرى پىشامىشان(كىرورەن)بەگلىكىگە ئوخشاش دىگەن ئۇجۇقلىمىغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى ئونسۇ بەگلىكىنىڭ يېرى قۇم ، شورلۇق، تېرىلغۇ يەرلىرى ئاز، ئوت-چۆپ يايلاقلىرى كۆپ،تاغ – دەريا ۋادىلىرىغا جايلاشقان بۇلۇپ، خەلىق چارۋىچىلىقنى ئاساس، دېھقانچىلىقنى  قۇشۇمچە قىلغان .ئات- ئىشەك ، تۆگە، قوي قاتارلىق مال- چارۋىلىرىنى كۆپلەپ باققان. تېرىلغۇ يەرلىرى ئاز بولسمۇ، ئاشلىق تېرىپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ھەتتا قۇشنا ئەللەرنىڭ يېرىنىڭ ئىجارىگە ئېلىپ ئاشلىق تېرىغان. بەزى ھاللاردا قوشنا ئەللەردىن ئاشلىق سېتىپ ئالغان.
    ھەربىي قورال- ياراق جەھەتتە، قوشۇنلىرى ئوقيا، نەيزە، قېلىچ ،خەنجەر تۇتۇپ ،ئىشمەك (دۇبۇلغا) ساۋۇت كىيگەن. ئوڭ،سول سەركەردىلىرى،ئوڭ، سول كاھىبەگلىرى، ئوڭ،سول ئاتلىق قۇشۇن بەگلىرى، ئىككى نەپەر تىلماچ بېگى قاتارلىق ئەمەلدارلىرى بولغان. تاغلىرىدىن ئالتۇن، قاشتېشى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى چىققان.
  ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمىدە خەنچە ۋېنسۇ温宿 («ئونسۇ»)دەپ ئاتالغانلىقىغا دائىر يەنە «غەربىي يۇرتە يەر ناملىرى » لوغىتىدە مۇنداق ئۇجۇقلىمىنى ئۇچىرتىمىز : «ئونسۇ بەگلىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەرنىڭ بىرى ئۇ ئۇچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇرۇشلۇق ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئۇچتۇرپان ناھىيە تەۋەسىدە » (3) دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتە تۈركىيىلىك تارىخچى ئالىم ، پىرافىسور باھائىدىن ئۆگەل ئۆزىنىڭ «بۇيۇك ھون ئېمپىراتۇرلۇقى تارىخى »ناملىق ئەسىرىدە توبا خانلىقىنىڭ تارىخي ئۇستىدە توختىلىۋېلىپ كۇچا بەگلىكىگە باغلىق بولغان بەگلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇچتۇرپان (ۋېنسۇ温宿) بۇلۇپ ، ۋېنسۇ ؟ئاتلىق كەنتتۇر . بۇ ئاقسۇ (قۇم) بەگلىكىنىڭ شىمال غەربىگە توغرا كېلىدۇ .بۇ كۇچا بەگلىكىگى باغلىقتۇر». (4) قۇم بەگلىكى ھەققىدە يەنە تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارغا ئىگە بولىمىز :«قۇم بەگلىكى غەربىي يۇرتتىكى قەدىمكى بەگلىك ، ئورنى بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونۇم رايۇنى ئاقسۇ كونا شەھەر،ئاقسۇ شەھەرى  ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ، خەلىق دېھقانچىلىقنى ئاساس ،چارۋىچىلىقنى قۇشۇمچە قىلاتتى» (5) «قۇم بەگلىكىنىڭ  ھازىرقى ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاقسۇ ناھىيىسى ۋە ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىدە ». (6) مانا بۇ تارىخىي پاكىتلار تارىختىكى ((温宿国 بەگلىكنىڭ قانداقتۇر ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى ئەمەسلىكىنى بەلكى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ، ئاقسۇنىڭ قەدىمدە «قۇم بەگلىكى»(姑墨国) دەپ ئاتالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ چۇنكى،«قەدىمكى قۇم بەگلىكى » (姑墨国) يەنى «ئاقسۇ» بوستانلىقىنىڭ ئەتراپلىرىنى قۇملۇق، چۆللەر قورشاپ تۇرغاچقا، بۇجاينىڭ تەبىئي شارائىتىغا ئاساسەن «قۇم»دەپ ئاتالغان .
    مەھمۇت كاشغەرى «تۇركىي تىللار دىۋانى »دا قەدىمكى قۇم بەگلىكى (ئاقسۇ كونا شەھىرى ) نىڭ قەدىمدە «بارمان »دەپ ئاتالغانلىقنى  بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : «يۇڭئۇ – بارمان شەھەرچىسىگە ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ نامى، بۇ شەھەرنى ئەفراسىياپ (ئالىپ ئورتۇڭا )نىڭ ئوغلى  شۇ دەريانىڭ بويىغ قۇرغان. قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى (بارمان )بۇلۇپ، شەھەر ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان». (7) بۇنىڭدىن قارىغاندا قەدىمكى قۇم بەگلىكىنىڭ باش كەنتى جەنۇبىي شەھەر مىلادىدىن 6-7 ئەسىر بۇرۇن تۇران خاقانى ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ئوغىلى «بارمان»نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇلىدۇ؟ ھازىر ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قىزىل يېزىسىغا 15كېلومېتىر كېلىدىغان جايدا «پامان» دېگەن مەھەللە بار. قاراڭ، «پامان»،«بارمان»دېگەن سۆزگە؟ بۇ قەدىمكى قۇم (ئاقسۇ كونا شەھەر) بەگلىكىنىڭ باشكەنتى- «بارمان»نىڭ ھازىرقى «پامان»ئەتراپىغا جايلاشقانمۇ قانداق؟دېگەن ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.قەدىمكى قۇم بەگلىكىنىڭ شىمالىي شەھىرى ھازىرقى قارا يۇلغۇن قەدىمى شەھەر خارابىسى ئورنىدا بولۇپ بۇ جايدىن ئىپتىدائىي جەمئىيەت تۇرمۇشىغا ئائىت نۇرغۇن بۇيۇملار تېپىلدى.(8)
      قۇم ھەققىدە مەھمۇت كاشغەرى«تۇركىي تىللار دىۋانى»دا:« قۇم شەھىرىمۇ چېگرا ھېساپلىنىدۇ.قۇم تۈرىكچە سۆزدۇر.ئاغراسسىياپنىڭ قىزى بۇ يەردە دائىم ئوۋ قىلاتتى».(9)دەپ كۆرسىتدۇ.بۇ يەردىكى قۇم بەگلىكى دەل ئاقسۇ قارا يۇلغۇن قەدىمى شەھەر خارابىسى ئورنىنى كۆرسەتسە كېرەك؟ «چۇنكى قارا يۇلغۇنىڭ شەرقىدىكى بىپايان قۇملۇق تارىختىن بېرى كۇچا بىلەن ئاقسۇ ، باي بىلەن ئاقسۇنىڭ چىگىرسى ئىدى».(10)شۇنداقلا قاراخانىيلار خانلىقى (850-1212)بىلەن بۇددىس «ئىدىقۇت (قۇچۇ)ئۇيغۇر خانلىقى (848-1369)نىمۇ تەبىي چىگىرا پاسىلى ئەنە شۇ قۇملۇق ئىدى. تىلشۇناس ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ (قۇم شەھىرى )چىگرا ھېساپلىنىدۇ» دېگىنى ئەنە شۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقىنى بولسا كېرەك .
راھىپ شۈەنجۇاڭ«غەرپكە ساياھەت خاتىرىسى»دە: قەدىمكى قۇم- قۇمبالىق دېگەن تۈركچە سۆزنى، سانسىكىرىتچە «ۋالۇكا» دەپ يازغان.بۇ قۇم،قۇمبالىق دىگەن سۆزنىڭ سانسىكىرىتچە ئىپادە قىلىنىشى ئىكەن (يۈۋېيچىڭ:«شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى يەر ناملىرى تەتقىقاتى»1986-يىلى خەنزۇچە 60-بەتكە قاراڭ).دىمەك،يۇقارقى پاكىتلاردىن كۈرۈۋېلىشقا بۇلىدىكى، ئاقسۇ كونا شەھەر ۋە يېڭى شەھەر تەۋەسى قەدىمدىن تارتىپ مىلادى 1300-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقلاردا «قۇم»«قۇمبالىق» دىگەن نام بىلەن ئاتالغان.
ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن ئۇچ (ئۇچتۇرپان ) قەدىمدە ئونسۇ دەپ ئاتالغان؟
      قەدىمكى چاغدا ئۇچ زىمىندا تەڭرى تاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن ئون چوڭ ئېقىن (ئون سۇ ) بار بۇلۇپ ئۇلار بارا- بارا قۇشۇلۇپ ئېقىپ توشقان دەرياسىنى ھاسىل قىلاتتى. قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەنە شۇ ئون ئېقىن – ئونسۇ ياكى توشقان دەرياسى ۋادىلىرىدىكى تاغ باغرى تۈزلەڭلىكلەردە ھاياتلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى..ئۇچ (ئۇچتۇرپان) شۇ چاغدا ئونسۇ (ئون دەريا ۋادىسى )  ياكى توشقان دەرياسىنڭ بۇيىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ يۇرت خەلىقى يۇرتنىڭ نامىنى «ئونسۇ»دەپ ئاتالغان. خېلى ېاقىت ئۆتۈپ خەن سۇلالىسىگە دەۋرىگە  كەلگەندە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 138-يىلدىن 126-يىلغىچە 1- قېتىم ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 119-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 115-يىلغىچە 2-قېتىم خەن سۇلالىسىدىن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە كەلگەن مەلۇماتچى جاڭ چىيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى غەربىي يۇرت خەلقى ۋە غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتى، ئۆرۈپ- ئادىتى، ئىجتىمائىي ئىگىلىكى، سىياسىي، ئىقتىسادى تۈزۈمى، قاتناش يوللىرى،ھەربىي، مەدەنىيەت ئەھۋاللىرى توغىرسىدا ئۇچۇقلىمىغا ئىگە بولغان.(11)ئۇلار ئۇچىنىڭ قەدىمكى نامى «ئونسۇنى»- ئۇيغۇرچە تەلەپپۇز قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن «ئونسۇ»دېگەن نامنى خەنچە «ۋېنسۇ»دەپ تەلەپپۇز قىلىپ يازغان. ھازىرمۇ ئۇچتۇرپان تەۋەسىدە ئون نەچچە دەريا -ئېقىن بار، ئۇلار: توشقان دەرياسى، بەدەل دەرياسى،كۆكۈرۈم دەرياسى، گۈگۈتلۈك سۇ، قايچا دەرياسى، يېڭىئارىت دەرياسى،زىندان دەرياسى،چوڭتاش دەرياسى،ئۇزەتقۇش دەرياسى،قۇمئېرىق دەرياسى قاتارلىقلار.ھازىرمۇ ھەم توشقان دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان ئاقچى ناھىيىسى تەۋەسىدىكى بىر تارماق دەريانىڭ «ئورۇن ئونسۇ»دەرياسى دەپ ئاتىلىشى،ئۇچىنىڭ قەدىمدە«ئونسۇ»دەپ ئاتالغانلىقىنىڭ ئىزى بولسا كېرەك. چۈنكى تارىخى يازما ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، شۇ چاغدىكى ئونسۇ بەگلىكى، ھازىرقى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنى ئاساس قىلىپ، شەرقىي شىمال تەرەپتە ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ شىمالىي جايلىرىنى، يەنى قىرمىش ئاتا مازىرى، يېڭئارىت، تېرىم، ئارى،ئويبۇلاق،قاتارلىق جايلارنى، قۇم ئېرىق دەرياسىنىڭ شەرقىي جەنۇپ ۋادىلىرى تۇمشۇق، ئويىتېتىر،ئارال چاغراق قاتارلىق جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى . غەربىي جەنۇپ تەرەپتە ھازىرقى ئاقچى ناھىيىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
      ئۇنداق بولمىسا نېمە ئۈچۈن 1980-يىللارغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇيغۇرچە تارىخي كىتاپلاردىن «ئونسۇ» دېگەن سۆزنى ئۇچىراتقىلى بولمايدۇ؟ «ئونسۇ»سۆزى خەنزۇچە (ۋېنسۇ)دېگەن سۆز ئاساسىدا ياساپ چىقىلغانمۇ- قانداق؟ دېگە سۇئال تۇغۇلىدۇ.
    1980-يىللارغىچە بولغان ئۇيغۇرچە تارىخي كىتاپلاردا «ئونسۇ»دېگەن سۆزنىڭ كۆرۈلمەسلىكىدىكى سەۋەپ، ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ قېتىم دېننى ئېتىقات، يېزىق ئالماشتۇرغان. بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ تارىخىنى باشقا چاتئەل تىلىدا يازغان.شۇ سەۋەپتىن قەدىمكى زامان تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمەي ئۈزۈكچىلىك پەيدا قىلغان. بەزى دەۋىرلەردە ئەجداتلىرىمىز بىرخىل يېزىقتىن باشقا ھەرخىڭ يېزىق قوللانغان. مەسلەن:«شىمالىي سۇلالىلەر تارىخي (北史)،«جۇ پادىشاھلىقى تارىخى» (周书)قاتارلىق تاىخي ئەسەرلەردە كۆرسۈتۈلىشچەتۇرپان رايۇنىدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىز يېزىلشى خۇاشاچە- خەنزۇچە، ئوقۇلۇشى خور (ئۇيغۇرچە ) يەنى خەنزۇچە يېزىپ ئۇيغۇرچە تىلدا ئوقۇيدىغان خەت ئالاقە ئىشلىرىنى شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى(مىلادى439-580)دىن باشلاپ ئېلىپ بارغان.
      11  - ئەسىردە ياشىغان تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشغەرى«تۈركىي
تىللاردىۋانى »دا : « قۇچۇ ( تۇرپان ) ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يەنەبىر خىل يېزىقى بار،رەسمىي ھۆججەت،خەت- چەكلىرىنى شۇ يېزىقتا يازىدۇ.ئۇ يېزىقنى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن چىنلىقلاردىن باشقىلار ئوقۇيالمايدۇ»(13)دەپ ئېنىق ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەن.  بۇ خاتىرىلەر ئارخىولوگىيە پاكىتلىرى  ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ ئەمەلىي پاكىتلار دەل مۇشۇنداق بۇلۇپ چىقتى . مىلادى 3ئەسىردىن 10ئەسىرگە ئائىت ھۆججەتلەر، ئەسەرلەرمۇ كۆپ تېپىلدى .تاڭ شۇەنزاڭ (مىلادى 602- 664) مۇ «ئۇلۇغ تاڭ دەۋردىكى غەرپكە سايائەت خاتىرىسى» دە «قەشقەر ،خوتەن ، كۇچالىقلار ھىندى يېزىقى ئىشلىتىدۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ تىلى ھىندى تىلى ئەمەس». (14)دەپ ناھايىتى ئېنىق يازغان .دېمەك، تارىم    ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا بۇددادىنىغا ئېتىقاد قىلغان دەۋىرلەردە يېزىلشى ھىندىچە ،ئوقۇلشى ئۇيغۇرچە بولغان خەت ئالاقە ئىشلىرنى ئېلىپ بارغان . ئەمما خەنلەر بولسا باشىتىن –ئاخىر قەدىمدىن ھازىرغىچە يېزىق ئۆزگەرتمىگەن (زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاز- تولا ئىسلاھ قىلغان بولسىمۇ) ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋە قوشنا خەلىقلەرنىڭ تارىخىنى جۈملىدىن تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تارىخى ئەھۋالىنى قەدىمكى چاغدا قانداق ئاتالغان بولسا ، شۇ ناملارنى خەنچە ھەرىپ بىلەن ئەسلى تەلەپپۇز بويىچە ياكى سۆزلەرنى قىسقارتىپ ياكى مەنىسىنى خەنچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۆز ئەسەرلىرىگە(24تارىخقا )پۈتۈن ماڭغان . مەسلەن :«خەننامە ھونلار تەزكىرىسى » دە ؛
ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر – ئوغۇزلارنى ۋۇجېي(乌揭) ياكى خۇجېي (呼揭)دەپ يازغان .تەڭرى تاغ دېگەن ھونچە سۆزنى تيەن شەن (天山) دەپ يازغان .تۈركچە «ئاق تاغ » دېگەن سۆزنى (بەيشەن)دەپ يازغان. تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى ئەتراپىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولغان «قۇش »لارنى «كىۋوشى » (车师) ياكى  گۇشى (师故) دەپ يازغان . ئۇيسۇن – ئاسيولارنى«ۋۇسۇن» (乌孙) دەپ يازغان، ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئىلى بەگلىكى نى «يىلېگو  » (伊列国) دەپ يازغان .ئالتۇن تاغ دېگەن سۆزنى (جىن شەن )دەپ يازغان . ساكلارنى بولسا «سەيجوڭ »دەپ يازغان . قەدىمكى قەشقەرنى ئۇيغۇلارنىڭ «سۇ ئېلى »دەپ ئاتايدىغانلىقىغا ئاساسەن «سۇلى »دەپ يازغان .قەدىمكى «ئاقسۇ بەگلىكى » نى ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇم »دەپ ئاتايدىغانلىقىغا ئاساسەن خەنچە «گۇمۇ 故墨国» دەپ تەلەپپۇز قىلىپ يازغان.ئۇچتۇرپاننى قەدىمدە ئۇيغۇلارنىڭ «ئونسۇ »يەنى(ئون  دەريا )ۋادىسغا جايلاشقان بەگلىك دەپ ئاتىغانلىقتىن خەنلەر بۇنى «ۋېنسۇ » دەپ تەلەپپۇز قىلىپ يازغان.   
              «24تارىخ » تىن «تارىخي خاتىرىلەر »، «خەننامە » ۋە «كېيىنكى خەننامە» لەردىكى «ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر ماتېرىيالار توپلىمى »نى تاللاپ تەرجىمە قىلش گۇرۇپىپىسىدىكى پىشقەدەم تەتقىقاتچى ، ئالىملار ناھايىتى زور مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن «ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە مۇمكىن قەدەر سۆز – ئىبارىلەرنىڭ قەدىمكى ئوقۇلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە شۇ ئاساستا سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بېكىتىپ چىققان» (15) . «ئونسۇ» مۇشۇنىڭ ئىچىدە .ئۇلار خەنچە ۋېنسۇ(ئونسۇ )نى-ئۇچبەگلىگى دەپ ناھايتى توغرا دەلىللەپ ئالغان.«ئونسۇ »دېگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر قاغانلىقىدا قوللۇنۇلغان . ئورخۇن ئۇيغۇر  قاغانى بايانچۇرنىڭ خاتىرىسگە قۇيۇلغان مەڭگۈ تاش ( بۇ تاش مىلادى 757-يىللىرى ئورنۇتىلغان ) تا :«ئورخۇن ۋە سېلىنگا دەرياسى . . . بويلىرىدا ياشاۋاتقان خەلق ئون ئۇيغۇر ۋە توققۇز ئۇيغۇرلارنى 100يىلدىن ئارتۇقراق بىز ئىدارە قىلدۇق »دەپ يېزىلغان (16) . بۇ ھەقتە مۇڭغۇل ئېلىخانىلار دۆلىتىنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى فەزلۇللا رەشىىدىدىن بىننى ئۇبۇل خەيىر ھەمەدانى (1247-1318) «جامىئوتتاۋارىخ » ناملىق ئەسىرىدە بايانچۇر قاغان ( بىلگە قاغان ) مەڭگۈ تېشىدا دېيىلگەنلەرىگە ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان مەلۇماتنى بېرىدۇ : «. . بۇرۇنقى زاماندا ئۇيغۇرىستان ۋىلايىتىدە ئىككى چوڭ تاغ بولۇپ،ئۇنىڭ بىرىنى «بۇقراتۇبۇزلۇق »،يەنەبىرىنى«ئاشقۇنلۇق تەڭرى » دەپ ئاتىغان . بۇئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا «قارا قۇرۇم »دېگەن بىر تاغ بار، ئۆكتاي خانىنىڭ ئوردىسى ئەنە شۇ تاغنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان .  يۇقىردىكى ئىككى تاغنىڭ يېنىدا يەنە «قۇتتاغ » دېگەن بىر تاغ بار ،بۇ تاغنىڭ بىر يېرىدىن ئون  دەريا (ئون سۇ ) ، يەنە بىر يېرىدىن توققۇز دەريا (توققۇز سۇ ) ئېقىپ چۈشىدىكەن . قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئەنە شۇ دەريا ۋادىلىرىدىكى تاغ ۋە تۈزلەڭلىكلەردە ياشايدىكەن . ئون دەريا ۋادىسىنى بويلاپ ئولتۇراقلاشقانلار ئون ئۇيغۇر ، توققۇز دەريا ۋادىسىنى بويلاپ ئولتۇراقلاشقانلار توققۇز ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان ئىكەن » (17) .يەنە ئوخشاشلا خۇراسانلىق جۈۋەينى 1250-يىلى يازغان «تارىخي جاھان گۇشاي » (جاھاننى ئىستىلا قىلغۇچىلار تارىخى )، 17- ئەسىردە ياشىغان خارەزىم شاھى ئەبۇلغازى مۇھەممەد باھادۇرخان بىننى ئەرەپشاھ مۇھەممەدخان (1606-1663) تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخي شەجەرەئى تۈركى »ناملىق ئەسەردىمۇ يۇقىردىكىگە ئوخشاشلا مەلۇمات قالدۇرۇلغان . قەدىمكى تۈركىي تىللىق خەلىقلەردە دەريا، ھەربىي قۇشۇنلارنى «سۇ»دەپ ئاتايدىغان ئادەت بولغان . بۇنىڭدىن قارىغاندا ،بىز ئۆزىمىزنىڭ يىراق قەدىمدە ياشىغان جايلىرىمىز بىلەن ئەڭ دەسلەپكى تارىخىمىزىنى ئۇنتۇلۇپ كەتكەچكە كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ «ئونسۇ»دېگەن نام ئۇچىرىمايىدغان بۇلۇپ قالغان . لېكىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر خەلقى ياشىغان جايلاردا «سۇ»سۆزى بىلەن بىرىكىپ ياسالغان ئۇيغۇر يەر ناملىرى خېلىلا بار. مەسلەن : ئاقسۇ، يامانسۇ، قاقسۇ، لايسۇ، كۆكسۇ، يانسۇ، قوشسۇ،غولسۇ، گۈگۈتلۈك سۇ، قىزىلسۇ، قاراسۇ، ئالتە سۇ، يەتتە سۇ دېگەندەك. يەتتە سۇ ھەققىدە ياڭ شېڭمىن :« قەدىمكى ئۇيغۇرلار »  ناملىق تارىخي ئەسىرنىڭ ئۇيغۇرچە 40 بېتىدە :«يەتتە سۇ »بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى ۋە بۇ بۆلەككە ئېقىپ كىرىدىغان يەتتە دەريانى كۆزدە تۇتىدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ.دېمەك،«ئون سۇ» دېگەن سۆزمۇ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك «ئون دەريا »دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان . بۇ ھەقتە ئاتاقلىق ئالىم ، پىرافسور ئابدۈشكۈر مۇھەممەدئىمىن «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا »ناملىق ئەسىرىدە :«بىر قەدەر ئۇمۇملاشقان كۆز قاراشتا ئونسۇ ئۇچتۇرپان دەپ قارالماقتا »(18)دەپ كۆرسىتىدۇ.
        ئۇنداق بولسا ،ھازىر نېمە ئۈچۈن تارىختىكى «ئونسۇ»(ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى )ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ ئىسمى بۇلۇپ قالدى ؟
        ئۇيغۇر خەلىقى تەخمىنەن 1300- يىللاردىن باشلاپ ئازاتلىققا قەدەر ھەتتا 1998- يىلى 10- ئايغا قەدەر ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنى «ئاقسۇ»دەپ ھازىرقى ئاقسۇ شەھەرىنى«ئاسۇق بازىرى»دەپ ئاتاپ كەلگەن (2001-يىلىدىن باشلاپ «ئاسۇق بازىرى»نامى بۇ جايدا قۇرلۇش ھۆددىگە ئالغۇچى خېنەنلىك ۋېنجۇلۇقلار تەرىپىدىن «ۋېنجۇ كوچىسى» دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى).چىڭ (مانجۇ) خاندانلىقى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن 1884-يىلى 11- ئاينىڭ 17- كۈنى «شىنجاڭ ئۆلكىسى»نى تەسسىس قىلدى . شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كونا شەھەرنى تاشلاپ (ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن )يېڭىدىن شەھەر بىنا قىلىپ شۇ يەردە ئىش بىجىرگەن. شىنجاڭدىكى مەنچىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆز تەلەپپۇزى بويىچە ئۇيغۇرچە يەر ناملىرىنى بۇزۇپ ئاتاپ يەرلىك خەلىق نىمە دەپ ئاتىشىدىن قەتئنەزەر،ئۆز خائىشى،مۇددىئاسى بويىچە نام قويغان . بەزى جايلارغا «خەننامە» ۋە «تاڭ نامە»لەردىكى يەر نامى- ئاتاقلىرىنى ئۇزۇپ ئېلىپ، يەرلىك ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن.شۇنىڭ بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئاتىشى بىر خىل، خەنچە ئاتىلىش بىر خىل ئاتاق مەيدانغا كەلگەن. ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنى ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپ «قۇم» «ئاقسۇ شەھىرى»دەپ ئاتاپ كەلگەن بولسا ،1882-يىلى چىڭ ئەمەلدارلىرى ، قەدىمكى ئونسۇ بەگلىكى (ئۇچ)نىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى قەدىمكى قۇم بەگلىكى ئورنىدا بولسا كېرەك دەپ خاتا مۆلچەرىلەپ ئاقسۇ كونا شەھىرىگە 1882-يىلى 11-ئايدا «ۋېنسۇ »دەپ ئات قويغان . مەسلەن :«1882-يىلى 11-ئايدا ئەسلىدىكى ئاقسۇ شەھىرىنى ۋېنسۇغا بىۋاستە قارشلىق ئايماق دەپ ئاتىغان. 1883- يىلى ئاقسۇ يېڭى شەھىرىنى ياسىتىپ،(بۇ شەھەر ئەسىلىدىكى ئاسۇق كوچىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ياسالغان سېپىلنىڭ ئىچىدە ئىدى.بۇ يەردىكى ئاسۇق كوچىسى بازىرى ئەسلىدە شەھەر سېپىلى ياسالماستىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئاقسۇ كونا شەھەرگە كىرىدىغان يول ئېغىزىدىكى لەنگەر- قاراۋۇلخانا ،ئېغىزى ئىدى.1950-يىللارغا قەدەر بارلىق قاتناش مۇشۇ جاي ئارقىلىق بولاتتى ) ئاقسۇ دوتەيلىكى تۇرۇشلۇق ئورۇن دەپ ئاتالغان .ئەسلىدە ئاقسۇ شەھىرى بۈگۈنكى ۋېنسۇ ناھىيە بازىرىنى چارلامچى مەھكىمىسى قىلغان»(19).دېمەك ،ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى 1882-يىلى 11- ئايدا شىنجاڭغا كەلگەن چىڭ-مانجۇ ئەمەلدارلىرى تەرپىدىن «ۋېنسۇ»دېگەن ھەدىيە نامغا ئېرىشكەن.
        ئەمما ئۇيغۇر خەلىقى ھازىرغىچە ناھايىتى توغرا قىلىپ «ئاقسۇ»كونا شەھىرى دەپ قوللۇنۇپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ «ۋېنسۇ»دەپ ئاتىلىشى تارىخي پاكىتلارغا خىلاپ ئىدى.بۇ چىڭ (مانجۇ) ئەمەلدارلىرىنىڭ يەر ناملىرىنى ئالماشتۇرىۋرېتىش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان يەر ناملىرىنى 1- قېتىم ئۈزۈۋېتىش خاتالىقى ئىدى. ئەپسۇس،1997- يىلغا كەلگەندە بەزى يولداشلىرىمىز تارىخي ماتىرىياللارنى سېلىشتۇرۇش ،تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇلانمايلا ناھايتى يىڭگىللىك بىلەن مەنچىڭ خاندانلىقى دەۋىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن بەزى ئەمەلدارلارنىڭ خاتا كۆز قاراشلىرىغا ياندىشىپ «شىنجاڭ تەزكىرچىلىگى»ژورنىلى 1997-يىللىق 2-سان 57-بەتتە ھېسىياتنى تارىخي پاكىتلار ئۇستىگە دەسسەتكەن «تارىختىكى ئونسۇ» ناملىق ماقالىنى كۆتۇرۇپ چىقىپ ئاقسۇ كونا شەھىرىنى «ئونسۇ»دېگەن نامغا ئالماشتۇرۋېتىشنى تەلەپ قىلغان . ماقالىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇمىيەلىك رايۇنى 8- نۆۋەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا ۋە ناھىيىلىك 8-نۆۋەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا ۋە ناھىيىلىك 8-نۆۋەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا تەكلىپ بېرىلگەنلىگىنى يازغان».
          مەن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىپ 2ئاي تەييارلىق قىلىپ ناھايىتى جىددى ئىشلەپ «تارىخرىكى ئونسۇ- ھازىرقى ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى ئەمەس»دېگەن رەت قىلىش ماقالىسىنى يېزىپ 1997-يىلى 7- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا «شىنجاڭ تەزكىرىچىلگى»ژۇرنىلىغا ئەۋەتكەن بولساممۇ بۇ ماقالە بەزى بىر مۇناسىۋەت، سەۋەپلەر تۈپەيلى ئېلان قىلىنمىدى.مەن بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ، قۇلۇمدىكى يەنە بىر نۇسخىسنى ئۈرۈمچىدە كۆپەيتىپ ئۇرغۇزۇپ ئىلىم ئادەملىرى كۆرۈپ چىقسىكەن دېگەن مەقسەتتە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە ئەكىرىپ تاپشۇردۇم. تەھرىرلەر ئۇقۇپ كۆرۈپ پاكىتلىرى تۇلۇق ،ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن دىيىشىپ،مۇشۇ 3-ساندا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بۈلدۈرىشتى، ئەپسۇس ،كېيىن قارسام بۇيەردىمۇ بىر سان كېچىكتۈرلۈپ 1998-يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىندى . ئاڭغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى خەلىق ھۆكۈمىتىگە «تارىختىكى ئونسۇ بەگلىگى– ھازىرقى ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى ئەمەس»«ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى تارىختا «قۇم»(خەنچە «گۇمۇ 故墨国»)،دەپ 1300-يىللار ئەتراپىدا «ئاقسۇ» دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن، 1883-يىلى چىڭ-مانجۇ ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن يەرلىك ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئاقسۇ» دېگەن نامنى ئىشلەتكۈسى(دىگۈسى) كەلمەي، خەنچە ۋېنسۇ()دەپ خاتا ئاتىۋالغان.خەنچە ۋېنسۇ() دېگەن بۇ ئاتاق قەدىمدە ئۇچ(ئۇچتۇرپان) دېگەن يۇرتنى كۆرسىتەتتى. شۇڭلاشقا، ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنى 1883-يىلى خەنچە خاتا قۇيۇلغان «ۋېنسۇ» دىگەن ئاتاققا ئاساسەن «ئونسۇ»  دەپ ئەمەس،بەلكى ئۆزىنىڭ تارىخى نامى بولغان«قۇم»ياكى «ئاقسۇ كونا شەھەر»  دىگەن تارىخى نامى بىلەن ئاتايلى ! دېگەن بۇ ماقالە يېتىپ بارمىغاچقا (1998)44- نۇمۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرلۈپ ،«ئونسۇ»دېگەن نامنى ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ نامى قىلىپ ئىشلىتىشنى تەستىقلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى  1998-يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ «ئاقسۇ كونا شەھەر » دېگەن قەدىمىي، شانۇ شۆۋكەتلىك،ئەل قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان تارىخي نامنى تاشلاپ ،ئايرىم كىشىلەرنىڭ  كۆرسەتمىسى بىلەن«ئونسۇ»دەپ ئاتىلىدىغان بولدى....؟
دىمەك، ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نامى «قۇم»ياكى«ئاقسۇ» بەگلىگىنىڭ  تارىخى ئورنى ۋە نامىنى ئىنكار قىلغان بولدۇق ،شۇنداقلا  قەدىمكى ئۇچ-ئونسۇ(ۋېنسۇ) بەگلىگىنىڭ تارىىخى ۋە نامىنى خاتا ھالدا ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ نامى قىلىپ ئىلىمگە ئۇششۇغلۇق قىلىپ ،يۇرت تارىخى ۋە نامىنى2-قېتىم قايمىققانلاشتۇرۋەتتۇق. شۇنداق ئىكەن قەدىمكى ۋېنسۇ(ئونسۇ)-ئۇچنىڭ تارىخىنى قايسى يۇرتنىڭ تارىخى دەپ قارايمىز؟ قەدىمكى قۇم بەگلىگى- كونا ئاقسۇ نىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلىمىزما.... ؟باشقا يۇرتنىڭ دوپپىسىنى كىيىۋېلىپ، يۇرت تارىخىنى قالايمىققان قىلمايلى!ئۆزىنىڭ تارىخى ئاتىلىشى بۇيىنچە ئاتالسۇن! ئەۋلاتلارنى يۇرت تارىخى ھەققىدە تىنىتىپ قويمايلى!؟.
  ئىزاھاتلار
(1)،(2) بەنگۇ:«خەننامە» 96-جىلد 1994-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى916-بەتكە قاراڭ.
(3)،(6)«غەربىي يۇرت يەر ناملىرى»خەنچە 100-102-بەتكە قاراڭ.
(4)باھائېدىن ئۆگەل:«بۈيۈك ھون ئېمپۇراتۇلۇقى تارىخى» 2-كىتاپ، 1918- يىلى ئەنقەردە تۈرۈكچە نەشىرى،42-بەتكە قاراڭ.
(5)بىر توملۇق «سىخەي» خەنچە 1100-بەتكە قاراڭ.
(7) مەھمۇد كاشغەرى :«تۈركىي تىللار دىۋانى »1984-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 3-توم، 503-بەتكە قاراڭ.
(8)«شىنجاڭ ئارخىلوگىيىسىنىڭ 30يىلى » خەنچە «شنجاڭ ئىجىتمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ئارخىولوگىيە ئورنى تۈزگەن.»
(9) مەھمۇد كاشغەرى :«تۈركىي تىللار دىۋانى »1984-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 3-توم 204-بەتكە قاراڭ.
(10)«كۈسەن دۆلىتى تارىخى »خەنچە 1992-يىلى «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى »16-بەتكە قاراڭ.
(11) «شىنجاڭ يەرلىك تارىخى» 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە 37-39 بەتكە قاراڭ.
(12)«شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى»، غەربىي يۇرت تەزكىرىسىگە قاراڭ.يەنە «شىنجاڭ يەرلىك تارىخى» 2001-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 111-بەتكە قاراڭ.
(13) مەھمۇد كاشغەرى :«تۈركىي تىللار دىۋانى » ئۇيغۇرچە. بەتكە قاراڭ.
(14) شۇەنجۇاڭ :«ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەرپكە ساياھەت خاتىرسى» خەنچە12جىلد 294-296-بەتلەرگە قاراڭ.
(15) سىماچىيەن:«تارىخي خاتىرىلەر»1989-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى ، كىرىش قىسمى 12-بەتكەقاراڭ.
(16) ئابدۇقېيۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ،ئىسراپىل يۈسۈپ:«قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىردىن تالانما» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1984-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى، 114-بەتكە ۋە چىيەن بوچۈەن:«شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخي »1999-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 196-بەتكە قاراڭ.
(17) ئەنۋەر بايتۇر،خەيرىنسا سىدىق : «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخي »  1991-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى450-451-بەت. «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»(دۆلەت مىللىي ئىشلار كومېتىتى باشچىلىقىدا تۈزگەن). 1990-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 56-بەتكە كەلتۇرۇلگەن نەقىل «جامئۇل تاۋارىخ»خەنچە نەشىرى 1-توم 1- كىتاپ، 239-،241- بەت. يەنە قاراڭ، ياڭ شېڭمىن «قەدىمكى ئۇيغۇرلار » 1998-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 45-46-بەتلەرگە قاراڭ.
(18) ئابدۈشكۈر مۇھەممەدئىمىن :«قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا »2002 -يىللىق ئۇيغۇرچە نەشىرى 262-بەتكە قاراڭ.
(19) ئىمىن توختى :«ئاقسۇ شەھىرىنىڭ 100يىلدىن بۇيانقى مەمۇرىي رايۇنلار بويىچە ئۆزگۈرۈشى»،«ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ 1990-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى سانى ۋە «شىنجاڭ تارىخ لوغىتى »(جى داچۈن باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن) 1993-خەنچە نەشىرى332-بېتىگە قاراڭ.
bilqut
Posted: 2008-03-05 14:35 | [ئاپتور]
palwan
دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 48
شۆھرىتى: 49 نومۇر
پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

خوجىنىياز ئەپەندىنىڭ ۋىنسۇ، ئونسۇ، ئۈچ، قۇم، ئاقسۇ كونا شەھەر ئاتالغۇلىرىغا بەرگەن پاكىت ئاساسىدىكى يازمىسىغا تەشەككۈر. قەلەم ئېتىڭىز، تارىخقا بېغىشلانغان سەزگۇر ھۇش كاللىڭىزغا ھاردىق يەتمىگەي.
تارىختا ئاقسۇ زىمىنىدا كۆسەن(كۈچار) خانلىقىدەك شانۇ-شەۋكەتلىك خاندانلىق قۇرۇلۇپ باقمىغان بولسىمۇ،تارىخ بېتىدە ئەبىدىل ئۆچمەس ئىزنالىرى، بۇ زىمىن پۇقرالىرىنىڭ رايىش، ئەپۇچان خۇي مىجەزى ھەممىگە ئايان ئەلۋەتتە. كىچىك بولسۇن چوڭ بولسۇن ھەممىسى تارىخنىڭ ئاساسى، ئۇلى بولالايدۇ. پۇتۇنسۇرۇك بىر ئادەمنى قوش مۇشتەك مىڭە باشقۇرغاندەك، ئۆزىنىڭ 10دىن 1 گە تەڭ كەلگەن ئاچقۇچ قۇلۇپنى ئاچقاندەك، تارىخىمىزدىكى كىچىككىنە پاكىتلىق يازمىلار چوڭ تىلسىملارنىڭ سىرىنى ئېچىپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس.
1som
Posted: 2008-03-06 13:20 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يەر ــ جاي ناملىرىمىز

Total 0.051860(s) query 4, Time now is:03-07 20:00, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation