Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ھەر قايسى يۇرت كىشىلىرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىگى

ھەرقايسى رايونلاردىكى كىشلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك تەبئىي ،ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ يەنە ............. سەۋەبلەر تەسىرى ئۆزىگە خاس مىجەز-خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن

ئاقسۇ كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى
مىزاجى:كىلىماتنىڭ نىسبەتەن مۆتىدىل ۋە نەملىكى،مېۋە-چىۋە ئىستىمالىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىن ئومۇمەن كىشىلەرنىڭ مىزاجىنى ھۆل سوغۇق،قۇرۇق سوغۇق،ھۆل ئىسسىق،قۇرۇق ئىسسىق،دېگەن تەرتىپ بويىچە تىزىشقا بولىدۇ.
خىلىتى:ئاقسۇ كىشىلىرىنىڭ خىلىت ئېتىبارىدىن بەلغەم،سەۋدا،قان،سەپرا خىلىتلىق كىشىلەر دەپ بۆلۈش مۇمكىن،ئومۇمەن ئۇلارنىڭ تەن ساپاسى ،ھەركەت ئالاھىدىلىگى،پسىخىك سۈپىتىمۇ ئۇشبۇ يەكۈننى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.
  چىراي شەكلى:ئاقپىشماق،سەل-پەل بۇغداي ئۆڭ،بېشى يۇمىلاق،يۈزى كەڭ گۆشلۈك،چاچلىرى قارا ۋە دولقۇنلۇق،قوي كۆز،يۇقىرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ،ساقال-بۇرۇتلىرى ئوتتۇرا ھال،بۇرنى كەڭرەك ۋە تۈز،پېشانىسى كەڭ بولىدۇ،كىشىلىرى ئوتتۇرا بوي كېلىدۇ،خام سېمىز كىشىلەر مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
  مېڭىش-تۇرۇشى:ئالدىرىماي ئۆز خىيالىدا ماڭىدۇ،كۆرۈشكەندە مۇلايىملىق ۋە ئۆزرە بىلەن كۆرۈشىدۇ.
  كىيىنىشى:ئاددى-ساددا پاكىز كىيىنىدۇ،دوپپا ۋە بۆكنى ئەتىۋارلايدۇ،ئاياللىرى ئۇزۇن ۋە زەر تۇتقان گۈللۈك رەختلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
  يېمەك-ئىچمىكى:ئاقسۇنىڭ كۆپىنچە رايونلىرىدا بۇغداي،شال تېرىلىدۇ ،مېۋە -چىۋىلەردىن ئۈزۈم ،ئۆرۈك،شاپتۇل،ئانار،خورما،ئالما،قوغۇن،تاۋۇز،ئاق ئۈجمەقاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ،كۆكتاتلاردىن سەۋزە،ياڭيۇ،چامغۇر،كەرەپشە،يېسىۋىلەك قاتارلىقلار يىتىشتۈرىلىدۇ،مېۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىش ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇھىم يېمەك-ئىچمەك مەنبەلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلانغان.
  قىممەت قارىشى:ئاقسۇنىڭ سۈيى ئەلۋەك،مېۋە-چىۋىسى مول بولۇپ ،كىشىلىرى ئاددىي-ساددا،تۈز،كەلمتەر،شۈكرىچان كېلىدۇ،دېھقانچىلىق قىلىدىغانلار نىسبەتەن كۆپ،ئادەتتە باغۋەنچىلىك،تېرىم ئىشلىرىغا ماھېر كېلىدۇ،كۆڭۆلچەك، تۈز،خالىس تەرەپلىرى كۆپ،جىددى ئەمەس،لېكىن باشقا يۇرتقا بېرىپ ئوقۇغان ۋە تۇرۇپ قالغان كىشىلىرى تىرىشچان،كۈچلۈك بولۇپ يىتىشىدۇ،ئەدەبىيات-سەنئەتكە ھېرىس،مېھماندۇست،ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ باشقا تۈرلىرىدە ئۆچمەس ئىزلارنى يارىتىپ ،پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللى پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.
  كۈندىلىك مۇھىم پائالىيىتى:دېھقانچىلىق،سودا -سېتىق،ھۈنەرۋەنلىك ۋە باشقا پائالىيەتلەر.
  ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى:ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىدا پسىخىك توسالغۇ كۆپرەك ئۇچرايدۇ،ئۆپكە،يۈرەك،قول-پۇت ھەمدە تېرە كىسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ.
  تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى:ھەر بىر سوئاللىق ئاياغلاشقان پېئىلنىڭ ئاخىرىغا «يا»قوشۇلىدۇ،بېرىپ،قىلىپ،ئېيتىپ .....قاتارلىق سۆزلەردە چوقۇم «ي»ھەرپى پېئىلىنىڭ ئاخىرقى ھەرپىنىڭ ئالدىغا «يېرىم ھەرپ»شەكلىدە قوشۇلىدۇ،مەسىلەن:قىيلىپ(قىلىپ) قاتارلىقلار،بىر-بىرىنى سىلى،ئۆزلىرى دەپ ئاتىشىدۇ.
  كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى:قارى،بارسىلا(بېرىشسىلا)،كەتكىيلا(كىتىۋەرسىلا)...قاتارلىقلار.ياش بالىلار ئارىسىدا <<سىلەر>>نى كۆپ ئىشلىتىدۇ.ئۆزئارا <<سەن>>دېيىشىش ئاز ،  ئۆزئارا<<سەن>>دئېيىشنى ئەدەپسىزلىك دەپ قارايدۇ.لېكىن كەلپىندە كىچىك بالىلارمۇ 80-70ياشلىقلارنى سەن دەيدۇ.(پۈتۈنلەي شۇنداق).

ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى


  مىزاجى:مۇھىت،يېمەك-ئىچمەك،تۇرمۇش تەرتىپى تۈپەيلىدىن،ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ مىزاجى ھۈللۈككە مايىل كېلىدۇ،ھۈللۈك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن.
  خىلىتى:ئۈرۈمچى كۈپ مەنبە مەدىنىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر،بۇ يەردە ھەر خىل خىلىتلىق كىشىلەر ياشايدۇ،يۇرت ئۆزگەرگەن،كىلىماتى،يېمەك-ئىچمەك ۋە ئىجدىمائى مۇھىت ئۆزگەرگەن شارائىتتا،بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان كىشىلەردە مىزاج ئۆزگىرىشىنى ،ھەتتا كېيىنكى ئەۋلادلىرىدا خىلىت ئۈزگىرىشى يۈز بېرىشى مۇمكىن،شۇڭا ئۈرۈمچى كىشىلىرىنى كەلگەن ئورنىغا قاراپ مۈلچەرلەشتىن سىرت،مۇھىمى ئۈرۈمچى موھىىتىنى كۈزدە تۇتۇپ باھالاش ناھايىتى مۇھىم،شۇڭا ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ خىلىت تەرتىپى،بەلغەم،سەۋدا،سەپرا،قان.
  چىرايى:ئاق،تاتىراڭغۇ،سېرىق،قىزغۇچ،شەھەر تۇرمۇشىدىكى جىسمانى ھەركەتنىڭ نىسبەتەن ئازراق بولىشى ،مۇقىم ۋە سايىلىق ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئەقلى خىزمەت قىلىدىغان نىسبەتنىڭ يوقىرىلىقى،ئۈرۈمچى موھىتىدىكى نەملىك،شۇنداقلا ئاپتىكا دورا ئىستىمالىنىڭ يۇقىرىلىقى،ئۈرۈمچى ئىستىمال سۈيىنىڭ سۈپىتىدىكى بەزى ئامىللار ،ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن بىخەۋەر كىشىلەر نىسبىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ قېنىدىكى قىزىل قان دانچىلىرى مىقدارى ئەنئەنىۋى ئىنسانلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇش،ئېھتىمالغا يېقىن.شۇڭا ئاق كىشىلەر ،تاتىراڭغۇ كىشىلەر نىسبەتەن كۈپ،ئاياللارنىڭ سەمرىپ،ئاقىرىپ كېتىشى يۇقىرىقى سەۋەپتىن كىلىپ چىققان،ئۈرۈمچى كىشىلىرى بەدىنىدە تۈت خىلىت موھىتىدا بەلغەم ماددىسى كۈپىيىپ،قان ۋە سەپرا ماددىسىنىڭ ئۇلغۇيىشىنى توسىدۇ،كىشىلەر گەرچە سەمرىگەندەك قىلسىمۇ،يۈرەك ۋە بۈرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كىتىدۇ،لېكىن ئومۇمى سالامەتلىك كۈرسەتكۈچى باشقا ۋىلايەت ،ناھىيىلەرنىڭكىدىن ياخشى.
  مېڭىش -تۇرۇشى:ئۈرۈمچىلىكلەر ئادەتتە ئۆزىنى ئاسراپ،ئاۋايلاپ ماڭىدۇ،ناشقا يۇرتلارغا قارىغاندا ئۆزىنى ئەركىن،ئازادە تۇتىدۇ،بەك تېزمۇ ئەمەس،ئاستىمۇ ئەمەس،نورمال ماڭىدۇ.
كىيىنىشى:ئۈرۈمچى كىشىلىرى كىيىم ئىستىمالىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ،كىيىمنى رەتلىك،يېڭى،پاكىز كىيىشنى ئويلايدۇ،بولۇپمۇ كىيىم رەڭگىنىڭ ماسلىشىشى،يۇقىرى تۈۋەنلىكىنىڭ ماس كىلىشىگە دىققەت قىلىدۇ،خىزمەت،دەم ئېلىش،ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەردە سورۇنغا قاراپ كىيىم تاللايدۇ،گالىستۇك تاقاش،كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيىش،خۇرۇم ۋە يوڭ يىپ كىيىملەرگە ئېتىبار بىلەن قاراش ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ كىيىم جەھەتتىكى قىممەت قارىشى.
  يېمەك-ئىچمىكى:ئۈرۈمچىنى ئۇيغۇر يېمەك -ئىچمەك مەدىنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە بىرلىككە كىلىشىنىڭ بۈشۈكى دىيىشكە بولىدۇ،كۆپ خىللىق دىگىنىمىزدە ،ھەر قايسى يۇرت كىشىلىرىنىڭ تاماق جەھەتتىكى ئۈز ئالاھىدىلىگى مەلۇم جەھەتتە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ،بىرلىككە كېلىش دىگىنىمىزدە ،ئاساسەن ئۈرۈمچىلىكلەرگە ماسلىشىپ بولغان ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېمەك ئىچمەك مەدىنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان تاماق تۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن:پولۇ،لەغمەن،كاۋاپ،مانتا،سامسا،سۈت چاي.....قاتارلىقلار بۇ خىل تاماقلار ئائىلىلەردىلا تەييارلىنىپ قالماستىن ،بەلكى بازار شەكىلدە سېتىلىدۇ،كۆپىنچە تاماقلارغا ئەنئەنىۋى ئۇسۇل  بويىچە دورا-دەرمان سېلىنىدۇ،ئۆزىنىڭ مىزاجىنى بىلگەن كىشىلەر ئۆزىگە مۇۋاپىق كىلىدىغان تاماق ۋە خۇرۇچلارنى ئىشلىتىدۇ.
  قىممەت قارىشى:ئۈرۈمچىلىكلەر موھىت ۋە شەھەرلىشىشىنىڭ تەسىرىدە ئاقۇش،تاتىراڭغۇ ۋە ئەقلى بەدەن ھالىتى تىپىغا كىرىدۇ،جىسمانى كۈچتىن ئەقلى كۈچكە كۆپرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ،ئىجدىمائى پائالىيەتلەرگە كۈپرەك قاتنىشىدۇ،ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بېرىدۇ،كىتاپ ئوقۇش ۋە ئىلىم ئۆگىنىشكە قىزىقىدۇ،بۇ خىل قىممەت قارىشى كىشىلەرنىڭ پسىخىك ساغلانلىقىغا پايدىلىق.
  كۈندىلىك مۇھىم پائالىيەت:خىزمەتكە بېرىش -كېلىش،بازار پائالىيىتىگە قاتنىشىش ،ئەقلى ۋە ئىجتىمائىي ئادەم بولۇشقا ئىنتىلىش.
  ساغلاملىق كۈرسەتكۈچى:ئۈرۈمچىدە ھۈللۈككە مايىل كىشىلەر ياكى بەدىنىدە ھۆللۈك كۆپرەك ھاسىل بولۇپ قالىدىغان ۋاقىتلار كۆپ،جىسمانى جەھەتتە ھۆللۈكتىن كۈپرەك بولىدىغان كىسەللىكلەردىن ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى،زىققا،كانايچە ياللۇقى،رېماتىزىم،ھەزىم ناچارلىقى،قان كەملىك،كالتىسىي يىتىشمەسلىك،سۆڭەك ئۈسۈپ قىلىش....قاتارلىقلار نىسبەتەن كۈپ.
  كۆپ ئىشلىتىدىغان سۈزلەر:ئېھتىمال،مۇمكىن،ئويلىشىپ باقايلى،ئۆيگە بىرىڭلار،تېلېفۇن قىل،قاچان ئولتۇرىمىز،ئۇنۋانىڭ ھەل بولدىمۇ،ماقالە يازمىساق بولمىدى،ئوھو،بالاڭزا،نەدە.....

خوتەن كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى
  مىزاجى:خوتەننىڭ تۇپرىقى ۋە ھاۋاسىنىڭ نەملىك دەرىجىسى تۆۋەن بولغاچقا خوتەن كىشىلىرنىڭ مىزاجى قورغاقراق بولىدۇ.
  خىلىتى:مىزاج ئۆزگىرىشى مەلۇم سانغا يەتكەندە بەدەندە سۈپەت ئۆزگىرىشى _خىلىت ئۆزگىرىشكە ئايلىنىدۇ،خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى،مىزاج _خۇلقى،بۇي_تۇرقى،پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسلانغاندا ،خوتەنلىكلەرنىڭ خىلىت تەركىبى :سەۋدا،بەلغەم،سەپرا،قان.
  چىراي_شەكلى:خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئاق پىشماق،ھال تەنلىك بولۇپ،يۇمىلاق باش،ئوتتۇرا بوي،بۇرنى ئېنچىكە،لېكىن ئېگىز،يۈزى سوقۇچاقراق،چاچلىرى قارا ياكى قارامتۇل،دولقۇنسىمان،ساقال-بۇرۇتلىرى قويۇق،قوي كۆز،قاش -كىرپىكلىرى تولۇق،تەبەسسۇم چىراي كېلىدۇ.
  مېڭىش-تۇرۇشى:كۆپىنچە بىر نەرسە ئويلىغاچ يەرگە قاراپ ماڭىدۇ،كۆرۈشكەندە قولىنى كۆكسىگە ئۈلچەملىك ئېلىپ ،سىپايە ۋە رەسمى كۆرۈشىدۇ،ئۇزىغاندا يەنە شۇ تەرىزدە خوشلىشىدۇ،قاتناش ۋاستىلىرى كەلگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ،ئاستا ماڭىدۇ.
كىيىنىشى:خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئىلگىرى كەڭرەك ۋە ئۇزۇنراق كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرگەن،مىللى كىيىملەردىن دوپپا(چىمەن دوپپا)،تامبال،ياقىلىق كۆڭلەك،ياقىسىز چاپان قاتارلىقلارنى كۆپرەك كىيىدۇ،گۈزەللىككە ئىنتىلىشى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ،ئەگەر شارائىتى يار بەرسە،ئېسىل كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشكە ماھىر.
  يېمەك_ئىچمىكى:خوتەن ئۇيغۇرلىرى تەبىئى يېمەك ئىچمەكلەرگە ئەھمىيەت بېرىدۇ،تاماقنىڭ تەمى ،تەبىئىتى ۋە مەنپەئىتىنى مەخسەتلىك باھالاپ ،ھەر كىم مىزاجىغا ،ئەھۋالىغا قاراپ ،رېئال قاراش ئاساسىدا تەييارلايدۇ،بۇ سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ يېمەك -ئىچمەككە بولغان تىپىك قارىشى،خۇتەننىڭ مېۋە- چىۋىسى ،يېمەك- ئىچمىكى ئەلۋەك،شۇڭا خوتەننىڭ تۇزى ئېغىر دېگەن تەمسىل پەيدا بولغان،خوتەندە بۇغداي،كۆنجۈت،قوناق،چامغۇر،سەۋزە قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەت ۋە كۆكتاتلار كۆپ يىتىشتۈرىلىدۇ،مېۋىلەردىن ئۈزۈم،ئۆرۈك،ئۈجمە،ئەينۇلا،شاپتۇل،ئالما،ياڭاق قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى،بولۇپمۇ «راك كىسەللىكىنىڭ شىپاسى»دەپ ئاتىلىدىغان  ئۆرۈك قىقى ۋە «مىۋىلەرنىڭ شاھى»ئاتالغان ياڭاقنىڭ مەھسۇلاتى دۈنياغا مەشھۇر،قىزىلگۈل كۆپ يىتىشتۈرىلىدۇ.
  ئاساسلىق يېمەك -ئىچمەكلىرىدىن غورا ئاش،لەغمەن،دۇڭلا،گۆشگىردە،سامسا،تاۋا كاۋاپ،پولو،تونۇر كاۋىپى،چامغۇر ئومىچى،زاغرا نان،ھەر خىل گۈلقەنىت،مۈسەللەس قاتارلىقلار بار،يېمەك ئىچمەكتە يۇقىرىقىدەك تەبىئى ئوزوقلۇقلار ئاساس قىلىنغان ھەمدە ھاۋا موھىتى نىسبەتەن ساپ بولغاچقا ،خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر نىسبەتەن كۆپ،شۇڭا بىرلەشكەن دۈلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دۈنيادىكى ئۇزۇن ئۈمۈر كۈرگۈچىلەر رايۇنى»دەپ نام بېرىلگەن تۆت رايۇننىڭ بىرى دەل خوتەندۇر.
  ئالاھىدىلىك ۋە قىممەت قارىشى:خوتەن ئۇيغۇرلىرى كىشىگە يېقىنلىق ۋە تىنچلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ،سەمىمى ياۋاش كېلىدۇ،ئۈزى قايىل بولغان ۋە ياقتۇرغان كىشىگە سادىق بولىدۇ،سىر ساقلايدۇ،لېكىن تونۇشمىغان كىشىدىن ئېھتىيات قىلىدۇ،ئۆز ئىشىغا پۇختا كېلىدۇ،رومانتىك بولغاچقا ،خوتەندە ئەزەلدىن مۇھەببەت داستانلىرى ،دىنى رىۋايەتلەر ،تەسىرلىك ۋەقەلەر كەڭ تارقالغان،كىشىلىرى سىرلىق ئىشلارغا قىزىقىدۇ ۋە ئەقىدە قىلىدۇ،ئۆزئىچىدە ئىتتىپاق ۋە مۇلايىم،كەمتەر ،تىرىشچان كېلىدۇ،ئۆتكەن ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن،ئۇقۇش،ئۆگىنىشكە ،چىدام بىلەن ئىشلەشكە ماھىر بولۇپ،ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلىكى بىلەن پەن-تېخنىكا ۋە سىياسى،ئىجدىمائى ساھەلەردە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان ۋە يارىتالايدۇ،ئاددى-ساددا ياشايدۇ،تىبابەت ئىلمىغا ئەھمىيەت بىرىدۇ،ئۆلىما ۋە  ئالىملارنى قەدىرلەيدۇ،كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ھەقنى ئېنىق ئايرىيدۇ.
كۈندىلىك پائالىيىتى:دېھقانچىلىق ئاساسى كەسپ،تىجارەت،خىزمەتتىن باشقا،پەننى ھۈنەر ياكى دىنى بىلىم ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىمۇ گەۋدىلىك.
  ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى:خوتەندە تېز قوزغىلىپ ،ئاسان ساقىيىدىغان كىسەللىكلەر نىسبەتەن ئازراق كۈرىلىدۇ،لېكىن سەۋدا بەلغىمىنىڭ كۆيۈشىىدىن بولغان ئېغىر كېسەللىكلەردىن ئۆپكە تۇبۇركۇليۇزى،ئۆسمە،ئاياللار كىسەللىكلىرى كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
  تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۈزلەر:خوتەن ئۇيغۇرلىرى «ر»ھەرىپىنى ئېغىر تەلەپپۇز قىلىدۇ،«ي»،«غ»ھەرىپىنى كۆپ ئىشلىتىدۇ،كۆپ ئىشلىتىدىغان سۈزلەردىن ئەدەسسىز(سان-ساناقسىز)،ھۆددەس(پەقەتلا)،مالىتىلىماق(ئاقتۇرماق)،بايىلى(بارايلى)،ھەي ياقەي،بېرىغلىخ،ئېتىگلىگ،گۇمان قىلدىم قاتارلىقلار،خوتەن ئۇيغۇرلىرى ناھايىتى ئوبرازلىق سۆزلەيدۇ،ۋەقە ۋە مەسىلىنى بايان قىلغاندا بىر ،ئىككى ئوخشىتىش سۆزى ئىشلىتىدۇ،سۆزلىگەندە قولىنى شىلتىپ ياكى قول ھەركىتى بىلەن سۆزلەشنى ياقتۇرمايدۇ.

قەشقەر كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى

  مىزاجى:قەشقەردە دەريا ۋە ئۆستەڭلەر خوتەننىڭكىدىن كۆپ،قۇرغاقچىلىق خوتەننىڭكىدىن نىسبەتەن تۆۋەن،زىرائەت مېۋە-چىۋە كۆكتاتلارنىڭ تۆت چوڭ ماددا ئىچىدىكى ئوت ۋە ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى خوتەننىڭكىدىن نىسبەتەن يۇقىرى.
  كىشىلەرنىڭ مىزاج تەرتىپى:قۇرۇق ئىسسىق،ھۆل سوغۇق،ھۆل ئىسسىق،قۇرۇق سوغۇق،ئومۇمەن قەشقەر كىشىلىرىدە قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەردە بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەر گەۋدىلىك.
خىلىتى:ئىستېمال خاھىشى،بەدەن سۈپىتى،روھىي ھالىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا ،قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىلىت تەركىبى:سەپرا،قان،بەلغەم،سەۋدا.
  چىراي-شەكلى:قەشقەر ئۇيغۇرلىرى بەستلىك،ساقال-بۇرۇتلۇق كېلىدۇ،بېشى يۇمىلاق،بۇغداي ئۆڭ،سوقىچاق يۈز،بۇرنى ئوتتۇرا ھال كەڭ،لېكىن ئېگىز،چاچلىرى قارا،قوي كۆزلۈك،ئايرىملىرى قارا كۆز،ئەگمە قاش،تېرىسى قىزغۇچ ۋە سىلىق بولۇپ،ئومۇمەن چىرايلىق كېلىدۇ،كۆزى چاقناپ تۇرىدۇ.
  مېڭىش -تۇرۇشى:قەشقەر كىشىلىرى ماڭغاندا سۈپىتىنى ساقلاپ ماڭىدۇ،ئەتراپقا نەزەر سالغاچ ماڭىدۇ،كۈرۈشكەندە قولىنى چىڭ سىقىپ كۈرىشىدۇ،ئاياللىرى يۈزىنى يۈزىگە تەگكۈزۈپ كۈرۈشىدۇ.
  كىيىنىشى:قەشقەر ئۇيغۇرلىرى كىيىمنىڭ ئۈز سالاھىيىتىنى ئىپادىلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ،كىيىملىرىنىڭ زاپاس بولىشىنى تەكىتلەيدۇ،ئىلگىرى يەكتەك ۋە ئەتلەس كىيىم ئاساسى ئوروندا تۇراتتى،ھازىر يىڭى ۋە زامانىۋى كىيىملەر ئومۇملاشماقتا.
  يېمەك-ئىچمىكى:يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىن قەشقەر ئاساسى ئوروندا تۇرىدۇ دىيىشكە بولىدۇ،تاماق تۈرلىرى،مېۋە تۈرلىرى،كۆكتات خىللىرىدىن ھەممىسىنى دېگۈدەك تاپقىلى بولىدۇ،ئاساسى تاماقلاردىن پولۇ،كاۋاپ،قاتلىما،ئۈگرە،نارىن چۈپ،پەرمۇدە،ھورنان....قاتارلىقلار،كۆكتاتلاردىن سەۋزە،چامغور،تەرخەمەك،قىزىلمۇچ قاتارلىقلار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ،مېۋىلەردىن ئەنجۈر،ئانار،ئەينولا،ئۈجمە،شاپتول،ئۈزۈم قاتارلىقلار،چاي ئىچىش قەشقەردە ئومۇملاشقان،ئەنئەنىۋى يىمەكلىكلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.
  قىممەت قارىشى:قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئەمەلى قىممەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ،مەنپەئەت ۋە ھىساباتنى ھاياتلىق ئەندىزىسى دپ قارايدۇ،سەلتەنەت ۋە ئابروي چۈشەنچىسى چوڭقۇر،سالاپەتلىك يۈرۈشنى ياخشى كۈرىدۇ،گىرىمگە ئەھمىيەت بىرىدۇ،ئۆلىما ۋە ھۈنەرۋەن كىشىلەرگە ئامراق،بۆسۈپ چىقىشنى ياخشى كۈرىدۇ،قول ھۈنەرۋەنچىلىك،تىجارەت ئىشلىرىغا مايىل ،باشقا يۇرتقا بېرىپ پۇل تېپىپ ياخشى ياشىيالايدۇ،ئۈزىنى باشقىلاردىن ئەقىللىق ھىساپلايدۇ،جانلىق،پائالىيەتچان بولۇپ،سۆزدە ماھىر،ئەمەلى ھەركەتنى ئويلاپ ھېساب قىلىدۇ،باشقىلارنى ئىشقا سېلىشقا ماھىر،باشقىلارنىڭ ئاجىز تەرىپىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر،ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ،ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ،لېكىن ھەشەمەت ۋە شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلىدۇ.
  كۈندىلىك پائالىيىتى:دىھقانچىلىق،تىجارەت،سودا-سانائەت،خىزمەتكە بېرىش-كېلىش،ئۈلپەتداشلىق.
  سالامەتلىك كۈرسەتكۈچى:ئەتىيازدا ھەر خىل جىسمانى كىسەللىكلەر ئاسان قوزغىلىدۇ،قان بېسىمى،بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش،تېرە كىسەللىكلىرى ۋە ھەزىم ئەزالىرىغا ئائىت كىسەللىكلەر نىسبەتەن كۈپ كۈرىلىدۇ.
  كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۈزلەر:سۆزنى دانە-دانە ۋەزىنلىك قىلىدۇ،باشقىلارنى ئاسان قايىل قىلىدۇ،گەپكە ماھىر،سۆزى ئۆتكۈر ۋە ئوخشىتىش ۋاستىلىرىگە تولغان بولىدۇ،كۆپ ئىشلىتىدىغان سۈزلەردىن، تىژلىقمۇ،ئوبدانمۇ،سىلى،قايلاڭلا ،ھاجىم،قارىم،بەلەنمۇ يا،نېمە دەيلا،ماڭەۋە ئاداش،خۇدايىم بۇيرىسا.

ئاتوش كىشىلىرنىڭ ئالاھىدىلىگى
مىزاجى:ئاتۇشنى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ،تاغ باغرىغا جايلاشقان يۇرت دىيىشكە بولىدۇ،شەرىق تەرەپتىن ئۇرۇلغان ئىسسىقلىق غەرب تەرەپتىكى ئىدىرلىق ۋە تاغلارغا ئۇرۇلۇپ قايتىشتىن پەيدا بولغان قۇرغاق ھاۋا ئاتۇشنىڭ ياز كۈنلىرىنى قاتتىق قۇرۇق ئىسسىق،قىشلىقىنى قاتتىق قۇرۇق سوغۇق قىلىۋىتىدۇ،تۇپرىقى تاشلىق ۋە سېغىز توپىغا كىرىدۇ،بۇ خىل تەبىئى شارائىت زىرائەت ،مېۋە-چىۋە ۋە ھەر خىل يېمەك ئىچمەكلەرنىڭ قۇرغاقلىق تەبىئىتىنى بەلگىلىگەن،ئاتۇش كىشىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كېلىدۇ.
  خىلىتى:ئاتۇش كىشىلىرىنىڭ بەدەن خىلىتى سەپرا خىلىتىغا تەئەللۇق،بەزى تارىخچىلارنىڭ ئېيتىشىچە،ئاتۇشلۇقلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر قەدەر بالدۇر مەدەنىيەتكە يۈزلەنگەن بارلاس قەبىلىسىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن.
  چىراي-شەكلى:ئاتۇش كىشىلىرىنىڭ چىراي شەكلى قەتئىيرەك كۆرۈنىدۇ،باش سۈڭىكى يۇمىلاقراق،چاچلىرى قارا،بۇرنى قاڭشالىق،سېرىقراق،بۇغداي ئۆڭلۈك،قوي كۆزلۈك،يۈزى سوقىچاقراق،ئوتتۇرا بوي،بەدەن مۇسكۇللىرى چىڭ،ئورۇق-سىمىزلىكى ئوتتۇرا ھال،ئەگمە قاش،كۆزى ئۈتكۈر،قاپىقىنىڭ قېتى كەڭ كېلىدۇ.
  مىڭىش تۇرۇشى:ماڭغاندا تېزراق ۋە رۇس ماڭىدۇ،پائالىيەتچان كېلىدۇ.
  كىيىنىشى:كىيىنىشتە ئەمەلى رولنى تەكىتلەيدۇ،ئىسراپچىلىقنى ۋە دەبدەبىلىكنى ياقتۇرمايدۇ،كىيىمنى ئاياپ مۇھىم ئورۇنلاردا ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ،چاكىنا ۋە ئالا بۇلا كىيىملەرنى ياقتۇرمايدۇ.
  يېمەك-ئچمىكى:قۇرغاق يىمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ،ناننى ئۇلۇغلايدۇ،سۈت ئىچىشكە ئادەتلەنمىگەن.
  قىممەت قارىشى:ئاتۇش كىشىلىرىنىڭ تەپەككۈرى تېز بولىدۇ،ئىشنىڭ نۇقتىلىق تەرىپىنى تىز بايقايدۇ،ئېنكاسى تېز،مەسىلىنى نەقلا ئوتتۇرىغا قويىدۇ،گەپ ئەگىتىشنى ياقتۇرمايدۇ،ئەمەلى قىممەت ۋە ئۈنۈمنى تەكىتلەيدۇ،ئۆز ئىچىدە ئىناق،بىر-بىرىنى يۈلەيدۇ،قىيىنچىلىق ئالدىدا زارلاش ئەمەس،ئۇنى ھەل قىلىش چارىسى بىلەن خاس خارەكتىرنى ئىپادىلەيدۇ،كەمتەر بولۇپ ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بۋرىدۇ،باشقىلارنىڭ ئەيىۋىنى ئاچمايدۇ ،سەپەر ۋە تىجارەتكە ئىنتايىن مايىل،باشقا جايلاردا تىجارەت،ئوقۇش جەھەتلەردە كۈپ ئۈنۈم قازىنالايدۇ،بىرىنچى بولۇش ئىدىيىسى كۈچلۈك.
  كۈندىلىك مۇھىم پائالىيىتى:دىھقانچىلىق،سودا-تىجارەت،ھۈنەر،سەپەر،ئوقۇش،ئۆگىنىش.
  ساغلاملىق كۈرسەتكۈچى:ئاتۇشتا ئېغىر ۋە سوزۇلما كىسەللىكلەر ئانچە گەۋدىلىك ئەمەس،بىراق تېز ئىپادىلىنىدىغان ۋە يەڭگىل كىسەللىكلەر كۆپرەك،ئۇنىڭدىن باشقا قان بېسىمى ،ئۆت،ئۇستىخان ۋە ئۈچەي كىسەللىكلىرى ئاساسى ئورۇنداتۇرىدۇ.
  كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر:ئاتۇشلۇقلارنىڭ سۆزىدىن قەتئىيلىك ۋە ئۈمىدۋارلىق چىقىپ تۇرىدۇ،ئاغرىنىش ۋە خۇشامەتكە تولغان يېلىنىش ئىپادىلىرى بولمايدۇ.
  كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر:ئىش ئوقىتىڭ قانداراق،مىدىيلاپ تۇرمامسەن،ياخشى ئوقۇ،پۇلۇمنى بىرىۋىتەمسىلەر....قاتارلىقلار.

كورلا كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى
  مىزاجى:قۇرۇق سوغۇق،قۇرۇق ئىسسىق،ھۆل سوغۇق،ھۆل ئىسسىق دېگەن تەرتىپ بويىچە تىزىش مۇمكىن.
  خىلىتى:خىلىت ئېتىبارىدىن كورلا كىشىلىرىنى سەۋدا،سەپرا،بەلغەم،قان دېگەن تەرتىپ بۇيىچە تىزىشقا بولىدۇ.
  چىراي-شەكلى:سارغۇچ ئۆڭلۈك،بېشى يۇمىلاقراق،بويى ئوتتۇرا ھال،يۈزىنىڭ سۈڭىكى چوڭراق،بۇرنى قىلىنراق،يۈزى كەڭ،چاچلىرى تۈز ھەم قويۇق،كۆز قارىچۇقى قارا،قاپىقى تار ئەمما قىلىنراق،ساقال-بۇرۇتلىرى ئوتتۇرا ھال بولىدۇ.
  يېمەك-ئىچمىكى:بۇغداي،گۈرۈچ ۋە گۈش مەھسولاتلىرى كۆپ چىقىدۇ،كۆكتاتمۇ كۆپ تېرىلىدۇ،يېمەك-ئىچمەكتە نان،لەغمەن،سۇيۇقئاش،كاۋاپ قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ.
  مېۋىلەردىن نەشپۈت، تاۋۇز،ئۆرۈك،ئۈزۈم ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ،دەريا ۋە كۆل بېلىقلىرىمۇ ئالاھىدە مەھسۇلات ھېساپلىنىدۇ.
  قىممەت قارىشى:كورلا ئۇيغۇرلىرى مۇلايىم،ئىززەت-ئىكراملىق،چىقىشقاق كېلىدۇ،دېھقانچىلىق،ئوۋچىلىق،بىلىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ،باغ،ئورمان يىتىشتۈرۈشكە ھېرىس كېلىدۇ،ئەمما ھۈنەر -كەسپ،تىجارەت بىلەن ئانچە شۇغۇللانمايدۇ.
ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى:كورلىدا ئېغىر ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلمەيدۇ،ئاساسەن تېرە كىسەللىكلىرى ،ئاشقازان،ئۆچەي كىسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپ.
  تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر:قىلايلى،ئاۋارە بولمايلىلا،قالسۇن،ئەكىپ(ئەكىلىپ)....قاتارلىقلار،جۈملىنىڭ ئاخىرى سوزولۇپ ئېيتىلىدۇ.

تۇرپان كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى
مىزاجى:قۇرۇق سوغۇق،قۇرۇق ئىسسىق،ھۆل سوغۇق،ھۆل ئىسسىق دېگەن تەرتىپ بويىچە تىزىش مۇمكىن.
  خىلىتى:خىلىت ئېتىبارىدىن تۇرپان كىشىلىرىنى سەۋدا،سەپرا،بەلغەم،قان دېگەن تەرتىپ بۇيىچە تىزىشقا بولىدۇ.
  چىراي شەكلى:سېرىق،ئاق پىشماق،بەستلىك كېلىدۇ،ساقال-بۇرۇتلىرى شالاڭ،بۇرۇن تۆشۈكى چوڭ بولىدۇ،ئومۇمەن كۆپىنچىسى ئەينى دەۋىردىكى تۇرپان ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىراي-شەكلىگە ۋارىسلىق قىلغان.
  مېڭىش-تۇرۇشى:ئۇستىخىنى تەرەققى قىلغان،ئالدىراپ ماڭىدۇ،بىر قەدەر جىددى كېلىدۇ.
  كىيىنىشى:ئاددى-ساددا كىيىنىدۇ،كىيىم ئارقىلىق ئىناۋەت -ئابرۇي قازىنىشنى ۋە كىيىمنى بەك پوزۇر كىيىشنى ياقتۇرمايدۇ.
  يېمەك-ئىچمىكى:زىرائەتلەردىن كېۋەز،بۇغداي،قوناق،تېرىق يېتىشتۈرىلىدۇ،كۆكتاتلاردىن سەۋزە،چامغۇر،تۇرۇپ،يېسىۋىلەك،ياڭيۇ قاتارلىقلار چىقىدۇ،مىۋىلەردىن ئۈزۈم(جۈجەم) ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ،قوغۇن،تاۋۇز،جىگدە ،ئۆرۈك قاتارلىق مىۋىلەر چىقىدۇ،تۇرپاندا ھازىرمۇ قەدىمكى تاماقلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ،كىشىلىرى ئەنئەنىۋى كۆكتات،مېۋە-چىۋىلەرنى ئاساس قىلىپ ئاساسەن بۇغداي،ئاق قوناق نېنى،سۈت چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن،كۆپىنچە قۇرۇق يىمەكلىكلەرنى قورۇلغان سەي بىلەن يىيىش ئادىتى بار،ئاساسلىق تاماقلاردىن قوتۇرماچ،پۆرە،ئوماچ،شاھى پەتتا،لەغمەن،مانتا،پۇرچاق ئېشى قاتارلىقلار،قىشلىقى يىشىل ئۈزۈم،جۈجەم ۋە قوغۇننىڭ قۇرۇتۇلغا قېقىنى نان بىلەن يەيدۇ،جۇتاڭ(زاڭ)دېگەن تاماقمۇ كۆپ ئېتىلىدۇ.
  قىممەت قارىشى:ئۇلار كيىىم كىچەكنى ئېھتىياج ئۈچۈن دەپ تونۇيدۇ،ميىمەك ئىچمەكنى بەك ئىشلەپ نەپىس تىزىپ ھەر خىل خۇرۇچ ۋە رەڭلەرنى سېلىپ تەييارلاشنى ئاۋارىچىلىق دەپ تونۇيدۇ.
  تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ساددا،تۈز كېلىدۇ،ئارتۇقچە پايدا ئىلىش ۋە ئۆز ئارا بوزەك قىلىش قارىشى يوق دىيەرلىك،ھەشەمەتچىلىك،كىيىم ۋە قورۇ جاي ئارقىلىق سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈش چۈشەنچىسى يوق،ئۇلار ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ،ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتلىرى ئارا قاتتىق ھايا ساقلىنىدۇ،كونا شىۋىدە سۆزلەشنى ياقتۇرمايدۇ ھەمدە نەگىلا بارسا بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ،ھەق-ناھەق ئىشىغا سەزگۈر كېلىدۇ،تەبىئى پەن ۋە ھەربى ئىشلارغا مايىل كېلىدۇ،سودا -سېتىق،ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشلىرىنى تازا قاملاشتۇرۇپ كېتەلمەيدۇ.
  كۈندىلىك مۇھىم پائالىيىتى:دېھقانچىلىق،قول-ھۈنەر،ئۈزۈمچىلىك ،سودا-سىتىق،خىزمەت قاتارلىقلار.
  ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى:جىسمانى كېسەللەردىن سۆڭەك،تېرە،چاچ،ئۈپكە،ئۈچەي كېسەللىكلىرى كۆپرەك،روھى ۋە پسىخىك توسالغۇدىن بولىدىغان كىسەللىكلەرمۇ ئاز ئۇچرايدۇ.
  تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى:تۇرپان شېۋىسىدە كونا تۈركي ئاتالغۇلار كۆپرەك،ئادەتتە «ر»تاۋۇشى ئىلىنىدۇ،بەزى سۈزلەردىكى «ۋ»تاۋۇشى «گ»غا ئۆزگىرىپ قالىدۇ،بوغوملار ئىمكانقەدەر ئازايتىلىدۇ،مەسىلەن:باردۇ(بارىدۇ)،يېت باغان(يېتىپ بارغان) قاتارلىقلار،كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىن نەۋارىسەن(نەگە بارىسەن)،دۇرۇس،كېلىش،كېپىش،ئاتا،ئايلا،داباي(ئاپاي)،دايەر(ئاۋۇ يەر)،دەنە(ئەنە)،مايناق(مۇشۇنداق)،قارىنا(قارىغىنە) قاتارلىقلار،تۇرپان ئۇيغۇرلىرى بىرەر ئىش-ۋەقەلەرنى بايان قىلغانداناھايىتى ئىخچاملاپ سۆزلەيدۇ،شۇڭا جۈملىنى ئىخچاملاش،سۆز يىغىش توغرا كەلسە،تۇرپان شىۋىسىدىن پايدىلىنىش مۇمكىن.

قۇمۇل كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى

  مىزاجى:يېمەك-ئىچمەك ۋە موھىت تەسىرىدە بۇ يۇرت خەلقى ئارىسىدا قۇرۇق سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەر كۆپرەك.
خىلىتى:قۇمۇل خەلقىنىڭ تەن ۋە روھى ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ خىلىت تەرتىپىنى مۇنداق تىزىش مۇمكىن:سەۋدا،بەلغەم،سەپرا،قان.
  چىراي شەكلى:ئاقپىشماق،سەل-پەل بۇغداي ئۆڭلۈك ،ئوتتۇرا ئېگىز بوي،پېشانىسى تارراق،قوي كۆز،يۇقىرى قاپىقىنىڭقېتى چوڭ،بۇرنى ۋە ياڭاق سۆڭىكى كەڭرەك كېلىدۇ.
  مېڭىش-تۇرۇشى:سىلىق-سىپايە،ئوتتۇرا ھال ماڭىدۇ،ئۆز ئارا ئىززەت -ئېكرام بىلەن كۈرۈشىدۇ.
  كىيىنىشى:ئاددىي-ساددا ،سىپتا بولۇشنى تەكىتلەيدۇ،يىپ ۋە پاختىدا تىكىلگەن كىيىملەرنى ياقتۇرىدۇ،كۆپىنچە ئۆزلىرى تەييارلاپ كىيىشكە ئادەتلەنگەن.
  يېمەك -ئىچمىكى:زىرائەتلەردىن بۇغداي،قوناق،پاختا،دادۇر يېتىشتۈرۈلىدۇ، چامغۇر، تۇرۇپ، سەۋزە، يېسىۋىلەك كۆپ تېرىلىدۇ،جىگدە،چىلان ،ئۈجمە،قوغۇن،تاۋۇز،ئۈزۈم،ئۆرۈك ئۆستۈرىلىدۇ،يېمەك-ئىچمەكتە تەبىئى يىمەكلىكلەرنى ۋە قەدىمكى تاماقلارنى ئاساس قىلىدۇ،سۇيۇقئاش،ئۇماچ،يارما ئاش،ياپما،لەغمەن،مانتا،چۆچۈرە،ھورنان قاتارلىقلار قۇمۇل خەلقىنىڭ ئاساسلىق تامىقى ھېساپلىنىدۇ.
  قىممەت قارىشى:ئۇلار كەمتەر ،خۇش پېئىل،سىلىق-سىپايە،ئۆم-ئىناق،سەنئەتخۇمار كېلىدۇ،ئۆز ئىچىدە خۇددى تۇغقانلاردەك ئۆتىدۇ،ئۇرۇقداشلىق ۋە يۇقىرى-تۆۋەن،ياش-قېرىلىق تەرتىپىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ،تۈز ،ساددا ،كۆيۈمچان كېلىدۇ،ھەق-ناھەق قارىشى كۈچلۈك،تەرجىمە،پەن-تېخنىكا ۋە ھەربى ساھەلەردە ئالاھىدىلىگىنى ئىپادىلەيدۇ،سودا ئىشلىرىغا ئانچە بېرىلمەيدۇ.
  ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى:تېرە ،سۆڭەك كىسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپ ،يەنە روھىي،پسىخىك ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەرمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
  كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى:ئۆزلىرى،نېمە قىيلا(نېمە قىلىۋاتىدىلا)،جىم تۇرسۇنا(جىم تۇرۇڭ)،بارايلىڭ(بارايلى)،يىنە(يەنە) قاتارلىقلار،ئۇلار سۆزنى تېزراق قىلىدۇ.

ئىلى كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى

مىزاجى:ئىلىلىقلارنىڭ مىزاجىنى ھۆل ئىسسىق،ھۆل سوغۇق،قۇرۇق ئىسسىق،قۇرۇق سوغۇق دەپ ئايرىش مۇمكىن.
  خىلىتى:ئۇلارنىڭ تەن ساپاسى،پسىخىك ئالاھىدىلىگى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ بەدەن خىلىتىنى مۇنداق رەتكە تۇرغۇزۇش مۇمكىن،قان،بەلغەم،سەپرا،سەۋدا.
  چىراي-شەكلى:ئۇلارنىڭ تېرىسى بۇغداي ئۆڭ،قاڭشىرى قېلىن،كۆزلىرى نۇرلۇق كېلىدۇ،يىقىنقى 20 يىلدىن بېرىكى  يىڭى ئىلىلىقلاردا قەشقەر،ئاتۇش،خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت خاراكتېرى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.
  مېڭىش-تۇرۇشى:سالماق،سۈپەتلىك مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ،قىزغىن ۋە يۇمۇرلۇق كۆرۈشىدۇ،ھەركىتى قىزىقارلىق.
  كىيىنىشى:ئىلىلىقلار كاستىيۇم-بۇرۇلكا،پەلتۇ كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ،شەپكە ۋە شىلەپە قاتارلىق باش كىيىملىرى،دوپپا بىلەن بىللە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت بەلگىسى بولۇپ قالغان كانىۋاي كۆڭلەكمۇ كۆپ ئومۇملاشقان،كەمزول،خۇرۇم بەلۋاغ،ئۆتۈك قاتارلىقلارمۇ ئومۇملاشقان.
  يېمەك-ئىچمىكى:بوغداي،شال قاتارلىق زىرائەتلار،ئالما،شاپتۇل،قوغۇن،تاۋۇز قاتارلىق مېۋە-چىۋىلەر،سەۋزە،تۇرۇپ،ئاق يېسىۋىلەك قاتارلىق كۆكتاتلار كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ ۋە ئىستىمال قىلىنىدۇ،ئاساسى تاماقلىرى پولو،نارىن،لەغمەن،سۇيۇقئاش قاتارلىقلار بولۇپ،ئەتكەن چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن.
  قىممەت قارىشى :ئىلىنىڭ ھاۋاسى ساپ،يېمەك-ئىچمىكى نىسبەتەن يۇقىرى،سۈيى ئەلۋەك بولۇپ،كىشىلىرى تۇرمۇشتا رەتلىك ،تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ،مېۋە-چېۋىگە ئامراق،ئۇلار ئەمگەكچان ،باتۇر،روھلۇق،خۇشچاقچاق،يۇمۇرلۇق كېلىدۇ،تىجارەتكە ماھىر،چاققان،ئۇچۇرغا سەزگۈر،تەۋەككۈلچىلىك ئارزوسى كۈچلۈك،ناخشا-ساز،مەدەنىيەت ۋە ئىجدىمائى ئىشلارغا مايىل كېلىدۇ،ھەر بىر ئىش ھالقىسىنى ۋە پۈرسەتنى چىڭ تۇتىدۇ،ئۆزىگە يارىغان ئىشنى قىلىۋىرىدۇ.
  كۈندىلىك مۇھىم پائالىيىتى:دىھقانچىلىق،سودا-تىجارەت،قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىقلار،ئىلىدا مەشرەپ،ئولتۇرۇش  پائالىيەتلىرى بىر قەدەر كۆپ.
  ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى:تېرە كىسەللىكلىرى گەۋدىلىك،ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللار كېسەللىكلىرى،تاناسىل ئەزا كېسەللىكلىرى ھەمدە ئۆپكە كېسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپ يۈز بىرىدۇ.
  تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر:ئىلىلىقلار كۆپىنچە سەنلەپ سۆزلەيدۇ،سوئال جۈملە ئاخىرىغا »ۋۇي«،سۆزنىڭ ئاخىرىغا »ئىنە،گىنە،سەن،غۇ«قاتارلىق قوشۇنچىسى قوشۇلىدۇ، «ئا» ھەرپى قاتتىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ،پېئىلنىڭ ئاخىرىغا «نى»قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ،كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر ،تۇرغىنى(تۇرغىلى)،ئۇرغىنى(ئۇرغىلى)،تارتقىنى(تارتقىلى)،قەيەردىن سورايمىز سېنى،قانداق ئەھۋالىڭ ھوي،قىلارە،ئىتارە،گىدىككىنە،ۋاچچىدە،تولا،يېڭىياچى،مۇغەمبەر،بوممامسەن(بولمامسەن)...قاتارلىقلار.
 
مەنبە:شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى نەشىر قىلغان«ئەينەك»ناملىق كىتابتىن ئىلىندى.
ئەسكەرتىش:باشقا تور بەتلەرگە قالايمىقان كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-19 21:04 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۆرپ - ئادەت

Total 0.059701(s) query 3, Time now is:01-11 01:54, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation