udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز____ نورۇز

نورۇز
( ئىمىن تۇرسۇن)
نورۇز ___ بىر تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللكەتلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىككى تىل سېستىمىسىدا
سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى.
يەر شارىنىڭ شىمالىي ئىللىق بەلۋېغىغا توغرا كېلىدىغان كەڭرى زىمىنىدا، يەنى شەرقتە سۇنغار دەرياسىدىن باشلىنىپ، غەرپتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان زونىدا ياشىغۇچى ئوتتۇزلىغان ئىلەت-مىللەتلەر بۇ كۈننى مىللى ئەنئەنىۋى بايرام قىلىپ نىشانلايدۇ. بۇ مىللەتلەر تىل جەھەتتىن ئالتاي-ئورال تىللىرى ۋە ھىندۇ-ئىران تىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى سېستىمىغا تەئەللۇق بىرقانچە خىل تىل ئائىلىلىرىدە سۆزلىشىدۇ. ئىرقى ئايرىما جەھەتتىن موڭغوللوئىد، تۇرانىد، ئارىيان تىپلىرىغا كىرىدۇ. بۇ ئىلەت-مىللەتلەر ئۇزاق تارىخ جەريانىدا، شەرقتىن غەربكە ۋە غەربتىن شەرققە، شىمالدىن جەنۇبقا كۆچۈپ يۈرۈش ئارقىسىدا، بەزىلىرى ئارىلاش-قۇرىلاش بولۇپ كەتكەن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ جىنسىي تىپلىرىغا ۋە تىللىرىغا ئۆزئارا تەسىرلىرى سىڭىشكەن.
نورۇز ____ يەر شارىنىڭ شىمالىي كەڭلىكىدە ئىللىق بەلۋاغ زونىسىدا ، جۇغراپىيىلىك ئورۇن ۋە ئاستىرونومىيىلىك ھادىسە بويىچە بەلگىلەنگەن يىل بېشى. جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتە ، شىمالىي ئىللىق بەلۋاغ 23 گىرادۇس 27 مىنۇت بىلەن 66 گىرادۇس 34 مىنۇت پاراللىل سىزىقلىرى ئارىسىغا توغرا كېلىدۇ. ئاستىرونومىيىلىك ھادىسە جەھەتتە ، ۋاقىت-چاغلار << ئون ئىككى ئۈكەك>> ۋە << يەتتە ئاقراق>> بويىچە ھېسابلانغان. كېيىنكى چاغلاردا، << ئون ئىككى ئۈكەك>> ___ << ئون ئىككى بۇرج>> دەپ ئاتالغان. << ئۈكەك>> ياكى << بۇرج>> ___ << زودىئاك>> ____ ئاسماندا سەييارىلەر( ئاقراقلار) ھەرىكەت قىلىدىغان چەمبەر يول؛ ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ، ئاسمان فازىسىدىكى چوڭ كۆرۈنمە( كۆرگىلى بولىدىغان) دائىرە، قۇياش مەركىزى ئۆزىنىڭ يىللىق ھەرىكىتىدە مەزكۇر دائىرىنى بويلاپ ھەرىكەتلىنىدۇ. قۇياش ئۆزىنىڭ يىللىق ئايلىنىشىدا، ھەربىر ئۈكەك( بۇرج)نى بىر ئايدا بېسىپ ئۆتىدۇ. ئۈكەك ئون ئىككى يۇلتۇزدىن تەركىپ تاپقان. قەدىمكى دەۋردە ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ ئون ئىككى ئۈكەكنى كۆپىنچە نەرسىلەرنىڭ ناملىرى بويىچە ئاتىغان.
قەدىمكى تۈركىي تىلدا ، ئۈكەكلەر قوزا، ئۇي، ئاراندىز( قوش گېزەك)، قۇچىق( قىسقۇچپاقا)، ئارلان، بۇغداي بېشى، ئۈلكۈ(تارازا)، چايان، يا، ئوغلاق، كۆنەك ( سوغا)، بېلىق دەپ ئاتالغان. بۇلارنىڭ ئەرەبچە - پارسچە تەڭداشلىرى ____ ھەمەل، سەۋر، جەۋزا، سەرەتان، ئەسەد، سۇنبۇلە، مىزان، ئەقرەب، قەۋس، جەدى، دەلۋە، ھوت دېيىلىدۇ. ئۈكەك ( بۇرج) نىڭ مىنتەقىسى، يەنى قۇياشنىڭ ئايلىنىش يولى 360 دەرىجىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر ئۈكەك 30 دەرىجىنى ئىگەللىگەن. ھەربىر دەرىجىنىڭ 60 تىن بىرى دەقىقە(مىنۇت) بولۇپ، ھەر دەقىقە 60 سانىيە( سېكۇنت) گە بۆلۈنگەن.
<< يەتتە ئاقراق>>( يەتتە سەييارە) ___ سەكەنتىر ( زۈھەل-ساتۇرىن) ، ئوڭاي (مۇشتەرى-يۇپىتىر) ، كۇرۇد ( مىررىخ- مارس) ، ياشىق ( شەمس- قۇياش) ، سەۋىت ( زۆھرە- ۋېنېرا)، ئارزۇ ( ئوتارۇد- مېركۇرىي) ، يالچىق ( قەمەر، ماھ، ئاي) دەپ ئاتالغان. قەدىمكى چۈشەنچىدە، قۇياش بىلەن ئايمۇ سەييارىلەردىن ھېسابلانغان. قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز يۇلتۇزلارنى تۆت تادو( تۆت ئاناسىر) چۈشەنچىسىگە تەدبىق قىلىپ، تۆت پەسىل، تۆت تەرەپ، تۆت خىل رەڭ قاتارلىقلارنى ئىپادىلىگەن. ئون ئىككى ئۈكەك ( بۇرج)نى تۆت پەسىلگە تەئەللۇق قىلىپ، ھەر پەسىلگە ئۈچتىن يۇلتۇزنى تەقسىم قىلغان. مەسىلەن:
ھەمەل(قوزا)، سەۋر( ئۇي)، جەۋزا( قوش گېزەك-ئاراندىر)يۇلتۇزلىرى ___ باھار بۇرجى؛
ئەسەد(يولۋاس)، سەراتان( قۇچىق-نەك)، سۇنبۇلە( بۇغداي بېشى) ____ ياز بۇرجى؛
قەۋس(يا)، مىزان( ئۈلكۈ-تارازا)، ئەقرەب(چايان) ____ كۈز بۇرجى؛
جەدى( ئوغلاق)، دەلۋە( كۆنەك-سوغا)، ھوت(بېلىق) ____ قىش بۇرجى.
يۈسۈپ خاس ھاخپ<< قۇتادغۇ بىلىگ>> تە، بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:

ئۈچى يازقى يۇلدۇز، ئۈچى يايقى بىل،
ئۈچى كۈزگى يۇلدۇز، ئۈچى قىشقى بىل.
ئۈچى ئوت، ئۈچى سۇۋ، ئۈچى بولدى يەل،
ئۈچى بولدى تۇپراق، ئۈچى بولدى ئەل.

ھوت ( بېلىق) ئېيى ____قىشنىڭ ئاخىرقى ئېيى؛ ھەمەل(قوزا) ____ باھارنىڭ باشلانغۇچ ئېيى. شۇڭا دېھقانلار:<< ھوت __ كەتمەن سېپىنى تۇت>> ، << ھەمەل كىردى___ ئەمەل كىردى>> دەيدۇ. ھەمەل ___ قۇياشنىڭ يىللىق كۆرۈنمە ھەرىكەت يولىدىكى ئون ئىككى ئۈكەكنىڭ بىرىنچىسى. قۇياشنىڭ ھەمەل بۇرجىغا كىرىشى ئەتىيازغى تۇرۇم (ئېتىدال __ كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلەشكەن ۋاقتى) غا توغرا كېلىدۇ. بۇرج ئەتىيازغى تۇرۇم نۇقتىسىدىن باشلىنىپ، قۇياش مەركىزىنىڭ يىللىق ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشىنى بويلاپ، 0 گىرادۇستىن 360 گىرادۇسقىچە ئايلىنىدۇ. ئەتىيازغى تۇرۇم نۇقتىسى 0 گىرادۇستىن باشلىنىدۇ. ئومومىي بۇرج دائىرىسى چارەك( تەربىئى__ 90 گىرادۇس)، ئۈچتىن بىر ( تەسلىس__ 120 گىرادۇس)، ئالتىدىن بىر ( تەسدىس__ 60 گىرادۇس) غا ئايرىلغان. 0___90 گىرادۇسقىچە بولغان بۇرجنىڭ شىمالى مۇسبەت، جەنۇبى مەنپىي ھېسابلانغان.
ئەسلىدە، ئەتىيازغى تۇرۇم نۇقتىسى يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى __ نورۇز دەپ ھېسابلىناتتى. شۇڭا يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى نورۇزدىن باشلىناتتى. شىمالىي قايتىش سىزىقى بارا-بارا جەنۇبقا سۈرىلىۋەرگەندىن كېيىن، يىل بېشى ___ نورۇزنىڭ مىلادىيە كالىندارى ھېسابىدىكى ئايلارغا توغرا كېلىدىغان ۋاقتىمۇ كەينىگە سۈرىلىۋەرگەن. جۇغراپىيەشۇناس ۋە ئاسترونوملارنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، بۇ سىزىق ( ئەسلى نىشان قىلىنغان دەرىجىدىن) جەنۇبقا قاراپ ھەر يىلى 13 مېتىر سۈرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنى يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى بىلەن ئاسمان فازىسىدىكى ئايلىنىز يۈزى ئارىلىقىدىكى يانتۇلۇق ئېكۋاتور بىلەن بۇرج ئارىسىدا بۇلۇڭ ھاسىل قىلغاچقا، شىمالىي قايتىش سىزىقى ھاسىل بولىدىكەن. 1990-يىلىدا ، مەزكۇر سىزىقنىڭ جەنۇبقا قاراپ سۈرىلىۋاتقانلىقى بايقالغان. ئۆلچەش نەتىجىسىدە، باش نىشان نۇقتىسى( ئېكلىپتىكا كوردىناتى) تەخمىنەن 1179 مېتىر جەنۇبقا يۆتكەلگەن( ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90 يىل ئىچىدە ھەر يىلى 13 مېتىردىن جەنۇبقا سۈرۈلگەن).
قەدىمكى چاغلاردا، قۇياشنىڭ قوزا (ھەمەل) بۇرجىغا كىرگەن ۋاقتى 3-ئاينىڭ بىرىنچى ئون كۈنىگە توغرا كەلگەن بولسا، 10-ئەسىردىن كېيىن 3-ئاينىڭ 14--16-كۈنلىرىگە توغرا كەلگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى زامانلاردا، ئون ئىككى مۆچەللىك دەۋرىي يىلنىڭ بىرىنچى يىلى ( يەنى چاشقان يىلى)نىڭ بىرىنچى ئاي بىرىنچى كۈنى تەخمىنەن 2-ئاينىڭ 8--9-- كۈنلىرىگە توغرا كېلەتتى.
<< جۇ نامە. يات يۇرتلار 2-قىسىم. ئاگنى>>بابىدا، بۇلار " 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋە 4-ئاينىڭ 8-كۈنىنى ئۇلۇغلايدۇ" دېيىلگەن. بۇ كۈنلەر بۇددا __ ساكيامۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى توغرىسىدىكى تەخمىن بولسا كېرەك. ئەمما، << تارىخى خاتىرىلەر. ھونلار تەزكىرىسى>> بابىدا، " 1-ئايدا ئۇلۇغ-ئۇششاق ھەممىسى كەڭرى تەڭرىقۇت ئوردىسىنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىغا يىغىلىدۇ. " دېيىلگىنىگە قارىغاندا، ئەتىيازغى تۇرۇمغا توغرىلانغان << يىل بېشى>> نىڭ ۋاقتى بارغانچە كەينىگە سۈرۈلگەنلىكى مەلۇم.
ھازىرقى ئاستىرونومىيىلىك ۋاقىت ھېسابى بويىچە، ئەتىيازغى تۇرۇم __ نورۇز ھەر يىلى تەخمىنەن 3-ئاينىڭ 20--22- كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، قۇياش بۇرجىنىڭ 0 گىرادۇس ( ئەتىيازلىق تۇرۇم نۇقتىسى)غا يەتكەن چاغقا توغرا كېلىدۇ.
خەنزۇ ۋە باشقا شەرقى ئاسىيا خەلقلىرىدە بولسا، نورۇز( باھار بايرىمى، چاغان)، يىلنىڭ 1-ئاي ئوتتۇرىلىرىدىن 2-ئاي ئوتتۇرىدىكى 30 كۈندىن ھەر ئون كۈننى بىرلىك قىلىپ، شۇ كۈنلەرنىڭ باشلانغان ۋاقتىغا توغرىلانغان. باھار بايرىمى __ باھارنىڭ باشلانمىسى. بۈگۈنكى كۈندە، شىيا كالىندارى بويىچە، نورۇز، يەنى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ، يېڭى ئاي تۇغۇلغان كۈنى شىيا كالىندارىدا ھەر ئاينىڭ 1-كۈنى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، چوڭ ئاي 30 كۈن، كىچىك ئاي 29 كۈندىن بولۇپ، ئاددىي يىل 12 ئاي 354 ياكى 355 كۈن كېلىدۇ. شۇڭا، ئورتاق يىل ھېسابىدىن 10 كۈن 21 سائەت كەم بولغاچقا، ھەر ئۈچ يىلدا بىر كەبىسە، بەش يىلدا يەنە بىر كەبىسە، 19 يىلدا يەتتە كەبىسە كەلتۈرۈلۈپ، كەبىسە يىلى 13 ئاي ھېسابلىنىدۇ. شۇ يول بىلەن باھار بايرىمى قىشقى تۇرۇمدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئاي( بۈگۈنكى كۈندە شىيا كالىندارى بويىچە 1-ئاي)غا توغرا كېلىدۇ. قەدىمكى كالىنداردا، چاشقان، ئۇي، يولۋاس ___ ئۈچ ئاينىڭ ئاي تۇغقان چېغى يىل بېشى قىلىنغان. بۇ يەردىكى چاغ ___ قۇتۇپ يۇلتۇزى كۆرسەتكەن چاغ بولۇپ، چاشقان ئېيىدىن توڭگۇز ئېيىغىچە ھەر ئايدا بىر چاغ( ئىككى سائەت___ 7--9 غىچە) سۈرۈلۈپ تۇرىدۇ.

(داۋامى بار)

مەنبە: تارىخچى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ << نورۇزنامە>> دىن ئېلىندى.

bilqut
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-08 15:29 | [ئاپتور]
zefer
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 1
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-08

 

نورۇزنى تەنتەنە بىلەن كۈتىۋالايلى!
1som
Posted: 2008-03-08 18:37 | 1 -قەۋەت
uytoghrak
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 13
شۆھرىتى: 14 نومۇر
پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

  باشقا مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆتكۈزۈپ يۈرگۈچە ئۆز بايرىمىمىزنى ياخشىراق ئۆتكۈزەيلى .
Posted: 2008-03-09 10:14 | 2 -قەۋەت
BIRLIK1944
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

شۇنداق بىر ئىشنى دىگۈم كەلدى. كىشى ھاياتىدا نۇرۇز ئېشىنى ئىچىش شەرىپىگە ئىرىشىش تولىمۇ مۈشكۈل ئىش، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ھازىرغىچە پەقەت ئىككى قېتىملا ئىچەلىگەن ئىدىم، ھەر ئىككى قېتىمدا نەچچە ئونمىڭ ئادەم بىلەن ئىچكەن ئىدىم،نۇرۇز ئېشىغا سالىدىغان 7 خىل خۇرۇچ بۇ بايرامنىڭ ھەرقانداق بايرامدىن ئېشىپ چۈشىدىغان خاسىيىتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. 
نۇرۇز دىگەن ھەقىقەتەن خاسىيەتلىك بايرامدۇر.
Posted: 2008-03-09 22:28 | 3 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

                        نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى

  نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومومىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. بۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى تولا. بۇلار يىغىشتۇرۇلۇپ، << توققۇز توقۇ>> ( توققۇز مەرىكە-مۇراسىم) دېيىلگەن. بۇلار مۇنۇلار:
                            1-نورۇز ناغرىسى

  نورۇز باشلىنىش ھارپىسىدا، بالىق-كەنت، قىر-يېزىلاردا نورۇز بايرىمى كەلگەنلىكىنى ئاڭلىتىپ ، ناغرا-سۇناي چېلىناتتى. ئەل-يۇرت نورۇزغا جابدۇناتتى، تەنتەنىلىك ھېيت-بايرام تۈسىنى ئالاتتى.

                          2-نورۇز تازىلىقى

  نورۇز ئالدىدا باشلىنىدىغان<< ئارىغ-توقۇ>> ( ئېرىغدىلىش___ تازىلىق ھەرىكىتى) ھارپا كۈنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلەتتى: ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆللەرنى تازىلاش، ئېغىل-ئارانلارنى ئېرىغداش، كوزا-ئىدىشلارنى ئوبدان تازىلاپ، تازا باھار سۈيى بىلەن توشقۇزۇپ، ھويلا-ئارام، يول-خامانلارنى سىيرىپ-سۈپۈرۈش.

                    3-سوغۇق قوغلاش

  ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ-توپ بولۇشۇپ، ساغانغۇ( ياغ قاچىلاپ، پىلىك چىقىرىلغان قاپاق) كۆيدۈرۈپ، يۇرت-مەھەللىدىن چىققىنىچە، قىر-سەھراغا يۈزلىنىپ، سوغۇق قوغلايدۇ. سوغۇقنى ھەجۋى قىلىپ قوشاق-بىيىت ئېيتىشىدۇ. نورۇزغا بېغىشلانغان ئۈلەن كۈيلەيدۇ. گۈلخان يېقىپ، ئەتراپىدا قويۇن ئۇسسۇلى ئويناپ چۆرگىلەيدۇ. بۇنىڭدا، بىر-بىرىگە تەڭكەش قىلىنغان توققۇز داپ چېلىنىدۇ، قىزىقچىلىق قىلىشىدۇ. باھار قۇشلىرىنى دورايدۇ. تاڭ ئاتاردا، سوغۇق قوغلىغۇچىلار يۇرت-مەھەللىگە يانغانلىرىدا، ھەربىر ئۆيلۈك ئۆز ھالىغا يارىشا ھەر خىل غىزالارنى ئېتىپ، ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ، ئۇلارنى كۈتىۋالىدۇ. بۇ سوغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى دېيىلىدۇ.
  نورۇز ھارپىسى سوغۇقنى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن ، سوغۇق يىمەكلىكلەر يېيىلەتتى. بۇنداق يوسۇننى << قاڭسىق>> دەيتتى. ھازىرقى كۈندە بىرەر يېمەكلىك ئېغىزغا تېتىمىسا ياكى سەل قىرتاق بولۇپ قالسا، << قاڭسىق>> دېيىلىدۇ. دېمەك، بالدۇرقى چاغلاردا، قىش ئوزۇقىدىن قالغان نەرسىلەر، يەنى سوغۇق يېمەكلىكلەر << قاڭسىق>> دېيىلگەن.

                              4-يوقلاش

  نورۇز كۈنى چۈشكىچە يوقلاش پائالىيىتى بولىدۇ: ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىنى يوقلاش؛ قەبرە يوقلاش( سىيرىپ-سۈپۈرۈپ، بەلگىلىرىنى ئوڭشاش، دۇئا قىلىش)؛ ئىگە-چاقىسىز قېرى-چۆرى، يېتىم-يېسىر، مېيىپلارنى يوقلاش( ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۆمەكلىشىش).

مەنبە: ئىمىن تۇرسۇن << نورۇزنامە>> دىن ئېلىندى. ( داۋامى بار)
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-12 00:05 | 4 -قەۋەت
Subhi
دۇنيادىكى  بارچە لەززەت ئەركىنلىكتە !
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-10
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

سالام ئودۇن خانىم :
ئەجرىڭىز يەردە  قالمايدۇ ...    ھارمىغايسىز .
نورۇز  كەلگىچە  يوللاپ  بولارسىز - ھە ؟
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
Posted: 2008-03-12 17:14 | 5 -قەۋەت
UyghurQizi
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

داۋامىغا بەكلا تەقەززا بولۇۋاتىمەن.
bilik munbiri
تۈنۈگۈن- تارىخ، ئەتە-كەلگۈسى، بۈگۈننى قەدىرلە.
Posted: 2008-03-12 23:17 | 6 -قەۋەت
alkuli
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-18

 

بىر گەپنى ئارتۇق بولسىمۇ دەپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى مەن ئۇنى بىلىشتىن ئىلگىرى خېلى گاڭگىرىغان. يەنى نورۇز دېگەن ئىبارە توغرىسىدا. مېنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە بىلىشىمچە نورۇز ئىبارىسى نەۋرۇز دېگەن پارسچە ئىبارىنىڭ تىلىمىزغا تەتۈر ئاسمىلاتسىيە بىلەن ئۆزلىشىشى بولۇپ، نەۋ ئىبارىسى يېڭى دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسە، روز ئىبارىسى كۈن دېگەن مەنىنى ئىپادىلەپ، ئىككىسى قوشۇلۇپ يېڭى كۈن، يانى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ئۇ باھار بايرىمى، چاغان بىلەن تامامەن تەڭداش. جۇغراپىيىلىك سەۋەپ تۈپەيلىدىن دىيارىمىزغا باھار يېتىپ كېلىدىغان 21- ماتقا توغرىلانغان. ئاللا خالىسا بۇ بايرىمىمىزنى قانۇنلۇق دەم ئېلىش كۈنى قىلىۋالساق تولىمۇ ياخشى بولاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن دىيارىمىزدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كۆپرەك كۈچ چىقارسا، خەلقىمىز ئۇلارنىڭ ئەجرىگە مىڭ تەشەككۈر ئوقىغان بولاتتى. ئاللا رەخمەت قىلسۇن، خەلقى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلارغا!
Posted: 2008-03-14 15:09 | 7 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

                               نورۇزنىڭ   رەسمىيەتلىرى                                  ( داۋامى)

                                   5- نورۇز ئېشى

    نورۇز كۈنلىرىدە، قۇربى يەتكەن ئائىلىلەردە قۇتلۇق كۈننى ئىپادىلەپ، " ق " تاۋۇشى بىلەن باشلانغان يەتتە خىل ( ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن ئىلگىرى توققۇز خىل) يىمەكلىك تەييارلايدۇ. مەسىلەن: قايماق، قېتىق، قۇرۇت، قۇيماق، قاتلىما، قۇيرۇق-بېغىر ( يەنى دۈمبە-جىگەر) ، قوزا گۆشى( تونۇر كاۋاپ ياكى قورداق)  دېگەندەك. بۇنداق غىزالارنى تەييارلاش بىلەن نورۇز باشلانغان يېڭى يىلدا << توققۇزى تەل>>  بولۇشنى تىلەيتتى. ياكى بولمىسا،  " س " تاۋۇشى بىلەن باشلانغان خېرىتلاردىن ، مەسىلەن، سىراق-باش( باش -سىراق، كاللا-پاقالچاق)، سۈت، سېرىق ياغ، سۇ يېغى، سۆك-تېرىق، ساغۇن( بۇنىڭ نېمىلىكىنى مەنمۇ بىلمىدىم)، سىركە، سامساق قاتارلىق نەرسىلەردىن ئۆز خۇرۇچىغا لايىق ھەر خىل غىزالارنى تەييارلايتتى. نورۇز ئېشىنى << تۇتماچ>> دەيتتى. بۇنىڭ مەنىسى: " بۇ يىل بىزنى تۇتما ئاچ( ئاچ تۇتما)" دەپ تەڭرىدىن ئۈمىد كۈتۈپ، يىل بويى ساغلام-توق بولۇشنى تىلەيتتى.
    نورۇزلۇق ئاشلارنىڭ يەنە بىر خىلى ___ << ھېلىسە>> ( ئېھتىمال " ھېلى يېسە" دىن ئىخچلانغان بولۇشى مۈمكىن). بۇ ئاش  مۇنداق ئېتىلەتتى: كالا-قوي گۆشلىرىنى ( قۇيرۇقلىرى بىلەنلا ) داشقا سېلىپ، بۇغداي يارمىسى قوشۇلاتتى. قازاننىڭ تېگىگە ئولتۇرۇپ قالمىسۇن دەپ، قازانغا مۇشتەك تاشلار سېلىناتتى.
    يەنە بىر خىل ئاش ___ سۇمۇلەك، ھەر خىل دانلار ( بولۇپمۇ بۇغداي مايسىلىرى) بىلەن ئېتىلەتتى. توققۇز خىل دان  قوشۇمچە چامغۇر، ھەر خىل تۇرۇپ بىلەن تەييارلىناتتى.


                                6- نورۇز سەيلىسى

    نورۇز باشلانغان كۈنى يوقلاش توقۇسىنى ئاساسەن ئورۇنداپ بولۇپ، چۈشتىن  كېيىن ئۇلۇغ-ئۇششاق ھەممەيلەن خامانغا، بوستانغا چىقىپ، سەيلە-تاماشا قىلاتتى. يىگىت-قىزلار ئۆزئارا ياكى ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەرەپ بولۇپ قوشاق يارىشى ئۆتكۈزەتتى. قوشاقتا ئۇتتۇرۇپ قويغانلار جازالىناتتى، يەنە ناخشا ياكى لەتىپە ئېيتىپ بېرىش، ئۇسسۇل ئويناپ بېرىش ، دوراش ۋە باشقا ھەرىكەتلەرنى ئورۇنداشقا مەجبۇر ئىدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن ، ئۇتتۇرغان تەرەپ ئۇتقۇچى تەرەپكە شۇ ئاخشىمى بەزمە ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى.
    قىز-چوكانلار بوستان-چىمەنلەردە ، << ئۇچار تىلگەن >> ( چاق پېلەك)، يالڭۇ( يالڭۇچ__ ئېلەڭگۈچ)، تەپۈك( تەپكۈچ)، ئوقتاش، ئاتلامچۇق، ئوردىكام( ياڭاق تاشلاش)، << كۈچۈڭ يەتسە ئال>> ياكى << قارا-قارا قۇشلارىم>> ، ياكى مۆكۈشمەك قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينايتتى.
    ئوغۇل بالىلار نورۇز ئاخشىمى << باندال >> ئويناپ، " سوغۇقنىڭ چۈپرەندىلىرى" نى قوغلايتتى( باندال ___ تارغاق سۆڭەك ياكى تارغاققا ئوخشاش تارىشا ئۇچىغا ئوت يېقىپ، كېچىسى بىر-بىرىگە ئېتىشىپ ئوينايدىغان ئويۇن).

                                     7-نورۇز يارىشى

    نورۇزنىڭ ياندۇرقى كۈنى << يارىش>> ( مۇسابىقە) ئۆتكۈزىلەتتى. بۇ ئاساسەن تەنھەرىكەت ئىدى. مەسىلەن: چېلىش، بەيگە، ئوغلاق تارتىشىش، دارۋازلىق، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز ۋە كەكلىك سوقۇشتۇرۇش، يۈگۈرۈش، سەكرەش، سالغۇ تاشلاش، ئوقيا ئېتىش ۋە باشقىلار.

                                  8-نورۇز مەشرىپى

    نورۇزنىڭ ئۈچىنچى كۈنى يۇرت-مەھەللە بويىچە چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزىلەتتى. بۇنداق مەشرەپنى يۇرتنىڭ چوڭلىرى ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى ياكى ئەھلىمەھەللە قۇربى يەتكىنىچە يىغىش قىلىپ( ھەر كىم ئۆز ھالىغا يارىشا قوي، توپاق، توخۇ، ئۇن-گۈرۈچ، نان، ياغ، كۆكتات، قەنت-گېزەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەكىلىپ) داستىخان تەييارلايتتى. مەشرەپ ناھايىتى تەرتىپلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىلەتتى. مەشرەپنىڭ ئۆزى بىر مەكتەپ ئىدى. شۇڭا كونىلار << بالاڭنى مەكتەپكە بەر، مەكتەپ بولمىسا مەشرەپكە بەر>> دەيدۇ، ياكى يۈرۈش-تۇرۇش، ئەدەپ-سۈلكەتنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنى << مەشرەپ كۆرمىگەن>> دەيدۇ.

                            9-نورۇزلۇق تىلەك

    نورۇزنىڭ تۆتىنچى كۈنى ئەھلىمەھەللە ئاخۇن-موللىلارنىڭ باشچىلىقىدا << زىرائخەتمە>> ئۆتكۈزىدۇ. خەتمە ئەسلىدە قۇرئاننى باشتىن ئوقۇپ تاماملاش مەنىسىنى بىلدۈرەتتى. بارا-بارا ، ئومومەن دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزۈشنىمۇ << خەتمە >> دەيدىغان بولغان. بۇ پائالىيەتتە ، نورۇزنىڭ ياخشى باشلىنىپ، مۇراسىمنىڭ شاد-خوراملىق بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە ۋە ئۆتكەن يىلقى نېمەتلەرگە شۈكۈرانە بىلدۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ، توقچىلىق بىلەن ئۆتۈشىنى، يەنى زىرائەت-ئېكىنچىلىقنىڭ مول -ھوسۇللۇق بولۇشىنى تىلەش يۈزىسىدىن كوللىكتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىناتتى. قۇرئان سۈرىلىرىدىن بىرەرنى قىرائەت قىلغاندىن كېيىن مۇناجات ئوقۇلاتتى. ئاندىن تەبىئى ئاپەتلەرنىڭ بولماسلىقى، ھۆل-يېغىننىڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىناتتى.
    نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خاسىيىتى شۇكى، بۇ ___ بىرلىك-ئىناقلىق بايرىمى ئىدى. ئۆچ-ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر-خوتۇنلار << ئكتكەنگە سالىۋات >> قىلىپ، قايتىدىن يارىشاتتى ياكى ياراشتۇرۇلاتتى. بۇ كۆپىنچە يوقلاش پائالىيىتىدە ياكى مەشرەپ-سەيلىلەردە، ياكى بولمىسا << زىرائخەتمە>> ۋاقتىدا چوقۇم ئادا قىلىناتتى.
                                                                        ( تۈگىدى)

                                       
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-14 22:13 | 8 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

نورۇزنىڭ ئېنىق كۈنى 3-ئاينىڭ 21 كۈنىمۇ ياكى 22-كۈنىمۇ ۋە ياكى 20-كۈنىدىنلا باشلىنامدۇ؟
بىز ئاسترونوملارنىڭ مۇتلەق ھۆكمى بويىچە بۇ كۈننى بەلگىلەمدۇق ياكى ئەجداتلىرىمىز ئېنىق بېكىتكەن بىر كۈن بولغانمۇ؟ بۇ ئۈچ كۈننىڭ قايسىلا كۈنىنى دېمەيلى، سەۋەبى ۋە پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ باقايلى.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-20 16:07 | 9 -قەۋەت
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

بىلىك تور بېتىدە نورۇز ئېشى ئېتىش توغرىسىدا بىر تېما باركەن ، كۆرۈپ بېقىڭلار .
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=16959
Posted: 2008-03-20 23:41 | 10 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۆرپ - ئادەت

Total 0.056040(s) query 4, Time now is:03-21 08:56, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation