داۋامى:
19-نويابىر(1-دىكابىر) كۈنى، بىزنىڭ ئىلتىماسىمىز تەستىقلاندى. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتۈپلا توخسۇن قورغىنىغا يۈرۈپ كەتتۇق. بۇ چاغدا ياقۇپبەگ توخسۇندا ئىكەن. ئۆمىكىمىزنىڭ سەپىرى مۇنداق بولدى:
بىز مارالبىشى قورغىنىدىن ئۆتۈپ، 10-دىكابىر(22-دىكابىر) كۈنى ئاقسۇ شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. بۇ 19كۈن ئىچىدە تەخمىنەن 1355 چاقىرىم يول يۈردۇق. ئاقسۇدا بىر ھەپتە تۇرۇپ، بۇشەھەرنىڭ ۋە ئۇنىڭ بازارلىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشتۇق. شۇنىڭدەك بەزى گۇمانى قاراشلىرىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالدۇق. بىز 18- دىكابىر (30-دىكابىر) كۈنى ئاقسۇدىن چىقىپ باي، كۇچا قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۆتكىنىمىزدىن كېيىن، 1877-يىلى 10-يانۋار(22-يانۋار)كۈنى كورلىغا يېتىپ كەلدۇق. ھېساپلاپ كۆرسەك، 19 كۈن ئىچىدە تەخمىنەن 1043 چاقىرىم(ئەسلى ئەسەردە شۇنداق دىيىلگەن ـ تەرجىماندىن.)يول بېسىپتۇق. بىز ئوش شەھرىدىن كورلىغىچە تەخمىنەن 4515 چاقىرىم يولنى ئاتلىق بېسىپ ئۆتتۇق.
ئىككىنچى كۈنى، «بەدۆلەت» بىزنى قوبۇل قىلدى. مەن تۈركىستان ۋالىسىنىڭ نامىدىن ئۇنىڭغا ئېھتىرام بىلدۈردۈم ۋە خەت- ئالاقە، سوغىلارنى تاپشۇردۇم.
مەن داستىخان ئۈستىدە (بۇ خىل زىياپەتلەردە مېھمانلارغا كەينى- كەينىدىن ھەرخىل نازۇ- نېمەتلەر كەلتۈرىلەتتى- تەرجىماندىن.) نۇتۇق سۆزلىدىم. مىنىڭ ئەينەن سۆز تېكىستىم مۇنداق ئىدى:
« بەدۆلەت جانابلىرى، بىزلەر بولساق جانابى ئالىلىرىنىڭ خاھىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، زىمىنلىرىدا تۇنجى قېتىم مۇنداق ئۇزۇن سەپەر قىلىشقا كەلگەن رۇسلاردۇرمىز.»
« جانابى ئالىلىرىنىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بېسىپ ئۆتكەنلىكى جايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ۋە بىزگە ھەمرا بولۇشقا تەيىنلەنگەن خادىملار سەپىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە بىزگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى ھەمدە ئۆز ئىشىدا تامامەن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى .»
« ئەمدى ئۆزىمىزگە كەلسەك، سەپىرىمىز داۋامىدا ئۆزىمىز بېسىپ ئۆتكەن يەرلەر بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تونۇشتۇق. توختاپ ئۆتكەن شەھەرلەردىن روسىيە تېرىتورىيىسىگە بارغىلى بولىدىغان يوللارنى ئىزلەپ كۆردۇق. بۇشەھەرلەرنىڭ ۋە ئۇلاردىكى ئاھالىنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆئارا مەنپەئەتلىك سودا مۇناسىۋەتىنى كېڭەيتىشكە ھەمدە شۇ ئارقىلىق دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرسىدىكى ئۆز- ئارا مەنپەئەتلىك سودا مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشكە ھەمدە شۇ ئارقىلىق دۆلەتلىرىمىز ئارىسىدىكى دوستانە بېرىش- كېلىش مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.»
« بىز بۇ ئۇزاق سەپىرىمىزدە، مۇنبەت يۇرتلارنى ۋە ئۈنۈمسىز چۆل باياۋانلارنى بېسىپ ئۆتتۇق. چوڭ-كىچىك شەھەرلەرنى كۆردۇق. بايلار ۋە نامراتلار بىلەن ئۇچراشتۇق، شۇنىڭدەك بۇيەردە ئوزۇق- تۈلۈك، چەرچىن ماللارنىڭ باھاسى ناھايىتى ئەرزان ئىكەنلىكىنىمۇ كۆردۇق. بۇنىڭدىن بىز: بەدۆلەت جانابلىرىنىڭ سەلتەنىتى ئاستىدىكى پۇقرالار ھورۇن،يالقاۋ بولمىسىلا، باياشاتلىقتا تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، دىگەن خۇلاسىگە كەلدۇق. بىز يەنە شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلدۇقكى، بەدۆلەت پۇقرالىرى ئۆزلىرىگە يۈكلەنگەن ئەمىر- پەرمانلار ھەم ۋەزىپىلەرنى بىجانىدىل ئادا قىلىدىكەن. ھەتتا كورلىدىن ناھايىتى يىراق بولغان يېزا- قىشلاقلاردىكى پۇقرالارمۇ خۇددى بەدۆلەت شۇ يەردە تۇرغاندەكلا، يۇۋاش- مۆمىن ئىكەن.»
« قىسقىسى، بىز جانابلىرىنىڭ تېرىتورىيىسىدە قىلغان بۇ قىتىمقى ئۇزۇن ساياھىتىمىزدىن كېيىن، شۇنىڭغا تېخىمۇ ئىشەندۇقكى، بەدۆلەت جانابلىرى قۇدرەتلىك چوڭ بىر دۆلەتنى بەرپا قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇنى دانالىق بىلەن ئىدارە قىلىدىغان كۈچ- قۇدرەتكىمۇ ئىگە ئىكەن.»
كاپىتان سونارگولوۋ (Captain Soonfrgooloff) ھېلىقى سۆزلىرىمنى ئۇدۇللۇقچە تەرجىمە قىلدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە:
سىلەر مىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىم،-دىدى. ئۇ بىزدىن ھىچنەرسىنى يوشۇرمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تۈركىستان باش ۋالىسى بىلەن بولغان دوستلۇقىنى تېخىمۇ چېڭىتىشنىلا ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىپ كېلىپ، -مەن بىر ئاددى ئادەممەن، شۇڭا سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا موھتاجمەن،-دىدى.
ئارقىدىنلا مەن باش ياساۋۇل گېنېرال فون كائۇفمان (Von Kaufmann) نىڭ نامىدىن، ياقۇپبەگكە مەشھۇر ساياھەتچى پىرژىۋالىسكى ئەپەندى(Prjevalski) نى ياخشى كۈتىۋالغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتتىم ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پىرژىۋالىسكى ئەپەندىگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىشنى رەسمى تەلەپ قىلدىم. ئاخىر زىياپەت تۈگەپ ھەممەيلەن تارقاشقا تەييارلانغاندا، مەن ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قىتىم قەشقەرىيەگە كىلىشىدە قەشقەرىيە خەلقى بىلەن روسىيە خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن سەمىمىي دوستلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈمۈدىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۈم.
ياقۇپبەگ بىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنى ناھايىتى ئاددى-ساددا، مېھرىبان كۆرسىتىپ، چوڭچىلىق قىلمىدى(قەشقەردە ئۇنىڭ ئوغلى بەكقۇلىبەگ بولسا بىزنى قوبۇل قىلغاندا ناھايىتى تەكەببۇرلۇق قىلغان ئىدى). زىياپەتتە، نازۇ-نېمەتلەرنى ئۆزى تەييار قىلدى. شۇنىڭدەك ، خىزمەتكارلارغا بىزنى بىئارام قىلىپ قويماسلىق ھەققەدە كۆرسەتمە بەردى.
بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، زامانخان ئەپەندى(Zaman Khan Effendi) بىز چۈشكەن مېھمانخانىغا كەلدى. ئۇ ياقۇپبەگنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن، بىز بىلەن دەسلەپكى كېڭەشمە ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن ئىدى. زامانخان ئەپەندىنىڭ رۇسچىنى ناھايىتى ياخشى سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ناھايىتى بىلىملىك كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدۇق( بىز بۇ زات بىلەن ئەنگىلىيە توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق. قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىنگىلىزلار بىلەن خوشى يوق ئىكەن، بىز يەنە ياۋروپا مەسىلىلىرى ئۈستىدىمۇ سۆزلەشتۇق. ئۇنىڭ كۆز قارىشى خېلىلا توغرا ئىدى. ئۇ يەنە تۇنىس، ئالجىرىيەۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋەلى بىلەنمۇ ناھايىتى تونۇش ئىكەن). بۇ كىشى بىزگە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ ئىشلاردىن ئۇنىڭ كاۋكازىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى، روسىيىدە ئۇقۇغانلىقىنى، مەلۇم سىياسىي سەۋەپ ۋە باشقا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇ يەردىن ئىستانبولغا قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، كېيىن قەشقەرىيەگە كەلگەنلىكىنى بىلدۇق. زامانخان شۇنىڭدىن باشلاپلا ياقۇپبەگنىڭ دانىشمەنلىرى ئىچىدە ئىشەنچ قازانغان بىر كىشى بولۇپ قالغان. زامانخان رۇسلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغان ئادەم ئىدى. بۇ كېيىن ئۇنىڭ ئەمىلىي ھەركىتىدىمۇ ئىپادىلەندى. پولكوۋنىك پىرژىۋالىسكى زامانخاننىڭ ياردىمىدىلا لوپنۇر كۆلىگە بېرىشقا ئىجازەت ئالدى. زامانخان كورلىغا يېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، بىزنىڭ ھېلىقى ساياھەتچىمىز ئۇ يەردە مىرزا قاماقتا يېتىش ھالىتىدە تۇرغان ئىدى.زامانخان كورلىغا كەلگەندىن كېيىن، شەەخسەن ئۆزى پىرژىۋالىسكىغا ھەمرا بولۇپ لوپنۇر كۆلىگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىن پىرژىۋالىسكى ماڭا يازغان خېتىدە، ئۆزىنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ھەمدە بۇ قىيىن شارائىتلاردا زامانخاننىڭ سەمىمى دوستانە قول سۇنغانلىقى ۋە ياردەملەشكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن زامانخانغا كۆپ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھالبۇكى، مەن زامانخانغا ھەرقانچە ئىشەنگىنىم بىلەنمۇ، چېگرىنى ئايرىپ چىقىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيتتىم. شۇڭا، «بەدۆلەت» بىلەن شەخسەن بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدىم. زامانخان بىزنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، باشقا ئىشلار ئۈستىدە سۆزلەۋىتىپ ياقۇپبەگ ئىنگىلىزلارنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغانلىقتىن، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى شۇڭا ياقۇپبەگ ئىنگىلىزلارنىڭ رۇسلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە سوغاقچىلىق سالىدىغان ئۆسەك سۆزلىرىگە زادىلا قۇلاق سالمايدىغانلىقىنى، ئەمدى ياقۇپبەگ ئۆزىنىڭ رۇسلارغا تايىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلىپ قالغانلىقىنى تەكرار ئېيتتى.
ئاخىر 20- يانۋار(1-فېۋرال) ئەتىگەندە، زامانخان بىزگە«بەدۆلەت»نىڭ شۇ كۈنى ئاخشام سائەت 8دە ئۆز ھوزۇرىدا بىز بىلەن كېڭىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. زامانخان بىزگە يەنە‹ياقۇپبەگنىڭ قوبۇل ۋاقتىنى ئاخشامغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق، چۈنكى ياقۇپبەگ ئاخشاملىقى ناھايىتى خۇش كەيپ بولىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى ۋە ئەڭ قەدىرلىك مېھمانلىرىنىلا ئاخشىمى قوبۇل قىلىدۇ›دېدى.
مەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، يالغۇز لېيتېنانت سونارگولوۋنىلا ئېلىپ ياقۇپبەگنىڭ ھوزۇرىغا باردىم. ئۇبىزنى خۇددى بىرىنچى قېتىم قوبۇل قىلغان چاغدىكىدەكلا قىزغىن كۈرۈۋالدى. ياقۇپبەگ بىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، بىزنىڭ چىگرىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى پىكىرىمىزنى ئاڭلاپ باقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇنىڭ بىلەن، مەن ئادىنئالا تەييارلاپ قويغان تېكىست بويىچە سۆزلەشكە باشلىدىم. سونارگولوۋ بولسا مېنىڭ سۆزۈمنى بۆلەكلەر بويىچە تەرجىمە قىلىشقا كىرىشتى.
مېنىڭ سۆزۈم مۇنداق ئىدى:
«مېنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمنىڭ ئاساسىي مەقسىدى، روسىيە بىلەن قەشقەرىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چىڭىتىش. خۇداغا شۈكرىكى، بۇنداق دوستانە مۇناسىۋەت ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىپ كەلدى. ئەمدى يەنە بىر مەقسەتكە كەلسەم، ئەسلىدىكى قوقان بىلەن يەنى ھازىرقى پەرغانە ئۆلكىسى بىلەن جانابى«بەدۆلەت» ئالىلىرىنىڭ تارخانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىنىڭ ئاساسىي ئايرىلىش نۇقتىلىرىنى ئايرىپ چىقساق دەيمەن. »
«تۈركىستان باش ۋالىسى مىنى جانابى ئالىلىرىنىڭ ھوزۇرىغا ئالاھىدە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشتىن بۇرۇنلا، بۇ چېگرىنىڭ كېسىپ ئۆتىدىغان مەلۇم نۇقتىلىرىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.»
« مۇبادا جانابى ئالىلىرى تۈركىستان باش ۋالىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە چېگرا سىزىقىنى قوبۇل قىلىشنى ماقۇل كۆرسىلە بۇ، جانابى ئالىلىرىنىڭ قۇدرەتلىك روسىيە بىلەن بولغان دوستلۇقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلى بولۇپ قالغۇسى.»
« ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەقدىرىمۇ بەندىنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاشلا خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە بولىدۇ. خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداقكى، بەزى ھۆكۈمرانلار ئۆز دۆلىتىنى دانالىق بىلەن ئىدارە قىلغانلىقتىن، ئۆز دۆلىتىنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى نامايەن قىلالايدۇ ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ زىمىنىنىمۇ كېڭەيتەلەيدۇ؛ بەزىبىر ھۆكۈمرانلار بولسا ئۆزلىرىدىكى بىر مۇنچە نۇقسانلار تۈپەيلىدىن، بۇنداق كۈچ- قۇدرىتىنى نامايان قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى ئاتا- بوۋىلىرى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ بىرقانچە ئەسىرلەردىن بېرى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىمۇ قولىدىن بېرىپ قويىدۇ.»
« ناھايەت، قوقان بۇنىڭدىن 13 يىل ئىلگىرىلا ماۋارائۇننەھرى بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت ئىدى. ئۇنىڭ چېگرىسى غەرىپتە چىمكەنت شەھىرىگە، شەرقتە قۇرتقا قورغىنى جايلاشقان نارىن ۋىلايىتىگە يېتىپ باراتتى. جەنۇب تەرىپى قەشقەرىيە تۈزلەڭلىكىگە چىققىلى بولىدىغان پۈتكۈل تاغ تىزمىلىرى بىلەن ئېھاتە قىلىنغان ئىدى. قوغۇشۇن كانى بىلەن تاشقورغان ئۇنىڭ چېگرىدىكى ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلخانىلىرى ھېساپلىناتتى.»
« ئىچكى ئىختىلاپ ۋە خانلىقنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمرانى خۇدايارخان ئۆكۈزگەن بىرمۇنچە خاتالىقلار تۈچەيلىدىن دەسلەپتە بەزىبىر شەھەرلەر قولدىن كەتتى. ئارقىدىنلا يەنى بۇلتۇر، ئەسلىدە قوقان دۆلىتىگە تەۋە بولغان پۈتكۈل زىمىن روسىيە ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېتىلدى.»
« ئەسلىدىكى قوقان دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق كۈچى ۋە بايلىقى پەرغانە ۋادىسى بىلەن ۋە بۇ ۋادىغا جايلاشقان شەھەر- يېزىلاردىكى ئاھالىنىڭ نوپۇسى بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇراتتى.»
« قوقاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى ئاھالە يەنى قىپچاقلار بەلكى ئۇنىڭ زەئىپلىشىپ كېتىشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلدى.»
« ھۆكۈمەت تېخى زەئىپلىشىپ كەتمىگەن چاغلاردا، تاغلىق جايلاردىكى بىرمۇنچە قورغان – ئىستىھكاملار ساقلاپ قالغان ۋە مۇشۇلارنىڭ ياردىمىدە تاغلىقلارنى تىزگىنلەپ تۇرغان ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ زەئىپلەشكەنلىكى كۆپىنچە تاغلىق جايلاردا ھەممىدىن ئاۋال سېزىلىپ قالاتتى، شۇڭا پۈتكۈل قىرغىز ۋە قىپچاق قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ئازغىنا باج- سېلىقنى تاپشۇرۇشتىن باش تارتىپلا قالماي، بەلكى ئۆز ئالدىغا ئاتامان سايلىۋېلىپلا تۈزلەڭلىكلەرگە چۈشەتتى، زەئىپلىشىپ قالغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلايتتى.»
« ئۆتكەنكى 13 يىل جەريانىدا، پەرغانە ئۆلكىسىنى يەتتە شەھەردىن ئايرىپ تۇرغان قوقان دۆلىتىگە تەۋە تاغلىق رايونلار مۇشۇ خانلىق ھۆكۈمەتنىڭ زەئىپلىكى ۋە قابىلىيەتسىزلىكى سەۋەپلىك جانابى ئالىلىرى تەرىپىدىن ئومۇمى يۈزلۈك دىگۈدەك قەشقەر زىمىنىغا قوشۇۋېلىندى.»
« بۇنداق قوشۇۋېلىش جانابى ئالىلىرىنىڭ زىممىسىگە مەجبۇرى يۈكلىنىپ قالدى. جانابى ئالىلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى بىردىن بىر مەقسىدى ئاھالىنى قارا قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ، خۇشال- خۇرام تېرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئىدى.»
« جانابى ئالىلىرى مۇشۇ مەقسەتتە، تاغلىق رايونلاردىكى ئوقسالۇر، مەشرۇپ، ئۇلۇغچات، ناغرا چالدى، يىغىن ۋە ئەركەشتام قاراۋۇلخانىلىرىنى قۇرغان ئىدىلە. شۇنىڭدىن كېيىن، جانابلىرىنىڭ مەزكۇر قاراۋۇلخانىلىرى ئوش شەھىرىگە بارىدىغان يولنى بويلاپ نۇرنىڭ تەبئىي چېگرىسىگىچە كېڭەيدى، شۇنىڭدەك يەنە ئۆزكەنت شەھىرىگە بارىدىغان يولنى بويلاپ كېڭىيىپ ئالايقۇ ۋادىسىدىكى ئويتالنىڭ تەبئىي چېگرىسىغىچە بېرىپ يەتتى.»
« مۇبادا روسلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، قوقان دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپلارنى تېنجىتمايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا جانابى ئالىلىرىنىڭ ئۆز زىمىنلىرىنى تاكى شىمال تەرەپتىكى تاغلىق يايونلاردىن ھالقىپ ئوش ۋە ئۆزكەنت شەھەرلىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئېغىزىغا قەدەر كېڭەيتىشلىرىدىن ھېچكىممۇ شۈبھىلەنمىگەن بولاتتى.»
« روسىيە ھۆكۈمىتىنى قوقان دۆلىتىنى ئىشغال قىلىش بىلەن بىللە، ئۆز تېرىتورىيىسىگە قوشۇۋالغان زىمىنلاردا تېنچلىق ئورنىتىپ، بۇجايلاردىكى يېڭى پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان ئىدى. شۇڭا بىز روسىيىلىكلەر دەسلەپتە ئىگەللەش زۆرۈر دەپ قارىغان تاغلىق جايلارغىچە ئىچكىرىلەپ كىردۇق. شۇنداق قىلىپ، ئىپارا، ئۈچقورغان ۋە غۇلجىنى ئىشغال قىلىۋالدۇق.»
« ئەمما كېيىنكى چاغلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بۇ چېگرا لىنىيىسىنىڭمۇ بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. قارا قىرغىزلار توپىلىڭى بىزنىڭ ھەم جاپالىق ھەم ناھايىتى كۆپ چىقىم تارتىدىغان ئۇزاققا يۈرۈش قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. ئەگەر روسىيىلىكلەرنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇلخانىلىرى ھازىر ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايونلارنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا ئىدى، بۇ قېتىمقى ئۇزاققا يۈرۈش قىلىشىمىزمۇ ھاجەتسىز بولغان بولاتتى.»
« بۇلتۇر ئاۋغۇستتا، تۈركىستان باش ۋالىسى پەرغانە ئۆلكىسىدە تېنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن، بۇ ئۆلكىنىڭ ھەممە شەھەرلىرىنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە بۇ جايلارنىڭ چېگرا لىنىيىسى بىلەن ياخشى تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن، غۇلجا قورغىنىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاغلىق رايونلارنىمۇ ئاتلىق يۈرۈپ كۆزدىن كەچۈردى.»
« تۈركىستان باش ۋالىسى جانابلىرى تاغلىق رايونلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ چىققان ۋە پەرغانە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى تەرىپىدىن شۇنۇلغان دوكلاتنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەندىن كىيىن، بۇ ئۆلكىدىكى پۈتۈن ئاھالىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تېنچلىقى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيىسىنىڭ بەزى ئاساسىي نۇقتىلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە جانابلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشنى زۆرۈر تاپتى.»
داۋامى بار.....................
[ بۇ يازما sardar0123 تەرىپىدىن 2008-11-12 22:27 دە ]